
بۇ ئەسەرنىڭ 162-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161-قىسىم
بىر كۈنى ۋېلىسپىت مىنىپ ئادىتىم بويىچە تاغنىڭ چوقىسىغا چىقتىم، تاغ چوققىسىغا يېقىنلاشقانچە يېقىملىق گىتار مۇزىكىسى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ سۈرئەتنى تېزلەتتىم. بىر قىز تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ گىتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. مۇشۇنداق گۈزەل ئاۋازى بار بۇ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولدۇم، چۈنكى مەن يىراقتىن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېيىلغان چاچلىرىنى كۆرۈپلا كېلىۋاتاتتىم. ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ كەينىدە توختىدىم، ئۇ بىر مۇزىكىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن مەن ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىۋەتتىم. ئۇ قىز چۈچۈپ كەينىگە ئۆرۈلدى. ئىنكار قىلمايمەن، ئالدىمدا تۇرغىنى ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرى، چوڭ كۆزلىرى ئەسلىمەمدىكى ھېلىقى نازىيەنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇ قىز مېنى كۆرۈپ ئەندىكىپ گىتارنى ئېسىپ ۋېلىسپىتىنى مىنىپ ئالدىراپ تىنەپ كېتىپ قالدى. ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، ئۇ مېنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولغىنىمدىن قورقۇپ كەتتىمۇ ياكى مەن يامان ئادەمگە ئوخشامدىم؟ بىلمەيلا قالدىم. ئەسلى تاغقا بىردەم بولسىمۇ كاللامنى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن چىققان ئىدىم، ئۇ قىزنى كۆرۈپلا نىمە بولدۇمكىن، ۋېلىسپىتىمنى مىنىپلا ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىدىم. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ مېنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ۋېلىسپىتنىڭ پىدالىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەپتى. ئۇ مېنى راستلا يامان ئادەم دەپ ئويلاپ قاپتۇ_دە. بىز تاغدىن چۈشۈۋاتقان بولغاچقا ئەسلى ۋېلىسپىتنىڭ پىدالىنى تەپمىسىمۇ رولنى باشقۇرسىلا ئۆزىلا چۈشۈپ كېتەلەيتتى، لېكىن ئۇ پىدالنى كۈچەپ تەپكەنچە سۈرئەت تېخىمۇ تېزلىشىپ، بىر چاغدا ۋېلىسپىتنى باشقۇرالماي قالدى. ئۇنى يىقىلىپ كېتەمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم، ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ چاقى مېنىڭكىدىن كىچىك ئىكەن، تەبىئىيلا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىم، تاغ باغرىغا بارغاندا بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە توختاپ ئارام ئالدىم. تەخمىنەن بەش مىنۇتلاردىن كېيىن بايىقى قىز پەيدا بولدى. مەن كۆۋرۈكنىڭ رىشاتكىسىغا يۆلىنىپ تۇراتتىم، ئۇ مېنى كۆرۈپ يەنە سۈرئەتنى تېزلەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ۋېلىسپىتى كۆۋرۈككە چىقا چىقمايلا توختاپ قالدى، زەنجىرى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ دە دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئۇ ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپ زەنجىرىگە بىر قاراپلا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ زەنجىرىنى مەن ئوڭشاپ بەردىم. ئۇ قولۇمنىڭ قاپقارا بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ سومكىسىدىن ھۆل قەغەز چىقىرىپ ماڭا سۇندى، يەنە تېخى ماڭا رەھمەت ئېيتتى. ئۇنىڭ ماڭا رەھمەت دېگىنىنى ئاڭلاپ ھېلىقى كۈنى يامغۇر ياغقاندا نازىيەگە سىزنى ئاپىرىپ قوياي دېسەم رەھمەت دېگىنى يادىمغا كېلىپ قالدى. ئالدىمدىكى بۇ قىزمۇ شۇ تاپتا نازىيەنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىگە ئوخشاش تارتىنىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.
