
بۇ ئەسەرنىڭ 114 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
|||
113-قىسىم
ساقچىلار يۈگۈرۈپ كېلىپ ئەزىمەتنى ئىككى مۈرىسىدىن بېسىپ قولىنى كەينىگە قايرىدى. ئادەتتە بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كىنولاردىلا كۆرەتتىم، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە بۇنچىلىك ئۈمىدسىزلىنىپ باققان ئەمەسمەن، ئەمما شۇ تاپتا ئايقىزنىڭ كۆۋرۈكتىن ئېتىلىپ ياي شەكلىدە چۈشۈۋاتقىنىغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھېچ ئىش قولۇمدىن كەلمەيتتى.
_ بالام!_ مېھراي بىر چىرقىراپلا ھۇشىدىن كەتتى. بەك قورقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ئۈمىدكە يۆلىنىپلا قالدىم. بىر چاغدا پەستىكىلەرنىڭ «ئۇف ھەر نىمە بولسا بالا قۇتۇلۇپ قالدى، بالا يەرگە چۈشكەن بولسا نېمە بولۇپ كېتەتتى ھە، بەك تەلىيى باركەن بۇ بالىنىڭ، بۇ يىگىتمۇ بەك چاققانلىق قىلدى» دېيىشكەنلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، ئېسىمنى يىغىپ قارىسام ئايقىز بىرەيلەننىڭ قولىدا تۇرۇپتۇ. پۇتۇمنىڭ بايا قايرىلىپ كەتكىنىنىمۇ ئۇنتۇپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چۈشۈپ مېھراينىڭ بېشىنى قۇچىقىمغا ئالدىم.
_ مېھراي، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ، ئايقىزغا ھېچ ئىش بولمىدى. ئاڭلاپ بېقىڭە، ئايقىز سىزنى ئىزدەپ يىغلاۋاتىدۇ_ كۆزۈمدىن ياشلار ئىختىيارسىز ئېقىپ كېتىۋاتاتتى. مېھراي كۆزىنى ئاستا ئېچىپ ماڭا قارىدى. ئاغزىدا يەنە «ئايقىز، ئايقىز» دېگەچ ئورنىدىن ئاران تەسلىكتە تۇرۇپ دەلدەڭشىگەن پىتى ئالدىغا ماڭدى. كۆۋرۈكنىڭ پەس تەرىپىدە ساقچىلار قاتناشقا چەك قويۇپ يولنى توسۇپ قويغان ئىدى.
ئايقىزنى تۇتىۋالغان ئادەمنىڭ ئەتراپىغا ئادەملەر ئولىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماقچى بولۇپ پۇتۇمنى يۆتكىسەم يۆتكىيەلمىدىم، ئەمدىلىكتە پۇتۇمنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىۋاتقىنىنى ھېس قىلدىم. ئۈمىد دەرھال يېنىمغا كېلىپ مېنى يۆلىدى. ئىككىمىز كىشىلەر توپى ئارىسىغا كىردۇق. بايا ئۈستىدە تۇرۇپ ئايقىزنى تۇتىۋالغان ئادەم كۆزۈمگە تۇنۇشلا كۆرۈندى، ئەمدى ئۇنى تۇنۇدۇم، ئۇ شېرزات ئىدى. ئۇ ئايقىزنى تۇتىۋېلىش ئۈچۈن بەك تېز يۈگۈردىمۇ ياكى باشقا ئىش بولدىمۇ، راستىمنى ئېيتسام بايا بولغان ئىشلارنى تازا تولۇق ئەسلىيەلمەيمەن، ئەمما ھازىر شېرزات يەردە ياتىدۇ، ئۇنىڭ پىشانىسى يارا بوپ قاپتۇ. ئايقىز ئۇنىڭ قۇچىقىدا پۇت قولىنى مىدىرلىتىپ پىلتىڭلاپ يېتىپتۇ. شېرزات ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇپ خېلى تىركىشىپ باقتى، ئەمما تۇرالماي ئاخىرى يولدا بېشىنى قويۇپلا ياتتى.
