
بۇ ئەسەرنىڭ 140-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139-قىسىم
مېھراي ئىككىمىز كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق، ئۇ توختىماي يىغلايتتى.
_ نازىيە ئاچا، كەچۈرۈڭ، سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم.
بېشىمنى چايقاپ ئۇنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن چېچىنى تۈزەشتۈردۈم.
_ ئۇنداق دېمەڭ. مەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپلا سىز تۇرغان ئۆيگە بارغانتىم، سىز يوق، يان تەرەپتىكى قوشنىڭىز سىزنى باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى دېدى، قەيەرگە كۈچۈپ كەتكىنىڭىزنى سورىسام بىلمەيمەن دېدى، سىز ئىشلىگەن يەسلىگىمۇ باردىم، ئۇلار سىزنى بۇ يەردە ئىشلمەيۋاتىدۇ دېدى. ھازىر قەيەردە تۇرىۋاتىسىز؟
مېھراي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر جاينىڭ ئىسمىنى دېدى، بىلىشىمچە ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئەڭ قالايمىقان، ئەڭ مەينەت بىر جايغۇ دەيمەن. تۇرسۇنئايغا ماشىنىنى شۇ جايغا قاراپ ھەيدەشنى ئېيتتىم. يولدا كېتىۋېتىپ سورىدىم.
_ ئايقىزچۇ؟
_ ئايقىزغا يېنىمدا ئولتۇرىدىغان بىر قوشنام قاراپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئايالنىڭ ئېرى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەيدۇ، ئۆزى ئادەتتە ئۆيدە بىكار، شۇڭا بالىغا قاراپ بەرسىڭىز كۈندە ئون يۈەن بېرەي دېسەم ماقۇل بولدى. ئادەتتە مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بارغۇچە ئايقىز ئۇخلاپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كېتىمەن.
ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز بالا بىلەن قانچىلىك جاپا تارتقانلىقىنى خىيالىمغا كەلتۈرەلمىدىم. مېھراي قولىدىكى سومكىسىنى تۇتقاچ خىجىل بولغان ھالدا سورىدى.
_ نازىيە ئاچا، ماشىنىدا كىيمىمنى ئالماشتۇرىۋالسام بولامدۇ؟
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئۇ ئۇچىسىدىكى كىيمىنى سېلىۋېتىپ سومكىسىدىن بىر مايكا بىلەن پادىچىلار ئىشتىنىنى چىقىرىپ ئالماشتۇردى، ئاندىن ھۆل قەغەز بىلەن يۈزىدىكى گىرىمنى پاكىزە چىقىرىۋەتتى. مېھراي دېگەن جايغا بارغاندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشتۇق. يول تۈز ئەمەس، لاي پاتقاق بولۇپ كەتكەن، ئوڭغۇل-دوڭغۇل يول ئىدى، ئۇ يەر بۇ يەردە قالايمىقان تاشلانغان ئەخلەتلەر كۆزگە چېلىقىپ، پۇتقا پۇتلىشىپ تۇراتتى، سەل ماڭغاندىن كېيىن قارىسام يولنىڭ چېتىدە بىر ئەخلەت دۆۋىسى بولۇپ ئۇنىڭدىن چىققان سېسىق پۇراق ئەتراپنى بىر ئالغان ئىكەن. بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر شەھەر ئىچىدىن ئۆي ئېلىپ كۆچۈپ كېتىپ، بۇ يەردىكى ئۆيلىرىنى دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئىجارىگە بېرىدىكەن.
مېھراي ئالدىمىزدا يول باشلاپ ماڭدى. كوچا ئىچىدە يول چىرىقىمۇ يوق، ئاينىڭ يورۇقىدا يولنى ئاران ئىلغا قىلىپ مېڭىۋاتاتتۇق. بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر كوچىغا كىرگەندىن كېيىن مېھراي كەينىگە قاراپ ئەسكەرتتى.
_ نازىيە ئاچا، بۇ يول سەل قالايمىقان، دېققەت قىلىپ مېڭىڭلار.
