
بۇ ئەسەرنىڭ 116 -قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
|
115-قىسىم
سىستېرادىن شېرزات ياتقان بالنىستنى سورىۋالدىم، بالنىستنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى ئاچاي دەپ تۇتقۇچىنى تۇتۇشۇمغا ئىچىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ توختاپ قالدىم. ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىغا قەبرە سالغان ھېلىقى ھەسەن دېگەن نىمىنىڭمۇ نىيىتى يامان بىر نىمىكەن. ئۇ بۇرۇنلا ئۇ يەرگە بېرىپ، ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بولىۋاتقىنىنى كۆرۈپ كۆزى قىزارغان گەپ، مانا ئەمدى سودىمۇ كاساتلاشتى، تۈزۈك ئادەممۇ بارماس بولدى.
_ سودىنىڭ قانداق بولۇشىنىڭ يېنىدا قەبرە سېلىش بىلەن نىمە ئالاقىسى بار؟ تولا خەقنىڭ ئىشىنى بۇزىمىز دەپ ئويلىماڭلار ھە. بولمىسا ئۇچار تاش قورغىنىغا ئوت قويۇۋېتىمەن. _ بۇ شېرزاتنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ بولدى، بولدى، گەپ قىلماپتىمەن، ۋاقىرىما، كېسىلىڭ ئېغىرلاپ كەتمىسۇن يەنە. بۇ گەپنى مېنىڭ ئالدىمدا بىر دېدىڭ، داداڭنىڭ ئالدىدا دەپ سالما. داداڭنىڭ ئاچچىقى يامان، يەنە كېلىپ قان بېسىم كېسىلى بار_ ئايگۈل ھەدەمنىڭ ئاۋازى بىردىنلا يۇمشىدى.
ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ شېرزاتنى يوقلاش نىيىتىمدىن يېنىپ سىستېرادىن ئايقىزنىڭ قايسى بالنىستتا تۇرىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ ئايقىزنى ئاللىبۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى دېدى. شۇنىڭ بىلەن مېھراينىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدۇم. شۇ كۈندىكى ئىشنى ھازىر ئويلىساممۇ قورققىنىمدىن تىترەپ كېتىمەن. ھېلىمۇ شۇ چاغدا شېرزات كېلىپ قېلىپ ئايقىزنى تۇتىۋاپتۇ، بولمىسا قانداق ئىشلار بولۇپ كىتەر ئىدىكىن تاڭ. ئەمما تېگى تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ئالاقىسى بار، ئەزىمەت مەندىن ئۆچ ئالىمەن دېمىسە ئايقىزنى ئېلىۋېلىپ تەھدىت سالمايتتى. شۇڭا مېھراينىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى قەرزداردەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
دوختۇرخانىدىن چىقىپ يول بويىدا ماشىنا ساقلاپ تۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىرى مۈرەمگە يىنىك شاپىلاقلىدى، كەينىمگە ئۆرۈلۈشۈمگىلا بىرى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپ ئىتتىرىشكە ئۈلگۈرمەيلا بۇرنۇمغا غەلىتە بىر پۇراق پۇرىدى، نەچچە سىكۇنتنىڭ ئىچىدە كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ بېشىم قېيىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمەيمەن. ھۇشۇمغا كەلگەندە بېشىم يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋېتىپتۇ. مىڭبىر تەسلىكتە كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام چوڭ بىر كارىۋاتتا ياتىمەن. ئۆينىڭ ئىچىگە قاراپلا تونۇدۇم، بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەزىمەت ئىككىمىز توي قىلغاندا ئالغان ئۆيىمىز شۇ ئىدى، لېكىن بۇ ئۆينى ئۇ ئايگۈزەلگە بېرىۋەتكەن ئەمەسمىتى. مەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغاندىمەن؟ چۈش كۆرىۋاتىمەنمۇ يا؟ ياق، بۇ چۈشۈم ئەمەس، ئەگەر بۇ چۈشۈم بولمىسا ئەجىبا......
