
بۇ ئەسەرنىڭ 120-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
|
119-قىسىم
ماشىنىنىڭ كەينىدىن قارىغۇدەك جۈرئىتىممۇ يوق.
_ قارىغاندا بۇ ئۈمىد يەنىلا ئاۋۇ چولپانچاقنى ياخشى كۆرىدىكەندە، قاراڭلار ئۇنى ئېلىپ كەتتى _ دەپ كۈلدى ئارىدىكى بىرى.
_ ئاغزىڭنى يۇمۇپ يوقىلىش _ دېدى ھەسەن بايىقىدىنمۇ ئۈنلۈكرەك ۋاقىراپ. ئۇلار ئارتۇق بىر نەرسە دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي «ھەسەن ئاكام خاپا بوپ قاپتۇ» دىيىشىپ ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قېلىشتى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەردە ھەسەن ئىككىمىز بىلەن ھەسەننىڭ ماشىنىسىدىن باشقا ھېچنىمە قالمىدى. ھەسەن بىر ئىشقا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندەك ھاسىراپ كەتكەن ئىدى. ئەمما غەلىتە يېرى مېنىڭ ئاچچىقىم كەلمىدى، يۈرىكىمنىڭ ئاغرىغىنى راست، ئەمما ھازىر ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك تەمكىن ئىدىم. بىردەمدىن كېيىن ھەسەن ئاستا يېنىمغا كېلىپ مېنى ئارغامچىدىن بوشاتتى. مەن باغلاقتا تۇرغىلى ئۇزۇن بولغان، يەنە كېلىپ سوغۇق يەردە بەك ئۇزۇن يېتىپ كەتكەچكىمىكىن، پۈتۈن بەدىنىم ئۇيۇشۇپ قېتىپ قالغاندەكلا ئىدى، ئورنۇمدىن تۇراي دەپمۇ تۇرالمىدىم. ھەسەن مېنى يۆلىدى، تىترەپ كېتىۋاتقىنىمنى ھېس قىلىپ، پەلتوسىنى ماڭا يېپىنچاقلاپ قويدى، ئاندىن مېنى يۆلىگەن پىتى ئاپىرىپ ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلاپ قويدى. ئاندىن ئۆزىمۇ ماشىنىغا چىقىپ ئوت ئالدۇرۇپ، ماشىنىنىڭ پارىنى ئېچىۋەتتى، ئەمما دەرھاللا قوزغاتمىدى.
_ مەن تېخى مېنى بۇ يەرگە تاشلىۋېتىپ ئۆلۈك تىرىكىم بىلەن كارى بولمامدىكىن دەپ ئويلاپتىمەن_ دېدىم مەن يەنە بايىقى تەمكىنلىكىم بىلەن. ئۇ خېلىغىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ئاخىرى بىرنى يۆتىلىپ قويۇپ:
_بۇ يەرگە تاشلاپ قويسام توڭلاپ ئۆلمىسىڭىزمۇ قورقۇپ ئۆلىسىز، قىزچاق. ئۇنىڭ نىمە پايدىسى، ھايات يۈرسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ.
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ ماشىنىسىنىڭ بېشىنى بۇراپلا ماڭدى. ھەسەن ماشىنىنى ئۇدۇل مومىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە ھەيدىدى، ئالدىنقى قېتىم كېلىپ باققان بولغاچقا بۇ يەرنى تۇنۇپ قالدىم.
_ چۈشۈڭە _ دەپ قويۇپلا ئۆزى چۈشۈپ كەتتى. مەن مىدىرلىمىدىم، موماينىڭ ھويلىسىغا قارىدىم، ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە بۇ ھويلىدا ئىشچان بىرەيلەننىڭ بارلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، شۇنداق پاكىزە، شۇنداق رەتلىك، ھازىر شۇنچىلىك غېرىبسىنىپ قاپتۇ.
_ چۈشۈڭە _ ھەسەن مېنىڭ ماشىنىدىن چۈشمىگىنىمنى كۆرۈپ كېلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. چۈشتۈم ۋە ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرەپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.
