大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 118 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 118  - قىسىم aybarawazi
2023-10-07
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 119-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117










ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

118-قىسىم  


   يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى. 

_ ئەھۋالى ئېغىرمۇ؟_ ئاۋازىم تىترەپ كەتتى. 

_ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. 

قارشى تەرەپ دەۋاتقان دوستلۇق يولى ئېغىزى مەن تۇرىۋاتقان جايغا تەخمىنەن 50 مېتىرلا كېلەتتى. ئالىمغا دەپ قويۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ماشىنىدىن چۈشۈپ يول ئېغىزىغا قاراپ يۈگۈردۈم. يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ «ماشىنا ۋەقەسى چىققاچقا شۇڭا يول توسۇلۇپ كېتىپتىكەن دە» دەپ ئويلىدىم. يۈگۈرگەنسېرى بۇ يول تۈگىمەيۋاتاتتى، ھەم ئۇنىڭ يېنىغا تېزرەك بارسام دەيتتىم، ھەم ئۇنىڭ تۇرقىنى كۆرسەم بەرداشلىق بېرەلەرمەنمۇ دەپ ئويلايتتىم، كۆز ئالدىمغا ئۈمىدنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان تۇرقى كېلىپ تېخىمۇ تېز يۈگۈرەتىم. 

تۆت كوچا ئېغىزىغا بىر مۇنچە ئادەملەر توپلىشىۋاپتۇ، يىراقتىن بىر يۈك ماشىنسىنىڭ بېشىنىڭ يېرىمى كىرىپ كەتكىنىنى كۆرگىنىمدە پۇت قولۇمدا جان قالمىدى.  مەن تېخى كىشىلەر توپىغا يېقىنلاشماي تۇرۇپلا تۇيۇقسىز بىرەيلەن چىقىپ مېنى تارتتى. 

_ خانىم،  ئۈمىد ئەپەندىنى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى. تېزرەك بارمىسىڭىز بولمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىدىكەن. قول قويىدىكەنسىز. 

 شۇ چاغدا ئۇنىڭ گەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم، لېكى ئۇ مېنى ئالدىرىتىۋەرگەچكە يانغا توختىتىپ قويۇلغان كىچىك ماشىنىغا چىقتىم. ئەينى ۋاقىتتا كاللامدا پۈتۈنلەي «ئۈمىد قانداق بوپ كەتكەندۇ؟» دېگەن خىياللا بولغاچقا ئارتۇق ئويلىمايلا ماشىنىغا چىقىپتىمەن. مەن ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئولتۇردۇم، كەينى ئورۇندۇقتا بىر ئەر كىشى، ئالدى رەتتە شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا يەنە بىر ئەر كىشى ئولتۇرۇپتۇ.  بايا مېنى ماشىنىغا چىقارغان ئادەم ماشىنىنى ھەيدەپ تېزلا بۇ يەردىن ئايرىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن توسۇلۇپ كەتكەن ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ بىر تار كوچىغا كىردى، ماشىنىنى بەك تېز  ھەيدەۋاتاتتى. بىر نەچچە مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ ماڭغان يولىغا قاراپ سەل گۇمان قىلىپ قالدىم. 

_ ئۇ قايسى دوختۇرخانىدا؟ سىلەر كىم؟

 ھېچقايسىسى جاۋاب بەرمىدى،  مېنى ماشىنىغا چىقارغان ھېلىقى ئەر سەت ھىجايدى.  مەن ئەمدى ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ماشىنا ئىشىكىنىڭ قۇلۇپلىۋېتىلگەنلىكى ئېنىق. 

_ ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن چۈشىۋالاي_ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپ ۋارقىرىدىم. يېنىمدا ئولتۇرغان ئەر مېنى تارتقۇشلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. 

_ جىم ئولتۇرىڭە بېشىمنى ئاغرىتماي. 