_ ئويغاندىڭىزما؟ _ ئىشىك تۈۋىدە تونۇش ئاۋاز ياڭرىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئەزىمەت ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ كۆزۈمگە خۇددى يىرتقۇچ ھايۋاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. جىددىيلىشىپ ئۆزۈمنىڭ ئۈستى بېشىمغا قارىدىم، كىيىم كېچەكلىرىم رەتلىك ، جايىدا ئىدى، كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. تېلېفونۇمنى ئىزدىسەم تاپالمىدىم.
_ تېلېفونۇم قېنى؟_ سورىدىم ئەزىمەتتىن.
_ تاشلىۋەتتىم.
تۇيۇقسىز كۆڭلۈمگە قورقۇنۇچ چۈشتى، ئۇنىڭ بىلەن نىمىشقا تېلېفونۇمنى تاشلىۋەتتىڭ دەپ تاكاللىشىپ تۇرۇشتىن قورقتۇم، دەرھال ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم.
_ مەن ئۆيگە كېتىمەن. _ ئۇنىڭ يېنىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇۋىدىم، ئۇ قولى بىلەن توسۇۋالدى.
_ ئۆيگە؟ سىزنىڭ ئۆيىڭىز مۇشۇ يەر شۇغۇ، ئۇنتۇپ قالدىڭىزما؟ بۇ كارىۋات سىز ئىككى يىل ياتقان كارىۋات شۇغۇ_ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا يېقىنلاپ كەلدى، ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋەتتىم.
_ ئەزىمەت، ئىككىمىز ئاللىبۇرۇن ئاجرىشىپ كەتكەن، مېنى ئارامىمدا ياشىغىلى قويۇڭ.
_ سىز مېنى ئارامىمدا ياشىغىلى قويدىڭىزما؟ سىلەر ئارامىمدا ياشىغىلى قويدۇڭلارما؟ يۈننەندە مەن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۈم بىلەمسىز؟_ ئۇنىڭ ساراڭلىقى تۇتقان ئىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن ئەر كىشى، كۈچ جەھەتتە مەن ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيمەن، يەنە كېلىپ ھازىر بۇ ئۆيدە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق، ۋاقىرىساممۇ ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ، شۇڭا ئۇنى چىرايلىق گەپ قىلىپ ئېرىتىپ گەپكە كىرگۈزمەكچى بولدۇم.
_ ئەزىمەت، ھازىر مېنىڭ بىر چىرايلىق ئۆيۈم بار، مېنى چىقىرىۋېتىڭ، مەنمۇ سىزنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ئەتكەنلىرىڭىز بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماي، ئارىمىزدىكى ئۆچ-ئاداۋەت مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كەتسۇن.
_ مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆچ ئاداۋەت تۈگەپ كېتەمدىكەن؟ ئۇخلاپ چۈشىڭىز. بۈگۈن ئىككىمىز بۇرۇنقى ئۆيىمىزدە، بۇرۇنقى كارىۋىتىمىزدا بۇرۇنقى ئەر خوتۇنلۇق كۈنلىرىمىزنى قايتا ئەسلەيمىز.
_ شۇنداق قىلىپ بېقىڭە قېنى_ ئۇنداق دېگىنىم بىلەن ئۇنىڭدىن راستلا قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم.
_ سىزنى بۇ يەرگە ئەكىلەلىگەن ئادەم ئۇ ئىش قولۇمدىن كەلمەمدىكەن؟_ ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا يېقىنلاشتى. مەن كەينىچىلەپ بېرىپ كارىۋاتتىن ياستۇقنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئاتتىم، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا قىلچىلىك تەسىر قىلمىدى. «ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ بۇ نىجىسنىڭ قولىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقارمەن؟»
_ئەزىمەت! _ دەل شۇ چاغدا سىرتتىن ئايگۈزەلنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بولغان ئەزىمەت دەرھال كەينىگە يېنىپ بېرىپلا ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋەتتى ۋە فاتىفوننى ئېچىپ ئاۋازىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە تەڭشەپ قويدى.
_ ئەزىمەت، سىز ئىچىدىغۇ دەيمەن.
