
بۇ ئەسەرنىڭ 184-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181 |
182 |
183-قىسىم
مېھراي بازار پىلانلاش كەسپى بويىچە كەچلىك كۇرۇستا ئوقۇۋاتاتتى، بۇنىمۇ نازىيە ئۇنىڭ مۇشۇ جەھەتتە تالانتى بارلىقىنى بايقاپ تىزىملىتىپ قويغان ئىدى. دەرستىن چۈشكەندە كەچ سائەت توققۇز بولغان ئىدى، بۈگۈنكى دەرستىن ئۇنىڭ چۈشىنەلمىگەن بىر نەچچە جايلىرى بار ئىدى، شۇڭا ئۇ باشقا بىر ساۋاقدىشى بىلەن شۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەشكەچ مېڭىۋاتاتتى، مېھراي ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى، چۈنكى ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاماملىيالمىغان، شۇڭا مۇشۇ ئارقىلىق بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەپسۇسلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتاتتى. ئۇ مەكتەپتىن چىقىپلا يول بويىدا قارا رەڭلىك ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرغان شېرزاتنى كۆرۈپ خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ يا دەپ بەكرەك تىكىلىپ قارىدى، راستلا شېرزات ئىدى. شېرزات ئۇنىڭ بىر ئوغۇل بالا بىلەن پاراڭلىشىپ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قاپىقى تۈرۈلدى. ئەسلى بايىقى ساۋاقدىشى مېھراينى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان ئىدى، لېكىن شېرزاتنى كۆرۈپ نىيىتىدىن يېنىپ مېھراي بىلەن خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. مېھراي ئۇنىڭ يېنىغا باردى.
_ بۇ يەردە تۇرىسىزغۇ؟
_ نىمانچە كەچكىچە تۈگىمەيدىغان دەرس ئۇ؟
مېھراي گەپ قىلمىدى.
_ ئايقىزچۇ؟ _ يەنە سورىدى ئۇ.
_ ئۆيدە قالدى.
_ كىچىككىنە بالىنى ئۆيدە يالغۇز قويۇپ قويغانما؟ قانداق ئاپا سىز؟
_ قانداق قىلىمەن ئەمىسە، مەنمۇ دەرسكە قاتناشمىسام بولمىسا. ئۇمۇ كۆنۈپ كەتتى. ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈپ ئۇخلاپ قالىدۇ. خەتەرلىك نەرسىلەرنى تۇتمايدۇ.
_ شۇنداق دەپ خاتىرجەم ئولتۇرىدىغان گەپما؟ دەرستىن چۈشكەندىكىن، خەق بىلەن قاش-كۆز ئېتىشىپ يۈرمەي ئۆيگە كەتمەمسىز؟
_ نىمە دېگىنىڭىز بۇ؟ مەن چۈشەنمىگەن يېرىمنى سورىدىم، قاش-كۆز ئېتىشمىدىم.
_ بولدى، بولدى، ماشىنىغا چىقىڭە، بالا يىغلاپ بىر بوپ كەتكەندۇ شۇ تاپتا. مەن بالىدىن ئەنسىرەپ دەۋاتىمەن جۇمۇ. باشقىچە ئويلاپ قالماڭ.
_ بىلىمەن.
_ نىمىنى بىلىسىز؟
_ سىزمۇ ئايقىزنى دەپ مۇشۇنداق دەۋاتىسىز، سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈشىڭىز، ماڭا كۈيۈنۈشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.
شېرزات ماشىنىنى جىددى تورمۇز قىلدى، مېھراي بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىغاچقا ئالدىدىكى ئەينەككە ئۈسۈۋالغىلى تاس قالدى، شېرزات ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدى.
_ خېلى ئۆزىڭىزنى بىلىدىكەنسىز ھە؟ _ مېھراي ئۇھسىنىپ قويدى. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، ئۇمۇ شېرزاتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان بولدى. مېھراينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مېھراي ماشىنىدىن چۈشكەندىن كېيىن شېرزاتمۇ چۈشتى.
_ ئۆيگە چىقىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېتەمسىز؟
_ مەن ئايقىزنى كۆرگىلى چىقىمەن جۇمۇ.
