
بۇ ئەسەرنىڭ 104 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
|
103-قىسىم
بىپايان شىركىتىنىڭ ئالدىدا شېرزاتنى ئۇچراتتىم. ئۇ ئۇچىسىغا كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىپ، گالىستۇك تاقىۋالغان ئىدى.
_ ۋوي، سىزمۇ كەلدىڭىزما؟
ئۇنىڭغا قارىماي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ئۇمۇ كەينىمدىن كىردى. يېنىمىزدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ئۇنى «شېرزات دېرىكتور» دەپ چاقىرىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇدۇل بېرىپ لىفىتنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئۇمۇ كېلىپلا يېنىمدا تۇردى. بۇ چاغدا لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ئىچىدىن بىر قىز چۈشتى ۋە:
_ شېرزات دېرىكتور، ياخشىمۇسىز؟_ دەپلا ماڭدى.
مەن لىفىتقا چىقتىم، شېرزات ھېلىقى قىزنى چاقىرىپ توختاتتى.
_ ھەي، توختاڭە.
مەن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتنى بېسىپ، لىفىتنىڭ ئىشىكىنى يېپىش كۇنۇپكىسىنى بېسىشىمغا شېرزات كېلىپ دەسسەپ تۇرىۋالدى.
_ مايەرگە كېلىڭە.
بايىقى قىز كەينىگە يېنىپ كەلدى.
_ نىمىشقا ھەممىڭلار شېرزات دېرىكتور دەيسىلەر؟ بىۋاستە دېرىكتور دېسەڭلارلا بولمىدىمۇ؟
_ بىز ئادەتتە شىركەتتە ئۈمىد باش دېرىكتورنىڭمۇ ئىسمىنى قوشۇپ تولۇق چاقىرىپ كۆنۈپ قاپتىمىز. دېرىكتورلا دېسەك كىمنى دېگەنلىكىمىزنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىكەن.
_ ھە، مۇنداق دەڭە، ھە بوپتۇ ئەمىسە، نىمە دېگۈڭلار كەلسە دەۋېرىڭلار.
_ مەن ئىشىمغا باراي ئەمىسە، شېرزات دېرىكتور_ قىز شۇنداق دەپ تېز تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەتتى.
شېرزات لىفىتقا چىقىپ، 12-قەۋەتنى باستى.
_ ئۇلار نىمىشقا سىزنى شېرزات دېرىكتور دەپ چاقىرىدۇ؟_ باشقىلارنىڭ ئۇنى دېرىكتور دەپ چاقىرىشىدىن ھەقىقەتەن بەك غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئىدىم.
_ چۈنكى مەن ھازىر بىپايان شىركىتىنىڭ دېرىكتورى_ دېدى ئۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا.
_ نىمىشقا؟_ دېدىم مەن ئاچچىق بىلەن.
بىپايان شىركىتىنى ئۈمىدنىڭ بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلىمەن، شۇنداق تۇرۇپ ئۇ تەييارغا ھەييار بولسا قانداق بولىدۇ؟
_ نىمىشقا دېدىڭىزما؟ بۇنى ئېرىڭىزدىن سوراڭ. چۈنكى ئۇ ماڭا قەرز، مەن تۈرمىدىمۇ ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ياتقان، شۇڭا مەن نىمىنى خالىسام ئۇنىڭ ماڭا قىلىپ بەرمەي ئامالى يوق. بۇ ئىشلارنى ئۇ سىزگە دەپ بەرمىدى ھەقىچان.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم. ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈردى.
_ نىمە، ئىشەنمەيۋاتقان ئوخشىمامسىز؟
_ گېپىڭىزنى ئوچۇق قىلىڭ_ دېدىم مەن.
ئۇ لىفىتنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ ماڭا قارىدى. ئۇ ئادەتتە چاتاق تېرىپلا يۈرىدىغان بالا بولغىنى بىلەن، بۈگۈن كاستيۇم بۇرۇلكا كىيىۋاپتىكەن، كۆزۈمگە خېلى پىشقان ئەردەك كۆرۈندى.
