
بۇ ئەسەرنىڭ 117-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
116-قىسىم
_«نازىيە، شۆھرەت ئىككىمىز باشقا شەھەرگە كەتتۇق،ساياھەتكە ئەمەس، پەقەت ئىككىمىز بىر مەزگىل بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ تۇرۇشنى لايىق تاپتۇق. ساڭا خوش دېمەيلا كېتىپ قالغىنىمدىن خاپا بولمىغىن، ھەم مەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىما. شۆھرەت مەن ئۈچۈن بەك كۆپ بەدەل تۆلىدى، يەنە كېلىپ ھازىر بويۇمدىمۇ بار. ھازىر ئويلاپ باقسام ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلىشىم ئاجايىپ يىنىكلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار بوپتىكەن. لېكىن بۇ قارارىمدىن پۇشايمان قىلمايمەن، ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتىۋارلايدۇ، چوڭ كۆرىدۇ، ماڭا مۇشۇ يېتەرلىك. ئۇنىڭ بىلەن ئۈمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ياشاشنى قارار قىلدىم. ھازىر بۇ يەردىن كېتىمەن دەۋاتىمەن، مېنىڭ ئەڭ قىيالمايدىغان، خاتىرجەم بولالمايدىغان ئادىمىم سەن. ئۆزۈڭنى ئاسرىغىن، ئامان بولساق بىر كۈنلەردە كۆرۈشۈپ قالارمىز.
ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ كاللامدا ئەكىس ئەتكەن بىرىنچى ئىنكاس «ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتىدۇ» بولدى. دەرھال تېلېفون قايتۇردۇم، ئەمما نىگارەنىڭ نومۇرى ئىشلىتىلمىگەن نومۇر بولۇپ چىقتى. ئۇ ماڭا چاقچاق قىلماپتۇ. ھازىرقى ئازابىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. نىگارە مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم، دوستۇم ئەمەس، قېرىندىشىم، ياق، قېرىنداشتىنمۇ چارە. ئۇنىڭ بىلەن يېڭى تۇنۇشقاندا ئۇ ئىنتايىن پۇلدار، ئەمما مەن نامرات ئوقۇغۇچى ئىدىم، ئەسلى قەتئىي بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان ئىككى دۇنيانىڭ ئادەملىرى چىقىشىپ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتۇق. چۈنكى ھەر ئىككىمىز مۇھەببەتكە تەشنا ئىدۇق. ئىككىمىز بىر بىرىمىزنىڭ جاپا مۇشەققىتى، خۇشاللىقى بەختى...ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىسىدە بېشىدا قاراپ تۇرىدىغانلاردىن ئىدۇق، ئازابىمىزغا تەڭ يىغلايتتۇق، كۈلكىمىزگە تەڭ كۈلەتتۇق. ھەر ئىككىمىز توي قىلىپ، ئائىلىمىز بولغان تەقدىردىمۇ مۇناسىۋتىمىزدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغان، ھەتتا ئۇ قورساق كۆتۈرۈپ بالىنى تۇغقاندا ئۇنىڭ قىرقىنى ئۆزۈم چىقىرىپ بالىسىنى بېقىپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. لېكىن ئۇ بەك تۇيۇقسىزلا مېڭىپ قاپتۇ. بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ راستلا كەتكىنىگە ئۆزۈمنى ئىشەندۈرەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. غەلىتە يېرى ئۆينىڭ ئىشىكىگە پىچەت چاپلاپ قويۇلۇپتۇ، پىچەت قەغىزى ساقچى ئىدارىسىدىن چاپلانغان ئىكەن. ئەجىبا شۆھرەت بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغانمىدۇ؟ ئۇ يەردىن يېنىپ پەرھات دادامنىڭ شىركىتىگە باردىم، شىركەت بۇرۇنقى نورمال ھالىتىگە قايتقان ئىدى. پەرھات دادامنى سورىسام، ياردەمچىسى ئۇنى مىجەزى يوق، ئۆيىدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ، دېدى. پەرھات دادامنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىنى سېتىۋەتكەن، ھازىر قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ياردەمچىدىن ئۆينىڭ ئادرىسىنى سورىدىم، ياردەمچى پەرھات دادامغا تېلېفون قىلىۋىدى، پەرھات دادام مېنى ئەكىلىپ قويۇشنى ئېيتتى. بۇرۇن چوڭ، ئېسىل ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بۇ كىشى ھازىر ئىككى ئېغىزلىق كونا ئۆيدە تۇرىۋېتىپتۇ. ياردەمچىدە ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار ئىكەن، ئۇ بىۋاستە ئىشىكنى ئېچىپلا مېنى ئۆيگە باشلىدى. مېھمانخانا ئۆيدە تۇرۇپ ھۇجرىدا بىرىنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرسەم پەرھات دادام كارىۋاتتا يېتىپتۇ.
