大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 120 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 120  - قىسىم aybarawazi
2023-10-09
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 121-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119








ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

120-قىسىم  


شۇ چاغدا مەن ئۆتكۈر، ھەسەن ۋە مەلىمىزدىكى بىر نەچچە بالىلار بىنانىڭ كەينىدە ئويناۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز بىرى «يىلان بار ئىكەن» دەپ ۋارقىرىدى. ھەممىمىز قورقۇپ قېچىپ كېتىشتۇق، پەقەت ھەسەنلا قاچمىدى. ئۇ قولىغا بىر پارچە خىش پارچىسىنى ئېلىپ يىلاننىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى ۋە خىش پارچىسىنى يىلاننىڭ بېشىغا قويۇپ پۇتى بىلەن دەسسەپ تۇرىۋالدى، يىلان ھەرقانچە قىلىپمۇ قېچىپ كېتەلمىدى، كېيىن چوڭلاردىن بىرى كېلىپ يىلاننى تۇتىۋالدى. شۇنىڭدىن بۇرۇن ھەممىمىز ھەسەننى توخۇ يۈرەك، قورقۇنچاق دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئويناشنى بەك خالاپ كەتمەيتتۇق، ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىمىزدا ئاسمان زىمىن پەرق بولدى.ئۇمۇ ئاستا-ئاستا ئارىمىزغا سىڭىپ كىردى.  كىچىك چاغلىرىمىزدىكى نۇرغۇن ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم. 

_ نېمىگە كۈلىسىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ. 

_ تارتىنچاق، ئاغزىدىن ئىككى ئېغىز گەپ ئېلىشمۇ قىيىن بولىدىغان يۇۋاش بالا قانداق بولۇپ بۈگۈنكىدەك بولالىغانسىز دەيمەن. 

ئۇ ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتتى. 

_ مۇشۇنداق بولماي ئامال يوق بولۇپ قالدى_ دېدى ئۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ كۈلكەمنى توختاتتىم، توغرا، تۇرمۇش ھەممە ئادەمنى ھەر خىل بولۇشقا مەجبۇرلايدىكەن، ئامالسىز تۇرمۇشنىڭ باشلىغىنى بويىچە ماڭىدىغان گەپكەن. 

_ مەن مىڭبىر جاپادا ياساپ چىققان يەرنى بۇزۇۋەتكەن ئىكەن، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياسىتىمەن، قاراپ تۇرۇڭ. ئابلەت دېگەن قېرى مەن دېگەننى قىلماي باقسۇن قېنى. 

ئۇ يەردىن يېنىشىمىزدا ماشىنا دورىخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە مەن ماشىنىنى توختىتىشنى ئېيتتىم. 

_ نىمە قىلىسىز؟_ دەپ سورىدى ئۇ. 

_ ئاشقازىنىم سەل بىئارام بولۇپ تۇرىدۇ، ئىشتىھايىممۇ ياخشى ئەمەس، ئاشقازان دورىسى ئېلىۋالايمىكىن. 

_ مەن ئەچىقىپ بېرەي. 

_  بولدى، ئۆزۈم كىرەي.

ئۇمۇ مەن ئەچىقىپ بېرەي دەپ تۇرىۋالمىدى، مەن دورىخانىغا كىرىپ كېرەكلىك دورىلارنى ئېلىپ يەنە ماشىنىغا قايتىپ چىقتىم. ئۇ بۇ قېتىم مېنى مومىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپارماي، ئۆزىنىڭ ھېلىقى تاغ باغرىدىكى داچىسىغا ئېلىپ باردى. 

_ بۇ يەردە تېلېۋىزورمۇ، تورمۇ بار، مومامنىڭ ئۆيىدىكىدەك زېرىكىپ قالمايسىز. 

ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بولۇپ كىرمىدىم. ئۇ مېنىڭ كىرمەي تۇرۇغىنىمنى كۆرۈپ:

_ كىرىڭە _ دېدى. 

_ ياق، بۇ يەردە سىز بىلەن بىللە تۇرسام بولمايدۇ. 

ئۇ مېنى تارتىپ ئەكىرىپلا ئىشىكنى يېپىۋەتتى. 

ئۈمىدنىڭ قانداق قىلغىنى ئۆزىڭىزگە ئاياندۇ. بۇ يەردە تۇرماي قايتىپ كېتىمەن دېسىڭىز قەيەردە تۇرىسىز؟

مەن گەپ قىلمىدىم. ئۇ بىر جۈپ ساپما كەشنى ئېلىپ چىقتى. 

