
بۇ ئەسەرنىڭ 81 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80-قىسىم
ئىككىمىز تۇرغان يەرگە يېقىنلا يەردە ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم تۇراتتى. ئابلەت ئەپەندىمنىڭ قاپىقى ئەتىگەنكىدىنمۇ بەكرەك تۈرۈلگەن، ئۇ مېنى كۆرگىنى ئۈچۈن ئەمەس، ھەسەن ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرۈپ قۇيقا چېچى تىك بولغىنى ئېنىق. يەنە كېلىپ ھەسەن ئۇ ئىككىيلەننى كۆرۈپ قەستەن ماڭا يېقىن كېلىۋالغان ئىدى. ئۇنى كۈچەپ ئىتتىردىم، لېكىن ئۇنىڭ ئىككى پۇتى يەرگە مىخلىنىپ قالغاندەك مىدىر سىدىر قىلمىدى.
_ يەنە ئىتتىرىدىغان بولسىڭىز سىزگە ئېسىلىۋالىمەن_ دەپ تەھدىت سالدى ھەسەن. ئۇنىڭ ئۇ مىجەزىدە ئۇنداق قىلمايدۇ دېگىلى بولمايتتى. مېنىڭ مىدىرلىماي جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ كىيمىمنى ئوڭشاپ قويدى.
ئابلەت ئەپەندىمنىڭ شۇ تاپتىكى چىرايىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، ئۇ ئەسلىمۇ مېنى ياقتۇرمايتتى، ئەمدى تېخىمۇ كۆرەر كۆزى يوق بولۇپ كىتىدىغان بولدى. ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇلار تۇرغان تەرەپكە قارىدىم، ئابلەت ئەپەندىم بىزگە قاراپمۇ قويماي يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتى، لېكىن ئايگۈل ھەدەم سەل نېرىغا بارغاندىن كېيىن ماڭا شۇنچىلىك غەزەپ بىلەن قارىدىكى، ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ھەسەننى كۈچەپ تۇرۇپ ئىتتىردىم، ئۇ تەييارلىقسىز تۇرغان بولسا كېرەك، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ كەتتى.
_ سىز زادى نىمە قىلماقچى؟_ سورىدىم مەن ئاچچىق بىلەن.
ھەسەن مېنىڭ ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتەي دەۋاتقان ھالىتىمنى تاماشا قىلىپ كۈلۈپلا قاراپ تۇردى. شۇ تاپتا ئاچچىقتىن چىشلىرىم كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىگىز بارمىقىنى چىقىرىپ پىشانەمگە چېكىپ قويدى.
_ ئەخمەق قىزچاق، قوشۇمىڭىزنى تۈرمەڭ، قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ چوڭ چوڭ چامداپ ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتىم. ئۇ مېنى توسماي كەينىمدىن ئاستا ماڭدى. ئۇنىڭ پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا مەن ھەرقانچە تېز ماڭساممۇ ئۇ بىردەمدىلا ماڭا يېقىنلا كېلىپ قالدى. مېھراي مېنى سىرتتا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، مەن مېھراينىڭ يېنىغا بېرىپ بولغىچە ھەسەنمۇ ماڭا يىتىشىۋالدى. ئۇ يانچۇقىدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى چىقىرىپ كۇنۇپكىسىنى بېسىۋىدى، ماشىنىسىنىڭ چىرىقى ئىككى قېتىم ياندى.
_ ماشىنىغا چىقىڭلار، مەن ئاپىرىپ قوياي_ دېدى ئۇ مېھراي ئىككىمىزگە قاراپ.
مەن مېھراينىڭ قولىنى تارتىپ ھەسەننىڭ ماشىنىسىغا چىققىلى قويمىدىم. ئۇنىڭ كۆڭلىدە نىمە چوت سوقۇۋاتقىنىنى كىم بىلىدۇ؟ ھەسەن ماشىنىغا چىقىپ ماشىننىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ بىزگە قاراپ تۇراتتى.
_ چىقىڭلار.
