大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 82 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 82 - قىسىم aybarawazi
2023-08-31
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 83 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

82-قىسىم


فەرۇق بۈگۈن  ئالاھىدە خۇشال ئىدى، ئۇ ھە دەپ بولغۇسى قېينى ئاتىسىغا چاي قۇياتتى، تاماقلارنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلاتتى، ھېلىدىن ھېلىغا ئالدىدىكى تەخسىسىگە تاماقلارنى سېلىپ قوياتتى. نىگارە ئانچە چاندۇرماي ئولتۇرغىنى بىلەن ئۇنىڭمۇ خۇش بولىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. تۇيۇقسىز نىگارەگە ھەۋەس قىلىپ قالدىم،  مېنىڭمۇ دادام بولغان بولسا،  مېنىڭ بەختىمنى كۆرۈپ خۇرسەن بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە. 

   ئەمەلىيەتتە بۈگۈن تاماق يىيىش ئاساسى مەقسەت ئەمەس، ئاساسلىقى پەرھات دادامنىڭ فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ توي ئىشىدا ئۆز مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى ئىدى.  پەرھات دادام «مەن ماڭاي» دەپ ئورنىدىن تۇردى، ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈزۈك تاماق يىمىگەن ئىدى. ئۈچەيلەن خېلى تۇتساقمۇ ئۇنىماي كېتىپ قالدى. 

_ نىگار، پەرھات دادام يەنىلا ساڭا ئامراقكەن_ دېدىم مەن نىگارەگە. 

_ ئۇ مېنڭ بەرىبىر ئۇنىڭ گېپىگە كىرمەيدىغىنىمنى ئوبدان بىلىدۇ،   بۇ ئىشىمغا قوشۇلسىمۇ، قوشۇلمىسىمۇ نەتىجىسى بەرىبىر ئوخشاش،  شۇڭا قوشۇلغۇسى بولمىسىمۇ قوشۇلغان گەپ. 

 نىگارەنىڭ دادىسىنىڭ ئىشىدىن ئازراقمۇ خۇش بولمىغىنىغا ئىشەنمەيمەن.  مەن نىگارە بىلەن تۇنۇشۇپ دوست بولغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى، ئۇنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنچىۋالا تاشيۈرەك قىز ئەمەس،  ئۇ ئاغزى قاتتىق كۆڭلى يۇمشاقلاردىن.  

  رېستۇراندىن چىقىپ فەرۇق ئۇدۇل بەزمىخانىسىغا كىرىپ كەتتى، نىگارە ئىككىمىز بازار چۆگىلەپ كەچتە كېلىدىغان بولدۇق.  نەدىكى بازار چۆگىلەيدىغان. بىردەم چۆگىلەپ بېقىپ چىدىماي  بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ كەچ قىپتۇق. بىر چاغدا قەھۋەخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل 520 بەزمىخانىسىغا باردۇق.  ئەمدى بىر ئۈستەلگە جايلىشىپ ئولتۇرۇشىمىزغا  بىزدىن نېرىراقتىكى بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچەيلەن دېققىتىمىزنى تارتتى.  ئۇلار بىر قىز ئىككى ئوغۇل ئىدى. قىز بىزگە كەينىنى قىلىپ ئولتۇراتتى، كەينىدىن قارىسام تۇنۇشلا كۆرۈندى.  ئىككى ئوغۇل بالا كۆپ بولسا 22    23 ياشلاردا بار ياش، قارام يىگىتلەر ئىدى. ئۇلار ھەدەپ قىزغا تېتىقسىز چاقچاق قىلاتتى، قىز بولسا ئۆزىنى تارتىپ تۇراتتى. 

 نىگارە ئورنىدىن تۇرۇپ شۇ ئۈستەلگە باردى. 

_ قولۇڭنى تارتىش،  نۇمۇس قىلماي بىر قىز بالىنى بوزەك قىلغىلى تۇرۇشتۇڭما؟

   نىگارە بۇنداق ئىشلارغا پەقەتلا چىداپ تۇرالمايتتى. 

