
بۇ ئەسەرنىڭ 122-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
|||
121-قىسىم
_ سىز....نىمە بولدىڭىز؟ قولىڭىز قان تۇرىدۇغۇ؟
ئۇ يەنىلا مېنى قۇچاقلاپ بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى.
_ مەندىن ئايرىلماڭ، مەلىكەم. مېنى كەچۈرۈڭ.
مەن مىڭبىر تەسلىكتە ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلىپ چىقتىم، باياتىن بېرى كۆزىنى يۇمۇپ تۇرغان ئۇ كۆزىنى ئېچىپلا بېلىكىمگە ئېسىلدى.
_ مەلىكەم، كەتمەڭ، يېنىمدىن كەتمەڭ، مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن.
ئۇنىڭ قوشۇمىسىنىڭ تۈرۈلۈپ كەتكىنىدىن ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقىنىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ئدى، ئاۋازىمۇ ئاجىز ھالەتتە چىقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم، ئۇچىسىغا قارا كاستيۇم كىيىۋالغاچقا قاننىڭ رەڭگىنى بىلگىلى بولمىغان بىلەن خېلى چوڭ يەر ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. دەرھال ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يېڭىنى تۈرۈپ قارىدىم، ئىچىگە كىيگەن ئاپئاق كۆينىكى قېپقىزىل قانغا بويىلىپ كەتكەن، قان مېنىڭ كىيمىمگە ۋە كرىسلوغىمۇ يۇقۇپ بولغان ئىدى.
_ ئۈمىد، نىمە ئىش بولدى؟ بۇ نىمە قان؟ _ قورققىنىمدىن تىترەپ كەتتىم.
_ مەلىكەم، يېنىمدىن كەتمەڭ_ ئۇ يەنىلا شۇ گەپنى تەكرارلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئاغرىمىدى دېسەم يالغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ پىشانىسىغا قولۇمنى تەگكۈزدۈم.
_«قىزىتمىسى بەكلا يۇقىرىمۇ نېمە؟» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. بايا تېخى كېتىمەن دەيدىغان قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بولغان ئادەم ئەمدى ئارىسالدى بولىۋاتاتتىم. ئۇ مۇشۇ ھالەتە تۇرسا پىشىمنى قېقىپلا كېتىپ قالسام قانداق بولار؟ ئەڭ دەسلەپتە ئۇمۇ مېنى قۇتقۇزىۋالغان ئەمەسمۇ. بولدى، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئاغرىقى ساقايسۇن، قالغان ئىشلارنى شۇ چاغدا ئويلىشارمەن.
_ ئۈمىد، يېتىپ تۇرۇڭ، مەن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىراي.
تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن تېلېفوننى ئالدىم.
_ يا....ياق، تېلېفون قىلماڭ_ ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقۇدەكمۇ ھالى يوق ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، مۈشۈك كۆزدىن قارىسام ئالىم تۇرۇپتۇ، دەرھال ئىشىكنى ئاچتىم. ئالىمنىڭ كەينىدە دورا ساندۇقىنى كۆتۈرىۋالغان بىر ئەر دوختۇربىلەن بىر ئايال دوختۇر تۇراتتى.
_ باش دېرىكتور دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئۇنىمىغاچقا دوختۇرلارنى باشلاپلا كەلدىم_ دېدى ئالىم.
مەن خۇددى ئۈمىد يۇلتۇزىنى كۆرگەندەك خوش بولدۇم ۋە دەرھال ئىككى دوختۇرنى ئۆيگە باشلىدىم. ئالىم بىلەن ئىككى دوختۇر ئۈمىدنى كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا يۆتكىدى، ئۇ بەكلا ھالسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى.
_ ئۇ زادى نىمە بوپتۇ؟ نىمىشقا بۇنچىۋالا قىزىپ كېتىدۇ؟_ قانداق قىلارىمنى بىلمەي ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ سورىدىم.
_ خاپا بولماي ئىسسىق سۇ ئەكىرىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن_ دېدى بايىقى ئايال.
مەن دەرھال چىقىپ بىر داسقا ئىسسىق سۇ ئېلىپ كىردىم. ئىسسىق سۇنى ئېلىپ كىرگەن چېغىمدا ئۇلار ئۈمىدنىڭ چاپىنىنى سالدۇرىۋەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئاپئاق كۆينىكىگە چاپلىشىپ كەتكەن قاننى كۆرۈپ پۇت قولۇمدا جان قالمىدى. ئەر دوختۇر قايچا بىلەن ئۇنىڭ كۆينىكىنىڭ يېڭىنى ئۈستىگە قارىتىپ كېسىشكە باشلىدى.