_ بولدى، ئۆزىمىز تاكسى بىلەن كېتىمىز، سىز مېڭىۋېرىڭ_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي.
_ شۇنداقمۇ؟_ دېدى ھەسەن كالپۇكىنى چىشلەپ.
_ نازىيە ئاچا، ھەسەن ئاكامنىڭمۇ ياخشى كۆڭلى. ھەسەن ئاكام ئاپىرىپ قويسۇنچۇ بولمىسا. بالا بىلەن بىزگىمۇ جاپا بولۇپ قالىدىكەن.
مەن سەل نارازى بولۇپ مېھرايغا قارىدىم، لېكىن مېھراي بۇ چاغدا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بولغان ئىدى.
_ كېرەك يوق، چىقىڭە، ھەسەن ئاكام ئاپىرىپ قويىدۇ.
مېھراينىڭ نىمىشقا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىققىنىنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم. ئۇ ئاللىبۇرۇن ماشىنىغا چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئۇنى يالغۇز ھەسەن بىلەن يولغا سېلىپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي ئامالسىز مەنمۇ چىقتىم. ئۇنىڭ ماشىنىسىمۇ خېلى ئېسىل ماشىنىدەك قىلاتتى، ئەمما مەن ماشىنىدا چوغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغاندەك بىئاراملىق ئىچىدە ئولتۇردۇم. ھەسەن چوڭ يولدا قورقماي ماشىنا ھەيدەپ ماڭغىنىغا قارىغاندا پراۋىنى ئېلىپ بولغاندەك قىلاتتى. ھەسەن مېھراينىڭ ئۆيى بار ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىنى توختىتىپ، پورتمالىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقىرىپ مېھرايغا سۇندى. مېھراي پۇلنى ئالغىلى ئۇنىمىدى. ھەسەن پۇلنى بالىنىڭ يۆگىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى.
_ ئېلىڭە، بالىڭىزغا بىرەر نەرسە ئېلىپ بېرەرسىز.
مېھراي يەنە جاھىللىق قىلىۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ پۇلنى ئالدى.
_ رەھمەت سىزگە، ھەسەن ئاكا.
ئۇنىڭغا تېخىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتىم. ھەسەن زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا يامان ئادەمدەك قىلمايتتى. مېھراي بىز بىلەن خوشلىشىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدى.
_ توختاڭ، مەن بىللە ئەچىقىپ قوياي. _ شۇنداق دەپ ماشىنىدىن چۈشۈشكە تەمشەلدىم.
_ بولدى، ئۆزۈم چىقىپ كىتەلەيمەن، ھېلىمۇ بۈگۈن سىزنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم، نازىيە ئاچا.
_ ئۆيۈڭلارنىڭ يا لىفىتى بولمىسا، ئالتىنچى قەۋەتكە بالا بىلەن بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ قانداق چىقىسىز؟ _ ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسە كېرەكلەرنى ئالدىم.
ئايقىز ماشىنىدا ئۇخلاپ قالغان، ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن مېھراي بالىنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ مېھمانخانا ئۆيگە چىققاندا ئۇنىڭدىن ئۇدۇللا سورىدىم.
_ مېھراي، سىز ھەسەننى قانداق تۇنۇيسىز؟
مېھراي ئالدىرىماي كىرىپ چاي قاينىتىپ بىر چەينەك چاي دەملەپ چىقىپ، پىيالىگە قۇيۇپ ماڭا سۇندى ۋە كرىسلودا ئولتۇرۇپ ئاندىن سۇئالىمغا جاۋاب بەردى.
_ شېرزات بۇرۇن ھەسەن ئاكام، سەمىلەر بىلەن بەك يېقىن ئۆتەتتى. مەنمۇ دائىم شېرزاتنىڭ كەينىدىلا يۈرگەچكە ئۇلار بىلەنمۇ دائىم كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق، شۇڭا تۇنۇيمەن.
_ ئۇ زادى قانداق ئادەم؟_ يەنە سورىدىم. مېھراي بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى.
