
بۇ ئەسەرنىڭ 178-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177-قىسىم
ھويلىنىڭ ئالدىدا بىر ئورەك بار ئىدى، نىگارە ھەر قېتىم ھارۋىنى ئىتتىرىپ شۇ يەرگە كەلگەندە خېلى تەستە ئۆتكۈزەتتى، ئۇغۇ ئۇنچىۋالا ئاجىز ئەمەس، ئەمما ھازىر ئۇنىڭ قورسىقى يوغىناپ قالغاچقا كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشىمۇ قولايسىز ئىدى. بۈگۈنمۇ ئۇ قىينىلىپ بولسىمۇ ئاخىرى ئەكىرىپ كەتتى. ئەسلى كەينىدىن كېلىۋاتقان ئادەم يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىتتىرىپ ئەكىرىپ بېرەي دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇنىڭغىچە نىگارە ھويلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولدى. ھويلىنىڭ ئىشىكى يېپىلغاندىن كېيىن كەينىدىكى ئەر ئىشىككە يېقىن كېلىپ ھويلىنىڭ ئىچىدىكى گەپلەرگە قۇلاق سالدى، نىگارە قوشنىلىرىغا سالام قىلىپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى. كەينىدىكى ئۇ ئەر فەرۇق ئىدى. نىگارە ئەمدى تۇنۇشمايمىز دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتكەن، شۇڭا ئۇ نىگارەنى تاپقان شۇنچە كۈنلەردىن بۇيان ئۇنىڭغا كۆرۈنۈشكە جۈرئەت قىلالماي كېلىۋاتىدۇ. فەرۇق نىگارەنىڭ مىجەزىنى بىلىدۇ، ئۇ دېگىنىنى قىلىدىغان قىز، ئەمما فەرۇق ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنتۇيالمىدى. ئۇ تالاي قېتىم نىگارەنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئۆزىنى زورلاپ باقتى، ئەمما كۆڭۈلگە ھەقىقەتەن ئامال يوقكەن.
فەرۇق يەنىلا ئىشىكنى ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماي يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ ھويلىغا قارىغىنىچە تۇرۇپ كەتتى. بۇ ھويلىدا ئۇ چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن ئادەم بار، ئۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ئۆزگىرىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئاچچىقىدا كېسىۋەتكەن چېچى ئۆسۈپتۇ، ئۇ ھازىر ئادەتتىكى بىر ئايالغا، تۇرمۇش ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغان ئايالغا ئۆزگىرىپتۇ.
ئۇ ئۈزمەي تاماكا چېكىپ، ئالدىدا تاماكا قالدۇقى دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھويلىدا تۇرىدىغان يەنە بىر ئايال قايتىپ كەلدى، ئۇ ئۇدۇلدا بىرىنىڭ مۇشۇ ھويلىغا تىكىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ سەل ئەندىككەندەك بولۇپ، ھويلىغا كىرىپلا ئىشىكنى تېزلىكتە ياپتى. فەرۇق ئىشىك ئالدىدا يېرىم كېچىگىچە ئولتۇرۇپ، ھويلىدىكى چىراقلارنىڭ ھەممىسى ئۆچكەندە ئاندىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى.
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە فەرۇق داۋاملىق تاماق زاكاز قىلىپ بەردى، لېكىن نىگارە بىرەر قېتىممۇ يىمەي ھېلىقى مومايغا بېرىۋەردى. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى.
