
بۇ ئەسەرنىڭ 176-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175-قىسىم
نازىيە ئۇنچىۋالا باغرى تاش ئەمەس، ئۇمۇ مېنى سېغىنىدۇ. مەست بولۇپ قالدىممىكىن، بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ تېلېفوندا ئۇنىڭغا بەك جىق گەپلەرنى دېدىم. تېلېفوننى قويۇۋەتكەندە كۆز يېشىمنىڭ كۆينىكىمنىڭ ياقىسىنى ھۆل قىلىۋەتكىنىنى بايقىدىم.
تۇرسۇنئاينىڭ نازىيەگە شوپۇر بولۇشىنى مەن ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇنىڭ قورسىقىنىڭ كۈندىن كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولالمىدىم. ئەمما بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقالمايتتىم. تۇرسۇنئاي ئايال كىشى، ماھارەت بىلىدۇ، ئەڭ مۇھىمى نازىيە ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان. تۇرسۇنئاي تەيچۇەنداۋ ئۆگەنگەن دېسىلا نازىيەنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم ھەم ئۇنىڭ چېچىنى ئالايىتەن نىگارەنىڭكىگە ئوخشىتىپ قىسقا قىلىپ ياساتقۇزدۇم. تۇرسۇنئايغا ھەر كۈنى نازىيەگە بىر ئىستاكان سۈت ئىچكۈزۈشنى، كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا رادىئاتسىيەنى توسىدىغان گۈل قويۇپ قويۇشنى تاپىلىدىم. مەن ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى، لېكىن ئۇنىڭ غەيرىتىدىن مەمنۇن بولاتتىم. ئۇ ھەقىقەتەن بەك ئۆزگىرىپتۇ.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز كۆڭلۈم تارتىپ قارىمايغا، نازىيەنىڭ يېنىغا بارغۇم كېلىپ كەتتى. ئۇنى ئوچۇق ئاشكارا كۆرەلمەيدىغىنىم راست، ئەمما يىراقتىن كۆرىۋالساممۇ ھېساب تە. چۈشتىن كېيىن بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم. قارىمايغا بېرىپ بولغاندا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. شۇ ئەسنادا تۇرسۇنئاي ماڭا تېلېفون قىلدى، لېكىن گەپ قىلمىدى، تېلېفوندا ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئۇرۇشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ خەتەرگە يۇلۇققىنىنى پەملەپ ساقچىغا مەلۇم قىلدىم. ئۇلارنى تاپقان چېغىمدا نازىيە ھۇشىدىن كەتكەن ئىكەن. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن دوختۇر مەندىن ئانىسىنى ساقلاپ قالامسىز بالىنىمۇ دەپ سورىدى. ماڭا بالا بولمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ. سىستېرا نازىيەنىڭ قۇرسىقىدىكىسى قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى، يەنە ئويلىنىپ بېقىشىمنى ئېيتتى. مەن بۇ جەھەتتە قىلچە ئىككىلەنمەيتتىم. ئاخىرى نازىيەمۇ بالىلارمۇ ساق قالدى. ئۇ ۆزىنى ئاچقن شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا مېنى كەچۈرمەپتۇ. مەيلى ئۇ ماڭا قانچىلىك سوغۇق مۇئامىلە قىلسۇن، ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىشىنىڭ ئۆزى ماڭا نىسبەتەن ئالەمچە خۇشاللىق. قانداقلا سەۋەبتىن بولسۇن، بىر ئايال كىشىنى ئىككى قات ھالەتتە جاپاغا تاشلاپ قويۇشنىڭ ئۆزى بىر ئەر كىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خاتالىق.
دوختۇرخانىدا ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈن قاراش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىمكى ئۇ ئۆزگىرىپتۇ، توغرىسىنى ئېيتقاندا ھەقىقىي پىشىپ يېتىلىپتۇ. شۇڭا ئۇنى ھامىلدار ۋاقتىدا يالغۇز تاشلاپ قويغىنىم ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا بېرىلگەن چېنىقىش پۇرسىتى ئىكەن دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلگىنىدىن بىر تەرەپتىن خۇش بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنسىرەپمۇ قالدىم، ئەمدى ئۇ ماڭا موھتاج بولماي قالارمۇ؟ بۇنىڭ ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
_ ياق، مەن چوقۇم باشقىلارغا تايانماي ياشىيالايدىغان بولۇشۇم كېرەك!_ دېدى ئۇ.