دەل مۇشۇ چاغدا سومكامغا سېلىۋالغان تېلېفونۇم سايرىدى. ئالىم تاللا بازرىدىن چىقىپ مېنى تاپالماي تېلېفون قىلغانمىكىن دەپ ئويلاپ تېلېفوننى چىقىرىشىمغا يېنىمدىكى ئەر تارتىۋالدى. ئېلىۋالماقچى بولۇپ قولىغا ئېسىلسام ئۇ ئالدىدىكى ئەرگە تاشلاپ بەردى. ئۇ ئەر تېلېفونۇمنى ئېتىۋەتتى. بۇ ئۈچ ئەرگە كۈچۈم يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئېتىشمىدىم. 

_ مېنى قەيەرگە ئاپىرىسىلەر؟

_ ئوينىغىلى_ دېدى ماشىنا ھەيدەۋاتقىنى، قالغان ئىككىيلەن بۇنى ئاڭلاپ سەت چىرقىراپ كۈلدى. ماشىنا ھەيدەۋاتقىنى يەنە مەنسىتمىگەندەك كۈلۈپ:

_ ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ  ئايال بەك ساددا  ئايالكەن، ئادەم نىمىلا دېسە ئىشىنىپ ماڭىدىكەن دېسە_ دېدى.  

ماشىنىنىڭ شەھەر سىرتىغا ھەيدىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ جىملا بولدۇم، چۈنكى قانداقلا قىلغىنىم بىلەنمۇ بۇ ئۈچ ئەرگە تەڭ كېلەلمەيتتىم. سىرتتا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان ئىدى. يەنە بىر ئاز ھەيدىگەندىن كېيىن ئۇ ماشىنىنى يول بويىغا توختاتتى. ئاندىن ئالدىدا ئولتۇرغان ئەر كەينى ئورۇندۇققا ئۆتۈپ، يېنىمدىكى ئەر بىلەن ئىككىسى مېنى باغلاپ، ئاغزىمنى پلاستىردا چاپلاپ كەينى ئورۇندۇققا ياتقۇزۇپ قويدى. 

_ يۈرۈڭلار، تاماق يەپ كېلەيلى _ دېدى ماشىنا ھەيدىگىنى، ئۇلار ئاغزىنى ئىسقىرتىشىپ كېتىپ قالدى. 

ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئارغامچىنى بوشىتىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم،  ئەمما ئۇلار بەك چىڭ باغلىۋەتكەچكە ھېچقانداق قىلالمىدىم، ئاۋازىمنى چىقىرىپ يولدا ماڭغانلارنىڭ دېققىتىنى تارتىپ باقاي دېدىم، بولمىدى، ماشىنا ئىشىكىنى تېپىپ باقاي دېسەممۇ پايدىسى بولمىدى.  يەنە كېلىپ بۇ يەر چەت بولغاچقا بىرەر ماشىنا ياكى ئادەمنىڭ ئۆتكەن تاۋۇشى ئاڭلانمايتتى. ئاخىرى ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ جىمجىت ياتتىم.  ئۇلارنى زادى كىم ئەۋەتكەندۇ؟ ئەزىمەتمۇ؟ ياكى ھەسەنمۇ؟  ياكى باشقا بىرى ئۈمىدتىن پۇل ئۈندۈرۈش مەقسىتىدە مېنى تۇتقۇن قىلغانمىدۇ؟

تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە بايىقى ئۈچەيلەن قايتىپ كەلدى، مېنى باغلىغان ئىككىسى يەنە كەينىگە چىقتى، ئۇلار مېنى ئۆرە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئىككى يېنىمدا ئولتۇردى.  ماشىنا قوزغالغاندىن كېيىن ماشىنىنىڭ سائىتىگە قارىسام سائەت 7 بولغان ئىدى. ھازىر ئۈمىدنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى. ئالىم مېنى تاپالماي ئۈمىدكە تېلېفون قىلىپ دەپمۇ بولدى ھەقىچان. ئۇنىڭ ئالىمنى مېنىڭ كەينىمگە سېلىپ قويۇشىمۇ مۇشۇنداق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولغىيتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئالىم تاماكا ئالغىلى كىرىپ كەتكەندە مەن يەنىلا بۇ ئىشقا يۇلۇقتۇم. 