ئۇ كۈنى نىگارە ھەر كۈندىكىدەك يايمىسىنى يىغىشتۇرۇپ قېتىپ كەتكەن بوينىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ نەرسە-كېرەكلىرى بېسىلغان ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭدى. ئۇ ھويلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ھارۋىنى ھېلىقى ئورەكتىن ئۆتكۈزەلمەي قىينىلىپ كەتتى، بىر چاغدا بىرەيلەن ھارۋىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپلا تارتتى، ھارۋا ئورەكتىن يىنىكلا چىقىپ كەتتى. نىگارە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئالدىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنى فەرۇق ئىدى. ئۇ فەرۇقنى بۇ يەرگە ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. نىگارە فەرۇخقا قاراپمۇ قويماي ھارۋىنى ئىتتىرىپ جايىغا ئاپىرىپ توختىتىپ قويۇپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، فەرۇق يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ بېلىكىدىن تارتتى، نىگارە ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتى. شۇنداق تارتىشىپ، سىلكىشىپ تۇرغاندا «پوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن ھەر ئىككىيلەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. فەرۇق ئاستا كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىۋىدى،بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يولنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرغاندا ئۇنىڭغا غەلىتە قاراپ قويۇپ كىرىپ كەتكەن ئايال قولىدا كالتەك تۇتۇپ تۇراتتى، كالتەك ئۇنىڭ بېشىغا تەگكەن ئىدى. ئۇ يەنە ئۇرماقچى بولۇپ كالتەكنى كۆتۈرگەن ئىدى، نىگارە ۋارقىرىدى.
_ ياق، ئۇرماڭ، ئۇ ئەسكى ئادەم ئەمەس.
ئايال كالتەكنى تۇتقان پىتى بىر نىگارەگە، بىر فەرۇخقا قارايتتى.
_ ئۇ مېنىڭ دوستۇم _ دېدى نىگارە يەنە.
_ ھە دوستىڭىزما؟ مەن تېخى ھويلىمىزغا يامان نىيەت بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن بىرىمىكىن دەپتىمەن_ ئايال شۇنداق دەپ قولىدىكى كالتەكنى ئاپىرىپ تامغا يۆلەپ قويدى.
_ بېشىڭىزدىن قان چىقىۋاتىدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تاڭدۇرىۋېلىڭ.
_ تاڭدۇرمايمەن، مۇشۇ پىتى ئۆلۈپ كەتسەممۇ مەيلى.
_ ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇ يەردىن كېتىپ ئۆلۈڭ – نىگارە شۇنداق دەپ ئۆرۈلۈپلا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ كىرىپ بىر چۈگۈن سۇ قويۇپ قويۇپ چىقىپ بىردەم ئولتۇردى، سىرتنى تىڭشاپ باققان ئىدى، ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىشىكنى ئېچىپ بايىقى جايغا قارىغان ئىدى، فەرۇق يەردە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. نىگارە بېرىپ ئۇنى ئىرغىتتى.
_ ھەي، قايتىپ كېتىڭ، بۇ يەردە ئۆلۈكتەك ياتقىنىڭىز نىمىسى ئەمدى؟
_ جىم تۇرۇڭە ئۇيقۇمنى بۇزماي.
ئۇنىڭ بېشىدىن ئاققان قان يەرگە يېيىلىپ ياتاتتى، ئۇ بۇنداق يېتىۋەرسە چاتاق چىقاتتى. نىگارە ئامالسىز ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كرىسلوغا ياتقۇزدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆيىدە فەرۇقنىڭ يارىسىغا سۈركىگىدەك ھېچنىمە يوق ئىدى، ئامالسىز قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ دېزىفىكسىيە قىلىدىغانغا يود بىلەن داكا ئېلىپ چىقتى. ئۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن چىققاندا فەرۇق ئۇخلاپ قالغان ئىدى. نىگارە داسقا ئازراق ئىسسىق سۇ قۇيۇپ لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ بوينىغا ئېقىپ چۈشكەن قانلارنى سۈرتتى، بېشىنىڭ كالتەك تەگكەن يېرىگە قارىغان ئىدى، كىچىك بىر تۈشۈك ئېچىلىپ قاپتۇ. نىگارە شۇنچە ئاۋايلاپ سۈرتكەن بولسىمۇ فەرۇق ئويغىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەسلى ئۇيقۇسى بەك سەگەكمۇ ياكى يېرىلىپ كەتكەن يېرى ئاغرىپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ كىچىككىنە شەپىدىنمۇ ئويغىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ نىگارەگە قارىدى. نىگارە ئۇنىڭ چىرايىغا قارىمىدى ھەم گەپمۇ قىلماي يارىسىنى يود بىلەن تازىلىغاندىن كېيىن داكا بىلەن تېڭىپ قويدى. ئەمەلىيەتتە فەرۇق ئۆزىنى كالتەك بىلەن ئۇرغان ئايالدىن مىننەتدار بولۇۋاتاتتى، چۈنكى ئۇ تاياق يىگەنلىكى ئۈچۈن نىگارە ئۇنى ئۆيىگە كىرگۈزدى، تاياق يىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ نىگارەنى يېقىندىن كۆرەلىدى.
