大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 131 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 131  - قىسىم aybarawazi
2023-10-20
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 132-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

131-قىسىم  


     ئەمما مېنىڭ مۇشۇنچىۋالا تىرىشىشىم دەل ئۇنىڭغا موھتاج بولماسلىق، ئۇنىڭغا تايانماسلىق ئۈچۈن. 

_ ياق، مەن چوقۇم باشقىلارغا تايانماي ياشىيالايدىغان بولۇشۇم كېرەك _ ئىچىمدىن ۋولقاندەك ئېتىلىۋاتقان ئازابىمنى تەستە بېسىپ ئەستايىدىل ئاھاڭدا شۇنداق دېدىم. ئۈمىد قولۇمنى تۇتتى.

_ ئەمىسە كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالسام كېلىپ سىزگە تايانسام بولامدۇ؟ 

ئۇنداق كۈننىڭ كېلىشى مۇمكىنمۇ؟ مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس، ئۇ شۇنداق ئىقتىدارلىق، ئەقىللىق ئادەم تۇرسا، مېنىڭ قولۇمغا قاراپ قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ 

 دوختۇر بالنىست تەكشۈرۈپ  كىرگەندە مېنىڭ ئاغرىقتىن قورقماي، پەسكە چۈشۈپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشىمنى، بۇنىڭ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىسى بارلىقىنى ئېيتتى. دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدىم. پۇت قولۇمدا ماغدۇر يوق، ئۈمىد مېنى يۆلەپ كارىۋاتتىن چۈشۈرۈپ ماڭغۇزدى. دەسلەپتە يەرگە چۈشكەندە بېلىمنى تۈزلىيەلمىدىم،  ئازراقلا كۈچىسەم كەسكەن يەر ئاغرىپ كېتەتتى، شۇنداقتىمۇ چىداپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىپ مەشق قىلدىم. 

چوڭلار قىرقى ئىچىدە شامالداپ قالسا بولمايدۇ دەيدىكەن، لېكىن مەن بىر سىستېرا، يەنە كېلىپ يېرىم يىلدىن بۇيان كۈتۈنۈش ساھەسى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ شۇنى ھېس قىلدىم،  بۇ گەپنىڭ تازا ئىلمىي ئاساسى يوقكەن، ئۇزۇن ۋاقىت دىمىق يەردە تۇرىۋەرسە، ھاۋا ئالماشمىسا، ئادەمنىڭ ئىمۇنىت كۈچى تېخىمۇ ئاسان تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن. ئۈمىدنىڭ «شامالداپ قالىسىز» دېگىنىگە ئۇنىماي بالكونغا چىقتىم. 8-ئاينىڭ ھاۋاسى ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس، شۇنچىلىك راھەت ئىدى. بالكوندىن پەسكە قارىدىم، پەستىكى چىملىقتا بىر  نەچچە ئۇزۇن ئورۇندۇق بار ئىكەن، ئورۇندۇقنىڭ ئەتراپىدا ئۆيىدىكىلىرىنى ئايلاندۇرىۋاتقانلار بار ئىكەن،  شۇلارغا قاراپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز كۆزۈم بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا تۇرسۇنئاينى ئاستا ماڭدۇرىۋاتقان ھەسەنگە چۈشتى. تۇرسۇنئاينىڭ بويى بەكمۇ ئېگىز ئەمەس، ھەسەننىڭ قۇلىقىغا كېلىدىكەن، بىلمەيدىغانلار ئۇلارنى تازىمۇ قاملاشقان بىر جۈپلەر ئىكەن دەپ قالاتتى.  قارىماققا ئاجىز كۆرۈنگەن بۇ قىزنىڭ ئۇ قەدەر قەيسەر ئىكەنلىكى كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن. ئۇلار بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. شۇ تاپتا ھەسەن ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە بىر خىل سالماق، تەمكىن ئولتۇراتتى.  ئۇلار كەينىدىن قارىماققا بىر پارچە گۈزەل ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.  بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ھەسەن ماڭماقچى بولغانمىكىن، ئورنىدىن تۇرۇشىغا تۇرسۇنئاي ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى.  ھەسەن ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ قېلىپ قايتىدىن ئولتۇردى.  تۇرسۇنئاي ئادەتتە باشقىلارغا ئالدىراپ قاپاق ئېچىپ كەتمەيدۇ،  ئەمما ھازىر ھەسەننىڭ يېنىدا ئۇ باشقىچە مۇلايىملىشىپ قالغاندەك تۇراتتى. 

