
بۇ ئەسەرنىڭ 128-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
127 |
127-قىسىم
چۈشۈممۇ، ئوڭۇممۇ دەپ ئۆزۈمنىڭ يۈزۈمنى چىمداپ باقتىم، چىمدىسام ئاغرىدى، دېمەڭ ئوڭۇمكەن. بىر ئىستاكان سۈت ئالدىمغا قويۇلدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ھەسەن ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.
_ قىزچاق، سەھنىدە سۆزلىگەن ھالىتىڭىزنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم.
_ بۇ يەر سىزنىڭما؟ مۇشۇنچىۋالا چوڭ مېھمانساراي سىزنىڭما؟
_ نېمە؟ يالغانمىكىن دەۋاتامسىز؟
_ ياقەي، لېكىن مەنمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن. سىز ئىزچىل ئۈرۈمچىدىلا يۈرەتتىڭىزغۇ؟ قاچانلاردا بۇ يەردە بۇنچىۋالا چوڭ مېھمانساراي ئېچىپ كەتتىڭىز؟ بۈگۈن قارىسام بۇ يەردىكىلەر سىزنى خېلى چوڭ بىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
_ۋوي، بىر ئىشلارنى كۆزىتىپ، تەھلىل قىلالايدىغان بوپسىز، خېلى ئەقىل كىرىپ قاپتۇ ھە.
ئۇنىڭغا ئالايدىم. ئۇ كۈلۈپ كەتتى.
_ سىزمۇ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتمامتىڭىز؟ قاچانلاردا بۇ يەرگە كېلىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ قالدىڭىز؟
پەرىزىمچە ئۇ مېنىڭ نىمە سەۋەبتىن بۇ يەرگە كەلگىنىمنى بىلىدۇ، بىلىپ تۇرۇپ سوراۋاتقىنىنى دەپ ئويلاپ جاۋاب بەرمىدىم.
_ ھەي، ئۇ بىلىملەرنى كىمدىن ئۆگەندىڭىز؟ بايا سەھنىدە تۇرغان ھالىتىڭىزگە قارىسام بۇرۇنقى ئىنجىمارۇق نازىيە ئەمەس، باشقا بىرى تۇرغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى. ئەقىل پەللىلىرىڭىزنى كىم ئېچىۋەتتى؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن كۈلۈپ كەتتىم.
_ يىقىلغان يېرىدىن تۇرۇش دەيدىغان گەپ بارغۇ. ئادەمگە ھېچقانداق چېكىنىش يولى قالمىغاندا مۇشۇنداق قورقماس، قەيسەر بولۇپ كېتىدىكەن.
بۇ گەپنى دەۋېتىپ ئۈمىدنىڭ بىر گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. «دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، بەلكى يۈز قېتىم يىقىلىپ چۈشسە 101-قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىغا ماڭالىغان كىشى، چۈنكى ئالدىدىكىسى قورقماس بولسا كەينىدىكىسى قەيسەر كىشى بولىدۇ». ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولساممۇ ئۇنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن كۆز قاراشلىرى ماڭا ھەقىقەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتاتتى.
_ سىز سېتىۋالغان ئۈچ يۈز كىشىلىك ئەزالىقنى بىكار قىلىۋېتەي، ھېلىمۇ سىزنىڭ ياردىمىىڭىزدە بۈگۈن ناھايىتى زور نەتىجىگە ئېرىشتىم.
_ ياق، ياق، ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ. مەن بايا شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا دېگەن تۇرسام، نۇرغۇن خىزمەتچىلەرمۇ ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا خۇجايىن گېپىدە تۇرمايدىكەن دېگەن ئاتاقنى كۆتۈرسۇن دېمەيدىغانسىز؟
_ مەيلى ئەمىسە، ئېشىپ تېشىپ تۇرغان پۇلىڭىزنى خەجلەپ قويۇڭ.
كېيىن ئۇ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇ مېنىڭ گەپ قىلماي جىم ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ سورىدى:
_ قىزچاق، نىمە بولدىڭىز؟ بۈگۈن كەچتە شۇنداق كۆپ پۇل تېپىپمۇ خۇش بولمىدىڭىزما؟
_ دۇكىنىم كىچىككىنە دۇكان تۇرسا، شۇنچە كۆپ خېرىدارغا قانداق مۇلازىمەت قىلارمەن دەپ غېمىم شۇنىڭدا قالدى. مەن بۈگۈن كەچتە تەشۋىقات قىلىش مەقسىتىدىلا كەلگەن، بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئەزالىق كارتىسى بىجىرىشىنى ئويلىماپتىمەن.