ئۇ كىيىم ئىشكابىدىن بىر خالتىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭدىن بىر پلاستىرنى ئېلىپ ئاغزىمغا چاپلىدى، ئاندىن ئارغامچا بىلەن پۇت قولۇمنى باغلاپ، مېنى كىيىم ئىشكابىغا تىقىپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھۇجرىنىڭ تازىلىق ئۆيىگە كىردىمىكىن، بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن چىقىپ ئاندىن ئىشىكنى ئاچتى.
_ نىمە ئىش قىلىۋاتاتتىڭىز، ئىشىكنى نىمانچە ئۇزۇندا ئاچىسىز؟ ئىچىدىن تاقىۋاپسىز تېخى _ بۇ ئايگۈزەلنىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ھە، بايا يۇيۇنىۋاتاتتىم، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىماپتىمەن.
مەن بېشىم بىلەن ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ئۈستۈم، ئەمما بەك كۈچەپ بولالمىغاچقا ئىشىك كىچىككىنە ئېچىلدى. مۇزىكا ئاۋازى بەك يۇقىرى بولغاچقا ئايگۈزەلمۇ، ئەزىمەتمۇ مېنىڭ ئىشكاپقا ئۈسكەندىكى ئاۋازىمغا دېققەت قىلمىدى. ئىشكاپ ئىشىكىنىڭ يۇچۇقىدىن قارىسام ئەزىمەت بىلەن ئايگۈزەل كۆرۈندى. ئەزىمەت ئايگۈزەلگە يۇيۇنىۋاتاتتىم دېگەچكە شۇنداقمۇ، بەدىنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە مۇنچا لۆڭگىسىنى ئوراپلا چىقىپتۇ.
_ئەزىمەت، بىلەمسىز، سىزنى بەك سېغىندىم_ ئايگۈزەل شۇنداق دەپلا ئەزىمەتكە ئېسىلدى. ئەزىمەت ئايگۈزلنى ئۆزىدىن ئاجرىتىپ، قاچانلاردا قۇيۇپ قويغان بولغىيتتىكىن، كارىۋات تومپۇچكىسىنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئىستاكان سۈتنى ئۇنىڭغا بەردى. ئايگۈزەل سۈتنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋېتىپ ئىستاكاننى جايىغا قويۇپ قويدى ۋە يەنە ئەزىمەتكە ئېسىلدى، ئەزىمەتمۇ ئۇنى قۇچاقلىدى، ئىككىيلەن خېلىغىچە قۇچاقلىشىپ تۇرۇشتى. بىردەمدىن كېيىن ئەزىمەت ئايگۈزەلگە چاپىنىنى سېلىۋېتىشنى ئېيتتى. ئايگۈزەل«ماقۇل» دەپ تېشىغا كىيىۋالغان نوركا چاپىنىنى سالدى. بايا چوڭ، كەڭ چاپان كىيىۋالغاچقا بىلىنمەپتىكەن، چاپىنىنى سالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تومپىيىپ قالغان قۇرسىقى ئېنىقلا كۆرۈندى. ئۇنىڭ قۇرسىقىنى كۆرۈپ ئاندىن ئېسىمگە كەلدى، توغرا، ھېلىقى چاغدا تاللا بازىرىدا مايلىق يېسىۋېلەك تالىشىپ قالغان چېغىمىزدا ئۇ بويىدا بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى. ئەزىمەت ئايگۈزەلنىڭ تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى كۆرۈپلا چىرايى ئۆزگەردى.
_ نىمە بولدىڭىز؟_ ئايگۈزەل ئەزىمەتنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ سورىدى.
_ مەن بىلەن ئاجرىشىپ ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا يەنە باشقا بىرىنى تېپىۋالدىڭىزما؟ قورساق كۆتۈرۈپمۇ بوپسىز تېخى _ ئەزىمەتنىڭ ئاۋازى مەنسىتمەسلىك ئاھاڭىغا ئۆزگەرگەن ئىدى. ئايگۈزەل ئەزىمەتنىڭ بوينىنى قۇچاقلىدى.
