大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 104 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 104 - قىسىم aybarawazi
2023-09-23
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 105 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
























ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

104-قىسىم  


     چاندۇرماي قارىسام بىر ئەر بىر مۇلازىمەتچىگە بىر ئىستاكان چاينى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى. بۇنى ئاڭلاپ ئالاقىزادە بولۇپ تېز تېز مېڭىپ ئارانلا بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا كىرىۋالدىم. بايىقى مۇلازىمەتچى پەتنۇستىكى چاينى ئاپىرىپ رازىيەگە تۇتتى،  رازىيە ئىنتايىن ئەدەب بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ چاينى ئالدى ۋە بىر نىمىلەرنى دەپ كۈلۈپ قويدى. پەمىمچە «ئاۋارە قىلدىم، رەھمەت» دېگەنمىكىن. مۇلازىمەتچى چاينى رازىيەگە بېرىپلا يېنىدا بىر سىكۇنتمۇ ئارتۇق تۇرماي چىقىپ كەتتى. رازىيە چاينى بىر ئوتلاپ ئۈستەلگە قويۇپ قويدى ۋە مىنۇت ئۆتمەي يەنە قولىغا ئالدى، شۇنداق قىلىپ ئۈچ قېتىمدىلا چاينىڭ ھەممىنى ئىچىپ بولدى.«ئاپلا» دەپ قالدىم ئىچىمدە. ئەسلى بايا ئۇنى «ئىچمەڭ» دەپ توسۇۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما نىمىشقىكىن، يەنە بىردەمدىلا نىيىتىمدىن يېنىپ قالدىم. ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي دەپ ئويلىدىممىكىن. بىردەمدىن كېيىن رازىيەنىڭ چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلىدى، كۆڭلى ئېلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستەلدىكىلەرگە تەكەللۇپ بىلەن ئۆزرە ئېيتىپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى، ئۇنى تازىلىق ئۆيىگە ماڭدى ھەقىچان دەپ كەينىدىن چىقتىم. دېگەندەك ئۇ تازىلىق ئۆيى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بارغانچە دەلدەڭشىپ، ئىككى پۇتى پۈكلىنىپلا قېلىۋاتاتتى. تازىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىغا باراي دېگەندە ئىكى ئەر كىشى چىقىپلا رازىيەنى ئىككى قولتۇقىدىن يۆلىدى. رازىيە پۈتۈنلەي ھۇشىنى يوقاتقان، ئازراقمۇ قارشىلىقى قىلىش ئىقتىدارى قالمىغان ئىدى.  مەن تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپلا قالدىم، قورققىنىمدىن يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىپ كېتىۋاتاتتى. كۆرمىگەنگە سېلىپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. ئۆزۈمگە ئۆزۈم«مەن كۆرمىدىم، مەن كۆرمىدىم» دەيتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ ھېلىقى كۈنى چايخانىدا ماڭا دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراۋاتاتتى. ئۇ ماڭا  قىلچە يۈز خاتىرە قىلماي شۇ گەپلەرنى قىلغان يەردە مەن ئۇ ئىشنى كۆرمەسكە سېلىۋالسام ھېچنىمە بولماس. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ نەچچە قەدەم مېڭىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم ۋە دەرھال كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا رازىيە تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. مەن ھەرقانچە قىلغىنىم بىلەنمۇ تاشيۈرەكلىك قىلالمايدىكەنمەن.  مەيلى رازىيە مېنىڭ دوستۇم بولسۇن ياكى دۈشمىنىم بولسۇن مەن  ۋىجدانىمغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىش قىلسام بولمايدۇ دە.

ئۇلار رازىيەنى ئېلىپ ماڭغان بىخەتەر چىقىش ئېغىزى  ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان خىلۋەتلا بىر جاي ئىدى، شۇڭا ئۇنى ئېلىپ ماڭغىنىنى ھېچكىممۇ كۆرمىدى.  يەنە كېلىپ رازىيەمۇ ھېچقانداق قارشىلىق قىلمىغاچقا كۆرگەنلەرمۇ مەست بوپ قالغان بىرىنى يۆلەپ ماڭغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالاتتى. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ مېڭىپ مېھمانساراينىڭ كەينى ئىشىكىگە كەلدىم. ئۇ يەرگە بىر مىنىبۇس توختىتىپ قويۇلغان ئىكەن، ئۇلار رازىيەنى مىنىبۇسقا سېلىپ ئىشىكنى يېپىشقا تەمشەلدى.

_ ئۇنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟ _  مەن يۈگۈرگەن پىتى بېرىپ مىنىبۇسنىڭ ئىشىكىگە ئېسىلدىم.

_ ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي يولىڭىزغا مېڭىڭ_ دېدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ. مەن ئىشىكنى چىڭ تۇتىۋېلىپ قويۇۋەتمىدىم.

_ بۇ قىلغىنىڭلار تۇتقۇن قىلىش بولىدۇ، بۇ قانۇنغا خىلاپ. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى قويۇۋېتىڭلار، مەنمۇ ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولىۋالاي.

رازىيە ماشىنىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ كۆزىنى ئاران ئېچىپ ماڭا قارىدى ۋە بىر نىمە دېمەكچى بولدىيۇ، ئاۋازى چىقمىدى.

_ ھېچنىمىنى بىلمىگەن بولىۋالاي؟  بىزنى ئەخمەق كۆرۈۋاتامدۇ نىمە بۇ؟ ئاغىنىلەر، بەرىبىر ئۇمۇ ھەممىنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئىككىسىنى بىللىلا ئېلىپ كەتمەمدۇق؟_ بايىقى ئەر شۇنداق دەپلا مېنىمۇ تارتىپلا ماشىنىغا چىقىرىۋالدى. ئۇلار مېنى رازىيەنىڭ يېنىغا ئىتتىرىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى ۋە ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ياپتى.  ماشىنا ئاستا مېھمانسارايدىن ئايرىلدى، مەن  ۋاقىرىمىدىم، چۈنكى ھازىر ۋارقىرىغاننىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق، ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا قارىدىم.  ماشىنا يول چىراقلىرىنى كەينىدە قالدۇرۇپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتى.

_ «ئۈمىد بىزنىڭ يوقلۇقىمىزنى بىردەمدىلا بايقايدۇ، ئاندىن بىر ئامال قىلىپ بىزنى تاپىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئۇ چوقۇم ئامال قىلىپ بىزنى قۇتقۇزۇپ چىقىدۇ» دەپ ئويلىدىم.

 مېنىڭ جىم ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئۇلارمۇ مېنى باغلاپ قويمىدى.  ئۇلار دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تېلېفونۇمنى ئېلىش ئۈچۈن قولۇمنى يانچۇقۇمغا تىقتىم. كىم بىلسۇن، بۇنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئورۇق، پاكار كەلگەن بىرى بايقاپ قالدى. ئۇ دەرھال كېلىپلا قولۇمدىن تېلېفونۇمنى تارتىۋالدى.

_ ياردەمگە ئادەم چاقىراي دېگەنما؟ ئۇنداق قورققان ئادەم بايىلا جىم تۇرىدىغان، يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلاشماي.

ئۇ رازىيەنىڭ تېلېفونىنىمۇ ئېلىۋالدى، ئۇ ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چۈشۈرۈپ ئىككى تېلېفوننى تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ كۆتۈرۈپ، بىر چۆگىلىتىپ قارىۋېتىپ، ھەر ئىككى تېلېفوننىڭ خېلى قىممەت پۇللۇق تېلېفون ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى بولغاي، ئاخىرى تېلېفونلارنى تاشلىماي ئېتىۋېتىپ يانچۇقىغا سېلىۋالدى.

 ماشىنا خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن بىر تاشلىۋېتىلگەن كونا زاۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. بىزنى ماشىنىدى چۈشۈرگىچە ئۇلار ھەر ئىككىمىزنىڭ پۇت قولىمىزنى باغلىۋەتتى. ئۇلار بىزنى كۆتۈرۈپ زاۋۇتنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگەندە بۇرنۇمغا دات باسقان تۈمۈرنىڭ ھىدى كەلدى. بىرى بىزنى بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇپ بىر چىراقنى ياندۇردى.   

