
بۇ ئەسەرنىڭ 131-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130-قىسىم
ئۈمىد ئالقانلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىدى.
_مەلىكەم، سىزنى بەك سېغىندىم، سىزمۇ چوقۇم مېنى سېغىندىڭىز، سېغىنمىدىم دېسىڭىز ئىشەنمەيمەن.
سېغىندىم، مەنمۇ بەك سېغىندىم. ھەر قېتىم ئۇنى سېغىنغىنىمدا ئازابلىنىمەن، يۈرىكىم ئاغرىيدۇ، ئۇيقۇم قاچىدۇ، شۇڭا مەن ئاستا_ ئاستا ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىمنى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇپ، ئۆزۈمنى كەسىپكە ئۇرۇپ، ئۆزۈمنى كەسپىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈپ، قارىماققا مۇھەببەتكە ئېھتىياجى يوقتەك بولۇشقا تىرىشتىم. ئەمما ئۇ مەن ئەڭ ئىلاجسىز قالغاندا، ئەڭ ياردەمگە موھتاج ۋاقتىمدا ئالدىمدا پەيدا بولدى، ئىككىمىزنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىمىزمۇ شۇنداق بولغان ئىدىغۇ!
ئۇ پەيدا بولۇشى بىلەن مەن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇپ قويغان تۇيغۇلىرىم جانلىنىپ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، مەن تېخى شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۇ يوق تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدىم، ئەمدى كۆرۈشكەندە پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولالايمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى ئۈچۈنمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمايۋاتىمەن .
_ مەلىكەم، يىغلىماڭ، ئاڭلىسام ئاياللار قىرقى ئىچىدە يىغلىسا كۆزىگە زىيىنى بولىدىكەن. باشقا ھەممە ئىشنى كەينىڭىزگە تاشلىۋېتىپ تۇرۇڭ، ھازىر بەدىنىڭىز بەك ئاجىزلاپ كەتتى، ئاۋۋال ياخشى كۈتۈنۈڭ، سالامەتلىكىڭىز ئەسلىگە كەلگەندە ئاندىن قالغان گەپلەرنى دىيىشەيلى، بولامدۇ؟
بېشىمنى چايقىدىم.
_ مېنىڭ ھېچنىمە دېگۈم يوق ھەم ھېچقانداق گەپنى ئاڭلىغۇم يوق. ئۈچبۇرجەكلىك مۇناسىۋەتتىن مەن بەك چارچىدىم، شۇڭا چېكىنىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم، ئەمدى كۆڭلىڭىز خالىغاننى قىلىڭ. مېنىمۇ ئەركىمگە قويۇپ بېرىڭ.
ئۈمىد ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ يان تەرەپتىكى كىچىك كارىۋاتتا ياتقان قوشكېزەك بالىلىرىمىزغا قارىدى.
_ بالىلىرىمىزنى دادىسىز چوڭ بولسۇن دەمسىز يا ئاپىسىز چوڭ بولسۇن دەمسىز؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىمگە ئاغرىق كىرىپ كەتتى. رېئاللىق نىمىدېگەن رەھىمسىز ھە؟ ئۇنىڭ بىلەن ئارىنى ئېنىق قىلىۋېتەي دەپ بىر قارارغا كەلگىنىمدە يۈرەك پارىلىرىم دۇنياغا كېلىپ يەنە كەينىمگە يانىدىغان بولدۇم. شۇ تاپتىكى بىئاراملىقىمنى بالىلارمۇ بىلىپ قالدىمىكىن، قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى، بىرى يىغلىسا كەينىدىنلا يەنە بىرى يىغلايتتى. ئانا دېگەن شۇنداق بولسا كېرەك، پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپ ياتقان ئادەم بالىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپلا ئۆمىلەپ قوپۇشقا تەمشەلدىم، ئۈمىد ئاستا مۈرەمدىن بېسىپ قويدى.
_ جىم يېتىڭ، ئوپېراتسىيە قىلىندىڭىز، يارا ئېغىزى تېخى پۈتمىدى.
