
بۇ ئەسەرنىڭ 108 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
|
107-قىسىم
_ قانداق دەيسەن؟
_ جىمجىتراق بىرەر يەرنى تېپىپ پاراڭلىشايلى، نازى، ئىككىمىز ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىپ باقمىغىلىمۇ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ_ دېدى نىگارە.
_ بىزنىڭ ئۆيگىلا بارايلى. ئۈمىدمۇ يوق، ئىشقا كەتتى.
شۇنداق قىلىپ نىگارە ئىككىمىز داچىغا كەلدۇق.
_ ھە، گېپىڭنى ئەمدى دېگىنە، نىمىشقا شۆھرەتنىڭ خېلى ئىشى بار ئوخشايدۇ دەيسەن؟ ئۇ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمايۋاتامدۇ؟
_ ياق، دەل ئەكسىچە، ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئادەتتە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن نىگارە دوختۇرخانىدا ياتقاندا شۆھرەتنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقىي كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەر _ خوتۇنلار مۇناسىۋىتىدە كىم قارشى تەرەپنى بەكرەك ياخشى كۆرسە شۇ سەل تۆۋەن تۇرىدىغان ئىش بولىدىكەن، لېكىن ئۆينى چىرايلىق تۇتۇش ئۈچۈن بىرلا ئادەمنىڭ بەدەل تۆلىشى كۇپايە قىلمايدىكەن. ئادەم تۆمۈر ئەمەس، ھارىدۇ، چارچايدۇ، كۆڭلى يېرىم بولىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، ئۈمىدسىزلىنىدىغان، ھەممىدىن ۋاز كەچكۈسى كېلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ.
_ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلسىلا بولدىغۇ، ساڭا چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنىدىغان ئادەمنى تاپمىقىڭ ئاسان ئەمەس. سەنمۇ ئۇنىڭغا بەك قاتتىقلىق قىلىپ كەتمە، ئېرىشەلمىگەن نەرسەڭنىڭ چوقۇم ياخشى بولۇشى ناتايىن، ئاسانلا قولغا كەلگەن نەرسىمۇ ناچار بولماسلىقى مۇمكىن.
نىگارە جىم ئولتۇرۇپ كەتتى، ئۇ ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئىدى.
_ دېمەكچى بولغىنىڭنى چۈشەندىم، مەن فەرۇقنى ئەڭ ياخشىسى دېمىدىم، ھەم شۆھرەتنىمۇ ناچار دېمەكچى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئەڭ ياخشىسىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغان بولۇشىمۇ ناتايىن. مەن ئۆزۈممۇ ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئادەم ئەمەس، شۇڭا ئەڭ ياخشىسىنى تەلەپ قىلىشقا سالاھىيىتىممۇ توشمايدۇ. لېكىن شۆھرەت بەك سىرلىقكەن قارا، تۇيۇقسىز ئۇنى قىلچە چۈشەنمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم.
ئۇنىڭ بۇ خىل ھېسسىياتىنى ئوبدان چۈشىنىمەن. چۈنكى ئۈمىد بىلەن توي قىلىپ بىللە ئۆتىۋاتقىنىمغا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بەزىدە ئۇنى قىلچە چۈشەنمەيدىغاندەك، ماڭا ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى سىرلىقتەك تۇيۇلىدۇ.
_ قايسى كۈنى ئۇنىڭدىن«شۆھرەت، سىز زادى قانداق ئادەم؟» دەپ سورىسام، ئۇ نىمە دېدى دېمەمسەن؟ «بۇرۇن يامان ئادەم ئىدىم، ھازىر توي قىلىپ ئائىلەم، خوتۇنۇم بار بولدى، ئەمدى ياخشى ئادەم بولىمەن» دەيدۇ.
_ توغرا دەپتۇغۇ، ئۇ سېنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن _ دېدىم مەن.
_ لېكىن ئۇ بۇرۇن يامان ئادەم ئىدىم دەۋاتسا.
