大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 137 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 137  - قىسىم aybarawazi
2023-10-26
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 138-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136





ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

137-قىسىم  


      كاتىپ ئەكىرگەن ئىككى ئىستاكان چاينىڭ بىرىنى دىلدارنىڭ قولىغا بەردىم ۋە بىر ئىستاكاننى ئۆزۈم ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ نىگارە بىلەن شۆھرەتنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم. شۆھرەتنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن دىلدار بېشىنى تۆۋەن سالدى.  

_ قانۇن ھەممە ئادەمگە باپباراۋەر ئىكەن، ئاق قارىنى ئېنىق ئايرىپ بېرىدىكەن. خاتالىق ئۆتكۈزگەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئىكەن، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىكەن، ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇمۇ ئېتىبارغا ئېلىنىدىكەن. لېكىن قىلغان ياخشىلىقى بىلەن يامان ئىشىنى يۇۋېتەلمەيدىكەن.  

دىلدارنىڭ ئېيتىشىچە، شۆھرەت ئەسلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن، كېيىن نىگارە ئاۋۇكات ئارقىلىق ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى توغرىلىق پاكىتلارنى توپلاپ قايتا ئەرز قىلىپ،  ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمنامە 15 يىلغا ئۆزگىرىپتۇ. شۆھرەتنىڭ ئىشىنىڭ شۇنداقراق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى مەن پەرەز قىلغان، مېنىڭچە نىگارەنىڭمۇ ئىدىيىسىدە تەييارلىقى بار بولغىيتتى، ئۇمۇ ئۈمىدنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتكۈسى كەلمەي تىرىشقان گەپ.  15 يىل ئۇزۇن دېسە بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئەمەس، ھېچبولمىغاندا مۇددەتسىز قاماق جازاسىدىن ياخشىراق، لېكىن قىسقىمۇ ئەمەس،  نىگارە ئۇنى 15 يىل ساقلىيالارمۇ؟ 15 يىلدىن كېيىن ئۇمۇ 40 تىن ئاشىدىكەن، ئادەمنىڭ ئۈمرىدە قانچە 15 يىل بولىدۇ دەيسىز.

_ نىگارە بىلەن بالىسى قانداقراق؟

  ئۇلارنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن دىلدارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى. 

_ ياخشى، ئوغۇل تۇغدى،  بەك ئۇماق. 

ئۇ نىگارە توغرىلىق ئۇنىڭدىن كۆپ سۆزلەشنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭدىن نىگارەنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىسام ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇرىۋالدى. 

_ نىمە بولدى؟_ ئۇنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ، ئارىسالدى بولۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ سورىدىم.  ئۇ كالپۇكىنى چىشلەپ بىردەم تۇرىۋېلىپ ئاخىرى راست گەپنى قىلدى. 

_ كەچۈرۈڭ، نازىيە دېرىكتور، ئاپامنىڭ تېلېفون نومۇرىنى دەپ بېرەلمەيمەن. مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭىدىغان چاغدا ئاپام سىزنى ئۇچرىتىپ قالسام تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەرمەسلىكىمنى ئالاھىدە تاپىلىغان.  

بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېڭەم ۋىڭىلداپ كەتتى. نىمە ئۈچۈن؟  زادى نىمە ئۈچۈن؟  ئايرىلىدىغان چاغدا ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قىيماي ئايرىلىشقان، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشقان، يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە تەقەززا بولۇشقان ئەمەسمۇ.  مەن نىگارەنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بېشىغا ھەرقانچە ئېغىر كۈن كەلسىمۇ دوستىنى تاشلىۋېتىدىغانلاردىن ئەمەس. بۇ بىر يىلدا ئۇ  قانداق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندۇ؟  دىلدارنى تەڭلىكتە قويماسلىق ئۈچۈن بەك زىغىرلاپ سوراپ تۇرىۋالمىدىم. 

