
بۇ ئەسەرنىڭ 118-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
|||
117-قىسىم
ھۇجرىغا چىقىپ كەتمەي مېھمانخانا ئۆيدىكى كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتىم، لېكىن تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېچ رايىم يوق، ئەمما ھېچبولمىغاندا تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىدىن بولسىمۇ داچىدا ئۆزۈمنى بەك يالغۇز ھېس قىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. تاڭ ئاتارغا يېقىن سىرتتا ماشىنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۈمىد قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ كرىسلودا ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
_ نىمانچە بالدۇر تۇرىۋالدىڭىز؟
_ قاچان چىقىپ كەتكەنتىڭىز؟ قەيەرگە باردىڭىز؟_ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەيلا. ئۇ كېلىپلا ئۆزىنى كرىسلوغا تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى، تۇرقىدىن بەكلا چارچاپ كەتكەندەك تۇراتتى.
_ ئازراق ئىش بىلەن بىر يەرگە بېرىپ كەلدىم.
ئۇ نىمە ئىش قىلغانلىقىنى، قەيەرگە بارغانلىقىنى ئېنىق دېمىدى، مەنمۇ زىغىرلاپ سورىمىدىم. ناشتىلىق تەييارلاۋاتسام ئىشىك ئىنتايىن زەرب بىلەن ئۇرۇلدى. ئىشىك قۇڭغۇرىقى تۇرسا ئۇنى باسماي ئىشىكنى بۇنداق ئۇرغانغا قارىغاندا سىرتتىكى ئادەمنىڭ ئاچچىقى بىلەن ئۇرىۋاتقىنى ئېنىق ئىدى. ئۈمىد كرىسلودا يېتىپ ئۇخلاپ قالغان، ئۇ ئاۋازدىن ئۇمۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى. _ ئىشىكنى مەن ئاچاي_ دېدىم مەن ئىشىكنىڭ يېنىغا كېتىۋېتىپ.
ئىشىكنى ئاچسام شېرزات بوراندەك ئېتىلىپ كىردى. «ھەي، ئۇ دوختۇرخانىدا ئىدىغۇ؟» ئۈمىد ئەمدى ئۆرە بولۇشىغا ئۇ كېلىپلا ئۈمىدنى بىر مۇشت سالدى.
_ ئۈمىد، ئادەم ئەمەس، ھايۋان.
مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغان جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم.
_ شېرزات بالام، سەن تېخى ساقايمىغان، نىمىشقا گېپىمنى ئاڭلىمايسەن، ئاران مۇشۇنچىلىك بولغاندا، ئېغىرلاپ كەتسەڭ مەن قانداق قىلىمەن؟_ تاق تاق تاق قىلىپ ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، كەينىدىنلا ئايگۈل ھەدەم يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كىردى. شېرزات ئۈمىدنى يەنە بىر مۇشت قويماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرىۋىدى، ئايگۈل ھەدەم توسۇۋالدى. شېرزات بىر قولى بىلەن مۈرىسىنى تۇتۇپ ئۈمىدكە ئۇنى ھازىر يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا قارىدى. ئۇنىڭ يارىسى تېخى تولۇق ساقىيىپ بولالمىغان چېغى، شۇڭا ئۇ ئۈمىدنى كۈچەپ ئۇرغاندا ئۆزىنىڭ مۈرىسىمۇ ئاغرىپ كەتكەن بولسا كېرەك. ئۈمىد ئۇنىڭغا قول ياندۇرمىدى.
_ نېمە بولدۇڭ؟ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟
_ ھە، مەن ساراڭ بولدۇم. بۈگۈن سەن بىلەن راسا بىر تۇتۇشمىسام بولمايدۇ.
