
بۇ ئەسەرنىڭ 160-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159-قىسىم
مەن نېمىگە جىددىيلىشىدىغاندىمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا دوست بولۇپ ياردەم قىلسام، ئۇنى قوغدىساممۇ بولىۋېرىدۇغۇ، يا ئۇ مېنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىمنى بىلمىسە. لېكىن مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەت يوق، چۈنكى مېنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا تىل تۇتۇقۇم بار. خۇددى مەن غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭغا ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي دېسەممۇ، ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىيالمىغىنىغا ئوخشاش، ئۇ قورقۇنچاق، مەن جۈرئەتسىز، شۇڭا ئىككىمىزنىڭ يۈزمۇ يۈز پاراڭلىشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
شەرقى بازاردىن يېنىپ تاش زاۋۇتىغا كەلگەن ۋاقتىمدا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان ئىدى، دادامنىڭ ماشىنىسى ياتىقىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئىشىكنى چەكتىم، دادام كىملىكىمنى سورىدى، مەن گەپ قىلمىدىم. مېنىڭمۇ بىر جاھىللىقىم بار ئىدى، دادامغا گەپ قىلغۇم كەلمەيتتى. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك ئېچىلدى، دادام مېنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى.
_ سەن نىمىگە كەلدىڭ؟
دەرھال ئۆي ئىچىگە كۆز يۈگۈرتتۈم، ھېچكىم يوق، دادام ئۇلارنى ئاپىرىۋەتكەن بولسا كېرەك. شۇنداقتىمۇ دادامنى ئىتتىرىۋېتىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەر بۇ يەرنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.
_ مېنى داداڭ قاتارىدىمۇ كۆرمەيسەن سەن، نىمىشقا مېنى ھۆرمەتلىمەيسەن؟ ھەممىنى قىلغان ئاشۇ ئاپاڭ، مېنى ساڭا يامان كۆرسىتىپ بولدى _ دادام بىر ياندا تۇرۇپ مېنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ بىلەن كارىم بولماي ئاختۇرىۋەردىم. كارىۋات ئاستىدىكى يوتقاننى قايرىۋىدىم، دادامنىڭ يوتقاننىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان نەرسىسى چىقىپ قالدى. شۇ تاپتا ئاچچىقتا مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. دەرھال ھېلىقى نەرسىنى ئېلىپ تاشلىۋەتمەكچى بولدۇم، دادام جان جەھلى بىلەن مېنى تارتاتتى. شۇنداق تاتىشىپ يۈرۈپ ھېلىقى ئاق رەڭلىك ئۇنسىمان نەرسە يەرگە چېچىلىپ كەتتى. دادام ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئۇ نەرسىنى خۇددى بىباھا گۆھەرنى تەرگەندەك ئازراق ئازراقتىن چىمدىپ ئېلىپ قولىنىڭ ئالقىنىغا قويۇۋاتاتتى. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋېتىپ، كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر تال ئارغامچىنى تارتىپ چىقىرىپ دادامنى ئورۇندۇققا تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ باغلىماقچى بولدۇم.
_ نىمە قىلىۋاتىسەن؟ مەن دېگەن سېنىڭ داداڭ.
دادام مېنى تىللىغاچ ئورۇندۇقتىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولاتتى. لېكىن مەن ئەمدى 15 ياشقا كىرگەن بولغىنىمغا قارىماي دادامدىن بىر غېرىچ ئېگىزلەپ كەتكەن ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ ماڭا كۈچى يەتمەيتتى. يەنە كېلىپ بۇ ئۇنى بىرىنچى قېتىم باغلىشىممۇ ئەمەس. ئالدىنقى قېتىم ئۇنىڭ زەھەر خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ ئاپامنى ئۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىۋالغاندا كەينىدىن كېلىپ باغلاپ قويغانتىم. دادام ھېلىقى نەرسىگە ئۆگىنىپ قالغاندىن بۇيان بەزىدە ساراڭنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالاتتى، ھە دېسە ئاپامنى ئۇرۇپ تىللايتتى، مەن ھازىر كىچىك بالا ئەمەس، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكۈچىلىكىم بار، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا بىلەلەيمەن، شۇڭا ئاپام ئۇچراۋاتقان تەڭسىزلىككە چىداپ تۇرالمايمەن. ئۇ مېنى تىللىدى، قارغىدى، لېكىن مەيلى ئۇ نېمىلا دېسۇن، مەن ئۇنى توسۇشۇم كېرەك، ئۇنىڭ بۇنداق كېتىۋېرىشىگە، ئاپامنى بۇنداق بوزەك قىلىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالمايمەن، شۇڭا مەن ئۆزۈمنى خاتا قىلدىم دەپ قارىمايمەن، چۈنكى مېنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىم دادامنى ھېلىقى نەرسىدىن نېرى قىلىش. چۈنكى ئۇ نەرسە ياخشى نەرسە ئەمەس، شۇ نەرسە سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ كەتكەن. دادامنى ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇپ يېنىدا قاراپ تۇردۇم، ئۇ مېنى ھەرقانچە سەت گەپلەر بىلەن تىللىسىمۇ كارىم بولمىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ دادام، ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرسام، قول ياندۇرسام بولمايدۇ، ئاپام ماڭا كىچىكىمدىنلا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئاتا ئانىىغا ۋاپادار بولۇش توغرىلىق تەربىيە بېرىپ چوڭ قىلغان. ئەمما ھازىر باغلاپ قويۇشۇممۇ ئامالسىزلىقتىن بولىۋاتىدۇ.