_  ماقۇل، بىلدىم. چىقسىڭىز بولىدۇ، سىزنى مۇۋاپىق ئوقۇشتىن سىرتقى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن.  

ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپئاق قوللىرى بىلەن سومكىسىنى مۈرىسىگە ئاستى ۋە ئەدەب بىلەن رەھمەت ئېيتتى. ئۇنىڭ كىيىنىشى، گەپ_سۆز، ئىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى يېشىغا ماس ھالەتتە ئىدى، ئەمەلىيەتتە مەن بۇ قىزنى تۇنجى قېتىم ئادۋۇكاتنىڭ يېنىدا كۆرگەن چاغدىلا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم. يەنە كېلىپ ئۇ مەن ئوقۇغان تىببىي داشۆدە ئوقۇيدىكەن. ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمدا ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيتتىغۇ دەيمەن،  شۆھرەتنىڭ ئىشى چىقمىغان بولسا نىگارەمۇ بۇ قىزنى تۇنۇمىغان بولاتتى، پەمىمچە ئۇ شۆھرەتكە ئېغىرچىلىق سالماي دەپ ئۇلارنى ئىزدىمىگەنمىكىن.  ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۆھرەتنىڭ دېلوسى تۈپەيلى قايتىپ كەتكەن بىلەن يەنىلا ئوقۇشقا كەلگەن ئىدى. 

دىلدارنى كۆرگەندىن كېيىن نىگارەنىڭ ئىشى كاللامغا كىرىپلىۋالدى. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمىغىنى كاللامدىن ئۆتمىدى، يەنە تېخى دىلدارغا ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ماڭا دەپ بەرمەسلىكنى ئالاھىدە تاپىلاپتۇ.  بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ بەلكىم ئۇ مېنىڭ ئاۋارە قىلىشىمنى خالىمىغاندۇ ياكى مېنى ئاۋارە قىلىپ قويماي دېگەندۇ؟ بەلكىم ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولماي قالغان بولسا ماڭا ئۇ ھالىتىنى كۆرسەتكۈسى كەلمىگەندۇ؟ يالغۇز بىر ئايالنىڭ بىر بالىغا قارىيالىشى ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا يەنىلا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمىدىم. 

بىر شەنبە كۈنى كەچلىكى تۇرسۇنئاي بىلەن ئامىنەنى ئېلىپ 520 بەزمىخانىسىغا باردىم.  بۇرۇن نىگارە ئىككىمىز دائىم بۇ يەرگە كېلەتتۇق، ئويلاپ باقسام بۇ يەرگە كەلمىگىنىمگىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۈمىد بىلەن فەرۇق ئۇرۇشۇپ قالغان چاغدا كەپتىكەنمىز. ئۇ نىگارەنىڭمۇ ئاخىرقى قېتىم كېلىشىغۇ دەيمەن.  بۈگۈن كەچمۇ فەرۇقتىن نىگارەنىڭ بىرەر ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ قالارمەنمۇ دېگەن ئۈمىدتە كەلگەن ئىدىم. ماشىنىنى توختىتىپ ئىچىگە ماڭغاچ ئامىنە گەپ ئېچىپ قالدى. 

_ نىمە تۇيۇقسىزلا بىزنى ئوينىتىپ كەلگۈڭىز كېلىپ قاپتۇغۇ؟

_ يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش ئىشلەپ كەتتۇق، سىلەرنى چارچاپ كەتتى دەپ كاللىمىزنى ئارام ئالدۇرايلى دەپ باشلاپ كەلدىمغۇ_ دېدىم. 

بۈگۈن 520 بەزمىخانىسى بەكمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى، بۈگۈن يا بىرەر بايرام ئەمەس، بەزمىخانىنىڭ ئىچىمۇ ئالاھىدە بېزەلگىنىگە قارىغاندا بىرەسى پائالىيەت ئويۇشتۇرغاندەك قىلاتتى.  بىز توپلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ، ئىچىدىكى بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇق. يەنە بىر تەرەپتە نۇرغۇن ئادەملەر توپلىشىپ تۇرۇپتۇ،  بىرى تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئېيتىۋاتىدۇ، كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. 