_ جىم تۇرۇش_ دېدى بايىقى  ئورۇق، پاكار ئەر.  

_ ئاكا، بۇ كاساپەت بەك چىرايلىقكەن دەيمەن،  بىكارغا نام چىقىرىپ چولپان بولماپتىكەن دەپ قالىسىز.

_  راستما؟ سەل تۇرۇپ ئۆزۈم بىر كۆرەي ھە.

 سىرتتىن ئىككى ئەرنىڭ پاراڭلاشقان ئاۋازى ئاڭلاندى. رازىيە پۈتۈن بەدىنى ھالسىز بىر ھالەتتە سەل ئۆرە بولۇپ تامغا يۆلەندى. ئۇمۇ بايىقى ئىككىيلەننىڭ گېپىنى  ئاڭلىغان بولسا كېرەك، بېشىنى يىنىك چايقاپ، ئورنىدىن تۇرۇشقا خېلى تىرىشقان بولسىمۇ تۇرالمىدى.  مەن ھېچقانداق قىلماي جىملا تۇردۇم، چۈنكى ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە قانداقلا قىلغان بىلەنمۇ بىكار. لېكىن بىر ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ،  يۈزۈمدىن يۈزۈمگە ئېرىمنى مەندىن تارتىۋالىمەن دېگەن ئادەمنى دەپ بۇ يەردە بۇ ھەرەجلەرنى تارتىپ يۈرىۋاتىمەن، مەن نىمانچە ئەخمەق. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىسام پۇشايمان قىلمايمەن، ئەگەر بايا راستلا كۆرمەسكە، بىلمەسكە سېلىپ كىرىپ كەتكەن بولسام ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلمەيتتىم.  مەن گېلىمنى قىرىپ قويۇپ رازىيەگە قارىدىم.

_ باشقىلار تۇيۇقسىز بىرەر ئىچىملىك سۇنغاندا ئويلىشىپ ئىچىڭ دەيتتى ئۈمىد ئاكىڭىز ماڭا. بايا قارىسام خەق ئەكەلگەن چاينى  بۇنى نىمىگە ئەكەلدىڭىز؟ نىمىشقا سىرتتىن ئەكىردىڭىز  دەپ سوراپمۇ قويماي ئىچىۋېتىپ بارىسىز.

رازىيە گەپ قىلمىدى، لېكىن چىرايىدىن بايا ئۇ چاينى ئىچكىنىگە پۇشايمان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. لېكىن ئەمدى ھەرقانچە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ نىمە پايدىسى؟  ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، رازىيەمۇ خېلىلا ئېسىگە كېلىپ قالدى، ئۇ ھە دەپ ئەتراپقا قارايتتى، قېچىپ كەتكۈدەك ئىمكانىيەت بارمۇ دەپ قاراۋاتقان بولسا كېرەك.

بايىقىلار سىرتتا پاراڭلىشىپلا تۇراتتى.  مۇمكىن بولسا ئۇلار كىرمىسە بوپتىكەن دەپ ئويلاپ كېتىۋاتىمەن. شۇنداق بولغاندا ئۈمىدنىڭ بىزنى تېپىۋېلىشىغىمۇ يىتەرلىك ۋاقىت چىقاتتى. لېكىن ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولامتى؟

_ ئادىل ئاكا_ سىرتتا بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئادىل دېگەن بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغىنىممۇ ئېسىمدە يوق. ئىشىك ئېچىلىپ بايا بىزنى ئېلىپ كەلگەن بىر نەچچەيلەن بىلەن يەنە بىر ناتونۇش ئەر بىللە كىرىپ كەلدى. بۇ ئەر بەلكىم ئۇلار دەۋاتقان ئادىل ئاكىسى شۇ بولسا كېرەك. ئۇ ئاۋۋال رازىيەگە ئاندىن ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتتى.

_بىرنى دېسەم ئىككىنى ئېلىپ كەپسىلەرغۇ؟ بىرسى مۇكاپاتقا چىقىپ قالدىما؟

«ۋەەەەت» قالغانلار سەت چىرقىرىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

_ ئادىل ئاكا، دېگىنىڭىز بويىچە بۇ چولپاننى ئېلىپ كىلەيلى دەپ بارغانتۇق، لېكىن ئېلىپ ماڭغىنىمىزنى بۇياق كۆرۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىشنى بۇزۇپ قويمىسۇن دەپ بىراقلا ئېلىپ كەلدۇق _ دېدى بايىقى ئورۇق، پاكار ئەر.