_ نىگارە، بۇ سىزمۇ؟ _ بۇ فروزەنىڭ ئاۋازى ئىدى.  ئالدىنقى قېتىم فەرۇق نىگارەگە توي تەكلىپى قويغاندا فروزەمۇ كەلگەن ھەم نىگارە بىلەن شۇ چاغدا تۇنۇشۇپ قالغان ئىدى. 

_ ھە، فروزە، سىزكەنسىزغۇ،  يالغۇز ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ؟  

_ ھە، يەنە بىر ساھىبجامال كەلدى مانا، بىرىمىزگە بىردىن، تالىشىپمۇ قالمايدىغان بولدۇق، ئاداش._ ھېلىقى ئىككىيلەن شۇنداق دەپ تېتىقسىزلارچە كۈلدى. 

_ مېنىڭ قىز دوستۇمغا تېتىقسىز چاقچاق قىلىۋاتقان كىمۇ ئۇ؟ _ فەرۇق ئۇدۇل ئاشۇ ئۈستەلگە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭغىچە مەنمۇ بېرىپ بولغان ئىدىم.  بۇ يەرگە كىرگەنلەر ئاساسەن دېگۈدەك فەرۇقنى تۇنۇيدىغانلار ئىدى. 

_ ھە، ۋوي فەرۇق ئاكا، سېنىڭ قىز دوستۇڭمىتى؟ قىز دوستۇڭ بەك چىرايلىقكەن.  سەت بوپتۇ، يەڭگىمىزنى تۇنۇماي قاپتۇق. _ ئۇلار شۇنداق دەپ باشقا بىر ئۈستەلگە كىتىپ قالدى. 

_ فروزە، ئۆزىڭىز يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتىپسىزغۇ؟ دوستلىرىڭىز ئەمدى كىلەمدۇ يا؟_ دېدىم مەن. 

_ ياقەي، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەتكۈم كەلمەي، ئۆتكۈرنى كېلىپ قالارمىكىن دەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەنتىم_ دېدى ئۇ كۆڭلىدىكىنى يوشۇرماي. 

_ ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىپ بېقىڭە بولمىسا_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ. راستىمنى ئېيتسام ئۆتكۈر بىلەن فروزەنىڭ بىر بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ماسلىشاتتى. 

_ قانداق بولار؟_ فروزە ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىشتىن ئىككىلىنىپ قالدى. 

_ قانداق بولار دەپ ئەزمىڭىزنى ئېزىپ ئولتۇرماي تېلېفوننى چىقىرىپ ئۇرۇڭە، ئاندىن قانداق بولىدىغىنىنى بىلىسىز_ دېدى نىگارە.  ئۇ ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق توروڭ توروڭ گەپ قىلاتتى،  بۇنى فروزەمۇ ھېس قىلىپ قالدىمىكىن، كۆڭلىگە ئالماي ئاستا تېلېفونىنى چىقىرىپ ئۆتكۈرنىڭ نومۇرىنى باستى. 

_ ۋەي، ئۆتكۈر، مەن فروزە،  نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟ ھە،  باشقا ئىشىڭىز بولمىسا سىزنى 520 بەزمىخانىسىغا كىلەمدىكىن دېگەنتىم.... ياقەي، باشقا ئىش يوق،   شۇ ئىشتىن چۈشۈپ بىردەم  ئولتۇرۇپ كىتەي دەپ كەلگەنتىم....  ھە چارچاپ قاپسىزمۇ؟   بولىدۇ ئەمىسە..... ياق، مەن يالغۇز ئەمەس، نازىيە بىلەن نىگارە بار... ياخشى ئارام ئېلىڭ ئەمىسە. 

 ئۇنىڭ تېلېفوننى قويغاندىكى چىراي ئىپادىسىدىن ئۆتكۈرنىڭ نىمە دەپ جاۋاب بەرگىنىنى بىلىۋېلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس ئىدى. فروزە تېلېفوننى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئولتۇردى. ئارىدىن كۆپ بولسا بەش مىنۇت ئۆتكەن بولسا كېرەك،  فروزەنىڭ تېلېفونى سايرىدى، تېلېفون ئۆتكۈردىن كەلگەن ئىدى. 