_ پەرھات دادا، مەن كەلدىم، قانداقراق تۇرىسىز؟_ دېدىم مەن.
_ ھە، نازىيە، كەلدىڭىزما؟ قېنى ئولتۇرۇڭ قىزىم_ ئۇ شۇنداق دەپ كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسەتتى.
_ پەرھات دادا، نىگارە بىلەن شۆھرەت نىمىشقا بۇ يەردىن كېتىدۇ؟ زادى نىمە ئىش بولدى؟
پەرھات دادام ئېغىر بىر تىنىۋېتىپ تېلېفونىنى چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى. ئەمەلىيەتتە شۆھرەت شۇنچە كۆپ پۇلنىڭ ئامالىنى بەك تېزلا قىلغان چاغدا مەن ھەقىقەتەن گۇمان قىلغان، ئەمما ئۆزۈمنىڭ گۇمانىمدىن ئۆزۈم قورقۇپ كەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن گۇمانىم توغرا چىقتى. پەرھات دادامنىڭ ماڭا كۆرسەتكىنى توردىكى تۇتۇش بويرۇقى بولۇپ ئەمەلىيەتتە شۆھرەت ئۇ پۇللارنى ناتوغرا يول ئارقىلىق تېپىپ كەلگەن ئىكەن.
_ يېقىندىن بۇيان قاراپ باقسام شۆھرەت نىگارەگە ھەقىقەتەن چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنىدىكەن، ئەگەر ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ماڭا ياردەم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، ئۆزۈم تۈرمىگە كىرىدىغان ئىش بولسىمۇ ھەرگىز ماقۇل دېمەيتتىم. مېنىڭغۇ يېشىم بىر يەرگە باردى، لېكىن ئۇلار تېخى ياش ئەمەسمۇ.
شۆھرەتنىڭ يېنىدا يۈرىدىغانلاردىن ئىككىيلەننى ساقچىلار قولغا ئاپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ شۆھرەتنىڭ كۆڭلى بىرەر ئىشنى تۇيۇپ قالدىمۇ، قانداق دەرھال نىگارەنى ئېلىپ باشقا يەرگە كەتكەن ئىكەن. شۆھرەتنىڭ يېنىدىكىلىرى ئادەتتە «ۋاي شۆھرەت ئاكا» دەپ يۈرگەن بىلەن ساقچىلارنىڭ ئالدىغا كىرگەندە راست يالغاننى قوشۇپ دەۋېرەمدۇ بىلگىلى بولمايدۇ-دە. دېگەندەك ئۇلار تۇتۇلغان كۈنى كېچىدە شۆھرەتنى تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلىپتۇ. پەرھات دادامدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىشەنگۈم كەلمەي ئولتۇرغان جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم. نىمىشقا ھەر قېتىم بىزگە بىر خۇشاللىق كەلسىلا ئۇزۇنغا قالماي خاپىلىق يېتىدىغاندۇ؟ ھازىر ئۇنىڭ بويىدا بار، شۇنداق تۇرۇپ شۆھرەت بىلەن نەلەردە جاپا تارتىپ يۈرەر؟ بۇنى ئويلاپ ئىچىم بەك ئېچىشتى. ئۆيگە قايتىپ بارغاندىمۇ كاللام گاراڭ گۇرۇڭ ھېچ ئوڭشىلالمىدىم. مەن بۇنىڭ بىر چۈش بولۇشىنى، چۈشۈمدىن ئويغىنىپ كەتسەملا «ئۇف، ھەرنىمە بولسا چۈشۈمكەن» دىيىشىمنى، نىگارەنىڭ ساياھەت قىلغىلى كېتىپ، ئۇزۇنغا قالماي قايتىپ كېلىشىنى، زوق شوق بىلەن ماڭا ساياھەت جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتىم. لېكىن... بۇ پەقەت ئارزۇ خالاس.
