
بۇ ئەسەرنىڭ 123-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
||
122-قىسىم
يەنە بىر تۇرۇپ، ئۈمىد تېلېفونىنى ئالماي چىقىپ كەتكىنىگە قارىغاندا ئۇزۇنغا قالمايلا يېنىپ كىرەمدۇ يا؟ لېكىن ئۇ قەيەرگە بارىدىغىنىنى ماڭا دەپ قويسا بولمامدۇ؟ نىمىشقا بۇنداق سىرلىق ئىش قىلىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدىم. راستىمنى ئېيتسام، ئۇنىڭ بۇنداق سىرلىق ئىشلىرىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولالماي چارچاپ قالدىم.
ئاستا ئاستا خىياللار قوينىغا غەرق بولدۇم. بىر نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى بېرىپ، دوختۇرنىڭ بالىلىق بولۇش نىسبىتى تۆۋەن دېگەن دىئاگنوزىنى ئاڭلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ سالپىيىپ قايتىپ كەلگەن چېغىمدا بالىلىق بولۇشقا قانچىلىك زار بولغىنىمنى ئۆزۈم بىلىمەن. مانا ئەمدى راستلا بويۇمدا قالدى، ئەمما تازىمۇ قاملاشمىغان ۋاقىتتا بويۇمدا قالدى. بۇرۇن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بويۇمدا قالسا قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەرمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ھازىر ئويلىغىنىمدەك خۇشال بولالمىدىم. ئىككى قولۇم بىلەن ئىختىيارسىز قورسىقىمنى سىلىدىم، كاللامدا لىققىدە گادىرماچ خىياللار. قۇسىقىمدىكى بۇ بالا خۇددى ماڭا «ئاپا، دادامغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىن، مەن تۇغۇلۇپلا دادىسىز قېلىشنى خالىمايمەن» دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى.
ئارىدىن تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە ئاخىرى ماشىنا توختىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ئاستا بالكونغا چىقىپ قاراپ تۇردۇم، بۇرۇن بولغان بولسا ئۇ كېلىپ ماشىنىنى توختىتىپ بولغۇچە يۈگۈرۈپ ئالدىغا چۈشۈپ بولاتتىم. ئەمما ھازىر جايىمدىن مىدىرلىمىدىم، مەن ھاياتىمدا پەقەت ئۇنىلا دەپ ياشايدىغان ئايال بولۇپ قېلىشنى خالىمايمەن، بىر ئەرنى بارلىقىم دەپ ياشايدىغان ئايال ئەگەر شۇ ئەردىن ئايرىلىپ قالسا بارلىقىدىن ئايرىلىدۇ.
_ نازىيە!_ ئۇ ھۇجرىغا كىرىپ مېنىڭ يوقلۇقۇمنى كۆرۈپ ئەنسىرەپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئىنتايىن جىددى ھالەتتە ئىسمىمنى چاقىردى. مەن كەينىمگە يېنىپ ھۇجرىنىڭ ئىچىگە كىردىم، ئۇ مېنى كۆرۈپ «ئۇف» دەۋېتىپ كېلىپ مېنى باغرىغا باستى. ئۇنىڭ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن، چېچىدىنمۇ تامچىلاپ سۇ ئېقىۋاتاتتى.
_ سىزنى بىر يەرگە كەتتىمىكىن دەپ بەك قورقۇپ كەتتىم _ دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاقىزادە بولىۋاتقىنىنى يوشۇرماي.
_ شۇنداق قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتسا نەگە باردىڭىز؟ دوختۇر يارا ئېغىزى ھۆل بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دېگەنغۇ_ دېدىم مەن.
_ كىيمىم ھۆل بولدى، لېكىن ئىچىگە ئۆتمىدى.
_ قولىڭىز ئاغرىق تۇرسا، ماشىنىنى قانداق ھەيدىدىڭىز؟
_ ماشىنىنى بىر قول بىلەنلا ھەيدەۋېرىمەن، يەنە كېلىپ بۇ يا ئۇنچىۋالا ئېغىر ئاغرىق بولمىسا.
ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى خالتىنى كۆرسەتتى، باياتىن بېرى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقىغا راستلا دېققەت قىلماپتىكەنمەن.
_ بۇنى ئالاي دەپ چىققانتىم.
ئۇنىڭ قولىدىكى خالتىنىڭ سىرتىغا «ئۆز تەم ناشتىلىقلىرى» دېگەن خەت يېزىقلىق تۇراتتى.
_ قانداقلا ئارزۇيىڭىز بولسا مەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىمەن، مەلىكەم. ھېلىغۇ يامغۇر يېغىپتۇ، ئاسماندىن پىچاق ياغقان ھالەتتىمۇ مەن يەنىلا چىقىۋېرەتتىم.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، گەپ ئاڭلىمايدىغان يۈرىكىم يەنە ھاياجاندا تىپچەكلەشكە باشلىدى. ئۇ خالتىنى ماڭا سۇندى.
_ تېتىپ بېقىڭە، سىز كىچىك چېغىڭىزدا يىگەن تەم ھازىرمۇ بارمىكەن؟
ئۇ شۇنچە قاتتىق يامغۇرغا قارىماي بېرىپ ئەكەلگەن ئىكەن، ئازراق بولسىمۇ يىمىسەم بولماس. ئۇنىڭ ئەكەلگىنى مەن كىچىك چېغىمدا بىر قېتىم، پەقەت بىرلا قېتىم نىگارە بەرگەندە يەپ باققان كاۋا مانتىسى ئىدى. بىر تال ئېلىپ ئاغزىمغا سېلىشىمغا ھۆ تۇتۇپ كېتىپ ئەخلەت چېلىكىگە ئاران ئۈلگۈردۈم.
_ نىمە بولدى؟ يىگۈڭىز كەلمىدىما؟_ دېدى ئۇ دۈمبەمگە شاپىلاقلىغاچ.
_ ئاشقازىنىم ئاغرىپ تۇرىدۇ_ دېدىم مەن دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلمەي.
_ ئەمىسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقايلى.
_ بولدى. ھاجىتى يوق _ دېدىم مەن بېشىمنى چايقاپ.
_ يىگۈڭىز بولمىسا يىمەڭ، ئۆزىڭىزنى زورلىماڭ.
_ ئەمىسە سىز يەڭ، ھەممىنى يەۋېتىڭ_ دېدىم مەن. ئۇ ھاڭۋېقىپ ماڭا قارىدى.
_ شۇنچە قاتتىق يامغۇردا جاپا تارتىپ ئېلىپ كەپسىز، ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن.
_ بولىدۇ، مەلىكەم، بويرۇقىڭىزنى بەجا كەلتۈرۈپ ھەممىنى مەن يەۋېتەي.
ئۇ مانتىنى يەۋاتقاندا مەن يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىپ كەتتىم، چىقسام ئۇ راستلا ھەممىنى پاك پاكىزە يەپ بوپتۇ. يەنە بىر ھۇجرىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ماڭدىم، لېكىن ئۇ ئىشىكنى توسۇپ تۇرىۋالدى.
_ ياق، يېنىمدا ياتىسىز.
ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم. گەپ قىلماي كەينىمگە يېنىپ كارىۋاتقا چىقىپ يوتقاننى يېپىنىۋالدىم، ئۇ ساق قولى بىلەن يۈز كۆزىنى يۇيۇپ چىشىنى چوتكىلىدى. ئۇ ئىشنى تۈگىتىپ چىققاندا مەن ئۇنىڭغا كەينىمنى قىلىپ يېتىۋالغان ئىدىم،ئۇ يوتقانغا كىرىپ ئاستا قولۇمنى تۇتتى، ئەمما مەن يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدىم. ئۇ مەندە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن:
_ چارچاپ قاپسىز دە، ئەمىسە ئۇخلاڭ_ دەپ قولۇمنى تۇتقان پىتى ياتتى. ھەقىقەتەن بەك چارچاپ كەتتىم، ئەمما سىرتتىكى گۈلدۈرمامىنىڭ ئاۋازىدىن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. سائەت نەچچىلەر بولغان ۋاقىت ئىدىكىن، ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى.