ئامىنە مۇشۇنداق ئويۇن-تاماشانى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ مىجەزى ئازراقمۇ ئۆزگەرمىدى، ئۇ ئورۇندا ئولتۇرا ئولتۇرمايلا يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ تاماشا كۆرگىلى كەتتى.  مەن مۇلازىمەتچىنى چاقىرىپ ئازراق يەيدىغان نەرسە بىلەن ئىچىملىك بويرۇتتۇم.  مۇلازىمەتچى كېتىپ تۇرۇشىغا باشقا بىر مۇلازىمەتچى نەچچە قەۋەت قىزىل ھاراق بېسىلغان ھارۋىنى ئاستا ئىتتىرىپ«پوش پوش» دەپ   كېلىۋاتاتتى.  ئامىنە بىزگە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانمىكىن، شۇنچىلىك تېز كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغا ئۆزىنى توختىتىۋالالماي قىزىل ھاراق بېسىلغان ھارۋىنىڭ ئۈستىدە يېتىپلا قالدى. 

«جاراڭ جۇرۇڭ» نەچچە قەۋەت قىلىپ قىزىل ھاراق قۇيۇلغان ئىستاكان يەرگە چۈشتى،  پۈتۈن بەزمىخانا جىمجىت بولۇپ كەتتى،  مېھمانلار نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايلا قېلىشقان ئىدى. مۇلازىمەتچى ئېسىنى يىغىپ ئامىنەگە قارىدى.

_ خانقىز،  ھاراقنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋەتتىڭىز، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ 

 بۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئامىنەگە تىكىلدى. ئامىنە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئىستاكانلارغا قارىدى ۋە ئىنتايىن ئوڭايسىزلانغان بىر قىياپەتتە كۆپچىلىككە قارىدى. 

_  ھېچ ئىش يوق، كۆپچىلىك. ئويۇنۇڭلارنى ئويناۋېرىڭلار_  شۇنداق دەپ بولۇپ خۇدۇكسىرىگەن ھالدا ماڭا قارىدى.  مەن ئۇنىڭ يېنىغا باردىم ۋە مۇلازىمەتچىگە قاراپ:

_ خۇجايىنىڭىزنى چاقىرىڭە_ دېدىم. 

_ خۇجايىن ئەنە _ دېدى ئۇ مېنىڭ كەينى تەرىپىمنى كۆرسىتىپ.  كەينىمگە قارىسام مېھمانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقىنى فەرۇق ئەمەس، بەلكى نىجات ئىدى. نىجات مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئەمدى بىر نىمە دەي دەپ ئاغزىنى ئېچىشىغا مەن ئالدىراپلا ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋالدىم. 

_ خۇجايىن، ئايرىم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟ 

_ ئەلۋەتتە بولىدۇ _ ئۇ شۇنداق دەپ چاندۇرماي مېنى بىر ئايرىمخانىغا باشلىدى. 

_ بايىقى مۇلازىمەتچى سىزنى بۇ يەرنىڭ خۇجايىنى دەيدۇغۇ، فەرۇقچۇ؟_ دەپ سورىدىم مەن. 

_ فەرۇق ئۇنىمىسام ئۇنىماي زورمو زور بۇ يەرنى ماڭا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ بىر ياققا كەتتى، كېتىش ئالدىدا بىر باغاقچە قالدۇرۇپ قويۇپلا كېتىپتۇ، خوش مۇ دېمىدى. 

_ ئۇ قەيەرگە كەتتى؟ _ بۇنداق سورىغىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى قىياسەن بىلىپ بولغان ئىدىم. 

_  قەيەرگە بارىدىغىنىنى دېمىدى، لېكىن بىلسەم بىلمىسەم نىگارەنى ئىزدەپ كەتتىمىكىن.  بۇ سولتەك ئاغزىدا پونى ئاتقان بىلەن نىگارەنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمىدى. 

