
بۇ ئەسەرنىڭ 133-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
132-قىسىم
تۇرسۇنئاي گەپ قىلمىدى، مەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۈرىسىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ قويدۇم.
_ جىددىيلەشمەڭ، سىزنىڭ ماڭا قارا يۈزلۈك قىلمايدىغىنىڭىزنى بىلىمەن. سىزنى بۇ ئىشنى قىلىشقا كىم كۈشكۈرتكەن بولسا شۇنى چاقىرىپ كېلىڭ، ئۆزۈم پاراڭلىشاي. مەن ئىشخانىدا ساقلاپ تۇرىمەن.
ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماتېرىيال كۆرگەچ ساقلىدىم، ئانچە ئۇزۇن ھايال بولمايلا ئۈمىد كىرىپ كەلدى. مەن ئۈستەلگە قويۇپ قويغان مىكرو كامېرانى كۆرسىتىپ:
_ ئۈمىد باش دېرىكتور، باشقىلارنىڭ ئىشخانىسىنى ئوغرىلىقچە كۆرىدىغان خۇمارىڭىز بارلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن_ دېدىم. ئۈمىد ئىككى قولىنى ئۈستەلگە تىرەپ تۇرۇپ ماڭا تىكىلدى.
_ سىزنى كۆرۈپ تۇراي دېدىم، ھەم سىزدىن ئەنسىرىدىم. سىزنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرمىسام ئەنسىرەپ قولۇم ئىشقىمۇ بارمايدىكەن.
تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ دىمىقىمنى قېقىپ قويدۇم.
_ ئۇنداق ئەمەس، مېنى نازارەت قىلىپسىز.
ئۇ ئۈستەلنى ئايلىنىپ ئالدىمغا كېلىپ ئىڭىكىمنى كۆتۈردى.
_ خاپا بولۇپ قالدىڭىزما؟ سىزنى نازارەت قىلمىدىم، راستلا ئەنسىرەپ شۇنداق قىلدىم.
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا خاپا بولمىدىم، پەقەت بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بىلمىگىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم، ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇرىۋالدىم. ئۇ يۈزۈمنى تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى.
_ بولدى، بولدى، خاپا بولماڭە،مەن خاتا قىپتىمەن. قانداق قىلسام ئاچچىقىڭىز يانىدۇ؟
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى گىرىم سومكىسىدىن گىرىم چوتكىسىنى ئالدىم.
_ مەن گىرىم قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقان، ماڭا مودېل بولۇپ بېرىسىز، سىزگە گىرىم قىلىپ مەشق قىلىۋالسام ئاندىن ئاچچىقىم يانىدۇ.
ئۈمىد بىر خىل ئوڭايسىزلىق ئىچىدە ماڭا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن:
_ ئاچچىقىڭىز يانىدىغان ئىش بولسا بوپتۇلا. ماقۇل بولسام بولاي_ دېدى.
مەن ئۇنى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ بايا ئۆگەنگەن تۇمانسىمان گىرىم قىلىش ئۇسۇلىدا گىرىم قىلدىم. گىرىمنى تاماملاپ بولۇپ، كەينىمگە ئىككى قەدەم چىكىنىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم. ئۈمىد ئەينەككە قارايمەن دېگەن ئىدى، ئەينەكنى بەرمىدىم.
_ ئەمدى چىقىپ سىرتنى بىر ئايلىنىپ كىرىسىز، شۇنداق قىلسىڭىز ئاندىن مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ئىشخانامغا كامېرا ئورنىتىپ قويغىنىڭىزنى كەچۈرىمەن.
_ ياق، ياق، بۇ ئىش بولمىدى جۇمۇ، نازىيە دېرىكتور. مەن دېگەن ئەر كىشى، يەنە كېلىپ خېلى تەسىر كۈچى زور بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورىمەن، شۇنداق تۇرۇپ بۇ تۇرقۇم بىلەن سىرتقا چىقسام بىرەرى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ تورغا يوللىۋەتسە بىر كېچىدىلا «چولپان»غا ئايلىنىپ قالماي يەنە.
