
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141-قىسىم
مىنا شىركىتىمىز قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىغان بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ماركىنىڭ تۇنۇلۇش سۈرئىتىمۇ ئىزچىل تېز بولدى. شىركەتتە سودا كېڭەش يىغىنى ئاچقاندا چولپانلارنى ئوبراز ۋەكىللىككە تەكلىپ قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ماركىمىزنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا خەلقئاراغا تۇنۇتۇش پىلان لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىلان بۆلۈمى ھەرقايسى چوڭ ۋاستىچىلەر شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر قىسىم چولپانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى يىغىپ كەلدى. مەن سۈرەتلەرنى كۆرىۋېتىپ بىر پارچە سۈرەتنى قولۇمدا تۇتۇپ خېلىغىچە تۇرۇپ قالدىم. سۈرەتتە رازىيەنىڭ كۈلكىسى شۇنچىلىك سەبى كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن، سۈرەتكىمۇ قەلبىدە يوق سەمىمىلىك، ساددىللىقنى ئىپادىلەپ تۇرۇپ چۈشەلەيدۇ.
ئۇنىڭ سۈرىتىنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ قالغان سۈرەتلەر ئىچىدىن «مىنا» ماركىمىزغا مۇۋاپىق كېلدىغان ئايال چولپانلارنىڭ سۈرىتىدىن تاللاپ پىلان بۆلۈمىدىكىلەرگە سىناق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاپشۇردۇم. سىناق كۈنى مەن ئالايىتەن سۈرەتكە ئېلىشقا زالىغا باردىم، پىلان بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى مېنى ئوتتۇرىدىكى كرىسلوغا ئورۇنلاشتۇردى. ئولتۇرۇپ سەھنىدىكى چولپانلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم. بۇ قېتىمقى ئوبراز ۋەكىلى بولۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر چولپان شۇنداق تۈجۈپىلەپ ياسانغان ئىدى. كۆزۈم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان رازىيەگە چۈشكەندە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدىم، رازىيەمۇ مېنى كۆردى ۋە سەل خۇدۇكسىرىگەندەك بولۇپ كۆزىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى.
_ باش دېرىكتور، قەھۋە ئىچىڭ!
پىلان بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى ماڭا بىر ئىستاكان قەھۋەنى سۇنغاچ پىچىرلىدى:
_ باش دېرىكتور، ئاق رەڭلىك ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان قىز بولىدىغاندەك قىلىدۇ، رازىيەنى دەيمەن، ئۇ ئۆزى چىرايلىق، بەدەن شەكلىمۇ قاملاشقان ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش ھەققىمۇ خېلىلا تۆۋەنكەن.
ئىستاكاندىكى قەھۋەنى بىر ئوتلاپ قويۇپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك باشقا ياققا قاراپ تۇردۇم. سىناق باشلاندى، ھەرقايسى چوڭ ۋاستىچىلەر ھېلىدىن ھېلىغا مېنىڭ چىرايىمغا قارايتتى. لېكىن مەن ئارىلىقتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم، نۆۋەت رازىيەگە كەلگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش زالىدىن چىقىپ كەتتىم.
باش دېرىكتور، تېخى تۈگىمىدى، يەنە بار _ پىلان بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى كەينىمدىن يۈگۈرۈپ چىقتى.
_ بولدى، مەن تاللاپ بولدۇم _ دېدىم مەن قەدىمىمنى توختاتمايلا.
كەينىمدىن ئامىنەمۇ يۈگۈرۈپ چىقتى.
_ نىمە، سىز ياخشى كۆرىدىغان چولپان ئىچىدە قالدى _ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ كىمنى دەيسىز؟ رازىيەنىما؟ ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭغا قىزىقماس بولۇپ قالدىم.
_ نىمىشقا؟
_ مەنمۇ چولپان دەپلا قارىغۇلارچە ياخشى كۆرىۋەرمەيمەن، مېنىڭمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۆلچىمىم بار، بىر چاغدا ئۇنىڭ...._ ئۇ دەرھال گېپىنى توختىتىۋالدى.
