大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 129 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 129  - قىسىم aybarawazi
2023-10-18
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 130-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

129-قىسىم  


     بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىر كۈنى مەن ھەرقايسى شەھەرلەردىن ئەۋەتىلگەن تارماق دۇكان ئاچقۇسى بارلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بولغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ،  كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ، ھارغىن قەدەملىرىمنى سۆرەپ چىقسام تۇرسۇنئاي مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ خىجىل بولۇپ قالدىم. 

_ بەك سەت بولدى، ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇرۇپ سائەتكە قارىماپتىمەن، سىزنى بەك كەچ قويدۇم ھە. 

_ ياقەي، ماڭا ھېچنىمە بولمايدۇ، لېكىن سىزنىڭ ئاي كۈنىڭىز يېقىنلىشىپ قالدى، بەك چارچاپ كەتسىڭىز بولمايتتى_ دېدى تۇرسۇنئاي. 

مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ، قېتىپ كەتكەن بوينۇمنى ھەرىكەتلەندۈرگەچ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدىم.  ماشىنىغا چىقىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن ئۇ ماشىنىنى توختاتتى. 

_ نىمە بولدى؟_ سورىدىم مەن. 

_ بالون سەل بىنورمال تۇرىدۇ، قاراپ باقاي. 

ئۇ پەسكە چۈشۈپ تۆت بالوننىڭ ھەممىنى بىر قېتىم تېپىپ چىققاندىن كېيىن:

_ يېلى چىقىپ كېتىپتۇ_ دېدى.  سائەتكە قارىدىم ۋە ماشىنىدىن چۈشتۈم.

_ بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ، تۇرسۇنئاي. ماشىنا مۇشۇ يەردە قېپقالسۇن، بىز تاكسى بىلەنلا كېتەيلى، ئەتە رىمۇنتچىلىق زاۋۇتىغا تېلېفون قىلساق كېلىپ ئالماشتۇرۇپ بەرسۇن. 

گېپىمنى دەپ بولۇپ تۇرۇشۇمغا  يېنىمىزدىلا بىر نەچچە ئەر پەيدا بولدى، تۇرسۇنئاي بىر قاراپلا ئۇلارنىڭ بىزنى كۆزلەپ كەلگىنىنى سېزىپ قالغان بولسا كېرەك، دەرھال يېنىمغا كېلىپ مېنى توسۇپ تۇرىۋالدى. 

_ سىز ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇڭ. 

ئۇنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن ھېلىقى بىر نەچچە ئەر كېلىپلا تۇرسۇنئايغا قولىنى ئۇزاتتى.  تۇرسۇنئاي ئۇلارنى ماڭا يېقىن كەلتۈرمىدى، ئۇنىڭ ماھارىتى خېلى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن بەستلىك بىر نەچچە ئەرگە يالغۇز تاقابىل تۇرۇشى سەل قىيىنغا چۈشۈۋاتاتتى. 

_ بولدى ئۇرۇشماڭلار، سىلەرگە نەچچە پۇل كېرەك؟_ دېدىم مەن ئۇ ئەرلەرنى ئۇرۇشۇشتىن توختاتماقچى بولۇپ.  ئۇلار دەرھال ئۇرۇشۇشتىن توختىدى  ئارىدىكى بىرى سەت ھىجايدى. 

_ بىزگە پۇل كېرەك ئەمەس، ئادەم كېرەك. 

شۇنداق دەپلا يەنە تۇرسۇنئاي بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى. ئۇ ئۆزى يالغۇز تۆت ئەرگە تاقابىل تۇرىۋاتاتتى.  تۇيۇقسىز كەينى تەرەپتىن بىر ئەر ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كالتەك بىلەن بىر ئۇردى، ئۇ ئالدىغا بىر سەنتۈرۈلۈپ يەنە ئۆزىنى رۇسلاپ تۇرىۋالدى.  ئۇلاردىن بىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. مەن قورسىقىمنى تۇتۇپ كەينىمگە نەچچە قەدەم چېكىندىم.  ئۇ كەلگەن پېتى مېنى ئىتتىرىۋەتتى،  ئۆزۈمنى توختىتالماي يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كاسسام يەرگە تەگكەن ھامان قۇرسىقىمغا بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى. 