_ ھەممە ئىشنى زىغىرلاۋەرمە، نىگار. كىمنىڭ بەڭباشلىقى بولمىغان دەيسەن؟ ئۇ بۇرۇن قانداقلا بولسا، ئۆزىمۇ دەپتۇغۇ، ھازىر ئائىلەم، خوتۇنۇم بار، ئەمدى ياخشى ئادەم بولىمەن دەپ. بۇنىڭدىن خۇش بولساڭ بولىدۇ تېخى. سېنى دەپ ئۆزگىرىشكە بەل باغلاپتۇ ئەنە.
نىگارە بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن كۈلۈپ كەتتى.
_ نازى، بۇ گېپىڭنىڭ خېلى داۋلىسى بار جۇمۇ.
نىگارەنىڭ كۈلۈپ تۇرغان تۇرقىغا قاراپ ئەستايىدىل قىياپەتتە ئۆزۈمنى رۇسلاپ ئولتۇردۇم.
_ نىگار، مەن بىر ئىشنى بايقىدىم.
_ نىمىنى بايقىدىڭ؟_ سۇئال نەزەرىدە تىكىلدى ئۇ.
_ شۆھرەتمۇ سېنىڭ يۈرىكىڭدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلاپتۇ.
_ قانداق دەيسەن؟
_ سەن ئۇنىڭ بىلەن يېڭى توي قىلغاندا ئۇ ياخشى ئادەم بولامدۇ، يامان ئادەم بولامدۇ، سىرلىق بولامدۇ؟ قىلچە ئويلىشىپمۇ باقمىغانتىڭ. چۈنكى سەن شۇ چاغدا ئاچچىقىڭ بىلەنلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانتىڭ. لېكىن ھازىر بۇ ئىشلارنى ئويلاۋېتىپسەن، دېمەك سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋېتىپسەن. ئۆزۈڭ ھېس قىلماپسەن شۇ.
نىگارە خېلىغىچە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
_ شۇنداقمىدۇ؟
_ ھەئە. نىگار، فەرۇق بىلەن شۆھرەت ھەر ئىككىسى سېنى ياخشى كۆرىدۇ، سەن شۆھرەتنى تاللىدىڭ، مەيلى نىمە سەۋەبتىن بولسۇن، شۆھرەت بىلەن توي قىلغان ئىكەنسەن، ئۇنىڭغا ھەم ئۆزۈڭگە، ئائىلەڭلارغا مەسئۇل بولۇشۇڭ كېرەك. ئۆي تۇتۇش دېگەن كىچىك بالىنىڭ مېھماندارچىلىق ئويۇنى ئەمەس. ئادەم ياشىغان ئىكەن، باشقىلاردىن ئازار يېيىشتىن، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتىن ساقلانماق تەس. قانداقلا سەۋەبتىن بولسۇن، فەرۇق بىلەن توي قىلالمىدىڭلار. بوپتۇ، ئەمدى، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، ئالدىڭغا قارا، شۆھرەتنىڭمۇ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويۇشتىن ساقلان.
مەن پەقەت نىگارەگىلا كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى دىيەلەيمەن، ھەم ئۇمۇ مەن نىمىلا دېسەم توغرا چۈشىنىپ ئاڭلايدۇ. نىگارە تۇيۇقسىز قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
_ نازى، بۇرۇن ئەزىمەت بىلەن توي قىلغان چېغىڭدا بۇنچىلىك گەپلەرنىمۇ قىلالمايتتىڭ، ئۈمىد بىلەن ئۆي تۇتۇپ خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قاپسەن ھە، مۇتەخەسسىسلەردەك سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپسەن.
مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.
_ ھەر بىر قېتىملىق يىقىلىش ئادەمگە بىر ئەقىل بېرىدىكەن. مەنمۇ مەغلۇپ بولۇپ باققان، يوقىتىپ باققان، ئازار يەپ باققان، شۇڭا ھازىر ھەممە ئىشلاردا ئېھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
_ ئۇ دېگىنىڭمۇ توغرا. ھە راست، قايسى كۈنى فەرۇق بىلەن ئۈمىد نىمە سەۋەبتىن ئۇرۇشتى؟ مەن تازا ئاڭقىرالماي قالدىمغۇ؟
ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئۇرۇشقان چاغدا نىگارە سىرتتا، ئۇلار ئايرىمخانىدا بولغاچقا ئاڭقىرالمىغىنى توغرا.