بالكوندا قانچە ئۇزۇن تۇردۇمكىن، بىر چاغدا سىستېرا كېرىپ بالىلارغا تۇغۇلۇش ئىسپاتى چىقىرىدىغانلىقى، شۇڭا بالىلارغا ئىسىم قويمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

_ ئىسىم ئويلاشتىڭىزمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۈمىد. 

ئەمەلىيەتتە مەن قۇسىقىمدىكىنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىلا بىر جۈپ ئوغۇل، بىر جۈپ قىز، بىر ئوغۇل ، بىر قىز ھەممىسىگە ئىسىم ئويلىشىپ بولغان ئىدىم.  شۇڭا ئويلىغىنىم بويىچە ئوغلىمىزغا نەزەر، قىزىمىزغا نەزىرە دەپ ئىسىم ئويلاشقىنىمنى دېدىم. 

_ بولىدىكەن، چىرايلىق ، يېقىملىق ئىسىملاركەن، بىرەر مەنىسى بارمۇ؟ 

ئەلۋەتتە مەنىسى بار، لېكىن دېمىدىم.

_ شۇ چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن، شۇڭا مۇشۇ ئىسىملارنى ئويلاشقانتىم. 

_ بولىدۇ، خوتۇن ئالىيلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە ئوغلىمىزنىڭ ئىسمى نەزەر، قىزىمىزنىڭ ئىسمى نەزىرە بولسۇن ئەمىسە. 

دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان كۈنى ھەسەن مەخسۇس قوشكېزەكلەر ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئېلىپ كەپتۇ.

_ نىمە ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنسىز دەيمەن_ دېدىم مەن تەكەللۇپ قىلىپ. 

_ بالىلارنىڭ دادىسى تۇرۇپ بۇنچىلىك نەرسە ئېلىپ بەرمىسەممۇ بولماس.  ھازىر پۈتۈن شەھەردىكىلەر مېنى بۇ ئىككى بالىنىڭ دادىسى دەپ بىلىدۇ،  دادىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمايدىغان بولسام ھەممە ئادەم مېنى تىللاپ كىتەر_ دېدى ھەسەن قەستەن ئۈمىدنىڭ چىشىغا تىگىپ. 

_ ئۆزۈڭ كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭ چۈش ئەمدى_ دېدى ئۈمىد پەرۋاسىزلا.

_  مەن بالىلارنىڭ دادىسى دەۋاتىسىز، ئۇنداقتا ھېلىقى چاغدا سودا زىياپىتىدە 300 كىشىلىك ئەزالىقنى سېتىۋېلىپ سودامنى باشلاپ بەرگىنىڭىزنى ھەممە ئادەم بىر ئويۇن دەپ بىلىدىغان بولدى، بۇنى سودا ساھەسىدىكى دوستلىرىڭىزغا نىمە دەپ چۈشەندۈرىسىزكىن ئەمدى. 

ئۇ بۇنچىلىك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىگەن بولسا كېرەك، بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:

_ ئۆزىڭىز كولىغان ئورىغا ئۆزىڭىز چۈشۈڭ ئەمدى_ دېدىم. 

_ مەن بۇ ئورىنى سىزنى دەپ كولىغان تۇرسام،  مېنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىمنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كېتىۋاتقىنىڭىزنى قاراڭ _ دېدى ھەسەن تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ. 

_ خۇش بولۇپقۇ كەتمىدىم، لېكىن...

_ نىمە لېكىن؟ 

_ ئورىنى ئۆزىڭىز كولىغاندىكىن، ئۆزىڭىز چۈشمەي ئامال يوق_ بۇ گەپنى دەپ بولۇپ ئۆزۈم كۈلۈپ كەتتىم، كەينىمدىن ئۈمىدمۇ كۈلدى. 

