大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 174 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 174  - قىسىم aybarawazi
2023-12-02
0
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 175-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ



1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99

100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157
158
159
160
161
162
163
164
165
166
167
168
169
170
171
172
173




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

174-قىسىم  



   _ كۆپچىلىكنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسڭلاردىن سەمىمىيلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. ئايالىمنى خاپا قىلىپ قويدۇم، ئۇ مەن بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەيمەن دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدى. قاچان ئۇنى بەزلەپ ئاچچىقىنى ياندۇرغان چېغىمدا قايتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسىڭلارغا كاتتا زىياپەت بېرىمەن.  بۈگۈنكىسى ھەرقايسىڭلارغا ناماقۇل بولغىنىم بولۇپ قالسۇن، تارتىنماي كەڭتاشا يەپ _ ئىچىپ، ئويناپ كىتەرسىلە! 

   مىكروفوننى چۈشۈردۈم، تۇيۇقسىز بېشىم قېيىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى. دەلدەڭشىپ كەتكىنىمنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، ئەمما ئۆزۈمنى كونترول قىلالمىدىم،  سەھنىنىڭ بىر يېنىدا تۇرغان فەرۇق بىلەن نىجات يۈگۈرۈپ چىقىپ مېنى يۆلىدى. بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن.  ئۆزۈمنىڭ قانداق بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقىنىمنى  بىلىپ يەتتىم، ئويلاپ باقسام ئاغزىمغا گىياھ سالمىغىنىمغا ئىككى كۈن بوپتۇ. بەدەنمۇ تاماق بىلەن ئېنىرگىيە بىلەن ئۆرە تۇرىدىكەن.  كارىۋاتنىڭ قىرىدا تۇرسۇنئاي ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتكەندەك قىلاتتى. بىردەمدىن كېيىن ئاندىن مېنىڭ ھۇشۇمغا كەلگىنىمنى بايقىدى. 

_ نىمە بولدىڭىز؟ _ سورىدىم مەن. تۇرسۇنئاي بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن جاۋاب بەردى. 

_ مەنۋەر تۇتۇلغاندا ھەسەن ئىككىمىز ئاجرىشىپ كېتىدىغان بولغان. 

_ ئاجرىشىپ؟ 

_  ھەئە. ئەينى ۋاقىتتا مېنى قوغداش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى مەنۋەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەسەن ئىككىمىز توي قىلغان ئىدۇق، مەن بۇرۇن ئۇنى تەنھا بۈركۈت شۇمىكىن دەپ گۇمان قىلاتتىم، كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى تۈرمىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئەمەسكەن دە دەپ ئويلىدىم، مەنمۇ تېخى يېقىندا ئاندىن ئۇنىڭ تەنھا بۈركۈت ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن ئۇ مېنىڭ سالاھىيىتىمنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغانمىكىن دەيمەن. 

مەنۋەر ئاخىرى قولغا چۈشتى، لېكىن ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەممىمىز ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بەدەل تۆلىدۇق. 

_ جاپا تارتتىڭىز، تۇرسۇنئاي! _ دېدىم. ئۇ بېشىنى چايقىدى. 

_ ياق، مەنۋەر تۇتۇلىدىغانلا ئىش بولسا قانچە بەدەل تۆلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ، لېكىن مەن مەنۋەرنىڭ كەينىدە يەنە ئادەم بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىمەن. مەنۋەرنىڭ ئەنۋەر ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ، ئۇ ئىچكىرىدە بىر ئاشخانا ئاچىدىكەن. مەن ئۇنى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن، تۇرقىدىن قارىماققىلا ئادەتتىكى سودىگەرگە ھېچ ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ زەھەر سودىسى قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقىغا مەن ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن. مەنۋەرنىڭ كەينىدىكى ئادەمنىڭ ئاشۇ ئەنۋەر شۇ ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ جەزملەشتۈرەلمەيمەن. لېكىن مېنىڭچە مەنۋەر تۇتۇلدى، ئاكىسى بۇنىڭغا مەيلى دەپ قاراپ تۇرمايدۇ. 