_ ئۈرۈمچىدە بەزمىخانىڭىزنى ئېچىۋەرمەي بۇ يەرگە نىمىگە كەلدىڭىز؟_ نىگارە ئاخىرى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى.
_ سىزنى دەپ كەلدىم.
نىگارە فەرۇقنىڭ بېشىنى تېڭىپ بولۇپ ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتە نىگارەمۇ ھېسسىياتسىز ئادەم ئەمەس. ئۇ بايا فەرۇقنى كۆرگەندە يۈرەك سوقۇشى تېزلەشتى، ھەممە نەرسە ۋە ھەممە ئادەم يات بولغان بۇ شەھەردە ئۇ بۇرۇن چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمى تۇيۇقسىز ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالسا ئەلۋەتتە ئۇمۇ خۇش بولىدۇ. ئەمما ئۇ خۇشاللىقىنى دەقىقە ئارىلىقىدا بېسىلىپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن بىر قارارغا كېلىپ بولغان، قارارىدىن ھەرگىز يانمايدۇ.
_ ئاشقازىنىم ئاغرىۋاتىدۇ_ فەرۇق بىچارە چىرايىنى چىقىرىپ نىگارەگە تىكىلدى.
_ ئاغرىسا مېنىڭ نىمە كارىم؟
_ ئۇنداق تاشيۈرەكلىك قىلماڭ. بۈگۈن بىر كۈن تاماق يىمىدىم، شۇڭا ئاغرىۋاتامدىكىن – فەرۇق كرىسلودا تۈگۈلۈپلا قالدى.
_ خوپ بوپتۇ.
نىگارە ئاغزىدا ئۇنداق دېگىنى بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ بىردەمدە بىر تەخسە جۇۋاۋا سېلىپ كۆتۈرۈپ چىقتى.
_ توڭلاتقۇدا تۈگۈپ سېلىپ قويغان جۇۋاۋا بار ئىدى، شۇنىلا سېلىپ چىقتىم.
فەرۇق ئورنىدىن تۇرۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۈستەلگە كەلدى.
_ سىزنىڭ قولىڭىزدىنلا يەيدىغان ئىش بولسا زەھەر بولسىمۇ خۇشاللىق بىلەن يەيمەن _ ئۇ شۇنداق دەپ نىگارە سۇنغان چوكىنى ئېلىپ ئاچچىقسۇ، لازىنى تەڭشەپ يەي دەپ قولىنى ئۇزىتىپ بولۇپ نىگارەگە قارىدى.
_ سىزمۇ يەڭ. ئىككى قات تۇرۇپ كۈنبۇيى قۇۋۋىتى يوق تاماقلارنى يەپ قۇرسىقىڭىزنى گوللاپ يۈرىدىكەنسىز – ئۇ قولىدىكى چوكىنى قويۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ يەنە بىر تەخسە بىلەن چوكا ئېلىپ چىقتى.
_ ھەركۈندىكى تاماقنى سىز بويرۇتتىڭىزما؟
فەرۇق جاۋاب بەرمەي بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرىۋالدى. نىگارەنىڭمۇ قورسىقى ئاچقان ئىدى، ئۇ ئېلىپ چىققان جۇۋاۋىمۇ خېلى كۆپ ئىدى، شۇڭا ئۇمۇ تارتىشمايلا تەخسىگە ئاچچىقسۇ لازىنى ئوبدان تەڭشەپ يىيىشكە باشلىدى. تاماقنى يەپ بولۇپ، فەرۇق نىگارەنىڭ ئالدىغا بىر دانە بانكا كارتىسىنى سۈرۈپ قويدى.
_ مەخپىي نۇمۇرى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز.