 مېنىڭچىمۇ فەرۇق نىگارەنى ئىزدەپ كەتتى، لېكىن نىگارە ئۇنى قوبۇل قىلارمۇ؟ 

_ شۇڭىچۇ، مۇھەببەت دېگەن نىمىگە يۇقۇپ قالمىسا بولىدىكەن، ئادەمنى سەرسان قىلىۋېتىدىكەن ئەمەسمۇ، ئۇنىڭدىن يەنىلا ماڭا ئوخشاش بويتاق يۈرگەن ياخشىكەن _ دېدى نىجات. 

_ دېمەك سىز ھېلىمۇ بويتاقكەنسىز دە؟ _ دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ. 

_ ھەئە، بويتاقلىقمۇ ياخشىكەن، نەگە باردىڭ، نەدە تۇردۇڭ دەيدىغان ئادەم يوق. يەنە كېلىپ ئاغىنىلىرىم ئۇچرىغان ئىشلارنى كۆرۈپ مەن قورقۇپ قالدىم. 

ئەمەلىيەتتە نىجاتنىڭ تەقى تۇرقىمۇ كېلىشكەن، ئىقتىسادى شارائىتىمۇ يامان ئەمەس،  پەرىزىمچە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارمۇ يوق ئەمەس،  لېكىن ئۇ كۆڭلىگە ياقىدىغاننى تاپالمايۋاتسا كېرەك. 

_ نازىيە، بۈگۈن كەچتىكى ئىشنى سۈرۈشتۈرمەي بولدى، سىزنىڭ دوستىڭىزكەن ئەمەسمۇ، يۈزىڭىزنى قىلمىساممۇ بولماس _ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. 

_ ھېچقىسى يوق، سۈرۈشتۈرگىدەك يېرىنى سۈرۈشتە قىلغۇلۇق. 

بىز ئايرىمخانىدىن چىققاندا ئەينەك پارچىلىرىنى تازىلاپ پاك پاكىزە قىلىۋېتىپتۇ. ئورنۇمغا بېرىپ ئولتۇرسام ئامىنە يېنىمغا كېلىپ قولۇمغا ئېسىلدى. 

_ قانداق بولدى؟  خۇجايىن نىمە دەيدۇ؟ بۇنچىلىك ھاراققا نەچچە پۇل تۆلەپ كېتەرمەن دەڭە. بەك كۆپ بولۇپ كەتسە تۆلەپ بولالمايمەن جۇمۇ، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ 

_ سىزمۇزە، پالاكەتلىك قىلىپلا يۈرگەن، نىمىگە ھاياجانلىنىپ كەتكەنتىڭىز شۇنچە؟ بىزگە نىمە ئىشنى دەپ بەرمەكچىتىڭىز؟_ دېدىم مەن قەستەن ئۇنى ئەيىبلىگەن قىياپەتتە. 

_  ۋاي شۇ تۇغۇلغان كۈنى بولغىنى مۇشۇ بەزمىخانىنىڭ خۇجايىنى ئىكەن، بەك كېلىشكەن ئادەمكەن ئۇ، شۇنى سىلەرگە دەپ بېرەي دەپ ئالدىراپ بولغان ئىش بولمامدۇ؟  مەن خاتا قىلدىم، نازىيە، ئەمدى ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيمەن. 

مەن كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ سورىدىم. 

_ بۇ گەپچە خۇجايىن سىز ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى ئەر ئىكەن دە؟ 

ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك قىلىپ بىلىكىمگە ئېسىلدى. 

_ ئۇغۇ تازا مەن ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى ئەركەن. لېكىن ھازىر بۇ گەپنى دىيىشىدىغان ۋاقىت ئەمەستۇ؟ مۇھىم ئىشنى دىيىشەيلى، خۇجايىن نەچچە پۇل تۆلىسۇن دەيدۇ؟ 

_ ۋاي تۆكۈلگىنىنىڭ ھەممىسى بەك قىممەت ھاراقلاركەن، بىر يىللىق مائاشىڭىزمۇ يەتمەيدىكەن. 