_ ئادەتتە بۇ ئۆيۈمگە ئاياللار كەلمىگەندىكىن، ساپلا ئەرەنچە ساپما كەش بار ئىكەن، بايا سودا سارايدىن يا ئېلىۋالماپتۇق، مەن ئەتە ئايالچە ساپما كەشتىن بىر جۈپ ئەكىلىپ قوياي_ دېدى ئۇ. 

ئۇ ماڭا ساپما كەشنى تاشلاپ بېرىپ كىرىپ كرىسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئاچتى. مەن ئايىقىمنى ئالماشتۇرۇپ ئىچىگە كىردىم، لېكىن ئولتۇرمىدىم. ھەسەننىڭ بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بىللە ئوينايدىغان ھېلىقى «ھەسىنىم» ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق خېلىلا يېقىنلىدى، لېكىن مەيلى كىچىك ۋاقتىمىزدا قانچىلىك يېقىن ئوينىغان بولايلى، ئۇ ھامان ئەر كىشى، يەنە كېلىپ مەن ھازىر ئېرى بار ئايال، ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا ئارىلىق ساقلىغىنىم ياخشى. 

_ ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ_ شۇنداق دەپلا ئىككىنچى قەۋەتكە ماڭدىم. 

_ تېلېۋىزور كۆرمەمسىز؟

_ ياق، بالدۇرراق ئارام ئالاي._ شۇنداق دەپ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ ئۇدۇل كەلگەن بىر ھۇجرىغا كىرىپلا ئىشىكنى تاقىۋالدىم. ھۇجرىغا كىرىپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن «ئۇف» دەپ ئەتراپقا قارىدىم. «ئاپلا» ئالدىراپ ئۇدۇل كەلگەنلا ھۇجرىغا كىردىم دەپ ئالدىنقى قېتىم ھەسەن يۇيۇنغان ھۇجرىغا كىرىپ قالدىممۇ نىمە؟ چىقىپ كېتىپ باشقا ھۇجرىغا كىرەي  دەپ كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا ئىشىكنى ئېچىشىمغا ھەسەننىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆردۈم.

_ مەن...مەن... مەن قايسى ھۇجرىدا ياتىمەن؟_ كىكەچلەپ تۇرۇپ ئاران شۇنىلا دىيەلىدىم.  

_ قىزچاق، سىز كىرىۋالغان بۇ ھۇجرا مېنىڭ ھۇجرام، ئەگەر مۇشۇ يەردە ياتقۇم بار ئىدى دېسىڭىز، ئۇمۇ مەيلى، كارىۋىتىم خېلى چوڭ، يېرىمىدا مەن ياتسام قالغان يېرىمىدا سىز ياتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. 

ئۇنىڭغا ئالايدىم. 

_ ئاشۇرىۋەتمەڭ ھە. 

ئۇ كۈلۈپ قويۇپ باشقا ئارتۇق گەپ قىلمىدى ۋە ئۇدۇلدىكى ھۇجرىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. 

_ بۇ ھۇجرىدا يېتىڭ. 

«ھە» دەپلا ئۇ ئېچىپ بەرگەن ھۇجرىغا كىرىۋالدىم. ئۇ كەينىمدىن كىرمەكچى بولغان ئىدى، ئىشىكنى تاقىۋالدىم. 

_قىزچاق، دەيدىغان گېپىم تېخى تۈگىمىگەن. 

ئىشىكنى ئېچىپ ئىشىك تۈۋىدىلا توسۇپ تۇرىۋالدىم. 

_ يەنە نىمە گەپ بار؟ 

_ مەن مۇنداق دېمەكچى قاراڭ_ دېدى ئۇ شۇنداق ئەستايىدىل بىر ھالەتتە. مەن ئۇنى مۇھىم بىر گەپنى قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئاغزىغا قاراپ تۇرسام:

_ ئەگەر كېچىدە قارا بېسىپ قېلىپ، ياكى قاراڭغۇدىن قورقۇپ ياتالماي قالسىڭىز ماڭا دېسىڭىز بولىدۇ جۇمۇ، كىرىپ ھەمرا بولىمەن _ دېدى. 