ئۇنىڭ نىمىگە بۇنچىۋالا ئاچچىقىلىنىپ كېتىۋاتقىنىنى مەن بىلمەيتتىم. راستىمنى ئېيتسام تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدە تاماق يىگەندىن كېيىن شېرزاتقا بولغان كۆز قارىشىمدا ئانچە مۇنچە ئۆزگىرىش بولۇپمۇ قالغان ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئايقىزنى قۇتقۇزىۋالغىنىنى كۆرۈپ خېلى ۋىجدانلىقكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۈگۈن ئۇنىڭ بۇنچىۋالا ئاچچىقلاپ كەتكىنىگە قارىغاندا چوقۇم ئۈمىدكە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش چىققان گەپ.
_ شېرزات، تېخى تولۇق ساقايمىغان تۇرساڭ، نىمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتسەڭ، ئاغرىقنىڭ دەردىنى مەن يا ساڭا تارتىشىپ بېرەلمىسەم، پۈتۈن جاپانى ئۆزۈڭ تارتىسەن، بالام_ ئايگۈل ھەدەم شۇنداق دەپ شېرزاتنى قولىدىن تارتماقچى بولۇۋىدى، شېزات ئاپىسىنى سىلكىۋەتتى ۋە ئۈمىدنىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ باردى.
_ ئۈمىد، بۈگۈن گەپنى ئوچۇق قىل، ھەسەن ئاكام ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىغا سالغان قەبرىنى سەن بۇزۇۋەتتىڭما؟ دېگىنە!_ ئۇ ئۈستەلنى بىرنى تېپىۋىدى، ئۈستەلدىكى ئىستاكانلار جاراڭشىپ يەرگە چۈشۈپ چېقىلدى.
_ ياق، مەن بۇزمىدىم_ ئۈمىد ھەقىقەتەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنى تۇتىۋالالايدۇ. شېرزات ئۈمىدكە يەنە بىر مۇشت ئېتىۋىدى، ئۈمىد ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. شېرزات ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ ۋاقىرىدى.
_ تولا مېنى ئالدايمەن دېمە، مەن ئۇنچىۋالا ھاماقەت ئەمەس. مەن ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كامېرانى كۆردۈم، تۆنۈگۈن يېرىم كېچىدە سەن ئۇ يەرگە بېرىپتىكەنسەن، قەبرىنىمۇ تۆنۈگۈن كەچتە بۇزۇپتۇ. ئەمدى دېگىنە، سەنمۇ ئەمەسمۇ؟ قىلغان ئىشىڭغا ئىگە بولالمامسەن؟
شېرزاتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۈمىدكە قارىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ تۆنۈگۈن يېرىم كېچىدە چىقىپ كەتكىنى راست ئىدى. مېنىڭ ھەسەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، ھەم ئۇنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپمۇ كەتمەيمەن. لېكىن مەن ئۇنىڭ ئاشۇ يەرگە ۋە سېلىنىۋاتقان قەبرىگە قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى، ئۇ يەرنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ھازىر ئۇ شۇنچە مۇھىم بىلگەن يەر يوق بوپتۇ، بۇنى بىلسە ئۇ قانچىلىك بولۇپ كېتەر تېخى. ئۈمىد ئاغزىنىڭ شېرزاتنىڭ مۇشتى تېگىپ قاناپ كەتكەن يېرىنى بېسىپ تۇرۇپ:
_ مېنى قىلمىغان ئىشنى قىلدىم دەپ تەن ئال دېمەكچىمۇسەن؟ چۈشەكەپسەن، قىلغان بولسام قىلدىم دەيتتىم، قىلمىغان ئىشنى ھەرگىز قىلدىم دەپ بوينۇمغا ئالمايمەن.
_ بالام، ماڭە، كېتەيلى. يوق بولسا بولمامدۇ، ئەسلىدىمۇ بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە ئەمەستى. سېنىڭ سالامەتلىكىڭ مۇھىممۇ يا خەقنىڭ ياسىغان نەرسىسى مۇھىممۇ؟_ ئايگۈل ھەدەم شېرزاتنى تارتقۇشلاپ ئېلىپ ماڭدى.
_ ساڭا دەپ قوياي، ئۈمىد، مەن بۇ ئىشنى بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيمەن، ھەسەن ئاكاممۇ شۇ.