ئۈمىد قولۇمنى قويۇۋېتىپ تېلېفونىنى ئېلىپ ئىشىك بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئېچىپ كامېراغا قارىدى. ئىشىك ئالدىدا ئۈستى بېشى چىلىق چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن بىرەيلەن تۇراتتى. مەن ئۇنى كۆرۈپلا ئۈمىدتىن بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن ماڭدىم.
_ نازى.
_ نىگار! _ ئۇنى قولىدىن تارتىپلا كىرگۈزىۋالدىم. دەرھال ھېلىقى تۇتۇش بويرۇقى يادىمغا كەچتى ۋە نىگارەنىڭ ھازىرقى تۇرقىنى كۆرۈپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىدىم.
_ نىمە ئىش بولدى، نىگار؟_ دەپ سورىدىم مەن ئۇنى كرىسلوغا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن.
_ شۆھرەتنى تۇتۇپ كەتتى_ دېدى نىگارە مەن بەرگەن لۆڭگىدە يۈز _ كۆزىنى سۈرتكەچ.
راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ مەنمۇ شۇنداقراق پەرەز قىلغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ يەنىلا چۆچۈدۈم، ھەم ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىككىنچى قەۋەت پەلەمپەي ئېغىزىدا تۇرغان ئۈمىدنى كۆرۈپ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى.
_ نازى، يېرىم كېچىدە كېلىپ سىلەرنىمۇ پاراكەندە قىلىپ قويدۇم.
_ نىمە دەيدىغانسەن؟ تۇرە، كىيمىڭنى ئالماشتۇرىۋال.
ئۇنى ئىككىنچى قەۋەتتىكى ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ مۇنچىنىڭ سۈيىنى ئىسسىتىپ بەردىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ھۇجرامغا چىقىپ يېڭى ئۇخلاش كىيمىدىن ئېپ چىقىپ بەردىم ۋە ھۇجرىنىڭ پارىنى ئېچىۋەتتىم.
_ توڭلاپ كەتكەنسەن ھە_ دېدىم مەن ئۇ يۇيۇنۇپ چىققاندىن كېيىن.
_ ياقەي، يولبويى توختىماي يۈگۈرگەندىكىن ئىسسىپ تەرلەپ كەتتىم تېخى.
_ئەمدى دېگىنە، نىمە ئىش بولدى؟
_ شۆھرەت ئىككىمىز باشقا شەھەرگە كەتتۇق دەپ قويغىنىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ شەھەردىن ئايرىلمىغان. ئۇ كېتەيلى دېگەن ئىدى، مەن بىر كېتىپ قايتىپ كېلەلمەي قېلىشىمىزدىن ئەنسىرىدىم. دادام بۇ يەردە يالغۇز قېپ قالغان تۇرسا.
مەن ئۇنى يىراق جايلارغا كەتتى دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئەسلى ئۇ مەن تۇرغان شەھەردىن ئايرىلماپتىكەن ئەمەسمۇ.
_ ئەمىسە قەيەردە تۇردۇڭلار؟
_ مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن، ئىشقىلىپ تاغ باغرىدىكى بىر يەر ئىكەن، ئۇ يەردە ئادەممۇ كۆپ ئەمەس، بىر نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچىلارلا تۇرىدىكەن، ئۇ ئۇ يەرنى ئىنتايىن بىخەتەر دېگەن ئىدى، شۇڭا مەنمۇ بىخەتەرغۇ دەپ خاتىرجەم يۈرىۋېرىپتىمەن. نىمە بولدىكىن، بىلمەيلا قالدىم، بۈگۈن كەچتە بىر توپ ساقچىلار كېلىپ بىز تۇرغان جاينى قورشىۋالدى. ئۇلار ئۇ يەرنى قانداق تاپقاندۇ دەيمەن.