بۇ قىزنى ئىككىنچى قېتىم بەزمىخانىدا كۆردۈم، شۇ چاغدىلا ئاندىن بۇ قىزنىڭ بەزمىخانىنىڭ ناخشىچىسى ئىكەنلىكىنى، ئىسمىنىڭ نازىيە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان چېغىمدا بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ چىرايىمۇ ھېلىقى نازىيەگە ئوخشايتتى، ئويلىماپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ نازىيە ئىكەن. شۇ كۈنى بىر نەچچەيلەن ھاراق ئىچىۋېلىپ سەل كاللىسى قىزىپ قاپتىكەن، ھە دېسە سەھنىگە چىقىۋېلىپ ئۇنىڭغا بىمەنە چاقچاق قىلغىلى تۇردى. بۇ قىزنى ئىككىنچى قېتىم كۆرگەچكە كۆزۈمگە باشقىچە ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدىمۇ، يا ئىسمى نازىيە بولغاچقا خىيالىمغا ھېلىقى نازىيە كېلىۋالدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغۇم كېلىپ قالدى. ھېلىقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈزۈم ئازراق يارىلانغان بولدى، قالغانلار دوختۇرخانىغا بارغىن دېيىشتى، لېكىن بۇنچىلىك ئىشقا دوختۇرخانىغا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم. ئەمما نازىيە ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي بەزمىخانا خۇجايىنىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ دورا ساندۇقىنى ئېلىپ چىقىپ يۈزۈمگە دورا سۈركىدى. ئۇنى دورا سۈركەۋاتقاندىكى ئاشۇ مۇلايىم تۇرقىدىن يۈرىكىم لەرزىگە كەلدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ناخشىسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ ئادەم ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمىمىۇ نازىيە بولغاچقىمىكىن، ئۇنى ھەر قېتىم كۆرسەم ھېلىقى نازىيە ئېسىمگە كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئۇزۇن كىرپىكىدىن باشقا يەنە ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان مۇلايىملىق بەك ئوخشاش ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدۇق. ئىككىمىز يۈرگەندىن كېيىن ئۇ ماڭا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ماڭا بەك كۈيۈنەتتى، ئاپام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئادەم ئۇ بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى بىلەن كۆڭلۈم ئۇنىڭغا تەسلىم بولدى. ئىككىمىزنىڭ ئورتاق قىزىقىشىمىز بار ئىكەن، ھەر ئىككىمىز مۇھەببەتكە موھتاج ئىكەنمىز، مۇشۇ سەۋەبلەر بىلەن تەبىئىيلا بىر يەرگە كېلىپ قالدۇق. ئۇ بىزنىڭ مۇزىكا ئەترىتىمىزگە قوشۇلدى، بىز بىللە ناخشا پلاستىنكىسى چىقاردۇق. مەن ئۇنى قوغدايتتىم، ئۇ ماڭا كۈيۈنەتتى، شۇنداق قىلىپ شۇ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە مەن ئىلگىرىكى ئازابلىق ئىشلارنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كەتتىم.
لېكىن دادام ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىشىمنى ئاڭلاپ جان جەھلى بىلەن قارشى تۇردى، ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭدەك بەزمىخانا ناخشىچىسى ماڭا ماس كەلمەسمىش. كەسىپنىڭ يۇقىرى، تۆۋىنى بولمايدۇ. ناخشا ئېيتسا نىمە بوپتۇ؟ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەننىڭ نەرى يامان. ئۇ ناخشا ئېيتىدىغان ئادەمنى ياراتمىغان ئىكەن، مەن ئۆزۈممۇ ناخشىچى بولىمەن، ھەم ناخشا ئېيتىدىغان قىز بىلەن توي قىلىمەنغۇ تازا. شۇ يىلى يازدا دادام بىزنى يازلىق تەتىلگە قويۇۋەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئويناتقىلى ئاپارماقچى بولدى، مېنىڭ ئەسلى بارغۇم يوق ئىدى، لېكىن دادامنىڭ نازىيە ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولدۇم، ئۇمۇ ماقۇل بولدى. لېكىن ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە دىيىشىپ قويغان جايدا ئۇنى شۇنچە ساقلىساممۇ ئۇ كەلمىدى. ئۇنىڭ كەلمەسلىك سەۋەبىنى ئويلاپ باقتىم، ئۇ دادامنىڭ ئىشىمىزغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ قالغان ئىدىم. ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. ئۇ كەلمىگەن بولسىمۇ مەن داداملار بىلەن بىللە باردىم. ئەسلى ئۇ يەردە تازا زېرىكىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن چوڭ بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم.