_ بۇنىڭ غەم قىلغۇدەك نېمىسى بار؟ ھازىر قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭىز قولىڭىزدىكى پۇل بىلەن تىجارەت دائىرىڭىزنى كېڭەيتىش، دۇكىنىڭىزنى چوڭايتىش. ئۇلارنىڭ كىرىدىغان جايىنىڭ قانداقلىقى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار كىرىدىغان جاينىڭ ئېسىل، كاتتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۈگۈن كەچتەبۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ پۇلى كەم ئەمەس، ئۇلارغا يۈز كېرەك.
ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسى بار. ئۆيگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئۇ توختىتىۋالدى.
_ توختاڭە، سىزمۇ ئەمدى چوڭ خۇجايىن بولدىڭىز، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە تۇرىۋەرسىڭىزمۇ بولمايدۇ، ئۆزىڭىزگە تەۋە ئۆي بولۇشى كېرەك.
بۇ ئىشنى مەنمۇ ئويلىغان، خۇجايىن بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆيۈم بولۇشى كېرەك دەپ ئويلىمىدىم، لېكىن ھازىر ساتتار دوختۇرنىڭ دوختۇرخانىسىدا ئىشلىمىگەندىكىن، يەنە تۇرىۋېرىشتىن ئۆزۈممۇ خىجىل بولۇپ قالدىم. ئۇلارغۇ ھېچنىمە دېمىدى، شۇنداقتىمۇ بۇنداق يۈزى قېلىنلىق قىلىۋەرسەممۇ بولماس.
_ راس دەيسىز، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆي ئىزدەي، ئۆي تاپقان ھامان كۆچۈپ چىقىپ كېتەي.
_ دېمەكچى بولغىنىم......
_ بەك كەچ بولۇپ كەتتى، سىزمۇ بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئېلىڭ، مېنى ئەكىلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت، خوش _ شۇنداق دەپلا ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم.
ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ يېتىپلا تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپ، كيۇكيۇنى ئېچىپ چايكىغا خەت يازدىم، ئۇنىڭغا بۈگۈنكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگۈم كېلىپ ئالدىراپ كېتىۋاتاتتىم.
_ ياخشىمۇسىز؟_ دەپ ئۇچۇر يوللىدىم. ئۇ ناھايىتى تېزلا قايتۇردى.
_ ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
_ مەنمۇ ياخشى، سىزگە بىر ئىشنى دەپ بېرەي._ شۇنداق دەپ بۈگۈن بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي يازدىم. ئۇ يەنە ئۇچۇر قايتۇردى.
_ مۇبارەك بولسۇن، سىز ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن، ئارزۇيىڭىزغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىپسىز، غەيرەت قىلىڭ، ئەتىڭىز تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى!
شۇنداق، ئەتە تېخىمۇ گۈزەل!
ئەتىسى ئۆيدىن چىقىشىمغا ھەسەننىڭ ماشىنىسى تۇرغىنىنى كۆردۈم. ئەگەر تۆنۈگۈن كەچتە ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولسام ئۇنى كېچىچە مۇشۇ يەردە تۇرۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالارمەكەنمەن. مەن ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ ماشنىنى قوزغىتىشقا بەك ئالدىراپ كەتمىدى.
_ تۆنۈگۈن كەچتە مېنىڭ باشلاپ بېرىشىم بىلەن شۇنچە كۆپ خېرىدارلار ئەزالىققا تىزىملاتتى. ئۇلار كېلىپ دۇكىنىڭىزنى كۆرۈپ مېنى تىللاپ كەتمىسۇن، مۇشۇ نەچچە كۈندە سىزگە ياردەملىشىپ دۇكان ئىزدىشىپ بېرەي، خۇسۇسى شوپۇرىڭىز بولاي، قانداق؟ خوش بولۇپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن.
_ ئەلۋەتتە خوش بولىمەن دە. شوپۇر، ماشىنىنى ھەيدەڭ.
