
بۇ ئەسەرنىڭ 188-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181 |
182 |
183 |
| 184 |
185 |
186 |
187-قىسىم
ئۆتكۈر نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟
تىببىي داشۆدە ئوقۇغان ياكى ئىچىگە بىر كىرىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ ھويلىسىنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىدۇ. ئۆتكۈرمۇ قولىدا ئىككى پارچە كىتاب كۆتۈرىۋالغان ھالدا ئاشۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇر ئالغاچ ئوقۇتۇش بىناسىغا كېتىۋاتقان ئىدى، تۇيۇقسىز كەينىدىن بىرى چاقىردى.
_ ئۆتكۈر مۇئەلىم!
ئۇ دەرھال كەينىگە قارىدى، كەينىدە بىر قىز ئوقۇغۇچى ئۇنىڭغا تېلېفونىنى توغرىلاپ تۇرغان ئىكەن، قارىشىغىلا سۈرەتكە تارتىۋالدى. سۈرەتكە تارتقان قىز ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى، چۈنكى ئۆتكۈرنى چاقىرغىنى ئۇ ئەمەس، باشقا بىرەيلەننىڭ چاقىرىشى بىلەن قىزنىڭ سۈرەتكە تارتىشى بەكمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغان ئىدى، سۈرەتكە تارتقان قىز «كەچۈرۈڭ مۇئەللىم» دەپ قويۇپلا يۈگۈرگەن پېتى ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ كەتتى. ئۆتكۈرنى چاقىرغىنى ئۇنىڭ خىزمەتدىشى غېنى ئىدى. بايىقى ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆتكۈرگە چاقچاق قىلدى.
_ سېنى مۇئەللىم دەپ چاقىرمىسا ئوقۇغۇچىلار فورمىسى كىيىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەتسەڭمۇ چانمايسەن جۇمۇ.
_ نەدىكىنى. قېرىپ كەتتىم.
_ سەن بۇنداق دېسەڭ بىز ئۆزىمىزنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىمىز جۇمۇ. مېنىڭ يېشىم سەن بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، لېكىن خالىغان بىرەرىنى تۇتىۋېلىپ سوراپ باقە، مېنى سېنىڭ ئاكاڭكەن دېمىسە مانا مەن.
ئۇلار شۇنداق چاقچاقلاشقان پىتى ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ كەتتى. ئۆتكۈر خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئۇ ھەر دائىم سىنىپقا دەرس باشلىنىشتىن بەش مىنۇت بۇرۇن كىرىپ بولىدۇ، ئەمما بۈگۈن خىزمەتدىشى بىلەن پاراڭلىشىپ سەل ئاستا مېڭىپ قالدىمىكىن، سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە دەرسكە كىرىش قۇڭغۇرىقى چېلىندى. ھېلىمۇ ياخشى كېچىكىپ قالمىدى.
120 كىشىلىك بىرلەشمە سىنىپتا ئوقۇغۇچىلار لىققىدە ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى. ئەسلىدە ۋاراڭ – چۇرۇڭ بولىۋاتقان سىنىپ ئۇ كىرىشى بىلەنلا جىمجىت بولۇپ كەتتى. ئۇ ئادەتتە تۇرمۇشتا قائىدە-يۇسۇنغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەرس سۆزلىگەندىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەيدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ دەرسىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوقۇغۇچى يوق، ئۇنىڭ دەرىسىدە ئەزەلدىن بىرمۇ ئوقۇغۇچى روخسەت سورىمايدۇ. بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم ئۇنىڭ دەرىسىدە بىرىنچى رەتتە تالىشىپ ئولتۇرىۋالىدىغانلارنىڭ ھەممىسى قىز ئوقۇغۇچىلار.