ئۇلار ئۆيگە كىردى، تېلېۋىزور قويۇقلۇق، ئايقىز كرىسلودا تىزگىنەكنى تۇتقان ھالەتتە ئۇخلاپ قالغان ئىدى. مېھراي قولىدىكى كىتابنى قويۇپ بېرىپ مېھراينى كۆتۈرمەكچى بولغان ئىدى، ئۇنىڭغىچە شېرزات بېرىپ بالىنى كۆتۈرگەن پىتى ھۇجرىغا ماڭدى. ئۇ ئايقىزنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ يوتقاننى يېپىشىغا ئايقىز ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. شېرزات ئۇنىڭ يېنىدا سىڭايان يېتىپ پەپىلەپ ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا ئاندىن چىقتى، بۇ چاغدا مېھرايمۇ كرىسلودا يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۇ ھۇجرىدىن بىر ئەدىيال ئېلىپ چىقىپ مېھرايغا يېپىپ قويۇپ ئاندىن ماڭدى.
......
فروزەنىڭ بىپايان شىركىتىگە قايىپ كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى چوڭ كۆلەملىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ نازى شىركىتىدىن ئادەم كۈچى ياردىمى تەلەپ قىلدى. بىپايان شىركىتىگە بارىدىغانلار تىزىملىكىدە مېھرايمۇ بار ئىدى، ئۇ بارماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى، نازىيە بىپايان شىركىتىدە پۇرسەت تېخىمۇ كۆپ دەپ ئۇنىمىدى. ئۇلار بىپايان شىركىتىگە بارغان كۈنى باش دېرىكتورنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىندى. كۈتۈۋېلىش ئۆيىدە تەخمىنەن يېرىم سائەتلەر ئولتۇرغاندىن كېيىن شېرزات ياردەمچىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇلارنىڭ يېنىغا كىردى. كۆپچىلىك ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى، مېھرايمۇ تۇردى، ئەمما بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ نازىيەنىڭ گېپى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، شېرزات ئۇنى قەستەن باھانە تېپىپ ئۆزى بىلەن يېقىنلاشماقچى دەپ ئويلاپ قالارمۇ؟
شېرزات ئۇلارنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى توغرىلىق قىسقىلا سۆز قىلدى، كەلگەنلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەمما مېھراي باشتىن ئاخىر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. شېرزات ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىدىكىلەرگە ئۇلارنى ئۆز خىزمەت تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مۇۋاپىق خىزمەت ئورنىغا تەقسىملەشنى تاپشۇردى. مېھراي ئۇنى ئەمدى چىقىپ كېتىدىغان بولدى دەپ تۇرغاندا ئۇ تۇيۇقسىزلا مېھراينىڭ ئالدىغا كەلدى.
_ سىز بازار پىلانلاش كەسپىنى ئۆگەنگەندىكىن، بازار بۆلۈمىگە كىرىپ بېشىدىن باشلاپ ئۆگىنىڭ.
فروزە ئەسلى مېھراينى ياخشىراق ئورۇنغا قويماقچى بولغان ئىدى، لېكىن شېرزاتنىڭ ئۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن، ئەمدى فروزەنى ئارىلىشىشىنىڭ ئورنى يوق ئىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ مېھراينى نازى شىركىتىگە قايتۇرىۋەتمىگىنىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. فروزە مېھراينىڭ قولىدىن يىتىلەپ بازار بۆلۈمىگە باشلاپ كىردى.
_ مېھراي، مەن شېرزاتنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن، بولمىسا سىزنى ياخشىراق ئورۇنغا.....
_ ھېچقىسى يوق، فروزە ئاچا. مۇشۇنداق بولغىنىمۇ بولدى. مەن بۇرۇن بۇنداق جايلاردا ئىشلەپ باقمىغان، ساپلا قارا ئىش قىلىپلا كەلگەن ئىدىم. مەن بىپايان شىركىتىدەك، نازى شىركىتىدەك چوڭ شىركەتلەردە ئىشلىيەلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ماڭا بۇ پۇرسەتنى نازىيە ئاچام بەردى، بۇ پۇرسەتنى چوقۇم قەدىرلەيمەن. تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن.
مېھراي ناھايىتى ئەدەبلىك، كىچىك پېئىل قىز. ئۇ بىپايان شىركىتىگە كەلگەندىن كېيىن پۇت قولىنى يىنىك قىلىپ، قانداقلا ئىش بولسا تالىشىپ تۇرۇپ قىلىپ باشقىلار بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىدىغان بويتاق يىگىتلەرمۇ كۆپەيدى.
