
بۇ ئەسەرنىڭ 79 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78-قىسىم
كەچلىك تاماقنى سىرتتا يەپ بولۇپ ئاندىن 520 بەزمىخانىسىغا باردۇق. فەرۇقنى چوقۇم تېلېفون قىلدى دەپ ئويلاپ نىگارەگە تېلېفون قىلمىغان ئىدىم، فەرۇقنىڭ دېگىنىچە بولسا بۈگۈنكى سورۇن ئالاھىدىرەك، بۇنداق ئالاھىدە سورۇنغا فەرۇق ھەرگىز نىگارەنى چاقىرماي قويمايتتى. دەرۋەقە، بىز بارغاندا نىگارە ئاللىبۇرۇن بېرىپ بولغان ئىكەن. مەن ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ سورىدىم.
_ فەرۇق بۈگۈن مۇھىم بىر ئىش بار دەيدۇ، نىمە ئىشلىقىنى ساڭا دېدىمۇ؟
نىگارە مۈرىسىنى قىستى.
_ ۋاي تاڭەي، سىرلىقلا بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكەنغۇ تاڭ.
فەرۇقنىڭ نىگارەگىمۇ دېمىگىنىگە قارىغاندا بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. فەرۇق زادى نىمە قىلماقچىدۇ؟ نىمە ئىشلىقىنى بىلمەيلا كېلىپ قالغان بىر نەچچەيلەن سەھنىنىڭ يېنىدىكى ئەزىز مېھمانلار ئايرىمخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. ئۇ بىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ شۇ پىتى يېنىمىزغىمۇ كىرمىدى. ئولتۇرغانلار ھەممىمىز فەرۇقنىڭ مۇھىم ئىشىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قياسلارنى قىلىشتۇق.
ھەممەيلەن كۈلكە چاقچاق ئولتۇرغاندا فروزەنىڭ كۆڭلىنىڭ تازا بۇ يەردە بولمايۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم، ئۇ ھە دەپ بىر بۇلۇڭغىلا قارايتتى، يەنە كېلىپ بۇلۇڭدا ئولتۇرغىنى ئۆتكۈر ئىدى، قارىسام ئۆتكۈرمۇ سورۇنغا تازا كىرىشىپ بولالمايۋاتاتتى. ئەمما فروزەنىڭ قاراپ ئولتۇرغىنىنى ئازراقمۇ سەزمىگەن ئىدى.
ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر ئۆتتىمىكىن، بەزمىخانىنىڭ چىرىقى تۇيۇقسىز ئۆچۈرىۋېتىلدى. ئاندىن بىر مۇنچە كۈتكۈچىلەر قوللىرىغا ياندۇرۇلغان شاملارنى تۇتۇپ سەھنىدە يۈرەك شەكلىدە تىزىلىپ تۇردى. قويۇلىۋاتقان شوخ مۇزىكا لىرىك مۇزىكىغا ئالماشتۇرۇلدى. ھەممە مېھمانلارنىڭ كۆزى سەھنىگە تىكىلدى. بىر ئەر كىشىنىڭ ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى، كەينىدىنلا ھەۋەت بىلەن فەرۇق سەھنىگە چىقتى. ئۇ بىر قولىدا مىكروفون، بىر قولىدا بىر دەستە ئەتىرگۈل كۆتۈرۈپ ناخشا ئېيتقاچ سەھنىگە چىقىۋاتاتتى. مەن ئۇ دەۋاتقان مۇھىم ئىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەندەك بولدۇم، ئەمەلىيەتتە ئۇ دېمەكچى بولغانلىرىنى ناخشىسىدا بايان قىلىۋاتاتتى.
_ قوللىرىمىز تۇتۇشۇپ مېڭىپ گۈزەل مەنزىلگە، يارىتايلى ئىككىمىزگە تەئەللۇق بەختنى. تۆنۈگۈن سىزنى تۇنۇمايتتىم، ئەتە ئەپسۇسلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن، بۈگۈن ماڭا ياتلىق بولۇڭ، بولامدۇ؟
ئاستا يېنىمدا ئولتۇرغان نىگارەنى چىمدىدىم.