ئۆتكۈر مۇنبەرگە چىقىپلا مۇنبەردە پارچە كونۋېرت تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئۈستىدە «ئۆتكۈر مۇئەللىمگە» دېگەن خەت يېزىقلىق تۇراتتى. خەتنىڭ نىمە مەزمۇندا يېزىلغانلىقىنى ئۇ پەرەز قىلىپ بىلىپ بولدى، چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىم بولغان ئىش ئەمەس. ئۇ خەتكە بىر قارىۋېتىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا بىر قارىدى. بايا ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ھېلىقى قىز بېشىنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرەلمەي ئولتۇراتتى. بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈلشەن، ئۇ دەرستە خېلى ياخشى، ئۆتكۈرنىڭ دەرىسىدىلا شۇنداقمۇ يا ھەممە دەرسلەردە ئوخشاشمۇ، ئىشقىلىپ ئۇ سۇئال سورىسىلا گۈلشەن دائىم قول كۆتۈرۈپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۆتكۈر خەتنى بىر يانغا سۈرۈپ قويۇپ دەرىسىنى باشلىدى. ئۇ دەرس سۆزلىگەندە سىنىپتا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ىكتابلارنىڭ شاراقلىغان ئاۋازىلا ئاڭلىنىدۇ. ئۇ دەل مۇشۇنداق ھالەتنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ دەرسىنى سۆزلەپ بولاي دېگەندە تۇيۇقسىز بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ مۇئەللىم، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
ئوقۇغۇچىلار دەسلەپتە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، كەينىدىن «ھۇ.....» دەپ توۋلىشىپ كەتتى. گەپ قىلغىنى گۈلشەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۆتكۈر مۇشۇنداق جۈرئەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئامراق، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدىمۇ مۇشۇنداق جۈرئەت بولغان بولسا ھازىر بەلكىم ئىشلار باشقىچە بولار ئىدى. ئۆتكۈر قىزنىڭ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى، ئەمما بەزى كەپسىزرەك ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا دەرستىن چۈشۈش قۇڭغۇرىقى چېلىندى.
_ ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ۋاقتىڭلار ئىنتايىن چەكلىك، شۇڭا ھەر بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىنى قەدىرلەپ، ھەر بىر بىلىم نۇقتىسىنى پۇختا ئىگەللەشكە تىرىشىشىڭلار كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن دەرس ۋاقتىدا دەرسكە مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. دەرستىن چۈشۈڭلار.
ئۇ كىتابلىرىنى كۆتۈرۈپ ئەمدى كارىدورغا چىقىشىغا كەينىدىن بىرى چاقىردى، ئۇ كەينىگە قارىغان ئىدى، بايا سىنىپتا ئۇنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن قىز _ گۈلشەن ئىدى.
_ ئۆتكۈر مۇئەللىم، سىز قانداق تىپتىكى قىزلارنى ياخشى كۆرىسىز؟
ئالدىدىكى بۇ قىز ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا ئۆتكۈرنىڭ ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سالماسلىقى ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيۋاتقان بولسا كېرەك.
_ ئىشقىلىپ سىز مەن ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى قىز ئەمەس، يەنە كېلىپ ھازىر سىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپەڭلار ئۆگىنىش، كاللىڭىزنى باشقا ئىشلارغا چاچماي تىرىشىپ ئوقۇڭ. چۈشەندىڭىزما؟
ئۇ شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ كېتىۋەردى، كەينىدىن قىزنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويماي كېتىۋەردى. ئۇ ئەمدى ئىشخانىغا كىرىشىگە غېنى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلىدى.
_ ئاڭلىسام بۈگۈن سىنىپتا بىر ئوقۇغۇچى ساڭا كۆڭۈل ئىزھار قىپتۇغۇ؟ ھازىرقى بالىلار بەك يۈرەكلىك ھە. سەنمۇچۇ، بۇنداق يۈرىۋەرمەي، تۇرمۇش ئىشىڭنى ئويلاش ئەمدى. بولمىسا بۇنداق ئىشلار يەنە بولىدۇ.
