
بۇ ئەسەرنىڭ 124-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
|
123-قىسىم
ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قارىسام ئۇ ھەقىقەتەن ئۇنداق ئىشنى قىلغۇدەك، ئەمما باشقا روھى كېسەل بىمارلىرىغا قارىغاندا ئۇ خېلى ئەقىللىق ئىكەن، ھېچبولمىغاندا ئۈمىدلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ھەسەننىڭ ئائىلىسىنىڭ زىددىيىتى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، قەبرىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق ئىككى ئائىلىنىڭ زىددىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتتى.
_ئەمىسە ئۇ كۈنى كەچتە سىز ئۇچار تاش قورغىنىغا نىمە قىلغىلى بارغانتىڭىز؟_ دەپ سورىدىم مەن كۆڭلۈمدىكى يېشىلمەيۋاتقان تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن. ئۈمىد ماڭا دەرھال جاۋاب بەرمەي بىر تال تاماكا چىقاردى.
_ تاماكا چەكمىسىڭىز بولامدۇ؟
ئۇ ھەيران بولۇپ ماڭا قارىدى. دېمىسىمۇ مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر قېتىم ئۇنى تاماكا چەكمەڭ دەپ باقمىغان. ئۇ چىقارغان تاماكىنى يەنە جايىغا سېلىپ، تاماكا قېپىنى يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.
_ شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ماڭا قولىدا سىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىنىڭ بارلىقى توغرىلىق ئۇچۇر يوللاپتىكەن، مەن شۇڭا بارغان.
ئەزىمەت بۇنداق ئىشنى بۇرۇنمۇ قىلىپ باققان، لېكىن بۇ ئىش ماڭا يەنىلا سەل غەلىتە تۇيۇلدى.
_ ئۇ ئىشنى ئەزىمەتنىڭ قىلغانلىقىنى بىلگەندىكىن، نىمىشقا ھەسەنگە راست گەپنى دېمەيسىز؟
_ ماڭا ئەزىمەتنىڭ ئۇچۇر يوللىغىنى راست، لېكىن ئۇ چاغدا قولۇمدا قەبرىنى ئەزىمەتنىڭ پارتىلاتقىنى توغرىلىق ھېچقانداق پاكىت يوق تۇرسا، ھەسەنگە قانداق ئىشەنچلىك ھالدا دىيەلەيمەن؟
ئۇ گەپ قىلىۋېتىپ قولۇمنى تۇتتى.
_مەلىكەم، مېنى كەچۈرۈڭ، بولامدۇ؟
مەن قولۇمنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ باشقا ياققا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم. ئۇ ھەممە ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تەپسىلىي سۆزلەپ چۈشەندۈردى، لېكىن شۇ كۈنى كەچتە نېمە ئۈچۈن رازىيەنى ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىلىق چۈشەنچە بەرمىدى، مەنمۇ سوراپ تۇرىۋالمىدىم. پەقەت كۆڭلۈمدە ھەر ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرەيلى دەپ ئويلىدىم.
داچىغا قايتىپ كەلدۇق، داچىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى. ئىشىك تۈۋىدىكى ئاياق ئىشكابىدا ئىنتايىن تۇنۇش بىر جۈپ ئايالچە ئۆتۈك تۇراتتى، ئۈمىدمۇ بۇنى كۆرۈپ چىرايى ئۆڭۈپ كەتتى. ئاشخانا ئۆيدىن تۇربىدىن سۇ چۈشىۋاتقان ئاۋاز ئاڭلاندى، بىردەمدىن كېيىن ئالدىغا پەرتۇق تارتىۋالغان رازىيە چىقتى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا خۇددى ئادەم ئەمەس، باشقا بىر نەرسىنى كۆرگەندەك قورقۇپ كەتتى.
_ نا...نازىيە ئاچا، سىزگە ھېچ ئىش بولماپتۇ ھە. بەك ياخشى بوپتۇ. سىزنى كۆ....كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم.
ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ خۇش بولغان بولمىغانلىقى ماڭا ئايان. ئۇ ھەقىقەتەن بەك ئۇستا ئارتىس، بەزىدە ئۇنىڭغا ئوسكار مۇكاپاتىمۇ ئازلىق قىلىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئەمما ھازىر مېنىڭ ئۇنىڭ ئويۇنىغا ماسلىشىپ ئويۇن ئويناپ بەرگۈدەك ھالىم قالمىدى.
