
بۇ ئەسەرنىڭ 177-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
176-قىسىم
نىگارەنىڭ ھېكايىسى
نىگارە قولىدا ھۆججەتنى كۆتۈرۈپ كېلىپ دېرىكتورنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. ئىچىدىن «كىرىڭ» دېگەن ئاۋاز چىققاندىن ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ كىرىپ ئۈستەلنىڭ ئالدىغا بېرىپ قولىدىكى ھۆججەتنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئەرگە ئەدەب بىلەن سۇندى.
_ دېرىكتور، سىز سورىغان ھۆججەت.
دېرىكتور بېشىنى كۆتۈرۈپ نىگارەگە قارىدى. ئۇ يۈزىگە بىلىنەر بىلىنمەس گىرىم قىلىۋالغان بولسىمۇ ئېقىپ چۈشكىدەك گىرىم قىلغانلارغا قارىغاندا ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنەتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىگە بوي بەرمەيدىغان خاراكتېرى ئادەمنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، بىر قارىغان ئەر كىشىنى قايتا قارىتىپ قويغۇدەك ئىدى. دېرىكتور نىگارەنىڭ قولىدىن ھۆججەتنى ئالغاچ ئۇنىڭغا ئاچ بۆرىدەك تىكىلىپ قولىنى تۇتتى.
_ مەن سىزدەك قىزلارنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆزى چىرايلىق، خىزمەتتىمۇ ئەستايىدىل.
نىگارە قولىنى تارتىۋېلىپ، ھېچ ئىپادىسىزلا جاۋاب قايتۇردى.
_ باشقا ئىش بولمىسا مەن چىقاي، دېرىكتور! _ ئۇ ئۆرۈلۈپ مېڭىشىغا دېرىكتور ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى تاقاپ قويدى.
_ نىمىگە ئالدىرايسىز؟ ھازىر شىركەتتە بىر يېڭى تۈرنى پىلانلاۋاتىمىز، ھازىر ئىككىمىز بىللە ئاشۇ يېڭى تۈر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى _ ئۇ شۇنداق دېگەنچە نىگارەگە يېقىنلاشتى.
_ مەن ئادەتتىكى قارا ئىش قىلىدىغان بىر كاتىپمەن، ئۇنداق تۈر دېگەنلەرنى چۈشەنمەيمەن.
بۇنىڭغىچە دېرىكتور نىگارەنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۈرىسىدىن تۇتۇپ بولغان ئىدى.
_ گېپىمنى چۈشەنمىدىڭىزما؟ ئادەم دېگەن بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرسە بولمايدۇ. ماقۇل دەپ گېپىمگە كىرسىڭىز سىزنى ئۆستۈرىمەن، ئۆسسىڭىز مائاشىڭىزمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ياردەمچىم بولىسىز، شىركەتنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىگە مەسئۇل قىلىمەن. شۇڭا ئاۋۋال تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيلى دېمەكچىمەن.
نىگارە قىلچە ھودۇقماستىن دېرىكتورنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئەكىلىپ قۇرسىقىنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
_ دېرىكتور، سىزنىڭچە مەندەك ھامىلدار ئايال چوڭ چوڭ تۈرلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمەنمۇ؟ _ دېرىكتور چۆچۈپ نىگارەنىڭ قورسىقىغا قارىدى.
نىگارەنىڭ شىركەتكە كىرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان، يەنە كېلىپ دائىم كەڭ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدىغان بولغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭ قورسىقىغا دېققەت قىلمىغان ئىدى. دېرىكتورنىڭ چىرايى بەك سەت ئۆڭۈپ كەتتى. ئۇ دەرھال ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نىگارەنىڭ تەرجىمىھالىنى تېپىپ، بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن قەغەزگە چېكىپ تۇرۇپ: _
_ بۇيىڭىزدا بار تۇرۇپ تەرجىمىھالىڭىزغا نىمىشقا توي قىلمىغان دەپ يازىسىز؟ بۇ ئالدامچىلىق بولىدۇ جۇمۇ.