بىر چاغدا ماشىنا توختىدى، ئۇلار مېنى تارتىپ چۈشۈرۈشتى. مېنىڭ پۇت قولۇم باغلانغان بولغاچقا دەس تۇرالماي يىقىلىپ چۈشتۈم. ئۇلارنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى. ئۇلار ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ قويۇپ ئولتۇرۇشتى. 

_ بىز ۋەزىپىنى تاماملاپ بولدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى قانداقراقتۇ؟ 

_ يەنە بىردەم قاراپ باقايلى، تېخى بەك بالدۇر.

ئەجىبا ئۇلار بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلغان ئوخشىمامدۇ؟ ئۇلار زادى نىمە قىلماقچىدۇ؟   تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە يەنە بىر ماشىنا كېلىپ بايىقى ماشىننىىڭ كەينىدىلا توختىدى. ئۇ ماشىنىدىنمۇ بىر ئايالنى تارتىپ چۈشۈرۈشتى، ئۇنىڭمۇ پۇت قولى باغلىنىپ ئاغزى چاپلىۋېتىلگەن ئىدى.  يېنىمغا كەلگەندە ئاندىن تۇنۇدۇم، ئۇ رازىيە ئىدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ دەسلەپتە ھەيران قالدى. كەينىدىن مەنمۇ يالغۇز ئەمەسكەنمەن دەپ ئويلىدىمىكىن، چىرايى خاتىرجەم بىر خىل تۈسكە كىردى.  ئۇلار رازىيە بىلەن مېنى تۇتۇپ ئەكەلگەن ئىكەن، دېمەك ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۈمىد. ئەمما ئۇلار ئۈمىدتىن نىمە تەلەپ قىلماقچىدۇ؟ مەن ھازىر پەقەت ئۇلارنى ئىشقا سالغان ئادەمنىڭ ئەزىمەت بولماسلىقىنىلا ئۈمىد قىلاتتىم، چۈنكى ئەزىمەت بەكلا ئاچكۆز.  

رازىيەگە قارىدىم، ئۇ توڭلاپ كەتكەن بولسا كېرەك، تىترەپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ ئۇچىسىغا بەكلا نىپىز كىيىۋالغان ئىدى. 

_ بۇ ئۈمىدنىڭ ئەجەب تەلىيى بار نىمىكەن، بۇ ئىككىسى بىر بىرىدىن چىرايلىق نىمىلەركىنا! _ دېدى بايىقىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالغانلارمۇ بىزگە قارىدى. 

_ ئا بىرى چولپان تېخى. ئۈمىد جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى بەك بىلىدىكەن ھە. 

_ پۇلى بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ، سەنمۇ پۇل تاپە، ئۇنىڭدىن ئېسىل ياشايسەن. 

يىراقتىن بىرى كېلىۋاتاتتى. 

_ ھەسەن ئاكام كەلدى، ھەسەن ئاكام كەلدى_ بايىقىلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ ھەسەننى كۆرۈپلا تېتىقسىز گەپلىرىنى توختىتىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرغىنىدىن قارىغاندا ئۇلار ھەسەندىن بەك قورقىدىغاندەك قىلاتتى. 

_ ھەسەن ئاكا، سىز كەپ قالدىڭىزغۇ؟_ دېدى ئارىدىكى بىر ئەر. ھەسەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالدى.

_ كىم سىلەرنى ئاتىكاچىلىق قىلىڭلار دېدى؟_ دەپ ۋارقىرىدىن ھەسەن.  بايىقىلار گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.  ئاخىرى يەنىلا بايا تاياق يىگىنى ئېغىز ئاچتى. 

_  ئاكا، ھېلىقى ئىشنى ئۈمىدنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىمىز، مومىمىز كۆز يۇمۇپ كۆڭلىڭىزنىڭ ئارامىدا ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىمىز،  شۇڭا بىز سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىپ بېرەيلى دەپ سۈرۈشتۈرگەن، ئاندىن ئۈمىدنىڭ ئايالى بىلەن ئاشنىسىنىڭ دېرىكىنى قىلدۇق، شۇڭا ھەر ئىككىسىنى ئېلىپ كەلدۇق. ئۇ بۇ ئىككىسىدىن بىرسىنى دەپقۇ ئالدىڭىزغا كېلە. 