_ ئاچقۇچ يۈتۈپ كەتتى دەۋاتقانتىڭىزغۇ؟_ دېدىم مەن ئىنتايىن سوغۇقلا.
_ ئەسلى يۈتۈپ كەتكەن، تۆنۈگۈن تاپتىم_ دېدى رازىيە مۈرىسىنى قىسىپ قويۇپ. ئۇ كۆزىنى مىت قىلماي يالغان سۆزلىيەلەيدىكەن، يالغان سۆزلىگەندە ئازراق جىددىيلىشىپمۇ قالمايدىكەن. مەن ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ تۇرۇپ ئاچچىق كۈلدۈم:
_ سىز يەڭدىڭىز قىزچاق_ مەن شۇنداق دەپلا ئىككىنچى قەۋەتكە يۈگۈردۈم. ئۈمىد مېنى تۇتىۋالدى.
_ رازىيە، قايتىپ كېتىڭ_ دېدى ئۇ. رازىيەنىڭ قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان غىلجىڭشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ئۈمىد ئاكا، تاماق ئېتىپ ئەمدى يېرىمىغا كەلگەنتىم، پىشۇرىۋېتەيمىكىن.
_ بولدى، جايىدا قويۇپ قويۇپ كېتىڭ، ئاچقۇچنى قويۇپ قويۇڭ.
_ ئۈمىد ئاكا، تۇرۇپلا نىمە بولدى سىزگە؟ _ ئۇنىڭ مۇشۇنداق كۆزىدە ياش لىغىرلىتىپ تۇرغان ھالىتى قارىغان ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ، بەلكىم ئۈمىدمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ ھالىتىگە ئالدىنىپ كەتسە كېرەك.
_ رازىيە، سىز كىچىك بالا ئەمەس، ئەمدى چوڭ بولۇڭ. ھازىر ئارزۇيىڭىز ئەمەلگە ئاشتى، كەسىپتىمۇ ئۇتۇق قازاندىڭىز. ئەمدى كېلىپ مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا دەخلى قىلماڭ. مېنىڭ ئائىلەم بار، قوغدايدىغان ئادىمىم بار.
بۇ گەپ يالغۇز رازىيەگىلا ئەمەس، ماڭىمۇ دىيىلىۋاتقان گەپ ئىدى. بۇرۇن بولسا ئۇنىڭ بۇنچىلىك گېپىدىن تەسىرلىنىپ كېتەتتىم، ئەمما ھازىر مەن شۇنچىلىك تەمكىن. رازىيە دەسلەپتە پەس ئاۋازدا، كېيىن ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، سىزگە زادى نىمە بولدى؟ كىم قۇلىقىڭىزنى بۇرىدى؟ سىز ئاچامغا مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىش توغرىلىق نىمە دەپ ۋەدە بەرگەن؟ بۇلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟
_ ئادەم 18 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ مۇستەقىل بولالىشى كېرەك، ئاتا ئانىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ سىزگە بىر ئۆمۈر يار يۆلەك بولالمايدۇ. ھامان ئۆزىڭىزگە تايىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
رازىيە يىغىلىغىنىچە پەرتۇقنى ئېلىۋېتىپ، ئاچقۇچنى كرىسلوغا تاشلاپ قويدى.
_ ئۈمىد ئاكا، سىز ئۆزگىرىپ كېتىپسىز. _ ئۇ شۇنداق دەپلا سىرتقا قاراپ يۈگۈردى.
_ ئۇ بۇنداقلا چىقىپ كەتسە، ئۆزىنى بىر نىمە قىلىۋېلىشىدىن ئەنسىرىمەمسىز؟
ئۇ جاۋاب بەرمىدى، ئۇنىڭ يەنىلا رازىيەدىن ئەنسىرەۋاتقىنىنى بىلەتتىم. ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ يەنە ئۈستۈنكى قەۋەتكە ماڭدىم، ئۇ يەنە كەينىمدىن كېلىپ تۇتىۋالدى.
