大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 81 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 81 - قىسىم aybarawazi
2023-08-30
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 82 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80

ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

81-قىسىم




        ئۆرە تۇرغان ھېلىقى كىشى  گېلىنى قىرىپ قويۇپ گېپىنى باشلىدى. 

_ كۆپچىلىك، بۈگۈن ئەسلى ئۈچ ئادەم ئىدۇق، ھەسەن ئاكام دەل ۋاقتىدا كەلدى، قارىغاندا ئۇنبڭ بىلەن بىللە كەلگىنى  ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ سۆيگۈنى بولسا كېرەك.  ئىككىڭلارنىمۇ قارشى ئالىمىز. ئۇنداقتا بەسلىشىش ئويۇنىمىزنى باشلايمىز.  ئەلۋەتتە بۇ ئويۇنىمىز دوغا تىكىش ئۇسۇلى بىلەن بولىدۇ. دوغا تىككەندە تىكىلىدىغىنى پۇل ئەمەس،  ئابلىز ئەپەندىمنىڭ دوغا تىكىدىغىنى  ئالدىدىكى بارماق دېسكا،  ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ دوغا تىكىدىغىنى پۈتۈن بىپايان شىركىتىنىڭ قۇرۇلما خەرىتىسى،  مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۈمىد ئەپەندىم پۈتۈن شىركىتىنى دوغا تىكىدۇ دېگەن گەپ. 

     بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال ئۈمىدنىڭ چىرايىغا قارىدىم، ئۇ يەنىلا شۇنداق تەمكىن ئولتۇراتتى.  ئاۋۇ ئابلىز ئەپەندىم دېگەننىڭ ئالدىدىكى بارماق دېسكىدا نىمە باردۇ؟ پۈتۈن بىپايان شىركىتىنى دوغا تىكىۋەتكۈدەك دەرىجىدە بولسا بەك مۇھىم نەرسە بولسا كېرەك. لېكىن بۇ يەردە ئۇنى سوراشمۇ ئەپسىز.  تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇشتىنمۇ ئەيمىنىپ جىمجىت ئولتۇردۇم.  ھېلىقى كىشى گېپىنى داۋاملاشتۇردى. 

_ ئويۇنىمىزنىڭ قائىدىسى ئىنتايىن ئاددى، يەنى بىر يۈەنلىك تەڭگە تاشلايمىز.  سان بار تەرىپى ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ،  گۈل بار تەرىپى  ئابلىز ئەپەندىمنىڭ.  تەڭگىنى  ئۈچ قېتىم تاشلايمەن، ئىككى قېتىم  ئۇتقان ئادەم ئۇتقان ھېسابلىنىدۇ.  ئۇنداقتا بۇنىڭغا ھەر ئىككىڭلار رازىمۇ؟ ئۈمىد ئەپەندىم؟_ شۇنداق دەپ ئۈمىدكە قارىدى ئۇ. 

_ رازى_ دېدى ئۈمىد پەرۋاسىزلا. 

_ ئابلىز ئەپەندىم؟

_ مەنمۇ رازى_ دېدى ئابلىز ئىسىملىك كىشى. 

_ بولىدۇ، ئۇنداق بولسا باشلىدىم ھە. 

      ئۇ شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن بىر تال تەڭگىنى چىقاردى ۋە  ئاسمانغا ئاتتى. مەن بۇنداق كۆرۈنۈشنى پەقەت كىنولاردىلا كۆرۈپ باققان.  لېكىن كىنولاردا كۆرگىنىم  كىنودىكى پېرسۇناژلار بىرەر ئىشلاردا بىر قارارغا كېلەلمەي قالغاندا تەڭگە تاشلاپ قارار چىقىراتتى،  بىراق بۈگۈنكىدەك بىر شىركەتنى دوغا تىكىۋەتكۈدەك تەڭگە تاشلاش ئويۇنىنى كۆرۈپ باقمىغان ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. 

      بىرىنچى تەڭگە چۈشتى.  بايىقى كىشى تەڭگىنى تۇتىۋېلىپ ئاستا ئاچتى،  تەڭگىنىڭ سان بار تەرىپى ئۈستىگە قاراپ تۇراتتى. «ئۇف» دېدىم مەن ئىچىمدە. 