_ مېھراي، بۈگۈن كەچتە بىللە تاماق يەپ كېلەيلىمۇ؟
_ مېھراي، بەك پەيزى كىنو چىقىپتۇ، بىللە كۆرۈپ كېلەمدۇق؟
ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەكرەك يېقىنچىلىق قىلىۋاتقىنى نۇرئەلى ئىسىملىك خىزمەتدىشى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مېھراينى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالدى. مېھراي بىپايان شىركىتىگە كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغىنى نۇرئەلى ئىدى. مېھراي رەت قىلىشتىن خىجىل بولدى.
_ سىزنى مەن تەكلىپ قىلسام بولا_ دېدى ئۇ. ئەمما ئۇلار شۇ كۈنى كەچلىك تاماقنى بىللە يىيەلمىدى، چۈنكى تۇيۇقسىز ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كېلىپ قالدى. تاماقنى بىللە يىيەلمىگەن بىلەن ئەتىسى نۇرئەلى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش قىلدى.
مېھراي ئىشقا كېلىپ، ئەمدى بازار بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىگە بىر دەستە قېپ قىزىل ئەتىرگۈل كۆتۈرىۋالغان نۇرئەلى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
_ مېھراي، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن. قىز دوستۇم بولۇشنى خالامسىز؟
كۆپچىلىك چۇرقىرىشىپ كەتتى. مېھراي ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ماقۇل بولمايدۇ، ئەمما مۇنداقلا رەت قىلىۋەتسە ئۇنىڭ يۈزىگە سەت بولارمۇ؟ ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا ئەتراپىدا قاراپ تۇرغانلار تۇيۇقسىز ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرىۋېلىشتى. مېھراي ئۆرۈلۈپ قارىغان ئىدى، ئىشىك تۈۋىدە قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرغان شېرزاتنى كۆردى، نۇرئەلىمۇ گۈلنى ئاستا يىغىشتۇرۇپ جايىغا بېرىپ ئولتۇرىۋالدى. مېھرايمۇ ئاستا جايىغا قاراپ ماڭدى، بايا ۋاراڭ چۇرۇڭ بولۇپ كەتكەن ئىشخانا تۇيۇقسىز قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ كەتتى. شېرزات ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ ئاندىن ماڭدى، ئۇ كەتكەندىن كېيىن ھەممەيلەن «ئۇھ» دىيىشتى. ئىشىك تۈۋىدىرەك ئولتۇرغان بىر قىز نۇرئەلىگە قاراپ ئاغرىندى.
_ سىزمۇ قىزىقكەنسىز؟ ئىشخانىدا كۆڭۈل ئىزھار قىلمىسىڭىزمۇ، كۆڭۈل ئىزھار قىلغۇدەك يەر چىقا بولغىيتتى. باش دېرىكتورنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىمىزنى يەرگە ئۇردىڭىزغۇ؟
نۇرئەلى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بىر نىمە دېمەكچى بولۇۋىدى، ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنىڭ ئاۋازى ئىشخانىغا يېقىنلاپ كەلدى، ئۇمۇ دېمەكچى بولغان گېپىنى يۇتۇۋەتتى.
_ سىلەر بەك بىكار بولۇپ قالغان ئوخشايسىلەر ھە؟ _ بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ گېپى بىلەن ھەممىسى بېشىنى تۆۋەن سالدى. بۆلۈم مەسئۇلى مېھراينىڭ ئالدىغا كەلدى.
_ باش دېرىكتور سىزنى ئىشخانىسىغا كىرسۇن دەيدۇ.
مېھراي ئورنىدىن ئاستا تۇرۇپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
_ مېھراي، تۈگەشتىڭىز، نۇرئەلى، سىزمۇزە تازىمۇ بىر ، قاراپ تۇرۇپ مېھراينى گەپكە قويىدىغان بولدىڭىز.
_ مېھراي، كەچۈرۈڭ، ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم.
شېرزاتنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى، مېھراي ئاستا بېرىپ ئىشىكنى يىنىك چەكتى.
_ كىرىڭە! _ شېرزات بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي شۇنداق دېدى.
_ مېنى كىرسۇن دەپتىكەنسىز.
_ بۇ يەرگە كىلەر كەلمەيلا سىزگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغانلار پەيدا بوپتۇ ھە.
مېھراي ئۇنىڭغا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي قالدى.
_ نازى شىركىتىنىڭ قائىدە تۈزۈمنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن شىركىتىمىزنىڭ خىزمەتچىلەر قوللانمىسىدا خىزمەتچىلەر ئىشقا چۈشۈپ ئۈچ يىلغىچە مۇھەببەتلەشسە بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
مېھراي گاڭگىراپلا قالدى.
