
بۇ ئەسەرنىڭ 106 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
|||
105-قىسىم
ئادىلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەممىسى ئالىمغا تەڭلا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. ئالىمنىڭ ئانچە مۇنچە ماھارەت بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان بولساممۇ يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم. چۈنكى ئالىم بىر، قارشى تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ ئەمەسمۇ. بىردەمدىلا بۇ ئەنسىرىشىمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ئالىمنىڭ رەقىبى بولالمايدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. ئالىم ئالدىغا بىرى كەلسە بىرنى، ئىككىسى كەلسە ئىككىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويۇۋاتاتتى. ئىچىمدە «رازىيە ئىككىمىز قۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دەپ ئويلاپ خۇش بولدۇم. بىردەمنىڭ ئىچىدە ئادىلدىن باشقا ھەممىسى يەردە ۋايجانلاپ ياتتى.
_ سەن زادى كىم؟_ ئالىمنىڭ ئۇلارنى ياتقۇزىۋەتكىنىنى كۆرۈپ ئادىل ئالدىغا چىقىشقا پېتىنالماي ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى.
_ مەن بىر ئەر _ دېدى ئالىم ئۈستى بېشىدىكى توپا چاڭنى قېقىشتۇرغاچ.
دەل شۇ چاغدا سىرتتا ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولغان ئادەمنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى.
_ ئالىم، ئۇلارنى بەك ئۇرۇۋەتمە دېسەم ھەممىسىنى يەردە ياتقۇزۇپ قويۇپسەنغۇ؟_ ئۈمىدنىڭ مەغرۇرلارچە ئېيتقان بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئادىل سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپلا قالدى.
_ بەك قاتتىقمۇ ئۇرمىغانتىم بولمىسا، ھەممىسى بوش نېمىلەركەن بۇ.
_ ئۈ....ئۈمىد ئەپەندى_ ئادىل كىكەچلەپلا قالدى. ئېنىقكى ئۇ ئۈمىدنى تۇنۇيدىكەن ھەم ئۇنىڭدىن خېلىلا قورقىدىكەن. ئۈمىد ئۇنىڭدىن نەچچە مېتىر يىراقلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ جىمجىت تۇراتتى، گەرچە ئۇ ئادىلغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنى ھازىرلا يەۋېتىدىغاندەك بىر خىل سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر ئادەم كىردى. بۇ ئادەمنى تونۇپ قالدىم، بۇ ئالدىنقى قېتىم ئۈمىد بىلەن تەڭگە تاشلاشقان ھېلىقى ئابلىز ئىسىملىك كىشى. ئۇنى كۆرۈپ ئادىل تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتتى.
_ ئاكا، ئاكا _ ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام قىلدى. ئابلىز ئۇدۇل كەلگەن پىتى بىرىنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تەپتى.
_ ھەرقايسىڭنىڭ قانات قويرۇقۇڭ يېتىلىپ قالدى ھە. ئۆزۈڭلارچە گېپىمنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتتىڭلار دەڭلار.
بايىقىلار قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى.
_ ئۇنداق ئەمەس، ئاكا، بىز خاتا قىپتۇق، كەچۈرۈڭ. ئادىل ئاكام بىزنى.....
ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇلار ئادىلنى ئالدىغا چىقىرىپ قويماقچى بولۇپ يەنە قورقۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمما ئابلىزمۇ دۆت ئادەم ئەمەستە، بۇ يەرگە كەلگەن ئىكەن، دېمەك ئۇمۇ ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك قىلاتتى. ئۇ كېلىپلا ئادىلنىڭ ياقىسىدىن ئالدى.
_ ۋىدىيونى مەندىن يوشۇرۇن ساقلاپ قويغانمىتىڭ؟ مەن سېنى ئۆچۈرىۋەت دېگەنغۇ؟
ئادىلنىڭ بايىقى مەغرۇر ھالىتىدىن ئەسەرمۇ يوق، توختىماي كەچۈرۈم سورايتتى:
_ كەچۈرۈڭ، ئاكا. مەن خاتا قىپتىمەن، خاتالىقىمنى تۇنۇدۇم. سىزگە باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىپتىمەن. خاپا بولماڭ، ئاكا، مېنى كەچۈرىۋېتىڭ.