_ ۋەي، ئۆتكۈر.    ھە، كېلىدىغان بولدىڭىزما؟  ماقۇل،ماقۇل،  ئەمىسە سىزنى 520 بەزمىخانىسىدا ساقلايمەن. 

 فروزەنىڭ كەيپىياتىدا 180 گرادۇس بۇرۇلۇش بولدى. 

_ ئۆتكۈر كېلىدىغان بولدى_ دېدى ئۇ ھاياجان ئىچىدە. 

  شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتتەك ئولتۇردۇق، ئۇنىڭغىچە فەرۇق ئىككى ئۈچ قېتىم يېنىمىزغا كېلىپ يەنە ئىشىغا بېرىپ يۈردى.   ئۆتكۈر ھېچ كېلىپ بولالمايۋاتاتتى.  فروزەنىڭ كۆزى ئىشىكتىلا، سەھنىدە ئېيتىلىۋاتقان ناخشا، نىگارە ئىككىمىزنىڭ گەپلىرىمىزمۇ ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتالمايۋاتاتتى.  بىر چاغدا فەرۇق  يەنە بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى، ئۇ ئەمدى كېلىپ نىگارەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشىغا تېلېفونى سايرىدى. 

_ ئۆتكۈركەن_ شۇنداق دەپ تېلېفوننى ئالدى ئۇ. ئۆتكۈرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ فرزوە ئولتۇرالمايلا قالدى.  بۈگۈن مەن ئۇنىڭ ئۆتكۈرنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتىم.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە خۇش بولدۇم، چۈنكى ئۆتكۈر مەيلى كەسىپتە ياكى باشقا جاھەتتە بولسۇن ھەقىقەتەن باش بارماقنى چىقىرىپ تۇرۇپ ماختىغۇدەك يىگىت،  فروزەمۇ قىزلارنىڭ ئىچىدىكى ماختاشقا ئەرزىگۈدەك قىز، ئۇلار بىر يەرگە كىلەلىسە ھەممەيلەن ھەۋەس قىلغۇدەك بىر جۈپلەردىن بولۇپ قالاتتى. 

 فەرۇق تېلېفوندا پاراڭلىشىپ بولۇپ تېلېفوننى قويدى. ئۈچىمىز ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىدۇق، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئۆتكۈر توغرىلىق بىرەر گەپ چىقىشىغا ئەڭ تەقەززا بولىۋاتقىنى فروزە ئىدى. 

_ ئۆتكۈرنىڭ تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قاپتۇ، كېلەلمەيدىكەن.  شۇڭا مېنىڭ ئورنۇمدا ئۈچ خانقىزنى ئوبدانراق كۈتۈپ قويساڭ دېدى. بۈگۈن بۇ يەردە قانچىلىك يەپ ئىچىپ ئوينىساڭلا ھەممە چىقىمنى ئۆتكۈر چىقىرىدىكەن_ شۇنداق دەپ كۈلدى ئۇ. 

 فرزوە بايا ئۆتكۈر كېلىدىكەن دەپ قانچىلىك ھاياجانلانغان بولسا  ئەمدى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە سالپىيىپلا قالدى. 

_ ئەمىسە سىلەر ئولتۇرىۋېرىڭلار، مەن قايتاي. ئەتە يەنە ئىشقا بارىدىغان گەپ_ فروزە شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى. 

 بىزمۇ ئۇنى بەك تۇتمىدۇق.  

_ نازى ئاداش، بۇ قىز ئۆتكۈرنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ نىمە؟_ دېدى نىگارە فروزە كەتكەندىن كېيىن. 

_ شۇنداقتەك قىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى چىقىشىپ قالسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى_ دېدىم مەن. 

_ لېكىن قارىسام ئۆتكۈر ئۇنداق ئاسان ئېرىيدىغاندەك ئەمەسقۇ، ئالدىنقى قېتىممۇ نەقمەيداندا  مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان  ئادىمىم باشقا دەپلا رەت قىلىۋەتتى. 

 ئالدىنقى قېتىم ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان.  لېكىن مېنىڭچە ئۆتكۈر ئالدىغا قاراپ ماڭالايدىغان ئادەم، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئۇنچىۋالا ئېسىلىۋالمايدۇ. 