_ مەنمۇ بىلمىدىم، ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
_ تۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق ساراڭلىقى تۇتۇپ قالىدۇ ئۇنىڭ، كارىڭلار بولمىسۇن _ نىگارە ھەقىقەتەن ئۆزىنى تۇتىۋالغان، تەمكىن بولۇپ قالغان ئىدى.
نىگارەنى كەچلىك تاماققا تۇتۇپ قالدىم، ئۈمىد ئىشتىن دەل ۋاقتىدا قايتىپ كەلدى، نىگارە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى.
_ مانا، نەمۇنىلىك ئەر دېگەن يەنە باشقا بولىدۇ دە، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە دەل ۋاقتىدا كېلىدىكەن ئەمەسمۇ.
ئۈمىدمۇ بۇنداق يەردە بوش كەلمەيدۇ.
_ ئەلۋەتتە. ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىپ كەچتە ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە مەلىكەمنى قانچىلىك سېغىنىپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىز. كەچرەك قالسام ئوكسىگىن يىتىشمىگەندەك بولۇپ نەپەس ئالالماي قالىمەن تېخى.
_ ۋاي ۋاي ۋاي، نازى، دېققەت قىل جۇمۇ، سېنىڭ ئېرىڭمۇ تازا تاتلىق گەپ بىلەن كوملايدىغاندىن ئىكەن_ دېدى نىگارە كۈلۈپ.
مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم. تاماقتىن كېيىن مېۋە سالات قىلدىم. سالاتنى يەپ ئولتۇرۇپ ئۈمىد شىركەتنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىنى ئاچماقچى ئىكەنلىكىنى، يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن باشقۇرغۇچى قاتلىمىدىكىلەرنى ئويناتماقچى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر نەچچە يەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئاخىرى ھەممەيلەن دېگۈدەك جەنۇبىي تاغدىكى بىر ئارامگاھنى تاللىغانلىقىنى، بىزنىمۇ تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
_ پۇلنى تاپقاندىكىن، مۇشۇنداق خەجلەش كېرەك. نىمىدېگەن ياخشى. ئېرىمنىمۇ بىللە ئېلىۋالسام بولامدۇ؟
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ. سىز بارىمەن دېسىڭىز، شۆھرەت ئەپەندىممۇ چىرايلىق خوتۇنىنى چىقىرىپ قويۇپ خاتىرجەم ئولتۇرالماي قالار.
_ يېڭى يىلنى قانداق ئۆتكۈزەرمىز دەپ بېشىم قېتىپ تۇراتتى، ئەجەب ياخشى، ئۆزىلا پۈتتى مانا، يەنە كېلىپ ھەقسىز_ ئاغزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى نىگارە.
شۇ كۈنى كەچتە نىگارە كېتىپ بىردەمدىن كېيىنلا ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، ئىشىكنى ئاچسام رازىيەنىڭ ۋاستىچىسى تۇراتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھېلىقى كۈنى كەچتە تاشلاندۇق زاۋۇتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رازىيە بىر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ چىققىلى ئۇنىماپتۇ. ئۇنىڭ ئىشلىرى ئەمدى باشلانغاندا بۇنداق قىلسا پۈتۈن ئىستىقبالى يوق بولىدىكەن، شۇڭا ئۇ بىزنى رازىيەگە گەپ قىلىپ قويسۇن دەپ ئىزدەپ كەلگەن ئىكەن. پەمىمچە ھېلىقى ئىشنىڭ ئۇنىڭغا بولغان زەربىسى خېلىلا چوڭ بولدى، بولۇپمۇ ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئەپتى بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىپ، ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ يەرگە ئۇرۇلغىنىنى قوبۇل قىلالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
رازىيەنىڭ ۋاستىچىسى كەتكەندىن كېيىن ئۈمىدكە:
_ يىللىق خۇلاسە يىغىنىغا رازىيەنىمۇ چاقىرىۋالايلى، كۆڭلى ئېچىلىپ قالا_ دېدىم. ئۈمىدمۇ جاۋابەن بېشىنى لىڭشىتتى.