بىز بارغان جاي بىر ئارامگاھ ئىدى، ئۇ يەرگە نەرسە-كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ چۈشلۈك تاماق يىدۇق، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ۋاقتىدا دادامنىڭ يالغۇز سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇ چاغدا نىمە ئۈچۈن دادامنىڭ كەينىدىن ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭ ئىش ھەرىكىتى ماڭا سەل بىنورمال تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ئىشقىلىپ بۇ قېتىمقى ئارام ئېلىش مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك قىلاتتى.
دادام چىقىپ بىر دەرەخزارلىقتىن ئۆتتى، ماڭغاچ خۇدۇكسىرەپ ئەتراپىغا قارايتتى، مەن ئۆزۈمنى دالدىغا ئېلىپ دادامغا كۆرۈنمەي ماڭدىم. ئۇ ئاخىرى دەرەخزارلىقنىڭ ئىچىدىكى بىر دالدىغا كېلىپ توختىدى، مەن يەنە ئازراق مېڭىپ بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتىم، بۇ يەردىن دادام تۇرغان جاينى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. بىردەمدىن كېيىن يەنە بىر ئەر تىمىسقىلاپ بېرىپ دادام بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كىشى ئاۋۋال دادامغا بىر تال تاماكا تۇتتى، ئاندىن يەنە بىر بولاق بىر نەرسە بەردى، دادام ئۇنى ئېچىپ كۆرۈپ باققاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر تۇتام پۇل بەردى. ئۇ كىشى پۇلنى ئېلىپ تۆت ئەتراپىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن پۇلنى قوينىغا سېلىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. مەن ئۇ كىشىنىڭ كەينىدىن تاغ باغرىغىچە ماڭدىم، ئۇ بىر منىبۇسنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى، مىنىبۇسنىڭ دېرىزىسى ئوچۇق بولۇپ ئىچىدە بىر ئەر كىشى ئولتۇراتتى. بايىقى كىشى بېرىپ مىنىبۇستىكى ئادەم بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆردۈم، ئۇ چاسا يۈز ، تېرىسى قارامتۇل كەلگەن ئادەم بولۇپ ئادەمنىڭ ئاسان ئېسىدە قالىدىغان چىراي تىپىدىن ئىكەن. ئۇنى كېيىن كۆرسەممۇ بىر قاراپلا تونۇۋالالايمەن.
مىنىبۇس ماڭغاندىن كېيىن مەنمۇ ئارامگاھقا قايتىپ كەلدىم.
_ نەگە باردىڭ؟ نىمانچە ئۇزۇن يوقاپ كېتىسەن؟_ دادام ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك مەندىن سوئال سوراۋاتاتتى.
_ ھېچيەرگە. شۇ ئىچىم پۇشۇپ ئايلىنىپ كىردىم _ دادامغا يالغان ئېيتتىم. دادامنىڭ قەيەرگە بارغانلىقى، بايىقى ئادەملەر بىلەن نىمە سودا قىلغانلىقىنى سورىمىدىم، ئەمەلىيەتتە بۇنى بىلىپمۇ بولغان ئىدىم.