ھەسەن قولىدىكى تاماكىنى تاشلىۋېتىپ بۇ ئەرنى يەنە بىر نەچچە شاپىلاق ئۇرۇۋەتتى. 

_ ئاكا، مەن خاتا قىپتىمەن_ دېدى ئۇ. 

ئۇ مومىمىز كۆز يۇمدى دەيدۇغۇ، كىمنى دەۋاتقاندۇ؟ ئەجىبا ھەسەننىڭ مومىسى تۈگەپ كەتكەنمىدۇ؟ لېكىن ئالدىنقى قېتىم ھەسەن بىلەن بىللە بارغان ۋاقتىمدا موماي ماڭا شۇنداق تىتىك كۆرۈنگەن، يېڭى يىل كۈنى ھەسەن ماڭا مومامنىڭ ئۆيىگە بىللە بارايلى دېگەنتىغۇ، قانداق بولۇپ...

بايا تاياق يىگەن ئەر يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھەسەنگە يالۋۇردى.

_ ھەسەن ئاكا، بىز خاتا قىپتۇق، ئۇلارنى جايىغا ئاپىرىپ قويايلى بولمىسا. 

_ ئىشىڭنى قىلە. 

ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندا ھەسەن يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلدى. 

_ ئۈمىدكە تېلېفون قىل. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم «جىغغىدە»قىلىپ قالدى. بايىقى تاياق يىگىنى تېلېفونىنى چىقىرىپلا ئۈمىدكە تېلېفون قىلدى. 

_ ئۈمىد ئەپەندىم، خوتۇنۇڭ بىلەن ئاشناڭ بىزنىڭ قولىمىزدا. ئۇلارنى ساق سالامەت تاپشۇرىۋالاي دېسەڭ ئۆزۈڭ يالغۇز كەل،  ئېسىڭدە بولسۇن، ئادەم باشلاپ كەلگۈچى بولما. 

ئۈمىدنىڭ تېلېفوندا نىمە دېگىنىنى بىلمىدىم. 

_ پۇل؟  ھەسەن ئاكامدا پۇل دېگەن ساماندەك. _ ئۇ شۇنداق دەپ بىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.  

ھەسەن ئاستا ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قارىدىم. قارىدىميۇ  دەرھال كۆزۈمنى ئېپ قاچتىم، ئۇنىڭ كۆزلىرىمدىن ئىلاجسىزلىق، ئۆتۈنۈش مەنالىرىنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتىم. 

بۈگۈن كەچتە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،  ئەمما شۇ تاپتا ئۈمىدنىڭ يەرگە كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمەن، ئۇنىڭ خەتەرگە تەۋەكۇل قىلىشىنى خالىمايمەن، ئەلۋەتتە. ئابلەت ئەپەندىمنىڭ مېنى ياقتۇرمىغىنى بىكار ئەمەسكەن، مەن ئۇنىڭ بىرەر ئىشىغا ياردەم قىلماقتا يوق، ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىپلا كېلىۋېتىپتىمەن.  

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، يىراقتىن بىر ماشىنىنىڭ چىرىقى كۆرۈندى، ئۇ كەلگەنمىدۇ؟ بىردەمدىن كېيىن چىراق نۇرى يېقىنلاپ كېلىپ بىز تۇرغان يەرنى يوپيورۇق قىلىۋەتتى. ماشىنا ئۇدۇل كېلىپ يېنىمىزدا توختىدى، ئۇنىڭ ماشىنىدىن چۈشكىنىنى كۆرۈپ پۈتۈن بەدىنىمدە جان قالمىدى.  رازىيە ئۇنى كۆرۈپ «ھۇ ھۇ ھۇ» دەپ كەتتى. 

_ ھەسەن ئاكا، ئۇ كەلدى _ دېدى بايا تاياق يىگىنى. ھەسەن مىدىرلاپمۇ قويمىدى، ئۇ ئۈمىدنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى بىلسە كېرەك. 

