大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 173 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 173  - قىسىم aybarawazi
2023-12-01
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 174-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

173-قىسىم  


_ باش دېرىكتور، نۇرغۇن مۇخبىرلار، تاراتقۇلار تېلېفون قىلىپ سىزنىڭ...سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى تاپشۇرىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. 

_ سۈرەت؟ نىمە سۈرەت؟ 

كاتىپ تېلېفوننى ماڭا سۇندى، تېلېفون ئىكرانىدا رازىيە ئىككىمىزنىڭ سۈرىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، سۈرەت دەل ھېلىقى كۈنى مېھمانخانىدا رازىيە ماڭا ئېسىلغان چاغدا تارتىۋېلىنغان ئىكەن. ھەيران قالدىم، رازىيە بۇنداق ئىشلارنى قەيەرلەردىن، قانداق بولۇپ ئۆگىنىپ قالغاندۇ؟ بەزىدە ئۇنىڭ نازىيەنىڭ سىڭلىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ قالىمەن،  نازىيە قانچىلىك ساپ، سەمىمى قىز ئىدى ھە. كاتىپ مېنىڭ گەپ قىلماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكلىپ بەردى. 

_ باش دېرىكتور، بۇ مۇخبىرلار، تاراتقۇلارنىڭ سۈرەتنى بىۋاستە ئېلان قىلىۋەتمەي بىزگە يوللاپ بەرگىنىگە قارىغاندا سىزدىن ئازراق پايدا تاما قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ. ئەتە توي مۇراسىمىڭىز ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇراسىمغا دەخلى يېتىپ قالمىسۇن، پۇل خەجلەپ بۇ ئىشنى بېسىقتۇرىۋېتەمدۇق يا؟ 

سۈرەتكە قاراپ بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن كاتىپقا قارىدىم. 

_ ھاجىتى يوق، ئېلان قىلىۋەرسۇن. 

_ ھە؟ _ كاتىپنىڭ ھەيرانلىقتا ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.  تېلېفوننى كاتىپقا بېرىپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇردۇم. 

_ قانداق يازغۇسى كەلسە شۇنداق يېزىۋەرسۇن _ دېدىم يەنە قوشۇمچە قىلىپ. 

_ چۈشەندىم. 

كاتىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئادۋۇكاتقا تېلېفون قىلدىم. 

_ ئادۋۇكات، ماڭا بىر پارچە ئاجرىشىش كېلىشىمى تەييارلاپ بېرىڭ، مەزمۇنىنى سەل تۇرۇپ سىزگە يوللاپ بېرىمەن_ تېلېفوننى قويۇۋېتىپ كومپيۇتېرنىڭ ئىكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خېلىغىچە بىر تالمۇ خەت باسالمىدىم. 

_ راستلا شۇنداق قىلامسىز؟ _ سورىدى ئالىم. 

_ مېنىڭ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىمنى ھەممە ئادەم بىلىپ بولدى، كېلىشكە تىگىشلىك بولغان بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى كېلىدىغان بولدى، نازىيەنى بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدۇرغۇم يوق. 

بۇ قېتىم مەيلى نازىيە مېنى چۈشەنسۇن چۈشەنمىسۇن، كەچۈرسۇن كەچۈرمىسۇن، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ئاجرىشىپ كېتىشىم كېرەك. ئۇنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلمىگەندىن كېيىن ئەركىنلىككە چىقىرىۋېتەي. يېرىم سائەتتىن كېيىن ئالىم كەتتى، ئادۋۇكات تەييار قىلىپ قويغان ئاجرىشىش كېلىشىمىنى ئەكىلىپ بەردى. مەن كېلىشىمنى ئېلىپ شىركەتتىن چىقىشىمغا دادام بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدىم. 

_ راستلا ئۇنىڭ بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچىمۇ سەن؟ _ دادامنىڭ مېنى كۆرۈپ دېگەن تۇنجى گېپى شۇ بولدى. 

_ خالىمىساڭ قاتناشمىساڭمۇ بولىۋېرىدۇ. 