_ مەلىكەم، بىز توي قىلايلى!_ ئۇ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى. ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. ئۇ مېنى قويۇۋېتىپ يانچۇقىدىن قىزىل رەڭلىك بىر قۇتىنى چىقىرىپ، ئىچىدىن بىر تال ئۈزۈكنى چىقاردى.
_ مەلىكەم، ئىككىمىز بىللە ئۆتىۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپتۇ، ئەمما ھازىرغىچە تۈزۈكرەك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەپتۇق.
ئەسلى ئۇنىڭ دەۋاتقىنى توي مۇراسمى ئىكەنتۇق تە. ھەرقانداق بىر ئايال ئۇنتۇلغۇسىز توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئەمما بىر قېتىم ئاجرىشىپ، قايتا ئۆيلۈك بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك رومانتىكىلىق قالمىدى، ھازىر ماڭا كېرىكى تىنىچ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش. ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم، لېكىن كۆڭلۈمدە يەنىلا تەۋرىنىپ قېلىۋاتاتتىم. راستىمنى ئېيتسام، ئۇنىڭ بايا رازىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بىلەن ماڭا ئۈزۈك سوۋغا قىلىۋاتقان بۇ ھالىتىدىن ئۆزۈمنى ھەرقانچە قاتتىق تۇتىۋالاي دېسەممۇ يەنىلا يۇمشاپ قېلىۋاتاتتىم. ئىچىمدىكى يەنە بىر ئۆزۈم مېنى جىم تۇرغۇزمايۋاتاتتى. «ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن، ھازىر بويۇڭدا بار، بىر ئائىلىلىك خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار» دەيتتى ئىچىمدىكى مەن. ئەمما يەنە بىر تۇرۇپ ھېلىقىدەك ئىشنىڭ يەنە يۈز بېرىپ قېلىشىدىن قورقۇپ تۇراتتىم.
گەپ قىلماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئۇ تېخىمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى.
_ ئەسلى بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە قولۇمدىكى ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى تۈگىگەندە ئاندىن سىزگە توي تەكلىپى قوياي دېگەنتىم، لېكىن ساقلاپ بولالمىغۇدەكمەن. مەلىكەم، بىلىمەن، ئاياللار رومانتىكىلىقنى ياخشى كۆرىسىلەر، سىزلا خۇشال بولىدىغان ئىش بولسا ھەرقانداق ئىشنى قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتمايمەن، ماڭا ئىشىنىڭ، بولامدۇ؟
يەنىلا گەپ قىلمىدىم، ئۈمىد مۈرەمدىن تۇتۇپ مېنى چايقىدى.
_ ماقۇل دەڭە، مەلىكەم!
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تەقەززالىق نۇرلىرىنى كۆردۈم، بۇ قېتىم ئۇنىڭ چىن كۆڭلىدىن دەۋاتقىنىغا ئىشەندىم. ئەمەلىيەتتە مەن ھازىر مەيلى ماقۇل بولاي ياكى رەت قىلاي، ئارىمىزدىكى ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
شۇ تاپتا خۇددى قۇرسىقىمدىكى بالىمۇ:«ئاپا، دادامغا ماقۇل بولە» دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئاستا بېشىمنى لىڭشىتتىم، ئۈمىد كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتتى. ئۇ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىكەن، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بېرەي. ئەگەر مۇشۇنداق ئىش يەنە يۈز بېرىدىغان بولسا مەن ھەرگىز كەينىمگە قارىمايمەن.
لېكىن مەن يەنىلا بويۇمدا قالغىنىنى ئۈمىدكە دېمىدىم، ھازىر ئۇنىڭغا بۇ گەپنى دېسەممۇ خۇشال بولىدىغان ياكى بولمايدىغىنىنى بىلمەيمەن. شۇڭا ھازىرچە دېمەي تۇرۇشنى لايىق تاپتىم. بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن ئۈمىدنىڭ يارىسى خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى توي كۆڭلىكى تاللاش ئۈچۈن ئېلىپ باردى. بىز بارغان دۇكاندىكى ھەر بىر توي كۆڭلىكى خەلقئارادىكى ئەڭ ئۇستا لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ لايىھىلىشى بىلەن پۈتكەن ئىكەن، توي كۆڭلەكلىرى بىرىدىن بىرى چىرايلىق، كۆزلىرىم ئالىچەكمەن بولۇپ كەتتى. بۇرۇن مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق چىرايلىق توي كۆڭلىكىنى كىيەلەيمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مۇلازىمەتچى مېنىڭ بوي ئۆلچىمىمگە قارىتا بىر نەچچە توي كۆڭلىكىنى تەۋسىيە قىلدى، مەن بىر قارارغا كېلەلمەي ئۈمىدكە قارىدىم. ئۇ بىر نەچچە توي كۆڭلىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئارىسىدىكى بىرىنى كۆرسەتتى.