_ ئەمىسە كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ قالسام كېلىپ سىزگە تايانسام بولامدۇ؟_ بۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گېپىم. شۇ چاغدا مەن راست گەپ قىلغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئالدىدا غورۇرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلغان ئىدىم.
دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا تىرىشتىم، قىلىپ بېرەلىگۈدەك ئىشىمنىڭ ھەممىنى قىلدىم. ئارىمىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر بارغانچە ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئىشلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقانلىقى ماڭا بولغان مۇئامىلىسىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەن ئۇنى چوقۇم مېنى توغرا چۈشىنىشكە مەجبۇرلىيالمايمەن، ئەمدى ساقايغان دىل يارىمىزنىڭ يەنە قوزغىلىشىدىن قورقىمەن. ئۇنىڭ كۆڭلىدە چوڭ بىر تۈگۈننىڭ بارلىقى ماڭا ئايان، ئارىمىزدىكى زىددىيەت مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى ئەمەس.
شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ھەممىنى تاشلاپ ئۇنىڭ يېنىدا ئۈچ ئاي تۇردۇم، ماڭىدىغان كۈنۈم كەچلىكى بىللە تاماق يىدۇق، شۇ كۈنى بىلدىمكى ئۇ ھېلىمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەن، چىن قەلبىىدىن سۆيىدىكەن، ئۇنى قىيناپ كېلىۋاتقان تۈگۈن دەل رازىيە تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن ھېلىقى ئۈن خاتىرىسى ئىكەن. ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا مەن ئۇنىڭ تېلېفونىدىن ھېلىقى ئۆزگەرتىلگەن ئۈن خاتىرىسىنى تېپىپ ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويدۇم. تاڭ يورۇماستا ئۇنىڭ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قىيمىساممۇ ئامالسىز ئايرىلدىم. كېيىن ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلىپ سۇئالىنىڭ جاۋابىنىڭ كومپيۇتېردا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم. گەرچە ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىساممۇ، ئەمما كۆڭلىدىكى تۈگۈننىڭ ئۇنى داۋاملىق ئازابلاۋېرىشىنى خالىمايمەن.
شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۈچ ئاي تاشلىۋېتىپ ئىشلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىپتۇ. ئالدىراش ئىشەۋېتىپمۇ يەنە ئۇنى سېغىنىشقا باشلىدىم، ھەر قېتىم تېلېفون قىلسام قويغۇم كەلمەيلا قالاتتى. ئۇ ھەركۈنى بالىلارنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ بېرەتتى، بالىلار كۈندىن كۈنگە چوڭ بولىۋاتاتتى. يېڭى يىل كېلىپ قالدى، ئەسلى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە يېڭى يىل ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان ئىدىم، ئەمما تۇيۇقسىز مۇھىم ۋەزىپە چىقىپ قالدى. يېڭى يىل كىرىدىغان كۈنى كەچتە بىر رېستۇراندا زەھەر سودىسى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇ كۈنلەردە بىز تايراننىڭ دېرىكىنى قىلغان ئىدۇق. تايران قېچىپ يۈرگىلى ئون يىل بولدى، ئەمما ئۇنىڭ تايىر تۇتۇلغان چاغدا قايرىلىپ ماڭا قارىغاندىكى ھالىتى ھازىرقىدەك يادىمدا. مېنىڭچە ئۇ بۇ قېتىم مەندىن ئۆچ ئالغىلى كەلدى. شىركەتتە ئالىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھەممە ئىشنى پىلانلىۋالدۇق. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن نازىيەگە تېلېفون قىلدىم.
_ مەلىكەم ، سىزنى سېغىندىم.! _ بەلكىم بۇ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم تېلېفون قىلىشىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى، بالىلارنى كۆرىۋالغۇم كەلدى، لېكىن ئۇ بالىلار ئۇخلاپ قالدى دېدى.
شۇ كۈنى رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا تايراننى تۇتۇش توغرىلىق مۇكەممەل پىلان تۈزىۋالغان ئىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن نازىيە پەيدا بولۇپ قالدى. «ئاپلا» دەپ قالدىم، ئۇ بولسا پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايتتى. تايران ھەقىقەتەن مېنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ كىرگەن ئىكەن، ئەمما نازىيە ماڭا كېلىۋاتقان پىچاقنى توسۇپ قالدى. مەن ئۇنى يۆلىدىم، تايران يەنە قېچىپ كەتتى. ئۇ ھۇشىغا كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئويلىغىنىم: ئاجىز بىر ئايال كىشىنى ماڭا كېلىۋاتقان پىچاقتىن توسۇۋالالىغىدەك غەيرەتكە ئىگە قىلىدىغان قانداق كۈچتۇ ئۇ؟
بۇ قېتىم ئۆتكۈرنىڭ ماڭا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.