شۇنچە يىللاردىن بۇيان دادام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى گەپلەر مانا مۇشۇنداق ھالەتتە، ھېچقايسىمىز ئۆزگىرىشنى، ئۆزگەرتىشنى خالىمىدۇق.  مېنىڭ كۆڭلۈمدە تۈگۈن پەيدا بولغىنىغا ئۇزن يىللار بولدى، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم دادامنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ كۆپ.  دادام گېپىمنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خاپا بولدى، لېكىن ئۇ نىمىلا دېسۇن مېنىڭ قارارىمنى ئۆزگەرتەلمەيدىغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەزەلدىن شۇنداق. دادامغا ئارتۇق گەپ قىلماي ماشىنا توختىتىش مەيدانى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن، كاللامدا مىڭ خىل خىيال. مەن خاتالاشتىم، بۇ قېتىم تەلتۈكۈس خاتالاشتىم. ئەسلى ئەڭ دەسلەپتە نازىيە بىلەن تۇنۇشمىسام بوپتىكەن، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرمىسەم بوپتىكەن. ئۇ مېنىڭ يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مەن ئۇنىڭدىن مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى تاما قىلمىسام بوپتىكەن. چۈنكى مەيلى مەن قانداق سالاھىيەتتە بولاي، ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشكە سالاھىيىتىم توشمايدۇ.  يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر گۈل دۇكىنىنى كۆرۈپ ماشىنىنى توختىتىپ ئىچىگە كىردىم. 

_ ئەپەندىم، قانداق گۈل ئالاي دەيسىز؟ _ گۈل دۇكىنىنىڭ خۇجايىنى مېنى كۆرۈپلا قىزغىنلىق بىلەن سورىدى.  مەن گۈل دۇكىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ ئەتراپىمدىكى بىر بىرىدىن چىرايلىق گۈللەرگە قارىدىم. 

_ ئەپەندىم، كىمگە گۈل سوۋغا قىلماقچى ئىدىڭىز؟ دېسىڭىز مەن تاللاپ بەرسەممۇ بولىدۇ. 

_ ئايالىمغا سوۋغا قىلىمەن، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىماقچىمەن. 

خۇجايىن ماڭا سېرىق ئەتىرگۈل بىلەن چەيزەرەڭ ھەمەلگۈلنى ماسلاشتۇرۇپ تىزىپ بىر دەستە قىلىپ بەردى،  ھەر ئىككىسىنىڭ كەچۈرۈم سوراش مەنىسى بار ئىكەن. ئۆيگە بارغۇچە ئىدىيەمدە تەييارلىق قىلىۋالدىم، بۇ ئاجرىشىش كېلىشىمىنى ئۇنىڭغا بەرسەم ئۇنىڭ ئازابلىنىشى ئېنىق، ھەتتا چاچلىرىنى يۇلۇپ يىغلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۆيگە بارسام ئۇ يوق، ئاللىبۇرۇن كېتىپ بولغان ئىكەن.  ئۈستەل ئۈستىدە بىر پارچە خەت تۇرۇپتۇ. _« مەن بەك چارچاپ كەتتىم، سىز بىر قارارغا كېلەلمىگەن بولسىڭىز، ئورنىڭىزدا مەن قارار چىقىرىپ بېرەي!» 

تېلېۋىزور ئېچىقلىق ، ئۈستەل ئۈستىدە ئېتىپ تەييار قىلىپ قويۇلغان تاماق بار ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭغا تەۋە نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق. مەنمۇ دەل مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىمغۇ، لېكىن نىمىشقا ئۇنىڭ خېتىنى كۆرۈپ يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئاغرىپ كېتىدىغاندۇ؟  ياق، ئۇ بۇنداقلا كېتىپ قالسا بولمايتتى، ئەسلى يېنىغا يېتەرلىك پۇل ئېلىۋالغان بولسا مەنمۇ خاتىرجەم بولاتتىم. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلسام ئالمىدى، يەنە قىلسام تېلېفونى ئىتىك. بىردەمدىن كېيىن نىجات تېلېفون قىپتۇ. 