_ ھەسەن ئاكام بەزىدە بەك ئاچچىقى يامان كۆرۈنىدۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقىي ئوغۇل بالىدەك ئادەم. شۇڭا شېرزات ئۇنى بەك ۋاي دەيتتى. ئۇ چاغدا شېرزات تېخى ماشىنا ھەيدەشنى بىلمەيتتى، لېكىن ماشىنا ھەيدەشكە ئامراق ئىدى. ئۇ تېخى شوپۇرلۇق مەكتەپكە كىرمەي تۇرۇپلا ھەسەن ئاكام ئۇنىڭغا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەتكەن. كېيىن شېرزات پراۋىسىز ھەسەن ئاكامنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ۋەقە چىقىرىپ قويغان، شۇ چاغدا ۋەقەنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر بولغان. شۇ چاغدا ھەسەن ئاكاممۇ ماشىنىدا بار، يەنە كېلىپ ھاراق ئىچىۋالغان ئىكەن، قاتناش ساقچىلىرى كەلگەندە ماشىنىنى مەن ھەيدىدىم دەپ تۇرىۋالغان. ساقچىلار ئۇنى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن دەپ پراۋىسىنى بىكار قىلىۋەتكەن.
ئەسلىدە ئۇنىڭ پراۋىسى مۇشۇنداق قىلىپ يوق بوپتىكەندە. مېھراينىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ مېھراي بىلەن بالىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا شېرزات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكنى ھېس قىلدىم. لېكىن ئۇ ماڭا ئۈمىدلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئۆچى بارلىقىنى ئېيتقان، ئۇنداقتا ئۇ شېرزات بىلەن مەقسەتلىك يېقىنلاشقان ئوخشىمامدۇ؟ كاللام ئېلىشىپلا كەتتى.
مېھراي بىلەن خوشلىشىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىغا چىقسام ھەسەننىڭ ماشىنىسى تېخىچە تۇرۇپتۇ. مېنىڭ چىققىنىمنى كۆرۈپ ئۇ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ ماڭا قارىدى.
_ تېخىچە كەتمەي تۇرۇپسىزغۇ؟
_ سىزنى ساقلاۋاتىمەن_ دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي، ماشىنىسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ تاكسى توسۇش ئۈچۈن قولۇمنى كۆتۈردۈم. ئۇ ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇپ ئاستا يېنىمغا كەلدى.
_ بۈگۈن ئۈمىدنىڭ نىمە ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىگە بارمىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
دەرھال كەينىمگە قارىدىم.
_ بىلگۈڭىز بولسا ماشىنىغا چىقىڭە.
ھەسەن ئۆزىگە تولۇق ئىشەنگەن ھالدا كۈلۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى. قارىغاندا ئۇ مېنڭ ماشىنىسىغا چىقىدىغانلىقىمغا يۈزدە يۈز ئىشەنسە كېرەك. مەن بىر نەچچە سىكۇنت ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. ئۇ ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن ئېڭىكىنى بىر سىلاپ قويغاندىن كېيىن ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. ھەسەننىڭ گېپىدىن قارىغاندا ئۈمىدنىڭ بۈگۈن سوت مەھكىمىسىگە بارماسلىقىدا بىر سەۋەب بار ئىكەن، ئۈمىد مېنىڭ ئېرىم، ئۇنىڭ ئۆزى شۇنچىۋالا مۇھىم بىلگەن سوت مەھكىمىسىگە بارماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەلۋەتتە بىلگۈم كېلىدۇ-دە.