_ يېڭى يىل كۈنى سىزگە مومامنىڭ ئۆيىگە مەن بىلەن بىللە بېرىڭ دېسەم ئۇنىمىدىڭىز، مانا ئەمدى مومام بىلەن تاماق يەيمەن دېسىڭىزمۇ مومام يوق، ئۇ كەتتى _ ھەسەننىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. شۇ ۋاقىتنى ئويلاپ ھەقىقەتەن بەك پۇشايمان قىلدىم. ئۇ چاغدا مەنمۇ بۇنداق بولۇشىنى بىلمەيمەن – دە.
_ مەنمۇ بەك پۇشايمان قىلىمەن، شۇ چاغدا نىمىشقىمۇ سىزگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ بولسىمۇ ئېلىپ كەلمىگەندىمەن. مومامنى ئالدىغىنىمغا تېخىمۇ پۇشايمان قىلىمەن، مومامغا سىزنى قىز دوستۇم دەپ تۇنۇشتۇرۇپ قويسام، ئۇ مېنىڭ تويۇمنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ مېنى سۈيلەپلا تۇرغان. ئەگەر باشتىلا مومامنى ئالدىمىغان بولسام كېتىدىغان چاغدىمۇ ئارمان بىلەن كەتمەيتتى.
توغرا، ئۈمىد بولمىسا ئۈمىدسىزلىك بولمايدۇ. ئۆكۈنۈش بولمايدۇ. ھويلىدا تۇرۇپلا بېشىم قېيىپ، كۆزئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولغىنىنى بىلمەيمەن. ھۇشۇمغا كەلگەن چېغىمدا كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام پۈتۈنلەي ناتونۇش بىر جايدا ياتىمەن. كونا كارىۋات، ھالرەڭدە سىرلانغان تام، ئاق رەڭلىك تام ئىشكابى، تورۇسقا ئېسىلغان كونا پاسوندىكى ئاسما چىراق. ئۈستۈمگە ئاق كىرلىكلىك يوتقان يېپىلغان. بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى كچىك ۋاقتىمغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، ئۇ چاغدا ئائىلىمىز ئانچە باي باياشات بولمىسىمۇ، ئەمما ئىللىقلىق بار ئىدى. كېيىن بىر ۋەقە بىلەن ھەممە ئۆزگەردى.
_ رازىيەنى ئېلىپ كېتەي.
بۇ گەپ ئېسىمگە كەلگەن ھامان يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئۇنىڭ نېرىسىنى ئويلاشقا قۇربىتىممۇ يەتمىدى. تۇيۇقسىز «غىچ» قىلىپ ئىشىك ئېچىلىپ، قولىدا ھورى چىقىپ تۇرغان بر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ ھەسەن كىردى.
_ ئويغاندىڭىزما؟
_ ھە _ ئەمدى ئېسىمگە كەلدى، مەن بايا ھەسەن بىلەن بىللە مومىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەنتىم راست. بۇ مومىسىنىڭ ئۆيى ئىكەندە. سىرتتا يورۇق چۈشۈپ كېتىپتۇ، تاڭ ئاتقان بولسا كېرەك. لېكىن سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇ قولىدىكى تاماقنى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ يېنىمغا كەلدى.
_ سىز ئايلىنىپ قالدىڭىز، مەن كەنت دوختۇرىنى چاقىرىپ كېلىپ سىزنى كۆرسەتتىم، ئۇ سىزنى بەدىنى بەك ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىكەن دەيدۇ، ئۈمىدنىڭ كەينىدە يۈرۈپ نېمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتىسىزكىن تاڭ.
مەن مىڭ تەستە ئۆرە بولۇپ ئولتۇردۇم، بەدىنىم شۇنچىلىك ئېغىر، يەنىلا بېشىم قېيىپ تۇراتتى.