ئۆي ئاخىرى تىنچىدى. مەن دەرھال سۈپۈرگىنى ئېلىپ يەردىكى ئەينەك پارچىلىرىنى سۈپۈرۈشكە باشلىدىم.
_ راستلا سىزما؟_ سۈپۈرۈپ بولۇپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدكە قاراپ سورىدىم. ئۈمىدمۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ:
_ ياق_ دەپ تومتاقلا جاۋاب بەردى.
_ ئەمىسە يېرىم كېچىدە ئۇ يەرگە نىمە قىلغىلى باردىڭىز؟
ئۈمىد قولىدىكى چاقماقنى بىردەم ئويناپ تۇرىۋېتىپ ئاندىن جاۋاب بەردى:
_ ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئەمەس.
_ سىزگە ئىشىنىمەن_ بايا شېرزاتقا قىلمىغان ئىشنى قىلدىم دېمەيمەن دېگەن چاغدىلا مەن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرىۋېتەي دەپلا سورىغان ئىدىم. ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ بايا تەييارلاپ قويغان ناشتىلىقنى ئېلىپ چىقتىم، ئىككىمىز خۇددى بايا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەندەك كۆڭۈللۈك ناشتا قىلدۇق. ناشتىدىن كېيىن ئۈمىد ئىشقا كەتتى. ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ ھېلىقى كۈنى دوختۇرخانىدا ئاڭلىغان ئايگۈل ھەدەم بىلەن ئابلەت ئەپەندىمنىڭ گەپلىرى ئېسمگە كەلدى، شۇ كۈنى ھەسەن ياسىغان قەبرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى بىلدۈرگىنى ئۈمىد ئەمەس، ئۇلار تۇرسا. ئەمدىلىكتە قەبرە يوق بولسا ئۇلار نىمىشقا بۇنى ئۈمىدتىن كۆرىدۇ؟ ماڭا بۇ ئىش بەكلا سىرلىق بىلىندى. ئەجىبا ئابلەت ئەپەندىم قىلىدىغاننى قىلىپ ئۈمىدكە دۆڭگەپ قويغانمىدۇ؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ئاتا بالا، ئابلەت ئەپەندىم ھەرقانچە بولسىمۇ بالىسىغا تۆھمەت قىلماس. ئويلاپ باقسام مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئىشلار كەينى كەينىدىن ئۇلىنىپلا يۈز بېرىپتۇ، ئەزىمەتنىڭ ئۆچ ئېلىشى، شۆھرەتكە تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلىشى، ھەسەن ياساۋاتقان قەبرىنىڭ يوق بولۇشى. بۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مەنمۇ ئەنسىزلىك ئىچىدىلا ئۆتۈپتىمەن.
مىنەۋەر خانىمنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا باردىم. بۈگۈن ئەمەلىيەت دەرىسى، ئەمما مېنىڭ كاللام پەقەت جايىدا ئەمەس، دېققىتىمنى يىغالمايۋاتاتتىم.
_ نازىيە، مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟_ مۇلايىملىق بىلەن سورىدى مىنەۋەر خانىم. مەن بېشىمنى چايقىدىم.
_ كەچۈرۈڭ، مىنەۋەر خانىم. بىر نەچچە كۈن بولدى، پەقەت ياخشى ئۇخلىيالمايۋاتىمەن.
_ سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم، بولدى، بۈگۈن بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئېلىڭ.