مەن ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم، ئۇ مېنى تارتىپ توختىتىۋالدى.
_ ماقۇل، ماقۇل، مېنى كەچۈرىدىغانلا ئىشىڭىز بولسا سىز دېگەندەك قىلاي. _ ئۇ شۇنداق دەپ سىرتقا ماڭدى، ئۇنىڭ راستلا سىرتقا ماڭغىنىنى كۆرۈپ ئۇنى تارتىپ ئەكىلىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزدۇم ۋە گىرىم چىقىرىش سۇيۇقلۇقى بىلەن گىرىمىنى چىقىرىشقا باشلىدىم، يۈزىنى سۈرتكەچ ھېچ كۈلكەمنى توختىتىۋالالمىدىم.
_ راستلا چىقماقچىمىتىڭىز؟ سىز دېگەندەك بىرەسى سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىۋەتسە قانداق قىلىسىز؟
ئۇنىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ بولاي دېگەن ئىدىم، ئۇ تۇيۇقسىزلا قەغەز تۇتقان قولۇمدىن تارتىپ مېنى قۇچاقلىۋالدى.
_ سىزلا مېنى كەچۈرىدىغان، مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ئىش بولسا «چولپان» بولۇپ كىتەمدىم ياكى باشقا بىر نىمە بولۇپ كىتەمدىم كارىم يوق، ماڭا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ ئېرىڭىز بولۇش. سىزلا مېنى بىر نىمە دېمىسىڭىز باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم يەنە ھاياجاندىن تىپچەكلەشكە باشلىدى، مۇھەببەت شۇنداق نەرسە بولسا كېرەك، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ ئانچىكى بىر ئېغىز گەپلىرى ئۈچۈن ئالەمچە خوش بولىدىغان. لېكىن ئۇنىڭغا يۈرىكىمدىكى ھاياجاننى بۇنداق ئاسان بىلدۈرۈپ قويسام بولمايدۇ. دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
_ بالىلارنىڭ ئىمىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى _ بۇنىڭ باھانە ئىكەنلىكىنى ئۇمۇ بىلىدۇ. ئىشخانىدىن چىقىپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ بەش مىنۇتتەك تۇرىۋالدىم، ئاندىن يەنە ئىشخانىغا چىقسام ئۈمىد ئۈستەلگە يۆلەنگەن پىتى تۇرۇپتۇ.
_ نازىيە، مەندىن ھېلىمۇ خاپا ئىكەنسىز ھە؟_ دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا. مەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماتېرىيالنى ۋاراقلىغاچ پەرۋاسىزلارچە جاۋاب بەردىم.
_ بۇ شۇنچىلىك مۇھىممۇ؟ مەندىمۇ كۆڭۈل بار، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ قايتىپ كېلىپ كەچۈرۈڭ دەپ قويسىلا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەلەيدىغان ئادەم ئەمەسمەن. ئەگەر مېنى بەك تاۋى نازۇك كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، يول ئوچۇق، باشقا بىرىنىڭ يېنىغا كەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ_ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مېنى ئازابلاپ كېلىۋاتقان ھېلىقى ئىش ئاخىرى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئىچىمدىن پارتىلاپ چىقتى. ئۈمىد ئۈستىلىمنىڭ ئالدىدا خېلىغىچە گەپ قىلماي ماڭا قاراپ تۇردى، ئەمما مېنىڭ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىغۇدەك ماجالىم قالمىغان ئىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ نازىيە، مەن ھايۋان ئەمەس، ئادەم. مەندىمۇ كۆڭۈل بار، خالىغان ئادەمنىڭ يېنىغا كېتىۋېرىدىغان ئادەم ئەمەس مەن. بولدىلا، بالىلارنى كۆرۈپ چىقاي.