ئۈمىد بىرىنچى بولۇپ ماڭا قارىدى، ئاندىن مەزموت قەدەم بىلەن مېنىڭ يېنىمغا ماڭدى. يېنىمغا ئازلا قالغاندا ئورۇق بىرى ئۇنى توسىۋالدى. 

_ ئۇچقاندەكلا مېڭىپسەندە، ئۈمىد، بىردەمدە كەلدىڭ _ دېدى ئۇ. 

_ سىلەرگە نىمە كېرەك؟_ دېدى ئۈمىد ئۇدۇللا. 

_ خوتۇنۇڭ كېرەك _ بۇ ھەسەننىڭ ئاۋازى ئىدى. 

_ مۇمكىن ئەمەس_ دېدى ئۈمىد چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي. 

_ ئۈمىد، تولا كۆرەڭلىمە، سىلەر بىلەن كونا ھېسابنى تېخى قىلىشىپ بولالماي تۇرۇپ يەنە يېڭى بىر جان قەرز بولدۇڭلار ماڭا.  بۇنىڭ ھېسابىنى ئەمدى ئوبدانراق ئالمىسام بولمايدۇ. 

«كونا ھېساب؟ يەنە بىر جان؟ بۇ زادى قانداق گەپ بولۇپ كەتتى؟»

_ قەبرىنىڭ ئىشىنى مەن قىلمىدىم _ دېدى ئۈمىد. 

ھەسەن تۇيۇقسىز ئۈمىدنىڭ تىزىغا بىرنى تەپتى، ئۈمىد ھېچقانداق تەييارلىقسىز تۇرغاچقا بۇ تىپىكتىن تىزلىنىپلا قالدى. بايا تاياق يىگىنى چالۋاقاپ كەتتى. 

_ بىزنىڭ كۆزىمىز قارىغۇ ئەمەس،  يېرىم كېچىدە ئۇچار تاش قورغىنى تەرەپكە قەبرىنى بۇزغىلى بارمىساڭ شامالداپ كىلەي دەپ بارغانمىتىڭ؟

ھەسەن ئۈمىدنىڭ تىزىغا خېلىلا قاتتىق تېپىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئۈمىد ئورنىدىن تۇراي دەپ خېلى تىرىشىپ  باققان بولسىمۇ تۇرالمىدى.  بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ھالىم بىر ياندا قېلىپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. ئارىدىن بىر مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى ئورنىدىن ئاستا تۇردى. 

_ ماڭا ئىككى كۈن ۋاقىت بەر، بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ چىقاي _ دېدى ئۈمىد ھەسەنگە. 

_ سەن مۇشۇنداق دەپ بىزنى ئالدىماقچىما؟ _ دېدى بايا تاياق يىگەن ئەر. ئۇنىڭ گېپى تۈگىشى بىلەنلا ھەسەننىڭ ئاۋازى چىقتى. 

_ ماقۇل، ساڭا ئىككى كۈن ۋاقىت بېرەي. لېكىن ئىككى ئايالنىڭ بىرسىنىلا ئېلىپ كېتىسەن،  يەنە بىرىنى مەن تاغقا ئېلىپ چىقىپ قىيادىن تاشلىۋېتىمەن. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ رازىيە قورققىنىدىن يىغلاپ كەتتى. 

_ مەن قالاي، ئۇلار كەتسۇن_ دېدى ئۈمىد.  مەن كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ بېشىمنى چايقىدىم. 

_ سەن قالساڭ بولمايدۇ، سەن بىلەن قىلىدىغان ئىشىم جىق تېخى. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكىنى ئېلىۋېتىڭلار_ دېدى ئۇ يېنىدىكىلەرگە. ئۇلار كېلىپ ھەر ئىككىمىزنىڭ ئاغزىمىزدىكى پلاستېرنى ئېلىۋەتتى. 

_ ئۈمىد ئاكا، مېنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كەتكۈم يوق، مېنى ئېلىپ كېتىڭ. ئاچاممۇ بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتتى، ئەمدى مەنمۇ كەتسەم ئۆيۈمدىكىلەر قانداق قىلىدۇ؟  چوقۇم مېنى ئېلىپ كېتىڭ. 

