大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 114 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 114  - قىسىم aybarawazi
2023-10-03
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 115 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113














ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

114-قىسىم  


      ئۆگزە ئىنتايىن قاراڭغۇ ھەم شامال چىقىۋاتاتتى. شۇنچە چوڭ ئۆگزىدە ئۆزۈم يالغۇز قورقتۇم، شۇنىڭ بىلەن دىققىتمىنى باشقا ياققا چاچاي دەپ يىراقلارغا قاراپ ئۆزۈم تۇنۇيدىغان بىرەر جاينى كۆرەلەيمەنمىكىن دەپ ئىزدىدىم. ئالدى بىلەن خەلق مەيدانىنى كۆردۈم، ئاندىن شۇنى مەركەز قىلىپ ئەتىراپىدىكى دوختۇرخانا، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى تاپتىم. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا بىر تال زەنجىر پەيدا بولدى. زەنجىرنىڭ بۇلاپكىسى يېرىم ئاي شەكىللىك بولۇپ رەڭمۇ چىراقلارنىڭ نۇرىدا زەنجىر ئىنتايىن چىرايلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.  

_ بولامدىكەن؟ _  ئۈمىد قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلىدى.

_ ماڭا تۇيۇقسىزلا سوۋغا بەرمەكچى بولۇپ قاپسىزغۇ؟

ئۈمىد ئاستاغىنە شامالدا چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى ئوڭشىدى، ئاندىن زەنجىرنى بوينۇمغا ئېسىپ قويدى. ئاندىن مېنى ئۆرۈپ ئۆزىگە قارىتىپ رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.  

_  بۇنداق نەرسىلەرگە بىكاردىن پۇل بۇزۇپ نىمە قىلىدىغانسىز؟

_ خوتۇنۇمغا پۇل خەجلەش پۇل بۇزۇش بولمايدۇ.

ئۇنىڭ قولىدىكى زەنجىرنىڭ قۇتىسىغا قارىسام زەنجىردىن يەنە بىر تال بار ئىكەن. ئۇ زەنجىرمۇ مېنىڭ بوينۇمدىكى زەنجىرگە ئوخشاپ قالاتتى. ئۇ مېنىڭ قۇتىغا قاراپ قالغىنىمغا دېققەت قىلغان بولسا كېرەك.

_ بۇ زەنجىر بىر جۈپ، بۇلاپكىسىدىكى ئاينىڭ يۆنىلىشى ئوخشىمايدۇ. ئىككى تال ئاينى قوشقاندا يۇپيۇمىلاق ئاي چىقىدۇ.  

_ بۇ بىر تېلىنى كىمگە ئالدىڭىز؟_ ئۇنىڭدىن بۇنداق سورىغىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە نىمە دەيدىغىنىنى بىلىپ بولغان ئىدىم.

_ سىزنىڭچە كىمگە ئالغاندىمەن؟ مېنى كىمگە ئالدى دەپ ئويلاۋاتىسىز؟

تۇمۇشۇقۇمنى ئۇچلىدىم.

_ مەن نەدىن بىلەي؟قايسى تۇمۇچۇقلىرىڭىزغا ئالغىنىڭىزنى كىم بىلىدۇ؟

_ بۇنى سىز سوۋغا قىلىسىز؟

_ كىمگە؟

_ ئەڭ يېقىن دوستىڭىزغا_ ئۇنىڭ دەۋاتقىنى نىگارە ئىدى.

_ ھە.

_ سىزنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇق تۇققىنىڭىز يوق، دوستلىرىڭىزمۇ كۆپ ئەمەس، سىزگە چىن كۆڭلىدىن ياخشى بولسۇن دەيدىغان، غېمىڭىزنى يەيدىغان دوستىڭىزمۇ بىر نىگارەلا بار دەپ ئويلايمەن. بۇ قېتىم ئۇنىڭ دادىسىغا ياردەم قىلالماي ئۆزۈممۇ بەك خىجىل بولدۇم.  ھەم يېڭى يىل كەپتۇ، شۇڭا بۇنى دوستىڭىزغا سوۋغا قىلىڭ، بىر جۈپ قىلىپ تاقاڭلار.

يەنە بىر زەنجىرنىمۇ ئېلىپ بۇلاپكىسىنى بىرلەشتۈرسەم راستلا يۇمىلاق ئاينىڭ شەكلى چىقىدىكەن. بۇ ھەقىقەتەن مەنىلىك سوۋغا بولغىدەك. ئۈمىدنىڭ ئىشلارنى بۇ دەرىجىدە ئەتراپلىق ئويلايدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ قېتىم ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم. ئۇنى ئاستاغىنە بېلىدىن قۇچاقلىدىم.