ئارامگاھتا بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى قايتتۇق. چوڭ دادامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ دادامنىڭ تاغدىكى ئىشىنى كاللامدىن چىقىرىۋېتەلمىدىم. يېقىندىن بۇيان ئاپام تولا چۈشۈمگە كىرىدىغان بولۇپ قالدى، شۇ كۈنى نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، لېكىن ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىدە دادامنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئېنىق. ئويلاپ باقسام دادام ئاشۇ زەھەر دېگەن نىجىسقا يۇلۇققاندىن بۇيان ئائىلىمىزدە تىنىچلىق بولماپتۇ، زەھەر دادامنى ئىرادىسىز، مەسئۇلىيەتسىز، مېھىر-مۇھەببەتسىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇڭا مەن ئىللىق ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلغان زەھەرگە چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
قايتىپ بارغان كۈنىمىز كەچتە مەن بەزمىخانىغا نازىيەنى ئىزدەپ باردىم، مەن بارغاندا ئۇ سەھنىدە ناخشا ئېيتىۋاتقان ئىكەن، قارىسام ئۇ بەك قېنىق گىرىم قىلىۋاپتۇ، ئۇ ئادەتتە بۇنداق قېنىق گىرىم قىلمايتتى، چۈنكى ئۇ گىرىم قىلمىسىمۇ تەبىئىي چىرايلىق ئىدى، ئەمما ھازىر گىرىم بىلەن باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا بولۇپ قاپتۇ. بۈگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇ مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆردى، ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ مەن ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدى. ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ ئەمما مىجەزى يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالەتتە بىر خىل ئېغىر بېسىق ئىدى، دادىسى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن، ئاپىسى ئېغىر كېسەل، سىڭلىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، شۇڭا ئۇ ئامالسىز ئوقۇشتىن چېكىنىپ،ئاپىسىنى داۋالىتىش، سىڭلىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق بەزمىخانىدا ناخشا ئېيتىدۇ، بۇ جەرياندا قانچىلىك قۇرساق كۈپۈكىنى تارتقىنىنى مەن بىلمەيمەن. بەلكىم شۇ ئىشلار ئۇنى ئېغىر بېسىق قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك.
_ تۆنۈگۈن ئەتىگەن ساقلىسام كەلمىدىڭىزغۇ؟ _ دەپ سورىدىم.
_ ئۈمىد، چوڭلار رازىلىق بەرمىگەن مۇھەببەت بەخت بىلەن نەتىجىلەنمەيدۇ.
ئۇنىڭ نىمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم، دادام ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرغاچقا ئۇ چېكىنىش يولىنى تاللاپتۇ. بىلىمەن، ئۇ چاغدا ئۆزۈمنى بەك مۇنەۋەر يىگىت دىيەلمەيمەن، شۇڭا بەلكىم ئۇنىڭغا يىتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەن بولسام كېرەك.
_ باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىشىغا ئۆزۈم ئىگە.
_ ئۈمىد، ئويلاپ باقسام سىزنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن، ئىككىمىزنىڭ قىزىقىشىمىز ئوخشاش بولغاچقا قىزىقىپ قالغان بولسام كېرەك، بۇنى مۇھەببەت دېگىلى بولمايدۇ. سىزنىڭچىچۇ؟
مەن مۇھەببەتنىڭ نىملىكىنى بىلمەيمەن، مېنىڭچە بۇنىڭغا ھېچكىم ئېنىق جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. نازىيە مېنىڭ جىم تۇرغىنىمدىن سۇئالىغا جاۋاب تاپقان بولسا كېرەك، مىيىقىدا كۈلدى.
_ سىزمۇ ئارىمىزدا مۇھەببەت بار دەپ قارىمايسىز، شۇنداقمۇ؟ شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ھەر ئىككىمىز بىر – بىرىمىزنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلمايلى. سىزنى ياخشى كۆرىدىغان نى نى مۇنەۋەر قىزلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە لايىق كېلىدىغان بىرىنى تاللىۋېلىڭ، مەنمۇ ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئادەمنى تاپاي.