_ قوللانمىنى مەن يادقا بىلىمەن، ئۇنداق ماددا يوققۇ.
_ ئەمدى بار بولىدۇ. مەڭ، بۇنى ئاچامغا ئالغانتىم، كىچىك كەپ قاپتۇ، قايتۇرغىلى بولمايدۇ، تاشلىۋەتسەم ئىسراپ بولىدۇ، سىز كىيىۋېلىڭ، ئەتە چوقۇم كىيىپ ئىشقا كېلىڭ ھە. بولمىسا بۈگۈنكى ئىش ئۈچۈن جازالايمەن _ شېرزاتنىڭ قولىدا بىر خالتا بار ئىدى. مېھراي جىددىيلىشىپ كەتكەچكىمۇ ئارتۇق ئويلىماي خالتىنى ئېلىپلا چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى دېگەندەك خىزمەتچىلەرگە يېڭى خىزمەتچىلەر قوللانمىسى تارقىتىپ بېرىلدى. ئۇ ئەتىسى شېرزات بەرگەن خالتىغا سېلىنغان، «فروزەگە ئېلىپ كىچىك كېلىپ قالغان كۆڭلەك»نى كىيىپ ئىشقا كەلدى. ئۇ شىركەت بىناسىغا كىرىپ تاكى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئىشخانىغا كىرگۈچە ھەممەيلەن ئۇنىڭغا يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي، ئۈستى بېشىم بىر قانداق بوپ قالدىمىكىن دەپ قاراپ باقتى، ئۇنداق ئەمەس.
_ ۋاھ، مېھراي، بۈگۈن باشقىچىلىغۇ؟_ دېدى بىر قىز خىزمەتدىشى ۋە كېلىپ مېھراينىڭ كۆڭلىكىنى سىلاپ كەتتى.
_ كۆڭلىڭىكىڭىزنى نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز؟ قاراڭلار، ھەقىقىيسىكەن، بۇ ماركىنىڭ ھەقىقىي مېلى بەك قىممەت، مەن ئالدىنقى قېتىم مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان كۆڭلەكنى 15 مىڭ يۈەن دەپ كۆرگەن ئىدىم. مېھراي، كۆڭلەكنى ئوغۇل دوستىڭىز سوۋغا قىلدىما؟ تازا پۇلدار بىرى ئوخشىمامدۇ؟
_ ياق، ياق، ئۇنداق ئەمەس. _ مېھراي نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلمەي قالدى. ئۇ كىيىملەرنىڭ ماركىسى دېگەنلەرگە قارىتا تازا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس، ئۇ ئاخشام كەچتە بۇ كۆڭلەكنى تۇتۇپ سىلاپ باققاندا رەختى بەك ياخشىكەن دەپ ئويلىغان، ئەمما بۇنچىۋالا قىممەت دەپ ئويلىمىغان ئىدى.
_ ئوغۇل دوستىڭىز بولمىسا كىممۇ بىكاردىن بىكار بۇنچىۋالا قىممەت پۇللۇق كىيىمنى سوۋغا قىلىدۇ، قانداق دېدىم؟
_ شۇ ئەمەسمۇ، بولدى، يوشۇرماڭە، مېھراي. نۇرئەلىگە ماقۇل دېمىگىنى بىكار ئەمەسكەن _ دېيىشتى ئەتراپتىكىلەرمۇ. نۇرئەلى بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئالدىدىكى ھۆججەتكە قارىغان بولۇپ ئولتۇرىۋالدى. مېھراي شېرزاتتىن قورقۇپ كۆڭلەكنى كىيىپ ئىشقا كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى. بۇ كۆڭلەكنىڭ بۇنچىۋالا قىممەت پۇللۇق ئىكەنلىكىنى بىلسە جازالىنىدىغان ئىش بولسىمۇ ھەرگىز كىيمەيتتى. مېھراي بۇ بىر كۈننى بەك تەستە كەچ قىلىپ، كەچتە ئايقىزنى ئالغىلى يەسلىگە باردى. ئۇ ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ نەچچە قەدەم مېڭىشىغا ئالدى تەرەپتىن بىر نەچچە ئەر كىشى چىقى ئۇنىڭ يولىنى توستى.
_ قىزچاق، تۇنۇشۇپ قالساق بولامدۇ؟
_ قىزچاق، تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭە، دوست بوپ قالايلى.