نىگارە بۇرۇن تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىدا تېرىنېر بولغان، ئەمما ھازىر بويىدا بار بولغاچقا ئۇنداق خىزمەتنى قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇ كاتىپلىق خىزمىتىنى سەل ئاسانراق، ئۆزىگە ماس كېلىدۇ دەپ ئويلاپ شۇ خىزمەتنى قىلىۋاتاتتى. ئۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندە، ئىش ھەققىنىڭ خېلى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما توي قىلمىغان بولۇش دەيدىغان تەلىپى بارلىقىنى كۆرۈپ، تەرجىمىھالىغا توي قىلمىغان دەپ يازغان ئىدى. ئۇ بۇنى بۇرۇنلا ئويلىشىپ قويغان، ئەگەر قۇرسىقى يوغىناپ كەتكەندە بايقىلىپ قېلىپ خىزمەتتىن چېكىنسىمۇ مەيلى ئەمەسمۇ، ئۇنىڭغىچە ئازراق بولسىمۇ ئىشلەپ، ئازراق پۇلنىڭ غېمىنى قىلىۋالىدۇ.
_ ھە، نىمە بوپتۇ؟_ دېدى نىگارە پەرۋاسىز قىياپەتتە. دېرىكتور يەنە ھەيران قالدى.
ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن كاتىپلارنى كۆرگەن، قۇلىقى يۇمشاقلىرىمۇ، بوينى قاتتىقلىرىمۇ بار ئىدى، ئەمما ئۇ بۇنداق ئايالنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ بويىدا بار، شۇڭا ئۇ دېرىكتورغا خوشامەت قىلىشى، بۇ ئىشنى باشقىلارغا ئېيتماسلىقنى ئۆتۈنسە توغرا بولاتتى، ئەمما نىگارە دېرىكتورنى نەزىرىگە ئىلىپمۇ قويماي تۇراتتى. بۇنىڭغا دېرىكتور مەيلى دەپ تۇرسا بولمايدۇ دە ئەلۋەتتە. دېرىكتور گېلىنى قىرىپ قويۇپ مەغرۇر قىياپەتتە گەپ قىلدى.
_ ئىشتىن بوشىتىلدىڭىز.
نىگارە چىرايىنى ئۆزگەرتمەي پىشانىسىگە چۈشۈپ قالغان چېچىنى بارمىقى بىلەن كەينىگە تاراپ قويدى.
_ بولىدۇ، ئەمىسە مالىيە بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ قويۇڭ، ماڭا ئىش ھەققىمنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك پۇلنى بەرسە ئاندىن كېتىمەن.
_ ئۈچ ھەسسىچىلىك؟ نىمىشقا؟
_ ئەمگەك قانۇنى بويىچە خىزمەتچىنى سەۋەبسىزلا ئىشتىن بوشاتسا ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك تۆلەم بېرىلىدۇ، ھە راس، ھامىلدار خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشاتسا ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ بولىدۇ جۇمۇ، بۇنى بىلىدىغانسىز؟
دېرىكتور بىر تال تاماكا چىقىرىپ ئاغزىغا چىشلىگەچ نىگارەگە قارىدى. ئادەتتە بېشىنى سېلىپ ئىشلا قىلىدىغان، ئارتۇق گېپى يوق بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە دەۋاتقان گېپىدىن ھەيران قېلىۋاتاتتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىگە قايىل بولىۋاتاتتى. دېرىكتور ئورنىدىن تۇرۇپ نىگارەنىڭ ئالدىغا بېرىپ يۈزىنى چىمدىماقچى بولۇپ قولىنى ئۇزاتتى
_ بۇنداق ئەقىللىق قىزنى كەتكۈزىۋەتسەم ۋاي ئىسىت دەپ قالمامدىمەن؟!
نىگارە چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ قايرىپلا دۈمبىسىگە چاپلاپ قويدى.
_ ۋايجان، ۋايجان، ئاستىراق.
_ قولىڭىزنى باشقۇرالمىسىڭىز، ئىگىسىگە بويسۇنمىغان بۇنداق قولنى بىراقلا سۇندۇرىۋېتىپ قالىمەن بىكار ھە.
دېرىكتور نىگارەنىڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى، راستلا ئۇنىڭ قولىنى سۇندۇرىۋەتسە قانداق قىلغۇلۇق، ئۇنىڭدىن كۆرە نىگارەگە ئۈچ ھەسسە ئىش ھەققى بېرىپ كەتكۈزىۋەتكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ. نىگارە ئىش ھەققىنى ئېلىپ ئۈستىلىگە كېلىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى. ئۇ شىركەتكە كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا نەرسە كېرەكلىرى بەك كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغىنىنى ئاڭلاپ خىزمەتداشلىرى پىچىرلاشقىلى تۇردى. «تاق تاق تاق» قىلىپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئاۋازى يېقىنلاشتى، نىگارە بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، خىزمەتدىشى گۈلمىرە بەللىرىنى تولغاپ مېڭىپ ئۇنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالغان ئىدى.