_ ئۇ ئۇچار تاش قورغىنىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتكەنتى، مەن ھېچنىمە دېمىدىم، توغرىدۇ؟ دادام ئۇچار تاش قورغىنىنى ماڭا بېرىمەن دېگەن، لېكىن ئېرىڭىز ئۇنىمۇ يوق قىلدى. ئەجىبا ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم بېرىشى يوللۇق ئەمەسما؟
ئەگەر ئۇچار تاش قورغىنى راسلا ۋەيران بولىدىغان بولسا بۇنىڭ سەۋەبى ئەلۋەتتە ئۈمىدنىڭ قورغاننىڭ يېنىدىكى جاينى ھەسەنگە بەرگەنلىكى ۋە ھەسەننىڭ ئۇ يەرگە قەبرە سالغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ئەلۋەتتە. شېرزات گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ لېكىن كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، ھەسەن ئاكام ئۇ يەرگە قەبرە سېلىپمۇ ياخشى قىلدى، مېنىڭمۇ ئەسلى ئۇ يەرنى ئاچقۇم يوق ئىدى.
ئۇ 12-قەۋەتتە چۈشۈپ قالدى، مەن ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرۇپ ھۆججەت كۆرىۋاتقان ئىكەن، مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى.
_ ۋوي، سىز كېلىپ قاپسىزغۇ؟
_ سىزنى كۆرگۈم كېلىپ_ دېدىم مەن گەپنى تۈزلا قىلىپ.
_ يېڭىلىققۇ بۇ_ ئۈمىد شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ يېنىمغا كەلدى.
_ شېرزاتنى نىمىشقا شىركەتكە كىرگۈزدىڭىز؟
_ ئىشلەيمەن دېگەندىكىن ئىشلەپ باقمامدۇ؟ ئۆزى بىر ئىشلەپ كۆرۈپ باقمىسا مېنىڭ ئادەتتە قانچىلىك جاپا تارتىدىغىنىمنى ھېس قىلىپ بولالمايدۇ.
_ لېكىن ئۇ سىزنى ماڭا قەرز، مەن تۈرمىدىمۇ شۇنىڭ سەۋەبىدىن ياتقان دەيدۇغۇ، بۇ نىمە گەپ؟
_ ئۇ شۇنداق ئويلايدۇ، لېكىن تىگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى _ ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىرەر ئىش ئۈچۈن جىددىيلىشىپ، ئالاقىزادە بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، ھەرقانداق ئىش ئالدىغا كەلگەندىمۇ يەنىلا شۇنداق تەمكىن. ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدى، پۇل خەجلەپ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزدۇق، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىش تېرىپ قويۇپ مەكتەپتىن ھەيدەلدى، ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە تەييارغا ھەييار بولساملا دەيدىغان بالا. ئۇچار تاش قورغىنىنى باشقۇر دېسەك بارغىلى ئۇنىمىدى، كېيىن بىپايان شىركىتىدە دېرىكتور بولغۇسى كېلىپ قاپتۇ، بوپتۇ، بولۇپ كۆرۈپ باقسۇن دېدىم. مەن ئۇنىڭغا بۈگۈنكى ئىگىلىكىم ئاسماندىن چۈشۈپ قالمىغان، ئۆزۈم قۇرۇق قول تىكلەپ چىققان ئىگىلىك. جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەنسەن، باشقىلار تارتمىغان جاپانى تارتىشىڭ، باشقىلار چىدىمىغانغا چىدىشىڭ كېرەك دېسەم، مەنمۇ ئوغۇل بالا، سەن قىلغاننى مەن نىمىشقا قىلالمىغۇدەكمەن دەپ تۇرىۋالدى، مەيلى دېدىم. لېكىن ئۇ ئۆزى توغرا يولدا ماڭماي ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى كەكە چاپتى.