_ ھە، بىرىنچى قېتىمدا سان بار تەرىپى چۈشتى، ئۈمىد ئەپەندىم، مۇبارەك بولسۇن.  يەنە ئىككى قېتىم بار ھە.  ئىككىنچى قېتىملىقنى  ئاتتىم ئەمىسە. 

ئۇ شۇنداق دەپ تەڭگىنى يەنە ئۈستىگە ئاتتى.  تەڭگە چۆگىلەپ چۆگىلەپ چۈشتى، ئۇ تەڭگىنى تۇتىۋېلىپ يەنە ئاستا ئاچتى.  بۇ قېتىم گۈل بار تەرىپى ئۈستىگە قاراپ تۇراتتى. 

_ ئىككىنچى قېتىملىقتا گۈل بار تەرىپى چۈشتى، ئابلىز ئەپەندىم، مۇبارەك بولسۇن.   ئەسلى بۇ قېتىممۇ سان بار تەرىپى چۈشكەن بولسا ئۈچىنچى قېتىملىقنى ئېتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ھازىر بىردە بىر بولدى. ئەمدىكىسى ھەل قىلغۇچ بىر قېتىملىقى بولىدۇ.   ئۈچىنچى قېتىملىقنى ئېتىشتىن بۇرۇن يەنە بىر سوراي.  ھەر ئىككىڭلار ئۆز ئىختىيارلىقىڭلار بىلەن قىلىۋاتىسىلەرغۇ.  لېكىن يېنىۋالماقچى بولساڭلار، ھازىر يېنىۋالساڭلا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى ھازىر نەتىجە بىردە بىر. ئۈمىد ئەپەندىم؟

_  ئېتىڭ_ دېدى ئۈمىد كەسكىن قىلىپ. 

_ ئابلىز ئەپەندىم؟

_   ئېتىۋەر _ دېدى ئابلىز ئەپەندىممۇ. 

_  بولىدۇ، ئۇنداق بولسا ئۈچىنچى قېتىملىقىنى ئاتتىم ھە. ئېتىشتىن بۇرۇن يەنە بىر ئەسكەرتىپ قوياي. ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ دوغا تىككىنى بىپايان شىركىتىنىڭ قۇرۇلما خەرىتىسى،  ئابلىز ئەپەندىمنىڭ دوغا تىككىنى بارماق دېسكا.  ئۇنداق بولسا دېققەت. 

        نەتىجىگە تەقەززا بولغانچە ماۋۇ ئادەم ئەزمىسىنى ئېزىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئاخىرى تەڭگىنى ئاتتى. تەڭگە چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقتىم.  ئۇ ئەگەر مۇشۇنىڭ بىلەنلا شىركەتتىن ئايرىلىپ قالسا ئۇ چاغدا ئۇنىڭ  ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرىدىغان ھالىتىمدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ چاغدا ئىككىمىز ئوخشاش بولىمىز.  ئۇ چاغدا ھەقىقى جاپادىمۇ راھەتتىمۇ بىللە بولغان ئەر خوتۇنلاردىن بولىمىز. 

    ھېلىقى كىشى تەڭگىنى تۇتتى ۋە قولىنى ئاستا ئاچتى.  ئۈمىدتىن  باشقا ھەممىمىزنىڭ بوينىمىز سوزۇلۇپ كەتتى،  لېكىن ئۈمىد يەنىلا شۇنداق تەمكىن، يەنىلا شۇنداق سالماق ئولتۇراتتى.  شىركەت ئۇنىڭغا نىسبەتەن شۇنچىلىك ئەرزىمەس نەرسىمىدۇ؟ 

     _ سان چۈشۈپتۇ. ئۈمىد ئەپەندىم بەك تەلىيىڭىز بار ئىكەن جۇمۇ.  ئۇنداقتا  ئىككىدە بىر،  ئۈمىد ئەپەندىم يەڭگەن بولدى. ئابلىز ئەپەندىم، بارماق دېسكىنى نەقمەيداندا  ئۈمىد ئەپەندىمگە تاپشۇرىسىز ھەم بارماق دېسكىدىكى مەزمۇننىڭ باشقا جايدا زاپاس نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. 