يول راستلا بايىقى يولدىنمۇ بەكرەك قالايمىقان ئىكەن، ھە دېسە پۇتىمىزغا ئەينەك بوتۇلكىلار پۇتلىشاتتى، ئەينەك پارچىلىرىنى دەسسەيتتۇق. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۆيلەر بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر ئىكەن. بىر ئۆينىڭ ئالدىدا بىر ئەر كىشى تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپتۇ. يەنە بىر ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر ئەر كىشىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى تۇربىدىلا يۇيۇنىۋاتقىنىنى كۆردۇق. مېھراي بۇ يەردىن بېشىنى پەس قىلىپ تېز تېز مېڭىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنى ئادەتتىمۇ بۇنداق ئوڭايسىز ئىشلارنى تولا ئۇچراتسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. بىزنىڭ مېھراي بىلەن بىللە كېتىۋاتقىنىمىزنى كۆرگەنلەر ئېغىزنى قۇلاققا يېقىشىپ بىر نىمىلەرنى دەپ كۇسۇرلاشقىلى تۇردى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ مېھراينىڭ قەدىمى تېخىمۇ تېزلەشتى.
ئۇ بىر ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى چەكتى. ئىشىكنى بىر ئايال ئاچتى، بالىنىڭ يىغا ئاۋازى تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلاندى.
_ مېھراي، بۈگۈن ئەجەب بالدۇر قايتىپ كەپسىزغۇ؟_ دېدى ئىشىكنى ئاچقان ئايال بىر مېھرايغا بىر بىزگە قاراپ.
_ بۈگۈن ئىشىم بالدۇر تۈگىگەن، شۇڭا بالدۇرلا قايتىپ كەلدىم. ئايقىزچۇ؟
ئايال ئىچىگە كىرىپ ئايقىزنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
_ بالا ئاپام دەپ بەك يىغلاپ كەتتى، ھەر كۈنى مۇشۇنداق يىغلايدۇ، ئۇنى بەزلەپ بولالماي جېنىم ئاران قالىدۇ.
مېھراي ئايقىزنىڭ يۈزىگە سۆيدى.
_ جېنىم قىزىم، مەن قايتىپ كەلدىم. يىغلىماڭ ھە! _ مېھراي تۇيۇقسىز بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك ئايقىزنى بىر قولىدا كۆتۈرۈپ يەنە بىر قولىدا يانچۇقىدىن ئون يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ ئايالغا سۇندى.
_ رەھمەت سىزگە، ئاچا. ھېلىمۇ بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم.
_ ياقەي، نىمە دەيدىغانسىز؟ قوشنا قولۇم دېگەن مۇشۇنداق ئىشلاردا ئەسقاتمىساق قانداق بولىدۇ؟ ھېلىمۇ سىز ئۆزىڭىز يالغۇز بالا بىلەن جاپا تارتىۋاتىسىز، بىزنىڭ قولىمىزدىن مۇشۇنچىلىك ئىش كېلىدىكەن ئەمدى.
ئايال ئاغزىدا ئۇنداق دېگەن بىلەن مېھراي سۇنغان پۇلنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. مېھراي بىزنى ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئۆيى بايىقى ئايالنىڭ ئۆيىدىن ئون مېتىرلا نېرىدا ئىكەن.
مېھراينىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيى كىچىكلا، تېمى سىمۇنت سۇۋاقنىڭ ئۈستىگە ئانچە مۇنچە ئاق ھاك بېرىلگەن، تامنىڭ بۇلۇڭلىرىدا ئۆمۈچۈك تور باغلاپ كەتكەن، يەردىن نەم ئۆرلەپلا تۇرىدىغان ئۆي ئىكەن. ئۆي سەۋەمجانلىرىمۇ شۇنچىلىك ئاددى، بىر كارىۋات، بىر ئۈستەل، پەنەركىدىن ئاددىيلا قىلىپ ياساپ قويۇلغان ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە بىر ئوچاق قويۇلغان بولۇپ، ئۇخلاش، تاماق ئېتىپ يېيىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ ئۆيدىلا بولىدىغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
مېھراي ئايقىزنى كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئالدىراپ _تىنەپ كارىۋاتنىڭ ئۈستىنى ئازراق رەتلەپ بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئاندىن كىچىك ئورۇندۇقتىن بىرنى ئەكىلىپ ئالدىمىزغا قويۇپ ئىككى ئىستاكانغا قايناقسۇ قويۇپ ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويدى.