_ مەيلى، سىز ئۈچۈن ئورىغا سەكرىسەم سەكرەپتىمەن، كىم مېنى سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەپتۇ_ دېدى ئۇ قۇلاق تۈۋىمگە پىچىرلاپ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۈچۈپ ئىتتىكلا ئۈمىدكە قارىدىم، ئۈمىد ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولغان، ئەمما كەينىگە قارىشىغا ھەسەن بايىقى گەپنى دەپ بولۇپ ماڭغان ئىدى، پەمىمچە ئۇ ھەسەننىڭ ماڭا پىچىرلاپ بىر نىمە دېگىنىنى كۆرۈپ قالدىغۇ دەيمەن. 

      ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ مېنى يۆلەپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ ئۆي تازىلاشقا چۈشۈپ كەتتى، ئۆينى بىرەر قۇر تازىلاپ بولغاندىن كېيىن بالىلارنىڭ كىيىملىرىنى يۇدى، ئاندىن تاماق ئەتتى. ھازىر مەن ھېچقانداق ئىش قىلالمىغاچقا ھەممە ئىش ئۇنىڭغىلا قالدى. ئەتىسى مەن تەكلىپ قىلغان بالا باقىدىغان ئايال كەلگەندىن كېيىن ئۇ خېلىلا يىنىكلەپ قالدى. 

بالىلارنى ساغلام چوڭ بولسۇن دەپ ئۇلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش قارارىغا كەلدىم.  لېكىن ھەرقانچە قىلساممۇ ئىككى بالىغا سۈتۈم يىتىشمەي قوشۇمچە سۈت پاراشۇكى بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئىككى بالا بىلەن مەن، بالا باققۇچى ئايال تۆتىمىز بىر ئۆيدە ياتتۇق، ئۈمىد يەنە بىر ئۆيدە ياتتى. ئۈمىد بالىلارغا ئامراقلىق قىلىپ سۆيگەندە شوخلۇق قىلىپ مېنىڭمۇ پىشانەمگە سۆيۈپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇنداق ئەدەبلىك تۇردى.  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەسكەن يېرىم تۇتۇپ، ئۆزۈم كارىۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلالايدىغان بولدۇم. ئانچە مۇنچە مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ تېلېۋىزور كۆرىدىغان، بالكونغا چىقىپ ھاۋا يەيدىغان بولدۇم. 

بىر كۈنى چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپ، بالكونغا چىقىپ  سىرتقا قاراپ تۇرسام ئۈمىد كېلىپ قولىنى مۈرەمگە قويدى ۋە بىر خالتىنى ئالدىمدا پۇلاڭلاتتى. خالتىغا ئىككى نەرسە سېلىقلىق، ئۇلار ھېلىقى ۋاقىتتا بۇلاڭچىلار ئېلىۋالغان تېلېفونۇم بىلەن زەنجىرىم ئىدى.  بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ تىنجىپ قالغان يۈرىكىم قايتىدىن تىپچەكلەشكە باشلىدى.   شۇ كۈنى زەنجىرىم يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ  كونا يارام قوزغىلىپ بىئارام بولۇپ كەتتىم. ئۈمىد تىترەپ تۇرغان مۈرەمنى يىنىككىنە قۇچاقلىدى. 

_ شۇ چاغدا سىزنى بۇلىغانلارنى تاپتىم،  تېلېفون بىلەن زەنجىرنى باشقىلارغا سېتىۋېتىپتىكەن، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىمۇ تاپتىم، قاراڭە، ئۆزىڭىز يالغۇز سىرتقا چىقسىڭىز نىمىدېگەن خەتەرلىك. 

_ ئەمىسە قانداق قىلىمەن، قېنى دەپ بېقىڭە، شۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ يەنە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تۇرىۋەرسەم بولامتى؟

ئۇنىڭ ماڭا شۇ چاغدىكى ئىش توغرىلىق چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ھېچبولمىغاندا چىرايلىق يالغاندىن بىرنى توقۇپ كۆڭلۈمنى ياساپ قويسىمۇ مەيلىتى.  لېكىن ئۇ خۇددى شۇ چاغدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك  بىر خىل ھالەتتە:

_ نازىيە، يەرشارى يۇمىلاق، ھەرقانچە يىراققا كەتسىڭىزمۇ ئاخىرى ئايلىنىپ ئايلىنىپ يەنە مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىسىز_ دېدى. 