_ ئۇنىڭدا گەپ يوق، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.  مۇبارەك بولسۇن،  ئۈمىد ئەپەندى، بەك تەلىيىڭ بار ئىكەن_ دېدى ئابلىز ئەپەندى ئورنىدىن تۇرغاچ. 

_ شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، ئابلىز ئەپەندى. بارماق دېسكىدىكى مەزمۇن كۆچۈرۈلۈپ، كۆپەيتىلگەن بولمىسۇن ھە.  تۇرۇڭە مەلىكەم، ماڭايلى. 

     ئۈمىد شۇنداق دەپ قولۇمدىن تارتىپ تۇرغۇزدى ۋە قولۇمنى يىتىلەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.  ئۆيدە قالغان ئۈچەيلەن كەينىمىزدىن قاراپلا قالدى.   بايا ھەسەن بىلەن بىللە ماڭغان ئۇزۇن، قاراڭغۇ يوللاردىن ئۈمىدنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئۆتۈپ  بىرىنچى قەۋەتتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا لىفىت بىلەن چىقىپ ماشىنىغا چىقىۋالدۇق. بىز ماشىنا بىلەن تېزلا ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىپ ماشىنىلار مۇكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان چوڭ يولغا چىقتۇق.  شۇ تاپتا باياتىن بېرى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا بىلىنىۋاتاتتى. 

_ ھەسەندىن يىراق يۈرسىڭىز بولمامدۇ؟_ خېلى ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كېيىن  ئۈمىد ئاخىرى ئېغىز ئاچتى. ئۇنىڭغا قارىدىم، ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈمدە نۇرغۇن سۇئاللىرىم بار ئىدى،  لېكىن قەيەردىن باشلاپ سوراشنى بىلەلمىدىم.  ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى يۆتكەپ ئالدى تەرەپتىكى يولغا قارىغاچ ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم. 

_  بۈگۈن شېرزاتنىڭ دېلوسىغا قايتا سوت ئېچىلىپتىكەن، مېھراي مېنى بىللە بارسىڭىز دېگەنتى، بىللە بارغان. سىزنىمۇ شۇ يەردىمىكىن دېسەم سىز يوق، تېلېفون قىلسام تېلېفونىڭىز ئېتىككەن. ھەسەن سىزنىڭ قەيەردىلىكىڭىزنى بىلىمەن دېگەچكە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەپتىمەن. 

ئۈمىد ئالدى تەرەپكە قاراپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن:

_ ئۇنداق سورۇندا تېلېفوننى ئېتىۋېتىش كېرەك، بۇ دېگەن قائىدە_ دېدى.   مەن بۈگۈنكى سوتنىڭ نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا دەپ بېرىۋىدىم ئۇ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئۇنداق پىنھاندىكى جاينى قانداق بىلىدىغانلىقىنى سوراپ باققۇم بار ئىدى،  ئەمما ئۇدۇل سوراشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. 

_  سىز ھەسەنگە راستلا بىر مىليون پۇللا بېرىدىغان بولغانما؟ 

_  ھەئە، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نىمە بولاتتى؟ 

   ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن باشقا نىمە بارلىقىنى مەن بىلمەيمەن ھەتتا پەرەزمۇ قىلالمايمەن. لېكىن ئۇنىڭ ھەسەنگە ماقۇل بولغان شەرتىنىڭ يالغۇز بىر مىليون پۇللا ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم،  ئەمما شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان  ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغرىلىق بىرەر يىپ  ئۇچىمۇ بايقىيالمىدىم.  مەن ئۇنىڭغا  ئۇنىڭ ماڭا ھەرقانداق گەپنى دېگەن ۋاقتىنىڭ  مېنىڭ ئۆزۈمنى ئەڭ بىخەتەر ھېس قىلىدىغان ۋاقتىم ئىكەنلىكىنى دېگىنىمنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك.  ئۇنىڭ دېگۈسى يوق بولسا  بوپتۇ، مەنمۇ سورىماي.  لېكىن بىر ئىشنى سوراپ بىلىۋالمىسام كۆڭلۈم ئارام تاپمايتتى. 

_ سىز تەڭگىنىڭ سان تەرىپىنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلەمتىڭىز؟ ئۇنداق بولمىسا قاپ يۈرەكلىك بىلەن پۈتۈن بىساتىڭىزنى دوغا تىكمەيتتىڭىز ھەقىچان. 