_ نازىيە ئاچا، چاي ئىچىڭلار_ دېدى ئۇ ئوڭايسىزلىنىپراق. ئايقىز يىغلاۋېرىپ ھېرىپ كەتكەن بولسا كېرەك، كارىۋاتتا بىردەم ئولتۇرۇپلا پوككىدە چۈشۈپ ئۇخلاپ قالدى. ئايقىزنىڭ يۈزىدىكى كۆز يېشى ھېلىمۇ پارقىراپ تۇراتتى، ئۆزى ئۇخلىغان بىلەن بىردەم بىردەم ئۆكسۈپ قوياتتى، يىغلىغىلى خېلى بولغان بولسا كېرەك. مېھراينىڭمۇ كۆزىدە ياش ئەگىدى. مەنمۇ بىر ئانا، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىنى مەنمۇ چۈشىنىمەن. ئۇ كارىۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ ئايقىزنى يىنىك پەپىلىگەچ گېپىنى باشلىدى.
_ بۇرۇن فروزە ئاچام دائىم مېنى يوقلاپ تۇراتتى. كېيىن شېرزاتمۇ ئىككى قېتىم كەلدى، كەلگەندە ماڭا ئازراق پۇل بەردى. لېكىن ماڭا بىرەر قېتىم چىراي ئېچىپ باقمىدى، ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغىنىنى بىلىمەن، لېكىن ئايقىز قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بالىسى بولغاندىكىن، بالىغا ئازراق بولسىمۇ مېھرى بار بولسا كېرەك.
شېرزاتنىڭ بالىغا مېھرى بارلىقىغا ئىىشىنىمەن، ئۇنداق بولمىسا ئۇ ھېلىقى كۈنى كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا ئۆزىنىڭ نىم بولۇشى بىلەن كارى بولماي ئايقىزنى تۇتىۋالمايتتى.
_ كېيىن شېرزاتنىڭ ئاپىسىمۇ مېنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇ ماڭا تولا بالامنىڭ پېيىگە چۈشمەڭ، بالىنى دەستەك قىلىپ شېرزاتنى يېنىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلىمەن دەيدىغان بولسىڭىز بالىڭىزنى مەڭگۈ كۆرەلمەيسىز دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن بەك قورقتۇم. شۇڭا ھېلىقى ئۆيدىن كۆچۈپ كەتتىم، بۇرۇنقى يەسلىدىمۇ ئىشلىمىدىم. ئۇلار مېنى تاپالمايدىغان جايغا كېتەي دەپ بۇ يەرگە كېلىۋالدىم. بۇ ئۆينىڭ بىر ئايلىق ئىجارىسى 80 يۈەن، بۇنى مەنمۇ كۆتۈرۈپ كېتەلەيدىكەنمەن. باشقا بىر يەسلىدىن ئىش تاپقان ئىدىم، كۈندۈزى ئايقىزنى بىللە ئېلىپ بارسام بولىدۇ، مۇشۇ يېقىنلا يەردە. لېكىن ئىش ھەققىم تۆۋەن، ئىۇششاق چۈششەك چىقىملارنى چىقىرىۋەتسەم قولۇمغا كۆپ پۇل ئاشمايدىكەن، ئايقىزمۇ چوڭ بولىۋاتسا، مەكتەپتە ئوقۇسا قايسى پۇلۇم بىلەن ئوقۇتىمەن؟ شۇنى ئويلاپ يۈرسەم بىليارت كۇلۇبىغا خىزمەتچى ئالىدىغان ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم، كۈنلۈكۈمگە 100 يۈەن تاپالايدىكەنمەن، ئايقىزغا قاراپ بېرىدىغان ئايالغا 10 يۈەننى بېرىۋەتسەممۇ كۈندە 90 يۈەن يېنىمدا قالىدىكەن، شۇنىڭدا ئازراق پۇل يىغىۋالالىغۇدەكمەن. شۇڭا كۈندۈزى يەسلىدە ئىشلەپ، كەچلىكى بىليارت كۇلۇبىدا ئىشلەپ يۈرىۋاتىمەن.