ئۆتكۈر مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋەردى. خىزمەتدىشى كەتكەندىن كېيىن ئۇ تارتمىسىنىڭ ئەڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان سۈرەت رامكىسىنى قولىغا ئالدى. بۇ ئۇ چوڭ دادىسىنىڭ يېنىدىن ئەكىلىۋالغان نازىيە ئىككىسى بىللە چۈشكەن سۈرەت ئىدى. سۈرەتتىكى نازىيە شۇنچىلىك ساددا، سەبى ئىدى. ئۇ كىچىكىدە ئىنتايىن مىس-مىس قىز ئىدى. ھەر كۈنى مەكتەپكە ماڭىدىغان چاغدا ئۆتكۈر بىنانىڭ ئالدىدا ئۇنى خېلى ئۇزۇن ساقلايتتى.
_ نازىيە، تېز بولۇڭ، كېچىكىپ قالىمىز_ ئۇ يۇقىرىغا قاراپ شۇنداق دەپ توۋلايتتى.
_ ھە مانا!_ دەيتتى نازىيە بېشىنى دېرىزىدىن چىقىرىپ.
ئۆتكۈر ئۇنى ساقلاپ تاقىتى تاق بولغاندا نازىيە سەكرەپ-تاقلاپ چۈشەتتى. تېز تېز بولسىڭىز بولمامدۇ؟ قىز بالىمۇ مۇشۇنداق مىس – مىس بولامدۇ؟ مېنىمۇ كېچىكتۈرىدىغان بولدىڭىز.
_ مەن سىزنى ساقلاڭ دېمىگەن، كېتىۋەرسىڭىز بولمامتى؟
ئۆتكۈر ئۇنداق دەپ قاخشاپ قويغىنى بىلەن يەنە نازىيەنى ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ مەكتەپكە ماڭاتتى. ئەمدى ئويلاپ باقسا ھەر كۈنى ئۇنى ۋېلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ مېڭىشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالەمچە بەخت ئىكەنتۇق. كىچىك چېغىدا شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى نازىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆيدە بولمىسا، ئۇ يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئېلىپ نازىيەنى چاقىرىپ مەھەللىدىكى كالا گۆشى ئۈگرىخانىسىغا ئەكىرىپ كالا گۆشى ئۈگرىسى ئېلىپ بېرەتتى، نازىيە يۇمغاقسۈت يىمەيتتى، ئۇ چىنىسىدىكى يۇمغاقسۈتنى چوكا بىلەن تېرىشقا باشلىغاندا ئۆتكۈر چىنىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قوياتتى، نازىيە بىر تال بىر تالدىن ئېلىپ ئۇنىڭ قاچىسىغا سالاتتى. نازىيەنىڭ چاچ بۇغقۇچى بوشاپ چۈشۈپ كېتىپ، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ چېچىنى بۇغالمىغاندا ئۆتكۈر چاچ بۇغقۇچنى ئېلىپ ئۇنىڭ چېچىنى بۇغۇپ قوياتتى، بۇنى كۆرگەن كەپسىز بالىلار «ئۆتكۈر نازىيەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۆتكۈر نازىيەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ» دەپ توۋلىشىپ كېتەتتى.ئۇ چاغدا نازىيەمۇ ياخشى كۆرۈش دېگەننىڭ نىملىكىنى بىلمەيدۇ ئەلۋەتتە، ئەمما بالىلارنىڭ ئۇنداق توۋلاشقىنىنى ئاڭلىسىلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كىتەتتى، ئۇ جىلى بولغانچە بالىلار تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىشاتتى. ئۆتكۈرمۇ ياخشى كۆرۈش دېگەن تۇيغۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەمما بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغاندا سەل باشقىچە بولۇپ قالاتتى.
_ نىمىگە قاراپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭ؟ ئەكىلە، كىمنىڭ سۈرىتى بۇ؟ تۇنجى مۇھەببىتىڭما؟_ خىزمەتدىشى غېنىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى.
_ ھەئە، تۇنجى مۇھەببىتىم _ دېدى ئۆتكۈر.
