大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 125 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 125  - قىسىم aybarawazi
2023-10-14
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 126-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

125-قىسىم  

   _ ھە؟ 

_ ئۆتكۈر قولۇمنى تۇتۇپلا ئىچىگە قاراپ ماڭدى. 

_ مېنىڭچە بۈگۈن كېچە سىزنىڭمۇ ئۇيقۇڭىز كەلمەيدۇ،  مېنىڭمۇ شۇ. ئىككىمىز ئىككى يەردە ئاسمانغا قاراپ ياتقاندىن كېچىچە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىمىز ياخشى ئەمەسمۇ. 

مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئىنتايىن ئەخلاقلىق ئادەم، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يۈزدە يۈز ئىشەنچ قىلالايمەن. شۇڭا خاتىرجەم ماڭدىم. بىزگە ئېچىپ بەرگىنى ئادەتتىكى ياتاق ئىكەن،  ياتاق گەرچە كىچىك بولسىمۇ لېكىن ھەممە نەرسە تولۇق، ئىچىدە تېلېۋىزور، قوش كىشىلىك كارىۋاتتىن بىرى، دېرىزە تۈۋىدە بىر كرىسلو، يەنە بىر يۇمىلاق ئۈستەل ۋە بىر ئورۇندۇق بار ئىكەن،  ئىچىدىلا ھاجەتخانىسىمۇ بار ئىكەن. ئەڭ مۇھىمى ياتاق ئىنتايىن پاكىزە ئىدى. 

مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقسام ئۆتكۈر بالكوندا تاماكا چېكىپ تۇرۇپتۇ، مەنمۇ كەينىدىن چىقتىم. بالكوننىڭ ئاستى تەرىپى ناھايىتى قايناق كەچلىك بازار ئىكەن، لېكىن بىز ئېگىز بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بولغاچقا پەستىكى ۋاراڭ –چۇرۇڭلار بەك ئاڭلىنىپ كەتمەيدىكەن. 

_ نازىيە، سىز...

_ بولدى، ماڭا نەسىھەت قىلىمەن دېمەڭ، ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقا بىر ئىككى كۈن بولمىدى، بۇ كۈننىڭ ھامىنى بىر كۈنى كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. شۇڭا ئىدىيەمدە تەييارلىق بار. 

ئۆتكۈر ئىككى قولى بىلەن رىشاتكىنى تىرەپ يىراقلارغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. 

_ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟  قەيەرگە باراي دەيسىز؟ ئەمدى مەيلى قەيەرگىلا بارسىڭىز ھەممىنى باشتىن باشلايدىغان گەپ، بىر ئايال كىشىنىڭ ھەممىنى باشتىن باشلىشى ئاسان ئىش ئەمەس.

_ مېنىڭ ئەسلىمۇ ھېچنىمەم يوق ئىدى، شۇڭا ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى ئوخشاش.  

_ ئەمەلىيەتتە چوقۇم باشقا يەرگە كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى. 

مەن بېشىمنى چايقىدىم. 

_ ياق، ئۇنىڭ يېنىدا داۋاملىق تۇرىۋېرىشكە ھېچقانداق باھانەم قالمىدى. 

 ئۇ  تاماكا چەكمەكچى بولۇپ يانچۇقىدىن تاماكا قېپىنى چىقارغان ئىدى، تاماكا قېپى قۇرۇق چىقتى، تاماكا قېپىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى.  بالكوندا شامال بەك كۈچلۈك، مەن سەل مۇزلىغاندەك بولۇپ مۈرەمنى قورۇپ قويدۇم. 

_ توڭلىدىڭىزمۇ؟ 

_ ئازراق. 

_ يۈرۈڭ، ئەمىسە ئىچىگە كىرىپ كېتەيلى، شامالداپ قالماڭ. 

 ياتاقنىڭ ئىچىگە يېنىپ كىردۇق، مەن ئاستا بېرىپ كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىدە ئولتۇردۇم، ئۆتكۈر ئولتۇرمىدى. 

_ بەك ئۇسساپ كەتتىم، بىرەر نەرسە ئىچكۈم كېلىۋاتىدۇ، مەن پەسكە چۈشۈپ ئىچىملىك ئېلىپ چىقاي، سىز نىمە ئىچىسىز؟

_ بولدى، مەن  ياتاقتىكى قايناقسۇنى ئىچسەملا بولىدۇ. 