_ نىگارە، ئاڭلىسام بويىڭىزدا بار ئىكەن ھە، ۋىيەي، مەن تېخى سىزنى تېخى توي قىلمىغان دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن. يا سىز توي قىلماي تۇرۇپلا...._ ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېمىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئادەم نىمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلىۋالالايتتى
_ بالىنىڭ دادىسى كىم؟ ئۆزىڭىز بىلىدىغانسىز ھە؟ _ دېدى ئۇ يەنە ۋە ئاغزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلدى. ئۇنڭغا ئەگىشىپ بەزىلەر كۈلۈشتى. نىگارە قولىدىكى نەرسە كېرەك سېلىنغان قەغەز ساندۇقنى ئۈستەل ئۈستىگە پاققىدە تاشلىدى.
_ نىمە كارىڭىز؟ سىزنى بالا بېقىپ بېرىڭ دېگەنمىتىم؟ _ نىگارە شۇنداق دەپ يەنە قەغەز ساندۇقنى كۆتۈرۈپ مەغرۇرلارچە چىقىپ كەتتى. بايىقى ئايالنىڭ كىيىۋالغان ئايىقىنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز بولغاچقىمۇ، تۈز تۇرالماي دەڭسىلىپ كېتىپ پۇتى قايرىلىپ كەتتى.
_ ھەي، نىگارە دېگەن بىر نىمە، نېمەڭگە نوچىلىق قىلىسەن؟
توغرا، نىگارە ھازىر نېمىسىگە نوچىلىق قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ راستلا نوچىلىق قىلغۇدەك ھېچنېمىسى قالمىدى، ئۇ ھازىر بۇرۇنقى نىگارە ئەمەس، لېكىن باشقىلارغا بوزەك بولۇپ قالسىمۇ بولمايدۇ دە.
نىگارە كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ھازىر تۇرىۋاتقان جايى كونا مەھەللە ئىدى، بۇ يەردە تۇرىدىغانلار ھەممىسى دېگۈدەك سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ۋە نامرات كىشىلەر بولۇپ، ئۆي ئىجارىسى ئەرزان ئىدى. ئۇ تۇرىدىغان ھويلىدا بىر نەچچە ئائىلىلىك بار ئىدى. ئۇ ئەمدى ھويلىغا كىرىشىگە كەينىدىنلا بىر ئايال كىردى.
_ مەن سىزنى ساقلىغىلى خېلى بولدى. ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرىدىغان ۋاقتىڭىز بولۇپ ئېشىپ كەتتى. سىزنى قىستىمىسام بولاتتى، لېكىن مېنىمۇ توغرا چۈشىنىڭ، بىزمۇ مۇشۇ ئۆي ئىجارىسىگە تايىنىپ جان باقىمىز ئەمەسمۇ.
نىگارە سومكىسىدىن پۇلنى چىقىرىپ ئايالغا سۇندى.
_ كەچۈرۈڭ، بەك سەت بولدى. پۇلنى كەينىگە سۆرەپ قويدۇم. بۇ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىجارە پۇل.
ئايال پۇلنى قولىغا ئېلىپلا چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلدى.
_ ھېچقىسى يوق. بىلىمەن، سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، يېقىندىن بۇيان قولۇم سەل قىسقا بولۇپ قالدى، بولمىسا سىزنى سۈيلەپمۇ يۈرمەيتتىم.
نىگارە ئۆيگە كىرىپ يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ بولۇپ ئەينەككە قارىدى، كۆزىنىڭ قويرۇقىدا بىلىنەرلىك قورۇقلار پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ سۇسقىنە گىرىم قىلىپ، ئىجارىنى بېرىپ ئاشقان پۇلنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقتى. ئۇ كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ تۈرمىگە باردى ۋە قولىدىكى پۇلنى شۆھرەتنىڭ ھېساباتىغا ئۇرۇۋەتكەندىن كېيىن كۆرۈشۈش ئۆيىگە كىرىپ شۆھرەت بىلەن كۆرۈشۈشنى ساقلىدى.