_ ئاغىنە، بۇ نىمە ئىش ئەمدى. ئەتە تويۇڭنى ئوينايمىز دەپ ئولتۇرساق نىمە خەۋەرلەر چىقىپ كېتىۋاتىدۇ؟ 

_ ئەتە كەلمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. 

_ ھە؟  زادى نىمە ئىش بولدى؟  نازىيەدىن ئايرىلىپ رازىيە بىلەن بىللە ئۆتەي دەۋاتامسەن؟ _ نىجات زىغىرلاپ سوراۋەردى. 

_ بولدى سورىما، مېنى ھېلىمۇ دوستۇم دەپ قارىساڭ ئەتە كەلمە، ھېچقايسىڭلار كەلمەڭلار. 

تېلېفوننى قويۇۋەتتىم. تېلېۋىزوردا رازىيە ئىككىمىز توغرىلىق خەۋەر كۆرسىتىلىۋاتاتتى، ئۇنى كۆرۈپ كاللام توختاپ قالدى.  خەۋەردە نىمە دىيىلىشى، باشقىلارنىڭ ماڭا قانداق قارىشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك، چۈنكى بۇنى مەن ئۆزۈم خالىغان، توغرا، ئۇنى يېنىمدىن كېتىشكە ئۆزۈم قىستىدىم. لوڭقىنى ئەكىلىپ سېرىق ئەتىرگۈلنى سېلىپ قويدۇم ۋە گۈلگە قاراپ تۇرۇپ پىچىرلىدىم. «مېنى كەچۈرۈڭ، مەلىكەم!».  تېلېفوندىكى ئورۇن بەلگىلەش يۇمشاق دېتالىنى ئاچتىم، ئۇ بۇ شەھەردىن كېتىپ بولغان ئىدى.  ياخشى بولدى، ئىشقىلىپ ھازىر ئۇ بۇ يەردىن كەتسىلا مەن خاتىرجەم بولىمەن. 

قاراڭغۇ چۈشكەندە ھەسەن ئوقتەك ئېتىلىپ ئىشىكتىن كىردى، شۇندىلا ئاندىن ئىشىكنى تاقىمىغىنىم ئېسىمگە كەلدى. ئۇ مېنى كرىسلودىن تارتىپ تۇرغۇزۇپ يۈزۈمگە بىر مۇشت سالدى. 

_ ھۇ خۇمپەر، ئۇنىڭغا شۇنداق ئازار بېرىمەن دەپ يېنىڭغا تارتقانمىتىڭ؟  ئۈمىد ئابلەت، سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ، مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن! _ ئۇ شۇنداق دەپ ئىككىنچى قەۋەتكە يۈگۈردى. 

_ ئۇ كەتتى _ دېدىم مەن. 

ئۇ پەلەمپەينىڭ يېرىمىدا توختاپ ماڭا قارىدى ۋە يەنىلا ئۈستىگە چىقىپ ھەممە يەرنى ئىزدەپ ئۇنى تاپالماي يېنىپ چۈشۈپ يەنە ياقامدىن ئالدى. 

_ ئۇ قەيەرگە كەتتى؟

_ بۇ شەھەردىن چىقىپ كېتىپ بولدى. 

ئۇ مېنى يەنە ئۇردى، قول ياندۇرمىدىم.  ئۇ نەچچە مۇشت ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن مەنمۇ بىر مۇشت ئۇردۇم. 

_ ئۇنىڭ ھازىر بۇ يەردىن كېتىشى يېنىمدا قېپ قالغىنىدىن بىخەتەر بولىدۇ، بىلەمسەن؟ _ بۇ گەپنى ھەسەنگىلا ئەمەس، ئۆزۈمگىمۇ دەۋاتاتتىم. بۇ ئارقىلىق ئۆز ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىۋاتاتتىم. ھەسەن مەن گۈل سېلىپ قويغان لوڭقىنى بىر تېپىپ ئۆرىۋەتتى. 