_ سۈرەتكە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭدىن قارىغاندا ئۇنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئوخشىمامسەن؟ قىز ئوقۇغۇچىلار ئۆتكۈر مۇئەللىمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بارلىقىنى بىلسە قاتتىق زەربە بولىدىغان بولدى دە. قىزلار ساڭا ئامراق بولغاننىڭ يېرىمىچىلىك بولسىمۇ ماڭا ئامراق بولغان بولسىچۇ؟
_ غېنى مۇئەللىم، ئوبرازىڭىغا دېققەت قىل ھە.
_ ھەرقانچە ئوبرازىمغا دېققەت قىلساممۇ، مەنمۇ مۇھەببەتكە ئىنتىلىمەن دە.
ئۇلار پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۆتكۈرنىڭ تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلدى، نازىيە ئۇلارنىڭ ئۈندىدار توپىغا ساياھەت قىلغاندىكى سۈرەتلىرىنى يوللىغان ئىدى، ھەر بىر پارچە سۈرەتتە نازىيەنىڭ كۈلۈشىدىن مۇھەببەت ھىدى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن نازىيە كيۇ كيۇدا ئۆتكۈرگە بىر دوختۇر بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ شاڭخەيدىكى مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتاتتى، تېلېفون ئىكرانىدىكى ئۇچۇرنى كۆرۈپ گېپىنى تاپالماي قالغان ئىدى. شۇ چاغدا ئۇ نازىيەنى بەختىنى تاپتى دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما كېيىن نازىيە يەنە ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆچۈپ قالاي دېگەن ئۈمىد شاملىرى قايتا يانغان، ئۇ نازىيەنىڭ قولىنى ئەمدى بولسىمۇ قويۇۋەتمەسلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شاڭخەيدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭ ئالىبۇرۇن ئۆزىنىڭ نەۋرە ئاكىسى ئۈمىد بىلەن توي قىلىۋالغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. گەرچە ئۇ ئۈمىدنىڭ يېنىدىمۇ نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى تارتقان بولسىمۇ ھازىر ھەممە ئىشلار ئاخىرلىشىپ ئۇمۇ ھەقىقىي بەختىنى تاپتى. ئۆتكۈر نازىيە ئۈچۈن ھەم خۇش بولدى ھەم يەنە يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشتى. ئۇ ھازىر يالغۇز ئىشقا بارىدۇ، يالغۇز تاماق ئېتىپ يەيدۇ، يالغۇز تېلېۋىزور كۆرىدۇ، ئىچى پۇشۇپ قالسا تېلېفونىنى ئويناپ يېتىپ ئۇخلاپ قالىدۇ.
بۈگۈن كەچ ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى. تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرىۋېتىپ، فروزەنىڭ بىر مىنۇت بۇرۇن يوللىغان مەزمۇنىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ يول چىرىقى ئاستىدىكى ئۆزىنىڭ سايىسىنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ، ئۈستىگە «تەنھا سايە» دەپ يېزىپ قويغان ئىدى. ئۇ مەزمۇننىڭ ئاستىغا بىر تال يۈرەك بېسىپ قويدى. بىردەمدىن كېيىنلا فروزەدىن ئۇچۇر كەلدى.
_ تېخى ئۇخلىمىدىڭىزما؟
_ ياق تېخى، ئۇيقۇم كەلمەي.
_ ئۇيقۇڭىز كەلمىگەن بولسا كېچىلىك تاماق يەپ كىلەمدۇق؟ كەچلىك تاماقنى يىگۈم كەلمىگەن، قۇرسىقىم ئېچىۋاتىدۇ.
ئۆتكۈر ئىكرانغا قاراپ ئىككىلىنىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. كەينىدىنلا فروزەدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.
_ قۇرسىقىڭىز توق بولسا چىقمىسىڭىزمۇ مەيلى جۇمۇ. ئۆزۈم يالغۇز يەپ كەلسەممۇ بولىۋېرىدۇ.