شۇ تاپتا خىياللىرىم بىر بىرىگە زىت ئىدى،ئۇنى يېنىمغا قايتىپ كەلسىكەن دەيتتىم، ئەمما يەنە يىراقلارغا كەتسىكەن، مەڭگۈ قايتىپ كەلمىسىكەن دەپمۇ ئويلايتتىم.
كەچقۇرۇن ئۈمىد قايتىپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ سورىدى.
_ نېمە بولدىڭىز؟ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدىم.
_ قانداق قىلىشىم كېرەك؟
_ نېمىنى قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ.
مەن ھېلىقى تۇتۇش بويرۇقىنى چىقىرپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.
_ ئۇلار ھازىر قەيەردىدۇ؟ ئەگەر شۆھرەتنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتسە نىگارە يالغۇز قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ بويىدا بار تۇرسا.
_ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ، ھەرقانداق ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ مەن بۇ ئىشنى دېسەم سىز ئازراقمۇ ھەيران قالمىدىڭىزغۇ، بۇ ئىشنى بۇرۇنلا بىلىدىكەنسىزدە.
_ مېنىڭ قاچان بىر ئىشلارغا ھەيران قالغىنىمنى كۆرگەنتىڭىز؟ سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولمىسىلا، مەن بەك جىددىيلىشىپ كەتمەيمەن_ ئۇنىڭ دېگىنىمۇ راست. بېشىمنى تۆۋەن سالدىم، نىگارەدىن بەكلا ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم.
_ بولدى، بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بولىدىغان ئىش ھامان بولىدۇ. يۈرۈڭ، سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى_ دېدى ئۈمىد مۈرەمگە يىنىك ئۇرۇپ.
سىرتقا چىقىپ ئىككمىز بىر چىنىدىن كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچىپ چىقىپ، ئۈمىد ماشىنىنى بىر چايخانىنىڭ ئالدىغا ھەيدىدى، بۇ ئۈمىدنىڭ دوستى نىجاتنىڭ چايخانىسى ئىدى. بۇرۇن بۇ يەرگە بىر قېتىم كەلگىنىم ئېسىمگە كەلدى. بىزنىڭ كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ، نىجات دەرھال ئالدىمىزغا چىقتى ۋە بىزنى ئالدىن تەييارلانغان ئۈستەلگە باشلىدى.
_ ئۈمىد ، نازىيە، نىمە يەيسىلەر؟ يەيدىغان، ئىچىدىغاننى خالىغانچە بويرۇتىۋېرىڭلار، ماڭا ھېساب جۇمۇ_ دەپ كۈلدى نىجات.
ئۈمىد بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.
_ بۈگۈن مېنى بىرەر ئىش بىلەن چاقىردىڭما؟
_ باشقا ئىشمۇ يوق، يىغىلىپ ئولتۇرمىغىنىمىزغا بەك ئۇزۇن بوپتۇ، شۇڭا گۇڭۇر مۇڭۇر ئولتۇرامىزمىكىن دەپ چاقىردىم_ دېدى نىجات چېچىنى بارمىقى بىلەن كەينىگە تارىغاچ. ئۇنىڭ گېپى ئاياغلىشىشىغىلا ئىشىكتىن فەرۇقنىڭ كىرىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا مېنى كۆرۈپ جايىدا توختاپ قالدى ۋە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماڭماقچى بولۇۋىدى، نىجات بېرىپلا ئۇنى تۇتىۋالدى ۋە سۆرەپ دېگۈدەك يېنىمىزغا ئېلىپ كەلدى.
_ بەزىلەرنىڭ بارلىقىنى دېگەن بولساڭ كەلمەسكەنمەن.
