
بۇ ئەسەرنىڭ 143-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142-قىسىم
چوڭ دادام ياتقاچ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ياسىدى.
_ كېرەك يوق، ئەنسىرىمەڭلار، ئادەم بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن قېرىيدىغان، ماغدۇرىدىن كېتىدىغان گەپكەن شۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن بالىلارنى ئۇلارغا قويۇپ قويۇپ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئەتتىم. بىز كېلىدىغاندا كۆكتاتلارنى ئېلىپ كەلگەن، چوڭ دادامنىڭ ئاشخانا ئۆيى ماڭا ناتونۇشمۇ ئەمەس، شۇڭا تاماق ئېتىشتە تەمتىرەپمۇ قالمايمەن. ئاشخانا ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئانچە مۇنچە بالىلارنىڭ كۈلكىسىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.
_ ياردەملىشەيمۇ؟_ تۇيۇقسىز چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ، كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم.
_ بولدى، ئۆزۈم يېتىشەلەيمەن، سىز چىقىپ چوڭ دادامغا قاراڭ.
لېكىن ئۇ ئورنىدىن مىدىرلىمىدى.
_ نازىيە مەن...
تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ سورىدىم.
_ ھە راست، فروزەنى بىللە ئېلىپ كەلمەپسىزغۇ؟
_ ئۇ كوماندروپكىغا چىقىپ كەتكەن_ دېدى ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.
_ ھە، قەيەرگە كەتتى؟
_ بېيجىڭغا. نازىيە، شىركەتنى بەك ياخشى ماڭدۇرىۋېتىپسىز، ئارزۇيىڭىزنى بۇنچە تېز ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن. بەك قالتىسكەنسىز! سىز ئۈچۈن خۇش بولىۋاتىمەن.
_ رەھمەت.
_ قانداقلا ئىش قىلىڭ، خۇشال بولۇش ئەڭ مۇھىم. پۇلى بار، ھوقۇقى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خۇشال بولالىشى ناتايىن. سىز خۇشالمۇ؟_ سورىدى ئۇ.
_ سىزچۇ؟ سىز خۇشالمۇ؟_ ئۇنىڭ سۇئالىغا سۇئال بىلەن جاۋاب بەردىم.
_ ياق، مەن خۇشال ئەمەس،_ دېدى ئۇ تۈزلا، كەينىدىن يەنە تولۇقلاپ قويدى._ بۇ قېتىم تىببىي داشۆدىن مېنى پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلغان ئىدى، مەن قوشۇلدۇم. مەن ئاشۇنداق مۇھىتتا ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىكەنمەن.
تاماق پىشىپ ئۈستەلگە ئېلىپ چىقتىم.
_ مېنىڭ بۇ نەۋرە كېلىنىمنىڭ قولى گۈل مانا. ئاشخانىغا كىرسە ئاشپەز، شىركەتكە بارسا باش دېرىكتور، ئۆيگە كەلسە ئىككى بالىغا ئانا. ۋاھ ۋاھ ۋاھ، بۇنداق كەم-كۇتىسىز كېلىننى كۈندۈزى چىراق يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ جۇمۇ. تازىمۇ تەلەيلىك ئىكەنسەن، ئۈمىد بالام.
_ تەلەي كىمدە دېسە دوقا ماڭلايدا دەپ، ماڭلىيىمغۇ دوقا ئەمەس بولمىسا، مۇشۇنداق تەلەيلىك ئىكەنمەنغۇ_ دېدى ئۈمىد، ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق. ماڭا ئۆتكۈرنىڭ كۈلكىسى تازا ئىچىدىن چىققان چىن كۈلكە ئەمەستەك تۇيۇلدى. تاماقتىن كېيىن ھويلىغا چىقىپ ھويلىنىڭ بىر چېتىگە قويۇپ قويۇلغان كارىۋاتتا ئولتۇردۇق. چوڭ دادام ئىككى بالىنىڭ قولىغا ئىككى تال كارتا تۇتقۇزدى.
_ بۇنىڭدا كۆپ پۇلمۇ يوق ھەم سىلەرنىڭ پۇلغا ئېھتىياجىڭلارمۇ يوق، شۇنداقتىمۇ بۇنى چوڭ دادامنىڭ كۆرۈملۈكى ئىكەن دەپ بىلىڭلار. ئالمايمىز دېمەڭلار ھە_ دېدى ۋە ئۆتكۈرگە قاراپ:
_ ئۆتكۈر، سەنمۇ كىچىك ئەمەس، ئەمدى تۇرمۇش ئىشىڭنى ئويلىشىدىغان ۋاقتىڭ بولدى. ۋاقىتنى چىڭ تۇتمايدىغان بولساڭ ماۋۇنىڭدەك كۆرۈملۈكتىن قۇرۇق قالىسەن جۇمۇ، ھا ھا ھا.