مەن ھېچنىمە دېمەي جىم تۇرغان بولساممۇ دادام مېنىڭ ئۇنىڭ بىر ئېغىز ۋەدىسىنى ئاڭلاشنى ساقلاۋاتقىنىمنى بىلىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ۋەدىسى بىر تىيىنغا ئالغۇسىز بولسىمۇ ھېچبولمىغاندا شۇنداق گەپنى ئاڭلاشنى خالايتتىم. ئىشچىلار ئىشتىن چۈشۈشتى، ئۇلار ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ دادامغا خوش دەپ قويدى. داداممۇ، مەنمۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدۇق، دادام ئىشچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتى. ئىشچىلار كەتتى، ھەممە يەر جىمجىت بولۇپ كەتتى، داداممۇ تىللاپ ھارغانمىكىن، ئاخىرى ئاغزى يۇمۇلدى. تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.
_ ئابلەت، سىز ئىچىدە بارمۇ؟ ئۈمىد بالام، سەن ئىچىدىمۇ؟_ ئاپامنىڭ ئاۋازى. مېنىڭ شۇنچە كەچكىچە قايتىپ كەلمىگىنىمنى كۆرۈپ مەندىن ئەنسىرەپ كەلگەن بولسا كېرەك. دادام بىلەن ھېلىقى ئايالنىڭ گېپى چىققاندىن بۇيان ئاپام زاۋۇتقا كېلىپ باقمىغان. دادام ماڭا چەكچىيىپ قارىدى، ئەسلى بۇ قېتىم ئۇنى بۇنداقلا بوشىتىۋەتكۈم يوق ئىدى، ئەمما ئاپامنىڭ ئاۋازىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتكىنى چىقىپ تۇراتتى، شۇڭا ئامالسىز دادامنى باغلاقتىن بوشىتىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئاپام گۇمانى نەزەردە دادام ئىككىمىزگە قارىدى.
_ نىمە ئىش قىلىۋاتاتتىڭلار؟ ئىشىكنى بەك ئۇزۇندا ئاچتىڭلارغۇ؟
_ ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىگەنتىم، دادام ماڭا تەنبىھ بېرىۋاتقان _ دېدىم ۋە ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم.
_ ئابلەت، سىزنى ئامراق دەپ چۈچۈرە ئېتىپ قويغانتىم، ئۆيگە بېرىپ يەۋالامسىز؟
دادام ئىشىكنى تاقاپ چىقىپ ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇردى، ئۇنىڭغىچە مەن ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ مېڭىپ بولغان ئىدىم.
_ ئۈمىد، ۋېلىسپىتنى داداڭنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينىگە بېسىپ ماشىنىغا چىقىپ ماڭغىن بالام!
لېكىن مەن ۋېلىسپىتنىڭ پىدالىنى كۈچەپ تېپىپ كېتىۋەردىم.