_ نازىيە دېرىكتور. 

تۇرسۇنئاي مېنىڭ يىقىلغىنىمنى كۆرۈپ ۋاقىرىۋەتتى.  مېنى ئىتتىرىۋەتكەن ئەر قۇرسىقىمغا دەسسىمەكچى بولۇپ پۇتىنى كۆتۈرگەن ئىدى، تۇرسۇنئاي يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى. بىر ئەر يېنىدىن بىر پىچاقنى چىقىرىپ تۇرسۇنئاينىڭ دۈمبىسىگە تىقىۋەتتى. 

_ تۇرسۇنئاي، پەخەس بولۇڭ.

ئاۋازىم ئارانلا چىقتى، ئەمما كېچىككەن ئىدىم. پىچاق ئالىبۇرۇن تۇرسۇنئاينىڭ دۈمبىسىگە سانچىلىپ،  ئۇنىڭ كىيىمى قېپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى. 

_ تۇرسۇنئاي! _ مەن ئىنجىقلاپلا قالدىم،  ھېلىقى ئەر پىچاقنى تارتىپ چىقىرىپ، يەنە بىر قېتىم تىقماقچى بولغان ئىدى، تۇرسۇنئاي   ئۆرۈلۈپلا ئۇنى تېپىپ يىقىتىۋەتتى، پىچاقمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى.  تۇرسۇنئاي يەنىلا دەس تۇراتتى، ھېلىقى ئەرلەر بىراقلا ئۇنىڭغا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. تۇرسۇنئاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرىۋاتاتتى.  لېكىن ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئاجىز ئايال كىشى دە، ئاخىرى بايىقى بىر نەچچە ئەر ئۇنى يىقىتتى. 

_ بولدى، ئۇرماڭلار، سىلەرنىڭ مەلۇم بىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مۇشۇنداق قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، ئۇ سىلەرگە قانچە پۇل بېرىمەن دېگەن بولسا مەن ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بېرەي،  بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويساڭلارلا پۇلنى قولۇڭلارغا بېرىمەن. 

  قۇرسىقىمنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىشىغا چىداپ، ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ باقماقچى بولدۇم. 

_ دوختۇرخانىغا؟ ھا ھا ھا،  دوختۇرخانىغا بارىدىكەن، بىز ئاپىرىپ قويىدىكەنمىز تېخى.

ئۇلار بىز ئىككى ئايالنى ئۇرۇپ يىقىتىپ قويغىنى ئۈچۈن كۆرەڭلەپ كېتىۋاتاتتى.

_ سىلەرگە قانچە پۇل كېرەك؟

ھازىر ماڭا نىسبەتەن قورسىقىمدىكى بىر جۈپ بالامنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مۇھىم نەرسە يوق ئىدى،  بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۇلار بىر بىرىگە قاراشتى، ئۇلارنى سەل تەۋرىنىپ قالدى دەپ پەرەز قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن قۇرسىقىم ئاغرىپ، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، چىداپ تۇرۇپ داۋاملىق ئۇلارنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىدىم.

_ بىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ بەرىبىر سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، بىزنى ئۆلتۈرىۋەتسەڭلار سىلەرمۇ قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. ئۇنىڭدىن كۆرە بىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويساڭلار، مەن سىلەرگە نۇرغۇن پۇل بەرسەم كېيىنكى ئۈمرۈڭلارنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسەڭلار ياخشى ئەمەسمۇ.

ئاستى تەرىپىمدىن ئىسسىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقتى، باش سۈيى يېرىلغانلىقىنى ئۆزۈم ھېس قىلدىم. ئەمدى دوختۇرخانىغا بارمىسام بالىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتەتتى.  ماڭا ئەڭ يېقىن جايدا تۇرغان بىرىنىڭ پۇتىغا ئېسىلدىم. 

_ ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان بولسىڭىز. 

