
بۇ ئەسەرنىڭ 139-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138-قىسىم
ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىدى. ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
_ مەلىكەم، بىر ئايال كىشىنىڭ يات بىر شەھەردە بالا بىلەن جاپا تارتىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن، بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، نىگارەغۇ بىر بالا بىلەن ئىكەن، سىز ئىككى بالا بىلەن بەك جاپا تارتتىڭىز. مەن ئالدىڭىزدا بەك خىجىل.
مەن ئۇ گەپنى ئۇنداق مەقسەتتە دېمىگەن، ھەم ئۆزۈمنىڭ تارتقان جاپالىرىمنى ئۇنتۇپمۇ قاپتىكەنمەن.
_ ياقەي، ماڭا نىسبەتەن ئۇنچىلىك جاپالار ھېچقانچە ئەمەس، مەن كىچىكىمدىنلا جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان، شۇڭا جاپادىن قورقمايمەن، لېكىن نىگارە ئۇنىداق ئەمەس، ئۇ كىچىكىدىنلا...
_ ئۇمۇ كىچىك بالا ئەمەس، يەنە كېلىپ ئۆزى خالاپ شۇ قەدەمنى ئالغان ئىكەن، يېڭىپ كېتىدىغانغا ئىشەنچىسى بار دېگەن گەپ. ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئىشقا زورۇققاننىڭ پايدىسى يوق، ئۇنىڭغا كۆنۈش، قوبۇل قىلىش كېرەك. ئاخىرقى ھېسابتا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا ياشايدۇ.
توغرا، ئاخىرقى ھېسابتا ھەممە ئادەم يەنىلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا ياشايدۇ.
_ نازىيە، ھەممىلا ئىشنى زىممىڭىزگە ئارتىپ ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالماڭ. ھازىر ئۆيگە بارمايلى، بۈگۈن كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلەيلى.
ئۇ مېنى ئالىي دەرىجىلىك بىر كۇلۇبقا ئېلىپ كەلدى، كۇلۇبنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىگە چىقتۇق، بۇ ئىنتايىن چوڭ بىليارت كۇلۇبى ئىكەن. ئەمدى كىرىشىمىزگە بىرەيلەن ئالدىمىزغا كەلدى ۋە:
_ ئۈمىد باش دېرىكتور، كەلدىڭىزمۇ؟_ دېدى. قارىغاندا ئۈمىد بۇ يەرگە دائىم كېلىپ تۇرسا كېرەك.
_ ئالاھىدە ئايرىمخانىدىن بىرىگە باشلاڭە _ دېدى ئۇ ئالدىمىزغا كەلگەن خىزمەتچىگە. ئۇ بىزنى بىر ئايرىمخانىغا باشلىدى. بۇ ئايرىمخانا ئويلىغىنىمدىن چوڭ ئىكەن، ئىچىدە بىليارت ئۈستىلىدىن باشقا يەنە كرىسلو، تېلېۋىزورمۇ بار ئىكەن.
_ ئويناشنى بىلەمسىز؟_ سورىدى ئۇ.
_ بىلمەيمەن، لېكىن ئۆگەنسەم بولىدۇ_ دېدىم مەن ئۈستەلگە تىزىپ قويۇلغان توپلارغا قاراپ.
_ بۇ يەر بەك ئىسسىق، چاپىنىڭىزنى سېلىۋېتىڭ_ دېدى ئۇ ئۇچىسىدىكى چاپىنىنى سالغاچ.
چاپىنىمنى سېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئىلىپ يېڭىمنى تۈرۈپ تەييار بولدۇم.
_ باشلايلىمۇ؟
_ باشلايلى_ ئۇ شۇنداق دەپ كەينىمگە كېلىپ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۆگەتتى.
_ قارىغا ئېلىڭ، كالتەكنى تۈز تۇتۇڭ، توپنى ئۇرۇپ تۈشۈككە كىرگۈزىسىز، ھە، توغرا، مانا مۇشۇنداق.
_ ئۆزۈم ئۇرۇپ باقايچۇ_ دېدىم مەن ئۇنى ئىتتىرىپ.
_ بولىدۇ_ ئۇ شۇنداق دەپ بىر چەتكە ئۆتتى.