رازىيەنىڭ يېشى تېخى كىچىك، بۇنداق ۋاقىتتا قورقۇپ كېتىشى نورمال. مەنمۇ قورقتۇم، ئەمما رازىيەنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ھېچنىمە دىيەلمىدىم. لېكىن رازىيە يىغلايتتى، سۆزلەيتتى، ئۈمىدتىن ئۆزىنى ئېلىپ كېتىشنى ئۆتۈنەتتى. ھەسەن مېنىڭ گەپ قىلماي تۇرغىنىمنى كۆرۈپ ئەجەبلىنىپ ماڭا قارىدى. ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كېيىن ئۈمىدنىڭ يېنىغا باردى. 

_ ھە، قانداق ئۈمىد ئەپەندى، كىمنى ئېلىپ كېتىشنى ئويلىشىپ بولدۇڭمۇ؟ 

ئۈمىد گەپ قىلمىدى، ئەمما كۆزىنى مەندىن ئۈزمەيتتى. نىمىشقىكىن ئەتراپ شۇنچە قاراڭغۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككىلىنىۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم. ماڭا ئايان، ئۇ ئىككىلەنگەن شۇ دەقىقىدە مەن ئۇتتۇردۇم. 

رازىيە توختىماي يىغلايتتى. ئەمما مېنىڭ قۇلىقىمغا ئاستا-ئاستا رازىيەنىڭ يىغا ئاۋازىمۇ كىرمىدى،  پۈتكۈل ئىچكى دۇنيارىم تىنىچلاندى. ئارىدىن يا بەش مىنۇت ئۆتكەندۇ، يا ئون مىنۇت ئۆتكەندۇ، ئەمما ماڭا بۇ ۋاقىت بىر ئەسىردەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئاخىرى ئۈمىد ئاخىرقى قارارىنى ئېيتتى. 

_ رازىيەنى ئېلىپ كېتەي. 

«ئاھ!» شۇ تاپتا قۇلىقىمنىڭ گاس بولۇپ ئۇنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلىماسلىقىمنى، كۆزۈمنىڭ قارىغۇ بولۇپ ئۇنىڭ رازىيەنى ئېلىپ ماڭغىنىنى كۆرمەسلىكىمنى قانچىلىك ئۈمىد قىلغىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ بايا ئىككىلەنگەن چاغدىلا ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىپمۇ قالغان ئىدىم، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئاخىرقى ئۈمىدنى كۈتۈپ قالغان ئوخشايمەن. ئۈمىدنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قارىمىدىم، ئۇ ماڭا قارىدىمۇ قارىمىدىمۇ بىلمەيمەن. 

ئەڭ ھالقىلىق پەيىتتە چىن يۈرىكىمدىن سۆيگەن ئادىمىم مېنى تاللىماي باشقا بىرىنى تاللىدى، بۇ رېئاللىقنى قانداق قوبۇل قىلىشىم كېرەك؟  ئەمما مەن يىغلىمىدىم، قاخشىمىدىم، چىرايىم ھېچقانداق ئىپادىسىز ھالەتتە ياتاتتىم. ئەمەلىيەتتە مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭ رازىيە بىلەن ئىككىمىزدىن قايسىمىزنى مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرەتتىم، مانا، بۈگۈن ھەقىقىي جاۋابى چىقتى.  رازىيەنى باغلاقتىن بوشىتىۋېتىشتى، رازىيە ئۆمىلەپ تۇرۇپلا ئۆزىنى ئۈمىدنىڭ قوينىغا ئېتىپ بۇقۇلداپ يىغلىدى. ئۇ نىمىگە يىغلايدىكىنە؟ ئەسلى يىغلاشقا تىگىشلىك ئادەم مەنغۇ؟ ئەمما مەن يىغلىمىدىم. 

_ نازىيە! _ ئۈمىد مېنى چاقىردى. 

_ يوقال! تاللايدىغاننى تاللاپ بولدۇڭ، يەنە نىمە تۈگىمەيدىغان گەپ _ ھەسەننىڭ ئاۋازى. 

كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالدىم. بىردەمدىن كېيىن ماشىنىنىڭ قوزغالغان ئاۋازى ئاڭلاندى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k