_ ئەينى ۋاقىتتا تەڭگە تاشلاپ يېڭىلىپ قالغاندىلا مەن ئۇ ۋىدىيونى پاكىز يۇۋېتىمەن دەپ ئۈمىد ئەپەندىگە ۋەدە بېرىپ قويغان تۇرسام. مېنى گېپىدە تۇرمايدىغان ئادەم قىلىپ قويدۇڭغۇ؟
ئابلىز شۇنداق دەپ بولۇپ ئۈمىدكە قاراپ:
_ ۋەدە بېرەي، ئۈمىد ئەپەندى، مەن ئۇنىڭ تېلېفونىغىمۇ ساقلىۋالغانلىقىنى بىلمەپتىمەن_ دېدى.
ئادىلمۇ ئابلىزنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلەپ گەپ قىستۇردى.
_ راست، راست، ئۈمىد ئەپەندى، ئاكام راستلا بىلمەيدۇ. ئاكام ئۇنى پەقەت بارماق دېسكىدىلا بار دەپ ئويلايدۇ، لېكىن مەن يوشۇرۇن ساقلىۋالغان ئىدىم.
ئەمدى چۈشەندىم. ئەسلى ئۈمىد پۈتۈن شىركەتنى دوغا تىكىپ تۇرۇپ ئېلىۋالغان بارماق دېسكىدا مۇشۇ ۋىدىيو بار ئىكەن، شۇڭا ئۇ بارماق دېسكا سۇغا چۈشۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىپ رازىيەنىڭ سەتچىلىككە قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قايتا بېرىپ ئىزدەپتىكەن.
_ ئادىل، بۈگۈنكىسى نىمە ئىش بۇ؟ بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسەن؟_ دېدى ئۈمىد ئادىلغا قاراپ.
_ئۈمىد ئەپەندى، مەن خاتا قىپتىمەن_ ئادىلنىڭ ئاۋازى ئارانلا چىقىۋاتاتتى. ئادىل تۇيۇقسىز ئاھ دەپ ئىنجىقلاپلا قالدى، قارىسام ئۈمىد ئۇنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تەپكەن ئىدى.
ئالىم رازىيە ئىككىمىزنىڭ پۇت قولىمىزدىكى باغلاقنى يېشىپ بولدى. رازىيە باغلاقتىن بوشىنىپلا ئۆمىلەپ دېگۈدەك بېرىپ ئۆزىنى ئۈمىدنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ يىغىسى يالغان ئەمەس، چۈنكى ئۇ روھى جەھەتتىن بەك چوڭ زەربىگە ئۇچرىغان ئىدى.
_ بولدى يىغلىماڭ، ھەممە ئىش تۈگىدى. ۋاستىچىڭىز سىرتتا سىزنى ساقلاۋاتىدۇ_ دېدى ئۈمىد.
رازىيە ئۇنىڭ كىيىمىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ قويۇۋەتمەيۋاتاتتى، لېكىن ئۈمىد ئۇنىڭ قوللىرىنى كۈچەپ كىيمىدىن ئاجراتتى ۋە سەل نېرىراق تۇردى. ئۇ ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئۇ تېخى دەرۋازىدىن چىقماي تۇرۇپ ۋاستىچىسى يۈگۈرۈپ كىرىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىيىمنى يېپىنچاقلىدى، بېشىغا شەپكە كىيگۈزۈپ، كۆزىگە يوغان قارا كۆزەينەك تاقىدى.
ئۈمىد چوڭ چوڭ چامداپ مېنىڭ يېنىمغا كەلدى. ئۇ ئېڭىكىمنى كۆتۈرۈپ يۈزۈمگە قاراپ سورىدى.
_ سىزنى كىم ئۇردى؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورۇق، پاكار ئەر قورقۇپ تىترەپ تۇرۇپ ئىقرار قىلدى.
_ مە...مە...مەن ئۇرغان. مېنى كەچۈرۈڭ، ئۈمىد ئەپەندى.
_ كەچۈرۈش كەچۈرمەسلىك مېنىڭ ئىشىم ئەمەس. بۇنى ئايالىم قارار قىلسۇن_ دېدى ئۈمىد.
_ كەچۈرۈڭ، خانىم، كۆزۈم تۇرۇپ سىزدەك چىرايلىق خانىمنى تۇنۇماي قاپتىمەن، مېنى نىمە قىلىۋەتسىڭىز مەيلى، كۆزۈمنى مىت قىلماي تۇرىمەن، كەچۈرۈڭ خانىم.
_ نەچچىنى ئۇرغانتى؟_ دەپ سورىدى ئۈمىد.
_ بىرنى، بىرنى، بىرنىلا ئۇرغان _ دېدى ئورۇق، پاكار ئەر كىكەچلەپ. ئۇنىڭ گېپى ئاخرلاشماي تۇرۇپ ئۈمىد ئۇنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تېپىپ ئۇچۇرىۋەتتى. ئۇ قۇرسىقىنى تۇتۇپ ئىنجىقلاپ تۇرۇپ:
_ ھە راست، ئۈمىد ئەپەندى، يەنە بۇ ئىككى تېلېفونمۇ بار، ئىككى خانىمنىڭ تېلېفونى، مەڭ_ دېدى. ئۈمىد بېرىپ ئىككى تېلېفوننى ئۇنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئالدى.