_ مېنىڭچە بۇ سىزگە ئەڭ يارىشىدۇ.
مەن ئۇ كۆرسەتكەن كۆڭلەكنى كىيىپ چىقتىم، كۆڭلەكنىڭ ئىتىكى بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا مۇلازىمەتچى كەينىمدىن كۆتۈرىۋالدى. چىققىنىمنى كۆرۈپ، كرىسلودا ژورنال كۆرۈپ ئولتۇرغان ئۈمىد قولدىكى ژورنالنى قويۇپ قويۇپ ئۈستى بېشىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
_ مەلىكەم، سىز بەك چىرايلىق!_ دېدى.
ئەينەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاراپ ئۆزۈمنى تونۇيالمىغىلى تاس قالدىم. كېيىن ئۆتكۈر كەلدى، ئۆتكۈرنىڭ كەينىدىنلا نىجات بىلەن فەرۇقمۇ كىردى. فەرۇقنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ كەلگۈسى يوق، نىجات مەجبۇرى ئەكەلگەندەك تۇراتتى.
_ ئۇلار مەجبۇرى ئەكەلمىگەن بولسا كەلمەيتتىم مەن.
ماڭا ئايان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەت ياتلىشىپ كەتكۈدەك ئۇنچىۋالا چوڭقۇر ئەمەس، يەنە كېلىپ فەرۇق نىجاتنىڭ چايخانىسىدا كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دەۋالغاندىن كېيىن ماي تارتىشىپ يۈرگۈدەك ئىشمۇ قالمىغان، ئەمما فەرۇقنىڭ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشكۈسى كەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.
_ توي مۇراسىمىدا سىلەر قولداش بولىسىلەر، شۇڭا سىلەرنىمۇ بۈگۈن كىيىم تاللىۋالسۇن دەپ چاقىرغانتىم _ دېدى ئۈمىد ئۇلارغا.
يىگىت قولداشلارغۇ تەييار بوپتۇ، ئەمما ماڭا قىز قولداش بولغۇدەك ھېچكىم يوق. نىگارەنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە تويۇمغا قولداش بولۇشقا رايى بارامدۇ؟ ئۈمىد كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك ماڭا قاراپ:
_ ئەنسىرىمەڭ، قىز قولداشمۇ تەييار! _ دېدى.
ئۆتكۈر بەك تاللاپ كەتمىدى، بىر قۇر كىيىمنى كىيىپ بېقىپ، ماس كېلىدىكەن دەپلا شۇنى تاللىدى. لېكىن نىجات بىلەن فەرۇق ياقتۇرىدىغان كىيىم تاللىيالماي خېلى ئاۋارە بولدى. ئۇلار ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى كىيىمىز دەپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقالمايلا قالدى. ئۈمىدمۇ كىيىم ئالماشتۇرغىلى كىرىپ كېتىپ، سىرتتا ئۆتكۈر ئىككىمىزلا قالدۇق.
_ تازا خۇشال ئەمەستەك قىلىسىزغۇ؟_ دەپ سورىدى ئۆتكۈر. پەمىمچە ھېلىقى كۈنى يۈز بەرگەن ئىشنى ئۇلار بىلمەيدۇ، شۇڭا مەنمۇ دەپ يۈرۈشنى ئەپ كۆرمىدىم.
_ ياقەي، ئۇنداق ئەمەس.
_ توي مۇراسىمىنى دەپ جىددىيلىشىۋاتقان ئوخشايسىز، ھېچقىسى يوق، ھە ھۇ دىيىشىدىغانغا بىز بار ئەمەسمۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن خۇش بولۇپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا قولداش بولالىغىنىمدىن بەك خۇش بولىۋاتىمەن.
_ رەھمەت سىزگە.
