大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 133 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 133  - قىسىم aybarawazi
2023-10-22
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 134-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

133-قىسىم  

     

   ئاخشام دېققەت قىلماپتىكەنمەن، بۇ ياتاقتا ئەسلى كومپيۇتېرمۇ بار ئىكەن، كومپيۇتېر ئۈستىلىدە مېنىڭ تېلېفونۇم تۇراتتى.  كومپيۇتېرنىڭ يېنىغا باردىم، كومپيۇتېر ئوچۇق ئىدى،  ئۇيقۇ ھالىتىدە بولسا كېرەك، مائۇسنى مىدىرلاتساملا ئىكران يورۇدى،  ئىكراندا بىر ئۈن ھۆججىتى ئېچىقلىق تۇراتتى، مەن پۈتۈن كۈچۈمنى يىغىپ ئۈن ھۆججىتىنى ئاچتىم. 

_ ئۈمىد ئاكا، ھېلىمۇ ئاچامنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟

_ ياق، ياخشى كۆرمەيمەن. 

_ نازىيەنى ياخشى كۆرەمسىز؟

_ شۇنداق، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مەڭگۈ.

گاڭگىراپلا قالدىم. كەينى كەينىدىن بىر نەچچە قېتىم ئاڭلىدىم، قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم. ئەسلى ئىش مۇنداقمىتى؟ دېمەك شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى مەن ئۇنى خاتا چۈشىنىپ كەپتىمەن _ دە. ئىككى ئۈن ھۆججىتىدىن بىرى كېسىپ چاپلانغانلىقى ئېنىق. ئۈمىد ماڭا ھەقىقىي ئەھۋال ئەسلى مۇنداق دېگەندەك قىلىپ بۇ ئۈن ھۆججىتىنى قويۇپ قويۇپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىشىنىشىم كېرەكمۇ؟ ئۇ مېنى ياخشى كۆرىمەن دەپتۇ، ئۇنىڭ ياخشى كۆرىمەن دەۋاتقىنى مەن شۇغۇ ھە؟ يەنە كېلىپ مەڭگۈ دەپتۇ. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى  مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان تۈگۈننىڭ ئەسلى بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىچىم تەسۋىرلىگۈسىز ئاچچىق بولۇپ كەتتى. بۇ ئاچچىققا  ھاياجانلىنىش، ئازابلىنىش، ئوڭايسىزلىنىش ھەممە ھېسسىيات ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى. 

 بوپتۇ، ئۈن ھۆججىتىنىغۇ ئۇقۇشماسلىق دەيلى، لېكىن ھېلىقى سۈرەتچۇ؟  ئەجىبا ئۇمۇ ئۇقۇشماسلىقمۇ؟ 

مېھمانسارايدىن چىقىشتىن بۇرۇنلا تۇرسۇنئايغا تېلېفون قىلىۋەتكەن ئىدىم، مەن چىققۇچە ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ بوپتۇ. ئۆيگە باردىم. بالا باققۇچى ماڭا ئىككى بالىنىڭ كېچىدە بىرلا قېتىم ئويغىنىپ سۈت ئىچكەندىن كېيىن يەنە ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بالىلارنى كېچىچە ئىمىتمىگەچكە سۈتۈم كېلىپ چىڭقىلىپ كەتكەن ئىدى. بالىلارنى ئىمىتىۋېتىپ ئاندىن بالىلار بىلەن بالا باققۇچىنى ئېلىپ دۇكانغا ماڭدىم. ئەمدى ئىشخانىغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا ئۈمىدتىن تېلېفون كەلدى. سائەتكە قارىسام ئون يېرىم بولغان ئىدى. 

_ قانداق ئۇخلاپسىز؟_ دېدى ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىمغىلا. 

_ ياخشى_ ئاددىيلا جاۋاب بەردىم. 