يىللىق يىغىننىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 27-كۈنىگە بېكىتىلىپتۇ.
ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۆتكۈرنى كۆردۈم، شۇ چاغدىلا ئاندىن ئۇنى كۆرمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كېتىپتۇ. ھېلىدىن ھېلىغا يۆتىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپ، بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ بولغۇچىمۇ نەچچە قېتىم يۆتىلىپ بولدى.
_ زۇكام بوپ قالدىڭىزما؟_ دەپ سورىدىم.
_ ھەئە، بۇ قېتىم بەكلا ئېغىر تەگدىغۇ بۇ زۇكام، مەن بارماي بولدى دېسەم ئۈمىد بىز بىر مۇنچە ئادەم بارىمىز، بىر دوختۇر بولمىسا بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. ھازىر ئۆزۈممۇ ئارانلا تۇرىۋاتىمەن.
ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدىم.
_ ئويلىماپتىكەنمەن، دوختۇرمۇ ئاغرىپ قالىدىكەن ھە.
بۇ گېپىمدىن ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى. بىر چاغدا بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى. ئۇ ماشىنا فروزەنىڭ ماشىنىسى ئىدى، ماشىنىدىن فروزە بىلەن شېرزات چۈشتى. راستىمنى ئېيتسام شېرزاتنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى خالىمايتتىم، لېكىن شېرزاتمۇ ھازىر بىپايان شىركىتىنىڭ ئادىمى، يەنە كېلىپ دېرىكتور، بۈگۈن كەلمىسىمۇ بولمايدۇ. نىگارە بىلەن شۆھرەتمۇ كەلدى. شۆھرەت ئۈمىد بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىپ كەتتى. نىگارە ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.
_ ئاۋۇ تىكەن گۈل نىمىگە كەلدى؟
ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىسام رازىيە بىر ماشىنىدىن چۈشىۋاتقان ئىكەن. ئۇ يۈزىنىڭ يېرىمىنى توسۇپ تۇرىدىغان قارا كۆزەينەك تاقاپ، بېشىغا شەپكە كىيىۋالغان ئىدى.
_ ئۇ شۇنداق كىيىنىۋالسىمۇ تونۇۋالدىڭما؟
_ ۋاي ئۇ يۈز كۆزىنى پۈتۈن يۆگىۋالسىمۇ تۇنۇپ قالىمەن.
بۈگۈنكى پىلان بۇ يەردە تۈنەش بولغاچقا، كۆپچىلىك ھەممىسى تولۇق تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى. ئالدى بىلەن ھەممەيلەن كىچىك چامادانلىرىنى ئۆزلىرىگە تەۋە ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇردى. نىگارە تەبىئىيلا شۆھرەت بىلەن بىر ياتاققا بۆلۈندى. ئۇمۇ قارشىلىق قىلمىدى، چۈنكى ئۇ شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا شۆھرەت ئىككىسىنىڭ توي قىلىپمۇ ئىكى ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ شۆھرەتنىڭ يۈزىنى چۈشۈرسە بولمايدۇ دە.
ئۈمىد ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىپ كېتىۋىدى، مەن نەرسە كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ چىقىشىمغا بىز ياتقان ياتاقنىڭ سەل نېرىدىكى بىر ياتاقنىڭ ئالدىدا شېرزاتنىڭ رازىيەنى ئىشىكتىن كىرگۈزمەي توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
_ نېرى تۇرۇڭ، بۇ مېنىڭ ياتىقىم_ دېدى رازىيە سوغۇقلا.