دېمىسىمۇ ئۇ ئىشنىڭ سەۋەبچىسى ئۇ ئۆزى ئىكەنغۇ، ئەمما ئۇ بۇنى ئۈمىدتىن كۆرىدىكەن.
_ لېكىن ئۇ ھازىرقى شۇ ئىقتىدارى بىلەن شىركەتنىڭ دېرىكتورىلىق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامدۇ؟ بىر شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ سەۋىيىسى شۇ شىركەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل تۇرسا. ئۇ قىلالارمۇ؟
_ ئۇ ئۆزىچە كۈنبۇيى يەپ ئىچىپ، ئويناپ يۈرسەملا بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدى. مەنمۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا تاشلاپ بېرىپ دەم ئالىمەن، قىلىپ جاپانى بىر كۆرۈپ باقسۇن.
شېرزاتنىڭ دېرىكتورلۇق ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. پەمىمچە ھازىر ئۇنىڭ دەرىجىسى ئۈمىدتىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۈمىد بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى ۋە ئىككىنى شوراپلا كۈلدانغا تاشلاپ قويۇپ، مائۇسنى ئۇيان بۇيان سۈرگەنتى، ياندا تۇرغان كىچىك ئاۋاز ياڭراتقۇدىن لەرزان مۇزىكا ياڭرىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا كېلىپ ئىگىلىپ تۇرۇپ:
_ خانىم، تانسا ئوينىساق بولامدۇ؟_ دېدى.
_ مەن يا تۈزۈك ئوينىيالمىسام، مېنى بۇنداق قىينىماڭە.
_ بىلىمەن، شۇڭا ئۆگىتىپ قوياي دەۋاتىمەنغۇ.
ئۇ شۇنداق دەپ ئاستا كېلىپ بىر قولۇمنى مۈرىسىگە ئېلىپ، يەنە بىر قولۇمنى تۇتتى ۋە ئاستا قەدەم بىلەن باشلىدى. ئەمەلىيەتتە مەن تانسا ئويناشنى پەقەتلا بىلمەيمەن ئەمەس، لېكىن فروزەدەك، رازىيەدەك چوڭ چوڭ سورۇنلاردا ئەركىن-ئازادە ئوينىيالمايمەن. لېكىن بۈگۈن ئىككىمىزلا بار جايدىمۇ يەنىلا پۇتلىرىم قولاشماي ھە دېسە ئۈمىدنىڭ پۇتىغا دەسسىۋېلىپ باراتتىم. ئۈمىد مەندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلدى.
_ قوقماي دەسسەۋېرىڭ، ئېرىڭىز خېلى سۈپەتلىك ئاياقلارنى كىيىدۇ، بۇنچىلىك دەسسىگەنگە ھېچنىمە بولمايدۇ.
ئازراق ئوينىغاندىن كېيىن مەنمۇ تەمتىرىمەي خېلى ياخشى ئوينايدىغان بولۇپ قالدىم.
_ ياخشى، ياخشى، مانا ، ئۇستا بوپ كەتتىڭىز ئەمدى_ دېدى ئۇ مېنى ماختاپ.
مەن سەل خىجىل بولۇپ:
_ نىمە تۇرۇپلا ماڭا تانسا ئويناشنى ئۆگەتكۈڭىز كېلىپ قالدى؟ يەنە كېلىپ بۇ ئىشخانا تۇرسا، بەك ئۆگەتكۈڭىز بولسا ئۆيدە ئۆگەتسىڭىزمۇ بولاتتىغۇ_ دېدىم.
_ تۆنۈگۈن زىياپەتتە سىز بىلەن تانسا ئوينىماي رازىيە بىلەن تانسا ئوينىغىنىمغا خاپا بولۇپ قالغىنىڭىزنى بىلىمەن. لېكىن تۆنۈگۈن ئۇ سورۇندا سىزنى تارتىپ تانسا ئوينايمەن دېسەم تانسا ئوينىيالمايدىغىنىڭىزنى ھەممە ئادەمگە ئاشكارىلىغاندەك ئىش بولغۇدەك. شۇنداقمۇ يا؟
ھەرقانچە چاندۇرمايمەن دېسەممۇ ئۈمىد كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغان ئىدى.