بۇ نۇقتىنى مەنمۇ ئوبدان چۈشىنىمەن. بىر ئادەم تۇتۇلسا بىر مۇنچە ئۆچ ئاداۋەتكە سەۋەبچى بولىدىغان گەپ. مېنىڭ سالاھىيىتىممۇ ھامىنى بىر كۈنى ئاشكارىلىنىدۇ، ئۆچ ئالىدىغانلارنىڭ نەزىرىمۇ ماڭا تىكىلىدۇ.  دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان كۈنى ئۆتكۈرنى ئۇچراتتىم. 

_ سەن ئۇنىڭغا ئۆمۈر بۇيى ياخشى قارايمەن دېگەن،  لېكىن دائىم ئۇنىڭغا ئازار بېرىپلا كەلدىڭ، ئۇ سېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇنداق بوزەك قىلامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىنى مۇشۇنداق ئېتىبارغا ئالمامسەن؟ 

نازىيەنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن يۈرىكىمگە نەشتەر سانچىلغاندەك بىئارام بولدۇم. 

_ مەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان تۇرسام، مۇھەببىتىنى ئېتىبارغا ئالمىدىڭ دەيسەنغۇ؟ 

_ جېنىڭدىن ئەزىز كۆرسەڭ نىمە قىلغىنىڭ ئۇ؟

   شۇنداق، ئەسلى نازىيەنىڭ كۆڭلىگە قەتئىي ئازار بەرگۈم يوق ئىدى، ئەمما راستلا ئازار بېرىپ قويدۇم، يەنە كېلىپ بىر قېتىم ئەمەس. 

_ ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى، سەن ئۇنىڭغا خۇشاللىق بېرەلمىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يولىنى توسما، ئەمدى ئۇنى ئاۋارە قىلما. 

دەرھال ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈڭما؟

ئۆتكۈر ماڭا قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ قارىشىنىڭ ئۆزى جاۋاب ئىدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى راست، ئۇ مېنىڭ يېنىمدا خۇشاللىققا ئېرىشىپ باقمىدى ئەمەس، ئەمما ئېرىشكەن خۇشاللىقىنى تارتقان ئازابلىرى بېسىپ كەتتى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارزۇ ئارمانلىرى بار، نەچچە ۋاقىتنىڭياقى مەن ئۇنى يېنىمدا چۈشەپ قويۇپ ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش يولىنى بوغۇپ قويۇپتىمەن. مەنلا ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتسەم ئۇ چوقۇم ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغۇدەك. 

_ ئۇ ياخشى تۇرىۋېتىپتۇمۇ؟ 

_ ئۇ سەن بىلەن مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك قەيسەركەن. 

_ توغرا، ئۇ قارىماققا ئاجىز كۆرۈنگەن بىلەن ئىچكى دۇنياسى ئاجايىپ كۈچلۈك. مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. 

 مەن ئەڭ دەسلەپتە ھەممە ئىشنى كونترول قىلالايمەن،  ئىزىغا سالالايمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن.  ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، مەن ئۆزۈمگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىپتىمەن. ئەمما مەن كۈرەش قىلىدىغان شۇ كىشىلەر ھەمىشە ئويلىمىغان يەردىن چىقىدىكەن. بەلكىم ئۇنى يېنىمدىن كەتكۈزىۋېتىش ئۇنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە قوغداش بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇنى بەك سېغىندىم، مەن مانا ئەمدىلىكتە دۇنيادا راستلا سېغىنىش كېسىلى دەيدىغان كېسەلنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىۋاتىمەن، بۇ كېسەلنىڭ دورىسى ۋاقىت ئەمەسكەن،  بەلكى ۋاقىت ئۆتكەنچە تېخىمۇ ئېغىرلايدىكەن. نەچچە قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قايتۇرۇپ كېلىشنى ئويلىدىم -يۇ، يەنە نىيىتىمدىن ياندىم. تېلېفونۇمدىكى ئورۇن بەلگىلەش يۇمشاق دېتالىدىن ئۇنىڭ ئورنىنى تاپتىم ۋە ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن باردىم.   شۇندىلا زەنجىرنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ بوينىدىن ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەن نەچچە ۋاقىتنىڭياقى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلغان جايدا ئەمەسلىكىنى بىلدىم.  زەنجىرنى قايتۇرىۋالدىم ۋە ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلىغان ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭ تېلېفونىنىمۇ ئېلىۋالدىم.  شۇنچە كۈنلەردىن بۇيان مەن ئۇنى مەندىن يىراققا كەتمىدى دەپ ئويلاپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ كەلگەن ئىدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇ مەندىن يىراقلاپ كەتكەن ئىكەن.  قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۈنبۇيى ھاراق ئىچىپلا يۈردۈم، كاللامدا بىرلا سۇئال:  ئۇ قەيەردىدۇ؟  بىر كۈنى ئۆتكۈر بىلەن 520 بەزمىخانىسىغا باردۇق، مەن تازا ئىچىپ مەست بولۇپ قالغاندا ئۆتكۈرنىڭ ياقىسىدىنلا ئالدىم. 