_ فەرۇق دېگەن مۇھىم ئىش ئەسلى مۇشۇ ئىكەندە؟
نىگارە سەھنىدە تۇرغان فەرۇخقا قاراپ كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن بولسىمۇ چاندۇرماي:
_ ئەخمەق_ دەپ قويدى.
بىر نەچچە كۈتكۈچى كېلىپ نىگارەنى قولىدىن يىتىلەپ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. ئەمەلىيەتتە نىگارە بەك كۈچلۈك، ئەگەر ئۇنىڭ سەھنىگە چىققۇسى بولمىسا باشقىلار سۆرەپمۇ ئەچىقالمايتتى.
فەرۇق نىگارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ناخشىسىنى داۋاملاشتۇردى. ناخشىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يانچۇقىدىن بىر چىرايلىق كىچىك قۇتىنى چىقىرىپ، ئىچىدىن بىر تال ئۈزۈكنى چىقاردى. ھەممىمىز بوينىمىزنى سوزۇپ قاراشتۇق.
_ نىگارە، سىزنى مەڭگۈ ئاسرايمەن، قوغدايمەن. ماڭا ياتلىق بولۇڭ. بولامدۇ؟
ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم تەييارلىۋالغان گەپلىرى خېلى كۆپ بولسا كېرەك، ئەمما كېكەچلەپ يۈرۈپ ئاران شۇنچىلىكلا دىيەلىدى.
ھازىر نىگارەلا ئەمەس، مەنمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتىم. نىگارە مېنىڭ ئەڭ يېقىن، شۇنداقلا بىردىنبىر دوستۇم، ماڭا نىسبەتەن ئۇنىڭ بەختىنى كۆرۈشتىن ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.
فەرۇق مىس مىسلاردىن ئەمەس، ئويلىغان ئىشىنى قىلالايدۇ، ئۇ گەرچە سەل ئالدىراڭغۇ كۆرۈنگەن بىلەن، قىلغان ئىشلىرىدىن قارىغاندا يەنىلا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئادەم ئىدى، ھەم نىگارەنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرەتتى.
نىگارە سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى.
_ نىمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويماي تۇيۇقسىزلا......
_ سىزنى تۇيۇقسىز ھەيران قالدۇراي دېدىم. خالامسىز؟
بەزمىخانىدىكى مېھمانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى.
_ ماقۇل بولۇڭ، ماقۇل بولۇڭ.
_ بەك داۋراڭ قىلىپ كېتىپسىلەر، بىرەر چاتاق چىقىپ يۈزۈڭلارنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ئەنسىرىمىدىڭلارما؟
تۇيۇقسىز بوم ھەم قوپال ئاۋاز ئاڭلاندى. دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. شۆھرەت تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ بىر نەچچە بۇرادەرلىرى بىلەن كىرىپ كېلىۋاتاتتى.
«ئاھ تۈگىدى» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، چۈنكى مەن شۆھرەتنىڭ نىگارەگە كۆڭلى بارلىقىنى بىلەتتىم. فەرۇقنىڭ بۈگۈنكى توي تەكلىپى قويۇشى ئوڭۇشلۇق بولمايدىغان بولدى دە.
_ شۆھرەت، سەن نىمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ _ فەرۇق شۆھرەتكە قاراپ ۋارقىرىدى ۋە شۇ ئارىلىقتا ئۈزۈكنى قېپىغا سېلىپ يانچۇقىغا سالدى.
_ سەن نىمە قىلىۋاتقان بولساڭ مەنمۇ شۇ ئىشنى قىلغىلى كەلدىم.
فەرۇقنىڭ قۇيقا چېچى تىك بولدى. ئۇنىڭ بۈگۈن كەچتىكى توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمىغا خېلى تەييارلىق قىلغىنى چىقىپلا تۇراتتى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئادەم كەلسە ئۇنىڭ ئەلۋەتتە ئاچچىقى كېلىدۇ دە. فەرۇق سەھنىدىن چۈشۈپ ئۇدۇل كەلگەن بىر ئۈستەلدىن بىر پىۋا بوتۇلكىسىنى ئېلىپ ئۈستەلگە بىرنى ئۇرۇپ چاقتى. ئۇنىڭدىن تۆكۈلگەن پىۋىنىڭ پۈۋەكچىلىرى يەرگە بىر كەلدى. فەرۇق پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ قالدۇقىنى قولىدا تۇتۇپ شۆھرەتكە ۋارقىرىدى.