         ئۈمىد بۇ گېپىمنى  ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. 

_ نىمە دەيدىغانسىز، مەلىكەم، ئۇنى مەن قانداقمۇ ئالدىن بىلەلەي؟  بۇنداق ئىشتا تەلەي سىنايدىغان گەپ.  يا ئۇيان، يا بۇيان. 

      مەن ئۇنى ئىزچىل بىر ئىش قىلغاندا ئالدى كەينىنى بەك ئويلىشىدۇ، ئالدىراقسانلىق قىلمايدۇ دەپ بىلەتتىم، ئەمما ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنى قايتىدىن تۇنۇۋاتقاندەك سىنچىلاپ قاراپ كەتتىم.  بارماق دېسكىدا نىمە بارلىقىنى بەكمۇ بىگۈم بار ئىدى، لېكىن سورىمىدىم. شىركەتنى دوغا تىكىپ ئېلىۋالغۇدەك نەرسە بولغاندىكىن، چوقۇم ئادەتتىكى نەرسە ئەمەس  دەپ ئويلىدىم. 

_ قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى_ دېدى ئۇ ئۇ تۇيۇقسىز تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا_ سىزچۇ، تاماق يىگەنمىتىڭىز؟ 

ئۇنىڭغا ھەسەن بىلەن بىللە تاماق يىگەن دىيىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي «ياق، يىمىدىم»دەپ دەپ قويدۇم. 

_ ئەمىسە تاماق يەپ بولۇپ قايتايلى ھە. 

ئۇ ماشىنىنى شەھىرىمىزدىكى داڭلىق كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىنىڭ ئالدىغا توختاتتى.  ھازىر خېلىلا كەچ بولۇپ قالغاچقا ئۇ يەردە ئادەممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.  بىز ئىككى قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى بىلەن ئىككى خىل سوغۇق سەي بويرۇتۇپ ئولتۇردۇق. تامىقىمىز بىردەمدىلا چىقتى. مەن ھەسەن بىلەن بىللە تاماق يەۋالغاچقا قۇرسىقىممۇ بەك ئاچماپتۇ.  شۇنداقتىمۇ يالغاندىن يىگەن بولۇپ ئولتۇردۇم. ئۈمىدنىڭ قۇرسىقى خېلىلا ئاچقان بولسا كېرەك، بېشىنى كۆتۈرمەي يەۋاتاتتى. 

_ بۇندىن كېيىن بىر يەرگە بارىدىغان ئىش بولسا ماڭا دەپ قويۇڭ، بولامدۇ؟ بولمىسا مەن ئەنسىرەپ كېتىدىكەنمەن_  دېدىم مەن ئاغرىنغان قىياپەتتە. 

      ئۈمىد تاماقتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، چوكا بىلەن ئىلەشتۈرگەچ پەس ئاۋازدا :

_ كەچۈرۈڭ، سىزگە دەپ قويۇشقا پەقەتلا ئۈلگۈرەلمىدىم.  يەنە كېلىپ بۇنداق ئىشنى بىلگىنڭىزدىن بىلمىگىنىڭىز ياخشىراق، بىلسىڭىز تېخىمۇ ئەنسرەيسىز، سىزنى ئەنسىرەتكۈم يوق_ دېدى. 

_ ئەگەر بۈگۈن تەلىيىڭىز كەلمەي ھەممە نەرسىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىڭىز ماڭا نىمە دەيتتىڭىز؟_ دەپ سورىدىم مەن. 

_  بۇنىڭ ئىشى ئاسان.  مەن ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ سىز مېنى ھېچنىمە دېمەيسىز، چۈنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە شۇنداق بولغاندا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى پەرق يوقاپ  ئوخشاش بولىمىز. 

ئۇنىڭ دېگىنى توغرا، لېكىن مەن بۇنى دەپلا ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن –دە.  گەرچە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى جاپالىق جەريانلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولساممۇ  لېكىن ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمەن. 