چوڭ دادامنىڭ بۇ چاقچىقىغا چوڭ دادامدىن باشقا ھېچقايسىمىز كۈلمىدۇق. بىردەمدىن كېيىن دەرۋازا چىكىلدى، مەن بېرىپ ئاچتىم، دەرۋازا ئالدىدا ئابلەت ئەپەندىم بىلەن ئايگۈل ھەدەم تۇراتتى. ئۇلارنىڭ چوڭ دادامنى يوقلاپ كېلىشى ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما بۇرۇن ئۇلارنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا سەل ھەيران قالدىم. ئۇلار قوللىرىدا بىر مۇنچە سوۋغا سالاملارنى كۆتۈرۈپ مېنى ئايلىنىپ كىرىپ كەتتى. ئابلەت ئەپەندىم چوڭ دادامنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
_ دادا، ياخشى تۇرۋاتامسەن؟_ دېدى، بوۋام بېشىنى لىڭشىتىپلا قويدى. ئايگۈل ھەدەم چوڭ دادامغا سالاممۇ قىلمىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆيدە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلسە كېرەك. بۇنداق ھېسسىياتنى مەن ئوبدان بىلىمەن.
ئۇلار تاماق ۋاقتىدىن خېلى ئۆتكەندە كەلگىنىگە قارىغاندا بۇ يەردە تاماق يىيىشنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ ئۇلاردىن سورىدىم.
_ تاماق يىگەنمىتىڭلار؟
_ ھە. قۇرسىقىمىز توق_ دېدى ئابلەت ئەپەندىم قوپاللا.
_ يۈرۈڭلار، ئۆيگە كىرەيلى! _ چوڭ دادام شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى، ئۆتكۈر چوڭ دادامنى يۆلىدى، ئۈمىد ئىككىمىز بالىلارنى كۆتۈرۈپ مېھمانخانا ئۆيگە كىردۇق.
_ ساڭا تېلېفون قىلمىسام مېنى شۇ پىتى يوقلاپمۇ كەلمەيدىكەنسەن دە ھە؟_ دېدى چوڭ دادام مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپلا. ئابلەت ئەپەندىم گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدىكى ھېلىقى ھاكاۋۇرلۇقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
_ بۈگۈن قارىسام نەۋرىلىرىم، نەۋرە كېلىنىم ئەۋرىلىرىم ھەممىسى كەپتۇ، شۇڭا سېنىمۇ كەلسۇن دەپ تېلېفون قىلغانتىم. كېسىلىمنىڭ ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى ئۆزۈم ھېس قىلىپ تۇرىۋاتىمەن، بۈگۈن ئەتىلىكىم قالغاندەكلا تۇرىدۇ. شۇڭا كۆز يۇمۇش ئالدىدا دەيدىغان گەپلەرنى دەۋېتەي دەپ ئويلىدىم.
چوڭ دادامنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم، ئۇ كۆز يۇمغاندىن كېيىن بەزى ئىشلار توغرىلىق دەتالاش چىقمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك، چۈنكى ئۆز ئوغلىنىڭ مىجەزىنى ئۆزى بىلىدۇ ئەمەسمۇ. ئەمما بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
_ ئۇنداق دېمىسىلە، بوۋا، سىلى يۈز ياشقىچە ياشايدىلا تېخى!_ دېدىم مەن.