_ يۈرىكىڭىز قاپتەك باركەن ھە، بىكاردىن ئۆزىڭىزمۇ چېتىلىپ قاپسىز مانا، ئۆزىڭىزنىڭ شورى.

ئورۇق، پاكار ئەر ماڭا قاراپ سەت ھىجايدى.

_ ئادىل ئاكا، يىتىشەلمىسىڭىز بىزمۇ بار جۇمۇ.

ئادىل ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىۋېتىپ كېلىپ رازىيەنىڭ ئېڭىكىدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى.

_ ئۇنىڭغا تەگمەڭلار، ئۇ تېخى كىچىك قىز.

_ ۋاي ۋۇي، يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلىشىپلا يۈرىدىغان بىر نىمىكىنا بۇ_ ئورۇق، پاكار ئەر شۇنداق دەپ كېلىپلا يۈزۈمگە بىرنى ئۇردى. يۈزۈم لازا قۇيغاندەك ئېچىشىپ كەتتى.

_ نىمە دېدىڭىز؟ ئۇنى كىچىك قىز دېدىڭىزما؟_ ئادىل رازىيەنىڭ ئېڭىكىنى قويۇۋېتىپ ماڭا قاراپ مەسخرىلىك ھىجايدى. رازىيە تۈگۈلۈپ بىر بۇلۇڭغا كىرىپلا كەتتى.

_ چىرايىنى ئۆزگەرتىۋالسىلا تۇنۇمايدىغان ئىش يوق. بۇزۇلغان يەرنىڭ ھەممىنى بىراقلا ئۆزگەرتكەنمىتىڭىز يا ؟ ۋەەەەت.  

قاغانلارمۇ ئادىلنىڭ كەينىدىن ۋەەەەت دىيىشىپ كۈلۈشتى.  لېكىن ماڭا بۇ گەپنىڭ تىگىدە گەپ باردەك بىلىندى. ئەجىبا ئۇلار رازىيەنى تۇنۇيدىغان ئوخشىمامدۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ رازىيە بىلەن بىرەر ئۆچ ئاداۋىتى بار بولغىيمىتى؟  ئادىل رازىيەگە قاراپ قولىنى شىلتىدى.

_ ئۆزىڭىز دەپ بېقىڭە كاتتا چولپان، سىز راستلا كىچىك قىزما؟ ھەئە دەيدىغان بولسىڭىز بۇرنىڭىز ئۇزىراپ كېتىدۇ جۇمۇ. ھا ھا ھا

رازىيە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ گەپ قىلماي كالپۇكىنى چىشلەپلا تۇردى، ئەمما پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كېتىۋاتاتتى.  

_ ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز مەن ئېسىڭىزگە سېلىپ قويايمۇ يا؟_ ئۇ شۇنداق دەپ يانچۇقىدىن تېلېفونىنى چىقاردى. بۇنى كۆرۈپ ئورۇق، پاكار ئەر تۇرالماي قالدى، ئۇ ئادىلنىڭ پىشىنى تارتتى

_ ئادىل ئاكا، ئۈچىنچى ئاكام بىلىپ قالسا چاتاق چىقارمىكىن. بولدى قىلىڭ.

ئادىل دىمىقىنى قاقتى.

_ سىلەر دېمىسەڭلار، مەن دېمىسەم كىم بىلىپ قالاتتى؟ ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار قورقۇتۇپ يۈرمەڭلار ئۇنداق.

يەنە بىر ئەر ئۇنىڭ گېپىنى قۇۋۋەتلىدى،

_ توغرا،  بىز دېمىسەك، ئاكام دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدۇ، يېپىق قازان يېپىق پېتى قېلىۋەرمىسۇنمۇ؟

 ئادىل تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرنى بىردەم ئاختۇرغاندىن كېيىن ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپقان بولسا كېرەك، سەت چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ھىجايدى. ئۇ تېلېفونىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىۋاتقان بىر ۋىدىيونى ئېچىپ ماڭا كۆرسەتتى.