بىز ماڭغاندا نەقلا ئىشتىن چۈشۈش قاتناش يۇقىرى پەللىسى ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغاچقا يولدا ماشىنىلار ئىنتايىن كۆپ، بىز ئاستا ئاستا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتۇق. يۈرىكىم قاتتىق سېلىشقا باشلىدى، ئۈمىد بىلەن تېزرەك كۆرۈشكۈم بار، لېكىن يەنە قورقۇپمۇ تۇرىمەن. ماڭا ھەسەننىڭ كۈلۈشلىرىدە بىر ياخشى بولمىغان مەنالار باردەكلا بىلىنىپ كىتىۋاتاتتى. ماشىنا ئاخىرى توختىدى، دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام بىر رېستۇراننىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتىمىز. ئۈمىد مۇشۇ رېستۇراننىڭ ئىچىدە ئوخشىمامدۇ؟ سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە ئالدىراپ ماشىنىدىن تېزلىكتە چۈشتۈم. ئۇنىڭغىچە ھەسەن ماشىنىدىن چۈشۈپ رېستۇراننىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭغان ئىدى، مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقتىم. ئۇ دېرىزىگە يېقىن بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى، كۈتكۈچى كېلىپ بىزگە چاي قۇيدى ۋە تاماق تىزىملىكىنى سۇندى. ھەسەن ماڭا قاراپ:
_ نىمە تاماق يىگۈڭىز بار؟_ دېدى.
مەن تېخى ئۈمىدنى مۇشۇ يەردە ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ كىرسەم، ئۇ تاماق يىيىش ئۈچۈن كىرىپتىكەن ئەمەسمۇ. قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرسام، ئۇ كېلىپ مۈرەمنى بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
_ يۈزۈمنى قىلىپ قويۇڭ، باشقىلار بىزنى ئۇرۇشۇپ قالغان ئەر خوتۇنلاركەن دەپ قالمىسۇن يەنە.
ئورۇندۇقنى ئىچىگىرەك سۈرۈپ ئولتۇردۇم. ئۇ قەددىنى رۇسلاپ بېرىپ ئولتۇردى ۋە كۈتكۈچىنىڭ قولىدىكى تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ بىر نەچچە خىل قورۇما بويرۇتتى.
_ سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار، تامىقىڭلار ھېلىلا چىقىدۇ_ كۈتكۈچى ئەدەب بىلەن بىزگە شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئاچچىقىم بىلەن قارىدىم، ئەمما ئۇ يەنىلا كۈلگەن ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن تېخىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتىم.
_ سىز ئۈمىدنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنسىز، مېنى ئەخمەق قىپسىز.
بۇ چاغدا ھەسەن بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرۇپ، تاماكىنىڭ ئىسىدىن قېقىلىپ كەتتىمىكىن يۆتىلىپ كەتتى. ئۇ دەرھال ئالدىدىكى پىيالىدىكى چاينى بىر نەچچە يۇتۇم ئىچىپ يۆتىلى بېسىلغاندىن كېيىن قولىنى چىقىرىپ، بېلىكىدىكى سائىتىگە قارىدى.
_ ھازىر دېگەن تاماق ۋاقتى. ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش كېرەك.
_ بىر ۋاق تاماق يىمىگەنگە ئۆلۈپ قالمايتتىڭىز_ دېدىم مەن توڭلا.
_ مۇشۇ تاپتا سىزنى ئۈمىدنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىدىغان بولسام، ئۇ ئىككىمىزنىڭ بىللە كەلگىنىنى كۆرۈپ چوقۇم مەن بىلەن تۇتۇشىدۇ. تاماق يىمىسەم پۇت قولۇمدا ماغدۇر بولمايدۇ، ئۈمىدنىڭ بىر پەشۋاسىغا پايلىماي ئۇچۇپ كەتسەممۇ قاملاشماس.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىدىم. ئۇ زادى قەيەردىدۇ؟ تېلېفونى نىمىشقا ئىتىكلا تۇرىدۇ؟ نىمىشقا قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى ماڭا دېمەيدۇ؟
تاماق چىقتى، ھەسەن تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا تاماقنى مالاچلىتىپ يىيىشكە باشلىدى، قۇرسىقى راستلا بەك ئاچقان بولسا كېرەك. لېكىن مېنىڭ يىگۈم كەلمىدى. ھەسەن قورۇمىدىن بىر چوكا ئېلىپ مېنىڭ ئالدىمدىكى تەخسىگە سالدى.
_ ھە، يەڭە. قۇرساقنى لىق توقلاپ بارسىڭىز ئاندىن ئۇرۇشقىلى، تىللاشقىلى ماغدۇر بولىدۇ. قاچىدىغان ئىش بولسىمۇ تاماق يەپ ماغدۇر تولۇقلاپ بارغۇلۇق.