بۇ گەپلەرنى دەپ بولغىچە ئۇنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلگىلى تۇردى، شۇنداقتىمۇ ئايقىزنى پەپىلەشلىرىدىن ئۆزىنىڭ پۈتكۈل دۇنياسىنى قوغداۋاتقاندەك ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ئانا مۇھەببىتى نەقەدەر كاتتا مۇھەببەت! ئۇنىڭ بايا دەپ بەرگەنلىرىنىڭ ئۇ تارتقان جاپالارنىڭ ئاز بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، مېنىڭچە بۈگۈن كەچتىكىدەك ئىشلار بۇرۇن يۈز بەرمىگەنمۇ ئەمەس. بۈگۈنغۇ مەن ئۇچراپ قاپتىمەن، مەن بولمىغان بولسامچۇ؟ دەل شۇ چاغدا بىرى ئىشىكنى ئۇردى.
_ ئىشىك...ئىشىكنى ئېچىڭ_ سىرتتىن بىر مەستنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مېھراي چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە ئۈستەلنى ئىتتىرىپ ئاپىرىپ ئىشىككە تىرەپ قويدى، ئاندىن بىزگە قاراپ:
_ كېرەك يوق، جىددىيلەشمەڭلار. ئۇ خاتا كېلىپ قالغان بىرى ئوخشايدۇ، ئاچمىسام ئىشىكنى ئۇرۇپ بېقىپ كېتىدۇ_ دېدى.
ئەمەلىيەتتە جىددىيلەشكىنى بىز ئەمەس ئۇ ئۆزى ئىدى. يەنە كېلىپ مەن ئىشىكنى ئۇرۇۋاتقان ئادەمنىڭ خاتا كېلىپ قالغىنىغا ئىشەنمەيمەن. ئۇنىڭ بايىقى ئىنكاسىدىن قارىغاندا بۇنداق ئىش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغاندەك. ئۇ ئىشىكنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. ئىشىكنى ئاچمىغاندىن كېيىن ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ سىزنىڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، بايا ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغان تۇرسام. بىرەر ئەرنى باشلاپ كەلگەنمىتىڭىز يا؟ ئىشىكنى ئېچىڭ دەيمەن.
ئىشىكنى بىردەم ئۇرۇپ بېقىپ، يەنە گەپ قىلدى، بۇ قېتىم ئۇ ئاۋازىنى پەسلىتىپ گەپ قىلىۋاتاتتى.
_ 100 يۈەن بېرەي، ماقۇل بولامسىز؟ باشقىلار بولسا 50 يۈەن دەيتتىم، سىزگە مەرتلىك بىلەن 100 يۈەن دەۋاتىمەن جۇمۇ.
مېھراي بۇ خورلۇققا چىدىماي ئىككى قولى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالدى.
_ تۇرسۇنئاي، ئىشىكنى ئېچىڭە! _ دېدىم مەن. تۇرسۇنئاي ئالدىغا مېڭىشىغا مېھراي ئۇنى تارتتى.
_ ياق، ئاچماڭ. ئۇ ئىشىكنى ئۇرۇپ بېقىپ كېتىدۇ. ماڭا ئىشىنىڭلار، ئۇ ئۇنداق ئىشىكنى ئۇرىۋەرمەيدۇ. چوقۇم كېتىدۇ.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېھراينى ئۆزۈمگە قاراتتىم.
_ مېھراي، ماڭا راست گەپ قىلىڭ، بۇ ئادەم دائىم مۇشۇنداق ئىشىكىڭىزنى ئۇرۇپ سىزنى ئاۋارە قىلامدۇ؟ ئۆيىڭىزگە كىرىپ سىزنى بوزەك قىلىپ باقمىغاندۇ؟
مېھراي بېشىنى چايقىدى.