_ دەۋېرىڭ. ئۇنىڭ مېنىڭ ئېرىم بىلەن تارقالغان خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ قاپسىز دە.
_ ھەئە. شۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆچ بوپ قالدىم، ئادەم دېگەن ئەخلاقلىق بولسا ئاندىن چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن، ئەينى ۋاقىتتا ھېچنىمىنى بىلمەيلا قىزىقىپ يۈرۈپتىكەنمەن.
ئىشخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ سىرتقا قاراپ تۇردۇم. ئىشىك چېكىلدى، ئىنكاس قايتۇرمىدىم، كەينىدىنلا ئىشىك ئېچىلدى. مەن شۇ پىتى تۇرىۋەردىم، چۈنكى دېرزە ئەينىكىدىن كىرگەن ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلىپ بولغان ئىدىم. رازىيە ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ، مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىمىغاندىن كېيىن بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ يېنىمغا كەلدى. مەن يەنىلا كەينىمنى قىلىپ تۇرىۋەردىم. بىر مىنۇتتەك شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى چىدىماي ئېغىز ئاچتى.
_ نازىيە ئاچا.
دەرھال كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە تىكىلدىم.
_ مېنى ئاچا دېمەڭ، مەن سىزنىڭ ئاچىڭىز ئەمەس _ ئۈستىلىمنىڭ يېنىغا بېرىپ قولۇمدىكى ئىستاكاننى كۈچەپ قويدۇم، ئىستاكاندىكى چاي چاچراپ چىقىپ ئۈستەلگە چېچىلدى. ئاندىن ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي كومپيۇتېرغا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم. رازىيە بايىقى جايىدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلدى.
_ نا...نازىيە باش دېرىكتور. ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز.
_ ئالدىمغا خاتا كىرىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ پۇرسەتنى مەندىن ئەمەس، كىنو رېژىسورلىرىدىن تەلەپ قىلسىڭىز بولاتتى.
رازىيە كالپۇكىنى چىشلەپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قانداق بولۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى. لېكىن ئۇنىڭ بىر تەرىپىگە مەن قايىل، ئۇ ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ. شۇ تاپتا ماڭا باش ئەگمىسە بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدى.
_ ئۆزۈمنىڭ شورى. ھېلىقى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن شىركەتتىكىلەر مېنى بىر چەتكە قايرىپلا قويدى، ھازىر شىركەتتە تېخى نامى چىقمىغان ئارتىسلارچىلىكمۇ يۈزۈم يوق.
ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ كەچۈرۈڭ، سىزنى ئىشلىتەلمەيمەن.
رازىيە تۇيۇقسىز بشىنى كۆتۈرۈپ يېلىنىش تەلەپپۇزىدا:
_ نازىيە ئاچا، بۇرۇن مەن ئالدىڭىزغا كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن، سىز بىلەن قارشىلاشماسلىقىم، ئۈمىد ئاكامنىڭ پېيىگە چۈشمەسلىكىم، ئاراڭلارغا سوغۇقچىلىق سالماسلىقىم كېرەك ئىدى. سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ، بولامدۇ؟_ دېدى.
ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى سۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ، لېكىن قانچىلىكى راست، قانچىلىكى يالغان كىم بىلىدۇ؟ شۇنداقتىمۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ ماڭا يالۋۇرىۋاتقان تۇرقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يايراپ كەتتى.
_ بۇ ئىشنىڭ ئارىمىزدىكى ئىشلار بىلەن ئالاقىسى يوق، رازىيە، مەن ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئادەمنى تەكلىپ قىلىمەن، ئەلۋەتتە ئوبراز ۋەكىلىنىڭ ھەققى بەك مۇھىم ئەمەس. بۇنىڭدىكى مەقسەت ماركىنى تۇنۇتۇش، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش. «مىنا»غا ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدىغان ئادەمنى تەكلىپ قىلسام بولمايدۇ دە.
رازىيە يەنە بىر نېمە دېيىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي، ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. پىلان بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورىنى ئىشخانىغا چاقىردىم.