«ۋاي مېنىڭ كۆزلىرىم، نىمىلەرنى كۆرىۋاتقانسەن؟ بۇ ۋىدىيودىكىسى رازىيەغۇ؟ ئاۋۇ ئەر كىمدۇ ئەمدى؟ مەن رازىيەنى زەھەرخەندە بولسىمۇ، لېكىن پاك دەپ ئويلايتتىمغۇ» راستىمنى دېسەم كۆزلىرىمگە ئىشەنگۈم كەلمىدى.  رازىيە نەپسى سىقىلىپ كەتكەندەك ئاغزىنى يوغان يوغان ئېچىپ تىنىپ ھاسىراپ كەتكەن ئىدى.  ئېنىقكى بۇ ۋىدىيو ئۇنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز بىر چىرقىراپلا بېشىنى تامغا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئادىل تېلېفوننىڭ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە تەڭشەپ رازىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ كۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. قالغانلارمۇ ئادىل بىلەن تەڭ كۈلۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. رازىيەنىڭ بېشىنى تامغا ئۇرۇپ كېتىۋاتقان ئېچىنىشلىق ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.  رازىيە ھەقىقەتەن  نىيىتى يامان، رەزىل قىز، لېكىن ئۇنىڭ بۇنداق كۈنگە قېلىشىنى مەنمۇ خالىمايمەن ئەلۋەتتە.

_ سىلەر ئىسپاتنى ئۆزۈڭلار ساقلاپ قويىدىكەنسىلەر.  سىلەرنى ئەرز قىلىشىمىزدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟

مەن بۇ گېپىمنى ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ تەسىر قىلارمىكىن دېگەن ئىدىم، نەدىكىنى. ئەكسىچە ئادىل كۈلۈپ كەتتى.

_ بەك ساددىكەنسىز جۇمۇ سىز. ئەرز قىلىمىز؟ قەيەرگە بېرىپ ئەرز قىلىسىلەر؟ ھازىر تاراتقۇلار مۇشۇنداق  چولپانلار خەۋەرلىرىگە بەكرەك قىزىقىدۇ. يېڭىدىن يېتىلىۋاتقان ياش چولپاننىڭ ئەخلاقسىز ۋىدىيوسى ئاشكارىلاندى دەپ بىر خەۋەر ئىشلەپ باقسۇنا قېنى.

ئادىلنىڭ نېمىگە بۇنچىۋالا كۆرەڭلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ئەگەر ئەرز قىلغىلى بولغان بولسا رازىيە شۇ ئىش يۈز بەرگەندىلا ئەرز قىلار بولغىيتتى. لېكىن ئەرز قىلىپلا قالسا شۇنىڭ بىلەن تەڭ رازىيەنىڭ ئىستىقبالىمۇ تۈگىشىدۇ. رازىيەنىڭ تونۇلغان چولپان بولغۇسى بار، دېمەك نام شەرەپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

_  ھە، شۇڭا ئەرز قىلىمىز دېگەننى ئويلىماي جىم تۇرساڭلارلا بولىدۇ_ دېدى ئادىل.   

رازىيە بەكلا قورقۇپ كەتكەن ئىدى، راستىمنى دېسەم مەنمۇ ساراسىمىگە چۈشتۈم. لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرمۇدۇم.

_ ئەڭ ياخشىسى ئويلاپ ئىش قىلىڭلار ھە، بىزگە تىگىپ قويۇپ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالارسىلەرمىكىن.

_ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالارسىلەرمىكىن دېدىڭىزما؟ ئاكىڭىز مۇشۇنداق ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق. يىقىلساڭ تۆگىدىن يىقىل دەپتىكەن، بۈگۈن بۇ چولپاننىڭ تەمىنى تېتىغىنىم تېتىغان.

مېنىڭ گېپىم ئۇلارنى قورقۇتۇش تۈگۈل تېخىمۇ مەدەت بولىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاستا رازىيەنىڭ بېشىدىن تۇتۇپ ئاغزىنى يېقىن ئاپىرىشىغا

«تاراق» قىلىپ تۈمۈر دەرۋازا ئېچىلدى.  دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان ئادەمنى كۆرۈپ ئۆچەي دەپ قالغان ئۈمىد شامىم قايتا يورۇغاندەك بولدۇم. ئۇ ئۈمىدنىڭ شوپۇرى ئالىم ئىدى.