ھەسەن كۈلۈپ كەتتى ۋە ماشىنىنى قوزغاتتى. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە ئۇ ماڭا ياردەملىشىپ دۇكان تاللاش، بېزەش ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردى، ئىككىمىزلا يىتىشەلمىگەن ئىشلارغا مېھمانسارايدىكىلەرنى چاقىرىپ ياردەملەشتۈردى.
_ قىزچاق، بىر ئادەمنىڭ زېھنى، كۈچى چەكلىك بولىدۇ، خۇجايىن دېگەن باشقىلارنى ئىشقا سېلىشنى بىلىشى كېرەك، ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز يۈگۈرمەڭ، ئادەم ئىشلىتىڭ_ دېدى ئۇ.
دېمىسىمۇ ھازىر دۇكىنىمنىڭ كۆلىمى كېڭەيدى، ئادەم ئىشلەتمىسەم راستلا بولمايدۇ. قوبۇل قىلىنغان ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم تەربىيىلىدىم، ئۇلارنى تېخنىكا جەھەتتىلا ئەمەس، خېرىدارلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ تەربىيىلىدىم. ھەسەننىڭ مېھمانسارىيىدىكىلەر ياردەملىشىپ، ئۇ ئۆزى ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرۇپ قاراپ بەرگەچكە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان كاتتا ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزى ئىنتايىن تېزلا ئىشقا كىرىشتى. ئەمدى بۇنىڭغا ئىسىم قويۇش ئەڭ مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى، نىمە دەپ ئىسىم قويۇش كېرەك؟ بۇنىڭغا ساتتار دوختۇر بىلەن مىنەۋەر خانىمنىڭ ئىسىمىنى قوشۇپ كىرگۈزۈپ بىر ئىسىم تاللىسام بولاتتى دەپ بەك كۆپ ئويلاندىم. لېكىن زادىلا مۇۋاپىق ئىسىم تاپالمىدىم. ئاخىرى بۇنىڭغا يەنە ھەسەن ئەقىل كۆرسەتتى.
_ مەيلى ساتتار دوختۇر بولسۇن ياكى مىنەۋەر خانىم بولسۇن ھۈنىرىنى سىزگە ئۆگەتتى، بۇنىڭدا يەنىلا سىز ئاساس، شۇڭا مەركەزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ «نازى» دەپ ئىسىم قويسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.
ئۇنىڭ بۇ مەسلىھەتى ماڭىمۇ تازا ياقتى، شۇنىڭ بىلەن مەركىزىمىزنىڭ ئىسمى « نازى جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزى» دەپ بېكىتىلدى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان بۇ ياق بۇ ياققا چېپىپ بەك ھاردۇق يېتىپتۇ. بىر كۈنى دۇكاننىڭ ئالدىدا ۋىۋىسكىغا قاراپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ دەلدەڭشىپ كەتتىم. ھېلىمۇ ياخشى يېنىمدا ھەسەن بار ئىدى، يۈگۈرۈپ كېلىپلا يۆلىدى.
_ نىمە بولدىڭىز؟
_ ھېچنىمە، چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.
ئۇ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئويلاپ باقسام بويۇمدا قالغاندىن بۇيان بىرەر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقماپتىمەن.
بىرەر قۇر تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن دوختۇر ماڭا:
_ مۇبارەك بولسۇن، خانىم، قوشكېزەككە ھامىلدار بولۇپسىز_ دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ خېلىغىچە ئېسىمگە كېلەلمىدىم. ھەسەن مەندىنمۇ بەكرەك ھەيران قالغان ئىدى. ھېلىدىن ھېلىغا تەكشۈرۈش قەغىزىنى قولۇمدىن ئېلىۋېلىپ قارايتتى.
_ قوشكېزەكمىكەن؟ قوشكېزەك دەڭ. بۇ يا مېنىڭ بالام بولمىسا، مەن نىمىگە بۇنچىۋالا خوش بولۇپ كېتىمەن دەيمەن، قىززىق.
ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. راستىمنى ئېيتسام مەنمۇ بەك خوش بولىۋاتاتتىم. يېقىندىن بۇيان ئالدىراشچىلىقتا ئۈمىدنى ئويلىغۇدەك ۋاقىتمۇ يوق، ئەمما تەكشۈرۈش قەغىزىنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز ئۇنى ئىنتايىن سېغىنىپ كەتكىنىمنى ھېس قىلدىم. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كومپيۇتېر ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تەكشۈرۈش قەغىزىگە قاراپ ئۇزۇن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم. شۇ كۈنى كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۇ ھازىر نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟ مېنى سېغىنىغانمىدۇ؟ ئەگەر ئۇ قوشكېزەك بالىنىڭ دادىسى بولىدىغانلىقىنى بىلسە خۇش بولارمۇ؟ تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم كەلدى، لېكىن يان تېلېفونۇمدا تېلېفون قىلسام بولمايتتى، ئۆينىڭ تېلېفونىدا تېلېفون قىلساممۇ بولمايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ مېنىڭ قەيەردىلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرنى ئېچىپ تور تېلېفونىدا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئۇلىنىۋاتقان شۇ دەقىقىدە يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ يۈرىكىمگە ئارام بېرىدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ۋەي.
ئاغزىمنى ئېتىۋېلىپ ئاۋاز چىقارمىدىم، مەن گەپ قىلمىسام ئۇمۇ گەپ قىلمىدى. خېلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى.
_ خاتا ئۇرۇپ قالغان تېلېفون ئىكەندە، ھېچقىسى يوق، مېنىڭمۇ بىرەسى بىلەن پاراڭلاشقۇم كېلىپ تۇرغان.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھاراق ئىچكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاشقازان ئاغغرىقى ئېسىمگە كېلىپ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.
_ مۈشۈكنى قانداق باقىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۆيىمىزدە بىر مۈشۈك بار ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئاسلانچاق، بۇ ئىسىمنى ئايالىم قويۇپ قويغان، بۇرۇن مۈشۈككە ئايالىم قارايتتى، شۇڭا مۈشۈكمۇ ئايالىمغا بەك ئامراق ئىدى، ئايالىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مۈشۈكمۇ ماڭا يېقىن كېلىشنى خالىمىدى، قېنى دەڭە، مەن قانداق قىلسام بولىدۇ؟ ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئايالىمنى بەكلا سېغىنغاندەك قىلىدۇ.
مەن گەپ قىلمىدىم، ئەمما بۇرنۇم ئېچىشىپ كۆزۈمدىن ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم، ئۇ چوقۇم بىرىنچى قەۋەتتىكى كرىسلودا يېتىپ بىر قولىدا تېلېفوننى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا مۈشۈكنى سىلاۋاتىدۇغۇ دەيمەن. ئۈستەلدە بىر نەچچە پىۋا بوتۇلكىسىمۇ بار ھەقىچان. ئۇ بىرنى كىكىرىۋېتىپ يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇدى.
_ مەن دائىم شۇنداق ئويلايمەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ كىرسەملا مېزىلىك تاماق پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلسا، ئاندىن ئۇ ئالدىغا پەرتۇقنى تارتىپ چىقىپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ«قايتىپ كەلدىڭىزما؟ تاماق تەييار بولۇپ قالدى، سومكىڭىزنى قويۇپ، قولىڭىزنى يۇيۇپ ئۈستەلگە كېلىڭە» دېسە...... راستلا مۇشۇنداق كۈن كەلسە خۇشلۇقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەرمۇ؟ ئەمما مەن يەنە قورقىمەن، ئۇنى يېنىمدا تۇرسا خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەي قالارمۇ؟ ئۇنى يەنە جاپا تارتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن. بەزىدە كېچىسى ئىشىك ئۇرۇلغان ئاۋازنى ئاڭلىسام ئۇنى قايتىپ كەلدىمىكىن دەپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچىمەن، لېكىن ئىشىك ئالدىدا ھېچكىم يوق، قۇپقۇرۇق، ھە، خىيالىمكەندە دەپ سالپىيىپ كىرىپ كېتىمەن. شۇڭا بەزىدە كاللامدىن چاتاق چىققانمىدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
ئاۋازىم چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئاغزىمنى چىڭ تۇتىۋالدىم، لېكىن كۆز ياشلىرىم بارماقلىرىمدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى. تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. ئۇ نىمىشقا بۇنداق دەيدۇ؟ ئەسلى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەتكەندىن كېيىن ئۇ خاتىرجەم ھالدا رازىيەنى ئۆيگە ئېلىپ كېلىپ، ئىككىيلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسە بولاتتىغۇ. ئۈمىد، رازىيە ئۈچىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئويلاپ يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاستا قورسىقىمنى سىلىدىم، قۇرسىقىمدا ئىككى جان بار، ئۇلار مېنىڭ ئۈمىدىم، ئۇلار مېنىڭ بارلىقىم.