_ ئۇنىڭ بويىدا بار، ئۇ ئۆزى يالغۇز بالا بىلەن قانداق قىلىدۇ؟ 

_ ھە؟ _ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم.  ھېلىقى كۈنى كاۋا مانتىسى ئەكىلىپ بەرگەن ۋاقتىمدا ئۇ ئىككى چىشلەم يەپلا يىيەلمىگەن، ئاشقازىنىم ياخشى ئەمەس دېسە ئىشىنىپتىمەن، قىلچە گۇمان قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ. ئەسلى مەن ئۇنىڭغا ئالدىنىپتىمەن، ئۇمۇ مېنى ئالدىيالاپتۇ، ھى ھى ھى. 

_ ئەمىسە ئۇ تېخىمۇ يىراققا كېتىشى كېرەك. 

ھەسەن بىردەم سۆزلەپ، مېنى تىللاپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىپ كەتتى. مەن گۈللەرنى چېقىلىپ چۇل چۇل بولۇپ كەتكەن لوڭقىدىن ئېلىپ يېڭى لوڭقا ئەكىلىپ قايتىدىن سېلىپ قويدۇم. ئەينەك پارچىلىرىنى سۈپۈرۈشتىن ئېرىنىپ كرىسلودا ياتتىم ۋە رازىيەگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفون خېلى ئۇزۇن سايرىغاندىن كېيىن ئاندىن ئالدى. 

_ ئۈمىد ئاكا. 

_ ئۆيگە كېلىڭ، سىزنى ساقلايمەن. 

_ ئۈمىد ئاكا، مەن سەل تۇرۇپ يەنە...

_ كېلىڭ دېگەندىكىن كېلىڭ. ھازىرلا مېڭىڭ. 

_ ھە، ماقۇل. 

يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۇ كەلدى. ئۇ مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتقىنىمنى كۆرۈپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كەلدى ۋە سۈپۈرگىنى ئېلىپ ئەينەك پارچىلىرىنى سۈپۈرۈشكە باشلىدى. ھەممە ئىشلارنى تۈگىتىپ بولۇپ ئالدىمغا كېلىپ، پەس ئاۋازدا مېنى چاقىردى. 

_ ئۈمىد ئاكا. 

كۆزۈمنى ئېچىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىپ قويغىنىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ھازىر ئالدىمدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ جىم تۇردى.  مەن ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئۇ ئەمدىلا 11   12 ياشلارغا كىرگەن كىچىك قىز ئىدى،  شۇ چاغدا ئۇ ئىنتايىن ساددا، كۆزلىرىدىن ساپ، سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. ئۇ چاغدا ئۇ ئاچىسىنىڭ سەھنىدە ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنىلا بىلەتتى، ئەمما ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. ئۇ سەھنىنىڭ  رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن بېزەلگەن گۈزەل جاي ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئەمما ئاشۇ سەھنىدە تۇرۇش ئۈچۈن قانچىلىك قان _ تەر سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى. بۇرۇن مەن ئۇنى ئەقىللىق دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ئەمدى قارىسام ئۇ ئەقىللىق ئەمەس، باشباشتاق، ئاتىكاچى، بىلەرمەن ئىكەن.  مەن تىكىلىپ قارىغانسېرى ئۇنىڭ بېشى تېخىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. 

_ نازىيە ئاچام قېنى؟ 

_ كەتتى _ دېدىم مەن. 

_ ھە؟ _ ئۇ ھەيران قالغان قىياپەتنى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدى،  ئەمما كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ھېسسىياتىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى. 

_ كەتتىما؟ ئەمىسە ئەتىدىكى توي مۇراسىمىنى....

ئۇنىڭغا قەيەردىن كەلگەن جۈرئەتكىن، باياتىن بېرى بېشىنى كۆتۈرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئادەم ئەمدى ئالدىمغا كېلىپلا زۇڭزىيىپ ئولتۇردى. 