_ ئۈمىدكە ئەگىشىپ ناھايىتى ياخشى ياشىدىم، ئۇمۇ ماڭا بەك كۆيۈنۈپ ۋاي دېدى. بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن. لېكىن ئەمدىلىكتە ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ساددا، غايىپەرەس ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
_ سىزگە ۋاي دەمدىكەن؟ ما گەپنى كۆرۈڭ، ئەمىسە ئۇ سىزنى ئېلىپ كېتەي دېمەي، رازىيەنى ئېلىپ كېتەي دەۋاتىدۇغۇ؟
_ ئەمدى ئۇنىڭ گېپىنى قىلىشمايلى، بولامدۇ؟
_ ھە، بولدى، بولدى، ئازراق بىر نەرسە يەڭ _ ئۇ ئاۋۋال يوتقاننى چىرايلىق قاتلاپ تام ئىشكاپقا سالدى، ئاندىن كىچىك ئۈستەلدىن بىرنى ئەكىلىپلا مەن ياتقان كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىگە قويدى. ئۇ ئۈگرە ئەتكەن ئىكەن. چىنىدىكى يوغان يوغان توغرالغان گۆشلەرنى كۆرۈپلا كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى.
_ ئىچكۈم يوق.
_ ھېلىمۇ بەدەنگە قۇۋۋەت يىتىشمەي ئاغرىپ يىقىلىپسىز. ئۈمىدمۇ مېنى كېرەك قىلمايدىكەن، بولدى ئۆلۈپلا كىتەي دەپ ئويلاۋاتامسىز نىمە، قىزچاق. جان ئۆزىڭىزنىڭ جۇمۇ. بىر ئەرزىمەس ئۈمىد ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ _ ھەسەننىڭ ئۈمىدكە راستلا ئاچچىقى كەلگەن ئىدى. مەن گەپ قىلمىدىم.
_ راستلا ئىچمەمسىز؟
_ راستلا ئىچكۈم يوق، كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.
_ ئىچمىسىڭىز مەيلى، لېكىن كېتىشكە بولمايدۇ _ ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپلا ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە تۈۋىگە باردىم. ئىشىك ئالدىدىكى يولدىن ئاندا ساندا كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يول بويىدا بىر تۈپ سۆگەت دەرىخى بار ئىكەن، سۆگەت دەرىخى ئاستىدا ئىككى بالا ئويناۋاتاتتى، بىر چاغدا ئاپىسى چاقىرغانمىكىن ئىككىسىلا كېتىپ قېلىشتى. دېرىزە تۈۋىدە قانچىلىك تۇردۇمكىن بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئىشىك يەنە ئېچىلدى.
_ مىجەزىڭىز يوق ئادەم ياتماي نىمىگە تۇرىۋالدىڭىز؟
_ مېنى كەتكىلى قويۇڭ، بولامدۇ؟
بۇ قېتىم ئۇنىڭ راستلا ئاچچىقى كەلدى.
_ كەتسىڭىز قەيەرگە بارىسىز؟ يەنە ئۈمىدنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتمەكچىمۇ سىز؟
_ مېنىڭ ھېچنىمەم قالمىغان تەقدىردىمۇ غورۇرۇمنى يوقاتسام بولمايدۇ. ئۇنىڭ يېنىغا كەتمىگەن تەقدىردىمۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرسام بولمايدۇ، ئۈمىد مېنى تاشلىۋەتتى دەپلا يەنە بىر ئەرنىڭ قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتىدىغان ھالغا تېخى چۈشۈپ قالمىدىم، ئەر كىشىگە تايانمىساممۇ يەنىلا ياخشى ياشاپ كېتەلەيمەن.
ھەسەننىڭ چىرايىغا قارىمىدىم، بۇ گەپلىرىمنىڭ ئۇنىڭغا قانداقراق تەسىر بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن.
_ قاراڭە، شامال چىقىۋاتسا قانداق ماڭىسىز؟
ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم، مەن تېخى بايىقى گەپلىرىمدىن ئۇ چوقۇم خاپا بولىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇ ماڭا كۆيۈنگەن ئاھاڭدا گەپ قىلىۋاتاتتى.
_ئاۋۋال تامىقىڭىزنى يەڭ، يەپ بولغاندا بىر گەپ بولسۇن.
ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپ مېنىڭ بىر نىمە دېيىشىمنى ساقلىمايلا بايىقى تاماقنى ئىسسىتىپ كىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. ئۆرە تۇرىۋېرىپ پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ كېتىپتۇ، ئاستا مېڭىپ كارىۋاتنىڭ يېنىغا كەلدىم. بىردەمدىن كېيىن ھەسەن تاماقنى كۆتۈرۈپ كىردى. تاماققا قارىساملا كۆڭلۈم ئېلىشاتتى.
_ پەقەتلا يىگۈم يوق، گېلىمدىن ئۆتمەيدۇ _ دېدىم مەن.
_ ھايات ماماتلىق تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، سىزنى تاللىماي باشقا بىرىنى تاللىغان ئادەم ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قىيناپ نىمە قىلىسىز؟ كاللىڭىز ئىشلەمدۇ ئىشلىمەمدۇ؟ _ ئۇ شۇنداق دەپلا ئۈستەلدىكى قاچىنى يەرگە ئاتتى، تاماق يەرگە چېچىلىپ بىر كەلدى، چىنە چۇل چۇل بولۇپ كەتتى.
_ تاماق يىمىسىڭىز بۇ يەردىن كېتىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ.
_ لېكىن تاماق چېچىلىپ تۈگىگەن تۇرسا، ئەمدى نېمىنى يەيمەن_ دېدىم مەن قەستەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ.
_ توختاپ تۇرۇڭ _ ئۇ شۇنداق دەپ چىقىپ كېتىپ ئارىدىن خېلى ئۆتكەندە بىر پەتنۇستا بىر قاچا گۈرۈچ ئېشى بىلەن ئىككى خىل قورۇما ئېلىپ كىردى.
_ تېز، ئىسسىقىدا يەڭە. بەكمۇ ئوخشىتالمىدىم، شۇنداقتىمۇ يەپ بېقىڭ.
ئۇنىڭ تاماق يىمىسىڭىز كەتكۈزمەيمەن دېگەن گېپى تەسىر قىلدىمۇ بىلمىدىم، چوكىنى ئېلىپ تاماقنى يىسەم يىيەلىدىم.
_ كەچكىچە قۇرۇق گۈرۈچ ئېشى يىمەي، ماۋۇ گۆشىنمۇ يەڭە، قۇۋۋەت بولىدۇ _ ئۇ قاچامغا ئىككى تال گۆش سېلىپ قويدى. گۆشنى كۆرۈپلا يەنە كۆڭلۈم ئېلىشتى. قولۇمدىكى چوكىنى قويۇپلا تامنىڭ تۈۋىگە قويۇپ قويۇلغان ئەخلەت چېلىكىگە ئارانلا ئۈلگۈردۈم. ئەمما مەن تۈزۈك تاماق يىمىگەچكە قۇسقۇدەك نەرسە يوقمىكىن، ئىچىمدىن ئاچچىق سۇ ياندى، ئەمما كۆڭلۈمنىڭ ئېلىشىشى يەنىلا بېسىلمايتتى.
_ نىمە بولدىڭىز؟ تاماققىغۇ چىۋىن چۈشۈپ قالمىغان بولمىسا_ چاقچاق قىلىپ كۈلدى ھەسەن. مەن گەپ قىلمىدىم، ئاشقازىنىم تەتۈر ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىئارام بولىۋاتاتتىم. ئۇ ماڭا چاي قۇيۇپ بەردى.
_ قىزچاق، بويىڭىزدا قالغان ئوخشىمامدۇ؟
ئەمدى ئاغزىمغا بىر يۇتۇم چاي ئالغان ئادەم ئۇنىڭ بۇ گېپى بىلەن چاينى يۇتالماي ياندۇرۇپ چىقىرىۋەتتىم ۋە قاتتىق يۆتىلىپ كەتتىم.