_ نازىيە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلىدۇ مانا. رەھمەت قىزىم. نەق گەپكە كېلەي، ھېچقايسىڭلارنڭ مېنىڭ مال-مۈلكۈمگە ھاجىتىڭلار چۈشمەيدۇ، ھەممىڭلارنىڭ ھال كۈنۈڭلار ياخشى. شۇڭا مەن مال-مۈلكۈمنىڭ ھەممىنى نامراتلارغا، قىيىنچىلىقى بارلارغا بۆلۈپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
چوڭ دادام مۇشۇ گەپلەرنى دەپ بولغۇچە ھېرىپ ھاسىراپ كەتتى. چوڭ دادامنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ناچارلاپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم. ئۈمىد بىلەن يېڭى توي قىلغاندا دوختۇرلارنىڭ چوڭ دادامنى كۆپ بولغاندا ئىككى يىللا ياشىيالايدۇ دېگىنى ئېسىمگە كەلدى، ھازىر شۇ ئىشقىمۇ ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ. نەزىرە مېنىڭ قۇچىقىمدا ئولتۇرۇپ مىتىلداپ ئولتۇرالمايلا قالدى، يىغلايدىغانغا ئاز قاپتۇ دە دەپ ئويلاپ بولغۇچە قىقىراپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ قولىدا ئويناپ ئولتۇرغان نەزەرمۇ يىغلىدى. ئۇلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ چوڭ دادام كۈلۈپ كەتتى.
_ قارىغاندا بۇ قارارىمغا بۇ ئىككى پىستەكنىڭ پىكىرى باردەك قىلىدۇ. ئەمىسە مۇنداق قىلاي. مال-مۈلكۈمنى ئىككىگە بۆلۈپ بىر بۆلۈكىنى قىيىنچىلىقى بارلارغا بۆلۈپ بېرەي، يەنە بىر بۆلىكىنى ئۈچكە بۆلۈپ بۇ ئىككى ئەۋرەمگە، ئاندىن كېيىن ئۆتكۈر توي قىلىپ بالىلىق بولغاندا ئۇنىڭ بالىسىغا بىر ئۈلۈش قالدۇراي. قانداق؟
ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككى بالىنى گۈلدەك بېقىپ كېتەلەيتتۇق، شۇڭا چوڭ دادامغا ھاجىتى يوق دەي دەپ تۇرسام، ئۈمىد:
_ رەھمەت، چوڭ دادا_ دېدى.
ئۆتكۈرمۇ كەينىدىنلا:
_ رەھمەت، چوڭ دادا_ دېدى.
ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم، بۇ چوڭ دادامنىڭ ئەۋرىلىرىگە قىلغان كۆڭلى، ئۇلار قوبۇل قىلسا ئەلۋەتتە چوڭ دادامنىڭمۇ كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ. ئەمما مىراس ئىشىدا چوڭ دادام ئابلەت ئەپەندىمنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى، شىرزاتنىڭمۇ گېپىنى قىلمىدى، ئايگۈل ھەدەم بۇنىڭدىن نارازى بولغان بولسا كېرەك، قاپىقى تۈرۈلدى، لېكىن ئۇ نىمىمۇ دىيەلەيتتى؟ ئۇلار كەچلىك تاماققا ئولتۇرمايلا قايتىپ كېتىشتى، بىز قونۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە ماڭدۇق. مەن چوڭ دادامنى يېنىمىزغا ئېلىپ كېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، لېكىن چوڭ دادام زادىلا ئۇنىمىدى.
_ بۇ يەرگە كۆنۈپ قاپتىمەن، بالام!_ دەپ تۇرىۋالدى. بىز ماڭىدىغاندا چوڭ دادام يۈزىنى بالىلارنىڭ يۈزىگە سۈركەپ شۇنچىلىك قىيماي خوشلاشتى.
_ مەن چوڭ دادامغا نەچچە قېتىم يېنىمغا ئەكىتەي دېگەنتىم، لېكىن بۇ يەردە قۇشلار بىلەن ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ كۆنۈپ قاپتىمەن دەپ ئۇنىمىدى. بوپتۇ، كۆڭلى قەيەرنى خالىسا شۇ يەردە تۇرسۇن دەپ مەنمۇ مەجبۇرلىمىدىم _ دېدى ئۈمىد يولدا كېتىۋېتىپ.
مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادام، چوڭ ئانىلىرىمنى كۆرۈپ باقمىغان، شۇڭا كىچىكىمدىن چوڭ دادا، چوڭ ئاپىلىرى بارلارغا ھەۋەس قىلىپلا يۈرەتتىم، شۇڭا بۇ چوڭ دادامنى ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادامدەكلا كۆرەتتىم. شۇ تاپتا كۆڭلۈمدە چوڭ دادامنىڭ بىز بىلەن ئۇزۇنراق بىللە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن فروزە ئىشخانامغا كەلدى. بۇ ھېلىقى كۈنىدىكى ئوڭايسىزلىقتىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈشۈم.
_ ئۆتكۈر سىزنى بېيجىڭغا كوماندروپكىغا كەتتى دېگەنتى_ دېدىم مەن گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي.
