大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 106 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 106 - قىسىم aybarawazi
2023-09-25
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 107 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105






















ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

106-قىسىم  


   _ مەن سىزنى دەپ يارىلانغان تۇرسام، سىز مېنى يوقلاپ كەلمىگىلى نەچچە كۈن بولدى؟

_ پۇتىڭىز ساقىيىپ كەتكەنتىغۇ؟ ھېلىقى كۈنى مەيداندا ئېيىقنىڭ كىيىمىنى كىيىۋالغان ئادەمنى مەن ئەمەس دېمەڭ ھە.  مەن تۇنۇپ قالدىم.

_ ئەسلى ساقىياي دەپ قالغان، شۇ كۈنى سىرتقا بىر چىقىپلا يەنە ئېغىرلاپ مدىرلىيالماي ياتتىم. ھازىر ئۆيدە يالغۇز ياتىمەن، يا تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئادەم يوق. كۈندە سىرتتىن تاماق چاقىرىپ يەپمۇ زېرىكىپ كەتتىم.  مېنى مۇشۇنداق كارىڭىز يوق تاشلىۋېتەمسىز؟

   مەن گەپ قىلمىدىم، ھەسەن كۈلدى.

_ ئەمىسە مەن سىزنى ئۆيدە ساقلايمەن، كەلگىچە تاماق ئەتكىدەك سەي-كۆكتات ئالغاچ كېلىڭ. كەلمەيدىغان بولسىڭىز ھېلىقىنى ئۈمىدكە يوللاپ بېرىمەن.

مەن ئاچچىقتىن تىنالماي قالدىم. ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. مەن قولۇمدىكى سۈرتكۈچنى ئۈستەلگە زەرب بىلەن ئېتىۋېتىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، سومكامنى ئېسىپ چىقتىم. مەن ئاۋۋال كۆكتات بازىرىغا بېرىپ ئازراق كۆكتات ئالدىم ۋە تاكسى بىلەن ھەسەن ماڭا دەپ بەرگەن جايغا قاراپ ماڭدىم. ماشىنىدىن چۈشكەندە ئاندىن ئېسىمگە كەلدى، تاغ قاپتىلىدىكى بۇ داچا ھەسەن ئالدىنقى قېتىم مېنى تۇتقۇن قىلىپ ئاپارغان جاي شۇ ئىدى. ئىشىك ئوچۇق ئىكەن، كىرسەم ھەسەن ئىككى پۇتىنى كرىسلونىڭ قول قويغۇچىغا ئېلىپ قويۇپ تېلېفونىغا قاراپ ياتقان ئىكەن،  مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ كۈلدى.

_ راستلا كەپسىز دە؟

    ماڭا ئۇنداق تەھدىت سېلىۋاتسا كەلمەسلىككە جۈرئەت قىلالايمەنمۇ؟ ئۇنىڭغا گەپ قىلماي چەكچىيىپ قاراپلا تۇردۇم. ئۇ مېنىڭ چىرايىمدىكى ئىپادىنى كۆرمىگەندەك يېنىنى كۆرسەتتى.

_ ھېرىپ كەتكەنسىز، كېلىڭە، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇڭە.

ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، لېكىن ئولتۇرمىدىم. ئۇ قولۇمدىكى كۆكتاتلارغا قاراپ كۈلدى.

_ سەۋزە، پىياز، تەرخەمەك، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر، مۇچ.   ھەممىسى مەن ئامراق كۆكتاتلاركەن.  ۋوي، قوۋرۇغا گۆشمۇ بار ئىكەن. ئوخشىتىپ بىر پولو ئېتىپ بېرەي دەپسىز دە. بەك ياخشى بولدى، مېنىڭ قايسى تاماققا ، قايسى سەي كۆكتاتلارغا ئامراقلىقىمنى قانداق بىلىۋالغانسىز دەيمەن_ بىزەڭلىك بىلەن ھىجايدى ئۇ.

_ پۇتىڭىز قانداقراق؟_ دېدىم مەن سوغۇقلا قىلىپ.