_ قالغىنىنى ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلارسىز، ئابلىز ئەپەندى_ ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپلا ئۆرۈلۈپ مېنى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى.
_ ئۆزۈم ماڭالايمەن، مېنى چۈشۈرىۋېتىڭ_ دېدىم مەن سەل خىجىل بولۇپ.
_ ياق، سىزنى ياخشى قوغدىيالمىغان خاتالىقىم ئۈچۈن ئەسلى سىزنى ئۆيگىچە مۇشۇ پىتى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتسەم بولاتتى، لېكىن سىرتتا قار يېغىۋاتىدۇ، بەك سوغۇق._ دەپ كۈلدى ئۇ.
ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن ئىنتايىن بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. ئۈمىد ئىككىمىز ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئولتۇردۇق، ماشىنىنى ئالىم ھەيدىدى. ئۇ مېنى قورقۇپ كەتتى دەپ ئويلىدىمىكىن، مېنى مۈرەمدىن قۇچاقلاپلا ئولتۇردى.
_ ھە راست، بىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزنى سىز قانداق بىلدىڭىز؟
_ ئۇلارمۇ بەك دۆتكەن. مېھمانخانىنىڭ ئىچى، سىرتى، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدا كامېرا بار تۇرسا، پۈتۈنسۈرۈك ئىككى ئادەمنى بىر يەرگە ئېلىپ قېچىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. بىز شۇ كامېرا بويىچە ئىزدەپ سىلەرنى تېپىۋالدۇق_ دېدى ئۈمىد.
_ ئالىم شوپۇرنىڭ بۇنداق ماھارىتى بارلىقىنى بۇرۇن بىلمەپتىكەنمەن، قالتىسكەنسىز.
ئالىم مېنىڭ ئۇنى ماختىغىنىمنى ئاڭلاپ كۈلدى.
_ ئادەتتە چېنىقىش سارىيىدا ئانچە مۇنچە مەشق قىلىپ قوياتتىم، بۈگۈن ئەسقېتىپ قالدى.
ئالىم بىزنى داچىغا ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. ئۈمىد مېنى كرىسلوغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ مۇز خالتىسى ئېلىپ چىقىپ لۆڭگىگە ئوراپ يۈزۈمگە ياقتى. بۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى.
_ ھازىر رازىيە ھەممىدىن بەك تەسەللىگە موھتاج_ دېدىم مەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن رازىيەنىڭ بېشىغا ئۇنداق ئىشلارنىڭ كەلگىنىنى بىلمەيتتىم، بۈگۈن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن بەك ئىچىم ئاغرىدى.
_ ئۇنىڭ پىسخىك ساپاسى سىز بىلەن مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك كۈچلۈك، ئۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ_ دېدى ئۈمىد پەرۋاسىزلا.
ئۇنىڭ ھېلىقى ۋىدىيو قويۇلغاندا بېشىنى تامغا ئۇرۇپ كەتكىنى كۆز ئالدىمغا كەلدى، شۇ چاغدا ئۇ راستلا بەك ئازابلانغان، ئەمما ئۈمىدنىڭ دېگىنىدەك ئۇنىڭ پىسخىك ساپاسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك. ئۇنداق بولمىسا شۇنچىۋالا ئىشلار يۈز بېرىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا بىزنىڭ ئالدىمىزدا كۈلۈپ يۈرەلەمتى؟
_ دېمەك ھېلىقى بارماق دېسكىدا ئاشۇ ۋىدىيو بار ئىدى، شۇنداقمۇ؟
ئۈمىد قولىدىكى مۇز خالتىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ، ئاستا كەينىگە يۆلىنىپ ماڭا قارىدى.
_ مېنىڭ پۈتۈن شىركەتنى دوغا تىكىپ ئۇ بارماق دېسكىنى قولغا چۈشۈرۈشۈم ھەرگىزمۇ ئۇ ۋىدىيودىكىسى رازىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەگەر رازىيەنىڭ ئورنىدا باشقا بىر قىز بولسىمۇ مەن ئوخشاشلا شۇنداق قىلغان بولاتتىم. چۈنكى ئۇ ۋىدىيو ئاشكارىلىنىپ كەتسە، شۇ ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتى تۈگەيدۇ دېگەن گەپ.
