大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 140 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 140  - قىسىم aybarawazi
2023-10-29
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 141-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

140-قىسىم  



   ئورنى ئالمىشىپ كەتكەچكە شۇنداقمۇ، ئايقىز بىردەم بىردەم چۈچۈپ ياخشى ئۇخلىيالمايۋاتاتتى. بىردەمدىن كېيىن قىقىراپ يىغلاپ كەتتى. مېھراي دەرھال بالىنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى.  مەن ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ:

_ سىزمۇ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، قالغان گەپنى ئەتە ئەتىگەن دىيىشەيلى_ دەپ قويۇپ يەنە بىر ھۇجرىغا كىرىپ كەتتىم. كارىۋاتتا ياتقىنىم بىلەن كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلەي دېمەيتتى. تۇيۇقسىز ئەزىمەت قۇرسىقىمدىكى بالامنى چۈشۈرىۋېتىپ مۇشۇ ئۆيدە قىرقىمنى چىقارغان ۋاقتىم ئېسىمگە كەلدى،  ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ چۈشكۈن ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك.  لېكىن ھەر ھالدا ئۇ چاغدا يېنىمدا  نىگارە بار، چايكا بار، ئۇلارنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن چىقىۋالغان ئىدىم. شۇڭا ئادەم چۈشكۈنلىشىپ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغاندا بىرىنىڭ مەدەت بېرىشىگە ۋە ئىشەنچىسىگە موھتاج بولىدىكەن. 

_«مېڭىپ ئۆتكەن يوللار قاراڭغۇ.... تىنەپ تەمتىرەپ كېتىۋاتىمەن...»

تۇيۇقسىز دېرىزىدىن بىرىنىڭ ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. كېچە، ھەممە يەر جىمجىت بولغاچقا ناخشا ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى. مېنىڭ يۈرىكىمگە تەگكىنى بۇ تىكەنقۇش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىسى ئىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيمىمنى كىيىپ ئۆيدىن چىقتىم.  كارىدورغا چىقسام ناخشا ئاۋازى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاندى. پەلەمپەي بىلەن پەستىكى قەۋەتكە چۈشتۈم، پەستىكى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى. بۇ ئۆتكۈرلەرنىڭ ئۆيى، لېكىن ئۇلار كۆچۈپ كەتكىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بېشىمنى سوزۇپ ئىچىگە قارىدىم. ئۆي ئىچىدە چىراق ياندۇرۇلمىغان. 

_«ياشايمەن سەن ئۈچۈن....»_ بىر دەسسەپ ، ئىككى دەسسەپ كىردىم.  بۇ ئۆيدىن ئادەم ئولتۇرمىغىلى ئۇزۇن بولغاندەك ھىد كەلمەيتتى، بەلكى كۈچلۈك ھاراق پۇرىقى كېلىۋاتاتتى.  دېرىزە ئوچۇق بولۇپ دېرىزىدىن ئاي نۇرى ئۆيگە چۈشۈپ ئۆينى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى.  مېھمانخانا ئۆيگە كىرگەندە دېرىزە تۈۋىدە بىرىنىڭ ياتقىنىنى كۆردۈم. ئالدىمغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىمغا پۇتۇمغا پىۋا بوتۇلكىلىرى ئۇرۇلۇپ ئاۋاز چىقىپ كەتتى.  ناخشا ئاۋازى توختىدى،  يەردە ياتقان ئادەم بېشىنى كۆتۈردى. 

_ نازىيە، بۇ سىزما؟ 

_ ئۆتكۈر؟

   ئۇ بىئارام بولغاندەك ئاھاڭدا ئىڭراپ قويدى. مەن تامنى تۇتۇپ چىراقنى ياندۇرۇش ئۈچۈن سىلاپ ماڭدىم، ئۇ مېنىڭ نىمە قىلماقچى بولغىىنىمنى  پەملىگەن بولسا كېرەك: 

_ چىراق يوق، بۇزۇلۇپ قالغان،  ئالماشتۇرۇش خۇشياقمىدى_ دېدى.

ئاستا _ ئاستا كۆزۈم قاراڭغۇلۇققا كۆندى، شۇ چاغدىلا پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ ھەممە يەرگە بىر كەلگەنلىكىنى بايقىدىم، ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ پىۋا بوتۇلكىلىرىنى تەردىم. ئاندىن بۇلۇڭغا قويۇپ قويۇپ ئۆتكۈردىن سورىدىم. 