نىگارە بانكا كارتىسىغا قارىدى، ئۇ يېڭى بانكا كارتىسى ئىدى، ئىچىدە نەچچە پۇل بارلىقى ئۇنىڭغا نامەلۇم. ئۇ نەزىرىنى كارتىدىن يۆتكەپ، فەرۇخقا قارىدى.
_ بۇ نىمە ئىش؟ ماڭا ھېسداشلىق قىلىۋاتامسىز؟ ياكى مېنى تاللىمىغاچقا كۆرگەن كۈنۈڭ مۇشۇ دەپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسىز؟
_ ياق، ياق، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ. سىزگە ھېسداشلىق قىلمىدىم، سىزنى مەسخىرە قىلىشنى تېخىمۇ ئويلاپ باقمىدىم. سىزنى جاپا تارتمىسىكەن دەپلا ئويلايمەن شۇ.
_ كېرىكى يوق _ ئۇ شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ تەخسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئاشخانا ئۆي تەرەپكە ماڭدى. ئەمەلىيەتتە فەرۇق كارتىنى بەرگەن چاغدىلا نىگارەنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى پەملىگەن، شۇنداقتىمۇ قوبۇل قىلىپ قالارمۇ يا دېگەن ئۈمىدتە سۇنغان ئىدى. دېمەك ئۇ ھېلىمۇ بۇرۇنقى جاھىل نىگارە ئىكەن، بۇ جەھەتتە قىلچىمۇ ئۆزگەرمەپتۇ. نىگارە ئاشخانىنى بېسىقتۇرۇپ چىققاندا فەرۇق تېخىچە كرىسلودا ئولتۇراتتى.
_ بېشىڭىزنى تېڭىپ قويدۇم، قۇرسىقىڭىزمۇ تويدى، ئەمدى كەتسىڭىز بولىدۇ.
_ بەك كەچ بولۇپ كەتتى، مەن بۇ يەردە ھېچكىمنى تۇنۇمايمەن، ھېچيەرنىمۇ بىلمەيمەن، بۇ كېچىدە قەيەرگىمۇ بارارمەن، مېنى بۇنداق قوغلىماڭە.
_ بۇ يەردە قونسىڭىز ياخشى بولمايدۇ.
_ ۋايجان، بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، بايا كالتەك بەكرەك تېگىپ كەتتىمۇ نىمە، مېڭەم سىلكىنىپ كەتمىگەندۇ ھە؟ ئاشقازىنىممۇ ئاغرىۋاتىدۇ، پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ. _ فەرۇق شۇنداق دېگىنىچە كرىسلودا تۈگۈلۈپلا قالدى. ئەسلى نىگارە ئۇ نېمىلا دېسۇن ئۇنى كەتكۈزىۋېتىشنى ئويلاشقان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى بىچارە تۇرقىغا قاراپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى، ئۇنىڭغىچە فەرۇق كرىسلودا تۈگۈلۈپ ياتقىنىچە خورەك تارتىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ يالغاندىن خورەك تارتىۋاتقىنىنى نىگارە بىلەتتى، لېكىن گەپ قىلماي ئۆرۈلۈپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدى. فەرۇقنىڭ بېشى، ئاشقازىنى، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىۋاتقىنى راست، ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن بەك ئاغرىۋاتقىنى ئۇنىڭ يۈرىكى ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن بۇيان مانا بۈگۈن ئەڭ خاتىرجەم بىر كېچىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغان ئىدىكىن، ئەتىسى ئەتىگەندە ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى. ئۇ كۆزىنى ئاچتى، تېخى تاڭ يورۇمىغان، سائەت نەچچە بولغانكىن، ئۇ «چۈشۈممۇ يا» دەپ ئەتراپىغا قارىدى، ئىشىك پەردىسىنىڭ ئۇچۇپ تۇرغىنىدىن ھېلىلا بىرىنىڭ چىقىپ كەتكىنى چىقىپلا تۇراتتى.ئۇ ئېغىناپقىغا ئورنىدىن تۇردى، ئاخشام ياتقان چېغىدا ئۈستىدە ھېچنىمە يوق ئىدى، قاچانلاردا يېپىپ قويدىكىن، ئۈستىگە بىر ئەدىيال يېپىقلىق تۇراتتى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئايىقىنى كىيىپ سىرتقا چىقتى نىگارە ئەمدى سىرتقا ماڭغان ئىدى، ئۇمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ كەينىدىن يېتىشىۋالدى.