_ سەن ئۇنى ئىزدىمەيمەن دېگەن.
_ ئۇ نىمىشقا كەلگەندۇ؟ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ئورنىدا ياتقىنى مەن بولساممۇ رازىتىم_ مەن توختىماي ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەيتتىم. نازىيە ئاخىرى ھۇشىغا كەلدى. ھەسەن بالىلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ماڭا كايىپ كەتتى، ئەلۋەتتە ئۇلا ئەمەس، ئۆزۈممۇ ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيتتىم.
نازىيە مەندىن تايراننىڭ ئىشىنى سورىدى، ئۇنىڭغا بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن خېلىغىچە تايراننىڭ ئىز دېرىكى بولمىغاچقا ئۇنى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلىدۇق. نازىيە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلدى. مەن ھېچقانداق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىمىزغا دەخلى قىلىشىنى خالىمايتتىم، رازىيە يېنىمغا دەرت ئېيتىپ كەلسىمۇ كارىم بولمىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپنى ئېنىق دەپ قويغان، ئەمدى قالغان يولنى ئۆزى ماڭسۇن. كېيىن ئۇ بىر باي سودىگەر بىلەن توي قىلىپتۇ، بوپتۇ، بۇمۇ ئۆزىنىڭ تاللىشى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.
ئەگەر شۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بولمىغان بولسا سىر مەڭگۈ سىر پېتى قېپ قالغان بولاتتى. نازىيە تەساددىپىي تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالمىغان بولسا، تۇرسۇن مۇئەللىممۇ بۇ سىرنى ھەرگىز ئۇنىڭغا ئاشكارىلاپ يۈرمەيتتى. ئۇ مەن بىلەن توي قىلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكىنى، مەن بىلەن تۇنۇشقىغىنىمۇ پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاغرىپ يىقىلدى، يىمەي ئىچمەي يېتىپ كەتتى. ئۆتكۈر مەندىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغان ئىدى، مەن تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاتىرىسىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم. مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆتكۈر ئىنتايىن ئەقىللىق، ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى پەملىيەلەيدىغان ئادەم، مەن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن نازىيەگە مەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلدىم. ئۇ ئىشتا دادامنىڭ خاتا قىلغانلىقنى تەن ئالىمەن. ئەسلى دادام بۇرۇنلا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا ئۇچرىشى كېرەك ئىدى، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ مېنىڭ دادام، يەنە كېلىپ چوڭ دادامنى بەكرەك ئويلىدىم، دادامنىڭ ئۇ ئىشىنى بىلسە چوڭ دادام قانچىلىك ئازابلىنىپ كېتەر؟ شۇڭا ئۇ مەخپىيەتلىكنى ئەينى ۋاقىتتا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا كۈمۈۋېتىش يولىنى تاللىغان ئىدىم. ئەمما «قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىن بىلىنەر» دېگەندەك بۇ سىر ئاخىرى باشقا بىر يول ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ قالدى.
بىر كۈنى نازىيە تۇيۇقسىز ئۈستۈنكى قەۋەتتىن چۈشتى، بالىلارنى بەزلىدى، ئۇ ئۆزىنى خېلىلا تۇتىۋالغاندەك قىلاتتى. ... چوڭ دادام شۇنچىلىك خاتىرجەم كۆز يۇمدى، ئەمدى مېنىڭمۇ ئىشلاردىن خۇلاسە چىقىرىدىغان ۋاقتىم كەلدى. نازىيەنى ئېلىپ بېرىپ دادام ئەڭ ئامراق تاماقلارنى ئەتتىم، دادامغا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم، ئاخىرى ساقلاپ كېلىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن يىل بولغان پاكىت بىلەن دادامنى، ئايگۈل ھەدەمنى ساقچىلارغا تۇتۇپ بەردىم. دادامنىڭ قولىغا كويزا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغاندا ئازابلاندىم، قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ مېنىڭ دادام. ئۇنىڭغا يەنىلا يۈرىكىم تارتىشتى. ئەمما ئۇ خاتالىق ئۆتكۈزدى، كەچۈرگۈسىز خاتالىق ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك. شۇنىڭدىن باشلاپ دادام ئىككىمىزنىڭ ئارىمىزنى رەھىمسىز تۈمۈر رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدىغان بولدى. نازىيە مېنىڭ ئازابلىغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن بەكرەك بىئارام بولدى، ئۇنىڭ مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتتىم.