_ قېنى قاراپ باقمامدۇق؟ ئىشقىلىپ مەن ئۇلارنىڭ بىر يەرگە كېلەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  شۇنىڭدا تازا گۈل گۈلىگە كەلگەندەك بولاتتى_ دېدىم. 

520 بەزمىخانىسىدىن  بەك كەچ قالماي چىقتۇق. 

_ بۈگۈن كەچتە مېنىڭ يېنىمغا كەتكىنە، پاراڭلىشىپ بىللە ياتىمىز_ دېدى نىگارە. 

دېمىسىمۇ ئىككىمىز تۈزۈكرەك پاراڭلىشىپ باقمىغىلىمۇ بەك ئۇزۇن بوپتۇ. بۈگۈن قەھۋەخانىدا پاراڭلىشىپمۇ يەنە گەپلىرىمىز تۈگىمىگەن.  لېكىن ئۈمىد قوشۇلارمۇ؟ 

_ ئۈمىدكە ئۆزۈم دەيمەن. _ دېدى ئۇ  كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك. 

    ئۇ مېنىڭ تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ دېگەنتى، ئۈمىدمۇ قوشۇلدى.   نىگارە ئىككىمىز ئۇنىڭ ئۆيىگە كەتتۇق. 

ئەمدى كىرىپ تۇرۇشىمىزغا فروزەدىن تېلېفون كەلدى، قارىغاندا ئۇنىڭ بۈگۈن ھەقىقەتەن ئىچى پۇشقان بولسا كېرەك. مەن بىلەن پاراڭلىشاي دەپ تېلېفون قىپتۇ. 

_ بىز ھازىر نىگارەنىڭ ئۆيىدە، مۇشۇ يەردە قونۇپ قالىدىغان بولدۇم، سىزمۇ كېلىڭە، پاراڭلىشىپ بىللە يېتىپ قالىمىز. 

  ئۇمۇ ئانچە تارتىشمايلا ماقۇل بولدى. 

 ئۈچىمىز تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ خېلىلا كەچ بولۇپ قاپتۇ.  قارىسام فروزەنىڭ دەيدىغان بىر گېپى باردەك، يەنە ئېغىز ئاچالمايۋاتقاندەك تۇيۇلدى. 

_ كۆڭلىڭىزدە نىمە گەپ بولسا دەۋېرىڭ، فروزە، مېنى قانداق كۆرسىڭىز نىگارەنى شۇنداق كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئۇ مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم_ دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇراي دەپ. 

فروزە بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى. 

_ مەن ئەزەلدىن غورۇرۇم بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان بىر قىز.  مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئارزۇ، غايىلىرىم بار.   مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا باشقىلار ئويناپ كۈلۈپ يۈرگەندە مەن كۇتۇپخانىدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلاتتىم.  باشقىلار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەندىمۇ ماڭا ھەمرا بولىدىغىنى كىتابىم ئىدى. 

   نىگارە ئىككىمىز فروزەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ جىمجىت ئولتۇردۇق. 

_ راستىمنى ئېيتسام مەن ھازىرغىچە بىرەر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، ئۆتكۈر تۇنجىسى.  مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ مۇنەۋۋەر ئەر، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدەك مۇنەۋۋەرلەر ئەرلەر كۆپ، لېكىن  نىمىشقىكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن.   بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ھېچقانداق سەۋەب كەتمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.  ئەمما مەن ئۇنىڭغا سىزنى ياخشى كۆرۈش مېنىڭ ئىشىم، مېنى ياخشى كۆرمىسىڭىزمۇ مەيلى دېگەنتىم.  لېكىن......

_ نىمە لېكىن؟_ نىگارە تاقەتسىزلىنىپ سورىدى. 