_ ئۆزىڭىزگە شۇنچىۋالا ئىشىنەمسىز؟  قايتىپ كەلمىسەمچۇ؟

_ سىز كەلمىسىڭىز كەتكەن ئىزىڭىزنى بويلاپ كەينىڭىزدىن مەن بارىمەن_ دېدى ئۇ. 

مەن كىچىك بالا ئەمەس، ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلىيالايمەن. ھەم بىر ئىشقا ئېسىلىۋېلىپ كەچكىچە تەگەپ يۈرىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس، ئەمما كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن پەيدا بولغان ئىكەن، شۇ تۈگۈن يېشىلمىگۈچە ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك بولالىشىم مۇمكىن ئەمەس. بۇرۇن ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىمىز يېقىن، سالاھىيەت پەرقىمىز بەك چوڭ ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سالاھىيەت پەرقىمىز كىچىكلىدى، ئەمما كۆڭلىمىز يىراقلاپ كەتتى.

بالىلار بىر ئايلىقتىن ئازراق ئاشقان بىر كۈنى كەچلىكى ھەر ئىككىسى يىغلاپ توختىمىدى، ئىمىتسەم يا ئەممەيدۇ، قىزىتمىسىنى ئۆلچىسەم قىزىپمۇ قالماپتۇ. ئۇلار يا گەپ قىلالمىسا، نىمە بولغىنىنى يا بىلەلمەيمەن، بەك جىددىيلىشىپ كەتتىم.  بالا باققۇچى ئايال بالىلارنى قورسىقى ئاغرىۋاتامدىكىن دېدى، لېكىن ئۇمۇ كېسىپ بىر نىمە دېيەلمەي دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى دېدى. لېكىن دوختۇرخانىغا ئاپارساق ئانتىبيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن، كىچىككىنە بالىغا ئانتىبيوتىك دورا ئىشلىتىشنى مەن خالىمايمەن. تۇيۇقسىز ساتتار دوختۇر ئېسىمگە كەلدى، توغرا،  شۇ يەرگە ئاپىراي.  مېڭىشتىن بۇرۇن تېلېفون قىلىپ قويغان ئىدىم ، بىز بارغۇچە دوختۇر ئىشىكنى ئېچىپ بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.  ساتتار دوختۇر بالىلارنىڭ بارمىقىنى كۆردى، ئاندىن قۇرسىقىنى سىلىدى، ئاندىن ئاشقازاننىڭ ھەزم قىلىشى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى، بالىلارنىڭ ئاغزىغىمۇ ئاپئاق بىر نەرسە ئۆرلەپ كېتىپتۇ، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. دوختۇر دورا يېزىپ بەردى، ئۇنى قاينىتىپ مەن ئىچسەم سۈتۈم ئارقىلىق بالىلارغا بارىدىكەن.  دورىنى ئېلىپ ماڭىدىغان چاغدا  ساتتار دوختۇر ماڭا  ئاساسي ئۇسۇللارنى ئۆگىتىپ قويدى ۋە بەزى ئەھۋاللارغا يۇلۇققاندا جىددىيلىشىپ كەتمەسلىكىمنى ئېيتتى. ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن بالا باققۇچى بالىلارغا قارىدى، ئۈمىد ئاشخانىدا دورا قايناتتى. بالىلار يىغلاپ توختىمايۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئىچىم تىتىلداپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىۋالدىم.  دورىنىڭ پۇرىقى ئۆينى بىر ئالغان ئىدى، دورا تەييار بولغاندىن كېيىن ئۈمىد پۈۋدەپ مۇزلىتىپ  ماڭا سۇندى. بىر يۇتۇم ئىچكىنىمنى بىلىمەن،  دورىنىڭ قاڭسىقلىقىدا ياندۇرۇپ چىقىرىۋەتكىلى تاس قالدىم. 