_ كەيپىمنى ئۇچۇرۇپ.  كىمسەن؟_ ئادىل ئالىمغا قاراپ ۋارقىرىدى. ئالىم ماڭا بىر قاراپ قويۇپ كۈلگىنىچە كەلدى.

_ كەچۈرۈڭلار، سىرتتا قار بەك يېغىپ كەتتى، شۇڭا بۇ يەردە بىردەم تۇرىۋالاي دەپ كىرگەن. بۇ زاۋۇتتا ئادەتتە ئادەم بولمايتتى، شۇڭا بۈگۈنمۇ ھېچكىم يوقمىكىن دەپ كىرىپتىمەن تېخى.

_ ۋاي ۋاي ۋاي، يوقىلە ماڭ، نەدىن كەلدى بۇ تىجىمەل. بۇ دېگەن ھازىر مېنىڭ تۇرالغۇم، سەندەكلەرنى قارشى ئالمايمەن.

ئالىم ئازراقمۇ ئاچچىقلانماي بىر پارچە ياغاچ تاختاينىڭ ئۈستىدىلا ئولتۇرۇپ تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى.

_ قار يېغىۋاتىدۇ دەۋاتسام يوقال دەيسىزغۇ؟ نەگە يوقىلامەن ئەمدى.  

ئادىل ئىشتىنىنىڭ تاسمىسىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا ئالىمنى ئۇرىدىغاندەك ئەلپازدا ۋارقىرىدى.

_ تولا چىشىمغا تەگمە ھە.  

ئالىم ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي تاماكىسىنى چىكىپ ئولتۇرىۋەردى. لېكىن مەن ئالىمدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتاتتىم، چۈنكى ئادىلنىڭ ئادەملىرى كۆپ، ئالىم ئۆزى يالغۇز ئەمەسمۇ. ئالىمنىڭ پەرۋاسىز ھالىتى ئادىلنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولسا كېرەك، تاسمىسىنى شىلتىپ ئادەملىرىگە قاراپ:«ئۇنى ئۇرۇڭلار» دېدى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئورۇق، پاكار ئەر يەڭنى تۈرۈپ ئۇرۇشۇشقا تەييار بولغان ئىدى، قەيەردىن كەلدىكىن بىر تال تۈمۈر  كالتەك ئۇچۇپ كېلىپ ئۇنىڭغا تەگدى.  تۈمۈر كالتەكنىڭ قەيەردىن كەلگىنىنى مەنمۇ ئېنىق كۆرمىدىم، ئەمما ئورۇق پاكار ئەرگە خېلىلا چىڭ تەگكەن بولسا كېرەك، ئىنجىقلاپلا قالدى.  ئادىلنىڭ باشقا ئادەملىرى دەرھال بايىقى ئەرنى يۆلىدى، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالىم ئالدىمىزغا كېلىپ پۇت قولىمىزنى بوشىتىشقا باشلىدى.

ئالىم ئۈمىدنىڭ مەخسۇس شوپۇرى، لېكىن ئۈمىدنىڭ ئىشى چىقىپ قالغان، ياكى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىيەلمەيدىغان چېغىدا ئاندىن ماشىنىنى ئۇ ھەيدەيدۇ. ئۇ ئىنتايىن كىچىك پېئىل، كەمسۆز، ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمەيمەن ھەم دېققەت قىلىپ قاراپمۇ باقماپتىكەنمەن، بۈگۈن مۇشۇ پۇرسەتتە سەپسېلىپ قاراپ باقتىم. ئۇنى بويى ئېگىز، بەدىنى قاۋۇل، پەمىمچە يېشى 28 لەردە بارمىكىن دەيمەن.  

_ سەنمۇ يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلىشىدىغاندىن بىرىكەنسەندە.  بوپتۇ، سېنىڭمۇ دۈمبەڭ قىچىشىپ قېلىپ ئالدىمىزغا كەلگەن ئوخشايسەن.  ئۇرۇڭلار.






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k