大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 135 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 135  - قىسىم aybarawazi
2023-10-24
2
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 136-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134



ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

135-قىسىم  


   پىچاق سول تەرەپ مۈرەمگە يېقىنراق يەرگە كىرىپتۇ، ئەگەر  پىچاقنى مەن توسۇۋالمىغان بولسام پىچاق ئۈمىدنىڭ قەيىرىگە كىرەر بولغىيتتىكىن. ئۈمىدنىڭ پىچاق كىرىپ قىينالغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىنمۇ قورقىمەن. ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى ئاشخانىغا كىرىپتىمەن، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قېلىپ كەينىدىن ئەگىشىپ كەپتىمەن. ھېلىمۇ ياخشى شۇ چاغدا كاللامنى ئىشلىتىپ كۈتكۈچى سىياقىدا ئايرىمخانىغا كىرىپتىمەن، بولمىسا نىمە ئىشلار يۈز بېرىپ كىتەر ئىدىكىن. ئىشقىلىپ بەك تەلىيىمىز بار ئىكەن. 

   ئۆتكۈر نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك:

_ نازىيە، سىز دېگەن ئايال كىشى، ئۆزىڭىزنى ئەر كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرماڭ، ھەم ئۆزىڭىز تارتىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئازابنى تارتماڭ، بولامدۇ_ دېدى. 

    مېنىڭ ئۆتكۈرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىم بار ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا بەك خىجىلمەن. خىجىل بولىدىغان يېرىم، ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىغا بىرەر قېتىممۇ جاۋاب قايتۇرۇپ باقمىدىم.    

مېنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، ئۈمىد ئىككى ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلدى. دوختۇرخانىدىن چىقىپ خېلى كۈنلەردىن كېيىنكى بىر كۈنى چۈشتىن كېيىنلىكى ئىدى،  بالىلار ئۇخلاپ قالدى، ئۇ مېنى ئۆيدە يېتىۋېرىپ ئىچى سىقىلىپ كەتتى دەپ ئويلاپ مېنى كۆتۈرۈپ پەسكە ئېلىپ چۈشتى. مېھمانخانا ئۆينىڭ سىرتىدىكى بالكونغا بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇق قويۇپ قويۇلغان ئىكەن، ئۇ مېنى ئاۋايلاپ شۇ يەرگە قويدى.  سىرت خېلىلا سوغۇق ئىدى، ئۇ كىرىپ قېلىنراق ئەدىيال ئەچىقىپ بېشىمدىن باشقا يېرىمنى ئورىۋەتتى.  

_ مۇزلىدىڭىزمۇ؟ _  دەپ سورىدى ئۇ. 

_ مېنى پىلە قۇرتىدەك قىلىۋەتكەن تۇرسىڭىز قانداق مۇزلاي_ دېدىم مەن كۈلۈپ. 

   ئۈمىدمۇ بۇ گېپىمدىن كۈلۈپ كەتتى ۋە ھويلىغا چىقىپ گۈرجەك بىلەن قارنى بىر يانغا دۆۋىلەپ قار بوۋاي ياسىدى. قار بوۋاينى ياساپ بولۇپ ئۇمۇ كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى. ئۇنىڭ قولى مۇزلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئىسسىتىپ قويغۇم كەلدى، لېكىن ئۇ قولۇمنى چىقارغىلى قويمىدى، ئۆزى قولىنى ئەدىيالنىڭ ئىچىگە تىقتى.

_ قولۇم بەك سوغۇق، قولىڭىزغا تەگمىسۇن . 