شۇنىڭدىن كېيىن خېلىغىچە ئىككىمىز ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك يۈردۇق، ئۈمىد بالىلار بىلەن ماڭا يەنىلا بۇرۇنقىدەك ۋاي دەپ قىلمىغىنى قالماي يۈردى، ئەمما ئارىمىزدا بىر تام سېلىنىپ قالغاندەكلا ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قولۇمنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمىدى. بەزىدە ئۇ بالكوندا تاماكا چېكىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇپ كېتەتتى، يېنىغا چىقىپ ئىكى ئېغىز پاراڭلىشاي دەيتتىم يۇ لېكىن يەنە كۆڭلۈمدىكى تۈگۈن مېنى توسۇپ قوياتتى.
بالىلار ئۈچ ئايلىق بولغاندا سۈرەتكە چۈشۈرگىلى ئېلىپ باردۇق، سۈرەتچىگە ماسلىشىپ بالىلارنى كۈلدۈرۈپ، ھەر خىل شەكىللەرنى چىقىرىپ تۇرغۇزۇپ بەردۇق، بالىلارنى سۈرەتكە چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن سۈرەتچى بىزنى ئائىلىۋى سۈرەتكە چۈشۈۋالساڭلار بولمامدۇ دەپ قالدى، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كىيمىمنى ئالماشتۇردۇم، ئەمما كەينى تەرەپتىكى سىرتمىنى ئېتىشكە قولۇم پەقەتلا يەتمىدى، قانداق قىلارمەن، سۈرەتچى ئەر كىشى، ئۇنىڭغا دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ، ئۈمىدنىڭ ئالدىدا تېخى باش ئەگكۈم يوق. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقالماي تۇرسام ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ، بىر قول كېلىپلا سىرتمىنى ئېتىپ قويدى، دەرھال ئۆرۈلۈپ قارىدىم.
_ مەن ئەتە ئەتىگەن ئۈرۈمچىگە قايتماقچى بولىۋاتىمەن.
بۇ گەپتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ كېلىشى قانچە تۇيۇقسىز بولغان بولسا ئەمدى كېتىشىمۇ شۇنچىلىك تۇيۇقسىز بولغان ئىدى. راستىمنى ئېيتسام ئۈچ ئايدىن بۇيان ئۇ ئەتراپىمدا چۆگىلەپ يۈرۈپ پۈتۈنلەي بۇرۇنقى ھالەتكە قايتقاندەك تۇيغۇ بولمىسىمۇ، لېكىن كۈنۈپ قاپتىكەنمەن.
_ شۇڭا ئائىلە سۈرىتىگە چۈشۈپ قويايلى. ئەمدى پات پات كېلىپ بولالماسلىقىم مۇمكىن، سىلەرنى سېغىنغاندا سۈرەتكە قاراپ سېغىنىش ئوتۇمنى باسىمەن. سۈرەتكە چۈشۈپ بولۇپ بىللە تاماق يەپ كېلەيلى، بولامدۇ؟ بالىلارنى ئالمايمىز، ئىككىمىزلا.
گەپ قىلماي بېشىمنى لىڭشىتتىم. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقىپ سۈرەتچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۈمىد ئىككىمىز ئورۇندۇقتا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇردۇق، ئۇ نەزىرەنى، مەن نەزەرنى قۇچىقىمىزغا ئېلىپ ئولتۇردۇق.
_ ئىككىڭلار يەنە ئازراق كۈلۈڭلار. شۇنداق ئۇماق بىر جۈپ بالاڭلار بار ئىكەن، ھەممە ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەختلىك تۇرۇپ چىرايىڭلاردا بەخت كۈلكىسى ئىپادىلەنمىسە قانداق بولغىنى_ دېدى سۈرەتچى.