مېھراي بېرىپلا تىزلىنىپ بالىنى شېرزاتنىڭ قۇچىقىدىن ئالدى ۋە ئۇنىڭغا قارىدى.
_ شېرزات، ئۆزىڭىز قانداقراق تۇرىسىز؟ بىرەر يېرىڭىز يارىلاندىمۇ؟ ئاغرىۋاتامدۇ؟
شېرزاتنىڭ بايقى جىىددىيلىكى بېسىلمىغانمىكىن، مەيدىسى بەك تېز كۆتۈرۈلۈپ پەسىيىۋاتاتتى. ئەتراپتا تۇرغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى شېرزاتنى ماختىسا بەزىلىرى ئۇنىڭ يارىسىدىن ئەنسىرەيتتى، بەزىلىرى ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويساق بولارمۇ دېسە، يەنە بەزىلىرى يارىدارنىڭ ئەھۋالى ئېنىق بولماي تۇرۇپ ئورنىدىن يۆتكەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىۋاتاتتى.
ئايقىز ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، يىغلىغانسېرى ئاۋازى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. شېرزات مېھراينىڭ قۇچىقىدا قىقىراپ يىغلاۋاتقان ئايقىزغا قاراپ ئىختىيارسىز كۈلدى.
_ بالام_ تۇنۇش ئاۋاز ئاڭلاندى ۋە كىشىلەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈۋاتقان ئايگۈل ھەدەم كۆرۈندى. ئۇ يۈگۈرۈپ كەلگەن پېتى شېرزاتنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى.
_ جېنىم بالام، نېمە بولدۇڭ؟
ئۇ شېرزاتنىڭ يېنىدىلا ئولتۇرغان مېھرايغا ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى ئايقىزغا قاراپ بىرەر ئىشنى چۈشەندى بولغاي، چىرايىدىكى بايىقى ئەندىشىنىڭ ئورنىنى ئاچچىق ئىگىلىدى. بىرەرى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلېفون قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلدى، كىشىلەر ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ دوختۇرلارغا يول ئېچىپ بەردى. دوختۇرلار شېرزاتنى كۆتۈرۈپ نوسۇلكىغا سالغاندا ئۇ ئاغرىقتىن ۋارقىرىۋەتتى.
_ شېرزات _ مېھراي دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈردى، ئەمما ئايگۈل ھەدەم ئۇنى توسۇۋالدى.
_ نېرى تۇرۇڭە، خېنىم، ئۇ سىزنىڭ نېمىڭىز ھازىر؟ تولا چىشىمغا تەگمەي بېرىپ بالىڭىزنى بېقىڭە.
مېھراي جايىدىن مىدىرلىيالماي شېرزاتنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ ئېلىپ مېڭىلىشىغا قاراپلا تۇردى.
_ دوختۇر، بۇ بالىنىمۇ ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى، بۇ يىگىت مۇشۇ بالىنى تۇتىۋالىمەن دەپ مۇشۇنداق بولۇپ قالدى _ دېدىم مەن دوختۇرلارنىڭ ماشىنىغا چىققىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ.
_ بولىدۇ. چىقىڭلار ئەمىسە_ بالىنى كۆتۈرۈپ مېھرايمۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقتى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى سىگنال بېرىپ ئۇچقاندەك مېڭىپ كەتتى.
قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، ئايقىزنىڭ ھاياتى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان شۇ پەيىتتە قانداق بىر كۈچ شېرزاتنى ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىشقا ئۈندىگەندۇ؟ ئايقىز ئۇنىڭ قىزى بولغاچقىمۇ؟ دېمەك ئۇ يۈرىكنىڭ چوڭقۇر قېتىدا يەنىلا ئايقىزنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇ كۈنى كەچتە ئۈمىد ماڭا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دەپ بەردى، شېرزاتنىڭ ئوڭ قول بېغىشى بىلەن تاغاق سۆڭىكى سۇنۇپتۇ، بەدىنىنىڭ خېلى كۆپ يېرىدە يارا ئىزلىرى بار ئىكەن، ئايقىزنىڭ بىر تال قوۋرۇغىسى يېنىك دەرىجىدە زەخمىلىنىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى خەتەرلىك ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقاندا شېرزاتنىڭ يارىسىنىمۇ بەك ئېغىر دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇ چاغدا شېرزات ئايقىزنى تۇتىۋالمىغان بولسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئەزىمەت ئېسىمگە كېلىپ بەدەنلىرىم تىترەپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ خىل ھالەتتە قايتا پەيدا بولۇشىنى راستلا ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن تېخى ئۇنى خېلى ئېغىر جازالىنامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن، ئەمما ئۈمىدنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ قىلمىشى تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرمەيدىكەن، چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلمىغان، ئىككىنچىدىن تۇتقۇن زەخمىلەنمىگەن، يەنە كېلىپ ئايقىزنى ئۇ قەستەن تاشلىۋەتمىگەن، شۇنداق بولغاچقا ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭغا ئون كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىلا بېرىلىپتۇ، ئەمما مەن بۇ جازانى بەكلا يىنىك بوپ قاپتۇ دەپ ئويلىدىم.
ئەتىسى نىگارەدىن تېلېفون كەلدى، شۆھرەت قايتىپ كەپتۇ، پەرھات دادامنىڭ شىركىتىنىڭ ئىشىمۇ پاك-پاكىزە ھەل بوپتۇ. تېلېفوندىكى ئاۋازىدىن نىگارەنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. ئۇ دادىسىنىڭ ئىشى ھەل بولغىنىغا خۇش بولدىمۇ ياكى شۆھرەتنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە خۇش بولدىمۇ نامەلۇم. ھى ھى ھى، بەلكىم ھەر ئىككىسى باردۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ شۆھرەتنىڭ بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۈمىدنىڭ بېرىشىغا تازا ئىشەنچىم يوق، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا دېدىم، ئۇ ئاغزىمدىن چىقىپ بولغۇچە ماقۇللۇق بىلدۈردى.
شۇ كۈنى كەچتە بىز بارغاندا تاماق ئۈستىلىدە پەرھات داداممۇ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ چىرايى باشتىكىدىن خېلىلا ياخشى بولۇپ قاپتۇ. شېركەتنىڭ ئىشلىرى ھەل بولۇپ، چوڭ بىر باش ئاغرىقىدىن قۇتۇلغاچقا كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەن بولسا كېرەك. پەرھات دادامنىڭ شۆھرەتنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ، ئوڭايسىزلىنىۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم. پەرھات دادام چوڭ بىر شىركەتنى ماڭغۇزۇپ يۈرگەن كۈنلىرىدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزى ئەڭ كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەمنىڭ قولىغا قاراپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولغىيتتى.
تاماق تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا يىيىلدى، پاراڭ ئارىلىقىدا شۆھرەتنىڭ پەرھات داادام بىلەن « دادا، بالام» دىيىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. تاماق يەۋېتىپ شۆھرەت پات ئارىدا نىگارەنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقماقچى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. نىگارە بېشىنى سىڭايان قىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى.
_ نىمە تۇيۇقسىزلا ساياھەتنىڭ گېپىنى قىلدىڭىزغۇ؟ قەيەرگە بارىمىز؟
_ قەيەرگە بارغۇڭىز بولسا شۇ يەرگە بارايلى.