مەن بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر توپنى كىرگۈزۈپ خۇش بولۇپ سەكرەپ كەتتىم. ئۈمىد ماڭا قاراپ باشمالتىقىنى چىقاردى. يەنە قولۇمغا كالتەكنى ئېلىپ ئۇرغان چېغىمدا ئۇ كېلىپ قىياپىتىمنى توغرىلاپ قويدى. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ مەنمۇ خېلى ئۇستا بولۇپ قالدىم. بىر چاغدا بىرى قارا دېگەندەك قارىسام تۇنۇش چىرايلا بىر قىز ئەينەك ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ قارىسام بايىقى ئقىز ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى.
_ نىمە بولدىڭىز؟_ سورىدى ئۈمىد كەينىمدىن چىقىپ.
_ ھېچنىمە. بايا ئۆتۈپ كەتكەن قىز بەك تۇنۇش چىراي بىلىنىپ كەتتى، بىرەسىگە ئوخشاتقان ئوخشايمەن.
ئۈمىد كىرىپ ئىككىمىزنىڭ چاپىنىمىزنى ئېلىپ چىقتى.
_ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى.
ئۆيگە بارساق بالىلار ئۇخلاپ بوپتۇ. ئىككىمىز ھۇجرىدىكى كىچىك كرىسلودا ئولتۇرۇپ يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتقان بالىلىرىمىزغا قاراپ ئولتۇردۇق. ئۈمىدكە قارىدىم، ئۇنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ئۇخلىغىنىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرۇشلىرىدىن ئاتىلىق مېھرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى، ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلدىم.
_ ھە راست، نىجاتقا كىمنى تۇنۇشتۇرۇپ قويدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى ئۇ پەس ئاۋازدا.
بۈگۈن كەچ 520 بەزمىخانىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم، ئۇ كۈلۈپ كەتتى.
_ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن بىر جۈپلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى مۇشۇنداق ئوڭايسىزلىقلاردىن باشلىنىدىغان ئوخشايدۇ، بىزمۇ شۇنداق بولغانغۇ؟
ئىككىمىزنىڭ تۇنجى ئۇچراشقان ۋاقتىمىزنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ راستىڭىزنى دەڭە، شۇ چاغدا كېتىپ بولغان ئادەم يەنە نىمىشقا كەينىڭىزگە يېنىپ كەلگەنتىڭىز؟
_ سىز شۇنداق يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغلاپ كېتىۋاتسىڭىز، مەن بىر ئەر كىشى تۇرۇپ بىر ئايال كىشىنى كارىم بولماي ئاشۇ يەرگە تاشلاپ كېتىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
شۇ كۈندىكى ئىشنى ئويلىسام ھازىرمۇ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن شۇ ئىش ئارقىلىق تۇنۇشۇپ قالغىنىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى يەنىلا بەختلىك ھېس قىلىمەن.
_ ئۇنچىلىك قاتتىق يىغلاپمۇ كەتمىگەنتىمغۇ. ئۈمىدسىزلىنىپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغىنى راست، لېكىن ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ھۆڭرەپ يىغلىمىغاندەك قىلغانتىم.
ئۇ مېنى ئاستا قوينىغا تارتتى.
_ مەن سىزنىڭ يىغلىغۇڭىز كەلسە يىغلاپ، كۈلگۈڭىز كەلسە كۈلۈپ، ئەركىن ئازادە ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە ياش تۆكۈشىڭىزنى خالىمايمەن. ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئىشنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلماڭ. گەرچە سىز ھازىر مىنا شىركىتىنىڭ خۇجايىنى بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئاجىز ئايال كىشى. بىر ئايالنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋەپپەقيەت قازانمىقى ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ، ئەمما مەن سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇشىڭىزنى خالىمايمەن.
مەن رازىمەنلىك بىلەن ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىمنى قويدۇم.
بىردەمدىن كېيىن ئۇ كومپيۇتېردا ماتېرىيال كۆرىۋاتقاندا مەن مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپ چىقىپ ئەمدى كارىۋاتنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە ئۈمىد ئۈستى بېشىمغا قاراپ كەتتى.
_ ئىككى بالا تۇغقىنىڭىز بىلەن بەدىنىڭىز بۇرۇنقىدىنمۇ بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ.
_ مەنمۇ بەدەن شەكلىم ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆزۈمنى ئۇۋىلاتتىم، ھەر كۈنى يوگا مەشق قىلدىم، شۇنىڭ ئاز تولا پايدىسى كۆرۈلگەن بولسا كېرەك.