_ ئەتىگەن قارىسام بەك تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتىكەنسىز، ئويغىتىشقا كۆڭلۈم ئۇنىماي سىزگە خوش دېمەيلا كېتىپ قالدىم. خاپا بولۇپ قالمىغانسىز ھە؟ كېيىنكى قېتىم مېڭىشتىن بۇرۇن چوقۇم سىز بىلەن بىللە ناشتا قىلىپ، ياخشىراق خوشلىشىپ ماڭىمەن. 

كېيىنكى قېتىم؟  ئۇ ئۈرۈمچىدە، مەن قارىمايدا، گەرچە ئارىلىقمىز بىر نەچچە سائەتلىكلا يول بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشلىرىمىز بىلەن ئالدىراش، ئەمدى كېيىنكى قېتىم قاچان كۆرۈشەلەيدىغىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟

_ بالىلار بىلەن جاپا تارتىپ قالىدىغان بولدىڭىز. كېيىن چوقۇم ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىمەن.  ھە راست، ھەر كۈنى بالىلارنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ بېرىڭ ھە.  سىلەرنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرمىسام بولمايدۇ. 

ئۇمۇ، مەنمۇ ئۈن ھۆججىتىنىڭ ئىشىنى تىلغا ئالمىدۇق. ئەسلى ئۇ تېلېفون قىلغان ھامان ھېلىقى سۈرەتنىڭ ئىشىنى سورىماقچى بولغان ئىدىم، ئۇنىمۇ سورىمىدىم، ئۇ ھامان بىر كۈنى ماڭا ئۇ سۈرەت توغرىلىق چۈشەنچە بېرىدۇغۇ دەپ ئويلىدىم. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ئىككى بالامنىڭ دادىسى، بالىلارغا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ، شۇڭا بەزى ئىشلارغا بەك ئېسىلىۋېلىشنىمۇ توغرا كۆرمىدىم. ئەگەر ئۇ ماڭا قالدۇرۇپ قويغان ئۈن ھۆججىتى راست بولسا، ئۇ مېنى ئالدىمىغان بولسىلا بولدى، ماڭا شۇ يىتەرلىك. 

_ ھازىر بىر يىغىنىم بار ئىدى، سىزگە خوش دىيىشكە كۆزۈم قىيمىسىمۇ ئامال يوق، مېنى بىرنى سۆيۈپ قويۇڭە! _  دېدى ئۈمىد.  تېلېفوننى تۇتۇپ تۇرۇپ يۈزۈمنىڭ ئوت بولۇپ كەتكىنىنى  ھېس قىلدىم. 

_ ئۈمىد، سىز نىمانداق...

_ خىجىل بولىۋاتامسىز؟ قىزىرىپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن. مەن سىزنىڭ مۇشۇ ھالىتىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن. 

_  بولدى، بولدى، يىغىنغا چىقىڭ، ھەممەيلەن سىزگىلا قاراپ قالدى ھەقىچان. 

_ ماڭا قاراپ قالسا نىمە بوپتۇ؟ مەن دېگەن خۇجايىن، ئۇلارنىڭ مېنى ساقلىشى يوللۇق.  

_ بولدى، بولدى، تېز يىغىنغا چىقىڭ، خوش. 

_ توختاڭ، مېنى سۆيۈپ قويمىسىڭىز مەن سىزنى سۆيۈپ قوياي_ تېلېفوندىن چوككىدە سۆيگەن ئاۋاز كەلدى.

_ باردىمۇ؟_ دېدى ئۇ. 

_ ۋاي ۋۇي، خوش! _ ئەركىلەپ تۇرۇپ تېلېفوننى قويۇۋەتتىم.

باياتىن بېرى تېلېفوندا ئۈمىدنىڭ گەپلىرىگە مەست بولۇپ كېتىپ ئالدىمدا بىرىنىڭ تۇرغىنىغىمۇ دېققەت قىلماپتىكەنمەن، تېلېفوننى قويۇپلا چۈچۈپ كەتتىم.  ئالدىمدا ھەسەن تۇراتتى. 