   بىز ئۆيگە بارغاندا كەچ سائەت ئون بىردىن ئاشقان ئىدى. ئۇ ماشىنىنىڭ كەينى كۇزۇپىنى ئېچىپ بىر نەرسىنى مىجىپ ئېلىپلا يەرگە تاشلىدى.  ئۇ نەرسە يەرگە چۈشۈپلا مىدىرلاپ كەتتى. مەن قورققىنىمدىن كەينىمگە نەچچە قەدەم چىكىنىپ كەتتىم، ئاندىن ئېسىمنى يىغىپ سىنچىلاپ قارىسام ئەسلىدە مۈشۈك ئىكەن.  بۇ مۈشۈكنىڭ تۈكىنىڭ رەڭگى ئاسلانچاقنىڭكىگە ئوخشايدىكەن،  ئۇنى كۆرۈپلا ئۈمىدنىڭ نىمە مەقسەتتە بۇنى ئېلىپ كەلگىنىنى بىلدىم.  ئۇ ماشىنىنىڭ كەينى كۇزۇپىنى يېپىۋەتكەندىن كېيىن ئېڭىشىپ مۈشۈكنى قۇچىقىغا ئالدى ۋە دۈمبىسىنى سىلىدى. ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قاراپلا قالدىم،  ھازىر ئۇ مۈشۈكنى ئەمەس، بوۋاق بالىنى سىلىغاندەك مۈشۈكنىڭ دۈمبىسىنى مېھرى بىلەن سىلاپ كېتىۋاتاتتى. 

_  ئۇ بۈگۈن كەلگەچكە  سەل ياتسىرايدۇ، لېكىن ئاستا ئاستا كۈنۈپ كىتىدۇ. 

     لېكىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇنداق تېز چىقىشىپ كېتەلەيدىغاندەك قىلمايتتىم.  مەن تۇيۇقسىز مۈشۈكنىڭمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش، يوقاپ كەتتى دەپلا ئورنىغا باشقا بىرىنى دەسسەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.  لېكىن ئۈمىدنىڭ مېنى ئويلاپ مۈشۈكنى ئېلىپ كەلگىنىدىن چەكسىز مىننەتدار بولدۇم.  ئۈمىد مۈشۈكنى ئېلىپ ئىچىگە ماڭدى، تۇيۇقسىز كەينىگە قاراپ:

_ ھە راست، ئۇنىڭغا تېخى ئىسىم قويمىدۇق، يېڭى ئۆيگە يېڭى ئىسىم بىلەن كىرسۇن.  ئۇنىڭغا ئىسىم قويۇپ قويۇڭە_ دېدى.  

ئۇنىڭ  ئىسىم قويۇڭ دېگىنىنى ئاڭلاپ يەنە ئاسلانچاق ئېسىمگە كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى بېقىۋالغان چېغىمدا كىچىك ئاسلان بولغاچقا ئاسلانچاق دەپ ئىسىم قويۇپ قويغان، كېيىن چوڭ بولۇپ كەتكەندىمۇ يەنىلا ئاسلانچاق دەپ چاقىرىۋەرگەن ئىدىم . قارىسام بۇ مۈشۈكمۇ كىچىك، ئۇماق ئىكەن،  يەنە كېلىپ ئۈمىد ئۇنى ئاسلانچاقنىڭ ئىزىنى باسسۇن دەپ ئەكەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭغىمۇ ئاسلانچاق دەپ ئىسىم قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. 

_ ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئاسلانچاق بولسۇن. 

ئۈمىد بۇ گېپىمدىن مەمنۇن بولدى بولغاي:

_  ھە، ئاسلانچاق. مانا يېڭى ئۆيۈڭگە كەلدىڭ، ھازىرچە كۆنەلمەي قېلىشىڭ مۇمكىن، لېكىن ئاستا ئاستا بىز بىلەنمۇ چىقىشىپ كېتىسەن، بۇ ئۆينىڭ مۇھىتىغىمۇ كۆنۈپ كېتىسەن_ ئۇ ئاسلانچاققا خۇددى كىچىك بالىغا گەپ قىلغاندەك  گەپ قىلغاچ ئۆي ئىچىگە كىرىپلا مۈشۈكنى يەرگە قويۇپ بېرىۋىدى، مۈشۈك ئويناقلاپلا كەتتى، قارىغاندا ئۇ بىزنىمۇ، ئۆينىمۇ ياتلايدىغاندەك قىلمايتتى. 