_ ئۈمىد ئاكا، ئەتە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغىنىڭلارنى پۈتۈن شەھەردىكىلەر بىلىپ بولدى. توينى ئەمەلدىن قالدۇرسىڭىز بولمايدۇ، يا بولمىسا...مەن نازىيە ئاچامنىڭ ئورنىدا يېنىڭىزدا تۇرۇپ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈشۈپ بەرسەم بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە يالغاندىن، يالغاندىن تۇرۇپ بېرىمەن. پەقەت توي مۇراسىمى تۈگىگىچىلا. 

  تۇيۇقسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بېلىكىدىن تارتىپلا ئېلىپ ماڭدىم، سىرتقا ئېلىپ چىقىپ  ماشىنىغا چىقىرىپ ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدىدىم. 

_ ئۈمىد ئاكا، مېنى نەگە ئاپىرىسىز؟

  ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەي ماشىنىنى ھەيدەۋەردىم. سىرتتا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ماشىنىنىڭ ماڭغان يۆنىلىشىگە قاراپ رازىيە مېنىڭ ئۆزىنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭغىنىمنى بىلىپ قولۇمغا ئېسىلدى. 

_ ئۈمىد ئاكا، مەن خاتا قىلدىم، مېنى كەچۈرۈڭ. مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، ئاچامغا يۈز كېلەلمەيمەن. مېنى ئاچامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن جايىغا ئېلىپ ماڭغىنىڭىزنى بىلدىم.  ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، ئۆتۈنۈپ قالاي. 

ماشىنىنى دەرھال يول بويىغا توختاتتىم. 

_ رازىيە، ھېلىمۇ سىزگە شۇنچىلىك يول قويدۇم، قولۇمدىن كېلىشىچە ياخشىلىق بولسا قىلدىم، ئاچىڭىزنىڭ ئالدىدىمۇ يەرگە قاراپ قالىدىغان يېرىم يوق.  بۇنىڭدىن كېيىن سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ يولىغا مېڭىڭ، مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئارىلاشماڭ. ئەگەر يەنە كۆزۈمگە كۆرۈنىدىغان بولسىڭىز چولپان بولىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ. سىزنى قانداق چىقارغان بولسام شۇنداق چۈشۈرىۋېتەلەيمەن.  ماشىنىدىن چۈشۈڭ. 

بۇ گەپلىرىم رازىيەگىلا دىيىلگەن گەپلەر ئەمەس، بەلكى ئۆلۈپ كەتكەن نازىيەگىمۇ بەرگەن جاۋابىم ئىدى.  رازىيە يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا يالۋۇرىۋاتاتتى. 

_ ئۈمىد ئاكا، مەن خاتا قىپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ، مېنى بۇنداقلا تاشلىۋەتمەڭ. 

_  سىز بۇرۇنقى كىچىك بالا ئەمەس، چوڭ بولدىڭىز، قالغان يولنى ئۆزىڭىز مېڭىڭ! _ شۇنداق دەپ ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىردىم. ئۇ ئاستا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ چۈشۈپ قالدى، مەن ماشىنىنى كەينىگە بۇراپ كەتتىم. يەنە بىر تەرەپتىن رازىيەنى يېنىمدىن كەتكۈزىۋېتىش مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى ئىشىم ئىدى، چۈنكى مەن ھازىر بەك خەتەرلىك ھالەتتە، شۇڭا ئەتراپىمدىكى ئادەملەر قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشى.  

 ئۆيگە قايتىپ يۇيۇنۇپ چىقىپ كارىۋاتتا ياتتىم، ئايال كىشى بولمىسا ئۆيدىن ھەقىقەتەن بوران ئۇچىدىكەن. تېلېفوننىڭ ئورۇن بەلگىلەش يۇمشاق دېتالىنى ئاچتىم، ئۇ تېخىچە بىرىنچى بېكىتىدىن ئايرىلماپتۇ. ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن. ئەتىسى ئورنۇمدىن بېشىم ئېغىرلا تۇرۇپتىمەن. دېرىزە پەردىسىنى قايرىپ قارىسام ھاۋا ئېچىلىپتۇ. ئادەتتە ھەيدەيدىغان باۋمانى ھەيدىمەي،  باشقا بىر ماشىنىنى ھەيدەپ تۇرسۇنئاينى ئالغىلى باردىم.  تۇرسۇنئاي توي كۆڭلىكىنى كىيىپ يۈزىگە قېلىن رومال يېپىۋاپتۇ، خېلى سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.  توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان مېھمانسارايغا كەلدۇق. مېھمانلار توپ توپ بولۇپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى.  رولنى تۇتۇپ بىردەم ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم.