_ قانداقراق تۇرىسىز؟

_ ئۇسساپ كەتتىم_ دېدى ئۇ. 

مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ چىراقنىڭ يىپىنى تارتسام ياندى.  ئاشخانا ئۆي ئىنتايىن پاكىزە ئىدى. بۇنىڭدىن ھەيران قالدىم.  چايدانغا قارىسام قايناقسۇ بار ئىكەن، ئىستاكانغا قۇيۇپ ئەچىقىپ ئۆتكۈرگە بەردىم، ئۇ ھەقىقەتەن بەك ئۇسساپ كەتكەن ئىدى، بىر ئىستاكان قايناقسۇنىڭ ھەممىنى پاك پاكىزە ئىچىۋەتتى. 

_ يەردە يېتىۋەرسىڭىز بولمايدۇ، يەر سوغۇق، بېلىڭىز ئاغرىپ قالمىسۇن، سىزنى ھۇجرىڭىزغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قوياي_ شۇنداق دەپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ مىڭ بىر تەستە ھۇجرىغا ئەكىرىپ كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويدۇم. كارىۋات بېشىدىكى ئۈستەل  چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قارىدىم، ئۇنىڭ يۈزى بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە مۇلايىم، كەمسۆز، سالاپەتلىك ئادەم ئىدى، ھازىرغىچە ئۇنىڭ بۇنچىلىك ھاراق ئىچكىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ئۇنىڭ بىلەن نورمال ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلاتتى. 

_ سىز ئۇخلاڭ ئەمىسە، ئەتە كۆرۈشەرمىز.

شۇنداق دەپ ئۆرۈلۈپ مېڭىشىمغا ئۇ بىلىكىمدىن تۇتىۋالدى.

_ نازىيە، كەتمەڭ. 

ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، لېكىن بايا خۇدىنى بىلمىگۈدەك ھالەتتە مەست بولۇپ كەتكەن ئادەم ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مېنى تۇتىۋالدى. ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ تازا نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. 

_ ئۆتكۈر، كۆپ ئىچىۋاپسىز، جىم يېتىپ ئۇخلاپ قېلىڭ. 

_ توغرا، مەن كۆپ ئىچىۋالدىم. ئادەم ھاراق ئىچكەندە ...ئاندىن ئادەتتە دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان گەپلىرىنى دى... دىيەلەيدىكەن، قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشلىرىنى قىلالايدىكەن. 

ئۇ كېكەچلەپ يۈرپ شۇنداق دېدى. راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن قورقتۇم. 

_ ئۆتكۈر مېنى قويۇۋېتىڭ. 

ئۇ ئۆزىنى كونترول قىلالماي يەلكەمگە بېشىنى قويۇپ ئارانلا تۇرىۋالدى. ئۇنى ئىتتىرىۋېتەي دېسەممۇ كۈچۈم يەتمەيتتى. ئۇ ئادەتتە شۇنچىلىك ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئادەم ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى بۇرۇنقىدىن ئاسمان زىمىن پەرقلىنەتتى. مەست بولۇپ قالغان بىلەن يەنىلا شۇنداق كۈچلۈك، ئىككى بېلىكىنى مىدىرلاتقىلى بولمايتتى. ئۇ مېنى تامغا تىرەپلا تۇرىۋالدى.

_ نازىيە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىزنى كىچىك چېغىمىزدىن باشلاپلا ياخشى كۆرەتتىم.  ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ، بولامدۇ؟_ ئۇ شۇنداق دەپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.

_ ياق!_ ئۇنى ئىتتىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنىۋاتىمەن، لېكىن كۈچۈم يەتمەيتتى. 

_ ئۇنداق قىلماڭ، نازىيە. 

_ مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن، بۇرۇنمۇ ياخشى كۆرمەيتتىم، بۇندىن كېيىنمۇ ياخشى كۆرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس، مەن ئۈمىدنى ياخشى كۆرىمەن. 

_ ياق، نازىيە، بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭ. 

_ كاللىىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ، ئۆتكۈر! _ كاللام مىڭ تال ھەرە كىرىۋالغاندەك غۇڭۇلداپ كەتتى. ئۇ بۇرۇنمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ باققان، لېكىن يەنىلا ئارىلىق ساقلاپ يۈرگەچكە مەندە ھېچقانداق ئەنسىرەشمۇ بولمىغان ھەم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. ئەمما ھازىر ئىشلار بەكلا باشقىچە، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا مەن بىلەن ئۇ، مەن بىلەن ئۈمىد، ئۈمىد بىلەن ئۇ ھەممىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنىڭ بىلەن بىراقلا تۈگەيتتى. 

_ ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆتكۈر، مېنى قويۇۋېتىڭ_ مەن يىغلىدىم. 

_ بىلىمەن، مېنى ياخشى كۆرمەيسىز، بۇنى بىلىمەن، لېكىن شۇنچە يىلدىن بۇيان سىزگە بولغان مۇھەببىتىم سۇسلىشىپ قالغىنى يوق. 

_ ئۆتكۈر، ئۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي. 

تۇيۇقسىز پاققىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، چۈچۈپ قارىدىم، ئىشىك تۈۋىدە فروزە تۇراتتى، يەردە خالتىدا بىر نەرسە تۇراتتى، بايا چىققان ئاۋاز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىنىڭ چۈشكەن ئاۋازى ئىدى. ئۆتكۈر يەنىلا مېنى  قويۇۋەتمەي بېلىكىمگە ئېسىلىپ مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ تۇراتتى، ئىشىك تۈۋىگە قاراپمۇ قويمىدى، بەلكىم ئىشىك تۈۋىدە كىمنىڭ بارلىقىنى بىلسە كېرەك. فروزە بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن يەرگە ئېڭىشىپ يەردىكى خالتىنى ئالدى ۋە ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويۇپ يۈگۈرگەن پىتى چىقىپ كەتتى. ئۆتكۈر بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ كەتكەندەك بولدى، ئۇ دەرھال بېشىنى سىلكىدى. 

_ مەن نىمە بولدۇم، نىمە قىلىۋاتىمەن؟

ئۇ شۇنداق دەپ دەرھال قولىنى مەندىن تارتتى. 

_ كەچۈرۈڭ، نازىيە. مەن...

ئۇنىڭغا گەپ قىلمايلا ئۆرۈلۈپ ماڭدىم. 

_  نازىيە، توختاڭ. ئىككىمىز پاراڭلىشايلى، ئەمدى بايىقىدەك سەت قىلىقنى قىلمايمەن. 

ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي مېڭىۋەردىم، ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولۇپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم.

_ فروزەگە تېلېفون قىلىپ قويۇڭ. ئۇ چوقۇم خاتا چۈشىنىپ قالدى. مۇشۇ ئاچچىقىدا چىقىپ بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسۇن. 

_ ھاجىتى يوق، ئۇ ئۇنچىۋالا ئاجىز قىلاردىن ئەمەس. 

ئۇ ئەنسىرىمىگەن بىلەن فروزەدىن مەن ئەنسىرەيمەن. ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپلا تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. ئەسلى ئۇنى ئاچچىقىدا مېنىڭ تېلېفونۇمنى ئالماسمىكىن دەپتىكەنمەن، لېكىن ئۇ ئالدى. 

_ فروزە. 

_ كېرەك يوق، نازىيە، ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى. مەن ئۆتكۈرنى ئەتە ئەتىگەن ناشتا قىلسۇن دەپ نەرسە كېرەك ئەكىلىپ بەرگىلى كەلگەن، نەرسىلەرنى قويۇپ قويدۇم، ئەتە ئەتىگەن ئۆزۈڭلار بىر نىمە قىلىپ يەرسىلەر. 

فروزە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ گەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ غاراڭ غۇرۇڭ چىققىنىدىن ئۇنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. 

_ فروزە، مەن..._ ھازىر مەن نىمىلا دېسەممۇ ئۇىنڭ قۇلىقىغا كىرمەيدىغىنى ئېنىق. 

_ نازىيە، مەن ماشىنا ھەيدەۋاتقان. خوش ھە.

يۈگۈرگەن پىتى ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتىم، كەينىمدىن ئۆتكۈرنىڭ «كەچۈرۈڭ» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى تاقىۋالدىم،  ماڭغىنىم بىر قەۋەت پەلەمپەي،  ئەمما ھاسىراپ تىنىقىم يىتىشمەيۋاتاتتى. ئاستا كېلىپ كرىسلودا ئولتۇردۇم. 

_ نازىيە ئاچا، نىمە بولدىڭىز؟ ھاسىراپ كېتىپسىزغۇ؟ _ مېھراينىڭ ئالدىمغا كەلگىنىنىمۇ تۇيماپتىمەن. 