_ بەك ئاجىزكەنسىز جۇمۇ، سۇمۇ گېلىڭىزغا تۇرۇپ قېلىۋاتامدۇ نىمە؟
ئىستاكاننى قويۇپ قويدۇم، كاللام ئېلىشىپلا كەتكەن ئىدى. ھېسابلاپ باقتىم، ئادىتىم كېلىدىغان ۋاقىتىدىن خېلىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. راستلا بويۇمدا قالغان ئوخشىمامدۇ؟ ئەگەر راستلا قالغان بولسا بۇنىڭدىن خۇشال بولۇشۇم كېرەكمۇ يا ئازابلىنىشىم كېرەكمۇ؟ ياق، بۇ مۇمكىن ئەمەس، بەلكىم تاماق يىمەي ئاشقازىنىم قۇرۇقدىلىپ كېتىپ ھۆ تۇتۇپ كەتكەن بولسا كېرەك.
_ نىمىگە كۆڭلىڭىز تارتىۋاتىدۇ؟ ئىشقىلىپ بىر نەرسە يەڭ، بۇنداق تۇرسىڭىز بولمايدۇ.
بېشىمنى چايقىدىم، راستلا بىر نىمە يىگۈم كېلىدىغاندەك ئەمەس. ھەسەن بىر ئىستاكان سۈت ئېلىپ كىردى.
_ بىر نەرسە يىگۈڭىز بولمىسا سۈت بولسىمۇ ئىچىڭ. بۇ سۈتنى ئىچىۋېلىپ ئۇخلاڭ.
ئۇ ماڭا سۈتنى بېرىپ، كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك ئۈستەلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. سۈتنى مىڭ بىر تەستە ئىچىپ بولدۇم. ئاندىن دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويۇلغان سومكامنى كۆرۈپ بېرىپ تېلېفونۇمنى چىقاردىم. بىردەم ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن تېلېفونۇمنى ئاچتىم. بىر نەچچە قېتىم تېلېفون كەپتۇ،ئۇچۇر كەپتۇ، ئەمما ھەممىسى تۆنۈگۈن كەچ سائەت ئالتە، يەتتىلەر بىلەن ئۇرۇلغان تېلېفون ۋە يوللانغان ئۇچۇرلار ئىكەن. دېمەك ئۈمىد رازىيەنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىلماپتۇ، ئۇچۇرمۇ يوللىماپتۇ. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى. ئەمما بىردەمنىڭ ئىچىدە ئەسلىمگە كېلىۋالدىم. بۇ قانچلىك ئىشتى؟ ئۇنىڭ ماڭا تېلېفون قىلماسلىقى «رازىيەنى ئېلىپ كېتەي» دېگىنىگە قارىغاندا ئەرزىمەسلا بىر ئىشقۇ. تېلېفوننى قويۇپ كارىۋاتتا تورۇسقا قاراپ ياتتىم، ئەمما ئۇخلىيالمىدىم. كاللامدا نۇرغۇن خىيال، ھەتتا ئۈمىد بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ قالغان ۋاقىتنى ئەسلىدىم. ئەگەر شۇ كۈنى ئۇ يېنىمدىن كەتكەندە مەن ھۆڭرەپ يىغلىمىغان بولسام، ئۇمۇ يىغامنى ئاڭلاپ كەينىگە يانمىغان بولسا كېيىنكى بىر قاتار ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى. ئەگەر شۇ كۈنى ئۈمىد مېنى ئېلىپ كەتمىگەن بولسا ئاشۇ تاغدا مەن قانداق قىلار بولغىيتتىم. بەلكىم ئۈمىد كەينىمدىن كەلگەندە مەن جايىمدا تۇرۇشۇم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مېنى بوزەك قىلىشلىرىغا قاراپ تۇرۇشۇم، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىلىشىم مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۈمىد مېنى نۇغۇن دىشۋارچىلىقلاردىن ساقلاپ قالدى. ئۇ ماڭا قەرز ئەمەس، باشتىن ئاخىرغىچە مەن ئۇنىڭغا قەرز بولۇپ كەلدىم.