_ ياق، مەن ئۆيگە كىرىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ئولتۇرىمەن. ئۇ كەلسىمۇ مېنىڭ ئىشىكنى ئاچمىغىنىمنى كۆرۈپ يەنە كېتىپ قالىدۇ.
_ قورقماڭ، بىز بار _ دېدىم مەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ. تۇرسۇنئاي بېرىپ ئۈستەلنى بىر يانغا سۈرىۋېتىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئەر ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرغان بولسا كېرەك، ئىشىك ئېچىلىشىغا ئۆزىنى توختىتىۋالالماي ئۆينىڭ ئىچىگە تىك موللاق چۈشتى. ئۇ ئۇچىسىغا ئاسما مايكا، تىزىغا كەلگۈدەك كالتە ئىشتان كىيگەن، پۇتىغا ساپما كەش كىيىۋالغان بولۇپ، بايا يىقىلغاندا ساپما كەشىنىڭ بىرى ئىشىكنىڭ سىرتىدا قېپ قالغان ئىدى. ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەيلا سەت ھىجايدى.
_ ھى ھى ھى، ئاخىرى ئىشىكىڭىزنى ئاچتىڭىز ھە. 100 يۈەنگە ماقۇل بولدىڭىزما؟ _ ئۇ ئۆمىلەپ ئورنىدىن تۇردى ۋە مېنى مېھراي دەپ قالغان بولسا كېرەك مېنىڭ يۈزۈمنى سىلىماقچى بولدى. ئۇ قولىنى ئەمدى سوزۇشىغا تۇرسۇنئاي ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدى. ئۇ شاپىلاق تەگكەن يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ:
_ نىمە، مېنى ئۇرىۋاتامسەن؟ ھۇ بۇزۇق، مېنى ئۇرغىنىڭغا تويغۇزىۋەتمەيدىغان بولسام_ دېدى.
_ ھە، ئاكا، قاراڭ، ئاچام سىزنى ئىزدەپ كىرىپتۇ يەنە_ دېدى مېھراي. ئۇ مەست بولسىمۇ مېھراينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمىدى.
_ تولا مېنى قورقۇتىمەن دېمەڭ. قېينىئاتام ئېغىر كېسەل، خوتۇنۇم دادىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرسا، بۇ يەرگە كېلەمتى؟ _ ئۇ شۇنداق دەپ ئالدىغا مېڭىشىغا تۇرسۇنئاي ئۇنى ئۇرۇپ ياتقۇزىۋەتتى، بۇ قېتىم ئۇ ئەرگە ئورنىدىن تۇرغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەي كەينى كەينىدىن نەچچىنى ئۇرۇۋەتتى.
_ ئۇرماڭ، ئۇرماڭ، ئۆتۈنۈپ قالاي. ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، بۇ يەرگە ئىككىنچى كىرمەيمەن.
ئۆيدىكى ۋاراڭ چۇرۇڭنى قوشنا قولۇملارمۇ ئاڭلىغان بولسا كېرەك، ئىشىك ئالدىغا بىر مۇنچە ئادەملەر توپلاشتى. ئايقىزمۇ ئويغىنىپ يىغلاشقا باشلىدى.
_ مېھراي، نەرسە كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇڭ، بۇ يەردىن كېتەيلى. سىزنى ئەمدى بۇ يەرگە تاشلا قويۇپ كېتەلمەيمەن_ دېدىم مەن ئايقىزنى ئەمدى قۇچىقىغا ئالغان مېھرايغا قاراپ.
ھېلىقى مەست ئەر كەتكەندىن كېيىن، مېھراينىڭ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۇ ئۆيدىن چىقتۇق. يولدا كېتىۋېتىپ مېھرايغا بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى دېسەم، ئۇ زادىلا ئۇنىمىدى.
_ بالا بىلەن ماڭا ئەپسىز بولۇپ قالىدۇ، نازىيە ئاچا، ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت.
