
بۇ ئەسەرنىڭ 80 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79-قىسىم
ھۇجرىغا چىقىپ كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتۇق. نىمە ئۈچۈنكىن، ئىختىيارسىز تىترەپ كىتىۋاتاتتىم. بىر چاغدا ئۈمىد ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ياتتى، تىترىشىم خېلى كۈچلۈك بولسا كېرەك، ئاستا قولۇمنى تۇتتى.
_ نىمە بولدى، تىترەيسىزغۇ؟
_ مەنمۇ بىلمىدىم. مىجەزىم يوقمۇ ئەمەس بولمىسا.
_ مۇزلاپ كەتتىڭىزمۇ يا؟
_ شۇنداق ئوخشايدۇ_ ئاۋازىممۇ تىترەپ كېتىۋاتاتتى.
_ خانىمى مۇزلاپ تىترەپ كەتسە بۇنىڭدا سەۋەنلىك ئېرىدە بولىدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تەسىرلىنىپ تۇرسام ئۇ ئۇلاپلا يەنە گەپ قىلدى.
_ لاياقەتلىك بىر ئەر بۇنداق ۋاقىتتا مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىدۇ. بىرىىنچى ئايالىنى باغرىغا بېسىپ، بەدىنى ئارقىلىق بەدىنىنى ئىسسىتىدۇ، ئىككىنچى، چىرايلىق گەپلەر بىلەن قەلبىنى ئىسسىتىدۇ.
_ نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن تېخى.
_ ھا ھا ھا_ كۈلۈپ كەتتى ئۇ.
_ توختاڭە، ھاراق ئىچىپسىزمۇ نىمە؟
ئۇنىڭغا بۈگۈن باشتىن ئاخىر كۆز قۇلاق بولۇپ بىر يۇتۇممۇ ھاراق ئىچكۈزمىگەن ئىدىم، مەن تازىلىق ئۆيىگە كەتكەندە ئىچىۋالغان بولسا بىلمىدىم.
_ بۈگۈن يېقىن ئاغىنەمنىڭ خۇشاللىق كۈنى تۇرسا، مەلىكەم، ئازراق بولسىمۇ ئىچىپ قويمىسام سەت تۇرىدىكەن، شۇڭا ئاز، بەك ئاز ئىچتىم.
مەن راستلا خاپا بولدۇم.
_ فەرۇق يا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيدىغان ئادەم بولمىسا. بۇ قېتىم دوختۇرخانىغا كىرگەندىمۇ ئانچىكى ئاغرىق بىلەن كىرمىدىڭىز، بۇنى ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىزغۇ، نىمىشقا ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئايىمايسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكۈڭىز كېلىپ چىماي ئىچكەنسىز، سەت تۇرىدىكەن دەيسىز تېخى، ئەمدى مۇشۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسىڭىز ئاغرىپ قالسىڭىزمۇ كارىم يوق.
ئۇنىڭغا خېلى قاتتىق گەپ قىلغان ئىدىم، لېكىن ئۇ خاپا بولماقتا يوق، ماڭا زوق بىلەن قاراپ يېتىپ كەتتى.
_ ماڭا مۇشۇنداق كۆڭۈل بۆلگەن چېغىڭىزدا ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەختلىك ھېس قىلىمەن. باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ ياشاش بەك ياخشى ئىشكەن.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن تۇيۇقسىز يۈرىكىم ئاغرىپ كەتكەندەك بولدۇم.
_ مەن سىزگە كۆڭۈل بۆلىمەن، لېكىن 24 سائەت يېنىڭىزدا تۇرۇپ نازارەت قىلالمايمەن دە. بەدەن ئۆزىڭىزنىڭ، ئاغرىپ قالسىڭىز دەردىڭىزنى ھېچكىم تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئاياڭ بولامدۇ؟
_ بولىدۇ، مەلىكەم، گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن. خوتۇنۇم بۇنداق كۈيۈنىۋاتقان يەردە ئۆزۈمنى ئاسرىمىسام ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەي قالامەن_ شۇنداق دەپ مېنى يېنىغا تارتتى ئۇ. دەل شۇ چاغدا ئىشىك چىكىلدى.
_ ئۈمىد ئاكا، نازىيە ئاچا، كۆكتات قايناق قىلغانتىم، ئازراق ئىچىپ باقامسىلەر؟_ رازىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى. كۆكتات قايناق قايناتقانمىش، بىزنى ئارامىمىزدا كۈن ئۆتكۈزگىلى قويماسلىققۇ مەقسىتى. ئۈمىد ئىشىكنى ئېچىش ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى. لېكىن مەن ئۇنى تۇرغىلى قويمىدىم.