كەچلىك تاماققا ھەسەن مايلىق قىلماي بىر چىنە سۇيۇقئاش ئېتىپتۇ. سۇيۇقئاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان پىننىنىڭ پۇرىقى ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى، سۇيۇقئاشنى ئىككى چىنە ئىچىۋەتتىم. كەچتە ئۇ مېنى چۆگىلىتىپ كىرىمەن دەپ تۇرىۋالدى. بىز ماشىنا بىلەن كەنتتىن چىقتۇق، ئەڭ ئاخىرى ئۇ مېنى ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىز ئالدىنقى قېتىم بۇ يەرگە رازىيەنى ئىزدەپ كەلگەندە چىراقلار يېنىپ يوپيورۇق بولۇپ كېتىپتىكەن، ئەمما ھازىر ئادەممۇ بولمىسا كېرەك، ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ ئىدى. بىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭغاندىن كېيىن بىر پارچە قۇرۇق يەرگە كەلگەندە ئۇ قەدىمىنى توختاتتى. ئۇنىڭ مېنى نىمە ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىنى بىلمەيمەن ئەمما بۇيەرنىڭ ئىشىنى بەكمۇ بىلىپ باققۇم بار ئىدى.
_ بۇ يەرگە كىمگە ئاتاپ قەبرە ياسىماقچى ئىدىڭىز؟
_ دادامغا.
_ ھە؟
_ بىلەمسىز؟ بۇرۇن بۇ يەر ئۇچار تاش قورغىنى ئەمەس، ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەتنىڭ تاش قېزىش زاۋۇتى ئىدى.
بۇ گەپنى بۇرۇن ئۆتكۈردىن ئاڭلىغىنىم ئېسىمگە كەلدى.
_ دادام ئۇنىڭ زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى، ئىشلىگىلى ئۈچ تۆت يىل بولغان يىلى قىشنىڭ بىر كۈنى ئۇكام ئىككىمىز مەكتەپتىن كەلسەك مومام كارىۋاتتا مىدىرلىماي يېتىپتۇ، ئاپام ئىشىككە يۆلىنىپ يىغلاۋېتىپتۇ، ئۆيدە بىر مۇنچە قوشنىلىرىمىز بار ئىكەن، قوشنىلىرىمىزدىن بىرى ماڭا دادامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما مەن ئىشەنمىدىم، چۈنكى ئەتىگەن تېخى دادام بىلەن خوشلىشىپ مەكتەپكە ماڭغان ئىدۇق. دادام تېخى بىزگە مۇئەللىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلا، كەپسىزلىك قىلماڭلا دەپ نەسىھەت قىلغان تۇرسا، ئەمدىلىكتە دادامنى ئۆلۈپ كەتتى دېسە كىممۇ ئىشىنىدۇ؟ ئىشقىلىپ بېشىغا كەلمىگەن ئادەم ئۇنداق ئازابنى ھېس قىلالمايدۇ.
_ مەن بىلىمەن_ دېدىم مەن. خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ھېلىقى ئىككى ساقچى مېنى نەقمەيدانغا ئېلىپ بارغاندا دادامنىڭ قار ئۈستىدە ياتقىنىنى كۆرۈپمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئىشەنگۈم كەلمىگەندەك بىر ئىش ئىدى.
_ باشقىلار ماڭا دادامنى تاغقا تاش پارتىلاتقىلى چىققاندا دومىلاپ چۈشكەن تاش بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ دېدى، ئەمما مەن بۇنىڭغا ئىشەنمىدىم.
_ نىمىشقا؟
_ بىزگە دادامنىڭ جەسىتىنى كۆرسەتكەندە قارىسام بىر پۇتى يوق. ئەگەر تاش بېسىۋالغان بولسا، تاشنىڭ ئاستىدا مىجىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ پۇت قوللىرى بىجىرىم بولاتتى.
_ بۇ دېگىنىڭىزغۇ توغرا، ئۇنداقتا سىزنىڭچە دادىڭىز نىمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەندۇ؟
_ مەنمۇ بىلمەيمەن، ئەمما مەن دادامنى تاش پارتىلاتقان پارتىلاتقۇچتا پارتىلاپ كەتكەنمىكىن دەپ گۇمان قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇكامنى ئەگەشتۈرۈپ دادامنىڭ شۇ يوقاپ كەتكەن بىر پۇتىنى ئىزلىدىم. لېكىن تاپالمىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن بار، شۇ سەۋەبتىن دادامنىڭ قەبرىسىنى مۇشۇ يەرگە سالايمىكىن دەپ ئويلىغانتىم.