_ مەلىكەم، يېنىمدىن كەتمەڭ.
ئۈمىد كۆزىنى ئېچىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ كۆزىنى ئاچقۇدەك ماغدۇرى قالمىغانمىكىن، ئاخىرى ساق قولىنى سوزدى.
_ خانىم، ئەپەندىمنىڭ يېنىدىراق تۇرغان بولسىڭىز_ دېدى ئەر دوختۇر.
_ ھە_ دەپ ئاستا ئۈمىدنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ قولىنى تۇتتۇم. قولۇم ئۇنىڭ قولىغا تېگىشى بىلەنلا ئۇ قولۇمنى كۈچەپ سىقتى. دوختۇر ئۇنىڭ يېڭىنى كېسىپ بولدى. كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ بېلىكىدە بېلىقنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالغان يارا ئېغىزى پەيدا بولدى، يارا ئېغىزىدىن ئۇنىڭ قولىنىڭ گۆشى، ھەتتا سۆڭىكى كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى. يارا ئېغىزىدىن ھېلىمۇ قان چىقىۋاتاتتى. دوختۇر ئاۋۋال يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى قانلارنى تازىلىدى، ئاندىن دورا ساندۇقىنى چىقىرىپ دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ يارا ئېغىزىنىڭ ئەتراپىنى دېزىنفىسىيە قىلدى. ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان قولۇم ئاستا-ئاستا بوشاشقا باشلىدى، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان جايىمغا يىقىلىپلا قالدىم. قۇلىقىمغا دوختۇرنىڭ ئالىمنى چاقىرغىنى ئاڭلاندى، لېكىن ھەرقانچە كۆزۈمنى ئاچاي دەپ تىرىشىپ باقساممۇ ئاچالمىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام يەنە بىر ھۇجرىدىكى كارىۋاتتا ياتىمەن، دوختۇر يېنىمدا تۇرۇپ قان بېسىمىمنى ئۆلچەۋېتىپتۇ. ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم.
_ ئۈمىدچۇ؟ ئۇ قانداقراق؟
_ ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ يارىسىنى تىكىپ، يارا ئېغىزىنى تېڭىپ قويدۇق. سىزنىڭمۇ تىنىڭىز بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، خانىم، يەنە كېلىپ بويىڭىزدا باركەن، دېققەت قىلمىسڭىز بولمىغىدەك.
دوختۇرغا رەھمەت ئېيتىپ ئۈمىدنىڭ يېنىغا چىقتىم. ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ قولىدىكى يارىسى يىنىك يارا ئەمەسكەن.
كەينىمدىن دوختۇر كىردى ۋە دورا ساندۇقىدىن بىر مۇنچە دورىلارنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.
_ بۇ دورىلارنى ئۈمىد ئەپەندىم چوقۇم ۋاقتى ۋاقتىدا ئىچسۇن، ئىچىش ئۇسۇلىنى ئۈستىگە يېزىپ قويدۇم. يارا ئېغىزى ھەرگىز ھۆل بولۇپ قالمىسۇن، بىز ئەتە يەنە كېلىپ تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ قويىمىز. ئەپەندىمنىڭ قىزىتمىسى تېخى يانمىدى، قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچسۇن، مايلىق تاماق يىمىسۇن.
_ ماقۇل، رەھمەت سىزگە، دوختۇر_ دېدىم.
ئالىم دوختۇرلارنى ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ماڭدى، ئەمما ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ يەنە كەينىگە قايرىلىپ ئۈمىدكە بىر قارىۋېتىپ، ئاندىن ماڭا:
_ جاپا چېكىدىغان بولدىڭىز، خانىم_ دېدى.
ئۈمىد ئۇخلىغاندەك قىلغىنى بىلەن ھاسىراپ كېتىۋاتاتتى، چىرايىنىڭ ھېلىدىن ھېلىغا ئۆزگىرىشىدىن تازا خاتىرجەم ئۇخلىيالمايۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ تېڭىلغان قولىغا قارىدىم. ئۇنىڭغا زادى نىمە بولغاندۇ؟ قانداق بولۇپ بۇنداق يارىلانغاندۇ؟ كىم پىچاق تىقىۋەتكەندۇ؟ ئۇنىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ باقتىم، يەنىلا شۇنداق قىزىق. لۆڭگىنى سۇغا چىلاپ سىقىۋېتىپ ئەكىلىپ ئۇنىڭ پىشانىسىغا قويدۇم،
_ مەلىكەم_ ئۈمىد ئىسمىمنى چاقىرىپلا كۆزىنى ئاچتى ۋە مېنى كۆرۈپ «ئۇف، ھەرنىمە بولسا چۈشۈمكەن» دەپ ساق قولى بىلەن قولۇمنى تۇتتى.
_ دورىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ_ شۇنداق دەپ دورىنى چىقىرىپ، ئىستاكانغا قايناقسۇ قۇيدۇم ۋە ئۇنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ دورىنى ئىچكۈزۈپ بولۇپ يەنە ياتقۇزۇپ قويدۇم. ئۇنىڭ بېشى ياستۇققا تېگىشى بىلەن يەنە ئىككىمىزلا ئاڭلىيالىغۇدەك پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى.
_ مەلىكەم، كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ قويدۇم، مېنى كەچۈرۈڭ، بولامدۇ؟
مەن ئۇنىڭ بۇنداق شىرىن-شىكەر گەپلىرىگە ئەمدى ئالدىنىپ كەتمەسلىككە نىيەت قىلىپ بولغان، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ شۇنچىلىك تەمكىن تۇراتتىم.
_ ھازىر بۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇرۇڭ، مۇھىمى سالامەتلىك.
_ ھەئە_ دېدى ئۇ، ئەمما قولۇمنى قويۇۋەتمىدى.
_ قانداق بولۇپ يارىلاندىڭىز؟_ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
_ سودا ساھەسىدە رەقىبلىك، دۈشمەنلىك بولۇپ قېلىشتىن ساقلانماق تەس.
مەن سودا ساھەسىنى چۈشەنمەيمەن، ئەمما كىنولاردا سودىدىكى رەقىبىگە ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، پايدىنىڭ ھەممىنى ئۆزى ئېلىۋېلىشنى كۆزلەيدىغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەنتىم. ئەمما ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ دەرىجىدە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ماڭا يالغان سۆزلەۋاتقىنىنى بىلىپ قالدىم، ئەمما ئۇنىڭ دېگۈسى كەلمىگەن ئىكەن، مەنمۇ زىغىرلاپ سوراۋېرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
_ بەك ئورۇقلاپ كەتتىڭىزمۇ نىمە، مەلىكەم.
راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ سۆزىنى ئاڭلاشقا ۋە جاۋاب قايتۇرۇشقا رايىم بارمىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
_ مەن چىقىپ تاماق ئېتەي، نىمە تاماق يىگۈڭىز بار؟
_ ئۆزىڭىزنىڭ نىمە يىگۈڭىز بولسا شۇنى ئېتىڭ، سىز ياخشى كۆرگەننى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن.
دوختۇر ئۈمىدنى سىڭىشلىك، يىنىك تاماقلارنى يىسۇن دەپ تاپىلىغان، يەنە كېلىپ ھازىر مەنمۇ مايلىق تاماق يىيەلمەيمەن، شۇنىڭ بىلەن ئىنچىكە كېسىپ ئۈگرە ئەتتىم. ئۈمىدنىڭ يارىلانغىنى ئوڭ قولى بولغاچقا تاماق يىيىشتە قىينىلىپ قالدى، ئامالسىز ئۇنىڭغا يىگۈزۈپ قويدۇم. ئۇ مەندىن كۆزىنى ئۈزمەي ئاغزىنى ئاچاتتى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ بىر قېتىم ئۇنىڭ «سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشىسام دەيمەن» دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى ۋە تۇيۇقسىز يىغا تۇتۇپ كەتتى.
_ ئۈگرە سوۋۇپ قالدى، ئىسسىتىپ كىرەي_ شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئەمەلىيەتتە كۆزۈمگە كەلگەن ياشنى ئۈمىدنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. ئەمما ئۇ مېنى ماڭغىلى قويماي قولۇمدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزىۋالدى. ئۇ قولۇمدىكى قاچىنى ئېلىپ كارىۋات بېشىدىكى تومپۇچكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى ۋە مېنى ئاستا تارتىپ باغرىغا باستى.
_ بولدى، مېنىڭ تاماق يىگۈم يوق، سىزنى باغرىمغا بېسىپ ياتساملا بولدى.
گەرچە ئۇنىڭ ئىللىق باغرىغا تەشنا بولۇپ تۇرساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ «رازىيەنى ئېلىپ كېتەي» دېگەن گېپى ئېسىمگە كېلىپ دەرھال ئۆزۈمنى تارتتىم.
_ ئارام ئېلىڭ، مەن چىقىپ يەنە بىر ھۇجرىدا ياتاي، يارىڭىز ساقايغاندا بېرىپ ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرەيلى.
ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە مېنى قۇچاقلىۋالدى.
_ قولىڭىز ئاغرىق.
لېكىن ئۇ ھازىر قولىدىكى ئاغرىق بىلەن ھېسابلىشىدىغاندەك ئەمەس.
_ ياق، مەن ئاجراشمايمەن، مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن، مېنى تاشلاپ كەتمەڭ.
ئاستا ئۇنىڭ قۇچىقىدىن بوشىنىپ چىقىپ قولىغا قارىسام قان ئىزى كېڭەيگىلى تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ يۈرىكىم ئېچىشمىدى دېسەم يالغان بولىدۇ.
_ جايىڭىزدا جىم يېتىڭ، قولىڭىزنى مىدىرلاتماڭ. يەنە مۇشۇنداق قىلىدىغان بولسىڭىز سىز تاپالمايدىغان يەرگە كېتىمەن.
_ ماقۇل، ياتسام ياتاي، لېكىن سىز چىقىپ كەتمەڭ_ ئۇ ھازىر كىچىك بالىنىڭ ئۆزىلا بولغان ئىدى. ياق دەپ چىقىپ كەتسەم ئۇنىڭ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋىلىشى تۇرغانلا گەپ، ئاخىرى ئامالسىز ئۇنىڭ دېگىنىگە كۆندۈم.
_ ماقۇل، مەن چىقىپ كەتمەي، ئەمىسە سىزمۇ جىم ياتىسىز، مېنى تۇتمايسىز.
ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
_ ماقۇل. يېنىمدا تۇرسىڭىزلا بولدى، قولىڭىزنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتمايمەن.
ئۇ ئاستا كارىۋاتقا چىقىپ ماڭا قاراپ ياتتى. ۋە سەل نېرىراق سۈرۈلۈپ ماڭا يېنىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭغا كەينىمنى قىلىپ ياتتىم.
_ ئۈمىد، ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ بىز بىر بىرىمىزگە ماس كەلمەيمىز.
_ دۇنيادا تەبىئىي ماس كېلىش كەلمەسلىك دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مەيلى قانداقلا مۇناسىۋەت بولسۇن، ئاستا ئاستا ماس كېلىش تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.
مەن بېشىمنى چايقىدىم.
_ بىز مۇشۇنداق بولىۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بولدى، مەنمۇ نەتىجىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئەپسۇس، نەتىجىدە ماس كەلمەيدىغىنىمىز تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلاندى.
_ مەن ماس كېلىمىز دېگەندىكىن ماس كېلىمىز_ دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا بېشىنى كۆتۈرۈپ. دەماللىققا ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئۈمىد گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ مەلىكەم، بىر ئىشلارغا بۇنداق ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتمەڭ، ھەم مەندىن ئۈمىدسىزلەنمەي تۇرۇڭ. يەنە بىر نەچچە كۈن ۋاقىت بېرىڭ، سىزگە ھەيران قالارلىق جاۋابتىن بىرنى بېرىمەن، بىر نەچچە كۈنلا، بولامدۇ؟
ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي چوڭقۇر تىنىپ قويدۇم. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئويلاپ باقتىم، ئۈمىد بىلەن ئاجرىشىش ئەزىمەت بىلەن ئاجرىشىشقا تۈپتىن ئوخشىمايتتى. ئەزىمەت بىلەن ئاجرىشىدىغان چاغدا كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن نەپرەتتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى، لېكىن ئۈمىدكە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئۈمىد ماڭا چىن كۆڭلىنى بەرگەن، مېنى بەختلىك قىلغان، ماڭا ئالەمچە خۇشاللىق بەرگەن. گەرچە ئاخىرىدا دىلىمنى قاتتىق رەنجىتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن نەپرەت تۇيغۇسى يوق. گەرچە ئۇ ھېلىقى كۈنى مېنى ئەمەس، رازىيەنى تاللاپ ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنمىدىم، ئۈمىدسىزلەندىم، خالاس. تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز توي قىلغاندىمۇ بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنۇمنىڭ مۇھىم بولماسلىقىدىن رەنجىشىمنىڭ ئورنى يوق، ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىق ئاجرىشىپ كەتسەم دەپلا ئويلايمەن. لېكىن......
قورسىقىمدىكى بالىنى ئويلاپلا يەنە ئويغا پاتتىم. قانچە ئويلاپ باقساممۇ بۇنداق ۋاقىتتا بالا ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايتتىم.