مەن پەسكە چۈشۈپ ئىسسىق چاي دەملەپ ئىستاكانغا قۇيۇپ ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدۇم. ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
_ بۈگۈن كەچتە بىز تۇرغان جايغا تۇيۇقسىزلا بىر مۇنچە ماشىنىلار كەلدى، شۆھرەت بەك سەزگۈركەن، ئۇ ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ مېنى ماڭغۇزىۋەتمەكچى بولدى، مەن ئۇنىمىدىم، ئۇ ماڭا بەك قاتتىق ئاچچىقلىدى، ئۇنىڭ بۇنداق ئاچچىقلىىغىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىپ تۇرىۋالساممۇ بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز قارىمۇ قارشى يۆنىلىشكە قاراپ قاچتۇق. كېيىن ساقچى ماشىنىلىرى يېنىمدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنى ئېلىپ مېڭىپتۇ دە دەپ ئويلىدىم، ئەسلى بېرىپ ماشىنىغا ئېسىلاي دېگەن ئىدىم، لېكىن ئۇنداق قىلسام ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى نۆلگە تەڭ قىلغۇدەكمەن. ئاخىرى ئۇدۇل سېنىڭ يېنىڭغا كەلدىم.
نىگارە بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئىستاكان تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىنىڭ تىترەۋاتقىنىنى بايقاپ قالدىم.
ئىككىمىز بىللە ياتتۇق، نىگارە تورۇسقا قاراپلا ياتاتتى.
_ زادىلا ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ، نازى. بىز تۇرغان جاي تۈزۈك ئادەممۇ بارمايدىغان جاي تۇرسا، ساقچىلار قانداق تېپىۋالغاندۇ؟
_ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ساقچىلار تۇتۇپ كەتكىنى بىلەن تېخى ئېنىق بىر گەپ بولمىدىغۇ. ھۆكۈم ھۆكۈم قىلىنغان ھالەتتىمۇ ئىپادىسى ياخشى بولسا جازانى كېمەيتىدىغان ئىشلار بارغۇ.
_ ياق، نازى، شۆھرەت ماڭا كىرىپ كەتسەم چىقالمايمەن دېگەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللى بېرىشىمنى راستلا بىلەلمىدىم.
_ ئۇ ماڭا بىر نەچچە قېتىم بالىنى ئالدۇرىۋېتىڭ، ماڭا بىر ئىش بولۇپ قالسا بالا بىلەن يالغۇز قىينىلىپ قالىسىز، بالا بولمىسا كېيىن باشقا بىرى بىلەن توي قىلسىڭىزمۇ جاپا تارتمايسىز دېگەن، لېكىن مەن ئۇ ئىشلارنى ئويلاپ باقمىدىم. دادام ئاۋارىچىلىققا يۇلۇققاندا ئۇ نىمە كارىم دەپ قاراپ تۇرغان بولسا ئىشلار بۇنداق بولۇپ كەتمەيتتى. شۆھرەت ماڭا دېدى، ئۇ ۋىجدانىغا مۇخالىپ كېلىدىغان بۇ سودىنى قىلمىغىلى خېلى يىللار بوپتىكەن، ئۇ قولىنى ئۇ ئىشلاردىن پاك پاكىزە ئۈزۈپ بولغاندا مەن بىلەن توي قىلغان ئىكەن، مەن بىلەن تىنىچ، خاتىرجەم كۈن ئۆتكۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتىكەن.
ئادەم ھاياتىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەمما نۇرغۇن خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ كەينىمگە يانىمەن دەپلا يانغىلى بولمايدۇ، خاتا بېسىلغان بىر قەدەم بەزىدە ئۆمۈرلۈك پۇشايمان ئېلىپ كېلىدۇ.