_ ئاز تولا ئەمەس، خېلى ئوبدانلا پايدىسى بوپتۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئادەمنىڭ بەدىنى ئاسرىغاننى بەل بىلىدۇ. بۇنىڭ سالامەتلىككىمۇ پايدىسى بار، يەنە بىر جەھەتتىن روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ كەيپىياتىڭىزمۇ ياخشى بولىدۇ.
تازا قىزغىن پاراڭلىشىۋاتساق بالىلارنىڭ بىرى يىغلىدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە بىرسىمۇ يىغلىدى. ئاۋازىمىز ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك. ئىككىمىز كېلىشىۋالغاندەك مەن ئوغلىمىزنى قۇچىقىمغا ئالدىم، ئۈمىد قىزىمىزنى قۇچىقىغا ئالدى. بالىلارنى بەزلەپ يىغىسىنى توختىتىپ بولۇپ ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
ئەتىسى ئىشخانىدا تارماق شىركەتلەرنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرسام ئامىنە كىردى.
_ نازىيە دېرىكتور، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
_ ياخشى ياخشى، ھە، تۆنۈگۈن كەچتە ئىشلار قانداق بولدى؟ بەزمىخانىنىڭ خۇجايىنى بىلەن كېلىشەلىدىڭلارمۇ؟
ئۇنىڭ گېپىنى چىقىرىشىم بىلەنلا ئامىنەنىڭ قاپىقى تۈرۈلۈپ كەتتى.
_ ۋاي ئۇنى خېلى گەپ يەيدىغان ئادەممىكىن دەپتىمەن تېخى. نەدىكىنى.
_ ھە ھە ھە، نىمە دىيىشتىڭلار؟ تەپسىلىي دەپ بېرىڭە_ دېدىم مەن قىزىقىپ.
ئۇ كېلىپلا كرىسلودا ئولتۇردى.
_ ئۇ خۇجايىن تۇرقىدىن قارىسا كېلىشكەن، سالاپەتلىك ئادەم بولغان بىلەن بەك پىخسىق ئادەممۇ نىمە. بوغالتىرىنى چاقىرىپ ھېسابات قىلىپ، ھەممىنى تۆلەيسىز دەپ تۇرىۋالدى قاراڭ.
_ سىز نىمە دېدىڭىز؟ پۇلۇم يوق، مېنىلا ئېلىڭ دېمىگەنسىز ھە؟
_ نازىيە دېرىكتور، بۇ كىنولاردىكىدەك ئىش ئەمەس، شۇنداق دېسەم ھەلا دەيدىغان. ئۇنىڭغا مېنىلا ئېلىڭ دېسەم، سىز ئۇنچىلىك پۇلغا يارىمايسىز دەپ قالسا بۇ يۈزۈمنى نەگە قويىمەن؟
_ شۇنداق قىلىپ ئاخىرى قانداق بولدى؟ بىر نىمە دىيىشكەنسىلەر؟
_ بىر نىمە دىيىشمىسەم ئۇ مېنى كەتكىلى قويامتى؟ سىزمۇ يا ماڭا ئىگە بولماي تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالدىڭىز. ئۇنچىلىك پۇلۇم يوق دېسەم، مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەڭ دەيدۇ.
_ قانداق مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىكەنسىز؟_ كۈلكەمنى ئاران تۇتۇپ سورىدىم.
_ ئۇ ماڭا ئىككى خىل لايىھە تۈزۈپ بەردى. بىرىنچىسى كۈنىگە 50 يۈەندىن تۆلىسەم 10 يىلدا تۆلەپ بولىدىكەنمەن. يەنە بىرى كۈندە 10 يۈەندىن تۆلىسەم 50 يىلدا تۆلەپ بولىدىكەنمەن. مەكتەپتە ماتېماتىكىنى خېلى ياخشى ئۆگەندىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن سودىگەر دېگەن ھېسابنى بەك ئىنچىكە قىلامدۇ نېمە، ئىشقىلىپ كاللام ئېلىشىپلا كەتتى.
_ شۇنداق قىلىپ قايسىسىنى تاللىدىڭىز؟
_ ئەلۋەتتە بىر كۈندە 10 يۈەن تۆلەيدىغاننى تاللايمەن دە. ماڭىمۇ بەك بېسىم بولۇپ كەتمەيدىكەن.
_ ھە. ياخشى بوپتۇ.
_ ياخشى بوپتۇ دەيسىزغۇ؟ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟
_ تاللىغىنىڭىز توغرا بوپتۇ دەۋاتىمەن_ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئامىنە ئۇھسىندى.