_ مانا ئەمدى ئۆگىنىۋالدىڭىز، بۇندىن كېيىن بىرەر يەرگە بارىدىغان ئىش بولسىمۇ قورقماي سىزنى ئاپىرىپ مەيدانغا چۈشۈپ ئوينىيالايمەن.
بىر مەيدان مۇزىكا ئاياغلىشىپ، يەنە بىر لىرىك مۇزىكا باشلاندى. ئۇنىڭ قولۇمنى تۇتقان قولى ئاستا بېلىمگە بېرىپ مېنى چىڭ قۇچاقلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ قولۇم ئۇنىڭ بوينىدا، ئۇنىڭ قولى مېنىڭ بېلىمدە، مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ئاستا دەسسىدۇق. بىر چاغدا ئۇ بېشىنى مۈرەمگە قويۇۋالدى، ئۇ ھەقىقەتەن بەك چارچىدى، يېقىندىن بۇيان بەك كۆپ ئىشلار يۈز بەردى، يەنە كېلىپ فەرۇقنىڭ ئىشىمۇ ئۇنى خېلىلا بىئارام قىلدى. بىز شۇ ھالەتتە تۇرغاندا تۇيۇقسىز چاۋاك ئاۋازى ئاڭلىنىپ چۈچۈپ قارىدىم. شېرزات ئىشىك تۈۋىدە بىزگە ھىجىيىپ قاراپ، خۇشياقمىغاندەك چاۋاك چېلىپ تۇرغان ئىدى.
_ ئىشخانىدىلا مۇھەببەتلىشىپ چۈشۈپ كېتىپسىلەرغۇ. سورۇن تاللىمايدىغانلا بوپسىلە ھە؟
ئۈمىد دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ، قولىنى بېلىمدىن ئاجراتتى. شېرزات چوڭ چوڭ چامداپ كېلىپ، ئۈمىدنىڭ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنى بىر چۆگىلىتىۋەتكەندىن كېيىن ئورۇندۇقتا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇردى.
_ ئاڭلىسام مېنى ئىزدەيدىغان ئىشىڭ بار ئىكەن_ دېدى ئۇ ئۈمىدكە قاراپ. ئۈمىد كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ بېرىپ، ئۈستەلنىڭ تارتمىسىدىن بىرمۇنچە ھۆججەتلەرنى ئالدى.
_ بۇ شىركەتنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى. بۇنى ئۈچ كۈن ئىچىدە كۆرۈپ بول. ئىككىنچى قول باشلىق بولغاندىكىن، شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ئېنىق چۈشەنمىسەڭ بولمايدۇ.
شېرزات ھۆججەتلەرنى مۇنداقلا ۋاراقلاپ قويدى.
_ ۋاي ۋۇي، نىمانچە كۆپ. مۇئەللىم تاپشۇرۇق بەرگەندەك بىر مۇنچە نىمىنى بەردىڭغۇ ئەمدى، بۇلارنى بىلسەم نىمە بوپتۇ، بىلمىسەم نىمە بوپتۇ؟ مەن يوق ۋاقىتتىمۇ شىركەت ئوخشاشلا مېڭىۋېرىپتىكەنغۇ.
_ توغرا، سەن يوق ۋاقىتتىمۇ شىركەتنىڭ ئىشلىرى جايدا مېڭىۋەرگەن، دېمەك سەن بولساڭمۇ بولمىساڭمۇ شىركەت توختاپ قالماي مېڭىۋېرىدۇ، سېنىڭ شىركەتتە ھېچقانچە قىممىتىڭ يوق، ھېس قىلغانسەن؟
شېرزات ئۈمىدنىڭ قولىدىكى ھۆججەتنى يۇلۇپ دېگۈدەك ئالدى.