شېرزات ئىشىككە يۆلىنىپ تۇرۇپ قولىنى سوزۇپ رازىيەنىڭ كۆزەينىكىنى ئالدى.
_ بىر چىرايلىق كۆزىڭىزگە قارا كۆزەينەك تاقاپ گۈزەللىكىڭىزنى يوشۇرۇپ نىمە قىلىدىغانسىز دەيمەن. لېكىن سىزنى ئەجەب بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەنا.
رازىيە شېرزاتنىڭ قولىدىن كۆزەينىكىنى ئالماقچى بولۇۋىدى، شېرزات قاچۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى، رازىيەمۇ تالاشمىدى ۋە ئۇنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىپلا ياتاققا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى. شېرزات ئىشىكنى ئۇرغان بولسىمۇ رازىيە ئاچمىدى.
_ چولپانلارنىڭ ئاچچىقى خېلى يامان بولىدىكەن ھە. ۋايجان_ شېرزات ۋارقىراپ كەتتى. چۈنكى فروزە ئۇنىڭ قۇلىقىدىنلا تارتقان ئىدى.
_ بۇ يەردە تۈزۈك ئوينىساڭ ئوينا، بولمىسا قايتىپ كەت_ دېدى فروزە.
_ ئاچا، بەك ئاغرىپ كەتتى، چىڭ تارتىۋەتتىڭ.
فروزە ئۇنىڭ قۇلىقىنى قويۇۋەتتى. شېرزات «ۋايجان» دەپ قۇلىقىنى سىلىدى ۋە ئۇلارغا قاراپ تۇرغان مېنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا بۇنداق سەتلىشىپ قېلىشنى خالىمىسا كېرەك، دەرھال فروزەگە ھۈرپەيدى.
_ ئاچا، مەن ھازىر سېنىڭ باشلىقىڭ جۇمۇ. شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ قوي. يەنە مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئاچام بولساڭمۇ كارىم يوق.
شېرزات نوچىلىق قىلىپ ئۇنداق دېگىنى بىلەن يەنىلا فروزەدىن قورقىدىكەن. شۇنداق دەپ قويۇپ يۈگۈرۈپ خېلى يىراققا بېرىپ توختاپ فروزەگە قاراپ تۇردى.
_ يەنە تاياق يىگۈڭ كېلىپ قاپتۇ دە سېنىڭ_ دېدى فروزە.
_ مېنى ساڭا تەڭ كېلەلمەمدىكىن دەپ قالما، بۇ دېگەن ساڭا يول قويغىنىم، بىلىپ قوي.
بۇ ئارامگاھتا مېھمانسارايلاردىكىدەك ھەممەيلەن تەڭلا ئوينايدىغان چوڭ مەيدان يوق ئىكەن، شۇڭا كۆپچىلىك قەيەردە ئويناشنى ئۆزى ئىختىيارى تاللايدىغان گەپ ئىكەن. كەچ كىرگەندە ئارامگاھنىڭ ئۈستى ئوچۇق مەيدانىغا يىغىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ھازىر قىش پەسلى، ھاۋا سوغۇق ، ئەمما ئوتتۇرىغا گۈلخان يېقىپ ئولتۇرغاچقا سوغۇقمۇ بەك بىلىنىپ كەتمىدى. يىغىلىشتا مۇزىكا، تاماق، يەنە كاۋاپداننىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. كاۋاپنى ئۆزىمىز پىشۇرۇپ يەيدىكەنمىز تېخى. نىگارە ئىككىمىز بىر كاۋاپداننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كاۋاپ پىشۇرىۋېتىپ يېرىمىغا كەلگەندە قارىسام زىرە تۈگەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشخانىغا زىرە ئالغىلى كىردىم. ئاشخانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىكەن، كىرىپ قارىسام شېرزات ئاشخانا ئۆيدە چۈگۈنگە بىر نىمە سېلىۋېتىپتۇ.
_ نىمە قىلىۋاتىسىز؟_ دېدىم مەن ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ.