_ ۋوي، سىز قاچان كىرگەنتىڭىز؟ ئەجەب چۈچۈتتىڭىز. 

_ بۇنچىلىك بىر بىرىڭلارغا چىدىمايدىغان ئادەملەر ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقا ئايرىلىپ كەتكەن؟  

ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەي ئالدىمدىكى ماتېرىياللارنى يىغىشتۇرغاچ سورىدىم. 

_ بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىتىڭىز؟

_ سىزنى سېغىنىپ كەلدىم. 

_ چاقچاقنى قويۇڭە. سىرتتا بىجىرىدىغان ئىشىم بار ئىدى، ئىشخانا سىزگە قالدى، قانچىلىك ئولتۇرغۇڭىز كەلسە ئولتۇرۇپ ماڭارسىز_ شۇنداق دەپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتسام ئۇ قولۇمنى كاپپىدە تۇتتى، ئۇنىڭدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.  

_ ھەسەن، نىمە قىلاي دەيسىز؟ مەن ئېرى بار ئايال جۇمۇ.   مېنى قويۇۋېتىڭ. 

ئۋازىم ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئىشىك چېكىلىپ جاۋاب كۈتمەيلا تۇرسۇنئاي كىردى. 

_ ھەسەن ئەپەندىم، نىمە قىلىۋاتىسىز؟ _ دېدى ئۇ كىرىپلا. 

_ سىزنىڭ نىمە كارىڭىز؟_ دېدى ھەسەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي. 

_ سىز بىلەن كارىم يوق، لېكىن نازىيە دېرىكتورنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم بار.

_ ئۈمىدكە تېلېفون قىلىڭ، نوچى بولسا ھازىرلا مۇشۇ يەرگە كەلسۇن. 

تۇرسۇنئاي ئۇنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي جايىدا جىم تۇراتتى. ھەسەن ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدى. 

_ ۋاي ۋۇي، مەن نازىيە دېرىكتورىڭىزنى يەۋەتمەيمەن، چىقىپ تۇرۇڭە، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار. 

_ چىقىپ تۇرۇڭ ،  تۇرسۇنئاي _ دېدىم مەن. 

تۇرسۇنئاي ماڭا بىر قارىۋېتىپ گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى. 

_ مېنى قويۇۋېتىڭ، مەن بالىلىرىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن_ ھەسەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ قولۇمنى قويۇۋەتتى. 

_ مېنىڭ تەقى – تۇرقۇم قانداقراق؟_ دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا.  مەن سەل ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن جاۋاب بەردىم.

_ كېلىشكەن. 

_ راست دەۋاتامسىز؟

_ راست. 

_ ئەمىسە نىمىشقا ماڭا كۆز قىرىڭىزنى سېلىپ قويمايسىز؟ مېنىڭ قەيىرىمنى ياراتمايسىز؟ كۆزىڭىزگە سىغمايدىغان يېرىمنى دېسىڭىز، كورىيەگە بېرىپ ئوڭشىتىپ كىلەي. 

بۇ گەپتىن كۈلۈۋەتتىم، لېكىن قارىسام ئۇ ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتاتتى، شۇڭا كۈلكەمنى توختىتىپ قاراپ تۇردۇم. 

_ بۇ شەھەردە مېنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ساماندەك،  ماقۇللا دەيدىغان بولسام ماڭا ئۆزىنى ئاتىدىغانلار كۆپ، ئىشىنەمسىز؟ 

بىر كىتابتىن مۇنداق بىر مەزمۇننى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە: «سىرتقى كۆرۈنۈشى قانچە كۈچلۈك كۆرۈنىدىغان ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ». بۇنىڭ راستلىقىنى ھەسەندىن ھېس قىلىۋاتىمەن. 

_ ئىشىنىمەن_ دېدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ. 

_ پەقەت سىزلا ماڭا پەرۋا قىلماي يۈرىسىز. 

_ مەن ئېرى بار، ئىككى بالىسى بار بىر ئايال، سىزگە پەرۋا قىلغىنىم بىلەنمۇ نىمە پايدىسى_ دېدىم مەن. 