_ ھە، ماقۇل، ماقۇل، مەن كۆرەي، بولدىما؟
ئۇ ئۆرۈلۈپ ماڭغان ۋاقىتتا مېنىڭ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە بىر قارىۋېتىپ ماڭدى ۋە ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئىشخانا ئىچىگە قارىدى.
_ ئىشخاناڭ بەك چوڭكەن ھە، مېنىڭ ئىشخانام سېنىڭ ئىشخاناڭنىڭ يېرىمىچىلىك كېلەمدۇ نېمە؟ ماڭىمۇ چوڭراق ئىشخانا تەييارلاپ بەرسەڭ بولارمىكىن. كېيىن مېنىڭمۇ ئىشخانىدا تانسا ئوينىغۇم كېلىپ قالسا كىچىكلىك قىلىپ قالامدىكىن دەيمەن.
ئۈمىد ئاستا بېرىپ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ قولىغا قەلەمنى ئېلىپ قەغەزگە شىرتىلدىپ خەت يازغاچ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەيلا جاۋاب بەردى.
_ بۇ تەلىپىڭمۇ ئورۇنلۇق. ئىكىنچى قول بولغاندىكىن، ئىشخاناڭمۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن ئىقتىدارىڭ مۇشۇنچىلىك ئشخانىغا يىتىشكۈدەك بولغاندا بۇنىڭدىن چوڭراق ئىشخانا قىلىپ بېرىشنى ئويلىشىپ باقىمەن.
شېرزات ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ، ئاندىن ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە «پاق پاق»ئۇرغىنىچە ئاغزىنى ئىسقىرتىپ كېتىپ قالدى.
_ ئەتە رازىيەلەر قاتناشقان ھېلىقى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر فىلىم تەشۋىقاتىنى قىلغىلى كېلىدىكەن، بارامسىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ تۇيۇقسىزلا. ئەلۋەتتە بارىمەن-دە، بارمىسام ئېرىمنى خەققە تاشلاپ بەرگەن بولمامدىمەن. تۇيۇقسىز ئامىنەنىڭ قايسى كۈندىكى گېپى ئېسىمگە كەلدى.
_ بىر دوستۇمنى بىللە ئېلىپ بارسام بولامدۇ؟
_ قايسى دوستىڭىزنى ئېلىپ بارىسىز؟ نىگارەنىما؟
_ ياق، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشىم چولپانلارغا بەك قىزىقىكەن، شۇنى چاقىرىۋالايمىكىن دېگەنتىم.
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ_ دېدى ئۈمىد.
بۇ گەپنى ئامىنەگە دېگەنتىم، بەك خۇش بولۇپ كەتتى.
_ ۋوي، نازىيە، سىز بەك قالتىسكەنسىز جۇمۇ، بېلەتنى قانداق قولغا چۈشۈردىڭىز؟ ئاڭلىسام بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بېلىتىنى سېتۋېلىشمۇ بەك تەسكەن. بىر ئىشلاردا خېلى يولىڭىز باردەك قىلىدۇ ھە. بىرەر چوڭ ئەربابنى تۇنۇيدىغان ئوخشىمامسىز؟ دەپ بېرىڭە. ھە راس، ئېسىمگە كەلدى، سىز رازىيەنى تۇنۇيسىز، بېلەتنى سىزگە ئۇ بېرىپتۇ دە. دوستىڭىزمۇ دېسەم ياق دەيسىز تېخى. سىزگە ئەجەب ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى.
ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئاخىرى چىدىمىدىم.
_ ئامىنە، چولپانلارمۇ سىز بىلەن ماڭا ئوخشاشلا ئادەم. ئۇلارنىڭمۇ شۇ ئىككى كۆزى، بىر ئاغزى بار. بۇنچىۋالا قىلىش كەتمەيدۇ. پائالىيەتكە بارغاندا ھاياجىنىڭىزنى بېسىپ ئولتۇرۇڭ ھە، مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ يۈرمەڭ يەنە.