_ رازىيەنى سىناققا قاتنىشىشقا سىز ئورۇنلاشتۇرغانمۇ؟
_ باش دېرىكتور، مەن...
_ ئۇ سىزگە قانچە پۇل بەردى؟
ئۇ چۆچۈپ ماڭا قارىدى.
_ باش دېرىكتور، مېنى كەچۈرۈڭ،مەن خاتا قىلىپتىمەن.
_ مېنىڭ سىزگە بەرگەن ئىش ھەققىم يەتمەيۋاتامدۇ؟
_ ياق، ياق، ياق، باش دېرىكتور، ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىڭىزگە مەن ئىنتايىن رازى. ئۇنىڭ پۇلىنى ئالمىدىم، ئۇ ماڭا سىزنى تۇنۇيمەن، ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ دېگەچكە مەن ئەھۋالنى بىلمەيلا ماقۇل بولۇپتىمەن.
_ ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟
_ باش دېرىكتور، بۇ ئىشتا ھەقىقەتەن مەن خاتا قىلىپتىمەن. ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بەرسىڭىز، ئەمدى بۇنداق ئىشنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلاي.
_ ئەمدى مۇشۇنداق ئىش قايتا سادىر بولۇپ قالسا، ئۆزلىكىڭىزدىن ئىستىپا بېرىپ كېتىڭ_ دېدىم مەن يەنىلا كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ.
_ ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ، باش دېرىكتور. رەھمەت سىزگە.
ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ماتېرىيال كۆرۈشنى ئويلىدىم، ئەمما دېققىتىمنى يىغالمىدىم، ئۇ ئۈمىدنىڭ يېنىغا دەرت ئېيتىپ بارارمۇ؟ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بولۇپ قالدى، مەن شىركەتتىن چىقىپ تاكسى بىلەن بىپايان شىركىتىگە باردىم. ئۈمىدنىڭ ئىشخانىسىغا يېقىن كېلىشىمگە رازىيەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ ئۈمىد ئاكا، ماڭا ياردەم قىلىڭ. ھازىر شىركەتتە ماڭا تۈزۈك پۇرسەتمۇ تەگمەيۋاتىدۇ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا يۈرىۋاتىمەن._ دېرىزە پەردىسىنىڭ يۇچۇقىدىن قارىسام رازىيە ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ سۆزلەۋېتىپتۇ، ئۈمىد ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىشخانىغا كىرمەي كەينىمگە يېنىپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ زالدىكى كرىسلودا ئولتۇردۇم. كۈتىۋېلىش ئورنىدا تۇرىدىغان قىز بىر ئىستاكان قەھۋەنى ئېلىپ كەلدى.
_ نازىيە خانىم، قېنى قەھۋە ئىچىڭ.
_ رەھمەت! _ قەھۋەنى ئېلىپ بىر يۇتۇم ئىچىپلا ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ ئۈمىدكە تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئىككى قېتىم سايرىغاندىن كېيىنلا ئالدى.
_ سىزنى بەك سېغىندىم، چۈشلۈك تاماقنى بىللە يەيلىمۇ؟_ ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك سورىدىم. تېلېفوندىن يىغلىغان ئاۋاز كېلىۋاتاتتى، بىلمەسكە سېلىۋالسام قاملاشمايدۇ دە،
_ بىرى يىغلاۋاتقاندەك قىلامدۇ نىمە؟
_ ھە، يېنىمدا رازىيە بار ئىدى. _ ھەر ھالدا ماڭا يالغان ئېيتمىدى.
_ ئەمىسە مەن بىلەن بىللە تاماق يىيەلمەيدىكەنسىز-دە؟
_ ياقەي. ھازىرلا سىزنى ئالغىلى باراي.
_ مەن سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ بىرىنچى قەۋەت زالىدا.
_ ماقۇل، مەن ھازىرلا چۈشەي_ دېدى ئۇ.