_ ساراڭ_ شۇنداق دەپ ئىشىكنى تاقىۋەتتىم. ئاندىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ بۈگۈن دورىخانىدىن ئالغان ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىنى چىقاردىم. سىناق قەغەزنىڭ نەتىجىسى چىقىپ بولغىچە يۈرىكىم دۈپۈلدەپ ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىپ قالدى. جىددىيلىشىۋاتامدىم، تەقەززا بولىۋاتامدىم ياكى قورقۇۋاتامدىم بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ھازىرقى ھېسسىياتىم بەكلا مۇرەككەپ. سىناق قەغىزىدە ئىككى تال سىزىق قېنىقلىشىپ كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغاندا پۇت قولۇمدا جان قالماي تازىلىق ئۆيىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپلا قالدىم. «ئاھ، بۇ بالىغا تەقەززا بولغىنىمغا قانچىلىك بولدى؟ ئەمما دەل مۇشۇنداق ۋاقىتتا بويۇمدا قالغىنىنى قارىمامدىغان؟ ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ بۇ بالىنى تۇغۇشۇم كېرەكمۇ ياكى ئالدۇرىۋېتەيمۇ؟ »

چىراقنىمۇ ياندۇرماي قاپقاراڭغۇ ئۆيدىكى كارىۋاتتا تورۇسقا قاراپ ياتىمەن، قولۇم بىلەن توختىماي قورسىقىمنى سىلايمەن. ئەمەلىيەتە بايىقى ئىككىلىنىشىم دەقىقە ئارىلىقىدا يوقاپ، ئېنىق قارار چىقىرىپ بولغان ئىدىم. مەيلى ئۈمىد بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت قانداق بولۇپ كەتسۇن، بۇ بالىنى چوقۇم تۇغىمەن،  بۇ بالا مېنىڭ روھى تۈۋرۈكۈم، مېنىڭ بارلىقىم، ھاياتلىقتىكى ئۈمىدىم، تىرىشىشتىكى نىشانىم. 

كۈندۈزى بەك جىق ئۇخلىۋالغانلىقتىنمۇ ياكى ناتونۇش مۇھىتتا ئۇيقۇم قاچتىمۇ، يا بالىنىڭ ئىشى كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ، ئىشقىلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم.  يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا پەستىكى قەۋەتتە بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بىلىندى.   كارىۋاتتىن چۈشۈپ دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ قاراپ ھەسەننىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆردۈم. 

«بۇنچە كەچتە قەيەرگە بارىدىكىنە؟» 

مەن پەسكە چۈشۈپ قاراپ باقماقچى بولۇپ ئىشىكنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم، ئۇ ئىشىكنى سىرتىدىن قۇلۇپلىۋەتكەن ئىدى. ئەجىبا ئۇ چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىشىمدىن ئەنسىرىگەنمىدۇ؟  شۇنىڭ بىلەن قايتا كىرىپ ياتتىم.  ھەرخىل خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا ئويغانسام تاڭ يورۇپ كېتىپتۇ. سائەتكە قاراي دەپ تېلېفوننى ئېلىپ قارىسام ھەسەندىن بىر تال ئۇچۇر كەپتۇ. 

_ قىزچاق، ئويغاندىڭىزمۇ؟ سىزگە بىر يۈرۈش يۇيۇش بۇيۇملىرى ئالغانتىم، ئۇيقۇڭىزنى بۇزماي دەپ ئىشىك ئالدىغىلا قويۇپ قويدۇم. ئويغانغاندا ئۆزىڭىز ئېلىۋالارسىز. 

بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپ قارىسام، بىر سېۋەتتە چاچ يۇيۇش سوپۇنى، چاچ ئاسراش مەلھىمى، يۈز يۇيۇش سۈتى،  چىش چوتكىسى، چىش پاستىسى، يەنە بىر خالتىدا يېپيېڭى لۆڭگىدىن ئىككىسى تۇراتتى. نەرسە كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ پەسكە چۈشتۈم، مېھمانخانا ئۆي جىمجىت، ئەمما ئاشخانا ئۆيدىن تاراق تۇرۇق قىلغان ئاۋاز كېلىۋاتاتتى.  مەن تاماق ئېتىدىغان ئەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغانمۇ ئەمەس، ئۆتكۈر تاماق ئېتىدۇ، ئۈمىدمۇ ئېتەلەيدۇ، ئەمما ھەسەننىڭ بۇ مىجەزى بىلەن تاماق ئېتەلەيدۇ دېسە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئاشخانا ئۆيگە يېقىنلاپ بارسام، ئۇ ئالدىغا پەرتۇقنى تارتىۋاپتۇ،  تېلېفوندا شوۋىگۈرۈچ ئېتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدىغان ۋىدىيونى كۆرگەچ ، ئۇنىڭدا دىيىلگەن قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئەستايىدىللىق بىلەن تاماق ئەتكىلى تۇرۇپتۇ. 