_ بىرى كەينىمگە كىرىۋالدى،  كىملىكىنى سىلەرمۇ سورىماڭلا، مەنمۇ دېمەي.  ئۇ ماڭا بولمىغۇر تەلەپ  قويۇۋاتىدۇ،  بۇنىڭ ئۈچۈن شېرزاتنىڭ ئىشىنى شەرت قىلىپ تۇرىۋالدى.  شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشىم قېتىپ كەتتى.  ئىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئوتقا تاشلايدىغان ئىش بولارمۇ؟  ئۇنداق قىلسام پۇشايمانغا قالىدىغىنىم ئېنىق، قىلمىسامچۇ؟  ئىنىمنىڭ ئىشى پۈتمەي قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟  شۇڭا ئەسلى بۈگۈن ئۆتكۈر 520 بەزمىخانىسىغا بارغان بولسا يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ توي قىلايلى دېمەكچى بولغان ئىدىم. ھېچبولمىغاندا رەسمىيەت ئۈچۈن بولسىمۇ توي قىلىپ، كېيىن ئاجرىشىپ كەتسەكمۇ مەيلىتى. 

 بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرغۇدەك ئىش بوپتۇ.  قانداق قىلىش كېرەك؟  ئۆتكۈر ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم باشقا دەۋاتسا، ئۇنى فروزە بىلەن توي قىل دەپ مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ دە. 

_  مېنىڭ بىر ئامالىم بار_ دېدى نىگارە. 

فروزە ئىككىمىز تەڭلا ئۇنىڭغا قارىدۇق.  ئۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغان ئامالىنى دېدى. فروزە ئىككىمىزمۇ بۇ ئامالنى بولىدىكەن دەپ ئويلىدۇق ۋە ۋاقتىنى دىيىشىپ بولۇپ ئۇخلاپ قالدۇق. 

ئەتىسى فروزە شىركەتكە كەتتى، نىگارەمۇ تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىغا ماڭدى. ئۈمىد ئەتىگەندە ماڭا تېلېفون قىلىپ بۈگۈن مەن بىلەن ماشىنا مەشق قىلغىلى بىللە بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ماشىنا مەشق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ شىركەتكە كەتتى، مەن ئۆيگە ئۆزۈم يالغۇز قايتتىم.  كەچتە 520 بەزمىخانىسىغا كەلدىم. نىگارە ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىكەن. لېكىن فەرۇق كۆرۈنمەيتتى،  ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى نىگارەمۇ بىلمەيدىكەن.  نىگارە ئىككىمىز ئىككى كىشىلىك ئۈستەلدىن بىرىگە جايلىشىپ ئىشىككە دېققەت قىلىپ ئولتۇردۇق.  راستىمنى ئېيتسام  مەن بەك جىددىيلىشىپ كىتىۋاتاتتىم، چۈنكى  مېنىڭ نىگارە كۆرسەتكەن ئامالغا نىسبەتەن ئىشەنچىم يوق ئىدى.  بەزمىخانىدا مېھمانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.  بىر چاغدا ئىشىكتىن فروزە بىلەن بىر ئەر بىللە كىرىپ كەلدى. ئۇ  50 ياشلار چامىسىدىكى، قاراشقىلا سالاپەتلىك كۆرۈنىدىغان كىشى ئىدى. فروزە بېلىكىنى ئۇنىڭ بېلىكىدىن ئۆتكۈزۈپ قولتۇقلىۋاپتۇ. ئۇلار بىزگە يېقىنلا يەردىكى بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. كۈتكۈچى كېلىپ ئۇلاردىن نىمە ئىچىدىغانلىقىنى سورىدى.  ئۇ ئەر  «بەزمىخاناڭلاردىكى ئەڭ ئېسىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا كەلتۈرۈڭ» دېدى. نىگارە ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىپ قويدۇق.  قارىغاندا بۇ ئەر خېلى پۇلدار ئەردەك قىلاتتى. 

ئارىدىن بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتتى، فروزە بىلەن بىللە كەلگەن ئەر خۇدىنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇپ كەتكەن ئىدى.  بۇ چاغدا فروزە بىزگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى. 

_ ئاكا، ئاكا، ئەمدى قايتىپ كىتەيلىمۇ؟ كۆپ ئىچىۋالدىڭىز؟_ دېدى. 

_ يەنە ئىچىمەن، يەنە ئىچىمەن، ھاراق كەلتۈرۈڭلار_ دېدى ئۇ ئەر. 

_ بولدى، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە باردى، ئەمدى قايتىپ ئارام ئالايلى ھە. 