ئۇنىڭ كىمنى دەۋاتقىنىنى ئوبدان بىلەتتۇق . ئۈمىد گەپ قىلمىدى. نىجات فەرۇقنىڭ مۈرىسىنى بېسىپ دېگۈدەك ئولتۇرغۇزۇپ، كۈتكۈچىنى چاقىرىپ، چاي، مېۋە چېۋە، ھاراق ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى. نىجاتنىڭ بۈگۈن ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن چاقىرغانلىقىنى چۈشەندىم. بويرۇتقان نەرسىلەر ئۈستەلگە چىققاندىن كېيىن نىجات ئالدى بىلەن ئىستاكانغا چاي قۇيۇپ ماڭا سۇندى، ئاندىن بىر رومكىغا ھاراق قۇيدى. ئۇ ئەمدى گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە فەرۇق تورۇڭڭىدە گەپتىن بىرنى قىلدى.
_ نىمە، يېڭى تۇتقان دوستۇڭدىن چاتاق چىقىپ يەنە كونا دوستلار ياخشىكەن دەپ قالغان ئوخشىمامسەن؟
_ ئاغزىڭدىن چىرايلىق گەپ چىقمامدۇ_ دېدى نىجات سەل كايىپ. فەرۇق كالپۇكىنى پۈرۈشتۈرۈپ باشقا گەپ قىلماي ئولتۇردى. لېكىن قاپىقى پەقەتلا ئېچىلمىدى. نىجات بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئالدى بىلەن بىر رومكا ھاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى، ئاندىن قەغەزنى ئېلىپ جاۋغىيىدىن ئېقىپ چۈشكەن ھاراقنى سۈرتىۋېتىپ گېپىنى باشلىدى.
_ نىمە ئىش بولغىنىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم، لېكىن شۇنچە يىللىق دوست بۇرادەر تۇرۇپ نېمە ئىش بۇ ئەمدى؟ ئاراڭلاردا زادى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قانداق زىددىيەت يۈز بەردى؟ بىز ئۆمۈرلۈك ئاغىنىلەردىن بولىمىز دەپ ۋەدىلەشكەن، سىلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك دېگىنىڭلار مۇشۇنچىلىكلىمىدى؟ نىمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ مەيلى بۇرۇن ئاراڭلاردا قانداقلا ئىش يۈز بەرگەن بولسۇن ، بۈگۈن مۇشۇ بىر رومكا ھاراق بىلەن ھەممىسى تۈگىسۇن، بۈگۈن ئاخشام بۇرۇنقىدەك خۇشال خورام ئولتۇرىمىز، كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىشمايمىز، بولامدۇ؟
نىجات بىر رومكىغا ھاراق قۇيۇپ ئۈمىدكە سۇندى.
_ ھاراق ئىچسەڭ بولامدۇ، ئۈمىد؟
مەن بىر نىمە دەي دەپ تەمشىلىشىمگە ئۈمىد جاۋاب بېرىۋەتتى.
_ بولىدۇ، ئىچىمەن.
ئۇ بۇنداق دېگەن يەردە مەن يەنە بىر نىمە دېسەم بولمايتتى، ئۇنىڭغا ئاستاغىنە گەپ قىلدىم.
_ بەك كۆپ ئىچىۋالماڭ ھە_ ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن نىجات گەپ قىلدى، ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئانچە مۇنچە گەپ قىستۇرۇپ قويغاندىن باشقا تۈزۈك گەپ قىلىشمىدى. ئارىلىقتا تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئەمدى چىقىشىمغا تازىلىق ئۆيىدىن سەل نېرىدا فەرۇق تۇرۇپتۇ.
_ نىگارە قەيەردە؟_ ئۇدۇللا شۇنداق دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
_ مەنمۇ بىلمەيمەن_ دېدىم مەن بېشىمنى چايقاپ.