_ ياقەي، مېنىڭمۇ قۇرسىقىم ئېچىپ تۇرغان، قەيەردە كۆرۈشىمىز؟
ئۆتكۈر ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىمىنى كىيىپ، فروزە دېگەن ئاشخانىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز تېلېفونى سايرىدى، ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ «ماقۇل» دەپلا ماشىنىنىڭ بېشىنى بۇراپ شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا ماڭدى. تېلېفون قىلغىنى غېنى مۇئەللىم ئىدى، ئۇ ئۆتكۈرگە تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق خەۋەردىن بىرنى يەتكۈزگەن ئىدى. بۈگۈن سىنىپتا ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ھېلىقى گۈلشەن دېگەن قىز ئۇيقۇ دورىسى يەپ ئۆلۈۋالماقچى بوپتىكەن، ھېلىمۇ ياخشى ياتاقداشلىرى ۋاقتىدا بايقاپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىپتۇ.
ئۇ دوختۇرخانىغا بارغاندا بىر ئوقۇغۇچى دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، ئۇ ماشىنىسىنى توختىتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ماڭغاچ فروزەگە ئۇچۇر يېزىۋەتتى.
_«كەچۈرۈڭ، بىر ئوقۇغۇچۇم ئۇيقۇ دورىسىنى كۆپ يەپ ئۆلۈۋالماقچى بوپتىكەن، ھازىر دوختۇرخانىدىكەن. بارالمايدىغان بولدۇم. مەن ھازىر شەنخۇا دوختۇرخانىسىدا».
جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىدا ب ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، گۈلشەننىڭ ئۆيىدىكىلىرى بولۇپ بەك جىق ئادەملەر بار ئىدى. ئۆتكۈر بېرىشىغا غېنى مۇئەللىم ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەتنى ئۇزاتتى.
_ مە، بۇ گۈلشەننىڭ ساڭا يازغان خېتى ئىكەن.
ئۆتكۈر خەتنى قاتلاپ يانچۇقىغا سېلىپلا جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىنىڭ ئالدىغا باردى.
_ گۈلشەننڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن؟
_ دوختۇرخانىغا ھېلىلا ئېلىپ كەلدۇق، ھازىر ئاشقازىنىنى تازىلاۋاتىدۇ_ دېدى غېنى مۇئەللىم.
ھېلىمۇ دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئېلىپ كېلىنگەچكە، ئاشقازىنىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىنلا گۈلشەن ئاساسەن خەتەردىن قۇتۇلدى. ئۆتكۈر ئاخىرى «ئۇف» دەپ يانچۇقىغا بايا قاتلاپ سېلىۋالغان خەتنى چىقىرىپ بىر چەتكە ئۆتۈپ ئوقۇدى.
_« ئۆتكۈر مۇئەللىم، سىز ماڭا سىز مەن ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى قىز ئەمەس دېدىڭىز، بۇ گېپىڭىزنى ئاڭلىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى ئەمەسمۇ، شۇڭا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىغا كەلدىم. ئەڭ ئاخىرىدا سىزگە يەنىلا دەيدىغىنىم: مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن»
خەت مانا مۇشۇنداق قىسقىلا يېزىلغان ئىدى. ئۆتكۈر خەتنى يەنە قاتلاپ يانچۇقىغا سالدى. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھەممەيلەن «گۈلشەن ھۇشىغا كەلدى» دېيىشىپ، بىرلەپ ئىككىلەپ كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتى. ئۆتكۈر سەل ئاخىرىدىراق كىردى.
_ مۇئەللىم! _ گۈلشەن ئۆتكۈرنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ مىدىرلىدى.
_ بولدى،جىم يېتىڭ! _ دېدى ئۆتكۈر.
_ مۇئەللىم، مەن سىزنى راستلا بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ بالىلىق قىلىپ قىلىۋاتقىنىم ئەمەس...
بىر چەتتە قاراپ تۇرغان گۈلشەننىڭ ئاپىسى دەرھال قىزىنىڭ يېنىغا كەلدى.
_ ھېلىمۇ يۈزىمىز يەر بولدى، يەنە دەۋاتقان گېپىنى بۇ بالىنىڭ. مۇئەللىم، ئالدىڭىزدا بەك سەت بولدى.