_ نىمە بولدىڭىز؟ _ سورىدى  تۇرسۇنئاي. 

_ ماڭا بۈگۈنكى ئويۇننى ئويناشنىڭ ھاجىتى يوقتەك بىلىنىۋاتىدۇ. 

_ قانداق دەيسىز؟ _ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى ئۇ. 

_ قاراپ تۇرۇڭ ھە. 

سائەت 11 دىن ئاشقاندا ئاخىرى ئالىمدىن تېلېفون كەلدى. ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ھاياجانلانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.  

_ مەنۋەر قولغا چۈشۈپتۇ. شەھەردىن چىقىدىغان ھەق ئېلىش پونكىتىدا قولغا چۈشۈپتۇ.  پەرىزىڭىز توغرىكەن، ئۇ توي ماشىنىلىرىنىڭ قاتارىغا كىرىۋېلىپ شەھەردىن چىقىپ كەتمەكچى بوپتىكەن، شۇ يەردە قولغا چۈشۈپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مېھمانساراينىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان گۇمانلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئويۇنى ئىكەن، ئۇ ئۇياقتىن شەپە بېرىپ بۇياقتىن ھۇجۇم قىلماقچى بوپتىكەن ئەمەسمۇ. 

_ تۆنۈگۈن كەچتە مەن بەك كۆپ ئويلاندىم، ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن قېچىپ كېتىش ئۆچ ئېلىشتىن مۇھىم، ئازراق پۇرسەت بولسىلا چوقۇم قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ _ دېدىم مەن. 

_ ئىشقىلىپ ئۇ ئاخىرى تۇتۇلدى. بۇمۇ چوڭ غەلىبە _ دېدى ئالىم ھاياجانلانغان ھالدا. 

_ مېھمانساراينىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولغان گۇمانلىق ئادەملەر كىملەركىن، تەكشۈرۈپ بېقىڭلار. 

_ ماقۇل.  

تېلېفوننى قويۇپ بولۇپ تۇرسۇنئايغا قارىدىم. 

_ مەنۋەر تۇتۇلۇپتۇ. 

_ مەنۋەر تۇتۇلۇپتۇما؟  بەك ياخشى بوپتۇ. _ تۇرسۇنئاي ھەم خۇش بولغاندەك، ھەم ئۈمىدسىزلەنگەندەك قىلاتتى. ئەمما ئۇنى كۆپ ئويلاشقا ھالىم يوق، بىر تەرەپتىن مەنۋەرنىڭ تۇتۇلغىنىدىن خۇش بولسام يەنە بىر تەرەپتىن نازىيەنى ئويلاپ يۈرىكىم ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ بولۇپ تۇرسۇنئايغا قارىدىم. 

_ ماشىنىدا بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، سەل تۇرۇپ سىزنى ئاپىرىپ قوياي. 

مېھمانسارايغا كىردىم، مېھمانلار ئاساسەن كېلىپ بولغان ئىدى، مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ھەممىسى ماڭا سالام قىلىشتى ھەم ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئەسلى مەن يالغۇز كىرمەي نازىيەنىڭ قولىنى يېتىلەپ كىرىشىم كېرەك ئىدى.  سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە فەرۇق بىلەن نىجات ئولتۇرۇپتۇ، ئۇلارنى كەلمەڭلار دېگەن ئىدىم، لېكىن ئۇلار يەنىلا كەپتۇ.  مەن سەھنىگە چىقىپ مىكروفوننى قولۇمغا ئالدىم، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى جىمجىت بولۇشۇپ ماڭا قارىدى. 



ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k