تاماق مېنى يىدىمۇ، يا مەن تاماقنى يىدىممۇ ئىشقىلىپ تەتۈر چايناپ خېلى ئۇزۇن ئولتۇردۇم. لېكىن ھەسەن يىيىشتىن توختاي دېمەيتتى. ئاخىرى تاقىتىم تاق بولۇپ گەپ قىلاي دەپ تۇرغاندا ئۇ ئاندىن چوكىنى قويۇپ ئاغزىنى ئالدىرىماي سۈرتتى.
بىز رېستۇراندىن چىققاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. ماشىنا بىلەن تەخمىنەن 20 مىنۇتلار ماڭغاندىن كېيىن ماشىنىنى بىر يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ئەكىرىپ توختاتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئەتراپقا سەپ سالدىم، بۇ يەر چەترەك جايدا، ماشىنا توختىتىش مەيدانىمۇ ئانچە ئېسىل ئەمەس، يەردە ئىچىملىك قۇتىلىرى، سۇلياۋ خالتا، تاماكا قالدۇقلىرى چېچىلىپ ياتاتتى.
_ ئۇ زادى قەيەردە؟
مېنىڭچە ئۈمىد بۇنداق جايغا كەلمەيتتى، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا قاراپ بىئارام بولۇشقا باشلىدىم. ھەسەن ئالدىمدا ماڭغاچ :
_ نىمىگە ئالدىرايسىز، بىردەمدىن كېيىنلا كۆرىسىز_ دېدى. ئۇ بىر ئەبجەق لىفىتقا چىقىپ ماڭا قارىدى، مەن لىفىتقا چىقىشنى رەت قىلدىم.
_ ئەگەر سىزنى ئۈمىدنىڭ يېنىغا ئېلىپ چىقمايدىغان بولسام مېنى نىمە قىلىۋەتسىڭىزمۇ كۆزۈمنى مىت قىلماي تۇرۇپ بېرىمەن.
قارىغاندا ئۇ ئۈمىدنىڭ قەيەردىلىكىنى راستلا بىلىدىغاندەك قىلاتتى. مەن بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئامالسىز لىفىتقا چىقتىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ساقلاپ لىفىتنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇرىۋالدىم. ئۇ يەر ئاستى 3-قەۋەتكە چۈشىدىغان كۇنۇپكىنى باستى. لىفىت بىلەن يەر ئاستى 3-قەۋەتكە بىردەمدىلا چۈشتۇق، ھەسەن ئالدىمدا لىفىتتىن چۈشتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۈشتۈم. بۇ يەردە قۇياش نۇرى دېگەننى كۆرگىلى بولمايتتى، سىمۇنت يەرنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە يىغىلىپ قالغان سۇلار تۇراتتى. ئالدىمغا ماڭغانسېرى قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم، ئۆزۈمنى يەنە بىر قېتىم ئەخمەقلىق قىلىپ قويدۇممۇ نىمە دەپ ئويلىدىم. مېنى تۇتقۇن قىلغان ئادەمنىڭ كەينىدىن مۇشۇنداق يەرگە كېلىپ يۈرگىنىمنى قارىمامدىغان، ئۇ يەنە بىر قېتىم مەندىن پايدىلانماقچى بولغان بولسىچۇ؟
خىيالىمنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغىچە كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا بېرىپ قالدۇق، ئۇ يەردە بىر قىزىل سىرلاقلىق ياغاچ ئىشىك بار بولۇپ ئىچىدىن ۋاراڭ چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەسەن ئىشىكنى ئىككى قېتىم يىنىك چېكىۋىدى، ياغاچ ئىشىكتىن تۆت بۇرجەك تۈشۈك ئېچىلىپ، ئىچىدىن بىر كۆز كۆرۈندى. كەينىدىنلا ئىشىك ئېچىلدى.