_ دېگىنە، ئۇ قەيەردە؟ 

_ قارىمايدا. 

ئورنۇمدىن تۇرۇپلا دەلدەڭشىگەن پىتى ماڭدىم، ئۆتكۈر كەينىمدىن بېرىپ مېنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. 

_ نازىيە ياخشى تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ ھازىر بىر جۇڭيىچە ئامبۇلاتورىيەدە ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى ئاچقان ئامبۇلاتورىيە، مەن ئۇلارغا نازىيەگە ياخشىراق قاراپ قويۇشنى تاپىلىدىم.  ئۇنى ئاۋارە قىلما، ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشىنى قىلغىلى قوي. ئۇ ئۆز كۈچىگە تايانغاندىلا ئاندىن ئۆز قىممىتىنى تاپالايدۇ. 

   ئۆتكۈرنىڭ گەپلىرىدىن ئەقلىمنى تاپقاندەك بولدۇم. ھەقىقەتەن ئۇنى سېغىنىپ ئەقلىمدىن ئېزىپ قالايلا دەپتىمەن. ئۆتكۈرنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالدى بولغاي، بىر پارچە قەغەزگە بىر نېمىلەرنى يېزىپ قولۇمغا تۇتقۇزدى. 

_مە، بۇ مېنىڭ كيۇ كيۇرۇم بىلەن مەخپىي نومۇرى.  ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەن چايكا نامىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ياردەم قىلىپ كېلىۋاتاتتىم، ئەمما ئۇ چايكىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ. ئەمدى بۇ كيۇكيۇنى ساڭا بېرىمەن، لېكىن ماڭا ۋەدە بەر، ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنى ئىزدىمەيسەن. 

   ئۆتكۈر ماڭا بەرگەن كيۇ كيۇ بىلەن ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالىدىم. ئۇ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىسىمۇ مۇشۇنچىلىك بولغىنىمۇ مەن ئۈچۈن زور تەسەللى، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرالايمەن،  ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە مەسلىھەت بېرەلەيمەن، ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىىرىمنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن.  نازىيە مەندىن تىببى ساۋاتلارغا ئائىت سۇئاللارنى سوراپ قالسا،  ئالدىراپ - تىنەپ ئۆتكۈرگە تېلېفون قىلىپ سوراپ ئۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىمەن.  ئەمما ئازراق ۋاقىتتىن كېيىنلا بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلمىدىم، ئۇنى سېغىندىم، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم كەلدى. ئۇ ھازىر ئىككى قات، ئۆزى يالغۇز قانداق قىلىۋاتقاندۇ، بەك بىلگۈم كەلدى، ئەمما ئۆتكۈرگە ئۇنى ئاۋارە قىلماسلىق توغرىلىق ۋەدە بەرگەن ئىدىم، شۇڭا ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ كۆرۈۋېلىش مەقسىتىدە يولغا چىققان كۈنۈم قارىمايغا كىرىدىغان ھەق ئېلىش پونكىتىدا ھەسەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ھەسەننىڭ قارىمايدىمۇ ئىگىلىكى بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بارماقچى بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ئۇ يەردە ئىگىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. 