_ قانداق قىلغاندا شوۋىگۈرۈچنى ئوخشىتىپ ئەتكىلى بولىدۇ؟_ مەن ئۇنىڭ تېلېفونىدىكى خەتلەرنى ئوقۇدۇم، شۇندىلا ئۇ مېنىڭ كىرگىنىمنى بىلدى ۋە تېلېفونىنى ئېتىپلا يانچۇقىغا سېلىۋالدى. 

_ ماڭغاندا ئازراق شەپىمۇ چىقارماي ماڭىدىكەنسىزا.  

ئۇ سەل خىجىل بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. 

_ شەپە چىقارمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ سىز پۈتۈن دېققىتىڭىز بىلەن تاماق ئېتىۋاتقاچقا سەزمەي قالدىڭىز. ئەمدى قازاندىكى شوۋىگۈرۈچنى ئىلەشتۈرمىسىڭىز، سەل تۇرۇپ قازان چاپلىمىسى يەيدىغان ئىش بولارمىكىن. 

ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ «ئاپلا» دەپلا چۈمۈچنى قولىغا ئېلىپ ئىلەشتۈرگىلى تۇردى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم. ئۇ تەييار بولغان شوۋىگۈرۈچنى ئىككى چىنىگە ئۇستى ۋە:

_ تەمى قانداقراق بولدىكىن، بىلمەيمەن.  تېتىپ بېقىڭ ئەمدى_ دېدى. 

شوۋىگۈرۈچتىن بىر قوشۇق ئىچىپلا :

_  ۋاھ، بەك ئوخشاپتۇ_ دېدىم. 

_ راستما؟ مەنمۇ تېتىپ باقايچۇ؟_ئۇ بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي  بىر قوشۇق ئېلىپ ئاغزىغا سالدى. 

_ ئاھ، نىمانچە تۇزلۇق. ئوخشاپتۇ دەيسىز تېخى. 

مەن يەنە كۈلدۈم. 

_ تۇخۇم پىشۇرغانتىم، تۇخۇم يەيلى بولمىسا_ ئۇ شۇنداق دەپ تۆت تال تۇخۇمنى ئېلىپ چىقىپ تەخسىگە قويدى.  تۇخۇمنى سويغاچ ئۇنىڭغا دېدىم. 

_ ئەمدى قايتىپ كەتسەم بولارمىكىن. 

_ ياق، بولمايدۇ_ دېدى ئۇ قەتئىيلا. 

_ مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى چەكلەش ھوقۇقىڭىز يوق_ دېدىم مەن ئۈنلۈك ئاۋازدا. 

ئۇ قولىدىكى سويۇلغان تۇخۇمنى ئاغزىغا سېلىپ يەپ بولۇپ، بېشىنىمۇ كۆتۈرمەيلا:

_ تۇرىۋەرسىڭىز بولمامدۇ؟_ دېدى. 

_ نىمىشقا تۇرىۋېرىمەن؟

ئۇ دەرھال بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، مەن تېخى ئۇنى خاپا بولۇپ قالدىمىكىن دەپتىكەنمەن. لېكىن چىرايىدىن خاپا بولغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. 

_ كىچىك چېغىمىزدا بىر قېتىم دادام مېنى سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ بارغاندا دادىڭىزغا چوڭ بولغاندا قىزىڭنى ئوغلۇمغا ئېلىپ بېرىمەن دېگىنى ئېسىڭىزدىمۇ؟

ئۇ شۇنداق دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئېسىمگە كەلدى، كىچىك ۋاقتىمىزدا ھەقىقەتەن شۇنداق گەپ بولۇنغان. 

_ كىچىك ۋاقتىمىزدا مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپقۇ ئۇ. 

_ دادىڭىزمۇ شۇ چاغدا مېنى كۆڭلىدە كۈيئوغلۇم بولسا بولىدىكەن دەپ جەزم قىلغاچقا ماقۇل دېگەن گەپ. ئىشەنمىسىڭىز دادىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ. 

_ دادامنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ مېنى قىيناۋاتىسىز ھە؟

ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە ماڭا قاراپ خېلى تۇردى. 