ئۆتكۈرمۇ مېنى زورلىمىدى. ئۇ ئۆزىگە ئىچىملىك ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۇ كىرگىچە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ چىقىۋالدىم.  ئۇزۇن ھايال بولمايلا ئۇ قايتىپ كىردى. قولىدا بىر بوتۇلكا ھاراق بار ئىدى. 

_ سىز... ھاراق ئىچەمسىز؟_ دېدىم مەن ئەجەبلىنىپ. 

_ خاپا بولماڭ، نازىيە. بۈگۈن مېنىڭمۇ كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس، مېنى ئىچكىلى قويۇڭ. 

مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئىچىشتىن توسۇشقىمۇ ھېچقانداق يولۇم يوق. ئۇ بىر بوتۇلكا ھاراقنى بىردەمدىلا پاك پاكىزە ئىچىۋەتتى. شۇ ئارىلىقتا ھېچقانداق گەپ قىلىشمىدۇق. خېلىدىن كېيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى، كۆزى قىزىرىشقا باشلىغان ئىدى. 

_ نازىيە.  مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. 

ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق دىيىشىدىن چۈچۈپ كەتتىم. 

_ سىز...مەست بوپ قاپسىز، ئۆتكۈر. 

_ توغرا، مەن مەست بوپ قالدىم، مەن بۈگۈن قەستەن مەست بولدۇم. چۈنكى ھاراق ئىچمىسەم بۇ گەپلىرىمنى  سىزگە دىيەلمەيمەن. 

ئۇ ئىچكەن ھاراق بەك كۈچلۈك ھاراق بولسا كېرەك، بىردەمدىلا كۈچىنى كۆرسەتكىلى تۇردى، يەنە كېلىپ بىر چاغدا ئۈمىدتىن ئۆتكۈر ھاراق كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلىۋىدىم، راست شۇنداقتەك قىلىدۇ.  

_ نازىيە،  مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى.  سىزگە بۇ گەپنى دەي دەپ ئويلاپ يۈرگىنىمگە بەك ئۇزۇن بولدى، ئەمما ئىزچىل پۇرسەت بولماي كەلدى.  راستىمنى ئېيتسام بەختلىك تۇرمۇشىڭىزغا دەخلى قىلغۇم كەلمىگەن،  ئەمما ھازىر كۆڭلىڭىزنىڭ ئازار يىگەنلىكىنى كۆرۈپ پەقەتلا چىدىمىدىم.  نازىيە، ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ، ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىمغا پۇرسەت بېرىڭ، بولامدۇ؟  سىز قەيەرگە بارسىڭىز مەنمۇ سىز بىلەن بىللە بېرىشنى خالايمەن. بولامدۇ نازىيە. 

ئۆتكۈر سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى، لېكىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئولتۇرىۋاتاتتى، ئۇ ئاغزىدا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى بىلەن، قولۇمنىڭ ئۇچىغىمۇ تەگمىدى. 

_ ئۆتكۈر، كىچىكىمىزدىن تارتىپلا ماڭا بەك كۈيۈنەتتىڭىز، ھازىرمۇ ئوخشاشلا كۈيۈنىسىز، بۇنى بىلىمەن ھەم سىزدىن بەك مىننەتدارمەن. لېكىن...

_ بولدى دېمەڭ، مەن بىلىمەن. سىزنىڭ نىمە دەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، سىزگە ھازىرغىچە ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقىم دەل  ئاشۇ جاۋابنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن، چۈنكى ئۇ گەپنى سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىمىسام ھەر ھالدا كۆڭلۈمدە ئازراق ئۈمىد بىلەن ياشايدىكەنمەن. ھېچبولمىسا دوست نامى بىلەن سىزنى قوغدىيالايدىكەنمەن.  بىلەمسىز ، نازىيە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز بىر ھەسسە ئازار يىسە مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىڭ نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازار يەيدۇ. بۈگۈن كەچتە ھېلىمۇ ماڭا تېلېفون قىلىپسىز، ئەگەر ماڭا تېلېفون قىلمىغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ قەيەرگە باراتتىڭىز؟  بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارسىز؟  نازىيە، سىزدىن بەك ئەنسىرەيمەن. 