تېلېفوننى قويۇۋېتىپ لىفىت تەرەپكە قاراپ ئولتۇردۇم. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. لىفىتتىن رازىيە يالغۇز چۈشۈپ لىفىتنىڭ ئىشىكى يېپىلدى. ئۇ كۆزى ياش يۇقى بېشىنى تۆۋەن سېلىپلا ماڭدى، ئۇنىڭ ئازدۇر_ كۆپتۇر نامى چىققان چاغدا باشقىلار ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىپ تورغا يوللىۋەتمىسۇن دەپ يۈز كۆزىنى ئېتىپ ماڭاتتى، ئەمدىلىكتە باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇغۇ دەيمەن. ئۇ مېڭىپ كېتىۋېتىپ مېنى كۆرۈپ ئۆرۈلۈپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مېنىڭ ئىشخانامدىكى ئىلاجسىزلىق، پۇشايمان ئالامەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى، كۆزىدىن نەپرەت ئۇچقۇنى چاقناۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي تېلېفونۇمنى چىقىرىپ خەۋەر كۆرۈپ ئولتۇردۇم. تۇيۇقسىز ئالدىمدىكى قەھۋە ئىستاكانىنى بىرى ئېلىپلا يۈزۈمگە چاچتى، كەينىدىنلا ئىستاكاننى يەرگە تاشلىۋېتىپ چېچىمدىنلا قاماللاپ تۇتتى.
_ ھۇ نازىيە دېگەن پەسەندى، نېمەڭگە يوغانچىلىق قىلىسەن؟ ساڭا دەپ قوياي، ئۈمىد ئاكامنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى مېنىڭ ئاچام، بىلىۋاتامسەن، مېنىڭ ئاچام، سەن ئۇنىڭ سايىسى خالاس.
ئۇ چېچىمنى تۈۋىدىنلا قاماللاپ تۇتىۋالغاچقا مەن قارشىلىق قىلىشقا ئامالسىز قالدىم.
_ قولىڭىزنى تارتىڭ! _ قۇلاق تۈۋىمدە ئۈمىدنىڭ ئاچچىقى بىلەن دېگەن گېپى ئاڭلاندى. قەھۋە چېچىلىپ چاپلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىمنى ئاران ئېچىپ قارىدىم، ئۈمىد بىر قولى بىلەن رازىيەنىڭ بېلىكىدىن تارتىۋېتىپتۇ. لېكىن رازىيە قولىنى بوشىتىدىغاندەك ئەمەس،
_ئامانلىق ساقلىغۇچى قېنى؟_ دەپ ۋارقىرىدى ئۈمىد.
بىردەمدە دۈپۈر دۈپۈر ئاۋازلار چىقتى. بىر نەچچە ئامانلىق ساقلىغۇچى كېلىپ رازىيەنىڭ بېلىكىنى چېچىمدىن تەسلىكتە ئاجراتتى.
_ مېنى قويۇۋېتىڭلار. نازىيە دېگەن پاسكىنا. ئۈمىد ئاكامنى ئاچامدىن تارتىۋالغىنىڭنى ئاز دەپ، ئەمدى مېنىمۇ پاتۇرماسلىقنى ئويلاۋاتامسەن؟
ئامانلىق ساقلىغۇچىلار رازىيەنىڭ قولىنى تۇتىۋالغان بىلەن ئاغزىنى تۇتىۋالالمايدۇ-دە، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئەتراپىمىزغا ئادەم يىغىلىشقا باشلىدى. ئۈمىد ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي يۈز كۆزلىرىمنى قەغەز بىلەن سۈرتتى.