ئۇ شۆھرەتكە قارىدى، شۆھرەت ئوبدانلا ئورۇقلاپ قالغان ئىدى، ئەمەلىيەتتە نىگارەمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا تارتىلىپ قالدى، ئەمما ئۇ ھەرقېتىم شۆھرەت بىلەن كۆرۈشكەندە ئامال بار ئۆزىنى خۇشال كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى. شۆھرەت ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە بىر گەپنى تەكرارلايتتى:
_ ياخشىراق بىرەرىنى تېپىپ ياتلىق بولۇڭ. مېنى ساقلىماڭ.
ئەمما نىگارە تەۋرىنىپ باقمىدى.
_ كۆرۈشىدىغان ۋاقتىمىز ئۇزۇن ئەمەس، بۇنداق گەپلەر بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭە.
شۆھرەت نىگارەنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ نىگارە ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن باش تارتمىدى، نىگارەنىڭمۇ ئۇنى قىلچە ئىككىلەنمەي ساقلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئەمما يەنە جان باقمىسا بولمايدۇ دە. لېكىن ھازىر نىگارەنىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك يوغىناپ قالدى، خىزمەت تاپمىقىمۇ تەس. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئۇ ئاخىرى كاۋاپچىلىق قىلىش قارارىغا كەلدى. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ئىش باشلاپلا سودىسى يۈرۈشۈپ كەتتى، بەزىدە ئالدىراشلىقتا بىر يۇتۇم سۇ ئىچكۈدەكمۇ ۋاقىت چىقمايتتى. بۇلتۇر يېڭى يىلدا ئۇ نازىيە، ئۈمىدلەر بىلەن شىركەتنىڭ پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئارامگاھقا بارغاندا، شۆھرەت ئۇنى كاۋاپ پىشۇرۇشقا ئۇستىكەنسىز دېگەندە، ئۇ كېيىن قىلىدىغانغا ئىش چىقمىغاندا كاۋاپچىلىق قىلىپ جېنىمنى باقارمەن دېگەن ئىدى. ئۇ كۈن بەك تېزلا كېلىپ قالدى.
ئۇ چۈشلۈك بازارنى تۈگىتىپ بولۇپ، بىر قاچا تەييار چۆپنى چىلاپ ئەمدى ئىچەي دەپ تۇرۇشىغا بىر ئەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇھسىندى.
_ ئاچا، سىزگە نىمە جاپا دەيمەن؟
نىگارە ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي تامىقىنى يەۋەردى. ئۇ ئەر كېلىپلا نىگارەنىڭ ئالدىدا زۇڭزىيىپ ئولتۇردى.
_ ئاچا، شۆھرەت ئاكامنىڭ ھەممە مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغىنى بىلەن، ئاكام سىزنى دەپ بۇرۇنلا بىر قىسىم پۇللىرى بىلەن ئۆينى مېنىڭ نامىمغا ئۆتكۈزۈپ سىزگە بېرىشىمنى تاپىلىغان. تەييار ئۆيىڭىز، پۇلىڭىز تۇرۇپ نىمە كۈن بۇ سىزگە. ئاكام بۇ ھالىتىڭىزنى كۆرسە قانچىلىك ئىچى ئېچىشىپ كېتەر؟
_ ئۇ پۇللارنى ئالالمايمەن. جاپا تارتسام كېرەك يوق، ئۆزۈمنىڭ قان تەرىم بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى خاتىرجەم خەجلىيەلەيدىكەنمەن.
ئۇ ئەر يەنە ئۇھسىندى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ نىگارەنىڭ مىجەزىنى بىلەتتى، نىگارە قارار قىلغان ئىشىدىن ھەرگىز يانمايتتى.
_ بۇ ئىشلارنى شۆھرەتكە دېمەڭ ھە.
_ ماقۇل، دېمەيمەن.