مەن يارىلانغاندىن بۇيان ئۇ ئۆيدە ماڭا ھەمرا بولىۋاتىدۇ، ئۇ چوڭ بىر شىركەتنىڭ باش دېرىكتورى، ئەلۋەتتە قاتنىشىدىغان زىياپەتلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭغا پات پات شۇنداق تېلېفونلار كېلىپ قالغىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن، لېكىن ئۇ ھەممىسىنى رەت قىلىدۇ. ئىككى ئۆي خىزمەتچىسىنىڭ ئىككىسىلا 30 ياشلاردىن ئاشقان، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن،  مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، ئىنتايىن تەجرىبىلىك ئىكەن.  ئىككىيلەننىڭ ئىش تەقسىماتى ئىنتايىن ئېنىق، بىرى بالىلارغا قارايدۇ، بىرى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ ھەم كۈندە بىر ئالمىشىدۇ. ئۇلار بالىلار ئۇخلاپ قالغاندا مەن بىلەن پاراڭلىشىدۇ.

_ ئۈمىد ئەپەندىم سىزگە بەك كۈيۈنىدىكەن، بىز نۇرغۇن پۇلدار ئائىلىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ باققان، لېكىن بۇنداق ئايالىغا كۆيۈنىدىغانلارنى كۆرمەپتىكەنمىز. سىلەرگە بەك ھەۋەس قىلىۋاتىمىز_ دىيىشتى ئۇلار.  

بالكوندا ئولتۇرغاندا ئۇنىڭدىن مېھمانسارايدىكى ئىشنى سورىدىم. 

_ ھېلىقى تايران تۇتۇلدىمۇ؟

_ ياق تېخى، لېكىن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈرىدىغان ئىككىسى تۇتۇلدى، پۈتۈن شەھەرنى قېزىۋېتىپمۇ تاپالماپتۇ، لېكىن ساقچىلار داۋاملىق ئىزدەۋاتىدۇ.

  ئۇنىڭ ئۈمىد بىلەن زادى نىمە ئۆچ ئاداۋىتى بارلىقىنى بىلگۈم كەلدى. 

_  ئۇ سىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كىرىپتىكەن، ساقچىلاردىن ئاڭلىسام ئۇ ئون يىل بۇرۇن تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلىپ قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى ئىكەن، ئون يىل بۇرۇن سىز تېخى  سودا ساھەسىگىمۇ كىرمىگەن چاغلىرىڭىز ئىكەن، ئاراڭلاردا زادى نىمە ئۆچ _ ئاداۋەت بار ئىدى؟ 

ئۇ گېپىمگە جاۋاب بەرمەي مېنى كۆتۈرۈپلا بالكوندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى. سۇئالىم جاۋابسىز قالدى. مەنمۇ قايتا سورىمىدىم.  ئۇ ماڭا قان تولۇقلايدىغان يىمەكلىكلەردىن ئەكىلىپ بېرەتتى، ئۆي خىزمەتچىسىگە  مەن يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن قان ئازلىق كۆرۈلگەنلىكى، بۇ قېتىم يارىلانغاندىن كېيىن قان ئازلىقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكىنىنى ئېيتىپ،  ماڭا قان تولۇقلاشقا ياردىمى بولىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ بېرىشنى تاپىلايتتى. 

ئۈمىد ھۇجرىمىزغا ئاستا ئۈستى بالىلار كارىۋىتى قويۇپ، بالىلارنى يېنىمىزدا ياتقۇزىمىز دەپ تۇرىۋالدى، مەنمۇ ئامالسىز ماقۇل بولدۇم. بالىلار كېچىسى قۇرسىقى ئېچىپ يىغلىسا ئۈمىد ئورنىدىن تۇرۇپ سۈت پاراشۇكى تەييارلاپ بېرەتتى.

_ سىز خاتىرجەم ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭ. بالىلارغا كېچىسى مەن ئاپا بولاي، كۈندۈزى سىز ئاپا بولۇڭ _ دەيتتى ئۇ قىزىقچىلىق قىلىپ.  