_ ئۈمىد ئاكا، ئۇخلاپ قالدىڭلارما؟_ رازىيە ئىشىكنى يەنە چەكتى.
مەن ئۈمىدنىڭ قولىغا ئېسىلىپ ئورنىدىن تۇرغىلى قويمىدىم ۋە گەپ قىلماڭ دېگەن مەنىدە بارمىقىمنى ئاغزىمغا قويۇپ ئۈششش قىلدىم. رازىيەمۇ بەك جاھىلكەن، بىزدىن جاۋاب چىقمىغانچە ئىشىكنى زەردە بىلەن ئۇرغىلى تۇردى.
ئۈمىدنى گەپ قىلمىسۇن دەپ ئاغزىنى تۇتىۋالغان ئىدىم، بىر چاغدا ئۇ قولۇمنى ئاغزىدىن تەستە ئاجرىتىپ:
_ بولدى، يېتىپ بولدۇق، ئىچمەيلى. سىزمۇ بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ_ دېدى.
_ ھە، مەيلى ئەمىسە، توڭلاتقۇغا سېلىپ قوياي، ئەتە ئەتىگەن ئىچەرسىلەر.
رازىيەنىڭ ساپما كەشنى سۆرەپ ماڭغان ئاياق تىۋىشى ئاستا ئاستا يىراقلىدى.
رازىيە ئۈچ كۈندىن كېيىن ماڭماقچى بولدى. فىلىم ئىشلەش گورۇپپىسى بىر ئايدىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىكەن، شۇڭا ئۈمىد سەنئەت مەكتەپتىكى تۇنۇشى ئارقىلىق رازىيەنى رول ئېلىش جەھەتتە بىر ئاي تەربىيىلەيدىغانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. سەنئەت مەكتەپ بىز تۇرغان شەھەردە ئەمەس، شۇڭا رازىيە ياتاقتا ياتمىسا بولمايتتى. ئۈمىد ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئالىم ئۇنى ئاپىرىپ قويىدىغان بولدى. ئۇ ماڭىدىغان چاغدا مەن ئۇنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭ ئاچىسىدەك ئۇ بۇ ئىشلارنى تاپىلاپ كەتتىم. لېكىن بۇ ياسالمىلىقىمدىن ئۆزۈمنىڭ كۈلگۈم كېلىپ كېتىپ باراتتى. «چىدا نازىيە، سەل تۇرۇپ كېتىدۇ، ياسالمىلىق قىلىپ قويساڭمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ» ئۆز ئۆزۈمگە شۇنداق دەيتتىم.
ئەلۋەتتە رازىيەمۇ بوش ئەمەس، ئۇ كۆرۈنۈشتە مەندىن چەكسىز مىننەتدار بولىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئۈمىد دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ئاستا يېنىمغا كېلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
_ مەن يەنە كېلىمەن.
راستىمنى ئېيتسام شۇ بىر كۈن چىۋىن يەۋالغاندەكلا يۈردۈم.
رازىيە كەتكەندىن كېيىن داچىنىڭ ئىچى سىرتىنى پاك پاكىز تازىلىدىم، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئېپ چىقىپ تاشلىدىم. ئۆينىڭ ئىچى سىرتى ئۇ كەلمىگەن چاغدىكى ھالىتىگە قايتتى، لېكىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىرلا ئىش بار ئىدى، يەنى ئاسلانچاق يوق.
ئۆيلەرنى تازىلاپ بولۇپ «ئۇف» دەپ كرىسلودا ئولتۇرۇشۇمغا تېلېفونۇم سايرىدى، قارىسام مېھرايدىن كەپتۇ. ئۇ ئادەتتە بەك مۇھىم ئىشى بولمىسا ماڭا تېلېفون قىلمايتتى، ئۇنىڭ نومۇرىنى كۆرۈپ بىرىنچى بولۇپ كاللامغا ئايقىز كەلدى.
_ ۋەي، مېھراي.