_ ياقەي، سەت بولغۇدەك ئىش يوق. بالا ئەمەسمۇ ! _ دېدى ئۆتكۈرمۇ.
_ مۇئەللىم، سىز مېنى سىز ياخشى كۆرىدىغان تىپتىكى قىز ئەمەس دېدىڭىز، ئۇنداقتا سىز قانداق قىزلارنى ياخشى كۆرىسىز؟ سىز مېنىڭ سىز ياقتۇرمايدىغان تەرەپلىرىمنى دېسىڭىز مەن ئۆزگەرتەي.
ئۆتكۈر چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ گۈلشەندىن سورىدى.
_ سىز مېنىڭ قەيىرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟
گۈلشەننىڭ ئاپىسى ئەمدى تۇرىۋېرىشنى بىئەپ كۆردى بولغاي، قايناقسۇ ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ چايداننى كۆتۈرۈپ سىرتقا ماڭدى. گۈلشەن ئۆتكۈرنىڭ بۇنداق سورىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك، سەل تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.
_ مەنمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم تەقى-تۇرقىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن، ياكى ئاۋازىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغاندىمەن، ئىشقىلىپ، مەن سىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان.
_ مېنىڭ قىز دوستۇم بار! _ دېدى ئۆتكۈر تۇيۇقسىزلا. گۈلشەن دەسلەپتە ھەيران قالدى كەينىدىن بېشىنى چايقىدى.
_ يالغان. سىز مەكتەپكە كەلگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولدى، ھازىرغىچە سىزنى قىز دوستى بار دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم.
_ ئۇ راست دەيدۇ، قىزچاق! _ ئۆتكۈر گۈلشەننى قانداق قىلىپ بۇ يالغىنىغا ئىشەندۈرۈشنى ئويلاپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز فروزەنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. گۈلشەنمۇ ھەيران بولۇپ بىر فروزەگە بىر ئۆتكۈرگە قاراپ قالغان ئىدى. فروزە كارىۋاتنىڭ ئالدىغا كەلدى.
_ ئىككىمىز كېچىلىك تاماق يەيدىغانغا دىيىشىپ كۆرۈشەيلى دەپ تۇرغاندا ئۇ تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا ماڭدىم دەپ تېلېفون قىلغانتى، مەنمۇ ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە كەلدىم. كېرەك يوق، تاماق دېگەننى قاچان يەۋالساق بولىدۇ ، سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم.
ئۆتكۈر فروزەنى دوختۇرخانىغا كېلىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ كەلگىنىمۇ بەك ياخشى بولدى. گۈلشەن فروزەگە قاراپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن كۆزىنى يۇمدى.
_ قىزچاق، ئادەمگە نىسبەتەن ھاياتلىقتىن قىممەتلىك نەرسە يوق، ئەمدى بۇنداق ئەقىلسىزلىق قىلماڭ. ئالدىڭىزدا يول تېخى ئۇزۇن. بولامدۇ؟
دەل مۇشۇ چاغدا بالنىستقا بىر نەچچە قىز ئوقۇغۇچىلار كىردى ۋە ئۆتكۈر بىلەن فروزەگە سالام قىلدى. ئارىدىكى بىر قىز گۈلشەننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ بىر نىمىلەرنى دېدى، گۈلشەن فروزەگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاۋاتقان قىز ئۇنى بىر چىمداپ قويۇۋىدى، ئاندىن ئۇ كۆزىنى باشقا ياققا يۆتكىدى.
_ مۇئەللىم، ئەمدى بۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلمايمەن. سىزنىمۇ ئاستا -ئاستا ئۇنتۇپ كېتىمەن. خاتىرجەم بولۇڭ. ئاتا-ئانام ئۈچۈن بولسىمۇ ياخشى ياشايمەن.
قارىماققا ئۇنىڭ راستلا كاللىسىدىن ئۆتكەندەك قىلاتتى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