ئۇ چىلاپ قويغان تەييار چۆپنى ئىچىپ بولالماي تۇرۇپلا خېرىدار كېلىپ قالدى، ئۇ تامىقىنى قويۇپ قويۇپلا ئورنىدىن تۇردى. خېرىدارلارنى ماڭغۇزۇپ بولۇپ كېلىپ تامىقىنى قولىغا ئالغاندا تاماق سوۋۇپ قالغان ئىدى. كەچتە ئۇ ھەممە ئادەم ئىشتىن چۈشۈپ، كوچىدا تۈزۈك ئادەم قالمىغاندا ئاندىن نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ يىراقتىكى ئۆيىگە قاراپ ماڭاتتى. بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەن نىگارە كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ياتقان پىتى مىدىر-سىدىر قىلغۇسى كەلمەيتتى، مۇمكىن بولسا نەچچە كېچە كۈندۈز مۇشۇنداق مىدىرماي يېتىپ ئۇخلاپ باقسا ھە؟ لېكىن ئەتىسى ئەتىگەن يەنە سەھەر تۇرۇپ گۆش سېتىۋېلىش، كۆكتات ئەكىلىپ يۇيۇش، كاۋاپنى زىخقا ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇنىڭ كۈنلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆتىۋاتاتتى. بەلكىم ئۇنىڭ بۇيىدا بولمىغان بولسا بۇنچىلىك جاپا تارتىپ كەتمەيتتى. لېكىن بالىسى بولغاچقا ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق بولۇپ قالدى. ئۇ ھازىر پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىش بىلەن بىللە بالىنى ساق سالامەت تۇغۇشى كېرەك. شۆھرەت نىگارەنى دەپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، نىگارەنىڭ قۇرسىقىدىكى شۆھرەتنىڭ بالىسى، نىگارە بالا ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
شۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق ئىدى. نىگارە چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە تاماق يىگۈدەك ۋاقىت چىقىرالمىدى. ئۇنىڭ كاۋاپچىلىق يايمىسى كىچىك بولغىنى بىلەن سودىسى خېلىلا ياخشى ئىدى، بەزىدە ئۆزى يالغۇز يېتىشەلمەيلا قالاتتى. ئۇ ئەمدى ئازراق بىكار بولۇپ «ئۇف» دەپ ئولتۇرۇشىغا تاماق يەتكۈزگۈچى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
_ مەن تاماق بويرۇتمىغان – دېدى ئۇ. تاماق يەتكۈزگۈچى تاماقنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويدى.
_ خاتالاشمىدىم، سىزنىڭ تامىقىڭىز.
نىگارە تالوننى ئېچىپ قارىدى. تالوندا مۇنداق خەتلەر يېزىقلىق ئىدى. «تىنىچلىق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالدىدىكى كاۋاپچى خانقىزغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ!» نىگارەگە بىرەرى بۇنداق كۈيۈنۈپ باقمىغىنىغا نىكەم، خەتلەرنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكى ئىللىپ قالدى. ئۇ ئەتراپىغا قارىدى، تاماقنى كمنىڭ بويرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلمەكچى بولدى، ئەمما يېقىنلا يەردە كۆكتات سېتىپ ئولتۇرغان مومايدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. موماي 70 80 ياشلاردىكى چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقارغان ئايال ئىدى. ئۇ ھەركۈنى مۇشۇ يەردە كۆكتات ساتاتتى، ئۇنىڭ كۆكتاتلىرى كۆكتات بازىرىدىكىدەك چىرايلىق بولمىسىمۇ، ئۇ ئۆزۈم تېرىغان دەيتتى. نىگارە موماينىڭ چوقۇم ئىگە چاقىسى يوقكەن، بولمىسا ياشانغاندا بۇنداق جاپا تارتىپ يۈرمەيتتى دەپ ئويلايتتى. ئۇ موماي چوقۇم تېخى تاماق يىمىدى دەپ ئويلاپ تاماق يەتكۈزگۈچى ئېلىپ كەلگەن تاماقنى ئاپىرىپ مومايغا بەردى، موماي خۇش بولۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى. نىگارە ئورنىغا قايتىپ كېلىپ يەنە بىر قاچا تەييار چۆپ چىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەركۈنى تاماق يەتكۈزگۈچى ئۇنىڭغا تاماق ئەكىلىپ بەردى، ئۇمۇ تاماقنى ئۆزى يىمەي مومايغا بېرىۋەردى.
كەچتە ئۇ يايمىسىنى يىغىپ ھارغىن پۇتلىرى بىلەن ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭدى، ئۇ پۈتۈن بىر كۈن دېگۈدەك ئۆرە تۇرۇپ كاۋاپ پىشۇرۇپ تۈزۈك ئولتۇرغۇدەك ۋاقىت چىقىرالمايتتى، شۇڭا ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ھەر بىر قەدەمنى شۇنچىلىك تەستە ئالاتتى. ھارۋا چاقىنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ خىيال سۈرۈش مېڭىۋاتقان ئۇ يېقىنلا يەردە ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان بىرىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