بۇ چاغدا ئۈمىد ئاپئاق كاستيۇم بۇرۇلكىنى كىيىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقتى.
_ ياراشتىمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۇ ماڭا قاراپ. مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئاق كاستيۇم كىيگىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بەدىنىنى كىيىم مودىلى دېسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئۇ ئۇچىسىغا قانداقلا كىيىم كىيسە شۇنچىلىك يارىشىدۇ.
_ يارىشىپتۇ! _ دېدىم مەن. فەرۇق كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقىپ ئەينەككە قاراپ نەچچىنى چۆگىلىۋەتكەندىن كېيىن:
_ بولدىمۇ؟_ دەپ سورىدى، نىجات باشمالتىقىنى چىقاردى.
_ مانا مۇنداق.
كىيىمنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار كېتىپ قالدى، ئۈمىد ئىككىمىز تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تويلۇق سۈرەتكە تارتىش ئورنىغا باردۇق. ئەسلى تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن ئالدىن زاكاز قىلىپ قويۇش كېرەك ئىكەن، بەزىلەر ھەتتا بىر نەچچە ئاي بۇرۇن زاكاز قىلىپ قويىدىكەن، لېكىن ئۈمىدكە زاكاز قىلىشمۇ، ئۆچىرەتتە تۇرۇشمۇ كەتمىدى. ئۇ پەقەت يولدا كېتىۋېتىپ گىرىمچىك بىلەن كىيىم كېچەك لايىھىلىگۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قويدى خالاس.
_ ھازىر ھاۋا سەل سوغۇق، ھازىرچە ئۆي ئىچى مەنزىرىسى قىلىپ بىر يۈرۈش چۈشەيلى، ياز كەلگەندە يەنە بىر يۈرۈش چۈشەيلى، بولامدۇ؟
ئۇ ھەرقاچان ھەممە ئىشنى شۇنداق ئەتراپلىق ئويلايدۇ. سۈرەتكە تارتىش ئورنىغا بارغاندىن كېيىن بىز جىم ئولتۇردۇق، بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدا بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى. سۈرەتچى تەلەپ قىلغان بويىچە ھەر خىل شەكىللەردە تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ بولغۇچە ھېرىپ جۇلۇقىمىز چىقىپ كەتتى.
توي مۇراسىمىمىز شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇراسىم زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى. بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ تويى ئاددى-ساددا ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ-دە. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈن يېقىنلاشقانچە مەن خۇددى تۇنجى ياتلىق بولىدىغان قىزدەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. نىگارەمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئالايىتەن تەبرىكلىگىلى كەلدى.
_ نازى، ئۈمىد ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بوپتۇ مانا، دېمەك ئۇ سېنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنى قەدىرلە.
_ شۆھرەتنىڭ ئىشى قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئادۋۇكات نىمە دەيدۇ؟_ سورىدىم مەن.
_ ئادۋۇكاتنىڭمۇ ئانچە چوڭ ئىشەنچى يوقكەن.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. شۆھرەت ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك ئەتىۋارلىغان چاغدا نىگارەنى ئەمدى بەختىنى تاپتى دەپ ئويلاپتىكەنمەن. دەل شۇ چاغدا نىگارەگە تېلېفون كەلدى.
_ ۋەي، ۋەلى ئادۋۇكاتما؟ ياخشىمۇسىز؟...
تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
_ نىمە ئىش بولدى؟ ئادۋۇكات نىمە دەيدۇ؟
_ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز مەن شۆھرەتنىڭ قىزى دەپ ئادۋۇكاتنى ئىزدەپ بېرىپتۇ.
_ھە؟ نىمە دېدىڭ؟_ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قېلىۋاتاتتىم.
نىگارە ئىككىمىز بىللە ھېلىقى ئادۋۇكاتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆزىنى شۆھرەتنىڭ قىزى دەۋالغان قىز بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ چېچىنى بىر تال بوغۇۋالغان، تۇرقىدىن يۇۋاشلىقى چىقىپلا تۇرىدىغان، ئورۇق قىز ئىدى. ئۇچىسىغا كىيىۋالغان ئاق رەڭلىك مامۇق چاپىنى، پادىچىلار ئىشتىنى، ئاق تەنتەربىيە ئايىقىدىن بىرلا قارىغان كىشى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغۇدەك ھالەتتە ئىدى.