ئۇ مېنى بىرنى تەپتى، يەنە بىرنى تېپەي دەپ پۇتىنى كۆتۈرۈشىگە يىراقتىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. 

_ ساقچى كەلدى، تېز قاچايلى.  بەرىبىر بۇ خوتۇننىڭ قورسىقىدىكى بالىمۇ ئەمدى ساق قالمايدۇ _ دېدى ئارىدىكى بىرى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىردەمدىلا قېچىپ كېتىشتى،  قۇرسىقىمنىڭ قاتتىق ئاغرىقىدا ئاستا ئاستا كۆز ئالدىم غۇۋالىشىشقا باشلىدى. كېيىن بىرەيلەن مېنى كۆتۈرگەندەك قىلدى.  قۇلىقىمغا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ كۆزۈمنى ئاچالمىدىم. 

_  مەلىكەم، غەيرەت قىلىڭ_ يۈرىكىمگە ئارام بېرىدىغان بۇ ئاۋاز قۇلىقىمغا كىردى، چۈشۈممۇ يا ئوڭۇممۇ بىلمەيمەن، كۆز يېشىم سىرغىپ چۈشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ جىددىيلەشكەن ھالدا ئىسمىمنى چاقىرىشلىرى  ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. نىمىشقا ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؟  بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئەتراپىمدا تۇرغىنىنى ئاران بىلگەندەك قىلدىم، بىردەمدە قايچا، پىچاقلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. قولۇمنى ئىللىق بىر قول تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ.

_ خانىمىڭىزنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، باش سۈيى يېرىلىپ كېتىپتۇ، بالىياتقۇدا ئېغىر قاناش كۆرۈلۈپتۇ، ئانا بىلەن بالىدىن بىرىنىلا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. 

بۇنى دەۋاتقان  كىشى ھەقىچان مېنىڭ مەسئۇل دوختۇرۇم بولسا كېرەك. 

_ ئاپىسىنى ساقلاپ قېلىڭلار_  قىلچە ئىككىلەنمەي چىقىرىلغان قارار قۇلىقىمغا كىردى.

_ ئايالىڭىزنىڭ قۇرسىقىدىكىسى قوشكېزەككەنتۇق ئەمەسمۇ_ دوختۇر ئۇنى ئەسكەرتتى. 

_ ئاپىسىنى ساقلاپ قېلىڭلار دېدىم، ئاڭلىمىدىڭىزما؟ _ ئۇنىڭ ئاۋازى بايىقىدىن ئۈنلۈكرەك چىقتى. 

ياق، ياق، ئۇ نىمىشقا بۇنداق دەيدۇ؟ ئۇ نىمىشقا بالىنى ساقلاپ قېلىڭلار دېمەيدۇ؟ ئۇنىڭ بالىلىق بولغۇسى بار ئىدىغۇ؟ ئەجىبا ئۇ بۇ بىر جۈپ قوشكېزەكنىڭ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىكىنە؟ 

_ مەلىكەم، غەيرەت قىلىڭ. ھە، ماڭا دەيدىغان گېپىڭىز بارمىتى؟ 

مەن كۆزۈمنى ئېچىشقا شۇنچىلىك تىرىشتىم، لېكىن كۆز ئالدىمدىكى ھەممە نەرسە خىرە كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

_ ئۈمىد، قۇرسىقىمدىكى قوشكېزەك بالىلار سىزنىڭ بالىلىرىڭىز، ئۇلارنى ساقلاپ قالمىسڭىز بولمايدۇ. 

_ ياق، نازىيە، ماڭا سىز كېرەك.  خاتىرجەم بولۇڭ، سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ.  نىمىگە قاراپ تۇرىسىلەر، ئاپىسىنى ساقلاپ قېلىڭلار دەۋاتىمەن. _ ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىنى ھېس قىلدىم. 

_ ئەپەندىم، بۇنداق قىلسىڭىز ئوپېراتسىيە قىلىشىمىزغا دەخلى قىلىپ قويىسىز_ دېدى دوختۇر. 