_ كۈندە 10 يۈەندىن تۆلىسەم 50 يىل قەرز تۆلىگۈدەكمەن، 50 يىلدىن كېيىن 70 نەچچە ياشقا كىرىدىكەنمەن، دېمەك بىر ئۆمۈر قەرز تۆلەپلا ئۆتكۈدەكمەن.
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم.
_ 10 يۈەن دېگەن ھېچقانچە پۇل ئەمەس، ئىككى قۇتا ئىچىملىكنى ئاز ئىچسىڭىز تۆلىنىپ كېتىدۇ.
_ مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم، شۇنداق ئويلىمايمۇ نىمە ئامال. شۇ كۈنى تاماشا كۆرگىلى بارغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. لېكىن ئويلاپ باقسام ئۇ خۇجايىنمۇ ئۇنچىۋالا ئاچكۆزلەردىن ئەمەسكەن، تۆنۈگۈن كەچ ھېساباتنى چىقىرىپ بولغىچە بىر ۋاق بولۇپ كەتتى، قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ دەپ مېنى ئېسىل رېستۇرانغا باشلاپ مېھمان قىلدى تېخى.
_ ئەمىسە ئۇنىڭغا 10 يۈەن تۆلىگىنىڭىز بىلەن نەچچە ھەسسىنى قايتۇرىۋاپسىزغۇ؟
_ ھەئە، مەن ئامىنە زىيان تارتىدىغان ئىشنى قىلامدىم_ دېدى ئۇ كۈلۈپ.
ئامىنە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن نىجاتقا ئۇچۇر يازدىم.
_« خېلى ھۈنىرىڭىز بار ئىكەن جۇمۇ»
بىردەمدىن كېيىنلا ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى.
_«ھۈنەر بولمىسا بويتاق يۈرىۋېرىدىغان ئوخشايمەن».
_«دېمەك ئەمدى بويتاقلىقتىن خوشلاشقۇدەكسىز دە؟»
_ «بۇ قىزغۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ، قېنى ئارىلىشىپ كۆرۈپ باقاي»
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تۇرسۇنئاي بىلەن بىللە سىرتتا كەچلىك تاماق يىدۇق، تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭغا مېنى ئاخشام ئۈمىد بىلەن بىللە بارغان كۇلۇبقا ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتىم. بارغاندىن كېيىن تۇرسۇنئايغا ماشىنىدا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ كۇلۇبقا ئۆزۈم يالغۇز كىردىم. بىليارت كۇلۇبىدا ئادەم يەنىلا شۇنداق كۆپ ئىكەن. مەن كىرىشىمگە نۇرغۇن ئەر كىشىلەرنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلدى، بىر نەچچىسى ئاغزىنى ئىسقىرتىپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇلارغا پەرۋا قىلماي ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىدىم. ھەر بىر ئۈستەلدە ئوخشاش قىسقا يوپكا كىيىۋالغان قىزدىن بىردىن بار ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە تۆنۈگۈن ئەينەكلىك ئىشىكتىن كۆرۈپ قالغان قىزمۇ مۇشۇنداق كىيىم كىيىۋالغان ئىدى. بۇ يەردىكىلەردىن ئاڭلىشىمچە بۇ قىزلار مېھمانلارغا ھەمرا بولۇپ ئوينىشىپ بېرىدىغان قىزلار ئىكەن.
بىر ئايلىنىپمۇ چىقىپمۇ ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم. يەنە ئەتراپقا قاراپ تۇرسام بىرى كېلىپ چاقچاق قىلدى. بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ چىقىپ كەتتىم. بىليارت كۇلۇبىدىن چىقىپ ماشىنىغا چىقاي دەپ تۇرسام يان تەرەپتىكى بىر ماشىنىنىڭ كەينىدە بىر نەچچە ئەر كىشىنىڭ بىليارت كۇلۇبىنىڭ خىزمەت كىيىمىنى كىيىۋالغان بىر قىزنى بوزەك قىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم.
_ ئۇنداق قىلماڭلار، مېنى قەيەرگە ئاپىرىسىلەر؟ مەن ھېچيەرگە بارمايمەن.
ئەرلەر ئۇنى ھە دەپ ماشىنىغا چىقارماقچى بولاتتى، لېكىن قىز تارتىشىپ چىققىلى ئۇنىمايۋاتاتتى. يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۇلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
_ قانداقلىقىڭنى بىز بىلمەمتۇق، يالغان تارتىشماي ماشىنىغا چىقە ۋاي_ دېدى ماشىنىدىكى بىر ئەر.