تاكسى بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. كۆڭلۈمدە بىر ئەنسىزلىك بار، ھەر ۋاقىت ئەزىمەتتىن قورقۇپلا تۇراتتىم، چۈنكى ئۇ يوشۇرۇن، مەن ئاشكارا. ئۇنىڭ يەنە مەندىن ئۆچ ئېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ. شۇڭا مەنمۇ دائىم ھۇشيار تۇرۇشۇم كېرەك، مەن يەنە شۆھرەت بىلەن نىگارەنىڭ ئۇچۇرى كېلىپ قالارمۇ دەپ دېققەت قىلىپ يۈردۈم، ھەم يەنە ئۇلاردىن ئۇچۇر كەلمىسىكەن دەپ ئويلايتتىم. ھەسەن ئالدىنقى قېتىم باشقا يەرگە كېتىمەن دەۋاتاتتى، ئۇ قەبرىنىڭ يوق بولغىنىنى بىلسە چوقۇم ئۇچقاندەك قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قانداق ئويلا؟ ئۇمۇ بۇ ئىشنى ئۈمىدتىن كۆرەرمۇ؟
كەچتە ئۈمىد قايتىپ كەلگەندە مەن تاماقنى تەييارلاپ بولغان. ئۈمىد تاماقتىن ئاغزىغا بىر قوشۇق سېلىپلا ماڭا قارىدى.
_ نىمە بولدىڭىز؟_ دېدىم مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قارىشىدىن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي.
_ تۇرۇپلا گۈرۈچ ئاش يىگۈم كەلمەي قالدى، ئۈگرە ئىچسەك بولمامدۇ؟ مەن ئېتەي.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن نىمە بولغىنىنى ھېچ بىلەلمەي قورۇمىدىن بىر چوكا ئېلىپ ئاغزىمغا سالغان ئىدىم، ۋاي ئانامەي، ئاپامنىڭ بىر گېپى بولىدىغان، تۇزنى بىكارغا بەرگەندەك ساپتىمەن دەيدىغان، مەن بۈگۈن دەل شۇنداق ساپتىمەن. ئاستا ئۈمىدنىڭ يېنىغا كىردىم.
_ كەچۈرۈڭ، مەن...
_ ھېچقىسى يوق، تاماق دېگەننىڭ قېلىپى يوق، بىردە ئۇنداق بولىدۇ، بىردە مۇنداق بولىدۇ. چىقىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن تاماقنى تەييارلاپلا ئېلىپ چىقىمەن.
ئۆيدە ئەكىرىپ قويغان تەييار كالا گۆشى ئۈگرىسى بار ئىدى، ئۈمىد شۇنىلا سېلىپ ئېلىپ چىقىپتۇ.
_ تەييارنىلا سالدىم، شۇنداقتىمۇ بۇنىڭغىمۇ خېلى ھۈنەر كېتىدىكەن، قېنى تېتىپ بېقىڭە، مەلىكەم. _ راستىمنى ئېيتسام مەن مۇشۇنداق ئادەتتىكى تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىمەن. باشقىلار ۋاھ دەپ قالغۇدەك باياشاتلىقنى، راھەت پاراغەتنى قوغلىشىپ كەتمەيمەن.
ئەتىسى چۈشلۈكى مەن بىرىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىپ بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ چىقىپ ماشىنا توساي دەپ تۇرسام يولنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇنۇشلا بىر ماشىنا تۇرىدۇ. ماشىنىدىن ئالىم چۈشتى.
_ نازىيە ئاچا، بىر يەرگە بارامتىڭىز؟ مەن ئاپىرىپ قوياي.
ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەجەبلىنىپ سورىدىم.
_ سىز بۇ يەردە نىمە قىلىۋاتىسىز؟
_ ئۈمىد باش دېرىكتور ماڭا بۇندىن كېيىن نازىيە ئاچاڭنىڭ شوپۇرى بولىسەن دېگەن_ دېدى ئالىم.
_ قوغدىغۇچىلا دەڭە_ دېدىم مەن كۈلۈپ. ئالىم كۈلۈپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمىدى.
ئالىم مېنى بەخت دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويدى. مەن دوختۇرخانا ئىچىگە كىرگەندە ئالىممۇ مەندىن ئىككى ئۈچ مېتىر ئارىلىق تاشلاپ كەينىمدىن كىردى. بالنىستنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ كىرسەم ئايگۈزەل كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئەر مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇنى تۇنۇدۇم، ئۇ ئايگۈزەلنىڭ ئېرى، ئالدىنقى قېتىم تاللا بازىرىدا ئۇنى كۆرگەن، قارىماققا يۇۋاش ئادەمدەك قىلاتتى. ئايگۈزەل مېنى كۆرۈپ ئېرىگە:
_ سىز چىقىپ تۇرۇڭە_ دېدى. ئېرى بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى. ئالىممۇ كىرمەي ئىشىك ئالدىدا قېپ قالغان ئىدى.
ئايگۈزەلنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالماپتۇ، ئەمما شۇ كۈنكى ئىشنى ئويلاپ ھايات قالغىنىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش دەپ ئويلىدىم.
_ مېنىڭ بۇ تۇرقۇمنى كۆرۈپ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كېتىۋاتىدۇغۇ دەيمەن.
مەن گەپ قىلمىدىم. ئۇ مېنى چاقىرىپ كەلگەن ئىكەن، چوقۇم ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپى بار.
_ توغرا، مەن ئۆزۈمگە قىلدىم_ دېدى ئۇ ئۇھسىنىپ.
_ ئادەم قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئۆيۈمنى بۇزغان ئىدىڭىز، بۇنىڭ نەتىجىسى مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن چوقۇم قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك.
_ ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا قۇرسىقىڭىزدىكى بالىنى ئېلىۋېتىشنى مەن دېمىگەن، مەنمۇ بىر ئايال كىشى، يۈرىكىم ئۇ دەرىجىدە تاش ئەمەس، ئەزىمەت ئۆزى ماڭا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن شۇ ئامالنى ئويلاپ تاپتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەندە ھېچقانداق تۇيغۇ بولمىدى. چۈنكى مەندە ھازىر ئەزىمەتكە نىسبەتەن مۇھەببەت دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق.
_ ئەزىمەت بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدى، مېنىڭ ئالدىمدا شۇنداق رايىش، نىمە دېسەم ماقۇل دەيتتى، بىرەر قېتىممۇ گېپىمنى يىرىپ باقمىغان، ئۇنىڭ بۇنچىۋالا رەزىل بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن_ دېدى ئايگۈزەل.
_ ئەسلى ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ قۇرسىقىمدىكى ئۆزىنىڭ بالىسىغا قارا قولىنى سوزغاندىلا ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلىپ يېتىشىڭىز كېرەك ئىدى، شۇ چاغدا سىلەر مىنى ئاجىز دەپ بەك بوزەك قىلغان.
ئايگۈزەل بېشىنى تۆۋەن سالدى، ئۇنىڭدا بۇرۇنقى ھاكاۋۇرلۇقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.
_ كىشىگە قىلساڭ ئۆزۈڭگە يانىدۇ دېگەن ھەقىقەتەن راست گەپكەن. كەچۈرۈڭ، نازىيە، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگىمۇ بەك كۆپ ئازار بېرىپ كېىپتىمەن.
ئەمەلىيەتتە مەن ئاللىبۇرۇن ئايگۈزەلگىمۇ نەپرەتلەنمەس بولغان، چۈنكى ئەزىمەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى رەزىللىك بولسا ئايگۈزەل بولسۇن بولمىسۇن ئوخشاشلا قىلىدىغىنىنى قىلىۋېرىدۇ، ئەلۋەتتە ئايگۈزەلنىڭ بولۇشىمۇ ماڭا بەك ئېغىر ئازار بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىسام ئۇ مېنى بىر ناچار ئەردىن قۇتقۇزۇپ قويۇپتىكەن. بەلكىم شۇ قېتىمقى ئىش بولمىغان بولسا ئۈمىد بىلەنمۇ تۇنۇشالماس بولغىيتتىم. مۇشۇ تەرىپىنى ئويلىسام مەن ھېلىمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن.
_ ياخشى ئارام ئېلىڭ. پۇرسەت بولسا يەنە يوقلاپ كىلەرمەن._ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە ماڭسام ئايگۈزەل چاقىردى.
_ نازىيە. ئەزىمەتتىن ئېھتىيات قىلىڭ، ئۇ ھازىر ساراڭنىڭ ئۆزىلا بوپتۇ، ئۇنىڭ ماڭا ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇ سىزگە مەندىنمۇ بەكرەك ئۆچ.