بىز ئەمدى ئۆزىمىزنى توغرىلاپ ئولتۇرۇپ، سۈرەتچى«بىر، ئىككى» دىيىشىگە مېنىڭ قۇچىقىمدا ئولتۇرغان ئوغلۇم بىرنى چۈشكۈردى، كەينىدىنلا قىزىممۇ چۈشكۈردى. ئىككى بالا بىر بىرىگە قارىشىپ قويدى تېخى، بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ تاشلىدىم، ئۈمىدمۇ بىزگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا سۈرەتچى «چاك» قىلىپ سۈرەتكە تارتىۋالدى ۋە:
_ ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ ساپ چىققان سۈرەت بولدى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كېلىپ سۈرەتلەرنى تاللىساڭلار بولىدۇ_ دېدى.
سۈرەتخانىدىن چىقىپ بالىلارنى ئۆيگە ئاپىرىپ بالا باققۇچىغا تاپشۇردۇق، ئاندىن كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇردۇق. يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن مەن تۇغۇتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەچكە بەدىنىممۇ ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى، ھەتتا بۇرۇنقىدىن بەكرەك چىرايلىق بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن خېرىدارلار مېنى كۆرسە ئىككى بالىنى تۇغقان ئانا ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمەي قالاتتى. كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ، سۇس گىرىم قىلىپ سومكامنى ئېسىپ ھۇجرىدىن چىقىپ ئۈمىدكە قاراپ:
_ تەييار بولدۇم، ماڭايلى_ دېدىم. ئۈمىد دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان ئىكەن، ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ بىردەم تۇرۇپ قالدى ۋە:
_ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز_ دېدى. ئۇنىڭ مېڭىشىنى كۈتمەيلا سىرتقا ماڭدىم. ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا پاشنىسى ئون سانمېتىر كېلىدىغان ئايىقىمنى كىيدىم. بۇرۇن بۇنداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كىيىپ باقمىغان ئىدىم. ئېگىز پاشنلىق ئايىقىمنى كىيىۋالسام ئۈمىدكە قارىغان ۋاقتىمدا بەك ئاسمانغا قاراپ كەتمەيدىكەنمەن، يەنە كېلىپ مىنەۋەر خانىم دەرس سۆزلىگەندە «ئاياللار ئېگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ يول ماڭغاندا تەبىئىيلا مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ، ئاياللارنىڭ لاتاپىتىمۇ ئىپادىلىنىپلا چىقىدۇ» دېگەن ئىدى.
ئۇ ماشىنىنى بىر بەشيۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ توختاتتى. ئىچىگە كىرىپ پوكەيدىن ئۆزى ئالدىن زاكاز قىلىپ قويغان ياتاقنىڭ كارتىسىنى ئېلىپ لىفىت تەرەپكە ماڭدى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئۈن _تىنسىز ئەگەشتىم. ئۇ زاكاز قىلغان ياتاق ئىنتايىن چوڭ، ئىچىدە تاماق ئۈستىلىدىن باشقا كرسلو، تېلېۋىزور، يەنە تېخى كارىۋاتمۇ بار ئىدى. ياتاقنىڭ تېمىغا ئېسىلغان بىر نەچچە كىچىك چىراق غۇۋا يورۇتۇپ قويۇلغان، تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە تال شام يېقىپ قويۇلغان، ئاۋاز ياڭراتقۇدا يىنىك مۇزىكا قويۇلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىن خېلى پۇختا تەييارلىق قىلغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. تاماق ئۈستىلىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى ئورۇندۇق قويۇلغان ئىكەن، ئۈمىد مېنى بىرسىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۆزى ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇردى.ئۇ ئۇچىسىدىكى چاپاننى سېلىۋەتكەن، ئۇچىسىدا بىر ئاق كۆينىكىلا قالغان، ئادىتى بويىچە ئۈستىدىكى ئىككى تال تۈگمىسىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى. ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق، شام يورۇقىدا ئۇ كۆزۈمگە تېخىمۇ كېلىشكەن، سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ كرىسلونىڭ ئۈستىدە تۇرغان تىزگىنەك بىلەن ئىشىكنى ئاچتى، بىر مۇلازىمەتچى ئىتتىرىدىغان تاماق ھارۋىسىدا تاماق ئېلىپ كىردى. مۇلازىمەتچى تاماقلارنى ئۈستەلگە تىزىپ تەكەللۇپ بىلەن«ھوزۇرلىنىپ غىزالىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ئۈستەل ئاستى كۆرۈنمىگۈدەك ھالەتتە لىق توشۇپ كەتتى، بىر چەتتە بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقمۇ بار ئىدى. ئۇ ئالدى بىلەن قىزىل ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى.