_ ئاھ، ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ بىر يىللىق مائاشىم يەتمىسە تاپقان پۇلۇمنىڭ ھەممىنى بۇ يەرگە تۆلىۋەتسەم مەن نىمە يەپ نىمە ئىچەرمەن؟ 

_ پۇل تۆلەيمەن دەپ يۈرگۈچە خۇجايىننى كەلتۈرىۋالمامسىز؟ بايا سورىدىم، ئۇ تېخى بويتاقكەن_ ئامىنە مېنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئوڭايسىزلانغان ھالەتتە ماڭا قارىدى. 

_ كەلتۈرىۋالىمەن دەپلا كەلتۈرىۋالغىلى بولامتى؟ ئۇ ئادەم مەندەكلەرگە كۆز قىرىنى سېلىپ قويمايدىغان بولسىچۇ؟ 

_ ئۇنىڭ بويتاق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردىم، قالغىنىغا مەن ياردەم قىلالمايمەن.  ئۆزىڭىز بىر ئامال قىلىڭ_ دېدىم مەن مۈرەمنى قىسىپ، ئاندىن مۇلازىمەتچىنى چاقىرىپ خۇجايىننى چاقىرىپ قويۇشنى ئېيتتىم. 

بىردەمدىن كېيىن نىجات كېلىپ ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇردى. ئامىنە ئۇنى كۆرۈپلا يۈزى قىزىرىپ كەتتى. ئاستا تېلېفونۇمنى چىقىرىپ نىجاتقا ئۇچۇر يازدىم:

_« بۇ قىز ئىسراپ قىلىۋەتكەن ھاراقنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولالمايمىز، مۇشۇ قىزنىلا سىزگە بېرەي، قانداق؟»  

نىجات ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئىتتىكلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم. ئۇ بىر ماڭا، بىر ئامىنەگە قاراپ ئىنتايىن ئوڭايسىزلىق ئىچىدە ئولتۇردى. 

_ ھە راست، مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تۇرۇڭ، تۇرۇڭ، تۇرسۇنئاي، دەرھال شىركەتكە بارمىساق بولمايدىغان ئىش چىقىپ قالدى، ئامىنە، سىز بىردەم ئولتۇرۇپ مېڭىڭ ھە، مەن مېڭىۋېرەي.

سىرتقا چىقىپلا ئامىنەگە ئۇچۇر يازدىم. 

_« ياخشىراق پاراڭلىشىڭ، خۇجايىنمۇ ئۇنچىۋالا قائىدە بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەسكەن».  

ئاندىن يەنە نىجاتقا ئۇچۇر يازدىم. 

_«ئۇ مېنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم، مىجەزى بەك ياخشى، ئاقكۆڭۈل، مۇمكىن بولسا چىقىشىپ قالساڭلار خۇش بولىمەن.» 

ئۇچۇرنى يوللاپ تۇرۇشۇمغا ئۈمىدتىن تېلېفون كەلدى، ئۇ مېنىڭ قەيەردىلىكىمنى سورىۋىدى، مەن 520 بەزمىخانىسىدىن قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقىنىمنى ئېيتتىم. ئۇ كەتمەي مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى. بەش مىنۇتقا قالماي ئۇمۇ كېلىپ بولدى. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپلا يېنىمغا كەلدى. 

_ يۈرۈڭ، ئىچىگە كىرەيلى. 

_ مەن ھازىر يېنىپ چىققان تۇرسام، ئىچىدە نىمە قىلىمىز؟ 

_ بۈگۈن يېقىن ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، كىرىپ تەبرىكلەپ قويۇپ چىقمىسام سەت تۇرىدۇ. 

ئۇنىڭ بېلىكىدىن تارتتىم. 