ئەزىمەت قايتىپ كەلگەندىن بۇيانقى ئىشلارنى ئويلاپ ئايگۈزەلگە قاراپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
_ راست دەيسىز، ئۇ راستلا ساراڭ بوپتۇ.
ئايگۈزەلنىڭ يېنىدىن چىقسام، بالنىستنىڭ ئالدىدا ئالىم ساقلاپ تۇرۇپتۇ. يولدا كېتىۋېتىپ ئايگۈزەلنىڭ ئاخىرقى گېپى ئېسىمگە كېلىپ قالدى، ئۇ ماڭا ئۆچمىكەن؟ مەن نىمە قىلغانغا ئۇ ماڭا ئۆچمەنلىك ساقلايدىكەن. مېنىڭ قۇرسىقىمدا نورمال يېتىلىۋاتقان بالىنى ئېلىۋەتتى، ئەمدى بەلكىم مەڭگۈ بالىلىق بولالماسلىقىم مۇمكىن، ھېلىقى سۈرەتنى تارقىتىپ يۈزۈمنى قويمىدى، ئۈمىدنىڭ 500 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئېلىۋالدى، ئەسلى ئۆچمەنلىك ساقلاشقا تىگىشلىك ئادەم مەنغۇ. شىشۇاڭبەننادا بىز ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدۇق، چۈنكى ئۇ شۇنىڭغا چۇشلۇق ئەسكىلىك قىلغان، ئەمدىلىكتە بىز نىمە قىلغانغا ئۇ بىزدىن ئۆچ ئالماقچى بولىدىكەن؟
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى كۈن جىمجىت ئۆتتى. قەبرىنىڭ يوق بولغىنىنى ئاڭلاپ ھەسەن قانچىلىك ئەسكىلىك قىلىپ كىتەر دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن تىنىچ تۇراتتى. مەن قەيەرگە بارسام ئالىم بار بولغاچقا ئۈمىدمۇ مەندىن خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالىمنى كەينىمگە سېلىپ قويۇشىدا ئەنسىرەيدىغان ئادىمى ئىككى، بىرى ئەزىمەت، يەنە بىرى ھەسەن.
ئۈچىنچى كۈنى كەچقۇرۇن ئالىم مېنى ئېلىپ مىنەۋەر خانىمنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدىن قايتىۋاتاتتۇق. ئادەتتە شۇنداق راۋان بولىدىغان يول بۈگۈن توسۇلۇپ قاپتۇ. ماشىنىدا ئولتۇرىۋېرىپ ئالىمنىڭ ئىچى سىقىلىپ كەتتىمىكىن، تاماكا چىكەي دەپ چىقارغانتى، تاماكىسى تۈگەپتۇ.
_ مەن چۈشۈپ تاماكا ئېپ چىقىپ بېرەيمۇ؟_ دېدىم ئۇنىڭغا. ئالىم ماڭا قاراپ سەل خىجىل بولغان ھالدا كۈلۈمسىرىدى.
_ بولدى، ئۆزۈم ئېپ چىقاي.
يان تەرەپتە بىر تاللا بازىرى بار ئىدى، ئالىم ماشىنىنى يان تەرەپتىكى تار يولغا توختىتىپ ماشىنىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمنى ئېيتىپ چۈشۈپ كەتتى. ئالىم چۈشۈپ كېتىشىگىلا مېنىڭ تېلېفونۇم سايرىدى، قارىسام كۆرۈپ باقمىغان ناتونۇشلا بىر نۇمۇر. تېلېفوننى ئالدىم.
_ ۋەي، ئۈمىد ئەپەندىمنىڭ ئايالى بولامسىز؟
_ ھەئە، نىمە ئىشىڭىز بار؟
_ ئۈمىد ئەپەندى دوستلۇق يولى ئېغىزىدا ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇقتى، ھازىر كېلەلەمسىز؟
_ ھە؟
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