_ نازىيە ئاچا، چۈشتىن كېيىن شېرزاتنىڭ دېلوسىغا سوت ئېچىلاتتى. مەن ئايقىزنى ئاپىرىپ شېرزاتقا كۆرسىتىپ كىلەيمىكىن دېگەن، لېكىن سەل قورقۇپ تۇرىمەن. سىزمۇ مەن بىلەن بىللە بارالارسىزمۇ؟
ئۈمىد ماڭا سوت ئېچىلىدىغانلىقى توغرىلىق گەپ قىلمىغان، بۇنىڭدىن سەل ھەيران قالدىم. مېھرايغا ماقۇل بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋېتىپلا ئۈمىدكە تېلېفون قىلدىم. لېكىن ئۈمىدنىڭ تېلېفونى ئىتىكلىك ئىدى. ئادەتتە ئۇنىڭ تېلېفونى 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدۇ، يېنىدىن زاپاس باتارىيەنىمۇ ئايرىمايدۇ، شۇڭا توكى تۈگەپ ئېتىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق. ئەمىسە قانداق بولۇپ ئېتىلىپ قالدىكىنە؟ ئۇ شېرزاتنىڭ ئىشىنى دەپ ئاز ئەجىر قىلمىدى. سوتقا بارماسلىقى مۇمكىن ئەمەسقۇ، بېرىپ بولدىمۇ يا؟
دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم. ھاۋا خېلىلا سوۋۇپ قالغان، ئۇچامغا كىيىۋالغان قېلىن پەلتويۇممۇ سوغۇققا دالدا بولالماي دۈگدىيىپ كىتىۋاتاتتىم.
مەن ئاۋۋال تاكسى بىلەن مېھراينىڭ يېنىغا باردىم، ئۇمۇ تەييارلىقىنى قىلىپ مېنى ساقلاپلا ئولتۇرۇپتىكەن. ئۇ ئايقىزنى كۆتۈردى، مەن نەرسە كېرەكلىرىنى كۆتۈردۈم. كىچىك بالىسى بار ئادەمنىڭ بالىنى ئېلىپ سىرتقا چىقمىقى بەك تەس، قەيەرگىلا بارسا يېنىدا بىر يوغان سومكا بارلىكى بار. سوسكا، سۈت پاراشۇكى، زاكا...ئىشقىلىپ بىر پاتمان نەرسىنى بىللە ئېلىپ ماڭىدىغان گەپ.
تاكسىدا كېتىۋېتىپ ئۈمىدكە يەنە تېلېفون قىلدىم، تېلېفونى يەنىلا ئىتىك.
_ قانداق قىلارمەن، نازىيە ئاچا، بەك جىددىيلىشىپ كىتىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم.
_ جىددىيلەشمەڭ، ئايقىز ئۇنىڭ قىزى تۇرسا، ئۇ چوقۇم ياخشى كۆرىدۇ. دېلو ئىشىغا كەلسەك ئۇنىڭغا سىز بىلەن بىزنىڭ جىددىيلەشكىنىمىزنىڭ پايدىسى يوق. سوتتا دەلىل ئىسپاتلارنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكىگە قارايدىغان گەپ. يېنڭىزدا مەن بار، قورقماڭ ھە.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا بارغاندا تاكسىدىن چۈشتۇق. تاكسى ئەمدى مېڭىپ تۇرۇشىغا قارا رەڭلىك بىر پىكاپ ئالدىمىزدا توختىدى. مېھراي قورققىنىدىن كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى. ماشىنىدىن چۈشكىنى ھەسەن ئىدى. مېھراي ئىككىمىز ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتۇق، ئۇ بىزنى كۆرۈپ ھىجايغان پىتى يېنىمىزغا كەلدى.
_ ھەسەن ئاكا.
مېھراينىڭ ئۇنى چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن مېھرايغا قارىدىم. ئۇ ھەسەننى قانداق تۇنۇيدىغاندۇ؟
ھەسەن ئالدىمىزغا كېلىپ، مېھراينىڭ قۇچىقىدىكى ئايقىزغا قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن:
_ شېرزاتقىلا ئوخشاپتۇ_ دېدى.