_ دېمەك مەن پەسكەش، مەن ئەسكى، سىز شۇنداق دېمەكچى، شۇنداقمۇ؟_ ئۇنىڭدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ تۇراتتى.  كەينىمگە داجىدىم. 

_ مەندىن قورقىدىكەنسىز _  دېدى ئۇ. مەن گەپ قىلمىدىم. ھازىر ئۇنىڭ بۇنداق ۋاقتىدا ئەڭ ياخشىسى ئېتىشمىغىنىم ياخشى دەپ ئويلىدىم. بىردەم شۇنداق تۇرغاندىن كېيىن ئۇ خۇددى چۈشتىن ئويغانغاندەك بىر خىل بولۇپ چىرايى ئۆزگەردى. بايىقى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزىگە شاپىلاقلىدى. 

_ مەن نىمە بولدۇم؟ نىمىلەرنى دەپ كەتتىم؟  كەچۈرۈڭ، نازىيە. بايا قالايمىقان گەپ قىلىپ قويغان بولسام سىزگە ناماقۇل بولاي.  مەن كىتەي _ ئۇ شۇنداق دەپلا ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ چىقىپ كېتىپ كەينىدىنلا تۇرسۇنئاي كىردى، ئۇنىڭ قولىدا بىر كىچىك توشقان ئۇيۇنچۇق تۇراتتى، توشقان ئۇيۇنچۇقتىن ناخشا چىقىپ تۇرىدىكەن.

_ بۇنى ھەسەن ئاكام بالىلارغا ئېلىپ كەپتىكەن، ماڭا بېرىپ قويۇڭ دېگەنتى.

_ ھە، قويۇپ قويۇڭ_ دېدىم مەن ۋە بىر ماتېرىيالنى قولۇمغا ئالدىم، تۇرسۇنئاي چىقىپ كەتتى.  توشقان ئۇيۇنچۇقنى قولۇمغا ئېلىپ قارىغاچ كاتىپقا تېلېفون قىلىپ تۇرسۇنئاينىڭ تەرجىمىھالىنى ئەكىرىپ بېرىشنى ئېيتتىم. تۇرسۇنئاينى شوپۇرلۇققا ئالغان چاغدا تەرجىمىھالىغا تۈزۈك قاراپمۇ باقماپتىكەنمەن.  ئۇنىڭ تەرجىمىھالى شۇنچىلىك ئاددى يېزىلغان،  ئادەتتىكى ئۇچۇرلىرىدىن باشقىلىرى قۇپقۇرۇق ئىدى. 

شۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم.

_ تۇرسۇنئاي، سىز بۇرۇن نىمە ئىش قىلاتتىڭىز؟ 

_ بۇرۇن تەيچۇەنداۋ كۇلۇبىدا تېرىنېر بولغان، ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپمۇ ئىشلەپ باققان_ دېدى ئۇ. 

_ سىزنىڭ ھەسەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ 

 ئۇ مېنىڭ بۇنداق سورىشىمنى ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك، بىردەم تۇرۇپ قالدى ۋە كەينىدىن «دوست» دەپ قىسقىلا جاۋاب بەردى. ئەمما مېنىڭچە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تۇرسۇنئاينىڭ «دوست» دېگىنىدەك ئۇنداق ئاددى مۇناسىۋەت ئەمەس، ئۇنىڭ ماڭا راست گەپ قىلغۇسى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، زىغىرلاپ سوراپ ئولتۇرمىدىم. ئىشقىلىپ ئۇ ماڭا قارا سانايدىغان ئادەم ئەمەس، چۈنكى ئۈمىد ئۇنىڭغا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ جېنى بىلەن ھېسابلاشماي مېنى قۇتقۇزدى، مەن ئۇنى كۆرگەندە نىگارەنى كۆرگەندەك بولىمەن، مۇشۇ سەۋەبلەر ئۇنىڭ ماڭا دۈشمەنلىك قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمگە يىتەرلىك. 