قۇسىقىمنى سىلىدىم، تومپىيىپ كەتكەن قۇرسىقىم تۈزلىنىپ قالغان، قۇسىقىمغا قېلىن داكا تېڭىۋېتىلگەن ئىدى. ئانا بىلەن بالىدىن بىرىنىلا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دەۋاتمامتى؟ ئەجىبا ئۇ چۈشۈممىدۇ؟ ئۇنىڭ مېنى دەپ جىددىيلىشىشلىرى، ماڭا بەرگەن ئىللىقلىرىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ چۈشۈممۇ؟
ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا ئېڭشىپ بالىنى قولىغا ئالدى، ئۇنىڭ بالىغا قارىغاندىكى ھالىتىدىن ئاتىلىق مېھرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ بالىلارنىڭ بىرىنىڭ يىغىسىنى توختىتىپ قويۇپ، يەنە بىرىنى قۇچىقىغا ئېلىپ پەپىلىدى. بالىلار يىنىك تىنىپ ئۇيقۇغا كەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى.
_ سىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە ئەھۋالىڭىز بەك خەتەرلىك ئىكەن، كېيىن پۈتۈن قارىمايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ، لايىھە تۈزۈپ سىزنى ئوپېراتسىيە قىلدى، ھەر نىمە بولسا ساق سالامەت يەڭگىۋالدىڭىز، قاراڭە بالىلىرىمىزغا، بىر ئوغۇل، بىر قىز. بىز نىمىدېگەن بەختلىك، مەلىكەم.
توغرا، ھازىرغىچە بالىلىرىمنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئوغۇل قىزلىقىنى سوراپمۇ باقماپتىمەن، نېرۋام ئاجىزلاپ كەتتىمۇ يا ئوغۇل بولسىمۇ، قىز بولسىمۇ ھامان مېنىڭ بالامغۇ دەپ ئويلاپ سورىمىدىممۇ بىلمەيمەن.
_ سىزنى ھۇشىغا كېلەلمەي قالارمۇ دەپ بەك قورقتۇم، بىلەمسىز؟ مانا ھازىر سىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىۋاتىمەن، مەن بۇنىڭدىن ئالەمچە خوش_ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى، مەنمۇ ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمىدىم. ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ھېسسىياتچان ئايال ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن، بۇ نۇقتىنى ئۆزگەرتىمەن دەپمۇ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن. ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى تەن ئالىمەن، مەيلى ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بەرسۇن، مەيلى قانچە ئۇزۇن ئايرىلىپ كېتەيلى، مەن يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمدە زەررىچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
_ مەلىكەم، ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالاي، ئەرلىك، ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىشىمغا يول قويۇڭ، بولامدۇ؟
ئۇ بۇرۇندىن تارتىپ ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ كەلدى، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن، بەلكىم ئۇ ئەزەلدىن ماڭا تەۋە ئەمەستۇ، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇشقا مېنىڭ سالاھىيىتىم توشمايدىغاندۇ. ئەمما مەن ئاچكۆزلۈك قىلىپ ئۇنىڭدىن مۇھەببەت تەلەپ قىلىۋەرگەچكە مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغان بولسام كېرەك.
مەن ياتقان بالنىستنىڭ ئىشىكى تېپىپ ئېچىۋېتىلدى. ئىشىك ئالدىدا بىر ئايالنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ھەسەن ئاكا، بەك ئاغرىپ كەتتى، ئۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي، ھەسەن ئاكا.
ھەسەن بىر ئايالنى چېچىدىن سۆرىگىنىچە ئېلىپ كىرىپ ئىشىكنى يېپىۋەتتى. چېچىنى قىزىلغا بويىۋالغان بۇ ئايال ھەسەنگە يالۋۇرۇپ يىغلايتتى. ھەسەن ئۇنىڭ چېچىنى تۇتۇپلا بېشىنى كەينىگە قايرىپ ئۇنىڭ چىرايىنى ماڭا كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرمىسەممۇ ئاينۇر ئىكەنلىكىنى بايىلا بىلىپ بولغان ئىدىم. ئۈمىد كارىۋىتىمنىڭ بېشىنى سەل كۆتۈرۈپ قويدى.
_ نازىيە، مېنى كەچۈرۈڭ، مەن خاتا قىلدىم، ھەسەن ئاكامغا دەڭە، مېنى كەچۈرىۋەتسۇن.
ئاينۇر ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا دېققەت قىلىدىغان ئايال، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ گىرىمسىز ھالىتىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەمما ھازىر تولا يىغلاپ گىرىملىرى بۇزۇلۇپ، يۈزى ئالا بۇلىماچ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ئىشنى ئاينۇرنىڭ قىلغانلىقىنى مەن بىلگەن، بۇ يەردە بىرەرىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويغىنىمنى بىلمەيمەن، گەرچە ئىگىلىكىمنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن باشقىلار بىلىندۈرمەي مەن بىلەن بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلىپ يۈرىۋەردى، پەقەت ئاينۇرلا ئاشۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدۇ.