_ ئايرىلىپ كېتەيلى دېمەكچىمۇسىز؟
_ مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم _ دېدى ئۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ. ئۇ بۇنداق دېگەن يەردە ئۇ چاغدىكى مەغرۇرلۇقۇم بىلەن ھەرگىز ئۇنىڭغا باش ئەگمەيمەن دە.
_ ماقۇل، بەختلىك بولۇڭ! _ دېدىم.
راستىمنى ئېيتسام بۇنىڭدىن بۇرۇنقى قىزلار بىلەن مۇنداقلا ئارىلاشقان بولسام، نازىيە بىلەن ھەقىقەتەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىپ ئارىلاشقان ئىدىم، شۇڭا بۇنداقلا ئايرىلىپ كېتىش ماڭا راستلا ئېغىر كەلدى. لېكىن يەنىلا چاندۇرماي نەچچە كۈنگە قالمايلا ماڭا كۈيۈپ يۈرگەن باشقا بىر قىز بىلەن يۈرىۋالدىم. ئۇمۇ راستلا باشقا بىرى بىلەن يۈرىۋاپتۇ. ئۇنىڭ يېڭى ئوغۇل دوستى ئەزىمەتنى قولتۇقلاپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈشلىرىنى كۆرۈپ ئىچىمدە كۈلۈپ قويدۇم، مەن تېخى ماڭىلا ۋاي دەيدىغان قىزنى تاپتىم دەپتىكەنمەن، ئەسلىدە ئۇ ھەممىلا ئادەمگە مۇشۇنداق قىلىدىكەن ئەمەسمۇ.
يېڭى قىز دوستۇمنى ئېلىپ قەستەن ئۇ ناخشا ئېيتىدىغان بەزمىخانىغا باردىم. ھازىر ئويلىسام ئۇ چاغدا نىمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلغانلىقىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. شۇ كۈنى بەزمىخانىدا ئەزىمەتمۇ بار ئىكەن، نازىيە مېنىڭ بىر قىزنى باشلاپ كەلگىنىمنى كۆرۈپ دەسلەپتە چىرايى سەل ئۆزگەرگەندەك بولدى، كەينىدىن ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئەزىمەتكە سۈركىشىپ ئولتۇردى، مۇشۇنداق قىلىپ بىر بىرىمىىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتۇق. ئەمدى ئويلىسام شۇ چاغدا ھەقىقەتەن بەك كىچىككەنمىز. مەن كۆرەڭلىگەن ھالدا ئەزىمەتنىڭ يېنىغا بېرىپ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدۇم.
_ تولا كۆرەڭلەپ كەتمە، يېنىڭدىكى مەن ئويناپ تاشلىۋەتكەن قىز _ ئۇنداق دېگىنىم بىلەن نازىيەنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتۇپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ نازىيەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، كۆزىدىن ياش چىقىپ كېتىدىغاندەك ئۇزۇن كىرپىكى مىدىرلاپلا توختاپ قالدى، ئەمما ئەزىمەتنى قولتۇقلىۋالغان قولىنى چۈشۈرمىدى. مەن يەنە بايىقى كۆرەڭلىكىم بىلەن ئۆرۈلۈپلا ئاغىنىلىرىم بىلەن ھاراق ئىچكىلى كەتتىم. شۇ چاغدىكى نازىيەگە قارىشىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
شۇ كۈنى ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىپ خۇدۇمنى بىلمىگۈدەك مەست بولۇپ كېتىپتىمەن. ھەتتا نازىيەنىڭ ماڭا قىلغان تېلېفون، ئۇچۇرلىرىنىمۇ ئاڭلىمىغىدەك دەرىجىدە مەست بولۇپ كېتىپتىمەن. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كېتىپ تېلېفونغا قارىسام بىرەر يۈز قېتىم تېلېفون، ئۇچۇر كەپتۇ.