 فروزە شۇنداق دەپ ئۇ كىشىنى يۆلىدى.  لېكىن فروزە بىر ئادەمنىڭ شۇنچە بەستلىك ئەرنى يۆلەپ ماڭالىشى مۇمكىن ئەمەس تە.  نىگارە  كۈتكۈچى يىگىتلەردىن ئىككىسىنى چاقىرىپ  ئۇ ئەرنى يۆلەشكە بويرۇدى. ئۇلار ئۇ ئەرنى يۆلەپ ئېلىپ ماڭدى،  بىز ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق. ئۇلار ئۇ ئەرنى يۆلەپ بىز ئالدىن تەييارلاپ قويغان يان تەرەپتىكى مېھمانخانىنىڭ ياتىقىغا ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.  

_ فروزە، فروزە_ دېدى ئۇ ئەر كۆزىنى ئاچماي تۇرۇپ. 

_ ئاكا، سىز يېتىپ تۇرۇڭ، مەن يۇيۇنۇپ چىقاي ھە_ دېدى فروزە. 

_ بولىدۇ، گۈزەل قىز، تېز بولۇڭ ھە، ئاكىڭىزنىڭ تاقىتى تاق بولدى. 

نىگارە ئالدىن تەييارلاپ قويغان  سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتىنى چىقاردى.  فروزە ئىككىمىز ئۇ ئەرنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇردۇق.... شۇنداق قىلىپ بىز ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە يالىڭاچ چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلىۋېلىپ، غەلىبە خۇشاللىقىغا چۈمۈپ ياتاقتىن ئايرىلدۇق.  لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە يەنىلا قورقۇنۇچ بار ئىدى. 

_ بىرەر چاتاق چىقىپ قالماس ھە؟ بايىقى ئەر ئويغىنىپ ئۆزىنىڭ ئۇ ھالەتتە ياتقىنىنى كۆرۈپ فروزەدىن ئۆچ ئېلىپ يۈرمەس ھە؟

_ ۋاي ۋۇي، نازى، ھەممە ئىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىكەنسەن. قولىمىزدا كوزۇر بار تۇرسا، يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيتتۇق؟ ئەگەر ئۇ فروزەنى قىستىسا سۈرەتنى تورغا چىقىرىۋېتىمىز دەپ قورقۇتىمىز_ دېدى نىگارە. 

دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايرىدى، ئۈمىدتىن كەلگەن ئىكەن. 

_ سىز قەيەردە؟_ دەپ سورىدى ئۇ.  مەن تۇرىۋاتقان ئورنىمىزنى دەپ بەردىم.  ئۇمۇ يېقىن ئەتراپتا بولسا كېرەك، بەش مىنۇتقا قالماي يېنىمىزغا ئۈنۈپ بولدى.  مەن مېھمانخانىغا كەلگىنىمنى ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ، ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردىم.  ئۈمىد گەپلىرىمنى ئاڭلاپ، بىردەم تۇرىۋېتىپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ ھەي، سىلەر ئاياللارنىڭ قولۇڭلاردىن ھەر بالا كېلىدۇ جۇمۇ. ھا ھا ھا. 

نىگارە بۇ گەپنى ئاڭلاپلا يېنىمىزغا كېلىپ گەپكە ئارىلاشتى. 

_ مېنىڭچە بولغاندا...._  ئۇ گەپنى ئەمدى باشلىشىغا تېلېفونى تىت تىت قىلىپ قالدى. ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ قارىدى،  ئۇ فەرۇقتىن كەلگەن ئۇچۇر ئىدى. 

_ ۋاي ۋۇي، دائىم مۇشۇنداق تايىنى يوق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن. 

مەن بوينۇمنى سوزۇپ ئۇنىڭ تېلېفونىغا قارىدىم. 

_ «كەيفېڭ مېھمانسارىيى 1805-ياتىقىدا سىزنى ساقلايمەن». 

قىزىق يېرى، بىزمۇ ھازىر دەل كەيفېڭ مېھمانسارىيى  1811-ياتاقنىڭ ئالدىدا ئىدۇق.  

ئۇچۇرنى كۆرۈپ يۈرىكىم قارتلا قىلىپ قالدى. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k