_ بۇنچە ئەتىگەندە قەيەرگە بارىسىز؟
_ كۆكتات ئالغىلى _ دېدى نىگارە.
_ شۇنداقتىمۇ بۇنچىۋالا ئەتىگەن بېرىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇ؟ تېخى تاڭمۇ يورۇماپتۇغۇ؟_ فەرۇق شۇنداق دەپ ئەسنىدى.
_ مەن سىزنى بىللە بېرىڭ دېمىدىم، كىرىپ ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭ.
فەرۇق گەپ قىلماي ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىۋەردى. ئۇلار نەچچە كوچىدىن ئۆتۈپ ئاندىن كۆكتات بازىرىغا باردى. نىگارە نەچچە خالتا كۆكتات سېتىۋالدى، فەرۇق نىگارەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي كۆكتاتلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ كېتىۋاتاتتى. قولىدىكى كۆكتاتلار خېلىلا ئېغىر، بۈگۈنغۇ فەرۇق بار، كۆتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇنچۇ؟ ئۇ ئۆزى يالغۇز كۆتۈرگەن ئوخشايدۇ.
ئۆيگە بارغاندىن كېيىن نىگارە ئۆيىدىن بىر نەچچە داس ئېلىپ چىقىپ ھويلىدىلا كۆكتاتلارنى يۇيۇپ، زىخقا ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى. ئۇنىڭغىچە تاڭ يورۇپ ھويلىدىكى باشقىلارمۇ بىر بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى. فەرۇق بىر ياندا قاراپلا تۇراتتى، چۈنكى ئۇ نىگارەگە قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەي قېلىۋاتاتتى.
_ بۇنداق تۇرىۋەرمەي كېتىڭ – دېدى نىگارە ھويلىدىكىلەرنىڭ فەرۇق بىلەن ئۇنىڭغا غەلىتە قارىغىنىدىن ئەيمىنىپ.
_ جېنىم خوتۇن، خاپا بولماڭە. مەن خاتالىقىمنى تۇنۇدۇم، بالىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ مېنى كەچۈرىۋېتىڭە.
_ نىمە دەۋاتىسىز؟ كىم سىزنىڭ خوتۇنىڭىزكەن؟
_ سىڭلىم، ئېرىڭىز بىر چىرايلىق كەچۈرۈم سورىغاندىكىن، سىزمۇ بەك قاتتىقلىق قىلىپ تۇرىۋالماڭ ئەمدى. قۇسىقىڭىزدا باركەن، شۇنداق تۇرۇپ ئۆزىڭىز يالغۇز سودا قىلماق ئاسان ئەمەس. ئاياللار ھامان ئاجىزلىق قىلىپ قالىمىز، نۇرغۇن ئىشلاردا يەنىلا ئەر كىشىگە تايىنىدىغان گەپ- تۆنۈگۈن فەرۇقنى كالتەك بىلەن ئۇرغان ئايال نىگارەگە شۇنداق دېدى. باشقىلارمۇ نىگارەگە سالا قىلىشقا باشلىدى.
_ شۇ ئەمەسمۇ، ئەر ئاياللارنىڭ ئانچە مۇنچە ۋاقىرىشىپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، قانداقمۇ ئۇرۇش تالاش قىلماي ئۆتىمەن دېگىلى بولسۇن. بالاڭلارمۇ بار بوپتۇ مانا، بولدى قىلىۋېتىڭ ئەمدى_ دېدى ياشقا چوڭراق بىر ئايال.
_ خاتالىقىنى تۇنۇدىغۇ، سىزمۇ بەك كىرىشىۋالماڭ ئەمدى_ دېدى بىر ئەرمۇ. ئۇلار تۇشمۇ تۇشتىن گەپ قىلىپ نىگارەگە گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمىدى.
_ ياق، ئۇ مېنىڭ...