ئۆزۈمنى بۇرۇنقى بەختلىك كۈنلىرىمىزگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتىم، شۇ چاغلاردىمۇ ئۇ مېنى ئالقىنىدا كۆتۈرەتتى، كۆڭلۈمگە پەقەتلا ئازار بەرمەيتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئاسرايدىغان ئادىمىدىن يەنە ئىككىسى كۆپەيدى. بۇرۇن مەن بالىلارنى مۇھەببىتىمىزنىڭ جەۋھىرى دىيىشكە پىىتىنالمايتتىم، چۈنكى ئۈمىد بىلەن ئارىمىزدا مۇھەببەت بار دىيەلمەيتتىم،  بار دىيىلسىمۇ ئۇ پەقەتلا مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ئىدى خالاس. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتى، گەپ_ سۆزىدىن ماڭا بولغان مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ، يەنە كېلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھېلىقى ئۈن ھۆججىتىدىنمۇ ئۇنىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، دېمەك ئۇنىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشەنسەم بولىدىكەن.  ئەمدى مەن قوشكېزەك بالىلىرىمىز مۇھەببىتىمىزنىڭ جەۋھىرى دېسەم بولامدۇ؟ 

قارىمايدىكى شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى تېلېفوندا بىر تەرەپ قىلغاچ تۇردۇم، قارىمايدىكى چېغىمدا تىرىشىپ ئىشلىگەن بىر ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇستىسىنى شىركەتكە دېرىكتور قىلىپ تەيىنلەپ، قارىمايدىكى شىركەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ھوقۇقنى بەردىم.  شۇنداق بولغاندا مەنمۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ بالىلىرىمغا خاتىرجەم قارىيالايدىكەنمەن. 

2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى،  مەن بالىلارنى كرىسلوغا ياتقۇزۇپ ئەركىلىتىۋاتاتتىم،  تۇيۇقسىز ئىشىك قۇڭغۇرىقى جىرىڭلىدى، ئۆي خىزمەتچىسى بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ۋە كەلگەن ئادەمنى ئۆيگە باشلىدى. كەلگىنى مىنەۋەر خانىمنىڭ ياردەمچىسى ئىكەن، ئۇ مىنەۋەر خانىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى، مەن دەرھال بالىلارنى ئۆي خىزمەتچىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىپ دوختۇرخانىغا چاپتىم. 

دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن مۇخبىرلار يېغىپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار بىزنىڭ ماشىنىدىن چۈشكىنىمىزنى كۆرۈپلا يۈگۈرۈپ كېلىپ بىزنى ئورىۋالدى. 

_ ياخشىمۇسىز، مىنەۋەر خانىمنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟

_ ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرمۇ قانداق؟

_ مىنەۋەر خانىم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار؟

مىنەۋەر خانىمنىڭ ياردەمچىسى ئۇلارغا ھېچنىمە دېمەي، قاپىقىنى تۈرگەن پىتى دوختۇرخانا ئىچىگە قاراپ مېڭىۋەردى.  مۇخبىرلار دوختۇرخانا ئىشىكىنىڭ سىرتىدا قالدى.  ئالىي دەرىجىلىك بالنىستنىڭ ئىچى دوختۇر، سىستېرالار، يەنە مىنەۋەر خانىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ.  ھەممىسى بىر ئېغىز گەپ قىلماي جىمجىت ھالەتتە كارىۋاتتا ياتقان مىنەۋەر خانىمغا قاراپ تۇرۇپتۇ.  مىنەۋەر خانىمنىڭ بۇرنىغا ئوكسىگىن قاپقىقى قويۇلغان، يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.  لېكىن ئۇنىڭ كۆزى ئوچۇق بولۇپ مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆردى ۋە ئىنتايىن تەسلىكتە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى. ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن جايدا تۇرغىنى مەسئۇل دوختۇر بولسا كېرەك، مىنەۋەر خانىم ئۇنىڭغا قارىۋىدى، ئۇ مىنەۋەر خانىمنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئوكسىگىن قاپقىقىنى ئېلىۋەتتى. 

_ نازىيە!_ مىنەۋەر خانىم تولىمۇ كۈچسىز بىر ھالەتتە قولىنى كۆتۈردى.  مەن دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قولىنى تۇتتۇم. 

_ مىنەۋەر خانىم. 