_ مۇشۇنى دەپ ئابلەت ئەپەندىمدىن ئۆچ ئالىمەن دەيدىكەنسىز دە؟
_ ھەئە.
_ مېنىڭچە ئۇ بىر تاساددىپىيلىق بولۇشى مۇمكىن، قايسى بىر خۇجايىن قول ئاستىدىكى ئىشچىلىرىغا بىر ئىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟
_ توغرا، ئەلۋەتتە ھېچكىم ئۇنداق ئۈمىد قىلمايدۇ، ئەمما ئۇنداق ئىش چىققان ئىكەن، ئىگە بولۇشى كېرەكتە. لېكىن ئابلەت چەتكە چىقىپلىۋالدى، قانداقلا بولمىسۇن زاۋۇتىدا بىر نەچچە يىل ئىشلىگەن ئادەم يەنە كېلىپ زاۋۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسا. ئۇ بىر تىيىنمۇ تۆلەم بەرمىدى. ئاپام بۇ ئاچچىقنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ بولالماي، ئاچچىق يۇتۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتتى.
_ ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات_ دېدىم مەن نىمىدەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي.
_ مەن سالىۋات قىلالمايمەن. ئەسلى بۇ يەرگە قەبرىنى سېلىۋالساملا شۇ پىتى ھەممە ئىشلارنى بولدى قىلاي دېگەن. لېكىن مۇنداق ئىش بولدى. بۇنى مومام ئاڭلاپ ئېغىر كېلىپ موماممۇ كېتىپ قالدى. ئويلاپ بېقىڭە، مەن سالىۋات قىلىۋېتەلەمدىمەن؟
_ لېكىن مەن ئۈمىدكە ئىشىنىمەن، بۇ ئىشنى ئۇ قىلمىدى.
_ ئۇ قىلمىغان بولسا دادىسى قىلدى. قەبرىنى پارتىلىتىۋېتىپتۇ، پارتىلاتقۇچنى ئۇنداق ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ. ئابلەت بۇرۇن تاش قېزىش زاۋۇتى ئاچقان بولغاچقا چوقۇم قولىدا رەسمىيىتى بار، شۇڭا ئالالىدى.
ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار ئىدى، بېشىمنى تۆۋەن سالدىم.
_ قاراڭ، دادامنىڭ سۈرىتىنى ھەر بىر كۆرسەم ئابلەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ_ ئۇ شۇنداق دەپ پورتمالىغا سېلىۋالغان دادىسىنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى. سۈرەتتىكى كىشى ماڭا شۇنداق تۇنۇش كۆرۈنىۋاتاتتى، لېكىن ھېچ ئېسىمگە ئالالمايۋاتاتتىم. ئويلا ئويلا ئاخىرى ئېسىمگە كەلدى.
_ بۇ تۇردى دادامكەنغۇ؟ سىز تۇردى دادامنىڭ ئوغلىما؟
ھەسەن كۈلۈپ ماڭا قارىدى. كىچىكىمدە دادامنىڭ تۇردى ئىسىملىك يېقىن بىر ئاغىنىسى بولىدىغان، ئۇ كىشى دائىم بىزنىڭ ئۆيگە كېلەتتى، ھەر كەلگەندە ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلەتتى، تۇردى دادام ئوغلىنى ھەسىنىم دەپ چاقىراتتى. ئەمدى ئويلاپ باقسام ئاشۇ كىچىك بالا مۇنۇ ھەسەن شۇكەن ئەمەسمۇ. ئۇ چاغدا ئۇ تارتىنچاق، كەمسۆز بالا ئىدى. دادام ھەسەننى بىللە ئوينىتىپ قويۇڭ دېسىمۇ ، ئۇ مەن بىلەن بىللە ماڭغىلى ئۇنىمايتتى. ئۇنىڭغا قاراپ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش يادىمغا كەچتى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