_ بۇ يەر غۇجىكاڭنىڭ يېرى، ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردىن يوقال. بولمايدىغان بولسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن.
شۆھرەت يەنىلا پىتىنى بۇزماي تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان بىر نەچچىسىنىڭ تاقىتى توشقان چېغى.
_ ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل ھە. ئاكامنىڭ يەنە چىشىغا تىگىدىغان بولساڭ بەزمىخاناڭنى تۈپتۈز قىلىۋېتىمىز.
فەرۇق بوتۇلكا قالدۇقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا ماڭدى، نىگارە دەرھال ئۇنى توسۇۋالدى.
_ نىمە قىلاي دەيسىز؟ جىم تۇرۇڭە.
فەرۇق نىگارەنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغاچقا ئېھتىياتسىزلىقتىن قولىدىكى بوتۇلكا قالدۇقى نىگارەنىڭ قولىغا تىگىپ ، نىگارەنىڭ قولىدىن قان چىقىشقا باشلىدى. فەرۇق دەرھال قولىدىكىنى تاشلىۋېتىپ نىگارەنىڭ قولىنى تۇتتى.
_ ئاغرىپ كەتتىمۇ؟
شۆھرەت نىگارەنىڭ قولىغا قاراپ كۈلدى.
_ نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟ بۇنداق قىلساڭ مېنىڭ نىگارەگە ئىچىم ئاغرىپ كېتىدىكەن.
ئۇ يېنىنى ئاختۇرۇپ بىر پىچاق چىقاردى. پىچاقنى كۆرۈپ بىرەيلەن قورققىنىدىن چىقىراپ كەتتى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغانلار قاچتى.
_ ھۇ ئەبلەخ، قانداقلا گەپ بولسا ماڭا دە، ئايال كىشىگە چېقىلغۇچى بولما.
شۆھرەت قولىدا پىچاقنى ئوينىغاچ نىگارەگە قارىدى.
_ ئۇنى تاك ئىتىپ چىكىشىم مۇمكىنمۇ؟ ئىچىم ئاغرىپ كېتىۋاتسا شۇ تاپتا.
_ ئۈزۈك قېنى، ئۈزۈكنى تاقاپ قويمامسىز؟ نىمىگە ئەزمىڭىزنى ئېزىپ ئولتۇرىسىز؟ _نىگارە شۆھرەتكە قاراپمۇ قويماي فەرۇخقا قاراپ ۋارقىرىدى. فەرۇق باياتىننىڭياقى مەڭدەپ قالغان بولسا كېرەك، نىگارەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،« ھە ھە» دەپ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئۈزۈكنى تەستە تاپتى ۋە نىگارەنىڭ قولىغا ئارانلا سېلىۋالدى. جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن قولى تىترەپ سېلىپ بولغان ئۈزۈكنى يەنە چىقىرىۋالغىلى تاس قالدى. شۇنداق قىلىپ فەرۇقنىڭ ئۈزۈكى نىگارەنىڭ قولىغا سېلىنىپ بولدى، دېمەك نىگارە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈپ قويدى. فەرۇق ئۈزۈكنى نىگارەنىڭ قولىغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن خۇش بولۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە نىگارەنى كۆتۈرىۋېلىپ نەچچىنى چۆرگىلىتىۋەتتى.
نىجات ئورنىدىن تۇرۇپ «ياخشى» دەپ چاۋاك چېلىۋىدى، ئاندىن مېھمانلارمۇ بىردىن ئىككىىدىن قوشۇلۇپ چاۋاك چېلىشىپ، ئاخىرى پۈتۈن مەيدان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا تولۇپ كەتتى.