_ سىز ئۈمىدلىك ياش، ئەمما مەن شامالدىمۇ سۇنۇپ كىتىدىغان نازۇك بىر نوتا. ئىككىمىزنىڭ دەسلەپتە تونۇشىشىمىزمۇ خاتا بولغان. ئەمدىلىكتە سىزگە تېخىمۇ ماس كەلمەيدىغان بولدۇم ». «مەن پەقەت سىزگە خوش دېمەكچى. بەختلىك بولۇڭ » ئۇنىڭ ئۇچۇرى ئاساسەن مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ئۇچۇرلار ئىدى. «ئاخىرقى قېتىم» دېگەن خەتنى ئوقۇپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم، يولدا كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ تېلېفونىغا توختىماي تېلېفون قىلدىم، لېكىن ئالىدىغان ئادەم يوق. ئۇنى كېچىچە ئىزدىدىم، يوق. ئەتىسى ساقچىلار ئۇ تۇرىدىغان بىنانىڭ ئاستى تەرىپىدىن ئۇنىڭ جەستىنى تېپىپتۇ ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان دەپ جەزملەشتۈردى. ئۇنى كېچىچە ئىزدەپ تاپالمىغان چېغىمدا مۇشۇنداق بولۇشىغا نىسبەتەن ئىدىيەمدە تەييارلىق قىلىۋالغان ئىدىم، ئەمما يەنىلا قوبۇل قىلالمىدىم. ئايرىلىپ كەتكىنىمىز راست، بىر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگىنىمىزمۇ راست لېكىن مەن ئۇنى ئۆلىۋالسۇن دېمىگەن دە. ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ ئارىلىشىۋاتقىنىمغا بىر يېرىم يىل بوپتۇ، مەن تېخى ئۇنىڭ مىجەزىنى خېلى چۈشىنىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئايرىلىپ كەتكەنگە ئۆلۈۋېلىشقا ئەرزىمدۇ؟ يەنە كېلىپ ئايرىلىپ كېتىشنىمۇ ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغانغۇ؟
كېيىن بىرەيلەن ماڭا شۇ كۈنى كەچتە ئەزىمەتنىڭ نازىيەگە بىر ئىچىملىكنى ئىچكۈزگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن نازىيەنىڭ خۇدىنى بىلمەي قالغانلىقىنى، ئەزىمەتنىڭ ئۇنى بىر مېھمانخانىغا ئەكىرىپ كەتكىنىنى دەپ قويدى. ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم. دەرھال مەكتەپكە بېرىپ ئەزىمەتنى ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇپ تېپىۋېرىپتىمەن. باشقىلار مېنى بەك تەستە تۇتىۋالدى، تۇتىۋالمىغان بولسا بەلكىم ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇم مۇمكىن ئىدى.
كېيىن ئويلاپ باقسام ئۇ ئىشقىمۇ مەن سەۋەبچى بولۇپ قالغاندەك تۇرىمەن. بەلكىم مەن ھېلىقى گەپنى قىلمىغان بولسام ئەزىمەتمۇ نازىيەگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلار بولغىيتتى؟ مەن «مەندىن ئاشقان» دېگەچكە ئۇ نازىيەنى كەلسە كەلمەس قىز ئوخشايدۇ دەپ قالغان گەپ. ئۈمىد، ھەي، ئۈمىد سەنمۇ ئادەممۇ؟ بىر ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتىڭ مانا.
ئەزىمەتنى ئۇرغانلىقىم سەۋەبلىك مەكتەپتىن ھەيدەلدىم. نازىيە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن گىتارنى قايتا قولۇمغا ئالمىدىم، شۇنداق قىلىپ مۇزىكا ئەترىتىمىزمۇ تارقىلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرىم ھاراق ئىچىپ جىدەل-ماجرا تېرىش بىلەنلا ئۆتىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە تايران ئاكا ئۇكىلار دېققىتىمنى تارتتى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