_ توي قىلىپ، بالىلىق بولۇش پەقەتلا بىر رەسمىيەت، مېنىڭ كۆڭلۈمدە سىزلا بار، جېنىم، مەن سىزدىن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم.
_ ماڭا بۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن ئېرىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلسىڭىز مېنى تىللاپ بېرىدىغانسىز ھەقىچان.
_ ۋىيەي، نىمىدەيدىغانسىز؟ مەن ئەزەلدىن سىز بىرلا ئادەمنى ياخشى كۆرىمەن. باشقا بىرىگە كۆڭۈل بېرىپ باقمىدىم.
_ ھە دەپ تۇراي_ ئەزىمەت ئۇنداق دېگىنى بىلەن كۆزلىرىدىن ياۋۇزلۇق نۇرلىرى چاقنىدى. راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ كۆزىنى كۆرۈپ يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى، چۈنكى ئۇ ساراڭلىقى تۇتسا ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپتۇ. ئايگۈزەل ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئېسىلىۋىدى، ئۇمۇ ئايگۈزەلنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپلا قۇرسىقىنى ئايگۈزەلنىڭ قورسىقىغا ئۇرۇشقا باشلىدى. ئايگۈزەل دەسلەپتە ئۇنى مېنى ئەركىلىتىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمىكىن، يالغاندىن ناز قىلىپ قويدى، ئەمما ئەزىمەت بەكرەك كۈچەپ قۇرسىقىنى تەگكۈزگەندىن كېيىن ئايگۈزەلمۇ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك، ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىدىن تارتىۋالماقچى بولدى، ئەمما ئەزىمەت ئۇنى قويۇۋەتمىدى.
_ ئەزىمەت، نىمە قىلىۋاتىسىز، قورسىقىمدا بالا بار، ئۇنداق قىلماڭ.
ئەمما ئەزىمەت ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس.
_ ھەي، نىمە قىلىۋاتىسىز دەۋاتىمەن، مېنى قويۇۋېتىڭ_ ئەزىمەتنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرەر ئەمەس ئىدى.
_ ئۆتۈنۈپ قالاي ئەزىمەت، بالامغا بىر ئىش بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
_ ئەينى ۋاقىتتا مەن سىزنى دەپ ئۆزۈمنىڭ بالامنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرگەن، ئەمما سىز مەندىن يۈز ئۆرۈپلا باشقا بىرىدىن بالىلىق بوپسىز، سىزنىڭچە مەن بۇ بالىنى ساق قويارمەنمۇ؟
ئەزىمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ساقايغان يارام قايتىدىن قوزغالغاندەك يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئايگۈزەل بولمىغان بولسا مېنىڭ بالاممۇ يوق بولمايتتى.
ئايگۈزەل ئەزىمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى.
_ ياق، ئەزىمەت، قورسىقىم ئاغرىپ كەتتى، مېنى قويۇۋېتىڭ.
لېكىن ئايگۈزەلگە يەنىلا ئىچىم ئاغرىپ قېلىۋاتاتتى. بالىدا نىمە خاتالىق بولسۇن، نېمە ئۈچۈن خاتالىقنى چوڭلار ئۆتكۈزسە، بۇنىڭ خاپىلىقىنى بالىلار تارتىدۇ؟
ئەزىمەت تۇيۇقسىز ئايگۈزەلنى يەردىن كۆتۈرۈپ ئېلىپ كارىۋاتقا ئوڭدىسىغا تاشلىدى، ئايگۈزەل ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغۇچە ئايگۈزەلنىڭ قورسىقىغا مۇشتى بىلەن ئۇردى.
_ ۋايجان! قورسىقىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، بالامدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ، مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ بولامدۇ، ئەزىمەت. مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ.