شۇ تاپتا ئۇنىڭ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئەمما تەسىرلىنىش مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. 

_ ماڭا مۇشۇنچىلىك كۈيۈنگىنىڭىزگە رەھمەت، ئۆتكۈر. ئەمما ئادەم ھامان چوڭ بولۇشى كېرەك، بىر ئۆمۈر باشقىلارغا تايىنىپ ئۆتىمەن دېگىلى بولمايدۇ. مەن ھازىر كىچىك بالا ئەمەس، پۇت قولۇم ساق، كاللام جايىدا، ئۆزۈمنىڭ كۈنۈمنى ئالالايمەن.  شۇڭا مەندىن ئەنسىرىمەڭ. ماڭا بىر ئىشتا ياردەم قىلىڭ. 

_ قانداقلا ئىش بولسا دەڭ، نازىيە.  قولۇمدىن كېلىشىچە ئەمەس، قولۇمدىن كەلمىسىمۇ بىر ئامال قىلىپ قىلىپ بېرىمەن. 

_ مېنى كۆرگىنىڭىزنى ئۇنىڭغا دېمەڭ. 

ئۆتكۈر ماڭا قاراپ خېلىغىچە لام جىم دېمەي تۇردى، ئاخىرى «ماقۇل» دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى ئاندىن:

_ بەك كەچ بولۇپ كەتتى. سىز كارىۋاتتا يېتىڭ، مەن كرىسلودا ياتاي _ دېدى.  مەن ئۇنىڭغا تەكەللۇپ قىلمايلا كارىۋاتقا چىقىپ كىيىملىرىم بىلەنلا يوتقانغا كىرىپ ياتتىم. ياتقىنىم بىلەن ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۈمىدتىن ئايرىلىپ تۇنجى كۈنىلا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمنى قارىمامدىغان.  لېكىن مەن بەل قويۇۋەتسەم بولمايدۇ، قورسىقىمدىكى بالا ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىشىم كېرەك. 

قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، بىر چاغدا نىمىدىندۇر بىر نەرسىدىن چۈچۈپ ئويغاندىم. ئەمما ئەتراپىم جىمجىت، چۈش كۆرگەن بولسام كېرەك.  تامدا  ئېسىقلىق تۇرغان سائەتكە قارىسام سەھەر سائەت تۆتتىن ئېشىپتۇ. ئاستا كارىۋاتتىن چۈشتۈم.  ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئۆتكۈرنىڭ پورتمالى تۇراتتى، پورتمال ئېچىقلىق بولۇپ، ئىچىدە خېلى كۆپ نەقپۇل كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بېرىپلا پورتمالدىن نەقپۇلنى ئېلىپ، چامادانىمنى سۆرەپ مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتىم. سىرتقا چىقىپلا تاكسى بىلەن پويىز ئىستانسىسىغا ماڭدىم. پويىز بېلىتى ساتىدىغان جايغا كىرىپ ئىكرانغا قارىسام ئەڭ بۇرۇن ماڭىدىغان پويىزمۇ يەتتە يېرىمدا قوزغىلىدىكەن.  كۆزنەككە بېرىپلا يەتتە يېرىمدا قوزغىلىدىغان، قارىمايغا بارىدىغان پويىز بېلىتىدىن بىرنى ئالدىم. 

پويىز كۈتۈش زالىدا ئىككى سائەتتەك ئولتۇرغاندىن كېيىن مەن ئولتۇرىدىغان پويىزغا بېلەت تەكشۈرۈش باشلاندى. ئاخىرى پويىزغا ساق سالامەت چىقىپ قارىمايغا قاراپ ماڭدىم. راستىمنى ئېيتسام قارىماي دەپ بۇرۇن  ئاڭلىغان، ئەمما بۇ نىفىت شەھىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىشقا پۇرسەت بولمىغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۈمىد بىلەن بىللە بېرىپ كۆرۈپ كەلسەم دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بۇ شەھەرگە ھازىر ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتىمەن.  بەلكىم گۈزەل ئىشلار مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقاندۇ؟