_ رەھمەت سىزگە.

_ نازىيە_ دېدى ئۇ چېچىمنى سىلاپ تۇرۇپ. ئۇنىڭغا قارىدىم.

_ ھەر يىلى يېڭى يىلنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەيلى، تاكى ھەر ئىككىمىز قېرىپ ماڭالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغۇچە.

ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم. دەسلەپتە ئۈمىدنىڭ، ئۇ توختىغاندا مېنىڭ تېلېفونىمىز سايراۋەردى. ئەمما مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك تېلېفون بىلەن كارىمىز بولمىدى. ئۇنىڭ قانداق ئويلاۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، ئەمما مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ ماڭا نىسبەتەن بىر دۇنيا ئىدى. ھەر ئىككىمىزگە قىشنىڭ سوغۇقى بىلىنمەيتتى، ئاچچىق شامال بىلىنمەيتتى. ئەسلىمۇ شۇنداققۇ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرسە، چىن قەلبىدىن سۆيسە شارائىت، مۇھىت ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. توغرا، مەن ئۇنى سۆيىمەن.

ئۆيگە يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا قايتتۇق. بەك ھېرىپ كەتتىممۇ قانداق، ئۆيگە بېرىپ كارىۋاتقا چىقىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى دېرىزىدىن كۈن نۇرى چۈشكەندە ئاندىن ئويغاندىم. كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ پەسكە چۈشسەم ئۈمىد ناشتىلىق تەييارلاپ قويغان ئىكەن. ئىككىمىز كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدۇق، ناشتىدىن كېيىن ئۈمىد ئۇنىمىغىنىمغا قويماي قاچا قۇچىلارنى يىغىپ يۇيۇش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن تېلېفونۇمنى ئېلىپ قارىدىم ۋە تۆنۈگۈن كەچتە كۆرمىگەن ئۇچۇرنى ئاچتىم.

_ قىزچاق، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

گەرچە ئۇچۇر كەلگەن نومۇر ناتونۇش نومۇر بولسىمۇ  لېكىن مەن بىرىنچى بولۇپ بۇ ئۇچۇرنى ھەسەن يوللىغانمىكىن دەپ ئويلىدىم. چۈنكى پەقەت ھەسەنلا مېنى «قىزچاق» دەپ چاقىرىدۇ. ئۇچۇرنى ئوقۇپ بولۇپلا دەرھال يۇۋەتتىم. ئاندىن كيۇكيۇنى ئېچىپ چايكىنىڭ يېڭى يىللىق يوللىغان تەبرىك ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۇچۇر قايتۇردۇم.

_ «كەچۈرۈڭ، ئۇچۇرغا قارىماي قاپتىمەن. سىزنىڭمۇ يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. يېڭى يىلنى قانداقراق ئۆتكۈزدىڭىز؟ يېڭى يىل كۈنى سىزگە ئۇچۇر يوللىيالماي قالدىم، كەچۈرۈڭ.»

بىردەمدىلا چايكىدىن ئۇچۇر كەلدى.

_ «ھېچقىسى يوق. يېڭى يىلنى ئۆزۈم يالغۇز ئۆتكۈزدۈم».

_«كىلەر يىلىچۇ؟ قايتىپ كېلەمسىز؟»

_«ئەمەلىيەتتە يىراق بولغىنى ئارىلىقنىڭ يىراقلىقى ئەمەس، كۆڭۈلنىڭ يىراقلىقى ئىكەن.»

ئۇنىڭ بۇ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال ئۇنىڭ ماڭا يوللىغان ئۇچۇرى ئېسىمگە كەلدى ۋە گەپنى بۇرىدىم.

_ «قايتىپ كېلىڭە ئۇ يەردە يالغۇز يۈرگىچە. كەلسىڭىز سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغاچ يۈز تۇرانە تۇرۇپ رەھمەت ئېيتىۋالاي.»

ئۇ كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتىپتۇ.

_ «ھاجىتى يوق، سىز خۇشال-خورام بەختلىك ئۆتسىڭىزلا ماڭا ئېيتقان رەھمىتىڭىز شۇ»

_«رەھمەت سىزگە، چايكا»_ بۇ ئۇچۇر بىلەن قوشۇپ كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان چىراي ئىپادىسىنى ئەۋەتتىم.