_ سىز مېۋە شەربىتى ئىچىڭ، مەن ئىككى رومكا ئىچەي ھە.
_ سىزنىڭ...
_ ئەنسىرىمەڭە، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەنتىم، دوختۇر ئاشقازىنىمنى خېلى ياخشى بولۇپ قاپتۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ھاراق ئىچسەڭ بولىۋېرىدۇ دېدى.
ئۇ ھېلىمۇ مېنى شۇنداق چۈشىنىدىكەن، ئاغزىمدىن چىقىشى ئەمەس، بىر قارىشىمدىنمۇ نىمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدىكەن.
_ نازىيە، سىزنى بىللە قايتىپ كىتەيلى دېسەممۇ ھازىرچە ئۇنىمايسىز، شۇنداقمۇ؟_ تۇيۇقسىز شۇنداق سورىدى ئۇ.
_ ھازىرچە ئەمەس، مەن مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشنى قارار قىلدىم، ئەمدى قايتمايمەن.
ئۈمىد گەپ قىلماي قولىغا چوكا ئېلىپ قورۇمىلاردىن يىيىشكە باشلىدى ۋە مېنىمۇ يەڭە دېگەندەك ئىشارەت قىلدى. مەنمۇ قولۇمغا چوكا ئالدىم، لېكىن گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
_ ئەمىسە ئەتە ماڭسىڭىز يولدا دېققەت قىلىڭ! _ راستىمنى ئېيتسام شۇ تاپتا ئۇنىڭغا دېگۈدەك مۇۋاپىق گەپ تاپالمايۋاتاتتىم. خۇددى ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىقىمىز شۇنچىلىك يىراقتەك ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئولتۇراتتىم، بۇ خىل كەيپىيات شۇنچىلىك تۇتۇق، شۇنچىلىك يات. تۇيۇقسىز كۆزۈمگە لىق ياش كەلدى. بۇرۇن قانچە بەختلىك ئىدۇق ھە. گەرچە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا بىر بىرىمىزگە ھەمدەمدە بولالايتتۇق، لېكىن ئەمدىچۇ؟
_ ئۈمىد، سىز كەلمەسلىكىڭىز كېرەك ئىدى، مەن سىزنى بەك تەستە ئويلىمايدىغان بولغان، ئۆزۈمنى قەيسەر بولۇشقا شۇنچىلىك مەجبۇرلىغان، بىلەمسىز؟ لېكىن سىز يېنىمغا كېلىپلا پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىم بىكار بولدى، سزنى ئۇنتۇشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مەن سىزنى ئۇنتۇش ئۈچۈن بەك تىرىشتىم، ئاجايىپ تىرىشتىم، لېكىن يەنىلا ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى ئازراق بولسىمۇ كونترول قىلالايدىغان بولغان چېغىمدا يەنە سىز پەيدا بولدىڭىز. مېنى ياخشى كۆرمەيمەن دەۋاتمامتىڭىز؟ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم نىمىشقا كەلدىڭىز؟ مۇشۇ پېتىلا يوقاپ كەتسىڭىز بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ئازابلىرىمنى تاتىلاپ نىمە قىلاتتىڭىز؟ _ تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي سۆزلەپلا كېتىپتىمەن. ئۈمىد ئاغزىمغا قاراپلا قالدى.