_ مەن ئۇنداق قىز ئەمەس، مېنى قويۇۋېتىڭلار. ئۆتۈنۈپ قالاي.
ئارىدىكى بىر ئەر قىزنى بىر شاپىلاق ئۇردى.
_ نىمە ساختىپەزلىك قىلىسەن. بۇنداق يەردە ئىشلەيدىغان قىزلارنىڭ ياخشىسى بارمىتى؟ كۆڭلۈمنى ئالالىساڭ بۇ يەردە ئىشلەپ تاپقان پۇلۇڭنىڭ نەچچە ھەسسىسىچىلىك پۇل بېرىمەن.
_ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆيدە بالام ماڭا قاراپ تۇرىدۇ. مېنى قويۇۋەتكەن بولساڭلار.
ئەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ يۈزىنى چىمدىدى.
_ كىچىككىنە تۇرۇپ بالام دەۋاتقىنىنى. بۇ گېپىڭگە كىم ئىشىنىدۇ؟
_ تېز بولۇشە، نەچچە ئەر كىشى تۇرۇپ بىر قىز بالىغا كۈچى يەتمەيۋاتقىنىنى_ ماشىنا ئىچىدىكى ئەر ئۇلارنى ئالدىراتتى.
_ سىلەرگە ئون سىكۇنت ۋاقىت بېرىمەن، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، بولمىسا ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن_ دېدىم مەن ئۇلارغا قاراپ.
_ ۋوي ۋوي، ئۆز ئايىقى بىلەن يەنە بىر ساھىبجامال كەپتۇ مانا_ بايىقى ئەرلەر تەڭلا ماڭا قاراشتى. يىغلاپ تۇرغان قىزمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى.
_ نازىيە ئاچا.
توغرا، خاتالاشماپتىمەن، ئۇ مېھراي ئىدى. تۆنۈگۈن كەچتە ئۇنى غىل پاللا كۆرۈپ ئوخشاتقان، لېكىن جەزم قىلالمىغان ئىدىم. راستلا شۇكەن. مېھرايغا «قورقماڭ» دېگەن مەنىدە بىر قاراپ قويۇپ، سائىتىمگە قارىدىم ۋە:
_ ئون سىكۇنت توشتى، ئۇنى قويۇۋېتىڭلار دېدىم_ دېدىم.
ماشىنا ئىچىدىكى ئەر بېشىنى چىقىرىپ ماڭا قارىدى.
_ خانقىز، ئەڭ ياخشىسى ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي يولىڭىزغا مېڭىڭ، يا بولمىسا سىزنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ يە؟
سەل يۈرەكلىكرەك بىرى ھۆركىرىدى.
_ قۇرۇق گەپنى قويۇپ بىللە ئېلىپ ماڭساقلا بولمىدىمۇ.
مەن قىلچە ئالاقىزادە بولمىدىم، ئەكسىچە ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغان قىياپەتتە ئالىيىپ قويدۇم. ئۇلار چىراي ئىپادەمدىن ئۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمايۋاتقىنىمنى بىلدى بولغاي:
_ بولدى، ئۇنىمۇ ماشىنىغا سېلىڭلار_ دېدى ماشىنىدىكىسى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېھراينى قويۇۋېتىپ ھەممىسى بىراقلا ماڭا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. مەن يەنىلا شۇنداق تەمكىن ھالەتتە جايىمدا تۇرىۋەردىم، ئۇلار تېخى يېنىمغا كەلمەي تۇرۇپلا ئەڭ ئالدىدا ماڭغىنى بىر تىپىك بىلەن ئۇچۇپ كەتتى. تۇرسۇنئاي ئاللىبۇرۇن ئالدىمغا كېلىپ بولغان ئىدى. بايا تىپىك يىگىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىدى. قالغانلار تەڭلا تۇرسۇنئايغا ئېتىلدى. بىر نەچچە ئەر تۇرسۇنئاي بىلەن مۇشلىشىپ كەتتى. مەن بېرىپ مېھراينى يۆلەپ مېنىڭ ماشىنامغا چىقاردىم.
پەستىكى ئەرلەر ئازلىق قىلىپ، ماشىنىدا ئولتۇرغان ئەرمۇ چۈشۈپ تۇرسۇنئاي بىلەن مۇشتلاشتى. تۇرسۇنئاي ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ ماھارىتىگە ئىشىنەتتىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇ بايىقى ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋېتىپ ماشىنىغا چىقتى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