ئايقىز ھەقىقەتەن شېرزاتقا بەك ئوخشايتتى. بۇ چاغدا يەنە بىر قارا پىكاپ بىزگە يېقىنلا يەردە توختىدى. مەن بىر قاراپلا ئۇ پىكاپنى تۇنۇدۇم. ئۇ ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىمنىڭ ماشىنىسى ئىدى. ماشىنا توختىغاندىن كېيىن ئىچىدىن ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم چۈشتى، كەينىدىن فروزەمۇ چۈشتى. ئۇلار بىزنى ماشىنىدىن چۈشمەستىلا كۆرگەن بولسا كېرەك، بىزنى كۆرۈپ ھەيران قالمىدى. مېھراي ئىككىمىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزدىن ئۇلار ئەلۋەتتە ھەيران بولمايدۇ، لېكىن بىزنىڭ ھەسەن بىلەن بىللە تۇرغىنىمىزدىن تەساددىپىيلىق ھېس قىلغاندەك قىلاتتى. ئالدىنقى قېتىم ئۇ مېنىڭ ئىزىمغا چۈشكەندە ھەسەن ئىككىمىزنى تىلى بىر دەپ ئويلاپ قالغان بولسا، بۈگۈن بىللە تۇرغىنىمىزنى كۆرۈپ جەزملەشتۈرگەن بولسا كېرەك. مېھراينى بالىنى قۇچاقلاپ يەرگە قاراپلا تۇراتتى، ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرگۈدەك جۈرئىتىمۇ يوق ئىدى. فروزەمۇ مەن بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپلا سالاملاشتى، ئۇنىڭ گەپ قىلىشقىمۇ رايى بارمايۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇلار ئالدىمىزدا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى. بىزمۇ كەينىدىن ماڭدۇق. ھەسەننىڭ چامدىمى چوڭ بولغاچقا تېز ماڭاتتى، مەن مېھراينى تارتىپ قەستەن كەينىدە ماڭدۇق، مەقسىتىم ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش ئىدى.
مەن تېخى ئۈمىدنى سوت مەيدانىغا كېلىپ بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، لېكىن ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ تېلېفونىنىڭ ھېلىمۇ ئىتىك ئىكەنلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.
سوت باشلانغاندىن كېيىن ئاندىن بۈگۈن شېېرزات بىلەن ھەسەننىڭ ئىنىسى سەمىگە بىرلا ۋاقىتتا سوت ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدىم، ھەسەن بۈگۈن شۇڭا كەپتىكەن دە.
ئىككىيلەن سوت مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلدى. بۇ مېنىڭ شېرزاتنى ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈم، بىرىنچى قېتىم تۈرمىدە كۆرگەن، سەمىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. قارىماققا شېرزات بىلەن سەمىنىڭ يېشى بەك پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايىدا ياشلارغا خاس قاراملىق بار ئىدى. ئايگۈل ھەدەم شېرزاتنى كۆرۈپ ھاياجاندا كۆز يېشىنى توختىتىۋالالمايلا قالغان ئىدى. شېرزات مەيلى كىمگىلا قارىسۇن، قاراشلىرى شۇنچىلىك سوغۇق.
ئادۋۇكات مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاقلاش سۆزىنى بايان قىلدى. سوت ئوتتۇرىغا كەلگەندە جىمجىت سوت مەيدانىدا تۇيۇقسىز ئايقىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ھازىرغىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئايقىز ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان ئىدى. مېھراي تەرەپكە بىر قېتىممۇ قاراپ باقمىغان شېرزات بالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن قارىدى.
ماڭا ئايان، مېھرايغا نىسبەتەن شېرزاتنىڭ بىر قاراپ قويۇشىمۇ ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز ئىش ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قارشىدىن مېھراي ھەم جىددىيلىشىپ، ھەم ھاياجانلىنىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قېلىۋاتاتتى. ئۇ سوتچىنى بالا يىغلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنى سوت مەيدانىدىن چىقىرىۋەتمىسۇن دەپ قورقتىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ كىيمىنى قايرىپلا بالىنى ئىمىتىشكە باشلىدى. بالىنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئاغزىغا سۈت كىرىشى بىلەنلا يىغىسى بېسىقتى.
سوت ئاخىرلاشتى. سوتچى شېرزاتقا باشقا بىر كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقى، سەمىنىڭ بولسا دەلىل ئىسپات يىتەرلىك بولمىغاچقا ئەسلى ھۆكۈم ساقلاپ قېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
نەتىجىنى ئاڭلاپ ھەسەنگە قارىدىم. ئۇ ئولتۇرغان ئورۇندۇققا قولىنى تىرەپ تۇراتتى، چىرايىدا بىلىنەر بىلىنمەس كۈلكە بار ئىدى، ئۇ نەتىجىنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىنى بۇرۇنلا ئويلاپ بولغان بولسا كېرەك.
باشقا بىر كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ دېگەن نەتىجە چىقمىدى دېگەن گەپ، كېيىن قانداق بولۇشىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئايگۈل ھەدەم سوتچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدى.
_ مېنىڭ بالام ئەسكى بالا ئەمەس، ئۇنى باشقىلار پۇتلىۋەتكەن.