شۆھرەت مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغاندەك، چىرايىدىكى كۈلكىسىنى ئۆزگەرتمىدى. ئەمما كۆزى نىگارەدىن ئۈزۈلمەيتتى. نىگارە فەرۇقنىڭ قۇچىقىدىن ئاجراپ شۆھرەتكە قارىدى، ئۇنىڭ يۈزىدە چۈشىنىكسىز مۇرەككەپ بىر خىل ھېسسىيات يالت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. شۆھرەت بەك كېلىشكەن ئەرلەردىن بولمىسىمۇ لېكىن ھەقىقىي ئەركەكتەك ئەر كىشى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى، بىلىشىمچە نىگارە دەل مۇشۇنداق ئەرلەرنى ياخشى كۆرەتتى، ئەگەر فەرۇق چاققان چىقىپ كەتمىگەن بولسا بەلكىم بۈگۈن نىگارەنىڭ قولىغا ئۈزۈك سېلىپ قويىدىغان ئادەم شۆھرەت بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
_ ئۇ سىزنى بوزەك قىلىدىغان بولسا ماڭا دەڭ ، ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرىمەن.
شۆھرەت بۇ گەپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى شۇنداقلا نىگارەدىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
_ قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ئەھۋالنىڭ قانداق بولىۋاتقىنىنى بىلمىدىڭما؟ تېخىمۇ سەتچىلىككە قالماي دېسەڭ ئەڭ ياخشىسى تېزرەك كېتىۋال.
شۆھرەت فەرۇقنىڭ گېپىنى قىرىغا ئېلىپ قويماي يەنە شۇ كۈلكىسى بىلەن نىگارەگە بىر قارىۋېتىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭدى. شۆھرەت بىلەن بىللە كەلگەنلەر تەن بەرمىگەن بولسا كېرەك.
_ ئاكا.....
_ يۈرۈڭلار.
شۆھرەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھېچكىم بىر نەرسە دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى بولغاي، بىر بىرلەپ مېڭىشتى. شۆھرەت ئىشىك تۈۋىگە كەينىگە قارىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈزىدىكى كۈلكىنىڭ ئۆچكىنىگە دېققەت قىلىپ قالدىم، ئۇ يەنىلا ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. پەرىزىمچە ئۇ نىگارەنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ چىن كۆڭلى قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەلەر؟
شۆھرەت ئادەملىرى بىلەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن فەرۇق سورۇننى يەنە ئەسلىدىكى قاينام تاشقىن ھالىتىگە قايتۇرماقچى بولدى. دېمىسىمۇ كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلغان توي تەكلىپى قويۇش مۇراسىمى قاراپ تۇرۇپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تۇرسا، ئۇنىڭ دەماللىققا ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرەلىشى تەستە. شۇنداقتىمۇ فەرۇق يەنە چاندۇرمىدى. ئاۋاز ياڭراتقۇدىن لەرزان مۇزىكا ياڭراپ، سەھنىدە تۇنۇش بىر سىما پەيدا بولدى. ھەممەيلەن «ھۇ» دەپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى. سەھنىگە چىققىنى نەرگىزە ئىدى، مۇسابىقە نەقمەيداندا بىۋاستە كۆرسىتىلگەندىن كېيىن نەرگىزە خېلى تۇنۇلغان ناخشىچىغا ئايلىنىپ قالغان، شۇڭا بەزمىخانىدىكىلەر ئۇنى تۇنۇپ چوقان سېلىشىپ كەتكەن ئىدى.
نەرگىزە سەھنىگە چىقىپ فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى ۋە بىر جۈپ ياشنى مۇھەببەتلىك تانسا ئويناپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. نەرگىزەنىڭ بۈگۈن كېلىدىغانلىقىدىن فەرۇقنىڭ خەۋىرى بولمىسا كېرەك، ئۇمۇ ھەيرانلىقتا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى. نەرگىزە ئۇلارنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن فەرۇق نىگارەنى تارتىپ لىرىك تانسا مۇزىكىسىغا جۆر بولۇپ تانسىغا چۈشۈپ كەتتى. كۈتكۈچىلەردىن بىرى كېلىپ ھەر بىر مېھماننىڭ قولىغا بىر تالدىن قىزىل ئەتىرگۈل تارقىتىپ بەردى، مېھمانلار بىر بىرلەپ سەھنىگە چىقىپ بىر جۈپ ياشنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ ئۇلارغا بەخت تىلەشتى. شۇ تاپتا نىگارە ئۆزىنى قانچە بەختلىك ھېس قىلغان بولسا مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشال بولىۋاتاتتىم.