ئۇ مېنىڭ گىتارنى قايتا قولۇمغا ئالغىنىمنى كۆرگەندە ئاندىن ئۆزىنى يىنىك ھېس قىلدىمىكىن دەيمەن. مەن ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە ئۈچۈن گىتارنى تاشلىغان، ئەمدىلىكتە ئالدىمدىكى نازىيە ئۈچۈن قايتا قولۇمغا ئالدىم، چۈنكى مەن ئۇنى سۆيىمەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن. يەنە كېلىپ ھازىر مېنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنىمەم يوق. ئۇنىڭ مېنى كەچۈرگەنلىكىدىن خۇش بولدۇم، ئۇنىڭغا داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دەپ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغىنىدىمدىن ئۆكۈندۈم.
شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن توي تەكلىپى قويۇش ئۈچۈن ئۈزۈك تەييارلىدىم. ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغان كۈنۈم چۈشتىن كېيىنلىكى ماڭا بىر ناتۇنۇش نۇمۇردىن ئۇچۇر كەلدى، ئۇچۇر قىلغان ئادەم تايران ئىدى. ئۇ تېخى ئۆلمەپتۇ. نازىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزمەسلىكنى قارار قىلدىم. توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەسلىكلا ئەمەس، ئۇنى يېنىمدىن كەتكۈزىۋېتىشنى قارار قىلدىم. ئىشخانىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇردۇم، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى يېنىمدا ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسام ئەمدىلىكتە ئۇنى يېنىمدىن كەتكۈزىۋېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتىم. شىركەتتىن چىقىپلا ھەسەنگە تېلېفون قىلدىم.
_ ئۇنىڭ ماڭا كېرىكى قالمىدى، ساڭا بەردىم، ئۇنى ئېلىپ كەت.
_ ھۇ خۇمپەر، يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرەي دەمسەن؟
_ تايران تېخى ئۆلمەپتۇ. ئۇنى مەن بىلەن تەڭ جاپا تارتمىسۇن دېسەڭ ئۇنى ئېلىپ كەت.
دىيىشىپ قويغان رېستۇرانغا باردىم، نازىيە مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭغا رەھىمسىزلىك بىلەن بەك كۆپ گەپلەرنى قىلدىم، ئۇ ئاخىرى ئاچچىقىدا ئورنىدىن تۇرۇپلا كەتتى. ئەتىسى نازىيەنى ئېلىپ خەلق ئىشلار ئىدارىسىغا ماڭدىم، ئۆز تەم ناشتىلىقخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ماشىنىنى توختىتىپ ئۇنىڭغا بىر نەچچە تال كاۋا مانتىسى ئەچىقىپ بەردىم. ئۇ يولبويى مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، مەن بىلەن ئاجراشقۇسى يوقلۇقىنى ئېيتىپ ماڭا يالۋۇردى. ئەمما مەن نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىۋاتقىنىمنى ئۇنىڭغا دېسەم بولمايتتى. ئۇ مېنى تاشيۈرەك، ئۈژمە كۆڭۈل دەپ قالسىمۇ مەيلى. ئاجراشتۇق، ئۇ ئىككى بالىدىن باشقا ھېچنىمە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا ئەچىقىپ بەرگەن كاۋا مانتىسىنىمۇ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى. خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىن چىقىشىمىزغا ھەسەن كەلدى، مەن ئۇنىڭ ھەسەننىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ ماڭغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇردۇم. يۈرىكىم ئېچىشتى، ئەمما بۇ قېتىم تايران تۇتۇلسا نازىيە بىلەن بالىلىرىمنى قوغداپ قالالىسام قانچە ئازابلانساممۇ ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئۇ تېزلا باشقا ئۆي ئېلىپ كۈچۈپ كەتتى. ئۇ كېلىپ ئىللىپ قالغان ئۆي يەنە مۇزدىن سوغۇق بولۇپ كەتتى. دۈشمەننىڭ دېققىتىنى بۇراش ئۈچۈن كۈندۈزى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرسەم كەچلىكى بالىلىرىمىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىپ چىقاتتىم. نازىيە ئاللىبۇرۇن ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى، بەدىنىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازابلاندىم، بەك ئازابلاندىم، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازابلاندىم. لېكىن قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلمىدىم. كەينىدىنلا ئەنۋەرمۇ بۇ شەھەرگە كەلدى. ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئەينى يىلى تايىر تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ كەينىدە بىرسى بارلىقىنى بىلەتتىم، مەن تېخى ئۇنىڭ كەينىدىكى ئادەمنى ئىزچىل مەنۋەر دەپ ئويلاپ كەپتىكەنمەن، لېكىن ھەقىقىي پەردە ئارقىسىدىكى ئادەم ئەنۋەر ئىكەن. بۇ قېتىم تايران بىلەن ئەنۋەر بىرلىشىپ مېنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقىنى ماڭا ئايان. ھەسەن نازىيەنى ئېلىپ كەتتى، ئەمدى ئەنسىرەيدىغان ئىشىممۇ قالمىدى. مەن تاللىغان يول ئەسلىمۇ بەك خەتەرلىك يول، خەۋپ خەتەرنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان يول.