_ نىمە قىلماقچى سىلەر؟
ئارىسىدىكى بىرى سەت ھىجايدى.
_ ھېچنىمە قىلمايمىز، سىز بىلەن تۇنۇشۇپ، دوست بوپ قالايلى دېدۇق شۇ_ ئۇ شۇنداق دەپلا كېلىپ مېھراينىڭ بېلىكىنى تۇتماقچى بولدى، مېھراي دەرھال كەينىگە داجىدى.
_ مەن يالغۇز ئەمەس، دەل تۇرۇپ يولدىشىم كېلىدۇ.
_ جېنىم! _ مېھراينىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقىپ بولغۇچە شۇنچىلىك تۇنۇش ھەم يېقىملىق ئاۋاز مېھراينىڭ قۇلىقىغا كىرىپ دەرھال ئۆرۈلۈپ قارىدى. يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماشىنىسىنىڭ يېنىدا شېرزات تۇراتتى.
_ نىمانچە بالدۇر كېلىۋالدىڭىز؟ بالىنى ئالغىلى بىللە بارىمىز دېيىشكەنتۇققۇ، بىردەم ساقلاپ تۇرسىڭىز بولمامتى؟ - شېرزات شۇنداق دېگەچ يولدىن ئۆتۈپ مېھراينىڭ يېنىغا كلدى.
_ بۇلار كىملەر، دوستلىرىڭىزما؟
بايىقى بىر نەچچەيلەن شېرزاتنى كۆرۈپ ئۇيان بۇيان قاراپ، ئاغزىنى ئىسقىرتىپ كېتىپ قېلىشتى.
_ بايا مەن كېلىپ قالمىغان بولسام قانداق قىلار بولغىيتتىڭىز؟ يولدىشىم كېلىدۇ دەپ تېخى _ مېھراي بايا شېرزاتنىڭ ئۆزىنى «جېنىم» دەپ چاقىرغىنىنى ئويلاپ خىجىل بولۇپ يۈزى قىزىرىپ كەتتى.
_ مەن...مەن كىرىپ بالىنى ئېلىپ چىقاي.
_ مەنمۇ بىللە كىرەي. قارايسىزغۇ، مەن بالىنىڭ دادىسى بولغاندىكىن، كىرىپ قىزىم تۇرىدىغان يەسلىنى كۆرۈپ باقسام بولىدىغاندۇ؟
مېھراي شېرزاتتىكى ئۆزگىرىشتىن ھەيران قالدى. ئۇ تۈرمىدىن يېڭى چىققاندا ئايقىزنى بالام دەپ ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتى، كېيىنچە مېھرايغا، بالىغا ئاچچىقلاپ، قاپىقىنى تۈرۈپلا تۇرغاچقا، ئايقىزمۇ ئۇنى ھەر بىر كۆرسە قورقۇپ قاچىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش چوڭ. ئاچچىقى يامانلىقى ئۆزگەرمەپتۇ، ئەمما ئايقىزنى قىزىم دىيىشكە خېلى كۆنۈپتۇ. بايا سىرتتا ھېلىقى لۈكچەكلەرنىڭ دەخلىسى بىلەن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەچكە يەسلىدىكى بالىلارنى ئاساسەن ئېلىپ كېتىپ سىنىپىدا ئايقىز يالغۇز قېپ قالغان ئىدى. ئايقىزنىڭ دېرىزىدىن تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ مېھراينىڭ يۈرىكى شۇررىدە بولۇپ كەتتى. ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىشىغىلا ئايقىز يۈگۈرۈپ كەلدى.
_ ئاپا! _ ئايقىز يۈگۈرۈپ كېلىپ ئايقىزنىڭ كەينىدە تۇرغان شېرزاتنى كۆرۈپ جايىدا توختاپ قېلىپ پەس ئاۋازدا چاقىردى. _ دادا.
سىنىپتىكى ئويۇنچۇقلارنى يىغىشتۇرىۋاتقان مۇئەللىم ئايقىزنىڭ «دادا» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ، قولىدىكى نەرسىلەرنى قويۇپ ئورنىدىن تۇردى.
_ سىز ئايقىزنىڭ دادىسى بولامسىز؟ دائىم ئاپىسى ئالغىلى كەلگەچكە سىزنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بۈگۈن ئوبدان بىللە كەپسىلەر، سىلەرنى بىللە چاقىرتىپ پاراڭلىشاي دەپ تۇراتتىم.