_ مېنىڭ يېرىمگە كەپ قاپسەن، سېنى بىر مېھمان قىلمىسام سەت تۇرا. قانداق، رايىڭ بارمۇ؟ _ دېدى ئۇ. 

_ چاتاق يوق، لېكىن بۈگۈن ئەمەس، ساڭا ئۆزۈم تېلېفون قىلاي _ دېدىم مەن. 

قارىمايغا كىرىپ قىلغان بىرىنچى ئىشىم نازىيە ئىشلەيدىغان دوختۇرخانىنى تېپىش بولدى.  ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا كۆرۈنسەم بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مېھمانخانىغا چۈشتۈم. مەن چۈشكەن ياتاقتىن دوختۇرخانىنى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى ئۆينىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ ماڭا كيۇكيۇدا بۇ ئىككى كۈندە بازار تەكشۈرۈشكە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان، تاكى ئۇ پەيدا بولغىچە دېرىزىدىن قاراپ تۇردۇم. ئۇ قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاندىن پۇتلىرىنى سۆرەپ ئاران مېڭىپ قايتىپ كەلدى،  تۇرقىدىن بەكلا ھېرىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ كېتىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن  كەينىدىكى تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيدە پەيدا بولدى. ئۇنىڭ كومپيۇتېرى دېرىزە تۈۋىگە قويۇلغان ئىدى، ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى قىلدى. گەرچە ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىسەممۇ ئەمما ئۇنىڭ ئارزۇ ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ۋاقىتتىكى ھارغىنلىقنىمۇ بەخت بىلىدىغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن. ئۇنى ئاۋارە قىلمايمەن، بۇ ئېنىق، ئەمما ئۇنىڭ ئوبدانلا كۆتۈرۈلۈپ قالغان قۇرسىقىنى كۆرگىنىمدە كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى. ئەتراپتىكى چىراقلار پۈتۈنلەي ئۆچۈپ بولدى، ئەمما ئۇنىڭ چىرىقى تېخىچە يېنىقلىق تۇراتتى. مەن بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن كيۇ كيۇنى ئېچىپ، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى، ئىگىلىك تىكلەش يولىدا بىرەر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ ھازىرچە ھېچقانداق مەسىلىگە يۇلۇقمىغانلىقىنى ئېيتتى. 

_ «ئىگىلىك تىكلەش بىر، ئىككى كۈندە ئەمەلگە ئېشىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس، بۇنىڭغا بەك ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ، بەك ئالدىراپ كەتمەڭ. سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم. تەن ساقلىق، زور بايلىق دېگەن گەپ بارغۇ. بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ، قۇرسىقىڭىزدىكى بالىمۇ ئارام ئالمىسا بولمايدۇ»  دەپ يازدىم. 

_« توغرا دېدىڭىز، تەن ساقلىق زور بايلىق. ئەمىسە مەن ئۇخلاي، ئەتە ئەتىگەن قۇياش بىلەن يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ، مەن يەنە ئارزۇيۇم ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن. غەيرەت قىلاي» دېدى ئۇ جاۋابەن.

بىردەمدىن كېيىنلا چىراق ئۆچتى.  ئەتىسى ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كىرىپ دوختۇرنى تاپتىم ۋە ئۇنىڭغا كىملىكىمنى، كېلىشتىكى مەقسىتىمنى ئېيتىپ، 100 مڭ يۈەن بەردىم. ئەگەر نازىيە ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ قالسا بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ نامىدا بېرىشنى ئۆتۈندۈم. ئۇمۇ ماقۇل بولدى.  شۇ كۈنى كەچتە ھەسەن ماڭا تېلېفون قىلىپ بىللە تاماق يەيلى دېدى. 

  ئۇ دەپ بەرگەن ئادرىس بويىچە بېرىۋىدىم، مۇلازىمەتچى مېنى بىر ئايرىمخانىغا باشلاپ كىردى، ئۇ مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن.