_ كۆيۈپ قالمىغاندۇ؟
بېشىمنى چايقىدىم، قەھۋەنى قۇيۇپ قويغىلىمۇ خېلى بولغاچقا مۇزلاپمۇ قالغان ئىكەن. لېكىن ئۈستى بېشىم پۈتۈن قەھۋە بىلەن بۇلغىنىپ كەتتى. بايا ماڭا قەھۋە ئەكىلىپ بەرگەن قىز قەيەردىن تاپتىكىن بىر چاپان تېپىپ كەپتۇ. ئۈمىد چاپاننى ئۈستۈمگە يېپىنچاقلاپ قويدى، يەنە بىرەيلەن ھۆل قەغەز بىلەن چېچىمنى سۈرتتى. مەن رەھمەت ئېيتىپ، ھۆل قەغەزنى ئېلىپ ئۆزۈم سۈرتتۈم. شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ قانداق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمنى بىلىمەن، ئەمما ھەقىقىي يۈزى تۆكۈلگىنى مەن ئەمەس. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېنى توختىماي تىللاۋاتقان رازىيەگە قارىدىم. ئۇ بۈگۈن سىناققا قاتنىشىش ئۈچۈن خېلى تۈجۈپىلەپ گىرىم قىلغان ئىكەن، ئەمما ھازىر چاچلىرى چۇۋۇلۇپ، گىرىملىرى بۇزۇلۇپ، رەسمى ساراڭغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
_ رازىيە، ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ_ دەپ ئاچچىقى بىلەن ۋارقىرىدى ئۈمىد.
رازىيە ئاخىرى تىللاشتىن توختىدى. ئۇ ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ ئۈمىدكە بىچارىلەرچە تىكىلدى. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى.
_ مانا ئەمدى مۇشۇنداق ساراڭلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتقۇدەك ھالغا چۈشۈپ قاپسىز ھە.
رازىيە مېنى چايناپ پۈركۈۋېتىدىغاندەك قارىدى.
_ مۇشۇنداق قىلىپ نېمىگە ئېرىشتىڭىز؟ مېنىڭ گىرىمىم بۇزۇلۇپ كەتسە قايتا قىلدۇرسام، چېچىم بۇزۇلۇپ كەتسە قايتا ياساتسام بولىۋېرىدۇ، كىيمىم مەينەت بولۇپ كەتسە، تېلېفونۇم بۇزۇلۇپ قالسا يېڭىنى ئېلىۋېرىمەن، لېكىن سىزچۇ؟ سىز نىمىگە ئېرىشتىڭىز؟
رازىيە گەپ قىلالماي قالدى.
_ ھەرقانداق ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ تۇرۇپ قىلىش كېرەك، ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالمايدىغان ئىشقا ئېسىلماڭ، بولمايدىغان بولسا زىياننىڭ چوڭىنى تارتىپ قالىسىز. «ھالىڭغا بېقىپ ھال تارت، خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارت» دەيدىغان گەپ بارغۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى بىلىۋېلىڭ. ئارزۇ دېگەن ھەممە ئادەمدە بار، لېكىن ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن توغرا يولدا تىرىشىش كېرەك، بولمىسا كەلگۈسىڭىزنى ئۆزىڭىز نابۇت قىلىپ قويىسىز، مۇشۇ گەپلىرىمنى قۇلىقىڭىزدا چىڭ تۇتۇڭ.
گېپىمنى دەپ بولۇپ كرىسلوغا قويۇپ قويغان سومكامنى ئېلىپ ئۈمىدكە قاراپ:
_ ماڭايلى، قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى_ دېدىم. ئىككىمىز قولتۇقلىشىپ چىقىپ كەتتۇق.
شىركەتتىن چىقىپ ئاۋۋال سودا سارايغا بېرىپ كىيىم ئېلىپ ئالماشتۇرۇپ، ئاندىن چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سالونىغا بېرىپ چېچىمنى يۇغۇزۇپ، گىرىم قىلىپ ئاندىن مەن ئامراق ساماۋار شورپىسى يېيىش ئۈچۈن داڭلىق ساماۋار شورپىخانىسىغا كىرىپ ئايرىمخانىسىغا كىرىپ بويرۇتتۇق. تاماق يىگەچ ئۈمىدكە بۈگۈن بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم.
_ ئۇنى ئىشلەتمەسلىكىمدە ئازراق شەخسىي ئاداۋىتىمنىمۇ ئويلىدىم، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ نامى تازا ياخشى ئەمەس، ئۇنى ئىشلەتسەم ئۆزۈمنىڭ پۇتىغا ئۆزۈم پالتا چاپقاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن.