نىگارە كۈلدى، پەرھات دادام ھەممىدىن بەكرەك مەمنۇن بولىۋاتقاندەك قىلاتتى، دېمىسىمۇ قايسى بىر ئاتا ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختىدىن شادلانمىسۇن؟ مۇشۇ پىتى نىگارەنىڭ پۈتۈن غەملىرى تۈگەپ، تۇرمۇشىنىڭ بىر ئىزغا چۈشۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر چاغدا بىرى قارا دېگەندەك ئىشىك تەرەپكە قارىسام، ئۆتكۈر، فەرۇق، نىجات ئۈچەيلەن كىرىۋاتمامدۇ؟ «ئاپلا» دەپ قالدىم. ئالدىنقى قېتىم ئۇ ئۈمىدنىڭ ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياردەم قىلمىغىنىدىن ئاغرىنىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھەتتا ئاغىنىدارچىلىقتىنمۇ كېچىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەگەر ئۇ ئەمدىلىكتە بىزنىڭ شۆھرەت بىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغىنىمىزنى كۆرسە، قۇيقا چېچى تىك بولۇپ كېتەرمۇ؟ خىيالىمنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپلا فەرۇق بىزنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئەسلى نىجاتقا بىر نىمە دېمەكچى بولۇپ قاراپلا بىزنى كۆرۈپ قالدى ۋە شۇ ھامان چىرايى ئۆزگىرىپ بىزگە تىكىلىپ قاراپلا قالدى، ئۆتكۈرمۇ ئۇنىڭ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇ قارىغان تەرەپكە قارىدى ۋە بىرىنچى بولۇپ مېنى كۆردى. فەرۇق بىز تەرەپكە ماڭماقچى بولۇۋىدى، ئۆتكۈر ئۇنى تاتىپلا ئېلىپ ماڭدى ۋە بىزدىن خېلىلا يىراقتىكى بىر ئۈستەلگە بېرىپ ئولتۇردى. كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى، فەرۇقنىڭ يېنىدا ئۆتكۈر بولسىلا ئۇ ئۇنى قىزىققانلىق قىلىشتىن توسۇپ قالالايتتى.
تاماقنى تېزرەك يەپ، بۇ يەردىن تېزرەك كېتىشنى ئويلىدىم، ئەمما بۈگۈن نىگارەنىڭ كەيپىياتى بەكلا ياخشى ئىدى، ھېلى ئۇ تېمىدا، ھېلى بۇ تېمىدا گەپ قىلىپ ئاغزى پەقەت تىنمىدى. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە فەرۇقنىڭ قولىدا ھاراق رومكىسىنى كۆتۈرۈپ بىز تەرەپكە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۆتكۈر بىلەن نىجات ئۇنى توسقان ئىدى، ئۇ ئىككىيلەننى ئىتتىرىۋېتىپ ماڭدى. ھېلىمۇ ياخشى پەرھات دادام بايا «چارچاپ قاپتىمەن، بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئالاي» دەپ كېتىپ قاپتىكەن، بولمىسا قانچىلىك ئوڭايسىزلىنىپ كىتەر بولغىيتتى. ئۈمىد بېشىنى كۆتۈرۈپ فەرۇخقا قارىدى، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. فەرۇق ئۇدۇل كېلىپ قولىدىكى ھاراق رومكىسىنى ئۈستەلگە توككىدە قويدى.
_ سىلەرمۇ تاماق يىگىلى كەلگەنمىتىڭلار؟_ ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى ھالىتىدىن قارىغاندا خېلىلا كۆپ ئىچىۋالغاندەك قىلاتتى. نىگارەمۇ فەرۇقنى كۆرۈپ بايىقى كەيپىياتىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. فەرۇقنىڭ گېپىگە ھېچقايسىمىز جاۋاب بەرمىدۇق.