_ پىچاق بارمۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن. ئۈمىد بىلەن ھەسەن ئىككىسى تەڭلا ماڭا قارىدى.
_ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن، ئاندىن قەبرىسىگە كەچۈرۈڭ دەپ خەت يېزىپ قوياي. بۇنداق رەزىل نىمىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشلا لايىق.
ئاينۇر راستلا قورقتى. ئۇ كېلىپلا كارىۋاتنىڭ پۇتىغا ئېسىلدى.
_ نازىيە، سىز شۇنداق ئاقكۆڭۈل، كەڭ قورساق ئايالغۇ، مېنى مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈرىۋېتىڭ بولامدۇ؟ بۇندىن كېيىن ھەرگىز سىزگە قارا سانايدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن.
ھازىر ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقىمدا راستلا قولۇمدا پىچاق بولسا تىقىۋېتىشتىن يانمايتتىم. ئەگەر ئۈمىد ۋاقتىدا كەلمىگەن بولسا ئىككى بالام بىلەن مەن، يەنە تۇرسۇنئاي جەمئىي تۆت جان بىراقلا يوق بولۇشىمىز مۇمكىن ئىدى.
_ بولدى، بولدى، قېنى دەڭە، ھېلىقى ئادەملەرنى سىز ياللىغانمۇ؟ ئۇلارغا نىمە قىلىڭلار دېگەن؟ مېنى ۋە قۇسىقىمدىكى بالىلىرىمنى ئۆلتۈرىۋېتىشنى ئېيتقانمىتىڭىز؟
_ ياق، ياق، ياق، مەن ئۇلارغا پەقەت سىزنىڭ ئەدىپىڭىزنى بېرىپ قويۇشنىلا ئېيتقان.
_ نىمىشقا؟ مەن سىزنىڭ رىقابەتچىڭىز بولغانلىقىم ئۈچۈنما؟ پۇلنى دەپ ئادەمنىڭ جېنى بىلەن ئويناشسىڭىز بولامدۇ؟
ئاينۇر ھەسەنگە قاراپ قويۇپ بېشىنى پەس قىلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:
_ ھەسەن ئاكامنىڭ سىزنىڭ كەينىڭىزدىن يۈرۈشىگە چىدىمىدىم، قۇرسىقىڭىزدىكى بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئۇ ئىكەنلىكىگە چىدىمىدىم_ دېدى.
مەن دېرىزىگە يۆلىنىپ تۇرغان ئۈمىدكە قارىدىم، ئاينۇرنىڭ بۇ گېپى ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر قىلمىغاندەك تۇراتتى. يا ئىشەنمىگەندۇ ياكى «نىمە كارىم» دەپ ئويلىغاندۇ؟
_ ھەسەن ئاكا، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزگە نەچچە قېتىم كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلسام ماڭا پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدىڭىز، لېكىن كەچكىچە ئۇنىڭ كەينىدىنلا يۈرىسىز، قېنى دەڭە، مېنىڭ قەيىرىم ئۇنىڭغا يەتمەيدىكەن؟ قېنى دەپ بېقىڭە._ ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كېلىپلا مېنىڭ قولۇمنى تۇتتى.
_ نازىيە دېرىكتور، مېنىڭ تۈرمىگە كىرگۈم يوق، مېنى كەچۈرىۋېتىڭ، بولامدۇ؟ مەن نىمە قىلساممۇ ھەسەن ئاكامنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن قىلدىم، مۇھەببەتتە نىمە گۇناھ؟
بېشىمنى يانغا بۇرىۋالدىم، راستىمنى ئېيتسام ئۇنى كۆرەر كۆزۈم يوق.
_ بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن پىچاق كۆتۈرگەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا باشلىغان بولىدۇ، ئاينۇر، سىز ياش تۇرۇپلا كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپتىكەنسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز نابۇت قىلدىڭىز، خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا بەدەل تۆلەيدىغان گەپ. سىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىكەنسىز، قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز_ دېدىم .
دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلدى. ھەسەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچقان ئىدى، ئىشىك ئالدىدا بىر نەچچە ساقچى تۇرۇپتۇ. ئۇلار كىرىپلا ئاينۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئارىدىكى بىرى ساقچى كىنىشكىسىنى چىقىرىپ كۆرسەتتى.