_ قانداقلا قىلسىڭىز مەيلى، مەلىكەم، ئۇنىڭغا مەن ئارىلاشمايمەن.
_ ئەمىسە نىمىگە كۆڭۈل بۆلىسىز؟
_ سىزنىڭ كۆڭلۈلدىكىدەك ئوبراز ۋەكىلى تاللىيالىغان تاللىيالمىغانلىقىڭىزغا كۆڭۈل بۆلىمەن. چۈنكى تاللىيالىغان بولسىڭىز سىز خۇش بولىسىز، سىز خۇش بولسىڭىز مەنمۇ خۇش بولىمەن.
يېقىندىن بۇيان چوڭ دادام تولا چۈشۈمگە كىرىدىغان بولۇپ قالدى، دېمىسىمۇ مەن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ باقماپتۇق، چوڭ دادام ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرۈپ قۇچىقىغا ئېلىپ باقمىدى، ئۈمىدكە چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىش ئويۇمنى ئېيتتىم، ئۇ مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇرغان دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھايال بولمايلا شۇنداق دىيىشىپ ئەتىسى ئىككى بالىنى ئېلىپ، چوڭ دادامغا سوۋغا سالاملارنى ئېلىپ يولغا چىقتۇق.
ئۈمىد ئىككىمىز بىردىن بالىنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرسەك چوڭ دادام ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن.
_ چوڭ دادا، بىز كەلدۇق_ دېدى ئۈمىد.
_ ياخشى تۇردىلىمۇ، چوڭ دادا. سىلىنى بەك سېغىندۇق_ دېدىم مەنمۇ.
چوڭ دادام بىزنى كۆرۈپ دەسلەپتە ھەيران قالدى، كەينىدىنلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى.
_ۋاي ۋۇي، كۈن قاياقتىن چىقتى؟ ئاخىرى بىر جۈپ ئەۋرەمنى كۆرۈپتىمەن مانا _ چوڭ دادام شۇنداق دەپ مېنىڭ قولۇمدىن نەزەرنى ئالدى.
_ ھە، بۇ ئەۋرەم نەزەر ئىكەن دە. ئو...ئو... مەن سېنىڭ چوڭ چوڭ داداڭ.
چوڭ دادامنىڭ بۇ گېپى بىلەن ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن كۈلگەن پىتى بىرى چىقتى، ئۇ ئۆتكۈر ئىدى.
_ سەنمۇ كەلگەنمىتىڭ؟_ دېدى ئۈمىد.
_ مەن تېخى سىلەرنى دىيىشىپ قويۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دېسەم، بىلمەيلا تەڭ كېلىپ قاپسىلەردە. بۇمۇ ياخشى بولغىنى. ھېلىمۇ بىز جەم بولۇپ باقمىغىلى نىكەم. ئۆتكۈر تۆنۈگۈن كەچتە كەپتىكەن، ئەتىگەندىن بېرى ماڭا كۆكتاتزارلىقنى ئوتىشىپ بەردى.
ھېلىقى كۈنى كەچتە كونا ئۆيدە ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەچكە ئۆتكۈرنى كۆرۈپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.
چوڭ دادام ئاۋۋال نەزەرنى، ئاندىن نەزىرەنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈردى، چوڭ دادام بەك خۇش بولغان ئىدى، لېكىن يۈزى ئالدىنقى قېتىم كۆرگەندىكىدىن ياداپ قاپتۇ، بالىلارنى بىردەم كۆتۈرگەندىن كېيىن ھاسىراپ دېمىنى ئالالماي قالدى. چوڭ دادامدىن ئەنسىرەپ دەرھال بالىنى ئېلىۋالدىم، ئۆتكۈر بۇنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ چوڭ دادامنى ياتقۇزۇپ قان بېسىمىنى تەكشۈردى. ئۈمىد ئىككىمىزمۇ چوڭ دادامدىن ئەنسىرەپ قالدۇق.
ئاخىرى بار …

………
…………