كاللامنى بىر سىلكىۋېتىپ مىنەۋەر خانىم بەرگەن بارماق دېسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ يەنە ئۆگىنىشنى باشلاپ كەتتىم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ قالسام ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرمەيدىغان بولۇشۇمنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالىشىمنى ئارزۇ قىلىمەن.
ھېلىقى كۈنى تىزىملاتقانلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق كارخانىچىلار بولغاچقا «نازى» دېگەن ماركا ناھايىتى تېزلا تۇنۇلۇپ كەتتى. بىر كارخانىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە پارچە كىتاب ئوقۇپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەن كارخانا باشقۇرۇش كەچلىك كۇرسىغا تىزىملاتتىم. قاتناشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەنلىك ماشىنىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئادەمنى ھەيدىۋالغان ماشىنىسىغا قاراپ باھالايدىكەن، ئەمما مەن ماشىنا ئولتۇرغۇدەك بولسىلا بولدى دەپ ئويلايمەن. ماشىنىغا بىر مۇنچە پۇلنى خەجلىگەندىن كۆرە، ئۇنى خىزمەتچىلەرگە مائاش قىلىپ تارقىتىپ بەرسەم، ئۇلارنىڭ ئاكتىپىلىقى تېخىمۇ ئاشسا ياخشى ئەمەسمۇ.
ماشىنىنى ئالغان كۈنى ھەسەن مەن بىلەن بىللە بېرىپ ماشىنىنى ھەيدىدى، مەن يېنىدا ئولتۇردۇم. ماشىنىنى ھەيدەۋېتىپ ئۇ كۈلۈپ كەتتى.
_ نىمىگە كۈلىسىز؟_ دەپ سورىدىم.
_ ئېسىمدە قېلىشىچە پراۋىڭىزنى تېخى ئېلىپ بولالمىغانغۇ دەيمەن_ دېدى ئۇ.
_ پراۋام بولمىسا نىمە بوپتۇ؟ ماشىنا ھەيدىيەلمىسەم ھەيدىيەلەيدىغان ئادەمنى تەكلىپ قىلىمەن. خۇجايىن دېگەن ئادەم ئىشلىتىشنى بىلىشى كېرەك، ئۆزىڭىز شۇنداق دېگەنغۇ؟
_ ياخشى، ياخشى، ئەمدى خۇجايىنغا ئوخشاۋاتىسىز_ دېدى ئۇ.
_ ئەلۋەتتە_ دەپ كۈلدۈم مەن.
قايتىپ بارغاندىن كېيىن شوپۇر تەكلىپ قىلىش ئېلانى چىقاردىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلىكىلا نۇرغۇن قىزلار كەلدى. ئېلان چىقارغان چاغدا ئالاھىدە قىلىپ قىز شوپۇر قوبۇل قىلىنىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن بولغاچقا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قىزلار ئىدى. كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شوپۇرلۇق پراۋىسى بار، نەچچە يىللىق ماشىنا ھەيدەش تەجرىبىسى بار، تېخنىكىسى ياخشى بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاش ھەقىقەتەن قىيىنغا چۈشتى.
تۇيۇقسىز بىر قىزنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.
_ مەن تەيچۇەنداۋ ئۆگەنگەن.
ئىشخانىغا كىرىپ كېتىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئادەم بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپلا قاراپ قىسقا چاچلىق بىر قىزنى كۆردۈم ۋە :
_ مۇشۇ قىز بولسۇن_ دېدىم. ئۇ قىز سەل ھەيران بولغاندەك ماڭا قاراپ قويدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى.
ئۇنىڭ تەقى تۇرقى، قىسقا چېچى، تەيچۇەنداۋ ئۆگەنگىنى...ئىشقىلىپ نۇرغۇن تەرەپلىرى نىگارەگە ئوخشايتتى، شۇڭا ھېچ ئىككىلەنمەيلا ئۇنى شوپۇرلۇققا تاللىدىم.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