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئۈمىد سوۋغا قىلغان ھېلىقى زەنجىرنى بوينۇمغا ئېسىۋالدىم. زەنجىرنى بوينۇمغا ئېسىپلا يەنە نىگارەنى ئويلاشقا باشلىدىم. شۆھرەتنىڭ ئىشلىرى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ ئۇ تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرىۋېتىپتۇ، يا كيۇ كيۇ دا ياكى ئۈندىداردا بىرەر قېتىم ماڭا ئۇچۇر قىلىپمۇ قويمىدى. سۆز قالدۇرساممۇ قايتۇرمىدى. ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سۈرەتخانىغا بېرىپ  بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى تاللىدىم ۋە ئۈمىدكە ئەۋەتىپ بەردىم، ئاندىن تۆتىمىزنىڭ چۈشكەن سۈرىتىنى تېلېفونۇمنىڭ ئىكرانىغا چىقىرىۋالدىم.

شۇنىڭدىن كېيىن يەنە كەسىپكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ھازىر «نازى جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزى»مىز يالغۇز  ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسىگىلا ئەمەس، كەسىپ تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان خېلىلا چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى. مەن يەنە زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىشقا يۈرۈش قىلدىم، ھەرقايسى جايلاردا «نازى» ماركىمىز باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. 

تېلېۋىزوردا رازىيەنى ئاندا ساندا كۆرۈپ قالاتتىم، ئۇ ئالغان روللار ئاساسەن سەلبى روللار بولۇپ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ بۇرۇنقىدەك ئالقىشقا ئېرىشىپ كېتەلمىگەندەك قىلاتتى. «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دېگەن گەپ بار، كىشىلەر ئۇنىڭ يېڭىدىن سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان ۋاقتىدىكى سۈرىتى بىلەن ھازىرقى سۈرىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ھۆسىن تۈزەتكەنلىكىنى بايقىغان گەپ. گەرچە ئۇ ھازىرمۇ  يەنىلا شۇنداق چىرايلىق بولسىمۇ لېكىن بۇرۇنقى ساپ ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. شۇڭا توردا ئۇ توغرىلىق سەلبى ئىنكاسلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.

نەرگىزە «ياشلىق چۇقانلىرى  ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى» دە چىمپيون بولغاندىن كېيىن ئىزچىل ئالقىشلىق ناخشىچى بولۇپ كەلدى، ھەرخىل ماركىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇپ، چوڭ كىچىك تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا تەكلىپ قىلىنىپ تۇردى، ئۇنى تېلېۋىزوردا ھەر بىر كۆرسەم بىر ھاياجانلىنىپ كېتىمەن.

دېمەك تىرىشقان ھەرگىز يەردە قالمايدىكەن.

شۇنداق قىلىپ بۇ يىلمۇ ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كېلىدىغانغا ئاز قالدى. كۈندۈزى خىزمەت بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكە ھەممە ئادەم مېنى ھېچقانداق غېمى يوق دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كەلگەندىكى غېرىبلىق ئازابىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. 

يېڭى يىل كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن شىركەتتە يېڭى يىللىق زىياپەت ئۆتكۈزدۇق، بۇ شىركىتىمىز قۇرۇلۇپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى يېڭى يىللىق زىياپەت ئىدى، كۆپچىلىك شۇنداق خۇشال ئوينىدى، ئەمما مەن ھەرقانچە قىلساممۇ خۇشال بولالمىدىم، ئىچىمدىن بىر يالغۇزلۇق، غېرىبلىق تۈكۈلۈپ تۇراتتى. 

زىياپەت ئۆتكۈزگەن مېھمانسارايدىن چىقىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا كۆزۈمنى تىكتىم. بۇ بىر يىلدا بەك كۆپ ئىشلار يۈز بېرىپتۇ.  بەختتىن ئۆزۈمنى بىلمىگۈدەك مەستمۇ بوپتىمەن، يۈرىكىم پارە پارە بولۇپ كەتكۈدەك ئازابمۇ تارتىپتىمەن. 