_ قارا بېسىپ قاپتۇ، ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتتى. بىردەم ئولتۇرىۋالاي دەپ چىقتىم. سىز ئۇخلاۋېرىڭ.

ھۇجرىغا كىرىپ كارىۋاتتا ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. ئۆزۈمنى ئۈمىدكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم.  تۇيۇقسىز ئۈمىدنى شۇنچىلىك سېغىنىپ كەتتىم. تېلېفونۇمنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازدىم.

_« سىزنى بەك سېغىندىم».

ئۇچۇرنى يوللاپ بولۇپ ئۇ ئۇخلاپ قالغان بولغىيمىتى دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ئۇچۇر قايتۇردى. 

_«مەنمۇ سىزنى سېغىندىم. يېنىڭىزغا كەلدىم. ئىككى مىنۇتقىچە كىرىمەن»

ئۇچۇرنى كۆرۈپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەسكە قاراپ ئۇچتۇم.  شۇ تاپتا ئۆزۈمنى يېڭى مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئۆزىنى ئاتقىنىدەك سېزىۋاتاتتىم. ئىشىكتىن چىقىپلا يېقىنلا يەردە كېلىۋاتقان تۇنۇش گەۋدىنى كۆردۈم ۋە يۈگۈرگەن پىتى بېرىپ ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قوينىغا ئاتتىم. ئۇ مېنىڭ بۇنداق يۈگۈرۈپ كېلىشىمنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى. 

_ مېنى شۇنچىلىك سېغىنىپ كەتتىڭىزما، مەلىكەم؟_ دەپ پىچىرلىدى ئۇ.

_ ئىشقىلىپ سېغىندىم_ دېدىم مەن سەل خىجىللىق ئارىلاش. 

_ ياق،ماڭا قاراڭە، بۈگۈن سىز سەل بىنورمال. بىرەر ئىش بولدىما؟ 

_ ياقەي، نىمە ئىش بولاتتى؟ بۈگۈن مېھراينى تاپتىم، ئۇنىڭ بالا بىلەن جاپا تارتىپ قالغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى_ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتتىم، شۇنداق دېمىسەممۇ راست گەپنى قىلالمايمەن دە. ئۇمۇ گېپىمدىن گۇمان قىلمىدى. 

_ ئۈستى بېشىڭىزدىن ھاراق پۇراپ كېتىپتۇغۇ؟_ دېدى ئۇ گۇمان ئارىلاش. 

_ ھە، كەچلىك تاماقنى بىر رېستۇراندا يىگەنتۇق، ياندىكى ئۈستەلدىكىلەر ھاراق ئىچىپتىكەن، پۇرىقى سىڭىپ قالغان ئوخشايدۇ. _ يالغاننى ئېيتقاندىكىن، ئاخىرغىچە ئېيتاي ئەمدى.  

مېھراينىڭ يېنىغا كىرمەي ئۇنىڭ بىلەن داچىغا قايتىپ كەتتىم. يولبويى ئۇنىڭغا يالغان ئېيتقىنىم ئۈچۈن بەك بىئارام بولدۇم، ھەم ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا رازىيە ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك قىسىلىپ بىئارام بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.  

_ ھە راست، ھېلىقى شەھەر سىرتىدىكى سىز ياقتۇرۇپ قالغان يەرنى سېتىۋېلىپ داچا سالدۇرماقچى بولغىنىم ئېسىڭىزدىمۇ؟ 

راستىمنى ئېيتسام ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپمۇ كېتىپتىكەنمەن، ئۇ دېگەندىن كېيىن ئېسىمگە كەلدى. 

_ ھەئە.

_ داچا پۈتۈپ تاشلاپ قويغىلىمۇ خېلى بولدى. ئەمدى بېزەش ئىشلىرىغا سىز پىكىر بەرسىڭىز ئاندىن ئىشقا كىرىشسۇنمىكىن. 

_ بولىدۇ. 

راستىمنى ئېيتسام ھازىر كاللام قالايمىقان، ئۇنىڭ بۇ  خۇش خەۋىرىدىن خۇشال بولۇشمۇ كاللامغا كەلمىدى. 