_ كەچۈرۈڭلار، مەن گەپ قىلماي، تېزرەك بولۇڭلار.  ئايالىمنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار. 

_ بىماردىن قان بەك كۆپ چىقىپ كېتىپتۇ. 

_ مېنىڭ  قېنىمنى ئېلىڭلار_ ئۈمىدنىڭ ئاۋازى. 

ئۆزۈممۇ تەستە ئاڭلىغۇدەك ئاجىز ئاۋازىم بىلەن ئۇلارغا خىتاب قىلىۋاتىمەن. 

_ بالىلىرىمنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار. بالىلىرىمنى قۇتقۇزىۋېلىڭلار _ ئۈمىد قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا تەسەللى بەردى. 

_ نازىيە، گەپ ئاڭلاڭ،  كېيىن يەنە بالىلىق بولساق بولىدۇ،  لېكىن ماڭا سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ، مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن. 

لېكىن مەن بۇ بالىغا بەك تەستە قورساق كۆتۈرگەن تۇرسام، بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ بالىلىق بولالماسلىقىم مۇمكىن، بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ. 

_ مەلىكەم،ئۇخلاپ قالماڭ، گېپىمنى ئاڭلاڭ، سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ. 

ئۈمىد مېنى ئۇخلاتماسلىق ئۈچۈن ھەدەپ ئۇنى بۇنى دەپ تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن سەزگۈلىرىم ئاجىزلىشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى، ئۇنىڭ ئىللىق قوللىرى مەندىن بارا بارا يىراقلاۋاتىدۇ. مەن ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولدۇم، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن بۇيانقى كۈنلىرىمىزنى ئەسلىدىم. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مەن ئاڭلىغان ئاۋازىنى ئويلىدىم. ئۈمىد مېنى ياخشى كۆرمەيمەن دېگەنغۇ، ئۇ يەنىلا ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەنى ياخشى كۆرىمەن دەۋاتقانتىغۇ. ئەمىسە ھازىر نىمىگە بۇنچىۋالا جىددىيلىشىدۇ؟

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا بوۋاق بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ كۆزۈمدىن ئسسىق ياش ئاققانلىقىنى ھېس قىلدىم. گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىمنى ئۆمەللىدىم، لېكىن ئاۋازىمنى چىقىرالمىدىم. مەن ئەسلى«ئۈمىد، بىراقلا ئىككى بالىلىق بولدىڭىز، سىز بەك تەلەيلىك» دېمەكچى ئىدىم. مەن نەچچە يۈز كلومېتىر يولنى بېسىپ كەلگەندەك ئىنتايىن ھېرىپ، چارچاپ كەتكەن ئىدىم. بالىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاستا ئاستا ئۇيقۇغا كەتتىم. ئۇزۇندىن ئۇزۇن چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە بىردەم ئۈرۈمچىدە، بىردەم قارىمايدا يۈرىمەن، بىردەم ئۈرۈمچىدىكى داچىنىڭ بالكونىدا، بىردەم ئۈمىدنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرىمەن، ئۇ بۇرۇنقىدەك بىر قولى بىلەن رولنى تۇتۇپ، بىر قولى بىلەن مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرىدۇ، ئارىلىقتىكى ئىشلار يۈز بەرمىگەندەك، بىز ھېچقاچان ئايرىلىپ باقمىغاندەكلا.  بىردەمدىلا  بالىلىق ۋاقتىمغا قايتىپ قالدىم،  بۇرۇنقى مەھەللەم، مەھەللىمىزدە نۇرغۇن ئادەملەر بار، ئۇ چاغدا دادام بىلەن ئاپاممۇ بار، مەن ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى ئىدىم. سومكامنى ئېسىپ چىقىشىمغا ئاپام كەينىمدىن ۋاقىرىدى. 

_ نازىيە، تېزرەك مېڭىڭ قىزىم، مەكتەپكە كېچىكىپ قالماڭ. 