_ شۆھرەتنىڭ قىزى مەن دەيسىز، ئەجەب شۆھرەتكە ئازراقمۇ ئوخشىمايدىكەنسىزغۇ؟_ دېدى نىگارە كىرىپلا. قىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال چۈشەنچە بەردى.
_ خاتا چۈشىنىپ قاپسىز.
ئاندىن بىز ئولتۇرۇپ قىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىدۇق. شۆھرەت ئەسلى بۇ شەھەرلىك ئەمەسكەن، ئۇ كىچىكىدە يېزىدا چوڭ بولغان بولۇپ، دائىم يېزىغا بېرىپ يىتىم _ يىسىرلارغا ياردەم بېرىپ تۇرىدىكەن، شۇڭا ئۇلار تۇرغان يېزىدىكى كىشىلەر شۆھرەتنى بەك چوڭ بىلىدىكەن. بۇ قىزنىڭ ئىسمى دىلدار بولۇپ، شۇ يېزىدا ئاتا ئانىسىدىن كىچىكلا ئايرىلىپ قالغان ، قولۇم قوشنىلارنىڭ قاراپ قويۇشى بىلەن چوڭ بولغان يىتىم قىزكەن. بۇ قىز 13 ياشقا كىرگەن يىلى تۇيۇقسىز بۆرەك كېسىلى بولۇپ قېلىپ بىر بۆرىكىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەپتۇ. شۆھرەت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۆرىكىنىڭ قىزغا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، بىر بۆرىكىنى قىزغا تەقدىم قىلماقچى بوپتۇ، ئەمما بۆرەك تەقدىم قىلىش ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ شەرتنى ھازىرلاش كېرەك ئىكەن، بىرىنچى، جۆرىسى بولۇش، ئىككىنچى بىۋاستە تۇققىنى بولۇش ياكى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى يېقىن تۇققىنى بولۇش، ئۈچىنچى، بېقىش-بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن. دىلدار يىتىم بالا تۇرسا، يا باشقا ئۇرۇق تۇققىنى بولمىسا، بۇنى دەپلا ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرغىلى بولامدۇ؟ شۆھرەت سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۇنى بېقىۋالىدىغان بولۇپ رەسمىيەت ئۆتەپ بولغاندىن بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن دىلدار شۆھرەتنى ئۆزىنىڭ دادىسى ئورنىدا كۆرىدىغان بوپتۇ، ھەتتا كىملىكتىكى فامىلىسىنىمۇ شۆھرەت دەپ ئۆزگەرتىپتۇ. ئۇ شۇ چاغدا تىببى داشۆدە ئوقۇپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى داۋالاشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن، ھازىر تىببى داشۆگە ئۆتۈپتۇ.
_ ھە توغرا، ئۇنىڭ قۇرسىقىدا راستلا بىر ئوپېراتسىيە تاتۇقى بار، ئۇنىڭدىن سورىسام سوقۇر ئۈچەي بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان دېگەنتى تېخى _ دېدى نىگارە دىلدارنىڭ گېىپىنى ئاڭلاپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادۋۇكات ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى.
بۇ ئۇچۇرنىڭ كەلگىنى بەك ياخشى بولدى، بۇنىڭدىن شۆھرەتنىڭ جەمئىيەتكە مەسئۇل بولىدىغان ئاقكۆڭۈل كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا جازانى يىنىكلىتىشكە پايدىسى بولىدۇ.
ئادۋۇكاتنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز خۇش بولدۇق. نىگارە دىلدارنى قۇچاقلاپ:
_ رەھمەت سىزگە، قىزچاق! _ دېدى.
_ مەن شۆھرەت دادامغا رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ. ئۇ بولمىغان بولسا بەلكىم مەن ھازىرغىچە ياشىيالمىغان بولاتتىم. ئۇ ماڭا دۇنيانىڭ ئىللىقلىققا، مېھىر مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى _ دېدى.
_ ھە راس، ساڭا مەن قولداش بولۇپ بېرەلمىگەن بىلەن مېنىڭ قىزىم بارغۇ!
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