_ كېلە، كېلە، ئۈمىد باش دېرىكتور. قارشى ئالىمەن! _ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ مېنى كۈتىۋالدى ئۇ.  قىزىق ئىش، بۇرۇن ئىككىمىز ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغانلاردىن ئىدۇق، مانا ئەمدى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىللە تاماق يەپ ھاراق ئىچىشىدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدۇق. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ھازىر ھەر ئىككىمىز سالاھىيىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن بۇرۇنقى شەخسى ئاداۋەتنى بىر يانغا چۆرۈپ تاشلاپ، ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلىدە بىر بىرىمىزگە بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى ئويغاندى، مېنىڭچە ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش تۇيغۇدا.  بولمىسا  بۈگۈن ئۇ مېنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلمايتتى، مەنمۇ كەلمىگەن بولاتتىم. 

_ سېنى مېھمان قىلىمەن، ئەمما نازىيەنىڭ كۆڭلىگە ئەمدى ئازار بېرىشىڭگە يول قويمايمەن. 

مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق تۈز مىجەزىنى  ياقتۇرىمەن.   

_ نازىيە مېنىڭ ئايالىم، مەنمۇ سېنىڭ ھەر ۋاقىت مۇشۇنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. 

_ ئەمىسە نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمايسەن؟ 

_ ئۇ ئەركىنلىككە موھتاج. 

_ سەن مېنىڭ ئۇنى سەندىن تارتىۋېلىشىمدىن قورقىسەنغۇ دەيمەن. ئەمەلىيەتتە سەن ئۇنى مەندىن تارتىۋالغان. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مېنىڭ دادام ئىككىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىلا بېشىمىزنى قوشۇپ قويۇشنى دىيىشىپتىكەن، چوڭلار مۇنداقلا دەپ قويغانمۇ قانداق، بۇنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن بۇنى راست دەپ بىلگەن. ئەگەر كېيىن ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، مەن ئۆچ ئېلىش بىلەن بولۇپ كەتمىگەن بولسام بەلكىم  سەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالمايتتىڭ.

  ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە نىمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمىدىم. بىر نەچچە رومكا ئىچكەندىن كېيىن ئۇ رەسمىيلا قىزىپ قالدى. 

_ ساڭا دەپ قوياي، ئۇنىڭغا ئېرىشكىنىڭ سېنىڭ بەخت تەلىيىڭ. مەن ئۇنىڭغا سەن ئۇنىڭغا كۈيۈنگەندىنمۇ ئارتۇق كۈيۈنۈپ باقتىم، ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم، لېكىن ئۇ قىلچە تەۋرىنىپ باقمىدى. ئۇنىڭدىن گۇمان قىلىشىڭنىڭ، ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ سېنى ساراڭلارچە ياخشى كۆرىدىغان بىر ئەخمەق. 

   قارىمايدا ئۈچ كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. ئۇ كەتكەندىن بۇيان ئۆي ئۆيگە ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. ھازىرقى بىردىنبىر ھەمرايىم ئاسلانچاق ئىدى. ئۇنى ھەر قېتىم ئاسلانچاق دەپ چاقىرغاندا بىر قېتىم ھاياجانلىناتتىم، چۈنكى بۇ ئىسىمنى ئۇنىڭغا نازىيە قويغان. 

 قايتىپ كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىر كۈنى ئۇ ماڭا كيۇ كيۇدا ئۇچۇر قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈن نۇرغۇن زاكاس قوبۇل قىلغانلىقىنى، بۈگۈن بىر كۈندە تاپقان پۇلىنىڭلا ئۆزى ئويلىغاندىن نەچچە يۈز ھەسسە ئارتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇش بولدۇم. بۇ ئىشقا ھەسەننىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلىمەن، كۆڭلۈمدە ھەسەنگىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈردۈم.  شۇ كۈنى كەچلىكى ئاسلانچاق بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچتىم، ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەپ بەردىم. بىر چاغدا تېلېفونۇمغا ناتۇنۇش بىر نۇمۇردىن تېلېفون كەلدى، تېلېفوننى ئالدىم، ئەمما قارشى تەرەپ گەپ قىلمىدى، كۆڭلۈم تۇيدى، تېلېفون قىلغىنى ئۇ ئىدى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k