_ بولدى، بولدى، سىز ئىچمەڭ، ئەكىلىڭ، مەن ئىچەي_ دېدى ئۈمىد.

_ سىز ئىچسىڭىز نىمە پايدىسى؟ دوختۇر مېنى سۈتىڭىز ئارقىلىق بالىغا تەسىر قىلىدۇ دەۋاتسا. 

_ ئەكىلىڭ دېگەندىكىن ئەكىلىڭ_ ئۇ دورىنى ئېلىپلا بىر يۇتۇم ئىچىپ بېشىمنى يېقىن ئەكىلىپلا ئاغزى بىلەن ئاغزىمغا قۇيدى، دەرۋەقە دورا باشتىكىدەك ئۇنچىۋالا قىرتاق تېتىمىدى...... شۇنداق قىلىپ قاينىتىلغان دورىنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاغزىمغا كىرىپ بولدى. 

_ قىرتاقمىكەن؟ قىرتاق بولسا قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ قوياي_ ئۇ شۇنداق دەپ ئىستاكانغا قولىنى ئۇزاتقان ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن چاققان چىقىپ ئىستاكاننى ئېلىۋېلىپ چاينى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتىم، بەك تېز ئىچىۋەتتىممىكىن، قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتىم. 

_ ئاستىراق ئىچىڭ، ئاستىراق_ دېدى ئۈمىد كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ.  ياتاق ئۆيگە كىرىپ بالىنى قۇچىقىمغا ئېلىپ ئىمىتتىم،  يىغلاپ ھېرىپ قالدىمىكىن، ئۇنىڭ يىغىسى توختاپ قالغان ئىدى.  بالا باققۇچى مېھمانخانا ئۆيدە يەنە بىر بالىنى پەپىلەپ ئۇخلىتىۋاتاتتى. ئۈمىد بىر ياندا تۇرۇپ  بالىنىڭ سۈت ئىمىشىگە قاراپ تۇراتتى. ئىككى بالىنى ئىمىتىپ بولغاندىن كېيىن ساتتار دوختۇرنىڭ ئۆگىتىپ قويغىنى بويىچە بالىلارنىڭ قۇرسىقىنى ئۇۋىلىدىم،  بالىلار ئاخىرى جىمجىت يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.  بالا باققۇچىمۇ بالىلارنىڭ يېنىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى، مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمەي مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇردۇم، ئۈمىدنىڭمۇ ئۇيقۇسى قاچقان بولسا كېرەك، ئۇمۇ يېنىمغا چىقىپ ئولتۇردى. ھەر ئىككىمىز دىيىشىۋالغاندەك چىراقنى ياندۇرماي قاراڭغۇدا ئولتۇردۇق، كۆڭلۈمدە گۇمان قىلىۋاتقان بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن سورىدىم. 

_ ساتتار دوختۇر مېنى ئىش باشلاڭ دەپ بەرگەن 100 مىڭ يۈەن پۇلنى سىز بەرگەن، شۇنداقمۇ؟ 

ئۈمىد جاۋاب بەرمىدى. 

_ مەن تېخى ئەجەب تەلىيىم بار ئىكەن، ئاقكۆڭۈل كىشىگە ئۇچراپتىمەن دەپ خۇش بولۇپ كېتىپتىمەن، بۈگۈنكى ئىگىلىكىم ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمنىڭ نەتىجىسى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەسلى ھەممىسى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلار ئىكەندە. 

ئۈمىد قولىنى سوزۇپ مېنى قوينىغا تارتتى. 

_ سىزنىڭ جاپا تارتىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن. 

ساتتار دوختۇر ماڭا بۇ گەپنى دەپ بېرىۋېتىپ، ئېرىڭىز سىزگە بەك كۆيۈنىدىكەن، ئۇنى قەدىرلەڭ دېگەن ئىدى. ماڭا ئايان، ساتتار دوختۇر بىلەن ئايالى ئىنتايىن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ھەممىسىنى ئۈمىد ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،  مەن بىر ئايال كىشى، بالىلار بىلەن قانچە تىرىشساممۇ يەنىلا جاپا تارتىپ قالىمەن،  بالىلارغا ھەرقانچە ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرگىنىم بىلەنمۇ  ئاتا مېھرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرەلمەيمەن. شۇڭا ئۇلار مېنى يول قويغىدەك يېرى بولسا يول قويسىكەن ئۈمىدتە ئىكەن. 