_ ھەئە، خىزمەت ئىشى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ كەلگەن.
ئويلاپ باقسام شۇ كۈندىكى ئىشنى يەنىلا ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويسام بولغۇدەك، چۈنكى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تويى بولىدۇ، فروزەنىڭمۇ كۆڭلىدە تۈگۈن بولۇپ قالمىسۇن دەپ شۇ توغرىلىق گەپ باشلىدىم.
_ فروزە، بىلىمەن، شۇ كۈنى مەندىن چوقۇم قاتتىق خاپا بولدىڭىز، لېكىن ئۆتكۈر ئىككىمىزنىڭ....
_ چۈشەندۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بىلىمەن. نازىيە، راستىمنى ئېيتسام بۇرۇن سىزدىن بىزار بولغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان، چۈنكى سىزمۇ بىلىسىز، مەن ئۆتكۈرنى ياخشى كۆرىمەن. ھەتتا سىز تۇيۇقسىز بۇ شەھەردىن كەتكەندە ئەمدى ئۆتكۈر ماڭا ئوڭچە قالدى دەپ خۇش بولغان ئىدىم. بۇرۇن مەن ھېچكىمنى نەزىرىمگە ئىلمايدىغان، تولىمۇ ھاكاۋۇر قىز ئىدىم. لېكىن ئۆتكۈرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ قىلمىغانلىرىم قالمىدى. لېكىن ئۇنى ئېرىتەلمىدىم. مەن ھاردىم، نازىيە، بەك ھېرىپ كەتتىم. شۇڭا ۋاز كېچىشنى قارار قىلدىم.
ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.
_ لېكىن تويۇڭلار بولىدىغانغا ئازلا قالغان تۇرسا.
_ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ بىللە ئۆتكۈم بار، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ھالەتتىمۇ مېنىڭ ئېرىشىدىغىنىم ئۇنىڭ جىسمى، ئەمما كۆڭلى مەندە بولمىسا بۇنىڭ نىمە پايدىسى. شۇڭا ئۇنىمۇ، ئۆزۈمنىمۇ قىينىماسلىق قارارىغا كەلدىم. بۇ قېتىم بېيجىڭغا باشقا ئىش بىلەن بارمىدىم، بىر شىركەتكە يۈز تۇرانە ئىمتىھان بەرگىلى بارغان ئىدىم، ئۆتۈپتىمەن، تۆنۈگۈن ئۇقتۇرۇش كەلدى. ئۆگۈنلۈككە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرىدىكەنمەن.
ئۇنىڭغا نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، چۈنكى ئۇ ئۆتكۈر بىلەن توي قىلسا بەختلىك بولالامدۇ، بولالمامدۇ، بۇنىڭغا مەنمۇ بىر نىمە دىيەلمەيتتىم.
_ بۇنى ئۆتكۈر بىلەمدۇ؟
_ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشتىم، ئۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلىدۇ دە.
_ سىز كەتسىڭىز تۇرسۇن مۇئەللىم قانداق قىلىدۇ؟ مۇئەللىمنىڭ سىزدىن باشقا ھېچنىمىسى بولمىسا.
دادىسىنىڭ گېپى چىقىشىغا فروزەنىڭ كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.
_ دادامنى بىللە ئېلىپ كىتەي دېسەم ئۇنىمىدى. ھازىرغىچە دادامنىڭ باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرغۇدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقماپتىمەن، بۇنداقلا كەتسەم دادامنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن يەرگە قاراپ قالىدىغىنىمنى بىلىمەن، لېكىن ئامال يوق. بېيجىڭ بەك يىراقمۇ ئەمەسقۇ، دادامنى پات پات يوقلاپ تۇرامەن. نازىيە، دادام سىزنى بەك چوڭ بىلىدۇ، مەن كەتكەندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ دادامنى يوقلاپ تۇرغان بولسىڭىز. كىم بىلىدۇ، ئىشلار كاللامدىن ئۆتسە مەنمۇ ئۇزۇنغا قالماي قايتىپ كېلەمدىم تېخى.
بەلكىم فروزەنىڭ ئويلىغانلىرى توغرىدۇ، ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلىش ئازابتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
_ فروزە، بەختلىك بولۇڭ! خاتىرجەم بولۇڭ، مەن دادىڭىزنى پات پات يوقلاپ تۇرىمەن.