_ يېڭى يىلىڭلارنى تەبرىكلەپ قوياي دەپ كەلگەنتىم، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! نىمە ھېچقايسىڭلار قارشى ئالمايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ، شۆھرەت ئورنىدىن تۇرۇپ، بايا پەرھات دادام كەتكەندىن كېيىن بويرۇتقان، تېخى ئاغزى ئېچىلمىغان ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ رومكىغا تولدۇرۇپ قۇيدى ۋە فەرۇق بىلەن سوقۇشتۇرۇپ:
_ بىرگە بولسۇن!_ دەپلا ھاراقنى گۈپپىدە ئىچىۋەتتى. فەرۇقمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ھاراقنى ئىچىۋېتىپ رومكىنى ئۈستەلگە قويدى ۋە ئۈمىدكە قارىدى، ئۈمىدمۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ئۇ ناتونۇش بىر ئادەمنى كۆرگەندەك كۆزىنى ئۈمىدتىن يۆتكىدى. مەن فەرۇقنى بىرەر ئىش چىقىرىپ قويارمۇ دەپ ئەندىشە ئىچىدىلا ئولتۇراتتىم، بۇ چاغدا ئۆتكۈر بىلەن نىجاتمۇ كەلدى، نىجات ئۈمىدكە قارىغان ئىدى، ئۈمىد ئۇنىڭغا «ئۇنى ئېلىپ كەت» دېگەندەك ئىشارەت قىلدى.
_ بىر ئوبدان ئولتۇرغان ئادەم نىمە ئورنۇڭدىن تۇرۇپلا ماڭدىكىن دېسەم، بۇ يەردە تۇنۇشلار بار ئىكەنتۇقتە. ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! سالامنىمۇ قىلىپ بوپسەن، ھاراقنىمۇ تۇتۇپ بوپسەن، ئەمدى بېرىپ ئۆزىمىزنىڭ تامىقىنى يەيلىمۇ؟_ نىجات شۇنداق دەپ فەرۇقنى تارتتى. فەرۇق مىدىرلىمىدى.
_ بىلەمسەن نىجات، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان بىرەيلەننىڭ دادىسى ماڭا بەك چوڭ تالاپەت يەتكۈزدى، ئەمما ئۇ كىشى ئۇ ئاغرىپ قالغاندا مەن ئۇنى قۇتقۇزىۋالدىم، ئۇ كىشى ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ دادىسى تۇرسا، دادىسىدىن ئايرىلسا ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى ئاغرىسا مەن چىدىمايمەن، شۇنى بىلەمسەن؟
_ بولدى_ دېدى نىگارە ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ، مەن ئاستا ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزۋالدىم. ئۇ ئولتۇرۇپ ئىنتايىن تەمكىن ئاھاڭدا گەپ باشلىدى.
_ فەرۇق، مەن سىزنى ھۆرمەتلەيمەن، مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەمما ئەر كىشى دېگەن ھەم قولىغا ئالالايدىغان، ھەم قولىدىكىنى تاشلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ ئەر كىشىدەك ياشىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
نىگارە قولىغا ئالدىدىكى چاينى ئېلىپ ئورنىدىن تۇردى.
_ سىز ھاراق ئىچىڭ، مەن چاي ئىچەي، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىز تونۇشمايدىغانلا بولايلى. سىزنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئاۋارە قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
نىگارە شۇنداق دەپ قولىدىكى ئىستاكاندىكى چاينى ئىچىۋېتىپ ئورنىدا ئولتۇرىۋالدى. شۆھرەت باشتىن ئاخىر ئارىلاشماي قاراپلا تۇردى. فەرۇق تۇرغان جايىدا قېتىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدى، ئۇ نىگارەنىڭ بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك. خېلىغىچە ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى قولىدىكى ھاراقنى كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتتى ۋە رومكىنى يەرگە كۈچەپ ئاتتى، رومكا چۇل-چۇل بولۇپ كەتتى.
_ ماقۇل، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە_ ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماڭدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىغا دېققەت قىلدىم. فەرۇق دەلدەڭشىپ ئاران ئاران مېڭىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ كۆڭلۈم بىر خىللا بولۇپ قالدى. فەرۇق ئۇلار تاماق يەۋاتقان ئۈستەلگە ماڭماي ئۇدۇل سىرتقا ماڭدى، نىجات بىلەن ئۆتكۈرمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى.