توغرا، ئەگەر رازىيە بولماي باشقا بىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ نىمە بولساڭ بول دەپ قاراپ تۇرمايتتى، بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئۇ تاشيۈرەك ئادەم ئەمەس. بىز تۇنجى قېتىم تاغدا ئۇچرىشىپ قالغاندىمۇ ئۇ مېنى تونۇمىسىمۇ يەنىلا ماڭا ياردەم قىلغان ئەمەسمۇ. ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ ئەسلى بارماق دېسكىنى ئەكىلىپلا بۇزۇۋېتەي دەپ ئويلىغان، لېكىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىز مەندىن ئۇنى سوراپ قالسىڭىز جاۋاب بېرەلمەي قالماي دەپ ساقلاپ قويغانتىم. ئەگەر سىز سورىمىغان بولسىڭىز مەنمۇ دېمەيتتىم، سىزمۇ ۋىدىيودىكى مەزمۇننى بىلسىڭىز ھەرگىز خۇش بولمايسىز، بۇنى بىلىمەن.
ئۇ توغرا ئويلاپتۇ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، شۇنداقتىمۇ بارماق دېسكا ماڭا نىسبەتەن بىر تېپىشماق بولۇپ قالغان ئىدى.
_ كېيىن بارماق دېسكا يوقاپ كەتتى. سىزنىڭ بارماق دېسكىنى يوقىتىپ قويدۇم دەپ ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىشىڭىزنى خالىمايمەن، شۇڭا سىزگە ھېچقىسى يوق دەپ قويۇپ، يەنىلا ئۇنى باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ ئۆزۈم ئىزدەپ باردىم. لېكىن تاپالمىدىم. تاپالمىغاندا «ئۇف» دەپ كۆڭلۈم تىندى، چۈنكى ئەۋرەز يولىغا چۈشۈپ كەتكەندىكىن، ئەمدى ئۇنى ھېچكىممۇ تاپالمايدۇ.
ئۇ ھەممىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئاندىن ئىككى قولى بىلەن ئېڭىكىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتقۇزدى.
_ ماڭا ئىشىنەمسىز؟
_ مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن ئەمەس، سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز، مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قۇبۇل قىلالايدىغىنىمغا ئىشەنمەيدىكەنسىز.
_ مەلىكەم، ئادەمنىڭ نىمە ئۈچۈن تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن قورقىدىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
مەن جاۋاب بەرمەي ئۇنىڭغا قاراپلا تۇردۇم.
_ ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن _ ئۇ ئۆزىلا جاۋاب بېرىۋەتتى.
_ ھە راست، بۇندىن كېيىن بىرەسىنى قۇتقۇزماقچى بولۇپ قالسىڭىز مېنىمۇ چاقىرىۋېلىڭ ھە، ياخشى ئىشنى بىللە قىلايلى، بۈگۈن مېنى بەك قورقۇتىۋەتتىڭىز_ دېدى ئۇ يەنە.
_ مەنمۇ سىزنى چاقىرىۋالاي دېگەن، لېكىن ئۇ چاغدا ئەھۋال بەك جىددى، ئۈلگۈرەلمەي قالدىم_ دېدىم.
_ مېنىڭ خوتۇنۇم بەك ئاقكۆڭۈل جۇمۇ_ شۇنداق دەپ يۈزۈمنى چىمدىپ ئەركىلىتىپ قويدى ئۇ.
شۇ ئىشتىن كېيىن رازىيەنىڭ خەۋىرىنى پەقەتلا ئاڭلىمىدىم. ئۈمىدمۇ ھەركۈنى نورمال ئىشقا بېرىپ كېلىپ يۈردى، ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ باقمىدى، مەنمۇ سورىمىدىم. ئۈمىد مەندىن يوشۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىمۇ يوق بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ ئۇ ئىشنىڭ رازىيەگە ئېغىر زەربە بولغانلىقى، ئەسلىگە كېلىشىگە بىر مەزگىل كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان.
ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتكەندە ئۇنى ئۇچرىتىپ قالدىم. شۇ كۈنى فروزە ماڭا مېھراينىڭ بىر يەسلىدە تازىلىق قىلىدىغان خىزمەت تاپقانلىقىنى، يەسلىنىڭ باشلىقىنىڭ مېھراينىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ بالىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ ئىشلىشىگە ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەن بەك خۇش بولدۇم، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلەنمەكچى بولغان ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈك بولغۇدەك يېنىدا ئەر كىشى بولمىغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە ئۆزىگە تايانماي باشقا ئامال يوقتە.