مەن ئۆلۈمدىن قورقمايمەن. ماڭا ئوق تېگىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشۈۋاتقان شۇ دەقىقىدە كاللامدا نازىيەنىڭ چىرايى، ئىككى بالامنىڭ پىلدىڭلاپ ئالدىمغا كېلىپ، چۈچۈك تىللىرى بىلەن «دادددددا، دادددا» دېيىشلىرىلا بار. ئالىم ۋە باشقىلار مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. جىددىي قۇتقۇزۇلدۇم، ئەمدى كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەلەيدىغىنىمغا كۆزۈم يەتمىدى. ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭغا ئاتاپ ئالغان، قۇيۇن يانچۇقۇمغا سېلىقلىق ئۈزۈكنى، يەنە داچىنىڭ ئاچقۇچىنى بىر ساقچىغا بېرىپ نازىيەگە بېرىپ قويۇشنى تاپىلىدىم. ھۇشۇمنى ئاران بىلگەن چېغىمدا تېلېفونۇمنى ئىزدىدىم، يېنىمدا ئالىم بار ئىكەن، ئۇ مېنىڭ نىمە ئويلىغىنىمنى چۈشەندى بولغاي، تېلېفونۇمنى ئېلىپلا نازىيەنىڭ نۇمۇرىنى بېسىپ بەردى. ئۇنىڭغا «سىزنى سۆيىمەن» دېگەندىن باشقا گەپ قىلالمىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن نىمە بولدۇم، مەن ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈپ كەتتىممۇ بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ نۇرغۇن چۈشلەرنى كۆردۈم، چۈشۈمنىڭ ھەممىسىدە ئۇ بار. ئالدىمغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، بىر چاغدا ئۇنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم، ئالدىمغا مېڭىشتىن توختىدىم، ياق،مەن قايتىپ كېتىشىم كېرەك، ئۇ ماڭا موھتاج، بالىلار ماڭا موھتاج. تۇيۇقسىز كۆزۈمنى ئاچتىم.
......
سەنيا ساياھىتى ئادەتتىكى مۇنداقلا ساياھەت ئەمەس، ئەمما بۇنى نازىيە بىلمەيتتى. سەنياغا چۈشكەن كۈنىمىز بىز ئالدىن زاكاس قىلىپ قويغان مېھمانخانىنىڭ ياتىقىغا كىردۇق، نازىيە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپلا ھاڭ تاڭ قالدى. ياتاقنىڭ ئىشىكىدىن تارتىپ كارىۋاتقا بارغىچە ئەتىرگۈل بەرگىلىرى چېچىلغان، كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە ئەتىرگۈل بەرگىلىرى يۈرەك شەكلىنى چىقىرىپ تىزىلغان، يۈرەكنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەن ئۇنىڭغا ئاتاپ تەييارلىغان، ئەمما سېلىپ قويۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ھېلىقى ئۈزۈك قويۇلغان. ياتاققا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز ياڭراتقۇدىن ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان «شامال » دېگەن ناخشا قويۇلىۋاتقان. ئۇ ھەيران قالدى ھەم ھاياجانلاندى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم.
_ مەلىكەم، ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالامسىز؟
دوستلىرىمىزمۇ بىز بىلەن بىللە كەلگەن ئىدى، نازىيە ئالدىن تەييارلاپ قويغان توي كۆڭلەكنى كىيىپ ئەڭ گۈزەل كېلىنچەك ھالىتىدە ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، مەنمۇ ھاياتىمنىڭ يېڭى بېتى سۈپىتىدە ئۆزۈم يۈرىكىمدىن سۆيگەن ئادىمىم ۋە يۈرەك پارىلىرىم نەزەر بىلەن نەزىرەنىڭ ھەمراھلىقىدا يېڭىچە ھاياتىمنى باشلىدىم.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