_ نىگار، بالىنى تۇغامسەن؟ _ دەپ سورىدىم مەن.
_ ئەلۋەتتە تۇغىمەن، نىمىشقا تۇغمىغۇدەكمەن؟ _ دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپلا، كەينىدىنلا يەنە:
_ بىلەمسەن نازى، قاراڭغۇدا يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ باشقا ھېچنىمىدىن قورقمىدىم، لېكىن قۇرسىقىمدىكى بالىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم _ دېدى.
نىگارە مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك قەيسەركەن، ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق چوڭ ئىش كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىن شۇنداق تەمكىن تۇتۇپ تۇرىدۇ، خۇددى شۆھرەت بىر نەچچە كۈنلۈك بىر يەرگە كەتكەندەك، قايتىپ كەلسىلا يەنە جەم بولىدىغاندەكلا ئىدى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن، بىر چاغدا ئويغانسام تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ، نىگارەگە قارىسام ئۇ تېخىچە تورۇسقا قاراپ يېتىپتۇ. ئۇ مەندىن بۇرۇن ئويغىنىپ كەتتىمۇ ياكى كېچىچە كىرپىك قاقماي مۇشۇ ھالەتتە يېتىپ چىقتىمۇ بىلمىدىم.
ھۇجرىدىن چىقىشىم ئۈمىدنىڭمۇ ھۇجرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قالدى. ئۇ ئۇچىسىغا كەڭرەك چاپان كىيىۋاپتۇ، سىنچىلاپ قارىمىسا ئۇنىڭ قولىنىڭ ئاغرىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى. ئەمما چىرايىدىكى تاتىراڭغۇلۇق يوقىماپتۇ. پەسكە چۈشۈپ ناشتىلىق تەييارلىدىم، ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئۈن تىنسىز ناشتا قىلدۇق. ناشتىدىن كېيىن ئۈمىد ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. نىگارە بىرەر ئىشنى سېزىپ قالغان بولسا كېرەك:
_ ئۈمىد ئىككىڭلارغا نىمە بولدى؟ سەل بىنورمال تۇرىسىلەرغۇ؟_ دەپ سورىدى.
ئۇنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشقۇچە تۇرسا، ئۇنىڭغا ھېلىقى كۈنى كەچتىكى ئىشلارنى دەپ تېخىمۇ كاللىسىنى ئىلەشتۈرۈپ نىمە قىلارمەن.
_ ياقەي، ھېچ ئىش يوق_ دېدىم مەن.
_ نازى، ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىمىنى ئۇچراتمىقى بەك تەسكەن، ئۇچراتقان كۆڭۈلدىكى ئادىمى بىلەن قېرىغىچە بىللە ئۆتۈش ئۆتەلمەسلىكى ناتايىنكەن، ئەتە نىمە بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدىكەنمىز، شۇڭا قولۇڭدا بارىنى قەدىرلە.
ئۈمىد ئىككىمىز باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىزچىل ئامراق بىر جۈپلەردىن، ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆزىمىزلا بىلىمىز. ھەتتا بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز.
_ بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى. ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟
_ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن كۆرۈشكىلى بولامدۇ يوق، سەل تۇرۇپ ئادۋۇكاتلىق ئورنىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقىمەن، ياخشىراق ئادۋۇكاتتىن بىرنى تەكلىپ قىلمىسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن مەن كۆرۈشەلمىسەم ئادۋۇكات كۆرۈشەلەيدۇ ئەمەسمۇ.
بىردەمدىن كېيىنلا نىگارە كەتتى. مەن ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم. بىر چاغدا ئۈمىد كەينىمدىن كېلىپ مۈرەمنى يىنىك قۇچاقلىدى.
_ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مەن ئۇچار تاش قورغىنىنىڭ يېنىدىكى قەبرىنى پارتىلىتىش ئىشىنى تەكشۈرگەنتىم، نەتىجىسى چىقتى.