_ يەنە ئۈمىدنىڭ يېنىغا كېتەمسىز؟ 

_ ھەئە.  ئۇنىڭ ئۇنداق قارار چىقىرىشىنى مەن توغرا چۈشىنىمەن. 

_ ئۇنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرەمسىز؟ 

_ شۇنداق، ياخشى كۆرىمەن، يەنە كېلىپ قوسىقىمدىكى بالىمۇ دادىسىز قالسا بولمايدۇ. 

ھەسەن بۇ گېپىمدىن چۈچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ قويدى. 

_ لېكىن ئۇ سىزنى نەزىرىگە ئېلىپمۇ قويمايدىغان تۇرسا. 

_ كېرەك يوق،  مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەملا يىتەرلىك. 

بىلىمەن، ئۇ شۇ تاپتا مېنى قىلچە ئۆز قەدىر قىممىتىنى قىلمايدىغان ئايالكەن دەپ ئويلاۋاتىدۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئاۋازىنى سىلىق چىقىرىپ سورىدى. 

_ ئەگەر سىزنى كەتكۈزمەيمەن دەپ تۇرىۋالسامچۇ؟ مەندىن نەپرەتلىنەمسىز؟ 

_ ئەلۋەتتە نەپرەتلىنىمەن. 

_ تاماقنى يەپ بولۇپلا سىزنى ئاپىرىپ قوياي _ دېدى ئۇ. 

تاماقنى يەپ بولۇپ، قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ ئۇ مېنى راستلا ئاپىرىپ قويماقچى بولدى. ئىشىك تۈۋىدە ئاياق ئالماشتۇرغاندا ئاياق ئىشكابىدا تېخى ماركىسىمۇ ئېلىنمىغان بىر جۈپ ئايالچە ساپما كەشنىڭ تۇرغىنىنى كۆردۈم. 

ئۇنىڭ مېنى داچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇشىغا ئۇنىمىدىم.  داچىغا قايرىلىدىغان دۇقمۇشقا كەلگەندە چۈشىمەن دەپ تۇرىۋالدىم. 

_ بۇ يەردىكى تاللا بازىرىنىڭ كۆكتاتلىرى يېڭى،  تاللا بازىرىغا كىرىپ ئۇ ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلاردىن ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ بېرەي. 

ماشىنىدىن چۈشسەم ھەسەنمۇ چۈشتى. مەن ئۇنىڭغا قارىمايلا مېڭىۋەردىم. 

_ نازىيە.  ماڭا خوشمۇ دېمەي ماڭامسىز؟_ ئۇ شۇنداق دەپ ئىككى قولىنى ئاچتى. 

_ ساراڭ_ شۇنداق دەپ كەينمگە ئۆرۈلۈپلا ماڭدىم. 

_ سىز ئۈمىدكە كېرەك بولمىغان بىلەن ماڭا كېرەك، ئۇ سىزنى تاشلىۋەتسە مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭ ھە. ئىشىكىم سىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق. 

تاللا بازىرىنى ئىككى ئۈچ قېتىم چۆگىلەپ چىقتىممىكىن، لېكىن ھېچنىمە ئالمىدىم، بىر چاغدا سىرتقا چىقسام ھەسەننىڭ ماشىنىسى كۆرۈنمىدى. يولنى بويلاپ ئاستا ماڭدىم. ئەلۋەتتە ئۈمىدنىڭ يېنىغا كېتىمەن دېگىنىم يالغان،  قانداقلا بولمىسۇن مەندىمۇ غورۇر دېگەن نەرسە بار دە. ئىككىدىن بىرنى تىللاش توغرا كېلىپ قالغاندا، ئۇ رازىيەنى تاللىغان ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىشىم ئۆزۈمنى خار قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. 

قانچىلىك ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىر ماشىنا كېلىپلا جىددى تورمۇز قىلدى. مەن قەدىمىمنى توختىتىپ قاراپ تۇرسام، ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكى ئېچىلىپ بىرەيلەن چۈشتى.  چۈشكىنى دەل ئۈمىد ئىدى. بۇ قېتىم قىلچە ئىككىلەنمەي كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا قاچتىم. ھەرقانچە تېز يۈگۈرگىنىم بىلەنمۇ ئۇ ئۇزۇن پۇتلىرى بىلەن ھېچ قىينالمايلا ماڭا يېتىشىۋالدى ۋە كۆتۈرگەن پىتى ئەكىلىپ ماشىنىغا سالدى. 