_ مېنى ئاشكارىلاپ قويمىسۇن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز؟ سىز ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، قەيەرگە بارىدىغىنىنى سىزگە دېمەي قالامدۇ؟ قېنى دەڭە، ئۇ زادى قەيەردە؟
ئۇنىڭ ئىشەنمەيۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ تېلېفونۇمنى چىقىرىپ نىگارەنىڭ ئاخىرقى قېتىم يوللىغان ئۇچۇرىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. ئۇ بىر نەچچە قۇر ئۇچۇرنى خېلى ئۇزۇنغىچە يېنىش يېنىشلاپ ئوقۇدى. ئۇ ئۇچۇرنىڭ فەرۇخقا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقى ماڭا ئايان، بولۇپمۇ نىگارەنىڭ بويىدا قالغانلىقى، شۆھرەت بىلەن بىر ئۈمۈر بىللە ئۆتمەكچى بولغانلىقى دېگەندەكلەر. ئۇ ئاخىرى تېلېفوننى ماڭا سۇندى.
_ مەنمۇ قىزىق ھە، ھازىر مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىم بار ئىدى؟ بۇرۇنلا ئەمدى ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق دىيىشىپ بولغان تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭ غېمىنى يەپ كەتكىنىمنى قاراڭ.
ئورنىمىزغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ ھاراقنى بولۇشىغا ئىچتى. نىجات ئۇنىڭغا بۇنداق كۆپ ئىچمەسلىك توغرىسىدا گەپ قىلسا:
_ ئاران بىر مېھمان قىلغان ۋاقتىڭدا بۇنداق پىخسىق قىلما، پەقەت چىدىمىساڭ ئۆزۈم ئىچكەن ھاراقنىڭ پۇلىنى ئۆزۈم تۆلەي_ دەپ تۇرىۋالدى. فەرۇق بۇنداق دېگەن يەردە ئەمدى نىجاتنىڭ گەپ قىلىشىنىڭ ئورنى قالمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇمۇ گەپ قىلمىدى. ئۈمىد بىر رومكا ئىچىپ بولۇپ يەنە بىر رومكىنى قولىغا ئېلىۋىدى، مەن ئاستا ئۇنىڭ بېلىكىنى تۇتۇپ «ئەمدى ئىچمەڭ» دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدىم. ئۇمۇ مەقسىتىمنى چۈشەندى ۋە رومكىنى ئۈستەلگە قويدى.
سىلەر ئىچىۋېرىڭلار، بىز ئۆيگە قايتايلى، نازىيەنىڭ بەك ئۇيقۇسى كەپ كەتتى.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشىغا فەرۇق ئۇنىڭ بېلىكىدىن تارتتى.
_ ئاغىنە ئەرنىڭ پۇت قولى، ئايالى كىيىمى دېگەن گەپ بار، ھازىر مېنىڭ پۇت قولۇممۇ يوق بولدى، كىيمىممۇ يوق، مەن ھەممىدىن ئايرىدىم، بىلىۋاتامسەن؟
ھېچقايسىمىز گەپ قىلمىدۇق، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئازابىنى ھەممىمىز چۈشىنەتتۇق.
_ ھەممەيلەن مېنى ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ كەت دەيدۇ، ئەمما ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ پۇت قولى يوق ئادەم قانداقمۇ ئورنىدىن دەس تۇرالىسۇن؟ قايسىڭلار مېنىڭ ئازابىمنى چۈشىنىسىلەر؟ ھۇ ھۇ ھۇ
فەرۇق شۇ تاپتا ئىچىدىكى پۈتۈن دەردلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى، ھەتتا «ئەر كىشىنىڭ كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ» دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتى. بىر قولى ھېلىمۇ ئۈمىدنىڭ بېلىكىدە، ئۈمىدمۇ تارتىۋالمىدى. نىجات ئۇنىڭ يىغىسىغا چىدىمىغاندەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ فەرۇخقا قارىدى.
_ دۇنيادا ئايال كىشى دېگەن كۆپ، بىرىدىن ئايرىلساڭ يەنە بىرىنى تاپساڭ بولىدۇ. بىرىگىلا ئېسىلىۋېلىپ نىمە قىلىسەن؟ سېنىڭ پۇت قولۇڭ بار، ئۆزۈڭ ئۇنى كېرەك قىلماي كېسىپ تاشلايمەن دەۋاتىسەن.