پويىزدا ئىككى سائەت ماڭغاندىن كېيىن مەنزىلگە يېتىپ باردۇق.  پويىز ئىستانسىسىدىن چىقىپ ئاۋۋال ناشتا قىلىۋالاي دەپ بىر ناشتىلىقخانىغا كىرىپ ئۈچ تال مانتا بويرۇتتۇم. مانتىنى يەپ بولۇپ پۇل تۆلەش ئۈچۈن ئەتىگەن ئۆتكۈرنىڭ پورتمالىدىن ئېلىۋالغان پۇلنى ئالاي دەپ قارىسام، پۇلنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇلغان قەغەزگە كۆزۈم چۈشتى.  ئۇنىڭغا مۇنداق خەت يېزىقلىق ئىكەن:

_ «نازىيە، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. قانداقلا ئىش بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ. سىز مەيلى قەيەردىلا بولۇڭ، مەن چوقۇم يېنىڭىزغا ئۈنىمەن»  قەغەزنىڭ كەينىگە ئۆتكۈرنىڭ تېلېفون نومۇرى بىلەن ئۈندىدار نومۇرىمۇ يېزىپ قويۇلۇپتۇ. «ھە، ئەسلى ئۆتكۈر مېنى ئېلىۋالسۇن دەپ دۇكانغا ھاراق ئالغىلى چىققاندا ئالايىتەن نەقپۇل تەييارلاپ پورتمالىغا سېلىپ، تېخى پورتمالنىڭ ئاغزىنى قەستەن ئېچىپ قويۇپتىكەن دە. » ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم.  

بۇ شەھەردە ئالدى بىلەن بىر خىزمەت تاپاي، ئاساسىي تۇرمۇشۇمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋېلىپ ئاندىن باشقا ئىشلارنى ئويلىشاي. ھېلىمۇ ياخشى قورسىقىم تېخى يوغىنىمىغاچقا قارىماققا بويۇمدا بارلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيتتى.

ئاپام كىچىكىمدىنلا مېنى بەك تەلەيلىك دەيتتى،  ھەقىقەتەن راستكەن، كەلگەن كۈنۈم يولدا كېتىۋېتىپ بىر جۇڭيىچە ئامبۇلاتورىيەنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ قالدىم، تەلىپى سىستېرالىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇشى، جۇڭيىچە ئاددى ساۋاتلارنى بىلىشى كېرەك ئىكەن،  بۇ نەقلا ماڭىلا چۈشىدىغان خىزمەت ئىكەنغۇ. ئامبولاتورىيەگە كىردىم،  كېسىل كۆرىدىغان دوختۇر 60   70 ياشلاردىكى بىر ئەر دوختۇر ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىپلومۇمنى كۆرۈپ، بىر نەچچە ئېغىز گەپ سورىغاندىن كېيىن مېنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.  تۇنجى قەدەمنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك باسقان ئىدىم. بۇ دوختۇرنىڭ ئىسمى ساتتار دوختۇر ئىكەن، ساتتار دوختۇرنىڭ دوختۇرخانىسى جايلاشقان بۇ ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۇنىڭ شەخسىي بىناسى ئىكەن،  يەنە ئۇنىڭ كەينىدىلا دوختۇرنىڭ داچا شەكلىدە سېلىنغان ئۆيى بار ئىكەن. ساتتار دوختۇرنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، ھەر ئىككىسى دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان، ھازىر چوڭ دوختۇرخانىلاردا خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇلار ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەچكە يوغان داچىدا دوختۇر بىلەن ئايالى ئىككىسىلا تۇرىدىكەن. دوختۇر مېنىڭ باشقا شەھەردىن كەلگىنىمنى بىلىپ تەشەبۇسكارلىق بىلەن ياتاق، تامىقىمنى كۆتۈرۈپ بېرىدىغانلىقنى ئېيتتى ۋە مېنى ئۆزلىرى تۇرىدىغان داچىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۆيىدىكى بىر كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشىمگە بەردى تېخى. 