_ ئاينۇر، بىز سىزنى قەستەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىمىز، تەكشۈرۈشىمىزگە ماسلاشقان بولسىڭىز.
ئاينۇر ئەمدى نىمىلا دېسە بىكار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك، ئۈن-تىنسىز ساقچىلار بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇ ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ ھەسەنگە قارىدى، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن پۇشايمان، ئۆكۈنۈش، قىيماسلىق مەنالىرىنى تاپقىلى بولاتتى.
ئاينۇرغا قاراپ رازىيە ئېسىمگە كەلدى. ھەر ئىككىسى ئوخشاش چىرايلىق، ھەر ئىككىسى ئالدىراقسان، ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، بەلكىم ھەممە ئادەمدە مۇشۇنداق قىزىققانلىق بولسا كېرەك.
ئىككى ساقچى قېلىپ مەندىن بەزى گەپلەرنى سوراپ خاتىرە قالدۇرىۋالغاندىن كېيىن كەتتى. بايىقى ۋاراڭ _ چۇرۇڭدىن كېيىن بالىلار ئويغىنىپ كەتتى. سىستېرا كىرىپ بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۈمىد بىر بالىنى، ھەسەن بىر بالىنى كۆتۈرمەكچى بولدى.
_ كېلە، بالام، سېنى مەن كۆتۈرەي ھە_ ھەسەن بۇ گەپنى قەستەن ئۈمىدنىڭ چىشىغا تىگىش ئۈچۈن دەۋاتاتتى. لېكىن ھەسەن بالىنى قولىغا ئېلىشىغىلا بالا قىقىراپ يىغلاپ كەتتى.
ئۈمىد ئۇنىڭغا قاراپ:
_ بالا دادىسىنى بىلىدۇ_ دېدى.
_ كىچىككىنە بالا دادىسى كىم، ئاپىسى كىم بۇنى بىلەمتى؟ دادىسىنى بىلىدۇ دەپ كەتكىنىنى. سەن كۆتۈرۈپ باقە ئەمىسە.
ئۈمىد قولىدىكى بالىنى كارىۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويۇپ كېلىپ بالىنى قولىغا ئالدى، دېگەندەك بالاىنىڭ يىغىسى توختىدى. ئۈمىد «ھە، قانداقكەن» دېگەندەك قىلىپ كۆرەڭلىگەن ھالدا ھەسەنگە قارىدى. ھەسەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ بېرىپ يەنە بىر بالىنى قولىغا ئالدى، بالا يىغلىمىدى.
_ يەنىلا ئوغۇل بالىغا قارىغاندا قىز بالا يۇۋاش بولىدىكەن ھە_ دېدى.
ئۈمىد بالىنى كۆتۈرۈپ نەچچە قەدەم ماڭغان ئىدى، ھەسەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كەينىگە ئۆرۈلدى.
_ قولۇڭدىكىسى ئوغلۇم، مېنىڭ قولۇمدىكىسى قىزىم.
_ ئىشىڭنى قىلە. كۆك يۆگەكتىكىسى ئوغۇل، توخۇڭ يۆگەكتىكىسى قىز بولمامدۇ؟ نىمە ئالماشتۇرۇپ يۆگەپ قويدۇڭ؟
_ بالا مېنىڭ، قانداق يۆگىگۈم كەلسە شۇنداق يۆگەيمەن، سېنىڭ نىمە كارىڭ؟
ھەسەن ئۈمىدنىڭ بۇ گېپىگە گەپ تېپىپ بېرەلمىدى. ئۇ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان بالىغا قاراپ گەپ قىلدى.
_ بولدى ھە، ئەمدى سەنمۇ يىغلىما، ئوغۇل بالا دېگەن ئۇنداق يىغلاڭغۇ بولمايدىغان. يەنە يىغلايدىغان بولساڭ داداڭ قانات چىقىرىپ ئۇچىدۇ. مېنىڭ يۈزۈمنى قىل ھە.
لېكىن بالام ھەسەننىڭ ئازراقمۇ يۈزىنى قىلماي قىقىراپ يىغلاپ كەتتى. يىغلىغانسېرى ئاۋازى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى.
_ ھەي ئۈمىد، سەنمۇ كىچىك ۋاقتىڭدا تازا يىغلاڭغۇ نىمە ئوخشايسەن قارىغاندا، قارىغىنە بالاڭغا. سېنىلا تاتىپتۇ.