_ ھەيدە_ دېدى ئۈمىد.  مەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپ باقتىم، تۇتقۇچ بىلەن ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. 

_ ئالىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ماشىنىنى توختىتىڭ، مەن چۈشىۋالاي.

ئالىم مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلامتى؟  ئۈمىد دەرھال مېنى قۇچاقلاپ تۇرىۋالدى، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقالمىدىم.  ھېلىقى ئىشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشىدىغان ھالەتنى سانسىز قېتىملاپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باققان، ھەم ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىشقا بەل باغلىغان، ھازىر ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىدىم، ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلىمىدىم، ۋارقىرىمىدىم. 

_ باش دېرىكتور، قەيەرگە بارىمىز؟_ دەپ سورىدى ئالىم. 

_ ئۆيگە_ دېدى ئۈمىد. 

_ لېكىن..._ ئالىم گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدى. 

_ ئۆيگە ھەيدە دەۋاتىمەن. 

داچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ماشىنىدىن چۈشەي دەپ تۇرسام ئۈمىد مېنى كۆتۈرگەن پىتى ماشىنىدىن ئېلىپ چۈشۈپ داچىغا ئەكىردى ۋە ئاپىرىپ كرىسلونىڭ ئۈستىگە ئاۋايلاپ قويدى. ئەسلى بۇ ئۆيگە ھەرگىز قەدەم باسمايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما يەنە كەلدىم. 

ئۇ بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيۇپ ئەكىلىپ ئالدىمدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى ۋە يېنىمدا ئولتۇرۇپ قولۇمنى تۇتتى. 

_ مەلىكەم، مېنى كەچۈرۈڭ.  خاپا بولماڭ، بولامدۇ؟ 

_ مەن خاپا بولمىدىم_ دېدىم مەن.

بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلدى. 

_ خاپا بولمىدىم، ئۈمىدسىزلەندىم.  ئۈمىدسىزلىنىش بىلەن خاپا بولۇش ئوخشىمايدۇ،  خاپا بولۇپ قالسا بەزلەپ ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىپ قويسىلا ئاچچىقى يېنىپ كېتىدۇ،  ئەمما ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەندە كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ، قۇلىقىغا ھېچقانداق گەپ كىرمەيدۇ، بۇ خىل ھېسسىياتنى چۈشىنەمسىز؟  

ئۈمىد مېنى قۇچاقلىدى، خۇددى قېچىپ كېتىشىمدىن قورققاندەك مېنى بەكمۇ چىڭ قۇچاقلىدى. 

_ مەندىن ئۈمىدسىزلەنمەڭ، مەلىكەم.  

_ ماڭا ئەمدى بولغاندا ئۈمىدسىزلەنمەڭ دەپ قويسىڭىزلا ئىش پۈتەمدۇ؟ ھېلىقى كۈنى رازىيەنى ئېلىپ كىتەي دېگەن چېغىڭىزدىلا مېنىڭ يۈرىكىمنى ئۆلتۈرۈپ بولدىڭىز. سىزدىن ئاغرىنمايمەن، مەن سىزگە بۇرۇنلا ئۆزىڭىز چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى تاپقاندا  مەن ئورنۇمنى بوشىتىپ بېرىمەن دېگەن ئىدىم.  شۇڭا ئاجرىشىپ كېتەيلى. 

بۇ گەپنى دېگەندە يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئاغرىپ كەتكىنىنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. 

_ ياق، مەن ئاجراشمايمەن، ھەرگىز ئاجراشمايمەن، مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن.  يېنىمدىن كەتمەڭ مەلىكەم، بىز مەڭگۈ ئايرىلماي بىللە ياشايمىز. 

لېكىن ھېلىقى كۈنى مېنى ئەمەس رازىيەنى تاللاپ ئېلىپ كەتكەن ئادەم ئۆزىغۇ، مېنىڭ نىمە بولۇشۇم بىلەن كارى يوق تاشلاپ قويغان ئادەم ئەمدى مەندىن ئايرىلالماسمىش. نىمىدېگەن كۈلكىلىك. 

ئۇنىڭ بېلىكىدىن تۇتۇپ ئىتتىرمەكچى بولۇپ تۇتۇشۇمغا قولۇمغا ھۆللۈك ئۇرۇندى، دەرھال قولۇمغا قارىدىم، قولۇمغا قان يۇقۇپ قالغان ئىدى.

«قان»! 

ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k