مەنمۇ بىر ئايال، يۈرىكىم گۆشتىن تۈزۈلگەن ئايالمەن. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم، بېشىم بىلەن ئىشكاپنى ئۈسىۋەردىم. شۇ تاپتا ئەزىمەتنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كېتىۋاتاتتىم، ئايگۈزەل ھازىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلسا بەلكىم قۇتقۇزىۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى ئاچالمىدىم. «دۇڭ دۇڭ دۇڭ» بىر چاغدا ئىشىكنى ئۇرغان ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئاۋازنى ئەزىمەتمۇ ئاڭلىغان بولسا كېرەك، دەرھال ئىشىك تەرەپكە قارىدى ۋە ئالدىراپ تىنەپ چىقىپ كەتتى. پەرىزىم خاتا بولمىسا ئەزىمەت كۇتۇپخانا ئارقىلىق يەنە بىر ئۆيگە ئۆتۈپ شۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كېتىدۇغۇ دەيمەن. ئىشىك ئۇرۇلىۋەردى، ئىشىكنى ئۇرغان ئادەممۇ بارغانچە كۈچەپ ئۇرۇۋاتاتتى. ئايگۈزەل ياتقان يەر قېپقىزىل قان بولۇپ كەتكەن ئىدى ھەم داۋاملىق قان چىقىۋاتاتتى، مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئايگۈزەلنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپكە ئۇچرايتتى.
«تاراق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، كەينىدىنلا «دۈپۈر دۈپۈر» ماڭغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، ھۇجرىنىڭ ئىشىكى تېپىپ ئېچىۋېتىلدى. ئىشىكتىن كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۈمىدنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. ئارىدىن بىرى ئايگۈزەلنى كۆرۈپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىردى. مۇزىكىنى كىم ئېتىۋەتتىكىن، ھەممە يەر ئاخىرى تىنجىدى. ئىشكاپنىڭ ئىشىكىنى يەنە ئۈستۈم. ئۈمىد بىرىنچى بولۇپ مەن تەرەپكە قارىدى ۋە چوڭ چوڭ چامداپ كەلدى. ئىشكاپنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن مەن سىرتقا دومىلاپ كەتتىم، لېكىن ئۈمىد چاققانلىق بىلەن مېنى تۇتىۋالدى. ئۇنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ ئاققىلى تۇردى. ئۇ ئاغزىمدىكى پىلاستېرنى ئېلىۋەتتى.
_ تېز، ئايگۈزەلنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتتى، تېز دوختۇرخانىغا ئاپىرىلمىسا قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن_ ھاسىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىم.
قالغانلار گېپىمنى ئاڭلاپ ئايگۈزەلنىڭ چاپىنىنى ئۈستىگە يېپىپلا كۆتۈرۈپلا سىرتقا ئېلىپ ماڭدى. ئۈمىد پۇت قولۇمنى بوشىتىپ مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى. كارىۋاتتىكى قاننى كۆرۈپ، ئەزىمەت بالامنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن ۋاقىت كۆز ئالدىمغا كەلدى. تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدىم. ھەر قېتىم شۇ بالا ئېسىمگە كەلسە بەك ئازابلىنىپ كېتىمەن، چۈنكى بەلكىم ئەمدى مەڭگۈ بالىلىق بولالماسلىقىم مۇمكىن. ئۈمىد مېنى قۇچاقلىدى.
_ قورقماڭ، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، يېنىڭىزدا مەن بار.
_ ئەزىمەت يەنە بىر جاننىڭ بېشىغا چىقتى.
ئۈمىد دۈمبەمگە يىنىك ئۇرۇپ ماڭا تەسەللى بەردى.
_ ئالدىرىماڭ، ئۇ ھازىر قېچىپ كەتكىنى بىلەن مەڭگۈ قېچىپ يۈرەلمەيدۇ، ھامان قانۇن تورىغا چۈشىدۇ.