_ مېنىڭ بالام مېنى تارتىپ ئەقىللىق، ۋاپادار، باشقىلارغا ئاسان ئالدىنىپ كەتمەيدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭ يىغلىغىنى سېنى ياقتۇرمىغىنى.
ئۇلار مانا مۇشۇنداق گەپ تالىشىپلا چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى خېلىلا ئۇنتۇپتىمەن. ئۇلار كىرىپ بولغۇچە ئۇيقۇم كېلىپ چىدىماي ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا قۇلىقىمغا پاراڭلاشقان ئاۋاز كىرىپ ئويغاندىم. ھەسەن بىلەن ئۈمىد بالكوندا تۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتاتتى.
_ تۇرسۇنئاينىڭ يېنىغا كىرىپ چىقساڭ بولاتتى_ دېدى ئۈمىد.
_ ئۇ ئۇنداق ئاجىز قىز ئەمەس، بىر پىچاق كىرگەنگە ھېچنىمە بولمايدۇ.
ئۇ تۇرسۇنئاينى تۇنۇپلا قالماي خېلى ياخشى بىلىدىغاندەك قىلاتتى. تۇيۇقسىز بىر كۈنى تۇرسۇنئاينىڭ ئىشىخانامنىڭ ئالدىدا ھەسەنگە قاراپ كەتكىنى ئېسىمگە كەلدى. ئەمدى ئويلاپ باقسام ئۇ تۇرسۇنئاينىڭ ناتۇنۇش ئادەمگە قارىشى ئەمەسكەن، ھەسەن ئۆزى كېلىشكەن ھەم سۆزمەن بولغاچقا قىزلار ئاسانلا ئامراق بولۇپ قالاتتى، شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا كۆپ ئويلاپ كەتمەپتىمەن. تۇرسۇنئاي مېنىڭ شوپۇرۇم بولغاندىن بۇيان ئۇلارنىڭ كۆرۈشىدغان ۋاقتىمۇ كۆپ بولدى، ئەجىبا مەن دېققەت قىلمىغاندىمەنمۇ؟ ئەجەب ئۇلارنىڭ تۇنۇشىدىغانلىقىنى بىلەلمەپتىمەن دېسە. تۇرسۇنئاينى مېنىڭ يېنىمغا ئۈمىد ئەۋەتكەن ئىكەن، لېكىن ئۇ ھەسەن بىلەنمۇ ياخشى تۇنۇشىدىكەن. بۇ ئىشلار قانداق بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ گاڭگىراپلا قالدىمغۇ. ھەسەن بىلەن ئۈمىد ئەزەلدىن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلار ئىدىغۇ، ئامدى تۇرۇپلا بىر بىرى بىلەن چاقچاقلىشىدىغان، دوستلاردەك پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇ زادى قانداق ئىش؟
_ ھەرقانچە چىداملىق، قەيسەر بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئايال كىشى_ دېدى ئۈمىد.
ئۇلار يەنە نىمىلەرنى دىيىشەر بولغىيتتىكىن، قۇلىقىمنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاۋاتسام بالىلارنىڭ بىرى ئويغىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇلار گېپىنى توختىتىپ بالنىستنىڭ ئىچىگە يېنىپ كىردى. مەن بالىنىڭ يىغىسىدىن ئويغىنىپ كەتكەن قىياپەتتە كۆزۈمنى ئاچتىم.
ئۈمىد كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ بالىنىڭ زاكىسىنى يەشتى، بالا تەرەت قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئۇ قەغەز بىلەن بالىنىڭ كاسسىسىنى سۈرتىۋېتىپ، يۆگەكنى يېپىپ قويۇپ، داسقا ئىسسىق سۇ ئەكىلىپ بالىنىڭ كاسسىسىنى يۇيۇپ، قايتىدىن زاكىلاپ قويدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇ بىر تەرەپتىن ماڭا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى بالىغا قاراپ بەكلا چارچىدى. ئۇ بۇرۇن بۇ ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان بولغاچقا دەسلەپتە قولى كەلمىگەن، سىستېرا بىر ئىككى قېتىم كۆرسىتىپ قويۇۋىدى، ھازىر قولى شۇنداق ئەپچىل كېلىدىغان بولۇپ كەتتى. ھەسەن بىر چەتتە قاراپلا تۇراتتى، ئۇ ياردەملىشەي دېسىمۇ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان بولسا كېرەك، قاراپ تۇرىۋېرىشتىن ئوڭايسىزلىنىپ ماڭا ياخشى ئارام ئېلىڭ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
كاتىپىم كېلىپ مەن يوق ۋاقىتتا ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئىشلىرىنىڭ نورمال مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىزمەتلەردىن دوكلات بەردى.