_ مانا مۇشۇنداق ياتىمەن. ماڭالمايمەن. مەيلى، ئىشقىلىپ ماڭالمىسام ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان سىز بارغۇ؟

راستلا شۇنداق ئېغىرمىدۇ؟ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەنە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تاماق زاكاز قىلغان قاچا قۇچىلار يېيىلىپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ سىرتنىڭ تامىقىنى يەۋاتىمەن دېگىنى راست ئىدى.

_ يېتىپ تۇرۇڭ، مەن تاماق ئېتىپ چىقاي.

_ ماقۇل، ئوخشىغان پولوغا ئىشتىھا ساقلاپ يېتىپ تۇراي ئەمىسە.

 يات ئاشخانىدا تاماق ئەتمەكمۇ ئاسان ئەمەس، قازاننى تاپسام چۈمۈچ يوق، چوكىنى تاپسام قوشۇق يوق، تاپالمىغاننى ھەسەندىن سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى پولونى دۈملەپ بولدۇم. پولو پىشقىچە ئىسسىق چاي دەملەپ قويۇپ، سوغۇق سەي قىلىشقا تۇتۇندۇم.  مەن ئۆزۈممۇ تەرخەمەك، پەمىدۇر، مۇچ، يۇمغاقسۈتتە قىلغان سوغۇق سەيگە ئامراق بولغاچقا شۇلارنىلا ئېلىپ كەلگەن ئىدىم.

پولونى تاۋاققا ئېلىپ چىقىپ تاماق ئۈستەلگە قويۇپ:

_ تاماق پىشتى، ئۈستەلگە كېلىڭ_ دېدىم.

_ تاماق ئۈستىلىگە بارالمايمەن، مۇشۇ يەرگە ئەكىلىپ يىگۈزۈپ قويۇڭ_ دېدى ئۇ.

_ يارىلانغىنى سىزنىڭ پۇتىڭىز، قولىڭىز ئەمەس، تاماقنى قولىڭىزدا يەپ كۆنگەن بولغىيتتىڭىز، پۇتىڭىزدا يەمتىڭىز يا؟ تاماقنى ئېتىڭ دېدىڭىز ئەتتىم، ئەمدى يىيىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىسىڭىز ئاچلىقتىن ئۆلۈڭ.

  ھەسەن مېنىڭ بۇنداق قوپاللىق قىلغىنىمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان بولغاچقا سەل ھەيران قالغاندەك بولدى.

_ ئاچچىقىڭىز خېلى يامانكەن ھە.

_ يەمسىز يىمەمسىز؟ يىمىسىڭىز ئەكىرىۋېتىمەن_ دېدىم مەن يەنە ئاچچىق بىلەن.

_ ۋاي يەي، مەن يەي. يىمىسەم راستلا ئاچلىقتىن ئۆلمەمدىمەن؟ سىزمۇ يەڭ ئەمىسە، ئىككىمىز بىللە يەيمىز.

ئۇ ئاستا تۇرۇپ، ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا يۆلەپ قويۇلغان ھاسسىنى ئېلىپ تايىنىپ ئۈستەلنىڭ يېنىغا كەلدى.

_ ۋاھ، ئەجەب مېزىلىك پۇراپ كەتتى. يىگۈم كېلىپ شۆلگەيلىرىم ئېقىپ كەتتى.

_ ئالدىڭىزدا تۇرۇپتۇ، يىسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۇ ئاستا كېلىپ ئولتۇرۇپ، ھاسىنى ئورۇندۇققا يۆلەپ قويۇپ قولىغا قوشۇقنى ئېلىپ پولودىن بىر قوشۇق ئېلىپ ئاغزىغا سالدى.

_ ۋاي مانا ئائىلىنىڭ تەمى دېگەن.  بۇنداق تەمنى ھەرقانداق كاتتا، ئالىي رېستۇرانلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆي ئەمدى ئۆيگە ئوخشىدى.

ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇنجى قېتىم ئۈمىدكە تاماق ئېتىپ بەرگەن ۋاقتىم ئېسىمگە كەلدى، شۇ چاغدا ئۇمۇ « بۇ ئۆي ئەمدى ئۆيگە ئوخشىدى» دېگەن.

_ يەڭە، نېمە خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز؟ تاماققا زەھەر سېلىپ قويمىغانسىز ھە؟_ دېدى ئۇ كۈلۈپ.