قىرقىم توشقاندىن كېيىن بىر نەچچە كۈندە بر قېتىم دۇكانغا بېرىپ كېلىپ يۈرىۋاتاتتىم،  ئىككى ئاي بولغاندىن كېيىن رەسمىي ئىشقا چۈشۈپ كەتتىم. ئىشخانامنىڭ يېنىغا كىچىك بىر ئۆي قىلىپ، كۈندۈزى بالا باققۇچى شۇ يەردە بالىلارغا قارايدىغان، بالىلارنى ئىمىتىدىغان چاغدا  ئىشخانامغا ئەكىرسە بالىلارنى ئىمىتىپ قويسام ئەچىقىپ كېتىدىغان بولدى.  شۇنداق بولغاندا بالا بىلەن خىزمەت ھەر ئىككىسىنى جايىدا ئېلىپ ماڭالايدىكەنمەن. 

نازى جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزىمىزنىڭ خېلى نامى چىقىپ قالدى،  مەن كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش،  گىرىمچىلىك، فوتو سۈرەت قاتارلىق ساھەلەرگە نەزىرىمنى تىكتىم. ئۈمىد قايتىپ كېتىشكە ئالدىرىمىدى، ھەم مېنى بىللە قايتىپ كېتىشكىمۇ ئۈندىمىدى. ئۇ مېنىڭ ئىگىلىكىمنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىنى، قايتىپ كېتەيلى دېسىمۇ كەتمەيدىغانلىقىمنى بىلسە كېرەك. 

   بىر كۈنى  ئىشخانىدا بالىنى ئىمتىپ ئولتۇراتتىم، بالا تۇيۇقسىز سىيىۋەتتى.  بالا باققۇچى زاكا ئالغىلى چىقماي تۇرۇپلا تۇرسۇنئاي زاكىدىن بىرنى ئېلىپ كىردى. بالىنى ئىمىتىپ، زاكىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بالىلارنى ئەچىقىپ كەتتى. مەن  مىنەۋەر خانىم بەرگەن ماتېرىيالنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بىر ئىش  كاللامغا كىرىپ قالدى. تۇرسۇنئاي بالىنىڭ سىيىۋەتكىنىنى قانداق بىلدىكىنە؟ ئەجەب بىلىۋالغاندەك زاكىنى كۆتۈرۈپلا كىردىغۇ؟  ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ دەل ۋاقتىدا كېلىشى مۇشۇ بىر قېتىملىقلا ئەمەسكەن. ھەر قېتىملىقى ئۇدۇل كېلىپ قېلىۋېرەمدۇ؟  قانچە ئويلاپ باقسام بۇ ئىشلار باشقىچە.  يېرىم سائەتتىن كېيىن كەينى تەرەپتىكى ئارام ئېلىش ئۆيىگە كىردىم، ئۇ نەچچە كۋادرات مېتىرلا كېلىدىغان ئارام ئېلىش ئۆيى بولۇپ، ئىچىدە بىر كارىۋات بار، چۈشلۈكى بىردەم يېتىپ ئارام ئالغىلى بولىدۇ. مەن كارىۋاتتا تېلېفون ئويناپ ياتتىم، ئارىدىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەن ۋاقىتمىكىن، بىرىنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى.  مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم، تەشتەكنىڭ ئالدىدا تۇرغان تۇرسۇنئاي چۈچۈپ ماڭا قارىدى. 

_ بۈگۈن يەنە سۇ ئالغىلى كىرگەنمىتىڭىز؟ _ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىدىم. تۇرسۇنئاي گەپ قىلالمىدى، مەن بېرىپ تەشتەكنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغان رەختنى ئېلىۋېتىپ، گۈلنىڭ شېخىدىكى مىكرو تىپتىكى كامىرانى ئالدىم. 

_ تۇرسۇنئاي، بۇ نىمە ئىش؟


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k