مەن سىستېرالىق كەسپىدە ئوقۇغان، يەنە كېلىپ بۇرۇن سىستېرا بولۇپ ئىشلەپ باققاچقا خىزمەتكە ناھايىتى تېزلا كىرىشىپ كەتتىم. دوختۇرمۇ ماڭا نۇرغۇن جۇڭيىچە بىلىملەرنى ئۆگەتتى، مەنمۇ بۇرۇندىن تارتىپ جۇڭيى تىبابىتىگە قىزىقىدىغان بولغاچقا ئۆگىنىشكە باشچىلاپ كىرىپلا كەتتىم. 

شۇنچە ئالدىراش يۈرسەممۇ بىر ئىشتىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم، يەنى ئۈمىدنى ھەردائىم سېغىناتتىم.  خىزمەت قىلساممۇ، بىكار بولساممۇ،  تاماق يىگەن، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ ئۇ خىيالىمدىن نېرى بولمايتتى. ئۇنىڭكىدەك ماشىنىنى كۆرسەم، تەقى تۇرقى ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان ئادەملەرنى كۆرسەم ئىختىيارسىز يۈرىكىم سېلىپ كېتەتتى. شۇڭا ئۆزۈمنى ئامال بىكار قويماسلىققا تىرىشاتتىم.  چايكىنىڭ مۇنداق بىر گېپى ئېسىمدە: ئۆتمۈشكە خوش دېيىشكە جۈرئىتىڭىز بولسىلا  سىزگە قۇچاق ئاچىدىغىنى يېڭىچە باشلىنىش بولىدۇ.  

بۇرۇن ئۈمىدنىڭ يېنىدا يۈرۈپ، چايكا بىلەن بولغان ئالاقەممۇ ئازىيىپ كېتىپتىكەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن چايكا بىلەن كۈندە دېگۈدەك پاراڭلىشىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭغا ھازىرقى ئەھۋالىمنى ئەينەن ئېيتىپ بەردىم ۋە كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدىغان بولدۇم.  مەن كۈندۈزى ئالدىراش خىزمەت قىلسام، كەچلىكى مىنەۋەر خانىم ماڭا بەرگەن بارماق دېسكىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنەتتىم. 

مېنىڭ كەسپىم سىستېرالىق، يەنە كېلىپ خىزمەت تەجرىبەم بار بولغاچقا ساتتار دوختۇر ماڭا دەسلەپتىلا تۆت مىڭ يۈەن مائاش بېرىدىغان بولدى، ئەمما ئاي ئاخىردا مائاش بېرىدىغان چاغدا بەش مىڭ يۈەن بەردى. مەن ئالغىلى ئۇنىمىدىم. ھېلىمۇ ياتاق، تامىقىمنى كۆتۈرۈپ تۆت مىڭ يۈەن ئالساممۇ يىتەرلىك ئىدى، ئەمما دوختۇر بۇ سىز ئېلىشقا تىگىشلىك پۇل دەپ تۇرىۋالدى. 

شۇنداق ئىشلەپ يۈرۈپ باھار كەلدى، يازمۇ كەلدى. قۇرسىقىممۇ بارغانچە يوغىناپ بىلىنىپلا قالدى.  ساتتار دوختۇر ئەر ئايال بىلەن بىر يەردە تۇرىدىغان بولغاچقا بويۇمدا بارلىقىنى ئۇلاردىن  يۇشۇرۇپ قالالمىدىم ئەلۋەتتە. شۇڭا ئۇلارغا «بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئىككى يەردە بولۇپ قالدۇق، شۇڭا بالىنى ئۆزۈم يالغۇز باقىمەن» دەپ راست گەپنى ئېيتتىم. 

ئۇلار مېنىڭ ئېغىر ئاياق ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ماڭا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. مېنى يالغۇز يېتىشەلمەي قالمىسۇن دەپ دوختۇرخانىغا سىستېرادىن يەنە بىرنى ئالدى.  خانىم ھەركۈنى قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى.  سېزىكىمدىن قاچانلاردا چىقىپ، مايلىق نەرسىلەرنى يىسەممۇ كۆڭلۈم ئېلىشمايدىغان بولۇپ قالدىكىن، ئىشقىلىپ ھازىر ئىشتىھايىم ئاجايىپ ئېچىلىپ كەتتى. 