_ ئېسڭىزدىمۇ؟ بۇلتۇر يېڭى يىلدا مومامنىڭ ئۆيىگە مەن بىلەن بىللە بېرىڭ دېسەم ئۇنىمىغانتىڭىز. بۇ يىل موماممۇ يوق_ تۇيۇقسىز يېنىمدا ھەسەن پەيدا بولدى. ئۇنىڭغا قاراپ خىجىللىق بىلەن بېشىمنى ئەگدىم. 

_ كەچۈرۈڭ.

_ ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا ھە؟ _ دېدى ھەسەن ئېغىر ئۇھسىنىپ. 

شۇنداق، ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا، خۇشال بولغان، بەخت ھېس قىلغان چاغلىرىمىزدا كۆپرەك ھوزۇرلىنىۋالغان بولساق. 

_ نازىيە، ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولغان بولسا، سىز قايسى ۋاقىتقا قايتىشنى خالايتتىڭىز؟ _ سورىدى ھەسەن. 

_ بىلمەيمەن_ دېدىممەن. راستلا بىلمەيتتىم. چۈنكى ھاياتىمدا خۇشاللىق كۈنلەر بىلەن ئازابىق كۈنلەر چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن، خۇشال بولسام خۇشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىغان ئىكەن. 

31-چېسلا چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدىم.  ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن، بىز ھەر يىلى يېڭى يىلنى بىللە ئۆتكۈزىدىغان بولغان، چوقۇم بارمىسام بولمايدۇ. 

  ئۈرۈمچىگە يېقىنلاشقانچە يۈرىكىم تىپچەكلەپ كېتىۋاتاتتى، تېزرەك ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. 

قارىمايدىن ماڭغان ۋاقتىمىزدا ھاۋا ئوچۇق ئىدى، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۈرۈمچىدە قار يېغىۋاتقان ئىكەن. ئۈمىدنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دەپ مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا تېلېفونمۇ قىلمىدىم. تۇرسۇنئاي ماشىنىنى ئۇدۇل داچىغا ھەيدىدى، لېكىن ئۇنىڭ ماشىنىسى يوق ئىدى، شىركەتتە ئىكەندە دەپ ئويلاپ، تۇرسۇنئايغا مېنى شىركەتكە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتىم.  بىپايان شىركىتىگە بارغاندىن كېيىن  تۇرسۇنئاي بالا باققۇچى بىلەن بالىلارنى ئېلىپ بىرەر مېھمانخانا تېپىپ ئورۇنلىشىپ بولۇپ ماڭا تېلېفون قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ماشىنىدىن چۈشۈپلا سوغۇق شامال يۈزۈمگە ئۇرۇلدى. چاپىنىمنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ، شارپا بىلەن يۈزۈمنى ئورىۋالدىم. شىركەتكە كىرەي دەپ مېڭىپ بولۇپ، يەنە ئىككىلىنىپ كەينىمگە يېنىپ، يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ دېرىزىگە يېقىن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. ئەگەر ئۇ شىركەتتە بولسا، ئىشىكتىن چىقسىلا ئۇنى كۆرەلەيتتىم. 

يېنىمدىكىلا ئۈستەلدە ئىككى ئەر كىشى ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىردەم بىردەم دېرىزىدىن قاراشلىرىدىن بىرىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر ئەر كىرىپ ئۇدۇل ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ قۇيۇن يانچۇقىدىن بىر مۇنچە سۈرەتنى چىقاردى. 

_ قاراڭلار. 

ماڭا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان ئەر بىر پارچە سۈرەتنى ئالدى. ئۇنىڭ قولىدىكى سۈرەتكە ئىختىيارسىز كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. 

«ھە، ئۈمىد!» ئۇنىڭ قولىدىكىسى ئۈمىدنىڭ سۈرىتى ئىدى.


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k