مىنەۋەر خانىمنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇ ئادەتتە ئۆزىنى  ئاسراشقا، كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرگەچكە كېسىلىنى بۇنچىۋالا تېز ئېغىرلاپ كېتەر دېمەپتىمەن. ئەمما ھازىر بالنىستنىڭ ئىچىدىكى كەيپىيات ۋە دوختۇر سىستېرالارنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن قارىغاندا ئەھۋالى ھەقىقەتەن خەتەرلىكتەك قىلاتتى.  مىنەۋەر خانىم مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەپىرىمدىكى ئۇستازىم، ئۇ ماڭا كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىتىپلا قالماي يەنە مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى تۇرغۇزۇشۇمغا ياردەم قىلدى، مېنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن كۈچلۈك ئايال بولۇشۇمغا تۈرتكە بولدى. كېسىلى شۇنداق ئېغىر تۇرسىمۇ مىنەۋەر خانىم يەنىلا چىرايىدىكى كۈلكىنى يوقاتمىغان ئىدى. 

_ نازىيە، سىزگە بىر ئىلتىماسىم بار. 

_ مىنەۋەر خانىم، قېنى دەڭ، قولۇمدىن كەلسىلا چوقۇم بىجىرىمەن_ دېدىم مەن ئالدىراپ. 

_ ئەلۋەتتە قولىڭىزدىن كېلىدۇ_ دېدى مىنەۋەر خانىم ۋە ياندا تۇرغان ياردەمچىگە ئىشارەت قىلدى،  ياردەمچى دەرھال ھۆججەت سومكىسىدىن بىر پارچە ھۆججەتنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى. ھۆججەتكە قاراپ نىمە ئىشلىقىنى چۈشەندىم ۋە بېشىمنى چايقىدىم. 

_ ياق، مىنەۋەر خانىم، بۇنىڭغا ماقۇل بولالمايمەن. 

مىنەۋەر خانىم قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ماڭا مەدەت بەردى. 

_ بايا قولۇمدىن كەلسىلا بىجىرىپ بېرىمەن دېگەنتىڭىزغۇ، بۇ سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدىغان ئىش. 

بۇ ھۆججەت مېنىڭ بىر يۈەنگە مىنەۋەر خانىمنىڭ شىركىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىم توغرىسىدىكى توختام ئىدى.  مەن مىنەۋەر خانىمنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم، ئەمما بۇنىڭغا قانداقمۇ ماقۇل بولالايمەن؟  مەن ئەمدىلىكتە بۇلتۇر مىنەۋەر خانىمنىڭ ماڭا بارماق دېسكىلارنى بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بارماق دېسكىدىكى مەزمۇنلار ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر توپلىغان تەجرىبىلىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈنلىرىنىڭ ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئىگىلىكىنى ماڭا قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. مىنەۋەر خانىم بىر ئۆمۈر ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى، ئۇ ئۆزىدىن پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەرنى ياراتتى. 

مىنەۋەر خانىم قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ كۆزۈمگە تىكىلدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ماڭا بولغان ئىشەنچ، مەدەت، ئۆتۈنۈش مەنالىرى چىقىپ تۇراتتى. ئاخىرى مىنەۋەر خانىمنىڭ دۇنيادىن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئامالسىز ماقۇل بولدۇم.  مىنەۋەر خانىم مېنىڭ باش لىڭشىتقىنىمنى كۆرۈپ ئاندىن خاتىرجەم بولغاندەك بولدى.

_ نازىيە، ماڭا گىرىم قىلىپ قويۇڭە. 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ تەسلىكتە تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلىدى، مىنەۋەر خانىمغا يېشىمنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بېشىمنى يانغا بۇرىۋالدىم.  بىلىمەن، ئۇ بىر ئۆمۈر گۈزەللىك كەسپى بىلەن شوغۇللانغان، شۇڭا كېتىش ئالدىدىمۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ئېسىدە ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايىنىڭ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.  ياردەمچى مىنەۋەر خانىمنىڭ ھېلىقى يوغان گىرىم چامادىنىنى ئېلىپ كەلدى،  مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئۇنىڭغا گىرىم قىلدىم. 

گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن مىنەۋەر خانىمنىڭ چىرايىغا قارىغان كىشى ئۇنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە بولۇپ چىرايلىق كەتتى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق نۇرلۇق ئىدى. ئۇ مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئاخىرقى گېپىنى قىلدى. 

_ نازىيە، تىرىشقان ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. تېخىمۇ تىرىشىڭ. 

بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىدا ئەمەس، بەلكى قانچىلىك قىممەت يارىتالىغانلىقىدا.  گەرچە مىنەۋەر خانىمنىڭ ئۈمرى قىسقا كېلىپ قالغان بولسىمۇ،  لېكىن ئۇ ئەپسۇسلانمىغۇدەك ياشىدى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى گۈزەللىككە ئىگە قىلدى.  شۇڭا مىنەۋەر خانىم كۆز يۇمىدىغان چاغدىمۇ شۇنداق خاتىرجەم ھالەتتە كۆز يۇمدى.

ياردەمچىدىن ئاڭلىسام مىنەۋەر خانىم مېنىڭ قارىمايدىكى ئىشلىرىمدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ئىكەن،  مىنەۋەر خانىم دائىم مېنىڭ كۆزۈم ئۆتكۈر دەيتتى، ئەسلى ئۇ مېنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلغان چاغدىلا مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈمنى پەرەز قىلغان ۋە ئىگىلىكىنى ماڭا تاپشۇرۇشنى ئويلاپ بولغان بولسا كېرەك.  ماڭا نىسبەتەن مىنەۋەر خانىمنىڭ ماڭا تاپشۇرغىنى يالغۇز ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئەمەس،بەلكى بىر ئىشەنچ، بىر مەسئۇلىيەت ئىدى. 

ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ شىركىتىمنى مۇشۇ شەھەرگە يۆتكەش ئويۇم بار ئىدى، چۈنكى بۇ يەردە نازى ماركىمىزنىڭ تارماق دۇكىنى تېخى ئېچىلمىغان، مەن ھەتتا باش شىركەتنى ئۈرۈمچىگە يۆتەپ كېلىشنىڭ پىلانىنىمۇ تۈزۈپ بولغان، چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدتىن ئايرىلىپ ياشىغۇم يوق.  ئەمدىلىكتە مەن مىنەۋەر خانىمنىڭ شىركىتىنى ئۆتكۈزىۋالدىم، مىنەۋەر خانىمنىڭ شىركىتى بۇ شەھەردىلا ئەمەس، پۈتۈن رايونىمىزدا تەسىرى زور شىركەتلەرنىڭ بىرى.  مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، نازى  شىركىتىنىڭ نامىنى «مىنا» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىمنى ئېلان قىلدىم. مۇخبىرلار مەندىن نىمە ئۈچۈن بۇ ئىسىمنى تاللىغانلىقىمنى سورىغاندا مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم. 

_ مىنا شىركىتىمىز ئەسلىىدىكى مىنەۋەر خانىم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزى بىلەن نازى جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش مەركىزىنىڭ بىرىكمىسى، شۇڭا بۇ شىركەتتە مىنەۋەر خانىمنىڭ ھەم نازى ماركىمىزنىڭ ئىپادىلىرىنى تاپقىلى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئىسىمنى تاللىدىم. 

شۇنداق قىلىپ «مىنا جۇڭيىچە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش شىركىتى» ئۈرۈمچىدە باش كۆتۈردى. شىركىتىمىز ھازىر يالغۇز ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ساھەسى بىلەنلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىغان چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى. ئەسلىدىكى مىنەۋەر خانىم ھۆسىن گۈزەلەشتۈرۈش ئورنى شىركەتنىڭ مەمۇرى ئىشلار بۆلۈمى ۋە تەربىيىلەش بازىسى بولۇپ قالدى. تۇرسۇنئايمۇ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ داۋاملىق مېنىڭ شوپۇرۇم بولدى. 