ئەڭ دەسلەپتە مەن ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلاتتىم، ئۆزۈم قىلمىسام خاتىرجەم بولالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. لېكىن ئەمدى ئويلاپ باقسام ھەسەننىڭ دېگىنى توغرىكەن، خۇجايىن بولغان ئادەم باشقىلارنى ئىشقا سېلىشنى بىلىشى كېرەك ئىكەن. كاتىپنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دېدىم:
_ تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈشنى بىلىدىغان ئىككى ئادەم تېپىڭ، بىۋاستە كۆرسىتىش قىلمىز.
كاتىپ چۈشەنمىگەندەك قارىدى.
_ مەن بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان، كۆپ قىسىم ئاياللار بالا تۇغۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىدىكەن، ئەمما ئۇلار تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن، بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالماسلىقىدىن ئەڭ قورقىدىكەن، دېمەك ت غۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىياجى. بۇ تۈردە بازار بوشلۇقى چوڭ. شۇڭا مەن دۇكىنىمىزنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش تۈرىنى ئۆزۈمنى سىناق قىلىشتىن باشلاپ يولغا قويايمىكىن دەيمەن. تۇغۇتتىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە قەرەللىك بىۋاستە كۆرسىتىش قىلىپ كۆپچىلىككە ئەمەلىي مىسال بىلەن تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز. شۇنداق قىلىپ دۇكىنىمىزنىڭ بۇ تۈرىنى بازارغا يۈزلەندۈرىمىز.
_ بۇ پىلانىڭىز ھەقىقەتەن قالتىس پىلان بوپتۇ، نازىيە دېرىكتور. مەن ھازىرلا ئالاقىلىشايلى.
كاتىپ كەتكەندىن كېيىن بىر ياندا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىستۇرماي جىمجىت تۇرغان ئۈمىد كۈلۈپ تۇرۇپ:
_ ئەمەلىيەتتە سىزدە سودا ئېڭى بار ئىكەن، بازار ئېھتىياجىغا نىسبەتەن شۇنداق سەزگۈر ئىكەنسىز، دېمەك بۇ يولغا مېڭىپ توغرا قىلىپسىز_ دېدى.
ئۇنىڭ بۇ ماختىشىنى ئاڭلاپ چاندۇرماي تۇرغىنىم بىلەن كۆڭلۈمدە ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدىم. چۈنكى ئۇنى سودا ساھەسىدىكى زەردار دىيىشكە بولاتتى، لېكىن مەنچۇ؟ ئىشقىلىپ ئارىمىزدا كۆرۈنمەس بىر ھاڭ باردەك ھېس قىلاتتىم. ئەمدىلىكتە ھېچبولمىغاندا ئاشۇ ئارىلىقنى كىچىكلىتەلىگىنىمدىن ئۆزۈمدىن ئۆزۈم خۇش بولىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە مەن باشقىلارنىڭ ماختاش سۆزلىرىگە خۇشتار ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن بىر قارىشى، بىر ئېغىز ماختاش سۆزى بولسىلا ماڭا ئالەمچە بىلىنىدۇ.
_ لېكىن ئۆزىڭىزنى بەك ئۇرۇپ كەتمەڭ، سىزنىڭ تىنىڭىز ئاجىز. مېنىڭچە ئاياللارنىڭ ئۆزىنى كەسىپكە بەك ئۇرۇپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەركىن ئازادە ياشاڭ.
_ ياق،ئۆزۈمنى ئۇرمىسام بولمايدۇ. ئاياللار چوقۇم ئەرلەرگە تايىنىپ ياشايدىغان ئىش يوق، ئاياللارمۇ ئۆزىگە تايىنالايدىغان، ئەرلەر بولمىسىمۇ مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.
_ مەن دەل مۇشۇنىڭدىن قورقىمەن، ماڭا موھتاج بولماسلىقىڭىزدىن، ماڭا تايانماسلىقىڭىزدىن قورقىمەن.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