_ بولدى، بولدى، ئۇماق خوتۇنۇم. مەن خاتا قىلدىم دېدىمغۇ، مۇشۇ بىر قېتىم كەچۈرىۋېتىڭە. ئەمدى ئۇرۇشمايلى بولامدۇ؟ _ فەرۇقمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمىدى. بىردەمدىن كېيىن قوشنىلارنىڭ ھەممىسى بىر بىرلەپ ئىشقا كېتىشتى. ناشتا قىلىۋاتقاندا نىگارەگە فەرۇخقا :
_ ناشتىنى قىلىپ بولۇپ قايتىپ كېتىڭ، ئەمدى كەلگۈچى بولماڭ،_ دېدى. فەرۇق گەپ قىلمىدى. ناشتا قىلىپ بولۇپ نىگارە يەنە ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ دەرۋازىدىن چىقتى، فەرۇق كەينىدىن يېتىشىپ كېلىپ ھارۋىنى ئىتتىردى.
_ نىمانداق يۈزىڭىز قېلىن سىزنىڭ؟ گېپىمنى چۈشەنمەيۋاتامسىز يا؟ بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتىڭىز.
مەيلى نىگارە نىمىلا دېسۇن، فەرۇق ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەي ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ يۈردى. ئەمدى چۈشتىن قايرىلىشىغىلا شارقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. نىگارەنىڭ يايمىنىڭ ئۈستىنى توسىدىغان كۈنلۈكى يوق ئىدى، چوغمۇ يامغۇر سۈيىدە ئۆچۈپ قالدى. ئۇ ئالدىراپ-تىنەپ نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى. فەرۇق ئۇنى ئاۋۋال بىرەر دالدىغا بېرىۋېلىپ، يامغۇر پەسەيگەندە كېلىپ يىغىشتۇرۇڭ دېسىمۇ ئۇنىمىدى، بىردەمدىلا ھەر ئىككىسىنىڭ ئۈستى-بېشى ھۆل بولۇپ كەتتى. نىگارەنىڭ ئەسلى بىر كىچىك كۈنلۈكى بار ئىدى، ئەمما ئۇ كۈنلۈكىنى ھېلىقى كۆكتات ساتىدىغان مومايغا بېرىۋەتكەن ئىدى.
ھەممە نەرسىنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، نىگارە فەرۇخقا قاراپمۇ قويماي ھارۋىنى ئىتتىرىپ مېڭىۋەردى.
_ يامغۇر توختىغاندا ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟ _ دەپ ۋاقىرىدى فەرۇق، ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتى چېكىگە يەتكەن ئىدى. نىگارە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى، فەرۇق يۈگۈرۈپ بېرىپ ھارۋىنى تەپتى، نىگارە ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى.
_ ساراڭمۇ سىز؟
_ ھە، مەن ساراڭ. ئۇچىغا چىققان ساراڭ.
نىگارە ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويۇپ ئالدىغا مېڭىۋەردى، فەرۇق قايتا كېلىپ نىگارەنى تارتقان ئىدى، نىگارە ھارۋىنى قويۇۋېتىپ فەرۇخقا قاراپ ۋارقىرىدى.
_ كېتىڭ. مەن قانداق بولىمەن،نىمە ئىش قىلىمەن، تىلەمچىلىك قىلامدىم، سىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، تولا ئالدىمدا بۇنداق چۆگىلەپ يۈرمەڭ، تېخىمۇ ئۆچلۈكۈمنى كەلتۈرۈپ.
فەرۇق جايىدا قېپ قالدى، نىگارە ئۆيىگە كېلىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ سەل بىئارام بولغاندەك ھېس قىلىپ يېتىۋالدى. ئۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندا ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بارغان ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى يۇ، لېكىن بېشى قېيىپ يەنە ئولتۇرۇپ قالدى، ئەينەككە قارىغان ئىدى، ئىككى مەڭزى قىزىرىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى سەزدى.
نىگارە قوشنىسىدىن كۈنلۈك سوراپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ماڭدى، چۈنكى ئۇ ئاغرىپ قالغانلىق سەۋەبلىك بالىغا تەسىر يېتىپ قېلىشىنى خالىمايتتى، زۇكىمى ئېغىرلاپ ئەتىكى سودىدىن قۇرۇق قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