كەچلىك تاماقنى ئۈچىمىز بىللە ئولتۇرۇپ يىدۇق. ئالدىنقى قېتىم ئۈچىمىزنىڭ بىللە تاماق يىگەن ۋاقتىمىزنى ئەسلىيەلمەيمەن. كۆپ ۋاقىتلاردا ئاپام ئىككىمىزلا تاماق يەيمىز. بايا زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئىش تۈپەيلىدىن دادام ماڭا چىراي ئاچمىدى. ئاچمىسا ئاچمىسۇن، ئەگەر دادىنى تاللىغىلى بولغان بولسا مەن ھەرگىز ئۇنى دادىلىققا تاللىمىغان بولاتتىم. ئاپام بىر ئىشنى سېزىپ قالدى بولغاي:
_ بۇ قېتىم ياخشى بېرەلمىگەن بولسا كېيىنكى قېتىم تىرىشسا بولىدۇغۇ، بالام، دېگىنە، ئىمتىھاندا نەچچە ئاپسەن؟
مەن قولۇمدىكى چوكىنى قويۇپ سومكامدىن ئىمتىھان قەغىزىمنى ئېلىپ ئاپامغا ئۇزاتتىم.
_ ئەدەبىيات 142. ۋوي، 142 نومۇر تۆۋەن نومۇر ئەمەس! _ ئاپام خۇش بولۇپ ئىمىھان قەغىزىنى دادامغا كۆرسەتتى.
_ ئابلەت قاراڭ، بالىمىزنىڭ نەتىجىسى خېلى يۇقىرى ئىكەن، ماقالە يېزىشتا ئاسان تولۇق نومۇر ئالغىلى بولمايدۇ. سىزمۇ بالىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالماڭ، بالا ھېلىمۇ بەك تىرىشىپتۇ.
دادامنىڭ چىرايىدىن قىلچىلىك خۇش بولغانلىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى، ئەكسىچە قولىدىكى چوكىنى ئۈستەلگە تاراققىدە تاشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ماڭدى. ئاپام دادامنىڭ كەينىدىن قاراپ ئۇھسىنىپ قويدى ۋە مېنىڭ قىزىققانلىق قىلىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ كېلىپ مېنىڭ بېشىمنى سىلىدى.
_ يارايسەن، بالام، تېخىمۇ تىرىشقىن.
بىلىمەن، مەن ھەرقانچە تىرىشقىنىم بىلەنمۇ دادامنىڭ مەندىن خۇش بولۇشى ناتايىن. يېرىم كېچىدە ئىشىكنىڭ يېپىلغان ئاۋازىدىن ئويغنىىپ كەتتىم، يۈگۈرۈپ بېرىپ دېرىزىدىن قارىسام دادام ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇپ كەتتى. قۇلىقىمغا ئاپامنىڭ يىغلاۋاتقان ئاۋازى ئاڭلاندى، پەسكە چۈشتۈم، ئاپام يىغلاۋېتىپ تۇيۇقسىز قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى. يۈگۈرۈپ كىرىپ ئاپامنى يۆلىدىم. ئاپامنىڭ يۈزىنىڭ نەچچە يېرى كۆكىرىپ قالغان ئىدى.
_ سېنى يەنە ئۇردىما؟
ئاپامنى يۆلەپ كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزدۇم، ئاپام كارىۋاتقا يۆلىنىپ يىغلاپ كەتتى. دادام بىلەن ئاپامنىڭ ھۇجرىسىغا سەپسالدىم، تامدا ئۇلارنىڭ تويلۇق سۈرىتى ئېسىقلىق تۇراتتى. بۇرۇن داداممۇ بۇنچىلىك ئاشۇرىۋەتمەيتتى، قاچان ھېلىقى نەرسىگە يۇلۇقتى شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگەردى، بۇ ئۆيمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىممىتىنى يوقاتتى.
_ ئاپا، بۇنداق دادىنىڭ ماڭا كېرىكى يوق_ دېدىم مەن. ئاپام دەرھال يىغىدىن توختاپ قولۇمغا ئېسىلدى.
_ جېنىم بالام، بۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ. ئۇ قانداقلا ئىش قىلسۇن يەنىلا سېنىڭ داداڭ، ماڭا ئىچىڭ ئاغرىپ مۇشۇنداق دەۋاتقىنىڭنى بىلىمەن، لېكىن داداڭ تېگىدىن ئەسكى ئەمەس، بۇ ئىشلارمۇ بىر مەزگىللىك، ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، بالام.
زادىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، ئاياللار نىمانچە چىداملىق كېلىدىغاندۇ؟ دادامنىڭ شۇنچىۋالا ئەسكىلىكلىرىگە يەنە چىشىنى چىشلەپ ئۆتۈشى دادامنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىنمۇ؟ ئاپامنىڭ بۇ ئىشلارغا مېنى دەپ بەرداشلىق بېرىۋاتقىنىنى بىلگۈچىلىكىم بار. ئەمما ئاپام نىمىشقا ئۆزىنى ئويلاپ قويمايدىغاندۇ؟ ئاپام يەنە قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى. ئالقىنىنى ئاچقان ئىدى، ئالقىنىدا قان تۇراتتى.
_ ئاپا! _ ئاپامنىڭ ئالقىنىدىكى قاننى كۆرۈپ قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتىم. ئاپام ئاغزىدىكى قاننى سۈرتىۋېتىپ ماڭا تەسەللى بەردى.
_ ھېچقىسى يوق، بالام، كونا كېسەل. چوڭ داداڭغا دېمە ھە، ئەنسىرەپ قالىدۇ.
ئاپامغا دورىسىنى ئەكىلىپ، قايناقسۇ قۇيۇپ بەردىم. ئاپام خېلىغىچە ئۇخلىيالماي قىينىلىپ ياتتى، بىر چاغدا جىمجىت ئۇيقۇغا كەتتى، شۇندىلا مەن ھۇجرامغا چىقىپ كەتتىم، ئەمما ئۇيقۇم قاچقان ئىدى. كارىۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر كىچىك قۇتىنى ئالدىم، قۇتىغا كىچىك بىر قۇلۇپ سېلىقلىق ئىدى. بۇنىڭدا پەقەت مەنلا بىلىدىغان بىر مەخپىيەتلىك ساقلانغان. مەن ئۆزۈم يوشۇرۇپ قويغان يەردىن ئاچقۇچنى ئېلىپ قۇتىنى ئاچتىم. قۇتىغا بىرئۈنئالغۇ لېنتىسى سېلىنغان، بۇ لېنتىدا ئالەمشۇمۇل مەخپىيەتلىكنىڭ بارلىقىنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇنى ئىككى يىل بۇرۇن مەن تەساددىپىي بىر پۇرسەتتە ئېلىۋالغان. شۇ چاغدا دادام بىلەن ھېلىقى ئايگۈل دېگەن ئايال توغرىسىدا مىش مىش گەپلەر تارقىلىشقا باشلىغان، ئاپام بۇ ئىشقا خېلى ئۇزۇنغىچە سۈكۈتتە تۇرۇپ ئاخىرى بىر كۈنى دادامدىن سورىدى، بۇمۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۇرۇشۇشى ئىدى. شۇ چاغدا مەن ھۇجرامدا ياتقان، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىۋاتقىنىنى ئېنىق ئاڭلىدىم، ئەمما يېنىغا كىرمىدىم، ئاخىرىدا دادامنىڭ ئىشىكنى يېپىۋېتىپ چىقىپ كەتكىنىنى ئاڭلىدىم. ئاپام خېلى ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. ئاپام سورىغاندا دادام ئۇنداق ئىش يوق دەپ ئېتىراپ قىلمىدى، مەن ئاپامغا ئىسپات تېپىپ بېرىش ئۈچۈن بىر ئىشنى پىلانلىدىم.
ئۇ بىر شەنبە كۈنى ئىدى، مەن ئوغرىلىقچە تاش زاۋۇتىغا بېرىپ دادام يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۈنئالغۇنى ئۇنىڭ كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويدۇم. دادامنىڭ ياتىقىدىن چىقىشىمغا دادامنىڭ ماشىنىسى كەلدى، دەرھال ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم، ماشىنىدىن ھېلىقى ئايال بىللە چۈشۈپ ئىككىسى ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئەتىسى پۇرسەت تېپىپ زاۋۇتقا بېرىپ ئۈنئالغۇنى ئەكىلىۋالدىم. ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى گەپلەر ماڭا كېرەكلىك ئىسپات ئەمەسكەن، ئەمما بۇنىڭدىىكى مەزمۇن مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان مەزمۇنلار ئىدى.
زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ۋەقەنى مەنمۇ ئاڭلىغان، لېكىن مەن ئۇ ئىشنىڭ دادام بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. چۈنكى دادام ئازراقمۇ چاندۇرۇپ باقمىغان. دادامنىڭ ماڭا ئەزەلدىن ئىشەنچسىز تەسىر بېرىدىغانلىقى راست، لېكىن مەن ئۇنى بۇ دەرىجىدە رەزىل ئادەم دەپ ئويلىماپتىمەن. ئۇ نامان تاغامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، نازىيەنىڭ ئاپىسى رەيھان ھەدەمنىڭ ھۇشسىز يېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ نازىيەنىڭ كىچىك تۇرۇپلا ئائىلە مېھرىدىن مەھرۇم بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپتۇ. شۇڭا ھەر قېتىم نازىيەنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئالدىمدا ئۆزۈمنى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھېس قىلىپ خۇدۇكسىرەپ كېتىمەن.
دادامنىڭ ئاپامغا، ماڭا، بۇ ئائىلىگە قىلىۋاتقان سوغۇق مۇئامىلىسى بىلەن بۇرۇن قىلغان شۇ ئىشى قوشۇلۇپ دادامدىن شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەندىم.
ئەتىسى شەنبە، مەن چوڭ دادامنىڭ يېنىغا ئاپامغا دورا ئالغىلى باردىم. چوڭ دادام ئاپامنىڭ كېسىلىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم دورىنىمۇ چوڭ دادام كېسىپ بېرىدۇ. چوڭ دادامنى ئەنسىرىتىپ قويماي دەپ ئاپامنىڭ قان تۈكۈرگىنىنى چوڭ دادامغا دېمىدىم. لېكىن ئاپامدىن ھەقىقەتەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم. چوڭ دادام كۆزەينىكىنى تاقاپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاپامغا دورا يېزىۋاتاتتى. بىر چاغدا چوڭ دادام دورا يېزىلغان قەغەزدىن ئىككى ۋاراقنى سۇندى.
_ بۇ ئاپاڭنىڭ، بۇنى داداڭنىڭ باش ئاغرىقىغا يېزىپ بەردىم.
رېتسىپقا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
_ چوڭ دادا، دادامغا ھېلىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز ھە؟
_ ئۇ ھەرقانچە يامان ئىش قىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا مېنىڭ بالام دە_ دېدى چوڭ دادام ئېغىر ئۇھ تارتىپ. دېمەك دادام ھەرقانچە يامان ئىش قىلغان تەقدىردىمۇ يەنىلا مېنىڭ دادام، ئۇنىڭدىن تىنىپ كېتەلمەيمەن. چوڭ دادامدىن ئەگىتىپ تۇرۇپ سورىدىم.
_ چوڭ دادا، بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى زەھەرگە خۇمار بوپ قاپتىكەن، قانداق قىلغاندا تاشلاتقىلى بولىدۇ؟
چوڭ دادام سۈرلۈك قىياپەتكە كىردى:
_ زەھەر دېگەن نەرسىگە يېقىن يولىماسلىق كېرەك، بىر تېگىپ قالدىمۇ تاشلىماق بەك تەس. ئۇنىڭغا بەك كۈچلۈك ئىرادە بولۇشى كېرەك.
«كۈچلۈك ئىرادە؟ دادامدا ئىرادە دېگەن نەرسە بارمىدۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭدا ئىرادە دېگەن نەرسە بولغان بولسا ئاپامغا قارا يۈزلۈك قىلمايتتى، ئۇنىڭغا ئىرادە بولمىغان ئىكەن، دېمەك مەن زورلۇق ۋاستىسى ئىشلەتسەم بولغۇدەك».
كۈزدە بىر نەچچە مەكتەپنىڭ بىرلىشىپ تاغقا چىقىش پائالىيىتى ئويۇشتۇردى. مەن بەخت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى قىزنى كۆرمىدىم، ئەمما دادام بىلەن ھېلىقى ئايال يېتىلىۋالىدىغان بالىنى كۆردۈم. ئادەم كۆپ، تاغ چوڭ، يول مۇرەككەپ بولغاچقا مۇئەللىم ھەممە بالىلارغا قاراپ بولالمايدىكەنمىز دەپ، بىز يۇقىرى يىللىقتىكىلەرنى تۆۋەن يىللىقتىكىلەرنى يېتەكلەپ مېڭىڭلار دېدى. مەن بىر نەچچە ساۋاقدىشىمغا دەپ ھېلىقى بالىنى بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە ئېلىپ كىردۇق، تاغ ئۆڭكۈرى تىك، تاغقا چىقىش تەس، چۈشۈش تېخىمۇ تەس ئىدى، ئۇلار ئۇ بالىنى ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ ئۆزلىرى ئاستا يېنىپ چىقتى. ئۇ بالا تۆتىنچى يىللىقتا ئوقۇسا كېرەك، قارىسامغۇ ئۆزى خېلى قارام بالىدەك قىلىدۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن كىچىك ئەمەسمۇ، قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە تازا قورقىدۇ دەپ ئويلىدىم. قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن كۆڭلۈم يايراپ كېتىۋاتاتتى.