_ ئۈمىد، كۆپ ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ ئويلىغىنى بىلەن رېئاللىق بىر بىرىگە ماس كەلمەي قالىدىكەن، گەرچە ئادەمنىڭ ئويلىغىنى ئىنتايىن ئاددى بولسىمۇ بەزىدە شۇنىڭغىمۇ ئېرىشكىلى بولماي قالىدىكەن.
_ ھازىر ئېرىشكىلى بولمىسا ئارزۇ قىلغان نەرسىگە قاراپ توختىماي ئىلگىرىلىسە ھامان بىر كۈنى ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەن ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم، لېكىن بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
_ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا نىگارە ئۆز تەم ناشتىلىقخانىسىنىڭ كاۋا مانتىسىنى يىيىشنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ يىراق يېقىندا داڭقى بولغاچقىمۇ ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ئاشخانىسىنىڭ مانتىسى باشقا يەرلەرنىڭكىدن قىممەت ئىدى. باشقا ئاشخانىلاردا بىر تال مانتا بەش مو بولسا، ئۇلارنىڭكىدە بىر يېرىم يۈەن ئىدى. بىر قېتىم نىگارە ماڭا ئۇ مانتىدىن بىر تال بېرىۋىدى، بەش مولۇق مانتا بىر بىلەن بىر يېرىم يۈەنلىك مانتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەمما ئۇ چاغدا ئائىلىمىز ئىنتايىن نامرات بولغاچقا، بىر مونىڭ تۆشۈكىدىن ئون قېتىم ئۆتىدىغان ۋاقىتلىرىمىز ئىدى، شۇڭا بىر يېرىم يۈەنلىك مانتا يىيىش ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن يىراقتىكى بىر ئىش ھېسابلىناتتى. شۇڭا ئۇ مانتىنى ھەرقانچە يىگۈم بولسىمۇ ئامال يوق يانچۇقۇمنى بىر سىلاپ قويۇپ بەش مولۇق مانتىنى ئېلىپ يەيتتىم. بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا، رېئاللىق باشقا ، ئارزۇ باشقا.
_ ئۇ چاغدا يېنىڭىزدا مەن يوق ئىدىم، مەلىكەم، ھازىر ئاينى يۇلۇپ ئالىمەن دېسىڭىز ئېرىڭىزنىڭ ئېلىپ بېرىشكە قۇربىتى يېتىدۇ.
لېكىن ئۇنىڭغا تايىنىشتىن ئاللىبۇرۇن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ بولغان ئىدىم.
_ ھە راست، ئۆز تەم ناشتلىىقخانىسى ھازىر كۆلىمىنى كېڭەيتىپ زەنجىرسىمان ناشتىلىقخانا بولۇپ كەتتى. ئەسلىدىكى ئىككى ئۈستەللىك كىچىككىنە ناشتىلىقخانا ھازىر نەچچە يۈز زەنجىرسىمان دۇكاننىڭ ئىگىسى بولۇپ كەتتى. دېمەك ئادەم تىرىشقاندىلا يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ يوق_ دېدى ئۇ
_ مەنغۇ سىزگە گەپتە تەڭ كېلەلمەيمەن.
شۇنىڭدىن كېيىن مەن گەپ قىلمىدىم، ئۇمۇ جىمىپ كەتتى، بىر چاغدا ئۆرۈلۈپ قارىسام ئۇ ئۇخلاپ قاپتۇ. پىشانىسىنى تۇتۇپ باقسام قىزىتمىسىمۇ يېنىپتۇ. تۆنۈگۈن كەچتە ھەسەننىڭ ئۆيىدە تۈزۈك ئۇخلىيالمىغاچقا مېنىڭمۇ ئۇيقۇم كېلىپ بىردەمدە ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغدا گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. مەن گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدىن قورقىدىغان بولغاچقا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىشى بىلەنلا تۈگۈلۈپ ، ئىختىيارسىز قولۇمنى سۇندۇم، لېكىن ئۈمىد يېىنمدا يوق ئىدى. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەسكە چۈشتۈم، يوق. ھويلىغا قارىسام ئۇنىڭ ماشىنىسى كۆرۈنمەيتتى. تېلېفونۇمنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم، ئەمما تېلېفونى ئىككىنچى قەۋەتتە سايراۋاتاتتى.
ئۇ بۇ كېچىدە تېلېفوننىمۇ ئالماي ئالدىراپ چىقىپ كەتكۈدەك نىمە ئىش بولغاندۇ؟ قەيەرگە كەتكەندۇ؟ ئۇنىڭ يارىسى تېخى ساقايمىغان تۇرسا.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