فروزە ماڭىدىغان كۈنى ئايرودرومغا ئۇنى ئۇزاتقىلى باردىم، ئۆتكۈرمۇ بېرىپتۇ. ئۇ بىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ تويى بىكار قىلىندى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆتكۈر بىلەن فروزەنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئامىنەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. ئۇلار بىزنى 520 بەزمىخانىسىغا تەكلىپ قىپتۇ. ئۈمىد ماڭا تېلېفون قىلىپ قىلىدىغان ئىشى تۈگىمىگەنلىكىنى ئېيتقاچقا تۇرسۇنئاي ئىككىمىز ئالدىدا بارغاچ تۇردۇق. ئۆتكۈر بىزدىن بۇرۇن بېرىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئىكەن.
_ مەن ھەممىدىن ئاكتىپ ئىكەنمەن ھە_ دەپ كۈلدى ئۇ. ئەگەر توي مۇراسىمى ئەمەلدىن قالمىغان بولسا ھازىر ئۇلارنىڭ تويىنى ئويناپ تۇراتتۇق. بىز ئولتۇرۇپ بىردەمدىن كېيىنلا ئامىنەنىڭ دوستلىرى بىر بىرلەپ كەلگىلى تۇردى، ھەممەيلەن كېلىپ بولغاندا ئۈمىد ھەممىنىڭ كەينىدىن كەلدى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن ئامىنە ئورنىدىن تۇرۇپ گېلىنى قىرىۋېتىپ گېپىنى باشلىدى.
_ ھەممىڭلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەڭ ئالدى بىلەن سىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي، بۇ ياق مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم، ئسمى نىجاتجان.
مەن نىجاتنى تۇنۇغاندىن باشلاپ نىجات دەپ كۆنۈپ قالغاچقا ئامىنەنىڭ ئاغزىدىن نىجاتجان دەپ ئاڭلاپ كۈلىۋەتتىم، ئۈمىد بىلەن ئۆتكۈرمۇ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ ئولتۇرىۋالدى. نىجات سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى بولغاي، ئورنىدىن تۇرۇپلا ھاراق رومكىسىنى قولىغا ئالدى.
_ ئۆزۈمنى ئۆزۈملا تۇنۇشتۇراي بولدى، ئىسمىم نىجات، مۇشۇ بەزمىخانىنىڭ خۇجايىنى، ياق، مۇھىمى ئامىنەنىڭ يىگىتى. قېنى يىگىتلەر ئەمىسە ھۆرمىتىڭلارغا بىرنى كۆتۈرىۋېتەي.
شۇنداق قىلىپ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى باشلىنىپ كەتتى، ئۆتكۈر مىجەزىم يوق دەپ ھاراق ئىچمەيمەن دېگەنتى، نىجات ئۇنىماي تۇرىۋالدى.
_ مىجەزىم يوق دېگەننى باھانە قىلما. تويۇڭ بىكار بولمىغان بولسا بۈگۈن سېنىڭ تويۇڭنى ئوينايتتۇق ئەسلى.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداق قىزغىن كېتىۋاتقان سورۇن جىمىپ قالدى. ئىشنى يەنە نىجات ئوڭشىدى.
_ بوپتۇ، بوپتۇ، ئىچمىسەڭ مەيلى، زورلاش يوق. ئەڭ مۇھىمى خۇشال ئويناش ھە، دوستلار. بۈگۈن كەچتە خۇشال خورام ئويناڭلار. پۈتۈن چىقىم مەندىن.
شۇنداق قىلىپ بايىقى كۆڭۈلسىزلىك بىردەمدىلا ئۇنتۇلۇپ سورۇن يەنە قىزغىن كەيپىيات بىلەن داۋاملاشتى.
ئارىلىقتا تازىلىق ئۆيىگە چىقماقچى بولغان ئىدىم، تۇرسۇنئاي مەن بىلەن بىللە باردى. ئۇنى ئىشىك ئالدىدا قويۇپ قويۇپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقسام ئۇ تۇرغان جايىدا يوق. قەيەرگە كەتكەندۇ دەپ ئەتراپقا قارىسام ئۇ مەندىن ئۈچ ئۈستەل نېرىدىكى بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدىم، ئۇ ئۈستەلگە يېقىنلاشقاندا بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ھەسەن ئاكا، ئىچىڭە!
تۇرسۇنئاي ئۇلارغا نەچچە قەدەم كېلىدىغان يەردە چەكچىيىپ قاراپ تۇرۇپلا قالغان ئىدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