ئەتىسى مەن  بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى، بالىلار كىيىملىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ مېھراينىڭ يېنىغا باردىم. ئۆتكۈر بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىپ ئوڭايسىزلىنىپ قالماي دەپ ئۇ ئىشقا كەتكەندە ئاندىن باردىم. پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ قارىسام ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى چىڭ يېپىقلىق تۇرۇپتۇ. 

مېھراي بەك ئىشچان قىز،  ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ئۆينى تازىلاپ چىنىدەك پارقىرىتىۋېتىپتۇ.  مەن نەرسە كېرەكلەرنى مېھرايغا بەردىم ۋە ئەكەلگەن ئويۇنچۇقلارنى ئايقىزغا بەردىم، ئايقىز ئۆيدە يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقان ئىكەن، ئويۇنچۇقلارنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ كرىسلوغا چىقىپلا ئويۇنچۇقلارنى يېيىتىپ ئويناشقا باشلىدى. مېھراي ئىشىنى تۈگىتىپ چىقىپ  مېھراينى قۇچىقىغا ئالدى ۋە ئۇنىڭغا :

_ نازىيە ئاپا، رەھمەت دەڭە_ دەپ ئۆگەتتى.  ئايقىز ئۇماق، چۈچۈك تىللىرى بىلەن:

_ ناجىيە ئاپا، يەھمەت_ دېدى.

 _ ئەرزىمەيدۇ، ئۇماق قىز! _ ئۇنىڭ مەڭزىگە سۆيدۈم. ئۇ ئويۇنچۇقىنى ئويناشقا كىرىشىپ كەتتى. 

مەن مېھرايغا بىر قىسىم كىتابلار بىلەن بىر خاتىرە كومپيۇتېرمۇ ئەكەلگەن ئىدىم. ئاندىن مىنەۋەر خانىم ماڭا بەرگەن بارماق دېسكىلارنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىشنى تاپىلىدىم.

_ خاتىرجەم بولۇڭ، نازىيە ئاچا،  مەن چوقۇم ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويمايمەن.

 مېھراي كىتابلار بىلەن كومپيۇتېرنى ئۈستەل ئۈستىگە جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك ئۆرۈلۈپلا ماڭا قارىدى. 

_ ھە راست، نازىيە ئاچا، بۈگۈن ئەتىگەن ئۆتكۈر ئىسىملىك بىر كىشى سىزنى ئىزدەپ كىرىپتىكەن.  يوق دېسەم باشقا ھېچنىمە دېمەي چىقىپ كەتتى.

_ ھە _ دېدىم ۋە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. 

بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۈستىلىمدە بىر توي باغىقى پەيدا بولۇپ قالدى. باغاقنى ئېلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ كەتتىم.  گەرچە بۇ خەۋەر بەكلا تۇيۇقسىز كەلگەن بولسىمۇ،  لېكىن يەنىلا ئۇلار ئۈچۈن خۇش بولدۇم، يەنە بىر تەرەپتىن يەلكەمدىن ئېغىر يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم. دۇنيادا بىر بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر جۈپلەرنىڭ بىر يەرگە كېلەلەيدىغانلىرىمۇ كۆپ ئەمەسكەن، ئۆي تۇتقان ئەر ئايالنىڭ ئىچىدە ھېچبولمىغاندا بىرى قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرگەن بولىدىكەن. ھېچبولمىغاندا فروزە ئۆتكۈرنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇشۇنى ئويلاپ كۆڭلۈم خېلى ئەمىن تېپىپ قالدى. 

فروزە ياخشى قىز،  چىرايلىق، ئەقىللىق، ئەخلاقلىق، مۇلايىم، ئىشقىلىپ ئۇنى چاقناۋاتقان بىر گۆھەر دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. 

بەزى ئەر _ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتلەر دەسلەپتە قىزغىن مۇھەببەت بىلەن باشلانمىغان بىلەن كېيىن بىللە ئۆتۈش جەريانىدا ئاستا ئاستا ھېسسىيات پەيدا بولۇپ قالىدىكەن، ھەتتا بىر بىرىدىن ئايرىلالمىغۇدەك ھالغا يېتىدىكەن. خۇددى ئۈمىد بىلەن ئىككىمىزدەك. 

 توي باغىقىنىڭ سىرتىدىكى ئۆتكۈر بىلەن فروزەنىڭ تويلۇق سۈرىتىگە قاراپ ئۇلارغا مەمنۇن بولدۇم ۋە چىن كۆڭلۈمدىن بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k