ئۇ چاغدا بەك قورقۇپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنىڭ مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى قانداق بىلىۋالغانلىقى، بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سورىغۇدەكمۇ بولمىدىم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىمۇ يۈرىكىم تېخى جايىغا چۈشمىگەن ئىدى. كارىۋاتقا چىقىپ بىر كۆزۈمنى يۇمغىنىمنى بىلىمەن، ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ئۇخلاپتىمەن. ئىشقىلىپ بەك نۇرغۇن چۈشلەرنى كۆردۈم، ئويغىنىپمۇ كەتتىم، كۆزۈمنى ئېچىپ بىردەم قاراپ يېتىپلا يەنە ئۇخلايمەن. لېكىن ئەتىسى ئويلاپ نىمە چۈش كۆرگىنىمنى ئەسلىيەلمىدىم. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۈمىد شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ ئەكىرىپتۇ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ بىر نەچچە قوشۇق ئىچىپ بېقىپ قويۇپ قويۇپ يەنە ئۇخلىدىم، شۇ ئۇخلىغانچە چۈشلۈك تاماققىمۇ قوپماي ئۇخلاپتىمەن. ئۈمىد مەندىن ئەنسىرەپ قالغان بولسا كېرەك، كەچقۇرۇنلۇقى مېنى مەجبۇرىي ئويغاتتى.
_ مەلىكەم، بۇنداق قىلماڭ. سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى، بۇنداق يېتىۋەرسىڭىز ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرىۋالىسىز. ماشىنا ھەيدىمەي ، ئىككىمىز چىقىپ پىيادە ئايلىنىپ كىرەيلى، كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ. بولامدۇ؟
ئۆرە بولۇپ كارىۋاتتا ئولتۇردۇم، ئادىتىم بويىچە ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا قولۇمنى تىقىپ تېلېفونۇمنى ئىزدىدىم. لېكىن قولۇمغا ھېچنىمە ئۇرۇنمىدى، تۇيۇقسىز تېلېفونۇمنى ئەزىمەتنىڭ « تاشلىۋەتتىم» دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.
_ تېلېفونۇم يۈتۈپ كەتتى_ دېدىم ئۈمىدكە قاراپ.
_ ھېچقىسى يوق. ئەتە بېرىپ يېڭى تېلېفون ئالايلى، ئاندىن كارتىنى قايتىدىن بىجىرسەكلا بولىدۇ.
ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇردۇم، ئۈمىد ماڭا سىرت بەك سوغۇق، قېلىنراق كىيىنىڭ دەپ ئەسكەرتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە بۇرۇن بىر قېتىم ئىككىمىز مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭغان، شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندەك، ماڭا ئازار بېرەلەيدىغان ئادەم بولدىڭىز دېگەن ئىدىم. ئۈمىدمۇ جاۋابەن سىزمۇ شۇ دېگەن. ئۇ ئىشقا تېخى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، خېلى بۇرۇنقى ئىشتەك ھېس قىلدىم.
_ قارلار ئېرىپتۇ_ دېدىم مەن.
ئىككىمىز يولنى بويلاپ خېلى ئۇزۇن ماڭدۇق، خېلى يەرگە بېرىپ يەنە كەينىمىزگە ياندۇق. ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم. تۈزۈك تاماق يىمىگەچكە قورسىقىم بەك ئېچىپتىكەن، ئۈمىد سېلىپ بەرگەن چۈچۈرىدىن بىراقلا ئىككى قاچا ئىچىۋەتتىم. بەك كۆپ ئۇخلىۋەتكەچكە ئۇخلايدىغان چاغدا ئۇخلىيالمىدىم. تۇيۇقسىز مىنەۋەر خانىم بەرگەن بارماق دېسكىلار ئېسىمگە كەلدى، مىنەۋەر خانىم ئۇنى بىر ئۆمۈر توپلىغان تەجرىبىلىرىم دېگەن ئىدى. بارماق دېسكىنى چىقىرىپ كومپيۇتېرغا چاتتىم، ئۇنى بىر كۆرگەن پىتى ئۆزۈممۇ تۇيمايلا بىر كېچە كۆرۈۋېتىپتىمەن.
ئەتىسى ئۈمىد بىلەن بىللە بېرىپ يېڭى تېلېفون ئېلىپ، كارتىنى قايتىدىن بىجىردۇق. كارتىنى سېلىپ تېلېفوننى ئېچىشىمغا نىگارەدىن ئۇچۇر كەلدى، ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