_ تامىقىڭىزنى يەڭە_ راستىمنى دېسەم ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق.

_ زەھەر سېلىپ قويغان بولسىڭىزمۇ مەيلى،  سىز سالغان زەھەرنى يەپ ئۆلسەممۇ بۇ مېنىڭ بەختىم دەپ بىلىمەن.

_ ئۇف! _ دېدىممەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ.

_  ھە، ماقۇل، ماقۇل، جىم ئولتۇرۇپ تامىقىمنى يەي ھە.

ئۇ تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يىدى. تاماقنى يەپ بولۇپ يەنە كرىسلوغا بېرىپ ئوڭدىسىغا ياتتى.

_ ھە راست، ئارقا ھويلىدا بىرى بار، ئۇنىڭغىمۇ تاماق ئەچىقىپ بېرىڭە.

ئۇنىڭ ھېلىقى دوستلىرىدىن بىرەرى ئارقا ھويلىدا بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، بىر قاچا تاماق ئۇسۇپ ئېلىپ چىقتىم. ئەمدى ئارقا ھويلىغا چىقىدىغان ئىشىكنى ئېچىشىمغا قاپقارا، يوغان ئىتتىن بىرسى كېلىپ«ھاۋ»دەپلا ئېتىلغان ئىدى، قورققىنىمدىن چىرقىراپ كەتتىم. قولۇمدىكى تاماق يەرگە تۆكۈلدى.  تاماقنى كۆرۈپ ئىت ماڭا ئېتىلماي يەردىكى تاماققا دۈم چۈشتى. مەنمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشىكنى يېپىپلا ئىچىگە كىرىۋالدىم. كىچىكىمدىنلا ئىتتىن بەك قورقاتتىم، شۇ تاپتا يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى.

_ قانداق دېگەن ئادەم سىز؟ ئارقا ھويلىدا بىرى بار دېگۈچە، ئارقا ھويلىدا ئىت بار دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟_ دېدىم مەن يىغلامسىراپ.

_ ۋاي، سىزگە ئېنىق دېمىدىمما؟ ئەسلى ئارقا ھويلىدا بىر ئىت بار، تاماق ئەچىقىپ بېرىڭ دېمەكچىتىم. ئالدىراپ كېتىپ تولۇق دېمەپتىمەن_ دېدى ئۇ يەنە بىزەڭلەرچە ھىجىيىپ.

_ بولدى، مەن كەتتىم_ دەپ ئۇچامدىكى پەرتۇقنى ئېلىۋېتىپ سومكامنى ئېسىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك يېنىمغا كەلدى.

_ خاپا بولۇپ قالدىڭىزما؟ ئىت سىزنى قورقۇتىۋەتكەن بولسا ئىتتىن ئۆچىڭىزنى ئېلىپ بېرەيمۇ؟

 مەن ئاۋۋال ئۇنىڭ پۇتىغا ئاندىن چىرايىغا قارىدىم.

_ پۇتىڭىز ساقىيىپتۇغۇ، ماڭالايدىكەنسىزغۇ؟ نىمىشقا مېنى ئالدايسىز؟

_ سىزنى كۆرگۈم كېلىپ بولمامدۇ؟ سىزنى كۆرگۈم كەلدى دېسەم ھەرگىز كەلمەيسىز، شۇڭا پۇتۇمنى ساقايمىدى دەپ يالغان ئېيتقانتىم.

_ ھەسەن، مەن دېگەن توي قىلغان، ئېرى بار ئايال، ماڭا بۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بولمايدۇ. شۇ كۈنى مېنى قۇتقۇزىمەن دەپ پۇتىڭىز يارىلانغانلىقى ئۈچۈنلا نىمە دېسىڭىز قىلىپ بېرىۋاتىمەن.  لېكىن سىزمۇ بۇنچىلىك ئاشۇرىۋەتمەڭ، مېنىڭ سەۋر تاقىتىمنىڭمۇ چېكى بار، بىلىپ قويۇڭ.

_ مەنلا ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭ توي قىلغان - قىلمىغان بولۇشى بىلەن كارىم يوق.  ياخشى كۆرمىسەم، پەرىزات بولسىمۇ كۆز قىرىمنى سالمايمەن.