مەن سەكرەپ تاقلاپ پەلەمپەيدىن چۈشتۈم، پەستە ئۆتكۈر مېنى ساقلاپ تۇراتتى.  ئىككىمىز بىللە يىغىلىپ قالغان سۇلارنى كېچىپ ئويناپ مەكتەپكە بىللە ماڭدۇق.  كوچا ئاغزىدا دادامنىڭ ماشىنىسى توختىتىغلىق تۇرىدۇ، دادامنىڭ يۈك ماشىنىسىدا ئولتۇرغان ھالىتىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ چاغدا دادام كۆزۈمگە گىگانت ئادەمدەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. دادام ماڭا قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوش دېدى ۋە مەكتەپكە كىچىكىپ قالماسلىقىمنى ئەسكەرتتى.  تۇيۇقسىز دادامغا قاراپ ۋارقىرىماقچى بولدۇم،  «دادا، ماڭماڭ، خەتەرلىك» دېمەكچى بولدۇم، لېكىن ئاۋازىمنى چىقىرالمىدىم. دادامنىڭ ماشىنىسى مەندىن بارغانچە يىراقلاپ كەتتى،  مەن ماشىنىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرىۋاتىمەن، «دادا، بولدى، بارماڭ، خەتەرلىك» دەۋاتىمەن. دادام گەپ قىلىۋاتىدۇ«نازىيە، قايتىپ كېتىڭ، گەپ ئاڭلاڭ، مەن ئەمدى يېنىڭىزغا بارالمايمەن، قىزىم، لېكىن سىز چوقۇم ياخشى ياشاڭ، غەيرەتلىك بولۇڭ». 

_  دادا، دادا. 

_ نازىيە،  كۆزىڭىزنى ئېچىڭ_ يۈرىكىمگە ئارام بېرىدىغان بۇ ئاۋاز مېنى چۈشۈمدىن قايتۇرۇپ كەلدى.  كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم، كۆزۈمنى ئېچىپلا بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىم ئۈمىدنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بولدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئەنسىرەش، كۈيۈنۈش خۇشاللىق...ئىشقىلىپ ھەممە ئىپادىنى تاپقىلى بولاتتى. 

_  ئاخىرى ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز_ ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ ئالقىنىمنى  يۈزىگە ياقتى. كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلار قولۇمغا ئېقىپ چۈشۈۋاتاتتى. 

_ مەن تېخىچە چۈش كۆرۈۋاتامدىم؟_ دېدىم مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي. ئۈمىد ياشلىرىنى توختىتالمايۋاتاتتى.  بايىقى ئۇزۇن چۈشۈم ئىچىدىكى «ئانا بالىدىن بىرىنى ساقلاپ قېلىش »دېگەن گەپ ئېسىمگە كېلىپ چۈچۈپ يېنىمغا قارىدىم.

_ بالىلىرىم قېنى؟

_ بالىلار ياخشى، خاتىرجەم بولۇڭ. سىستېرا بالىلارنى يۇيۇندۇرغىلى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  سەل تۇرۇپ ئەكىرىدۇ_ دېدى ئۈمىد. 

«ئۇف» دەپ كۆڭلۈم تىنىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.  بالىلار ساق-سالامەت بولسىلا بولدى. كۆزۈم يەنە ئۇيقۇغا كەتتى، بىر چاغدا بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم. كۆزۈمنى ئاچسام ئۈمىد يەنە يېنىمدا قولۇمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ.  قارىغاندا ئۇ باياتىن بېرى مۇشۇ ھالەتتە مىدىرلىماي ئولتۇرغاندەك قىلاتتى. 

_ بالا يىغلاۋاتىدۇ_ دېدىم مەن ئارانلا. 

_ يىغلىسا يىغلاۋەسۇن، سىزنى قىيناپ ھېلىمۇ ھالىڭىزنى قويمىدى بۇلار.

راستىمنى ئېيتسام بالىنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ باشقىچە روھلىنىپ كەتتىم. 

_ بالىنى كۆرۈپ باقاي_ دېدىم مەن. 

ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى بالىنى ئېلىپ كېلىپ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويدى. بېشىمنى سىڭايان قىلىپ يۆگەككە يۆگەپ قويۇلغان ئىككى بوۋاققا قاراپ يەنە كۆز ياشلىرىمنى تۇتىۋالالمىدىم.  دوختۇرنىڭ ئانا بالىدىن بىرنىلا ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان چېغىمدا بالىلىرىمنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئۇلارغا قانچىلىك  تارتىشقىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن،  ئۇلار قۇرسىقىمدا پەيدا بولغاندىن باشلاپ كېيىن مىدراپ، تىپىشلىرىگىچە ھەممىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ،  ئاخىرى ساق سالامەت يەڭگىيەلمەي ئۇلارنى كۆرەلمىسەم بۇ ماڭا ئۆمۈرلۈك ئۆكۈنۈش بولۇپ قالاتتى-دە.  ئۇلار بىلەن كۆرۈشىدىغان بۇ كۈننى قانچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنتىم ھە؟  ئۇلار بەك كىچىك، كۆزىنى يۇمۇپ ئاغزىنى ئېچىپ ئىڭەلەپ يىغلاۋاتاتتى، يەنە كېلىپ ئىككىسى تەڭ يىغلايتتى. ئۇلارنىڭ قۇرسىقى ئاچقان بولسا كېرەك، لېكىن ماڭا تېخى سۈت كەلمىگەن تۇرسا،  قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇلارغا ۋاقتىنچە سۈت پاراشۇكى بېرىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال يوقتە. ئۈمىد ئىككى بالىغا سۈت پاراشۇكى تەڭشەپ ئىمىتىپ قويغاندىن كېيىنلا ئۇلار ئۇيقۇغا كەتتى. 

تۇيۇقسىز تۇرسۇنئاي ئېسىمگە كەلدى،  ھېلىقىلار ئۇنىڭغا پىچاق تىقىۋەتكەن ئەمەسمۇ. 

_ تۇرسۇنئايچۇ؟ ئۇ قانداقراق؟

_ ياخشى، ئۇنىڭ يارىسىنى ئون نەچچە يىپ تىكتى_ دېدى ئۈمىد. ئەمدى ئۇنىڭ گېپىنى قىلىشىپ تۇرساق ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كىرىپتۇ. ئۇ ئۇچىسىغا دوختۇرخانىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان بولۇپ، چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ.  ئۇ كىرىپلا دېرىزە تۈۋىدە تۇرغان ئۈمىدكە قارىدى. 

_ قانداقراق تۇرىسىز، تۇرسۇنئاي؟_ دەپ سورىدىم مەن. ئۇ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. 

_ مەن ياخشى، ئۇنچىلىك ئىشلارغا يىقىلىپ قالمايمەن. 

_ رەھمەت سىزگە، تۇرسۇنئاي. سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن نىمە بولۇپ كىتەر بولغىيتتىم.

_ ياقەي، ئۇنداق دېمەڭ، مەنمۇ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلدىم، خانىم، ياخشى ئارام ئېلىڭ، مەن چىقاي ئەمىسە. 

تۇرسۇنئاي چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۈمىدكە تىكىلىپ قارىدىم. 

_ تۇرسۇنئاينى يېنىمغا سىز ئەۋەتكەنما؟ 

_ يېنىڭىزدا ئىشەنچلىك ئادەمدىن بىرسى بولمىسا، مەن سىزدىن قانداق خاتىرجەم بولالايمەن؟ 

_ مەندى نىمىشقا خاتىرجەم بولالمايتتىڭىز؟ 

_ ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولالمايمەن-دە، ئىككىمىز ئاجرىشىپ كەتمىدۇق، سىز ھېلىمۇ مېنىڭ ئايالىم. 

_ توغرا ئېيتتىڭىز، ئىككىمىز تېخى ئاجراشمىدۇق، ئاشۇ ئۆيلىنىش خېتى سىزگە بەك پۇتلىكاشاڭ بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن.  شۇڭا مەن بىلەن ئاجرىشىش ئۈچۈن كەپتىكەنسىزدە.  ئاجرىشش كېلىشىمىنى ئەكىلىڭ، مەن قول قوياي. 



ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k