شىركەت تىجارەت باشلاش مۇراسىمى كۈنى مۇخبىرلار يېغىپ كەتتى،  مەيدان ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بولدى. ئادەمنىڭ ئەڭ كۆزىگە تاشلىنىدىغىنى بىپايان شىركىتى سوۋغا قىلغان گۈل سېۋىتى بولدى، ئۇ گۈلنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى قەۋەت بىناچىلىك كىلەتتى، بۇ گۈل سېۋىتىگە قانچىلىك گۈل سېلىنغانلىقىنى ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايتتى.  

ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئەتىگەنلىك يىغىننى ئۆزۈم ئاچتىم.  شۇ كۈنى مەن ئايىقىمنىڭ پاشنىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان كۈلرەڭ ئۇزۇن كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيىپ، ئۈستۈمگە ئاق رەڭلىك كوپتا كىيىۋالغان، كومپتىنىڭ سىرتىغا ئىشتاننىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۇزۇن جىلىتكە كىيىۋالغان ئىدىم. 

مەن رەتلىك تىزىلىپ تۇرغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، مەسئۇل خادىمغا يوقلىما قىلىشقا ئىشارەت قىلدىم. تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە مىنەۋەر خانىمنىڭ بۇرۇنقى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى،  يەنە بىر قىسىم يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەر بار ئىدى. ئۇلارغا تەپسىلىي قاراپ چىقتىم، بەزىلەرنىڭ چىرايىدىن مېنىڭ مىنەۋەر خانىمنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆتكۈزىۋالغىنىمغا بولغان نارازىلىق چىقىپ تۇراتتى. يوقلىما ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 20 ياشلاردىكى بىر قىز يۈگۈرۈپلا كىردى. 

_ كەچۈرۈڭلار، كېچىكىپ قالدىم. 

قىز كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئاستاغىنە رەتكە كىرىۋالدى. بۇ قىزنىڭ كىرىشى بىلەن يىغىن ئۈزۈلۈپ قالدى. مەن ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ سورىدىم. 

_ نىمىشقا كېچىكىپ قالدىڭىز؟ 

ئۇ قىز جىددىيلىشىپ ئاغزىغا گەپ كەلمەي قالدى. 

_ ما...ماشىنا توسۇلۇپ قېلىپ. 

ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ ماڭا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي، بېشى پەسلەپلا كەتتى. 

_ ماشىنا توسۇلۇپ؟  بىر خەۋەردە ئوقۇشۇمچە، ئىشقا كېچىكىپ قالغانلارنىڭ ئىچىدە ماشىنا توسۇلۇپ قالدى دەپ سەۋەب كۆرسىتىدىغانلار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.  ھەرقانداق بىر شەھەرنىڭ ئەتىگەن ۋە كەچلىك قاتناش قىستاڭچىلىق ۋاقتى بولىدۇ، ئەگەر ماشىنا توسۇلۇپ كېچىكتىم دېسىڭىز ئۇنداقتا بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى كچېكىپ قالسا بولاتتى، نىمىشقا باشقىلار ۋاقتىدا كىلەلەيدۇ، سىزلا كېچىكىسىز؟

بىر بىرى بىلەن پىچىرلىشىپ تۇرغانلار بىراقلا جىمىدى.

_  يەنە كېلىپ چاچلىرىڭىز قالايمىقان،  كىيمىڭىز پۇرلىشىپ كىتىپتۇ، گىرىممۇ قىلماپسىز،  دېمەك سىز ماشىنا توسۇلۇپ ئەمەس، ئۇخلاپ قېلىپ كېچىكىپ قالدىڭىز. 

قىز بېشىنى كۆتۈرەلمەيلا قالدى. 

_ بۈگۈن سىز ئىككى خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز، بىرى كېچىكتىڭىز، يەنە بىرى يالغان ئېيتتىڭىز. شىركىتىمىز ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان ئادەمنى تۇرغۇزالمايدۇ، سەمىمىي بولمىغان ئادەمگە شىركىتىمىزدە تېخىمۇ ئورۇن يوق. 

قىز ئىتتىكلا بېشىنى كۆتۈردى. 

_ نازىيە دېرىكتور، مەن...

_ يىغىننى داۋاملاشتۇرايلى.


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k