بەلكىم باشقا ئايال كىشى ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغان بولسا يۈرىكى تىترەر بولغىيتى، لېكىن مەن ئۇنداق بولمىدىم، ئەكسىچە ئاچچىقىم كەلدى.

_ مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ مەن ئۇنداق كەلسە كەلمەس ئايال ئەمەس، بىلىۋېلىڭ_ شۇنداق دەپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

_ يولۋاس، بۇياققا چىقە.

بايا ئارقا ھويلىغا چىقىدىغان ئىشىكنى يېپىۋەتكەنتىم بولمىسا. ئۇنىڭ «يولۋاس بۇ ياققا چىقە» دىيىشى بىلەن تەڭ بايىقى قارا ئىت «ھاۋ» قىلىپلا ئېتىلىپ چىقتى. مەن قورققىنىمدىن كەينىمگە يېنىپ كرىسلودا ئولتۇرۇپ قالدىم.

_ بولدى، ئولتۇرە_ دېدى ئۇ ئىتقا قاراپ. ئىت ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن، راستلا غىڭشىغىنىچە ئولتۇردى. ئۇ كرىسلودا ئولتۇرۇپ ئىتنىڭ بېشىنى سىلىدى، ئىت كۆزىنى يۇمۇپ راھەتلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

_ يولۋاس، بايا خانىمنى قورقۇتىۋېتىپسەن، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورا دېدى ھەسەن ئىتقا بويرۇق قىلىپ.

 كۆڭلۈمدە «ساراڭمۇ نېمە؟ ئىت ئادەمدىن كەچۈرۈم سورىيالامتى؟» دەپ ئويلىدىم. ئىت تىلىنى ئۇزۇن چىقىرىپ، كۆز قارىچۇقىنى ئايلاندۇرۇپ ئۇ يەرگە، بۇ يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى.

_ ئاڭلىمىدىڭما؟ مەن سېنى كەچۈرۈم سورا دەۋاتىمەن_ سەل ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنداق دېدى ھەسەن.

ئىت ئۇنىڭ گېپىنى چۈشەنگەندەك بېشىنى پەس قىلىپ يەردە دۈم بولۇپ يېتىپ غىڭشىدى.

_ ئۇ سىزگە مېنى كەچۈرۈڭ دەۋاتىدۇ، چۈشىنەلىدىڭىزمۇ؟    

ئىتقا قارىدىم، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا يېنىمغا كەلدى،  ئەمدى بايىقىدەك قورقۇپ كەتمىدىم، لېكىن ئۇنىڭغا تەگمىدىم.

_ مەن يا ئۇنىڭ بىلەن بىر تائىپىدىن بولمىسام، سىز چۈشەنگەن بىلەن مەن چۈشەنمەيمەن ئۇنىڭ تىلىنى _ ھەسەن گېپىمنىڭ تېگىدە گەپ بارلىقىنى بىلىپ قالدى ۋە كۈلۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.

_ بولدى، ئەمدى مەن كىتەي.

_ قانداق كېتىسىز؟ توختاڭ، مەن كىيمىمنى ئالماشتۇپ چۈشۈپ سىزنى ئاپىرىپ قوياي_ ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ كەينىگە قارىدى_ ئەگەر مەن ئۈستىگە چىقىپ كەتكەندە كېتىدىغان بولسىڭىز، ھېلىقىنى شۇ ھامان ئۈمىدكە يوللاپ بېرىمەن.

يەنە شۇ گەپ. ئۇ كۆرەڭلىگىنىچە ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. مەن ئامالسىز يەنە كرىسلودا ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ ھېلىقى ۋىدىيونى ئۈمىدكە يوللاپ بېرىشىدىن راستلا بەك ئەنسىرەيمەن. شۇڭا ئۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالىم يوق. بەش مىنۇت، ئون مىنۇت، ئون بەش مىنۇتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ھېلىدىن ھېلىغا سائىتىمگە قارايمەن.  بىر ئەر كىشىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇشىغا شۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ؟ ئۇ يا گىرىم قىلمىسا.  ساقلاۋېرىپ ئىچىم پۇشۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم. ئۈستۈنكى قەۋەتتە بىر نەچچە ھۇجرا بار ئىدى، ئۇلاردىن بىر ھۇجرىنىڭ ئالدىغا بىر جۈپ ساپما كەش قويۇپ قويۇلغان ئىكەن،  قارىسام بايا ھەسەن كىيىۋالغان ساپما كەش شۇ ئىدى. ئۇنى شۇ ھۇجرىدا ئىكەندە دەپ ئويلىدىم.  ھۇجرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى يىنىك چەكتىم.

_ كىيمىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بولدىڭىزمۇ_ ئۆي ئىچىدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى. ئىشىكنى دەسلەپتە بوشراق، كېيىن چىڭ چىڭ ئۇرۇپ كەتتىم، ھېچقانداق سادا يوق.  تۇيۇقسىز كاللامغا بەزىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشلىرى كېلىپ قالدى. بىر نەچچە مىنۇت ئويلىنىپ تۇرۇپ ئاخىرى ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇپ پەسكە باستىم. ئىشىك ئېچىلدى. دېرىزە پەردىسى چۈشۈرىۋېتىلگەن،  دېرىزىدىن چۈشكەن ئاجىز يورۇقلۇق بىلەن ئۆي ئىچى غۇۋا يورۇپ تۇراتتى.

_ سىز ساقمۇ يا؟_ ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى. تۇيۇقسىز مۇنچىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئاپئاق ئۇخلاش كىيىمىنى كىيىپ بىرى چىقتى. قورققىنىمدىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم.

_ ساقلاۋېرىپ تاقىتىڭىز تاق بوپتۇ دە _ ھەسەننىڭ ئاۋازى. ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلماي ئۇدۇل بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. يۈگۈرگەن پىتى بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ كرىسلودا ئولتۇرىۋالدىم. تەخمىنەن ئون مىنۇتلار ئۆتكەندە ئاندىن ئۇ چۈشتى، كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چۈشكەن ئىدى.

_ بەدىنىمنى كۆرگۈڭىز بولسا ئوچۇقلا دېسىڭىز كۆرسىتىپ قويمامتىم دەيمەن، ئالايىتەن چىقىپ ماراپ يۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

_ ئىشىڭىزنى قىلىڭە، كىم سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى كۆرىمەن دەپتۇ. ئۇزۇنغىچە چۈشمىگەنتىڭىز، ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ چىقىپ باقتىم، چاقىرسام نىمشقا جاۋاب قايتۇرمايسىز؟_ دېدىم مەن.

_ مەندىن ئەنسىرەپسىز دە؟_ يەنە سەت ھىجايدى ئۇ.

_ سىزدىن نىمىشقا ئەنسىرىگۈدەكمەن؟ مەن سىزدىن ئەمەس، ئۆزۈمدىن ئەنسىرىدىم، ئەگەر راستلا ئۆلۈپ قالسىڭىز، ھازىر بۇ يەردە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق، بىرىنچى گۇماندار مەن بولۇپ قالىمەن دە.

_ ھە، مۇنداق دەڭە_ دېدى ئۇ.

_ مېنى ساقلىتىپ قويۇپ يۇيۇنۇپ يۈرۈپسىزغۇ، ساراڭمۇ سىز؟

_ كىيمىمنى ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ كۆنۈپ قاپتىمەن. پاكىز كىيىمنى پاكىز بەدەنگە كىيەي دەپ.

ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي سىرتقا قاراپ ماڭدىم. چىقىپ كېتىۋېتىپ تامغا ئېسىقلىق تۇرغان بىر سۈرەتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇ بىر ئەر كىشىنىڭ رامكىغا ئېلىپ قويۇلغان سۈرىتى ئىدى. سۈرەتتىكى كىشى ماڭا ئىنتايىن تۇنۇش كۆرۈندى، لېكىن قەيەردە كۆرگىنىمنى ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئۇنىڭدىن سوراشنىمۇ مۇۋاپىق كۆرمەي ئىشىكنى ئېچىپلا سىرتقا چىقتىم. ھەسەن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك بېرىپ ماشىنىنىڭ يان ئىشىكىنى ئېچىپ «مەرھەمەت» دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا ئۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ قويدى. ئاندىن ئايلىنىپ ماشىنىغا چىقىپ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ ماشىنىنى قوزغاتتى.