_«نازىيە، سىزدىن بىر گەپنى سوراي.  چايكا ئۇچۇپ، ئۇچۇپ ھېرىپ كەتسە قونۇپ ئارام ئالسا بولىدۇ، ئەمما بېلىق سۇ ئۈزۈپ ھېرىپ كەتسە قىرغاققا چىقىپ ئارام ئالالمايدۇ، شۇڭا چايكا بىلەن بېلىق مەڭگۈ بىر يەرگە كېلەلمەيدۇ، دېگىنىم توغرىمۇ؟»

ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم.  ۋە مۇنداق ئۇچۇر قايتۇردۇم.

_ «گەرچە ئۇلار ئوخشاش بىر تۇپراقتا ياكى سۇدا ياشىيالمىسىمۇ، ئەمما ئوخشاش بىر ئاسماننىڭ تېگىدە ياشايدۇ، چايكا دېڭىزغا قارىسا بېلىقنى كۆرەلەيدۇ،  بېلىقمۇ بېشىنى سۇدن چىقىرىپ چايكىنى كۆرەلەيدۇ ئەمەسمۇ» .

بۇ قېتىم ئۇ كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىدىن باشقا ھېچنىمە ئەۋەتمىدى.

_ كىم بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتىڭىز، مەلىكەم. _ ئۈمىد قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ، ئاشخانىنى بېسىقتۇرۇپ چىقىپ بولغان ئىدى.

_ ھە، بىر دوستۇم_ شۇنداق دەپ تېلېفونۇمنىڭ ئىكرانىنى ئۆچۈرىۋەتتىم، ئۇمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدى.  

شۇ كۈنى ئۆزۈم يالغۇز بازار چۆگىلىدىم، نەرسە كېرەك ئالدىم.  كېتىدىغان چاغدا ئۈمىد ئالغىلى باردى. ئۆيگە كەلسەك رازىيە داچىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇ كەلگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدىكىن، سوغۇقتىن يۈزلىرى قىزىرىپ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كېتىپتۇ. ئۇ بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

_ئۈمىد ئاكا.

ئۈمىد ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ئىككىمىز ماشىنىدىن چۈشتۇق.

_ نىمە بۇ يەردە تۇرىسىز؟

_ يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا ھەممە ئادەم ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى، مەنمۇ ئۆزۈم يالغۇز يېتىپ باقتىم، تۇرۇپ باقتىم، بېرىپ تېلېۋىزورنى ئېچىپ باقتىم، ئەسلى سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ كېلىپ يۈرمەي دەپ ئويلىغان،  لېكىن يالغۇزلۇقنىڭ ئازابى بەك يامانكەن، ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ كەلسەم سىلەر يوق.  سىزگە تېلېفون قىلسام ئالمىدىڭىز ، نازىيە ئاچاممۇ ئالمىدى، سىلەرنى بىرەر يەرگە كەتكەن بولسا قايتىپ كەپ قالا دەپ ئولتۇرغانتىم.

دەرۋەقە ئارتىس تە.  ئۇ كىنودىكى رولنىمۇ بۇنچىۋالا ئوخشىتىپ ئالمىغان بولغىيتتى.

_ ئاچقۇچىڭىز بار ئىدىغۇ، ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرسىڭىز بولمامدۇ سوغۇقتا بۇ يەردە تۇرغۇچە _ دېدىم مەن.

رازىيە قىلچە تىنىمەي، تەمتىرىمەي ئۆزىنى تېخىمۇ بىچارە كۆرسىتىپ ئۈمچەيدى.

_ ئاچقۇچ يۈتۈپ كەتتى،  شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. _ ئۇ شۇنداق بولۇپ كەينى كەينىدىن نەچچىنى چۈشكۈرىۋەتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىرى بولغان بولسا ئۇنىمىسىمۇ ئۇنىماي ئۆيگە ئەكىرىپ  قېلىن كىيمىمدىن تېپىپ بېرىپ، ئىسسىق سۇيۇقئاش ئېتىپ ئىچكۈزەتتىم.  لېكىن رازىيەگە زادىلا ھېسداشلىق قىلغۇم كەلمىدى.  ئالدىنقى قېتىممۇ مەن خەۋپكە قارىماي ئۇنى قۇتقۇزسام، ئاخىرىغا بېرىپ ھەممە ئىشنى سەن پىلانلىغان دەپلا بەتنامدىن بىرنى چاپلىدى ئەمەسمۇ.

_ زۇكام بوپ قالغان ئوخشايسىز، ئالىمغا تېلېفون قىلاي، سىزنى ئاپىرىپ قويسۇن_ ئۈمىد شۇنداق  دەپ تېلېفونىنى چىقاردى، رازىيە دەرھال ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدى.