نىجاتنىڭ بۇ گېپى دەل جايىغا تەگكەن ئىدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ فەرۇقنىڭ يىغا ئاۋازى تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇنى كۆرۈپ شۇنى ئويلاپ قالدىم، ئۇ رەھىمسىز ئەمەسكەن، مەيلى نىگارەگە بولسۇن، مەيلى ئۈمىدكە بولسۇن ئۇنىڭ ھېسسىياتى چوڭقۇر بولغاچقا ھازرقىدەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتى. فەرۇق ئۈمىدنىڭ بېلىكىنى قويۇۋەتتى، ئۈمىدمۇ ماڭىمەن دەپ ئالدىرىمىدى. بىر چاغدا فەرۇق كرىسلودا قىڭغىيىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنى كۆرۈپ نىجات گەپ باشلىدى.
_ ئۈمىد، ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ ئاغىنەم. فەرۇقمۇ ئاغىنە دېسە جېنىنى بېرىدىغانلاردىن، لېكىن ھازىر ئۇنىڭمۇ كۆڭلى پاراكەندە، دوست-بۇرادەر دېگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر بىرىمىزنى چۈشىنىشمىسەك بولمايدۇ. سەنمۇ ئۇنى كۆپرەك چۈشەنگىن، مەنمۇ ئۇنىڭغا يەنە گەپ قىلىمەن، بىر ئوبدان ئۆتىدىغان ئاغىنىلەر بۇنداقلا ياتلىشىپ كەتمەڭلار، بولامدۇ؟
_ بىلىمەن_ دېدى ئۈمىد .
ئۇ يەردىن يېنىپ ئۈمىدكە شەرقى بازاردىكى ئۆيگە بېرىپ كېلىشنى ئېيتتىم، ئۈمىد ماقۇل بولۇپ مېنى ئېلىپ باردى. بۇ يەرگە كەلمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا ئۆي ئىچىنى توپا بېسىپ كېتىپتۇ. ھۇجرامغا كىرىپ قارىسام نەرسە كېرەكلىرىمنى سالىدىغان چامادىنىمنىڭ ئۈستىمۇ بىر قەۋەت توپا. ئۇنى سۈرتۈپ ئېلىپ چىقتىم.
_ ئۇ نىمە؟_سورىدى ئۈمىد.
_ نىگارەنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان تۇغۇلغان كۈن سوۋغىلىرى، يېڭى يىللىق سوۋغىلىرى دېگەندەكلەر. مانىڭغا قاراڭ، بۇ ئۇنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم سوۋغا قىلغىنى. شۇ چاغدا ئۇ دادىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن، ئۇنى يول بويىدا ئولتۇرغان يېرىدە ئۇچرىتىپ قېلىپ ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلگەنتىم، شۇنىڭدىن كېيىن بىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا قاراڭ، بۇنى پەرھات دادام شاڭخەيگە بارغاندا نىگارەگە ئالغاچ كەلگەن ئىكەن، ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان، كىچىك چاغلىرىمىزدا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ، غەلىتە ئويۇنچۇقلىرىمىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتۇق. شۇڭا مەن بۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم.
مەن سوۋغاتلارنى بىر بىرلەپ ئۈمىدكە چۈشەندۈردۈم. ھەر بىر سوۋغاتنىڭ بىر ھېكايىسى بار، بۇ سوۋغاتلار نىگارە ئىككىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزنىڭ شاھىدى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. سوۋغاتلارنى قايتىدىن چامادانغا سېلىپ داچىغا ئېلىپ كەتتىم.
شۇ كۈنى كەچتە نىگارەدىن ئەنسىرەپ كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كەلمەيتتى. ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، ئويغانغان چېغىمدا قارىسام ئۈمىد يېنىمدا يوق ئىدى. پەسكە چۈشۈپ قارىساممۇ يوق. ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام ماشىنىسىمۇ توختىتىپ قويغان جايىدا يوق. بۇنچە ئەتىگەندە ئۇ قەيەرگە كەتكەندۇ؟ قاچانلاردا چىقىپ كەتتىكىنە ، ھېچقانداق شەپىمۇ ئاڭلىماپتىمەن دېسە.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