   ئالدىنقى قېتىم ھەسەن مېنى داچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويغاندا ئۈمىد كۆرۈپ قېلىپ بەك خاپا بولۇپ كەتكەن، بۈگۈن يەنە شۇنداق بولارمۇ؟  لېكىن ئۇنى دەپ ھەسەننىڭ ئاپىرىپ قويۇشىغا ماقۇل بولمىسام، بىرىنچىدىن بۇ يەردىن ماشىنا توسۇپ كېتىشمۇ سەل قولايسىز، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ يەنە «ھېىقىنى ئۈمىدكە يوللاپ بېرىمەن» دىيىشىدىن قورقتۇم.  شۇنداق ئويلىنىپ تۇرسام نىگارەدىن تېلېفون كەلدى. مەن خۇددى قۇتقۇزغۇچۇمنى كۆرگەندەك خۇشاللىق بىلەن تېلېفوننى ئالدىم.

_ ۋەي ، نىگار.  ھە، ۋاقتىم بار، مەن بىكار. قەيەردە كۆرۈشىمىز؟ دوستلۇق يولى ئېغىزىدىما؟ ماقۇل، شۇ يەردە تۇرۇپ تۇراي ئەمىسە.

   تېلېفوننى قويۇپ ھەسەنگە قارىدىم.

_ دوستۇم كىيىم ئالماقچىكەنتۇق، مېنى بىللە ئېلىشىپ بەرسەڭ دەيدۇ، مېنى ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىدا چۈشۈرۈپ قويۇڭە.

ئالدى تەرەپتىكى يول ئېغىزىغا بارغاندا ماشىنىدىن چۈشەي دەپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى بوشىتىشىمغا ئۇ مېنى تۇتىۋالدى.

_ دوستىڭىز كەلگەندە ئاندىن چۈشۈڭ. ئۇنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ كېلەلمەي قالسا قانداق قىلىسىز؟ بۇ يەردە ماشىنا توسماقمۇ تەس.  

ئەمەلىيەتتە ئۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشىدىغىنىمغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. بىز خېلى ئولتۇرغاندىن كېيىن بىرى كېلىپ ماشىنىنى توختاتتى، قارىسام نىگارەنىڭ ماشىنىسى ئىكەن.

_ دوستۇم كەلدى، مەن چۈشۈپ كەتتىم ئەمىسە.

ماشىنىدىن چۈشۈپلا نىگارەنىڭ ماشىنىسىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.

_ نازى، نىمە ئىش بولدى؟ مەن يا سەن بىلەن كۆرۈشىمەن دېمىسەم، بايا تېلېفوندا ئۆزۈڭچىلا سۆزلەپ كەتتىڭ، سېنى بىرەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراپ كېلىشىم. ئۇ كىمنىڭ ماشىنىسى؟

مەن قانداقلا گېپىم بولسا نىگارەگە يوشۇرماي دەۋېرىمەن، شۇڭا ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.

_ يۈرىكىڭ قاپتەك باركەن، نىگار. بۇرۇن سېنى تۇتقۇن قىلغان ئادەم بىلەن يەنە ئالاقە قىلىپ، ماشىنىسىغا چىقىپ يۈردۈڭما؟

_ ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ پۇتى مېنى دەپ يارىلانغان ئەمەسمۇ، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا قەرزداردەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.  

_ ئالدىنقى قېتىم دوختۇرخانىدا ئۈمىدكە يالغان ئېيتىشىڭمۇ شۇنىڭ سەۋەبىدىنمىتى؟

_ ھەئە.   ھە راست، بايا ماڭا نىمە ئىش بىلەن تېلېفون قىلغانتىڭ؟ چېنىپ قالمىسۇن دەپ سەندىن سورىمايلا ئۆزۈمنىڭ گېپىنى قىلىپ كەتتىم.

_ شۆھرەتنىڭمۇ خېلى ئىشلىرى بار ئوخشايدۇ، ئاداش.






,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k