_ ۋاي ياقەي، نازىيە، نىمە دەيدىغانسىز؟ چوڭ سۈپەت تۇرىمەن، قاراپ تۇرۇڭ ھە.
بۇنداق پائالىيەتتە ئاساسلىقى يېڭىدىن ئىشلەنگەن فىلىمنىڭ تەشۋىقاتى قىلىنىدىغان بولغاچقا، فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋە ئاز بىر قىسىم مېھمانلاردىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى تاراتقۇلار بولىدىكەن. فىلىم قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن زىيارەت قىلىش ۋە سۈرەتكە چۈشۈش باسقۇچىغا كەلدى. رازىيە ناخشىمۇ ئېيتىپ بەردى تېخى. رازىيەنىڭ ناخشىسى باشلانغان چاغدا ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتقىنى ئەينى يىلى نازىيە ئېيتقان ناخشا بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ كىيىنىشى، سەھنىدىكى ھالىتىمۇ دەل نازىيەنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇ ناخشىنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئېيتتى. ئاستا ئۈمىدكە قاراپ باقتىم، ئۇنىڭ كۆزى سەھنىدە، لېكىن چىرايىدا باشقا غەيرى ئالامەت يوق ئىدى.
رازىيە ناخشا ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئامىنە پۇرسەت تېپىپ سۈرەتكە چۈشۈۋېلىپ خۇشلۇقتىن سەكرەپ كەتتى.
_ رەھمەت سىزگە، جېنىم نازىيە، بەك رەھمەت. ئەڭ مۇھىم ئىشىمنى قىلىۋالدىم، بولدى، ئەمدى مەن كىتەي. سىز تولۇق تۈگىگەندە كېتىسىز ھەقىچان. خوش ئەمىسە، ئەتە كۆرۈشەيلى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا زىياپەت بار ئىكەن. زىياپەت بىر بەشيۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ بەش ئۈستەللىك ئايرىمخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. تاماقلار تارتىلىپ بىرەر قۇر يىيىلگەندىن كېيىن سورۇندىكىلەر بىر بىرىگە ھاراق تۇتۇشقا باشلىدى. بىرەيلەن كېلىپ ئۈمىدكە ھاراق تۇتقان ئىدى:
_ كەچۈرۈڭ، ئۇنىڭ ئاشقازىنى تازا ياخشى ئەمەس، تېخى يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىققان_ دەپ چىرايلىق رەت قىلدىم.
_ ئايالىم ئىچمىسۇن دېگەندىكىن، ئىچمەي_ دەپ كۈلدى ئۈمىدمۇ.
يەنە بىرەيلەن:
_ ئويلىماپتىكەنمەن، ئۈمىد ئەپەندىممۇ ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغانلاردىنكەن ئەمەسمۇ_ دېدى.
_ ئەلۋەتتە، ياخشى ئەرلەر ئايالىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدۇ_ دېدى ئۈمىد.
يەنە ئۆزىنى ماختاۋاتقىنىنى. تۇيۇقسىز رازىيە ئولتۇرغان ئۈستەلگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇ ئۈستەلدە مۇشۇ فىلىم ئىشلەش گورۇپپىسىدىكىلەردىن باشقا يەنە بىر نەچچە رېژىسورلارمۇ ئولتۇراتتى. رازىيە ئۇلارغا كۈچۈكلىنىپ قىلغۇدەك قىلىق تاپالماي قېلىۋاتاتتى.
ئۈمىد ياندىكىلەر بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ كىرەي دەپ چىقتىم. تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتسام، پەلەمپەي جايلاشقان جايدا ئىككىيلەننىڭ كۇسۇرلىشىۋاتقىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
_ بۇ چاينى ئەكىرىپ بايا ناخشا ئېيتقان قىزغا بېرىسەن ھە، خاتالىشىپ قالما.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