   ھۇجرىغا كىرىپ ، مەن يۈز كۆزۈمنى يۇغىلى كىرىپ كەتتىم، ئۈمىد خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېچىپ بىر نىمىلەرنى كۆرۈپ ئولتۇردى، مەن يۈز كۆزۈمنى يۇيۇپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ياتىدىغان يەرنى راسلاي دەپ  قارىسام كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىلا ئۇنىڭ بۈگۈن كىيگەن كاستيۇمى تۇراتتى، كاستيۇمىنىڭ يانچۇقىدا ھېلىقى بارماق دېسكا بار ئىدى.  بارماق دېسكىدا قانداق مەزمۇننىڭ بارلىقىنى بىلىش ئىستىگىم تېخىمۇ كۈچەيدى، ئاستا تازىلىق ئۆيىگە قارىدىم،  تۇربىدىن سۇ چۈشىۋاتقان ئاۋاز چىقىۋاتاتتى.  بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يانچۇقىدىكى بارماق دېسكىنى ئەمدى ئېلىشىمغا  تۇربا سۈيى توختىدى.  بارماق دېسكىنى دەرھال جايىغا  سېلىپ قويۇپ ئۈمىدنىڭ چاپىنىنى ئېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئىلىپ  كىيىم  ئىشكابىغا ئېسىپ قويدۇم. 

   ئەتىسى ئەتىگەن ئۈمىدنى ئىشقا ماڭدۇرىۋېتىپ ئۇف دەپ ئولتۇرسام تېلېفونۇم سايرىدى، قارىسام ناتونۇش نومۇر ئىكەن. 

_ ۋەي. 

_ ۋەي، نازىيەمۇ؟ مەن  نىگارەنىڭ دادىسى پەرھات دادىڭىز. 

_ ھە، پەرھات دادا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ 

     نىگارەنىڭ دادىسى ماڭا بىر قېتىممۇ تېلېفون قىلىپ باقمىغان.  شۇڭا سەل تەساددىپىيلىق ھېس قىلىپ قالدىم. 

_  چۈشتە ۋاقتىڭىز بولسا بىللە تاماق يەيلىمىكىن دەپ تېلېفون قىلغانتىم، نىگارەمۇ بار. 

      ئۇ نىگارەمۇ بار دېگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى.  كۆڭلۈمدە ئۇلار ئاتا بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولمىغاچقا مېنى ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويسۇن دەپ چاقىرغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ ماقۇل بولدۇم.  پەرھات دادام مېنى تاماققا تەكلىپ قىلغان رېستۇران 520 بەزمىخانىسىنىڭ ئۈستىدىكى  رېستۇران ئىدى.  چۈشكە ئۈلگۈرۈپ بېرىپ، ئۇ دەپ بەرگەن ئايرىمخانىغا كىردىم، مەن تېخى ئۈچەيلەنلا  تاماق يەيدىغان ئوخشايمىز دەپتىكەنمەن.  لېكىن ئۈستەلدە فەرۇقمۇ ئولتۇراتتى.  بۈگۈن نىگارە ئالاھىدە ئېغىر بېسىق تۇراتتى.  مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى يېنىغا تارتتى، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە فەرۇق ئولتۇراتتى.  مەن پەرھات دادامغا سالام قىلىپ بولۇپ ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم. پەرھات داداممۇ بۈگۈن فەرۇقنى دەسلەپتە كۆرگەندىكىدەك سوغۇق چىراي ئەمەس،  دادىلارغا خاس سالاپەت بىلەن چىرايىغا سۇس كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئولتۇراتتى. 

مەن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پەرھات دادام بىر مۇنچە گەپ قىلدى، گېپىنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇ فەرۇق بىلەن نىگارەنىڭ توي قىلىشىغا قوشۇلۇپتۇ.  ئالدىنقى قېتىم فەرۇق بىلەن نىگارە بىنادىن چۈشۈپ كەتكەندە مەن دوختۇرخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە پەرھات دادامغا بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندا ئۇنىڭغا خېلى تەسىر قىلغاندەك ھېس قىلغانتىم.  قوشۇلغىنى بەك ياخشى بوپتۇ،  مۇشۇنىڭ بىلەن  نىگارە بىلەن ئارىسىدىكى ئاداۋەتمۇ كۆتۈرۈلۈپ كىتەمدۇ تېخى. 






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0