_ كىمنىڭ ئىشىكەن؟_ دېدىم مەن دەرھال كەينىمگە ئۆرۈلۈپ. ئەجىبا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىشى ئەمەسمىكىنە؟
_ سىزنى بىر يەرگە ئاپىراي.
«پالانچىنىڭ قىلغان ئىشىكەن دەپ دەپ بەرسىلا بولىدىغان ئىشنى نىمانچە سىرلىقلاشتۇرىۋالىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم، لېكىن يەنىلا كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدىم. ئۇ ماشىنىنى بىر قولى بىلەن ھەيدەپ ماڭدى، لېكىن ئۇنىڭ بىر قولىنى ئىشلىتىشىمۇ شۇنداق ئەپچىل ئىدى. مەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپلا ئولتۇردۇم، يولبويى بىر ئېغىز گەپمۇ قىلىشمىدۇق. ماشىنا بېرىپ روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا توختىدى. ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن ئۈمىد قولۇمدىن يىتىلىگەن پىتى مېنى ئىچىگە ئېلىپ ماڭدى. مەن بۇ يەرگە بۇرۇن كېلىپ باقمىغان، بۇ دوختۇرخانىنىڭ مۇھىتى ئەسلى ئادەمگە سۈرلۈك تەسىر بېرەمدۇ يا ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ بىلمەيمەن، بىر خىل دەككە دۈككە ئىچىدە ماڭغاچقا ئۇنىڭ قولۇمنى تۇتۇشىنىمۇ رەت قىلمىدىم.
دوختۇرخانا ھويلىسىنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە بىنادىن باشقا ئەتراپى تۆمۈر رىشاتكا بىلەن قورشالغان بىر پائالىيەت مەيدانى بار ئىكەن، مەيداندا نۇرغۇن ئادەملەر ھەرخىل ئويۇنلارنى ئويناپ يۈرۈپتۇ، قارىماققا ئۇلار روھى كېسىلى بار كىشىلەر بولسا كېرەك. سىرتتىن بىرەرىنىڭ يېقىنلاشقىنىنى كۆرسە ئۇلار كۈلۈپ، ھەر خىل قىلىقلارنى چىقىرىپ كېتىدىكەن. بىلىمەن، ئۇلارمۇ بىمار، مەنمۇ بىر سىستېرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنى كەمسىتسەم بولمايدۇ. پەقەت مەن بۇ يەرگە بۇرۇن كېلىپ باقمىغاچقا ئۆزەمگىمۇ سەل غەلىتە تۇيۇلدى. توساتتىن كۆزۈم رىشاتكىغا ئېسىلىپ ماڭا قاراپ تۇرغان بىرىگە چۈشتى، ئۇ ئەزىمەت ئىدى.
ئۇ قارىماققا باشقىلارغا قارىغاندا خېلىلا نورمال كۆرۈنەتتى، ئۇ يا ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلماي، يا غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلماي بىر چەتتە جىمجىتلا تۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئايقىزنى تۇتقۇن قىلىۋالغاندىن تارتىپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئويلىسام ھەقىقەتەن بىنورمال ئىدى. ئۇ مېنى كۆرۈپ كۈلدى. ئۇنىڭ غەلىتە كۈلگىنىنى كۆرۈپ تىنىم شۈركىنىپ كەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز قوللىرىنى رىشاتكىدىن ئاجرىتىپ ماڭا قاراپ بىر نىمىلەرنى دېگەندەك ئىشارەت قىلدى، ئاندىن رىشاتكىنى تىلى بىلەن يالاپ تېخىمۇ غەلىتە ھەرىكەت قىلغىلى تۇردى. بۇنى كۆرۈپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا قاچتىم. ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈمىد پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
_ قەبرىنى پارتىلاتقىنى ئەزىمەت ئىكەن.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