ئۇ چۈچۈپ ماڭا قاراپ مېنى ئىچىگە تارتىپ كىرگۈزىۋېلىپلا ئىشىكنى يېپىۋەتتى.
_ چۈگۈنگە نىمە سالدىڭىز دەۋاتىمەن.
ئۇ سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەي تۇرۇپلا سىرتتا بىرىنىڭ ئاشخانا تەرەپكە كېلىۋاتقان ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى ئۇ دەرھال مېنى تارتىپ بىر ئىشكاپنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزۈپ ئاغزىمنى ئېتىۋالدى. ئاشخانا ئۆيگە بىرەيلەن كىرىپ بايا شېرزات بىر نەرسە سېلىۋەتكەن چۈگۈننى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ مېنى چىڭ تۇتىۋالغاچقا يا مىدىرلىيالماي، يا ئاۋازىمنى چىقىرالماي تۇرۇپ كەتتىم. ئىشىك يېپىلىپ ئاياق تىۋىشى خېلىلا يىراقلىغاندىن كېيىن شېرزات ئاندىن مېنى قويۇۋەتتى.
_ چۈگۈنگە زادى نىمە سالدىڭىز دەۋاتىمەن.
_ ئىشقىلىپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان زەھەر ئەمەس، نىمىدىن قورقىسىز؟
ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتىم. سىرتقا چىقىپلا يۈگۈرۈپ مەيدانغا چىقتىم. مەيداندىكى ئۈستەلدە بايىقىغا ئوخشاش چۈگۈندىن 10دەك چۈگۈن تۇراتتى، يەنە كېلىپ ھەممىسىنىڭ ئىچىدىكى چاي ئىسسىق ئىدى. شۇڭا شېرزاتنىڭ بىر نىمە سېلىۋەتكىنىنىڭ قايسى چۈگۈن ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىدىم. كۆپچىلىك ئىككى، ئۈچتىن بولۇپ گۈلخاننى چۆرىدەپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن يىگەچ، چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپتۇ.
_ زىرىنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ ئېلىپ كېلەمدىكىن دېگەنتىم سېنى، نىمانچە چىقىپ بولالمايسەن؟ ئەكەل _ دېدى نىگارە.
_ ئاپلا، ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
_ زىرە ئالغىلى كىرىپ كېتىپ زىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ چىقتىڭ دېگىنە. ياپياش تۇرۇپ نىمە بولىۋاتقانسەن دەيمەن.
_ ھازىرلا كىرىپ ئېلىپ چىقاي.
_ بولدى، بولدى، مۇلازىمەتچىگە دەيلى، ئېلىپ چىقىپ بەرسۇن.
ئۇ شۇنداق دەپ بىر مۇلازىمەتچىنى چاقىرىپ زىرە ئېلىپ چىقىپ بېرىشنى ئېيتتى. مەن نىگارەنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم. شېرزات ئىچىدىن لەلەڭشىپ چىقتى. ئۇ ئۇ يەر بۇ يەرگە قاراپ ئەھۋالنى كۆزىتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا ئادەم كۆپ ئەمەس، نۇرغۇنلىرى باشقا يەرلەردە ئەركىن پائالىيەت قىلسا، يەنە بەزىلىرى ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشكەن ئىدى. بەزىلىرى كېلىپ بىردەم تۇرۇپ قويۇپ كېتىپ قېلىشتى، ئەڭ ئاخىرىدا گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا بىز بىر نەچچىمىزلا قېپ قالدۇق. ئۈمىد، مەن، شۆھرەت، رازىيە بىر ئۈستەلدە ئولتۇردۇق، ئۆتكۈر يېنىمىزدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ياتتى. نىگارە بىلەن فروزە كاۋاپ پىشۇرىۋاتاتتى. شېرزات سەل نېرىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى. ئۇ يېنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر بىز بىلەن گېپى بىر يەدىن چىقمايدۇ. ئۇ پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتىۋاتقىنى بىلەن بايا سېلىۋەتكەن نەرسىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاۋاتاتتى.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