_ بولدى، ئۈمىد ئاكا، تېلېفون قىلماڭ. مېنىڭ ئۆيىڭىزگە كىرىشىمدىن شۇنچىۋالا قورقامسىز؟  ئۆيگە كىرىپ بىر ئۇخلىۋالساممۇ بولمامدۇ؟ مېنى بۇنداق ھەيدىمەڭ، بولامدۇ؟

ئۈمىد ئۆزىنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى.

_ رازىيە، سىز ھازىر تونۇلغان ئارتىس، ئەمما ئۆزىڭىز بىلىسىز، بۇ ساھەدە رىقابەت بەك كەسكىن، ئازراقلا دېققەت قىلماسلىق بىلەن پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كېتىدىغان گەپ. ئەجىبا  ئاغرىپ قېلىپ رول ئالالماي قېلىشتىن، ياخشى پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىمەمسىز؟

بۇ گەپ ئۇنىڭغا راستلا تەسىر قىلدى، ئۇ سەل ئىككىلىنىپ قالدى.

ئۈمىد ئالىمغا تېلېفون قىلىپ تېز كېلىشنى دەپ قويغاندىن كېيىن سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ:

_ بىز سەل تۇرۇپ يەنە بىر يەرگە بارىمىز. ئالىم كەلگۈچە ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرامسىز يا مۇشۇ يەردىلا ساقلاپ تۇرامسىز؟ _ دېدى.

_ بولدى ئەمىسە، كىرمەي مۇشۇ يەردىلا تۇرۇپ تۇراي. _ دېدى رازىيە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.

_ ماقۇل_ ئۈمىد بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. مەن رازىيەنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ماڭا قارىغان كۆزلىرىدىن غەزەپ نەپرەت چاقناپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە رازىيەنىڭ ئۈمىدنىڭ ئالدىدا بىر خىل، مېنىڭ ئالدىمدا بىر خىل تۇرۇشىغا مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم، ھازىر ئانچە تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.  ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاراققىدە يېپىۋەتتىم.

ئەمەلىيەتتە ئۈمىدنىڭ بىر يەرگە بارىمىز دېگىنى يالغان، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتى.  مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئىسسىق چاي دەملەپ چىقتىم. ئىككىمىز گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەچ تېلېۋىزور كۆردۇق.  

ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مىنەۋەر خانىمدىن تېلېفون كەلدى. ئۇ ماڭا كەلسىڭىز، سىزگە يېڭى يىللىق بېرىدىغان سوۋغام بار ئىدى دېدى. دەرھال كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپلا باردىم. مىنەۋەر خانىم ماڭا كىچىك بىر قۇتا بەردى، ئىچىدە ئون نەچچە تال بارماق دېسكا بار ئىكەن.

_ نازىيە بۇ مېنىڭ ئون نەچچە يىل جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىم. بىر ھېسابتا ئون نەچچە يىللىق قان تەرىمنىڭ مەھسۇلى دېسەممۇ بولىدۇ.  بۇنى سىزگە يېڭى يىللىق سوۋغات سۈپىتىدە بېرەي، تېخىمۇ تىرىشىڭ.

گەرچە ئۆزۈمنى مىنەۋەر خانىمنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى دىيەلمىسەممۇ ئەمما ئەڭ تىرىشىدىغىنى دەپ ئويلايمەن. مىنەۋەر خانىمنىڭ بۇ سوۋغىتىنى كۆرۈپ قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.  ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇنى بىباھا گۆھەر دېسەممۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ.  مىنەۋەر خانىمغا كۆپتىن كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپ، تىرىشىدىغانلىقىم توغرىسىدا ۋەدىلەرنى بېرىپ قايتىپ كەلدىم.  بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن نىگارە «مەن بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا بېرىشىپ بەرسەڭ» دەپ تېلېفون قىپتۇ. ئۇنى ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ ئۇچقاندەك باردىم.

_ كۆكسۈم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ،شۆھرەتكە دەي دېسەم خىجىل بولدۇم. ئۆزۈم يالغۇز ماڭغۇم كەلمەي شۇڭا ساڭا تېلېفون قىلدىم_دېدى نىگارە بىز كۆرۈشكەندىن كېيىن.

_ نىمە بولغانسەن؟

_ نازىيە، سۈت بېزى راكى بولۇپ قالمىغاندىمەن ھە؟

_ قالايمىقان سۆزلىمە،  نەدە يوق گەپنى قىلىدىكەنسەن.

_  راستلا شۇنداق بوپ قالسىمۇ ئامال يوقتە. مەنغۇ نىمە بولسام مەيلى، شۇ مەن كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتسەم سېنى باشقا دوست تاپالماي يالغۇز قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن_ دېدى ئۇ چاقچاق قىلىپ.

دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن ئۇ دوختۇرغا ئۆزىدە بولىۋاتقان ئالامەتلەرنى دەپ بەردى، دوختۇر ئۇنىڭغا سۈيدۈك تەكشۈرۈشى بىلەن قان تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشنى ئېيتتى.  بىز قان تەكشۈرتۈپ نەتىجىسىنى ئالدۇق، مەنمۇ قانداقلا بولمىسۇن بۇرۇن سىستېرا بولغان، شۇڭا نەتىجىلەرنى كۆرەلەيمەن. نەتىجە قەغەزگە قاراپلا نىگارەنى قۇچاقلىۋالدىم.

_ مۇبارەك بولسۇن، جېنىم دوستۇم، بويۇڭدا قاپتۇ.

_ ئۇنداق ئەمەستۇ؟_ نىگارە ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.

_ بۇنىڭغا قارا، بۇ ئىككى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە چىقىپلا تۇرمامدۇ، بۇيۇڭدا قاپتۇ.  

بىز تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دوختۇرنىڭ يېنىغا ئېلىپ كىردۇق، دوختۇرمۇ ئۇنىڭغا بويىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى. دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ كارىدوردىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق. نىگارە تەكشۈرۈش نەتىجە قەغىزىگە يېنىش يېنىشلاپ قارايتتى، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ بويىدا قالغىنىنى بىلىپ ئۆزۈمنىڭ بويۇمدا قالغىنىدەك خۇش بولۇپ كەتتىم.

_ شۆھرەت سېنى ئەسلىمۇ بەك ياخشى كۆرەتتى، ئەتىۋارلاپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرەي دەيتتى، ئەمدى بويۇڭدا قالغىنىنى بىلسە تېخىمۇ ئەتىۋارىڭنى قىلىدىغان بولدى.

_ ئۇنچىلىكمۇ ئەمەسقۇ ئەمدى، بەك ئاشۇرىۋەتمىگىنە_ دېدى نىگارە كۈلۈپ. تۇيۇقسىز ئۈمىدنىڭ ھېلىقى كۈنى ئۆگزىدە ماڭا بەرگەن زەنجىرى ئېسىمگە كېلىپ سومكامدىن چىقاردىم.

_مە، بۇنى ساڭا سوۋغا قىلاي_ شۇنداق دەپ قۇتىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم.

_ نىمە بىكاردىن بىكار ماڭا سوۋغات بېرىسەن؟ يا مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولمىسا.  

_ بالىغا بەرگەن كۆرۈشۈش سوۋغىتىم بولسۇن.  مانا قارا، مەندىمۇ بىرسى بار، ئىككىسىنىڭ بۇلاپكىسىنى بىر قىلسا يۇمىلاق ئاي بولىدۇ. ئىككىمىزنىڭ بىر جۈپ _ شۇنداق دەپ بوينۇمدىكى زەنجىرنى چىقىرىپ كۆرسەتتىم.

_  بولىدىكەن، ئۆزى چىرايلىق، مەنىسىمۇ چوڭقۇركەن . مەن ياقتۇردۇم.  ئۆزۈڭ تاقاپ قويە.

نىگارەنىڭ بوينىغا تاقاپ قويدۇم. ئۇ زەنجىرنى كىيمىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتتى.

_ بۇنى بوينۇمدىن ئالمايمەن، يۇيۇنغاندىمۇ ئالمايمەن.

دوختۇرخانىنىڭ  كارىدورىدا بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن چىقتۇق. دوختۇرخانا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىققاندا بىرەيلەننىڭ ئالدىراش دوختۇرخانا ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردۈم.  شۇنىڭ بىلەن نىگارەگە تاكسى توسۇپ بېرىپ ماڭدۇرىۋەتتىم. ئۇ ماڭغۇچە بۇ خۇشخەۋەرنى شۆھرەتكە دەرھال ئېيتىشنى تاپىلىدىم.  

 بايا ئالدىراپ كىرىپ كېتىۋاتقىنى ئايگۈل ھەدەم ئىدى، ئۇنى كۆرۈپ ئاندىن شېرزاتنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى.  مۇشۇ باھانىدە ئايقىزنىمۇ كۆرۈپ كېتەي، مېھرايغۇ خېلى ياخشى دەۋاتقان. شېرزاتنىمۇ يوقلاپ قوياي دەپ كەينىمگە يېنىپ دوختۇرخانىنىڭ ئىچىگە ماڭدىم.









,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k