ئۇلار كەتكەندىن نىگارە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈتكۈچىنى چاقىرىپ تاماق تىزىملىكىنى ئېلىپ يەنە تاماق بويرۇتماقچى بولدى، ئۇ ھەرقانچە چاندۇرمىغان بىلەنمۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تاماق تىزىملىكىنى كۆرىۋاتقاندا كۆز جىيەكلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىدىن قانچىلىك ئازابلانغىنىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ئىدى. مەن تاماق تىزىملىكىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىۋالدىم.
_ بولدى، نىگار، ھېلىمۇ يىيىلمىگەن بىر مۇنچە تاماق بار تېخى. يەنە بويرۇتقان بىلەن ئىسراپ بولىدۇ.
ھازىر ھەممىمىزنىڭ گېلىنى بىر نىمە بىلەن بۇغۇپ قويغاندەك، ھېچقايسىمىزنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدىغىنى ئېنىق. ئۇنىڭدىن كېيىن ئارتۇق گەپ-سۆزمۇ قىلىشمىدۇق ۋە بىردەمدىن كېيىنلا قايتتۇق. ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئۈمىد:
_ ئۆيگە كەتمەي، باشقا بىر يەرگە بارايلى ھە_ دېدى. قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىزنى دېمىدى، مەنمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدىم. چۈنكى بايا فەرۇقنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئۇنىڭ كەيپىياتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزگەنلىكى ئېنىق ئىدى. ئۇ ماشىنىنى ئۇدۇل بىپايان شىركىتىگە ھەيدىدى. ماشىنىنى توختاتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىدىم.
_ بۇنچە كەچتە شىركەتتە قىلىدىغان ئىشىڭىز بارمىدى؟
ئۈمىد بېشىمنى سىلاپ قويۇپ:
_ ماشىنىدىن چۈشۈڭە_ دېدى.
ئىككىمىز قولىمىزنى تۇتۇشۇپ بىپايان شىركىتىگە كىردۇق. بۈگۈن دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، شۇڭا شىركەتتە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ يوق، شىركەت جىمجىت ئىدى. ئۈمىد بېرىپ لىفىتنىڭ يېنىدىكى ساندۇقچىسىنى ئېچىپ بىر ئىش قىلىۋىدى، لىفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، بىز ئاۋۋال ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئاندىن ئۆگزىگە چىقتۇق.
_ بىزنىڭ شىركەتنىڭ بىناسى مۇشۇ ئەتراپتىكى ئەڭ ئېگىز بىنا، شۇڭا ئۆگزىدە تۇرۇپ قارىسىڭىز پۈتۈن شەھەرنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ_ دېدى ئۈمىد.
مەن ئاستا بېرىپ يىراقتا تۇرۇپ پەسكە مۇنداق قاراپلا پۇت قوللىرىمدا جان قالمىدى.
_ ياق ياق، ياق . قورقىۋاتىمەن. مېنىڭ ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىم بار.
_ نېمىدىن قورقىسىز، يېنىڭىزدا مەن بار. پەسكە قارىماي، يىراققا قاراڭ.
ئۇنىڭ دېگىنىدەك پەسكە قارىماي يىراقلارغا قارىغانتىم، دېگەندەك بايىقىدەك قورقۇش بولمىدى. مەن ئەزەلدىن شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى بۇنچە ئېگىزدە تۇرۇپ كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ھەرخىل رەڭلىك چىراقلار ھەسەن ھۈسەندەك ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنىدىكەن.
_ تۇرۇپ تۇرۇڭە.
_ نەگە بارىسىز؟
بۇنداق قاراڭغۇدا مېنى بۇ يەرگە يالغۇز تاشلاپ قويسا قورقىمەن دە.ئۇ بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ كەينىگە بۇرۇلدى.
_ جايىڭىزدا جىم تۇرۇڭ، چۈشۈپ كەتمەيسىز_ ئۇ شۇنداق دەپلا ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتتى.
_«ئۇ نىمە قىلىدىكىنە؟»
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