دېمىسىمۇ ئۈمىد ئىككىمىز ھېچقانداق ئويلىمىغان تەقدىردىمۇ مېھراي ھەقىقەتەن بالا بىلەن ئۇ ئۆيدە تۇرۇشتىن خىجىل بولۇپ قالىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ تۇيۇقسىز ئېسىمگە شەرقىي بازاردىكى ئۆي كەلدى. توغرا، ئۇ ئۆي قۇرۇق تۇرسا. ئۇ يەرنى چاقىمىز دېگىلىمۇ ئىككى يىل بولدى، تېخىچە چاقمىدى. مېھراينى بالا بىلەن ۋاقىتلىق شۇ ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم.
بۇ ئۆيگە ئادەم كىرمىگىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولغاچقا ئۆينىڭ ھەممە يېرى توپا چاڭ بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆيگە كىرىپلا دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇردۇق. ئايقىز يولدا كېلىۋېتىپ ئۇخلاپ قالغاچقا ئۇنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ مېھراي ئىككىمىز ئۆينى بىرەر قۇر تازىلىدۇق.
_ نازىيە ئاچا، بەك كەچ بولۇپ كەتتى، سىزمۇ قايتىپ ئارام ئېلىڭ، ئەتە ئۆينى قايتىدىن راۋرۇس بىر تازىلاي، بۈگۈن مۇشۇنداق يېتىپ تۇرايلى_ دېدى مېھراي.
_ بۇ ئۆي ئاددىيراق بولسىمۇ ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرۇڭ، كېيىنچە بىر گەپ بولار ، جاپا تارتىپ قالىدىغان بولدىڭىز _ دېدىم مەن ئۇنى تارتىپ كرىسلودا ئولتۇرغۇزغاچ.
_ ۋاي نىمە دەيدىغانسىز، ئاچا، بۇ ئۆي مېنىڭ بايىقى ئۆيۈمدىن مىڭ ياخشى تۇرمامدۇ؟ لېكىن مەن شېرزاتنىڭ ئاپىسىنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، فروزە ئاچامغىمۇ مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى دېمىگەن بولسىڭىز.
بېشىمنى لىڭشىتتىم. ماڭاي دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ئۈمىدتىن تېلېفون كەلدى، ئۇ بۈگۈن كەچتە بىر زىياپەت بار ئىكەنلىكىنى، ئۆيگە كەچ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن مېھراينى شەرقىي بازاردىكى ئۆيگە ئەكىلىپ قويغىنىمنى دەپ، مۇشۇ يەردە قونۇپ قالاي دېدىم، ئۇمۇ ماقۇل بولدى. تۇرسۇنئاينى كەتكۈزىۋەتتىم.
مېھراي دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇراتتى. بىر چاغدا ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى.
_ نازىيە ئاچا، مەن بەك كارغا كەلمەسمۇ؟
_ ياق، مېھراي، سىز بەك قالتىس، قاراڭ، ئايقىزنى ئۆزىڭىز يالغۇز بېقىۋاتىسىز، شۇنچە جاپالارغا بەرداشلىق بېرىۋاتىسىز، بۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن سىزگە بىر تەۋسىيەرىم بار. سىز ئەمدى 21 ياشقا كىردىڭىز، ئەمدى يەسلىدىمۇ، بىليارت كۇلۇبىدىمۇ ئىشلىمەڭ. پۇلدىن غەل قىلماڭ، ئاۋۋال ئۆگىنىڭ، سىز ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك جىق، قورسىقىڭىزدا بىلىم بولغاندىلا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەرنى تاپالايسىز، بالىغا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرەلەيسىز. ئايقىزمۇ ئىككى ياشتىن ئاشتى، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەسلىگە كىرىدۇ، شۇ چاغدا شىركەتكە كېلىپ ئىشلەڭ. مېنىڭ سىزگە ئىشەنچىم بار، سىز چوقۇم ئۈزۈپ چىقالايسىز.
_ قىلالارمەنمۇ، نازىيە ئاچا!؟_ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ مېھراينىڭ كۆزى نۇرلىنىپ كەتتى.
_ ئەلۋەتتە قىلالايسىز. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. مىنەۋەر خانىم دائىم بىر گەپنى تەكرارلايتتى. تىرىشقان ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.
مېھراينىڭ كۆزىدە ئۈمىد نۇرى چاقنىدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