شېرزات بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل خىجىل بولدى. مۇئەللىم ئېگىلىپ تۇرۇپ ئايقىزنىڭ قولىنى تۇتتى.
_ ئايقىز، شىرىنئاي مۇئەللىم بىلەن سىرتقا چىقىپ ئويناپ تۇرۇڭە، مېنىڭ دادىڭىز بىلەن ئاپىڭىزغا دەيدىغان گېپىم بار ئىدى.
_ ماقۇل.
يەنە بىر مۇئەللىم ئايقىزنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
_ سىلەر بىلەن ئايقىزنىڭ يەسلىدىكى ئەھۋالى توغرىلىق سۆزلىشەي دېگەنتىم، مېنىڭچە سىلەرنىڭمۇ بەك بىلگۈڭلار بارغۇ دەيمەن. ئايقىز بەك ئەقىللىق، گەپ ئاڭلايدىغان بالا، لېكىن ھەددىدىن زىيادە جىمغۇر، بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئوينىمايدۇ. ئەسلى ئۇنىڭ بۇ يېشىدا ئۇنداق جىمغۇر بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بەزىدە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ. ھە راست، بۇنىڭغا قاراڭلار.
مۇئەللىم بىر توپ رەسىم سىزىلغان قەغەزلەر ئارىسىدىن بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى ئالدىغا ئالدىغا يايدى.
_ بۇنىڭغا قاراڭلار، بۇ ئايقىز سىزغان رەسىم. ئايقىزنىڭ دادىسى، بۇ سىزكەنسىز، بۇنىڭغا سىزنىڭ ھەرخىل ھالەتلىرىڭىز سىزىلىپتۇ.
شېرزات قەغەزلەرنى قولىغا ئېلىپ بىر بىرلەپ قارىدى. بىر ۋاراقتىكىسىدە سىزىلغىنى بىر كۆۋرۈك، كۆۋرۈكتىن بىر بوۋاق ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقان، دادىسى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى تۇتىۋالماقچى بولىۋاتقان.
_ بۇ رەسىمنىڭ ئىسمى «مېنىڭ دادام بەك يامان».
شېرزات بىلەن مېھراي تەڭلا ھېلىقى ئىشنى ئېسىگە ئالدى، مېھراي بۇ ئىشنى ئايقىزغا بىر نەچچە قېتىم سۆزلەپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئۇ ئىشنى رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقىشىنى ئويلىمىغان ئىدى. ئىككىنچى پارچىسىدا بىر ئائىلىدىكى ئۈچەيلەن سىزىلغان، بۇ ئېنىقلا شېرزات، مېھراي ۋە ئايقىز ئىدى. ئايقىز بىلەن مېھراينىڭ يۈزى سىزىلغان، لېكىن شېرزاتنىڭ يۈزى قۇرۇق قويۇپ قويۇلغان ئىدى.
_ ئايقىزدىن نىمىشقا دادىڭىزنىڭ يۈزىنى سىزمايسىز دەپ سورىسام، دادام ئەزەلدىن ماڭا كۈلۈپ قاراپ باقمىغان، ئۇنىڭ كۈلگەن چىرايىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، شۇڭا سىزالمىدىم دەپ جاۋاب بەردى _ دېدى مۇئەللىم. شېرزات نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى.
_ بۇ ياققا كېلىپ قاراپ بېقىڭلارچۇ_ مۇئەللىم سىرتنى كۆرسەتتى. ئايقىز بىر مۇئەللىمنىڭ ھەمراھلىقىدا سېيرىلغۇچ ئويناۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىدا شادلىق كۈلكىسىدىن ئەسەرمۇ يوق.
مېھراينىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى.
_ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭلار، بالا تېخى كىچىك، ھېلىمۇ ئۈلگۈرەلەيسىلەر، بالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇڭلار. بالىغا نىسبەتەن ئاتا ئانىسىنىڭ ھەمراھ بولۇشىدىن كۆڭۈللۈك ئىش يوق.
ئايقىز قايرىلىپ قاراپ دېرىزىدىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ئاپىسىنى كۆردى.
_ ئاپا، ئوينىغىم كەلمىدى، ئۆيگە كېتەيلىچۇ؟
ئۇلار بىللە يەسلى دەرۋازىسىدىن چىقتى، ماشىنا تەرەپكە مېڭىپ بولۇپ شېرزات تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختاتتى.
_ ھازىر تېخى بالدۇركەن، ئۆيگە كەتمەيلى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