_ بولدى، ئۇنىڭغا چوڭ سوۋغاتتىن بىرنى بېرىپ قويدۇم. تۇرسۇنئاي، سىز مېڭىۋېرىڭ، مەن ئۈمىد ئاكىڭىزنىڭ ماشىنىسىدا ماڭاي.

ئۈمىد گاڭگىرىغان ھالدا ماشىنىغا چىقتى. 

_ ئۇنىڭغا نىمە سوۋغات بەردىڭىز شۇنچە سىرلىق؟  مەن كۆرسەم بولمامتى؟ 

_ ئۇ دېگەن مەخپىي، سىز كۆرسىڭىز بولمايدۇ. 

_  مەخپىي دەپ، ئۇنىڭغا قىز دوستتىن بىرنى سوۋغا قىلمىغانسىز؟ 

ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. 

_ سىز قانداق بىلدىڭىز؟ 

_ پەرەز قىلدىم، ھازىر ئۇنىڭغا باشقا نەرسە كەم ئەمەس، يېنىدا بىر قىز دوستلا كەم. 

بۇ گەپنىڭ ئاساسى بار. يېنىمدا ئولتۇرغان بۇ ئەقىللىق، كېلىشكەن ئەرگە قارىدىم، مۇشۇنداق بىر ئەر مېنىڭ ئېرىم ھە؟  تۇيۇقسىز ئۇنىڭدەك ئېرىمنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتى باش كۆتۈردى. ئۈمىد مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قولىنى سوزۇپ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ قويدى ۋە پىشانەمگە سۆيدى، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بۇ ئىشىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ قىزىرىپ كەتتىم. 

_ مەلىكەم،  سىز يەنىلا شۇنداق ئۇماق، ساپ، سەمىمىي. _ ئۇ شۇنداق دېگەچ ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى. 

مۇھەببەت دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك، ئۇ ھەر كۈنى يېنىمدا تۇرسىمۇ ئۇنى ھەرۋاقىت سېغىنىمەن، ئۇنىڭ بىر ئېغىز گېپى، بىر ھەرىكىتى قەلبىمدە ئالەمچە داۋالغۇش پەيدا قىلالايدۇ. 

520 بەزمىخانىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىدىن يىراقلاشقانچە بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلار ئېسىمگە كېلىشكە باشلىدى، نىگارە بىلەن فەرۇقنىڭ ئىشلىرىنى ئويلىدىم. 

_ سىزنىڭچە فەرۇق راستلا نىگارەنى ئىزدەپ كەتكەنمىدۇ؟_ سورىدىم مەن. 

_ بەلكىم. 

_ نىگارەدىن بەك ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن.  ئۇنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلمىغىنىغا قارىغاندا ئۇ چوقۇم جاپا تارتىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم بار، ئەمما قانداق ياردەم قىلىشنى بىلمەيمەن. ئۇ نىمىشقا مەندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؟

ئۈمىد بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا بېشىمنى سىلىدى. 

_ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، بەلكىم ئۇنىڭ ئەھۋالى سىز ئويلىغاندىكىدەك ئۇنچىۋالا ناچارمۇ ئەمەستۇ.  مېنىڭچە نىگارە ئاسانلىقچە قىيىنچىلىققا باش ئىگىدىغان قىز ئەمەس. 

لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتىمەن. 

_ نىگارە جاپا تارتىپ باقمىغان، يەنە كېلىپ بالىسى بار ئەمەسمۇ. 

_ بالىسى؟  

ئۈمىد نىگارەنىڭ بالىسى بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. 

_ ھەئە. ئۇنىڭ بالىسى بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن بىر ئىككى ئايلىق چوڭغۇ دەيمەن. ئۇ ئۆزى يالغۇز بالا بىلەن قانچىلىك قىينىلىپ كېتىۋاتقاندۇ؟ 

ئۈمىد ماشىنىنى دەرھال يول بويىغا توختىتىپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان بۇ ئىشىدىن ئەجەبلەندىم.



ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k