«شەيئىلەر چېكىگە يەتكەندە ئەكسىگە يانىدۇ» دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بۇرۇن چۈشەنمەيتتىم، ئۆز بېشىمغا كەلگەندە ئاندىن ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ يەتتىم. ئىلاجسىز قېلىپ ماڭغۇدەك يولىڭىز قالمىغاندا ئۈمىدسىزلەنمەڭكى، بۇ دەل ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدىكەن.  

مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭيى تىبابىتى بىلەن ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئويۇمنى ساتتار دوختۇرغىمۇ ئېيتتىم. دوختۇر بۇ ئويۇمنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

_ بەك ئوبدان ئويلاپسىز، قىزىم. سىلەر ياشلاردا مۇشۇنداق يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك. مەن قوللايمەن، مەبلىغىڭىز بولمىسا مەبلەغ چىقىرىپ بېرىمەن. 

دوختۇرنىڭ مەدەت بەرگىنىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەيرەتكە تولدۇم.   دەم ئېلىش كۈنۈمدە بازار تەكشۈردۈم. قارىماي خېلى چوڭ شەھەر، يەنە كېلىپ ئىستىمال سەۋىيىسى يۇقىرى شەھەرلەر قاتارىغا كىرىدىكەن. مەن يەنە كارخانا باشقۇرۇشقا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. ئۇنىڭدا نۇرغۇن داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ دەسلەپتە ئىشنى كىچىك كەپە ئۆيلەردىن باشلىغانلىقىدەك مىساللارنى ئوقۇدۇم. توغرا ، بىراقلا چوڭىغا ئېسىلىۋالماي، بىر بىرلەپ كېلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئەسلىمۇ بەلگىلىك خەۋپ خەتىرى بار ئىش. ئەمما يىقىلىش قورقۇنۇچلۇق ئىش ئەمەس، قورقۇنۇچلۇقى يىقىلغان يېرىدىن تۇرالماسلىق.  تۇنجى قەدەمنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزىڭىزدە قانچىلىك يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. 

ساتتار دوختۇرنىڭ دوختۇرخانىسىدا تۆت ئاي ئىشلەش جەريانىدا 20 مىڭ يۈەن مائاش ئاپتىمەن، ياتاق تامىقىمنى ئۇلار كۆتۈرگەچكە تۈزۈك پۇل خەجلەپمۇ باقماپتىمەن. ساتتار دوختۇر ماڭا 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالماقچى بولدى، مەن كېيىن ئۇنىڭغا پايدا ئايرىپ بېرىدىغان بولدۇم.  مەن ئاۋۋال كىچىك بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئاددىيلا بېزىگەندىن كېيىن، ئاساسىي كېرەكلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ بىر خىزمەتچى قوبۇل قىلدىم. ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە تەشۋىقات ئىشىنى قىلىمەن.  دەسلەپتە نەزىرىمنى ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىغا قاراتتىم. ئەمما ساتتار دوختۇر ماڭا باشقىچە تەكلىپ بەردى. 

_  سىز جۇڭيى تىبابىتى بىلەن ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرىمەن دەۋاتىسىز، ئۇنداق بولسا ئەڭ ياخشىسى يۇقىرى ئىستىمال سەۋىيىدىكى كىشىلەر توپىغا كۆز تىكىڭ.  يەنە كېلىپ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان، ساغلام ھالەتتە گۈزەل بولاي دەپ ئويلايدىغانلار دەل يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر.   شۇڭا ئىشنى شۇلاردىن باشلاڭ. 

ئويلاپ باقسام ساتتار دوختۇرنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار. شۇنىڭ بىلەن نىشانىمنى بەلگىلىك ئىقتىسادى ئاساسىي بار ئايال خېرىدارلارغا قاراتتىم. 

بەشىنچى ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، قارىمايدىكى خېلى چوڭ بىر مېھمانسارايدا سودا زىياپىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى سودا ساھەسىدىكى ئۇتۇق قازانغان شەخسلەر ئىكەن. بۇ ماڭا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز تەشۋىقات پۇرسىتى ئىدى. ئەمما ئۇ يەرگە كىرىمەن دەپلا كىرەلمەيتتىم، شۇنداقتىمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتكۈم كەلمەي تۇرغاندا ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت كەلدى. 



ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k