ناخشا تۈگەپ، فەرۇق بىلەن نىگارە بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە قايتىپ كەلدى، نەرگىزە كېلىپ بىز بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن يەنە ئىشى بارلىقىنى، بۈگۈن بەزمىخانىدىكى بىرەيلەندىن ئالاھىدە ئىش بارلىقىنى ئاڭلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. ھەممەيلەن بايىقى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپلا كەتكەن ئىدى . فەرۇق نىگارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆيۈنگەن ھالدا:
_ دوختۇرخانىغا بارايلىمۇ؟_ دېدى.
_ ۋاي ۋۇي، مەن ئۇنچىۋالا مىشچان ئەمەس، كىچىككىنە ئىشقا دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرەمدۇق؟ بولدى. ئۆزى ساقىيىپ قالىدۇ_ دېدى نىگارە پەرۋاسىز قىياپەتتە.
باياتىن بېرى شۇنچە ئىشلار بولدى، كۈلكە چاقچاقلارمۇ بولدى، ئەمما فروزە باشتىن ئاخىر ھېچقانداق گەپ-سۆزگە ئارىلاشماي جىمجىت ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ياخشى ئەمەسمۇ ياكى ھېلىقى لايىھەنىڭ ئىشىنى ئويلاۋاتامدۇ، بىلگىلى بولمايتتى.
مەن ئۇنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ بېرىپ ئولتۇردۇم.
_ نىمە بولدىڭىز؟ مىجەزىڭىز يوقما؟- سورىدىم ئۇنىڭدىن.
_ ياقەي، ئۇنداق ئەمەس. مەن تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ كىرەي.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ تازىلىق ئۆيىگە ماڭدى. ساقلاپ ئولتۇرسام ئۇ خېلىغىچە كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ تازىلىق ئۆيىگە ماڭدىم. تازىلىق ئۆيىگە قايرىلىدىغان دۇقمۇشقا كەلگەندە قارىسام ئۇ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇپتۇ.
_ فروزە، نىمە بولدىڭىز؟
ئۇنىڭ كۆزى ياش يۇقى تۇراتتى.
_ ھېچنىمە. چارچاپ قالغان ئوخشايمەن. ھېچ ئىش يوق، سىزمۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرەمسىز؟ _ دېدى ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
_ ياقەي، قارىسام ھېچ كەلمەيسىز، سىزدىن ئەنسىرەپ كېلىشىم. يۈرۈڭ.
ئۈستەلگە بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن مېۋە پەتنۇسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدۇم. نىجات گەپ باشلىدى.
_ فەرۇق جىم جىم يۈرۈپ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بوپتىكەن ھە. خېلى رومانتىككەن بۇ ئەسلى. بىلمەي يۈرۈپتۇق.
_ ئەلۋەتتە. سەن كۆرمىگەن جىق ھۈنەرلىرىم بار تېخى_ دېدى فەرۇق مەغرۇر قىياپەتتە.
_ مېنىڭمۇ سىلەرگە دەيدىغان بىر گېپىم بار_ فروزە شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى. ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قارىدۇق. ئۇ بىر بۇلۇڭدا جىمجىت ئولتۇرغان ئۆتكۈرگە قارىدى. ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەندەك قىلدىم.
_ ئۆتكۈر، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
مەن فروزەنى ئوچۇق يورۇق، ئىنتايىن ئىقتىدارلىق قىز دەپ بىلەتتىم، ئەمما بۇ دەرىجىدە يۈرەكلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. ھەممەيلەن ئاغزىنى ئېچىپ ھەيرانلىقتا بىر ئۇنىڭغا، بىر ئۆتكۈرگە قارايتتى. فروزە ئۈستىنى بېسىپ تۇرغان يوغان تاشنى ئېلىۋەتكەندەك چوڭقۇر بىر تىندى ۋە گېپىنى داۋام قىلدى.
_ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن بۇنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق. بايىقى ئىشلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ھاياجانلىنىپ قېلىپ كۆڭلۈمدىكىنى دېگۈم كەلدى. ياخشى كۆرۈش مېنىڭ ئىشىم، لېكىن سىزنىمۇ مېنى ياخشى كۆرۈڭ دېمەيمەن.
ئۆتكۈرمۇ بۇ ئىشتىن بەكلا تەساددىپىيلىق ھېس قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
_ فروزە، بۇنداق چاقچاق قىلماڭ.
_ مەن چاقچاق قىلمىدىم.
_ كەچۈرۈڭ، مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار. ئۇنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىللار بولدى. لېكىن پۇرسەت كەلگەندە چىڭ تۇتالماپتىمەن، ئامال يوق، ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۈمرۈم ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ.
ئۆتكۈرنىڭ بۇنداق سىلىق رەت قىلىشىدىن فروزە كۈلۈپ كەتتى.
_ بايا دېدىمغۇ، مېنىڭ ياخشى كۆرۈشۈمنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق. سىزمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىزنى ياخشى كۆرىۋېرىڭ، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىۋېرىمەن. مەن ئىچىمدە بىر گەپلەرنى ساقلاپ يۈرىدىغان قىز ئەمەس، دېگۈدەك گەپنى دەۋېتىپ ئولتۇرىمەن، بۇ مىجەزىمنى سىلەرمۇ بىلىسىلەرغۇ. ئەمما بۇ گېپىمنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ. مەن پەقەت كۆڭلۈمدىكىنى دېدىم، لېكىن سىزدىن جاۋاب كۈتمەيمەن.
سورۇننىڭ كەيپىياتىنىڭ سەل ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقىنىنى سەزگەن فەرۇق ئورنىدىن تۇردى.
_ بۈگۈن مەن بەك خۇشال. بۈگۈن مەن مېھمان قىلىمەن، خالىغانچە يەپ ئىچىپ ئويناڭلار.
كۆپچىلىك ھەقىقەتەن ئېچىلىپ يېيىلىپ ئويناشتى. خېلى كەچ بولغاندا ئاندىن تارقاپ بەزمىخانىدىن چىقتۇق.
_ سەن ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن، نىگار_ دېدىم مەن.
نىگارە كۈلدى ۋە مېنى بىر چەتكە تارتىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
_ نازى، ئەمەلىيەتتە بۇ قارارىم توغرا بولدىمۇ بولمىدىمۇ بىلمەيمەن. ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ، مەن جىددىيچىلىكتە ماقۇللۇق بىلدۈرىۋەتتىم. ئەمدى ئويلاپ باقسام بەك ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويدۇممۇ قانداق ھە؟ ئەگەر فەرۇق مېنى بوزەك قىلىدىغان بولسا پۇتىنى سۇندۇرىۋېتىمەن.
_ فەرۇق پۇتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ سېنى بوزەك قىلالمايدۇ_ دېدىم مەن كۈلۈپ.
داچىغا قايتىپ كەلگەن چېغىمىزدا مېھمانخانا ئۆينىڭ چىرىقى يېقىلىق تۇراتتى. رازىيە تېلېۋىزورنىمۇ ئاچماي، كرىسلودا ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپتۇ.
_ تاماق يىدىڭىزمۇ؟_ ئۈمىد ئايىقىنى ئالماشتۇرغاچ سورىدى. مەيلى ئۇ قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزسۇن، ئۈمىد ئۇنىڭغا يەنىلا كۆڭۈل بۆلىدىكەن.
رازىيە بىچارىلەرچە ئۈمىدكە قارىدى.
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، مەن خاتا قىپتىمەن، مەن سىلەرگە ناماقۇل.
ئەمما مەن ئۇنىڭ بۇ ناماقۇل بولۇشىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنمىدىم. شۇنداقتىمۇ چىرايىمغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتتۈم.
_ ھېچقىسى يوق، سىزمۇ قەستەن قىلماپسىزغۇ. خاتالىقىڭىزنى تۇنۇغان بولسىڭىز بىزمۇ بۇ ئىشنى ئەمدى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيمىز.
رازىيە غەلىتە بىر نەزەردە ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ قاراشلىرىدا ھەر خىل مەنالار چىقىپ تۇراتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