كېيىن كۆپچىلىك ھەممىسى يىغىلدى، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئالدى، دېگەندەك ھېلىقى بالا يوق ئىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى تۇرسۇن مۇئەللىمگە ئېيتىپتۇ، تۇرسۇن مۇئەللىم بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مەن شۇ چاغدا ئۇ بالىنىڭ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە تۇرسۇن مۇئەللىم ياخشى ئوقۇتقۇچى ھېسابلىناتتى. مۇئەللىمنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ سەل بىئارام بولدۇم، ئەمما راست گەپنى قىلمىدىم. كېيىن ئۇلار بالىنىڭ ئاپىسىنى چاقىرتىپ كەلدى، ئۇ يىغلىغان پېتى كەلگەن ئىدى. ئۇ ئايال بالىلارنىڭ ئارىسىدا مېنى كۆرۈپ قالدى، مېنى تۇنۇسا كېرەك، ماڭا گۇمانىي نەزەردە قارىدى. كېيىن كۆپچىلىك تاغقا چىقىپ بالىنى ئىزدىدى، ھېلىقى ئۆڭكۈرنى تېپىپ بالىنى تېپىپ كەلدى، ئۇ بالا بۇ ئىشنى مېنىڭ قىلغىنىمنى بىلمەيتتى، بالا ھەقىقەتەن قورقۇپتۇ، تولا يىغلاپ كۆزلىرى ئىششىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمىدى. لېكىن مەنمۇ شۇنداق ئىش قىلىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. ئۇ بالا تېخى كىچىك، ئۇ يا ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىسە، نىمىشقا ئاچچىقىمنى ئۇ بالىدىن ئالىمەن؟
شۇ كۈنى كەچتە ئۆيگە بارسام دادام ئۆيدە ئىكەن، بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ يا ئۆيگە كەلمەيتتى، يا بەك كەچ كېلەتتى، بۇنداق بالدۇر قايتىپ كېلىشى بەك ئاز ئۇچرايتتى. قارىسام دادامنىڭ چىرايى تازا ئەپ ئەمەس، سومكامنى ئېسىپلا ھۇجرامغا ماڭدىم.
_ توختا! _ ماڭا قاراپ ۋاقىرىدى ئۇ. ئاستا كەينىمگە يېنىپ دادامنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ يۈزۈمگە بىر شاپىلاق ئۇردى. قارىغاندا دادام بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشتىن خەۋەر تاپقان بولسا كېرەك، ئۆزۈمدە خاتالىق بار بولغاچقا دادام ئۇرسىمۇ قارشىلىق كۆرسەتمىدىم.
ئاپام كۆكتات ئالغىلى چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆيدە يوق ئىدى. ئاپام بولغان تەقدىردىمۇ دادام ماڭا تەنبىھ بەرگەندە ئاپام توسۇپمۇ توسۇپ قالالمايتتى. دادام بۈگۈنكى ئىشنى مېنىڭ قىلغان قىلمىغانلىقىمنى سورىدى. دادام ھېلىقى خوتۇننىڭ بالىسىنى دەپ مەندىن بۇ ئىشنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن قايتىپ كەپتۇ، بۇنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئۇ زادى مېنىڭ ئۆز داداممۇ ئەمەسمۇ؟
مېنىڭ جىم تۇرغىنىمنى كۆرۈپ دادام يەنە مېنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈردى، مەن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.
_ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ دەپ قالما. ئەگەر ھېلىقى بىر نىمىنى تاشلىمايدىغان بولساڭ بۈگۈنكىدەك ئىشنى بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق قىلىۋېرىمەن. بۈگۈن تەلىيى كېلىپ تېپىلىپ قاپتۇ، كىم بىلىدۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قايتىپ كېلەلمەيدىغان يەرگە كېتىپ قالامدۇ تېخى.
_ سەن؟
دادام مېنى ئۇرىدىغانغا بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى.
_ نوچى بولساڭ مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەت.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