ئۇنىڭ گېپىگە ھېچكىم قۇلاق سالمىدى، شېرزات بىلەن سەمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ماڭدى. شېرزات ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان ئاپىسىغا قاراپمۇ قويمىدى، مېھراي بىلەن بالىغا بولسا ھەر ھالدا بىر قاراپ قويدى.
_ شېرزات، بالىغا ئايقىز دەپ ئىسىم قويۇپ قويۇپ تۇردۇم، بوپتۇمۇ؟
مېھراي شېرزاتنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ۋارقىرىدى. شېرزات قەدىمىنى توختىتىپ مېھرايغا قارىدى.
_ قانداق قويساڭ قويمامسەن، مېنىڭ نىمە كارىم.
مېھراينىڭ تىترەۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ قالدىم. شېرزاتنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇ تۇرغان جايىدا مىدىرلىماي تۇراتتى.
_ يۈرۈڭ، ماڭايلى_ دېدىم مەن.
كارىدورغا چىققاندا مېھراي كۆز ياشلىرىنى كونترول قىلالماي قالدى، ئاۋازىنى چىقارمىغىنى بىلەن ئۆكسۈپ كىتىۋاتاتتى.
_ ئۇ ئايقىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەن.
ئۇنىڭغا ئەمدى تەسەللى بېرەي دەپ ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگە بىر قول كېلىپ مېنى تامغا نىقتىدى. چۈچۈپ قارىسام ھەسەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىشىدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمىغاچقا كەيپىياتىنىڭ ئوسال بولۇپ قېلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
_ ھەسەن ئاكا، ئۇنداق قىلماڭ، ئۇ....ئۇنداق قىلماڭ. نازىيە ئاچام بەك ياخشى.
مېھراي ئايقىزنى كۆتۈرۈپ بىر ياندا تۇرۇپ ھە دەپ ھەسەنگە يالۋۇرىۋاتاتتى. ھەسەن بېشىنى بۇراپ ئۇنىڭغا قارىدى.
_ سىز سىرتقا چىقىپ تۇرۇپ تۇرۇڭ، سەل تۇرۇپ سىزنى ئاپىرىپ قويىمەن. مېنىڭ ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ ئايالىغا دەيدىغان ئىككى ئېغىز گېپىم بار.
مېھراي بىر ئۇنىڭغا، بىر ماڭا قاراپ ئىككىلىنىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپلا ماڭدى، سەل نېرىغا بېرىپ يەنە قارىدى، مەندىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقىنى ئېنىق ئىدى.
_ مېھراي، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ، بىردەمدە چىقىمەن.
ئۇنىڭغىچە ھەسەن مېنى قويۇۋەتكەن ئىدى. مېھراينىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن ھەسەنگە قارىدىم.
_ قانۇن ئىشلىرىنى ئۇيان بۇيان قىلىش بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدۇ.
مەن ھەسەن بىلەن خېلى كۆپ قېتىم پاراڭلاشقان، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئۇنچىۋالا يولسىز ئادەملەردىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ قايىل قالالايمەن دەپ ئويلايتتىم. ھەسەن گېپىمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ ياخشى بولدى، گەپ ئاڭلىماي ئۆزى بىلگەننى قىلىپ يۈردى. ئەمدى ئىچىدە ياخشى ئۆزگىرىپ چىقسۇن.
ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇنى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. ئەجىبا ئۇنىڭ ئۈمىدنى قىستىشىدىكى ئاساسى مەقسىتى ئىنىسىنى ئېپ چىقىۋېلىش ئەمەسمىدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ مەقسىتى نىمىدۇ؟ پۇلمۇ؟
_ شۇڭا بۇ ئىشتا ئۈمىدتىن ئاغرىنماڭ. ئۇنىڭ ئىنىسىغىمۇ بۈگۈن ھېچقانداق نەتىجە ئېلان قىلىنمىدىغۇ؟ ئۇمۇ كۆپ تىرىشتى. سىز ئۇنى مەجبۇرلاپ بىر مىليوننى ئېلىۋېلىشقۇ مەقسىتىڭىز. بۇ دېگەن قاقتى سوقتى قىلىش.
_ بىر مىليون؟ بىر مىليون قانچىلىك پۇلتى؟
يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى، ئەجىبا ئۇ ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل تەلەپ قىلارمۇ؟
ھەسەن يان تەرەپكە قاراپ چىرايى ئۆزگەردى، مەنمۇ ئۇ قارىغان تەرەپكە قاراپ چۈچۈپ كەتتىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