_ مەن قاچان سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن دېدىم؟
_ دېدىڭىز، تېلېفوندا شۇنداق ئېنىق دېدىڭىز. مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە دېدىڭىز. ئۇ سىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىڭىز، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزنى مەنمۇ ھېس قىلالايمەن. بوپتۇ، ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز قەلبىىڭىزدىكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتىۋەرمەي يەنە نىمىشقا يېنىمغا كېلىپ، ئەمدى تىنجىغان كۆڭلۈمنى يەنە داۋالغۇتىسىز؟
سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ، يىغلاپ ئىسەدەپ كېتىۋاتاتتىم. ئۈمىد چوكىسىنى قويۇپ ئاستا يېنىمغا كېلىپ مۈرەمنى تۇتتى.
_ سىزگە كىم شۇنداق دېدى، نازىيە؟
_ تېلېفوندا ئۆزىڭىز دېدىڭىزغۇ؟ دەيدىغاننى دەپ بولۇپ تىنىۋالماقچىما؟
_ مەن ھېچقاچان، ھېچكىمگە ئۇنداق دېمىدىم، نازىيە.
_ تىنىۋالىمەن دەپ ئويلىماڭ، مېنىڭ ئىسپاتىم بار.
_ قانداق ئىسپات؟ قېنى شۇ ئىسپات؟
_ ئىسپات تېلېفونۇمدا ساقلاقلىق ، لېكىن بىر چاغدا تېلېفونۇم بىلەن زەنجىرىمنى خەق بۇلاپ كەتكەندە كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان. _ يەنە بۇقۇلداپ يىغلىدىم.
_ زەنجىرنى مەن سوۋغا قىلغاچقا يۈتۈپ كەتكىنىدىن ئازابلاندىڭىز، شۇنداقمۇ؟
_ شۇنداق. سىز سوۋغا قىلغاچقا يۈتۈپ كەتكىنىدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولغان.
ئۇ مېنىى قۇچاقلىدى.
_ سىزنى بەك سېغىندىم، مەلىكەم!_ دېدى ئۇ پىچىرلاپ تۇرۇپ.
_ مەنمۇ سىزنى سېغىندىم! راستىمنى ئېيتسام سىزنى يېنىمدىن كەتكۈزگۈم يوق.
_ بىلىمەن.
شۇ ھالەتتە خېلىغىچە گەپ قىلماي تۇردۇق. ئاخىرى ئۇ ئېغىز ئاچتى.
_ رەھمەت سىزگە. مەن ئۈچۈن ئىككى بالا تۇغۇپ بەردىڭىز، لېكىن مەن سىز ماڭا ئەڭ موھتاج بولغان ۋاقىتلاردا يېنىڭىزدا بولالمىدىم، بۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بولالمايدىغىنىمنى بىلىمەن، لېكىن قالغان ئۈمرۈمدە بىر سىزنى دەپ ئۆتىمەن، مەلىكەم...
شۇ كۈنى كەچ شۇ مېھمانسارايدا قونۇپ قالدۇق. ئەتىسى ئويغىنىپ قارىسام ئۈمىد يوق. ئۇ مېنى ئويغاتقۇسى كەلمەي جىمجىتلا كېتىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستەلگە قارىسام بىر باغاقچە تۇراتتى.
_«مەلىكەم، تاتلىق ئۇيقۇڭىزنى بۇزغۇم كەلمەي، سىزگە خوش دېمەيلا ماڭدىم. تۆنۈگۈن يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ سىزنىڭ تېلېفوندا ئىسپات بار دېگەن گېپىڭىز كاللامغا كىرىۋېلىپ، تېلېفونىڭىزنى ئېچىپ سىز دېگەن ئىسپاتنى ئاڭلاپ باقتىم. ئەخمەق، بۇنىڭغا جاۋاب بەردىم، جاۋابى كومپيۇتېردا. ئويغىنىپ ئۆزىڭىز كۆرۈڭ. مەن ماشىنا ھەيدەپ ماڭىمەن، شۇڭا سىزگە تېلېفون ياكى ئۇچۇر قىلالمايمەن، مەنزىلگە يېتىپ بولغاندا تېلېفون قىلاي »
جاۋابى كومپيۇتېردا؟
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