_ ھەسەن ئاكا، كەلدىڭىزما؟_ ئىشىكنى ئاچقان ئەر ھەسەنگە سالام قىلدى. ھەسەن باشقا گەپ قىلماي ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئىككىنى ئۇرۇپ قويۇپ ئىچىگە قاراپ ماڭدى، مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كىردىم. ئالدىمىزغا ئازراق مېڭىپ ئوڭغا قايرىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن قاراڭغۇ بىر كارىدورغا كىرىپ قالدۇق. مېنى بارغانچە سۈر بېسىشقا باشلىدى. مەن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن ھە؟ ئۆزۈم تىگى تەكتىنى بىلمەيدىغان، يەنە كېلىپ مېنى تۇتقۇن قىلغان بىر ئادەمنىڭ كەينىدىن «ئۈمىدنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىمەن» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق جايغا كېلىپ يۈرىۋاتىمەن. كىم بىلىدۇ ئۈمىد ھازىر ئۆيگە بېرىپ بولدىمۇ تېخى. ئەمدى بۇ يەردىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىپ كىتەمەن؟ لېكىن ماڭا ھازىر ئالدىمغا ماڭماقتىن باشقا ئامال يوق، كەينىمگە يانغان تەقدىردىمۇ بۇ يەردىن چىقىپ قايتىپ كىتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس. ئامالسىز ئۈن –تىنسىز ھەسەننىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم.
شۇ خىياللار بىلەن ئۇزۇن قاراڭغۇ كارىدوردىن ئۆتۈپ سولغا بۇرۇلۇپ يەنە بىر تار يولغا كىردۇق. بۇ يەردىن ئۇزۇن ماڭمايلا ھەسەن بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ ماڭا بىر قاراپ قويۇپ ئىشىكنى چەكتى. ئىچىدىن كىم دېگەن ئاۋازمۇ چىقمايلا ئىشىك ئېچىلدى. ئۇ ئۆي بەك چوڭمۇ ئەمەس، ئىچىدە تۆت كىشىلىك بىرلا ئۈستۈل قويۇلغان، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە توغرا كەلتۈرۈپ بىر ئاسما چىراق ياندۇرۇپ قويۇلغان. ئۆي ئىچىدە ئۈچلا ئادەم بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىسى ئۈستەلدە بىر بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرغان، يەنە بىرى ئۆرە تۇرغان ئىدى. ئۈستەلدە ئىشىككە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغىنى ئۈمىد، ئۇ مېنىڭ كىرگىنىمنى بىلمىدى.
_ ھە ، ھەسەن ئۇكام، كەلدىڭمۇ؟_ ئىشىككە ئالدىنى قىلىپ ئولتۇرغان كىشى ھەسەنگە قارىدى. _ دەل ۋاقتىدا كەپسەن.
_ ئۈمىد باش دېرىكتورنى يالغۇزلۇق قىلىپ قالمىسۇن دەپ ياردەمچىدىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم_ دېدى ھەسەن.
ئۈمىد شۇنىڭغىچە مەن تەرەپكە قارىمىغان ئىدى، ھەسەننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئالدىرىماي كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېنى كۆردى، دەقىقە ئارىلىقىدا ھەيران قالغاندەك بولدىيۇ، ئۆزىنى شۇنچىلىك تېز ئوڭشىۋالدى.
_ قېنى، كېلىپ يېنىمدا ئولتۇرۇڭ، مەلىكەم، سىز يېنىمدا ئولتۇرسىڭىز كۆڭلۈم تېخىمۇ توق تۇرىدىكەن _ دېدى ئۈمىد ۋە قولۇمدىن تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزىۋالدى.
ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى تۆت بۇرجەك ئۈستەلدە ئۈمىدنىڭ ئالدىدا بىر پارچە خەرىتە، قارشى تەرەپنىڭ ئالدىدا بىر بارماق دېسكا تۇراتتى. ئۈمىدنىڭ ئالدىدىكى خەرىتە بىپايان شىركىتىنىڭ قۇرۇلما خەرىتىسى ئىدى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