فروزە ئىككىمىز ئۇنى يوقلاپ باردۇق. ھازىر يەسلىلەر تەتىلگە قويۇۋېتىلگەن، ئەمما تەتىللىك كۇرۇسلار بار بولغاچقا، ئۇ يەنىلا بىكار بولالماي ئىشلەۋېتىپتۇ. مېھراينىڭ تېخى يېشىغا توشمىغان بالىسى بىلەن بۇنداق خىزمەتنى تاپالىشىمۇ ئاسان ئەمەس، قارىسام ئۇنىڭ روھى كەيپىياتىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ. يەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن قايتىپ چىقىپ فروزە شىركەتكە ماڭدى، مەن فروزەنىڭ ئاپىرىپ قوياي دېگىنىگە ئۇنىماي بىردەم پىيادە ماڭاي دەپ ماڭدىم. مېڭىپ بىر پوچتىخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە بويى ئېگىز بىر قىزنىڭ چوڭ كىچىك خالتىلارنى كۆتۈرۈپ پوچتىخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردۈم، گەرچە ئۇ ماسكا تاقاپ، كۆزىگە قارا كۆزەينەك تاقاپ، بېشىغا شەپكىنى چۈكۈرۈپ كىيىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما مەن تۇنۇپ قالدىم، ئۇ رازىيە ئىدى. مەن مېڭىشتىن توختاپ، يان تەرەپتىكى بىر ئېلان تاختىيىغا يۆلىنىپ مىدىرلىماي جىم تۇردۇم، تەخمىنەن ئون مىنۇتلار ئۆتكەندە ئۇ پوچتىخانىدىن چىقتى. ئۇ ئالدىراپ ماڭغاچقا ماڭا دېققەت قىلمىدى، ئازراق ماڭغاندىن كېيىن تېلېفونىنى چىقىرىپ بىرىگە تېلېفون قىلدى. مەن ئىككى ئاتلاپلا ئېلان تاختىيىنىڭ كەينىگە ئۆتتۈم، ئوتتۇرىمىزنى بىر ئېلان تاختىيىلا توسۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردۇم، ئۇ تېلېفوننى ئۆيىگە قىلغان ئىكەن، ئۇ تېلېفوندا ئۆزىنىڭ ياخشى تۇرىۋاتقانلىقىنى، ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى، سالامەتلىكىگە دېققەت قىلىشىنى ئېيتتى. ئۇ يېنىمدىن ئۆتىۋاتقاندا بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ باقتىم، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىپتۇ، يىغلىغان بولسا كېرەك.
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئۈمىدتىن رازىيەنىڭ ئۆيىدە يەنە كىملەرنىڭ بارلىقىنى سورىدىم، ئۇ مېنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق سورىغىنىمدىن سەل ھەيران قالدى، ئەمما يەنىلا جاۋاب بەردى.
_ دادىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ئاپىسى پارالىچ بولۇپ يېتىپ قالغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى، شۇڭا نازىيە بۇرۇنلا ئوقۇشتىن توختاپ، ئىشلەپ پۇل تېپىپ رازىيەنى ئوقۇتماقچى بولغان ئىكەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا راستلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ھەي....بۇ تۇرمۇش ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس.
يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى. يېڭى يىلنى يېڭىچە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆي تازىلىماقچى بولدۇم. ئۈمىد ئۆي مۇلازىمەت شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ ئادەم چاقىرىپ تازىلىتىشنى ئېيتتى، مەن ئۆيدە بىكار تۇرسام، يا باشقا ئىشىم بولمىسا، ئۆزۈملا تازىلايمەن دەپ ئۇنىمىدىم.
ئەتىسى ئەتىگەن ئۈمىدنى ئىشقا ماڭغۇزىۋېتىپ ئىشنى بىر باشلاپتىكەنمەن، يېرىمىنى تازىلاپ بولغاندا بەك ھېرىپ كەتتىم. ئازراق ئارام ئېلىپ ئاندىن قىلاي دەپ كرىسلودا ئولتۇرسام تېلېفونۇم سايرىدى، تېلېفون ھەسەندىن كەلگەن ئىدى. تېلېفوننى ئالماي دەپ بىردەم قاراپ تۇردۇم، لېكىن ئۇنىڭ پۇتىنىڭ مېنى دەپ يارىلانغىنى ئېسىمگە كېلىپ يەنىلا ئالدىم.
_ بەك تاشيۈرەككەنسىز جۇمۇ.
_ نېمە دېگىنىڭىز بۇ؟_ ئۇنىڭ تېلېفوننى ئېلىپلا بۇنداق دېگىنىدىن سەل تاساددىپىيلىق ھېس قىلدىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















