
بۇ ئەسەرنىڭ 135-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134-قىسىم
_ تايران ئاكا، مۇشۇ شۇمۇ؟ _ سورىدى ھېلىقى سۈرەت كۆتۈرۈپ كىرگىنى.
_ دەل ئۆزى شۇ، ئۇ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسىمۇ تونۇۋالىمەن_ تايران دېگىنى گەپ قىلغاندا ئاچچىقتىن چىشلىرى كىرىشىپ كېتىۋاتاتتى. سۈرەت كۆتۈرۈپ كىرگىنى ئورۇندۇقنى تارتىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ئۇ ئاۋۋال ئەتراپقا بىر كۆز يۈگۈرتتى ۋە ماڭا قارىدى. مەن دەرھال ئالدىمدىكى چاينى قولۇمغا ئالدىم، قولۇم تىترەپ كېتىۋاتاتتى. دەرھال ئىستاكاننى قويۇپ سومكامدىن نائۇشنىكنى ئېلىپ قۇلىقىمغا تىقىپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرىۋالدىم. ئۇ مېنىڭ ئۆزلىرىگە دېققەت قىلمىغىنىمنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن بېشىنى سەل تۆۋەن قىلىپ ئۇلارغا دېدى:
_ ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
_ پىلان بويىچە ئىش قىلىمىز.
تايراننىڭ بۇ گېپى بىلەن يۈرىكىم «جىغغىدە» قىلىپ قالدى.
_ ئۇنى ئالداپ مېھمانسارايغا ئاپىرىدىغان ئىش قانداق بولدى؟
_ مەن قاچان ئىشنى جايىدا بىجىرمەي باققان، ئاكا،خاتىرجەم بولۇڭە، ھەممە ئىشلار جايىدا.
_ بالىلارغا ئېيت، بۈگۈن كەچ ھۇشيار تۇرسۇن، كىم ئىشنى بۇزۇپ قويىدىغان بولسا مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيدۇ.
_ خاتىرجەم بولۇڭ.
_ ئۈمىد دېگەن ئەبلەخنىڭ پەيمانى توشتى.
ئالدىمدىكى چاينى ئىچىپ پەرۋاسىز قىياپەتتە ئولتۇرغىنىم بىلەن كاللام قالايمىقان بولۇپ كەتتى. دەل مۇشۇ چاغدا تېلېفونۇم سايرىدى. ياندىكى ئۈستەلدىكى ئۈچەيلەن دەرھال ماڭا قارىدى. تېلېفون ئۈمىدتىن كەلگەن ئىدى. نائۇشنىكنى ئالمايلا تېلېفوننى ئالدىم.
_ مەلىكەم، سىزنى بەك سېغىندىم.
ئۇنىڭ ھەردائىم يۈرىكىمگە ئارام بېرىدىغان بۇ ئاۋازىدىن بۈگۈن ئەندىكىپ چۈچۈپ كىتىۋاتاتتىم.
_ مەنمۇ سىزنى سېغىندىم، يېنىمغا كەلسىڭىز يېڭى يىلنى بىللە ئۆتكۈزەيلىچۇ؟ _ دېدىم مەن ئامال بار چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ. ياندىكى ئۈستەلدىكىلەر جىمجىت ئولتۇرۇپ مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاۋاتاتتى.
_ مەلىكەم، بۈگۈن بەك مۇھىم ئىشىم بار، بۈگۈن يېنىڭىزغا بارالمايمەن، باشقا بىر كۈنى باراي، بولامدۇ؟
_ ئەتە يېڭى يىل، ھەممەيلەن دەم ئالغاندۇ؟ نېمىگە ئالدىراش بولىسىز؟
ئۈمىد كۈلۈپ كەتتى ۋە مېنى بەزلىگەندەك ئاھاڭدا گەپ قىلدى.
_ ئۇماق خوتۇنۇم، بۈگۈن بەك مۇھىم ئىشىم بار، شۇنى پۈتتۈرىۋېتىپلا يېنىڭلارغا قاراپ ماڭىمەن. بالىلار نىمىش قىلىۋاتىدۇ؟ ھەممىڭلارنى بەك سېغىندىم. تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ئۈندىداردا ئىكرانلىق سۆزلىشەيلى، بالىلارنى كۆرىۋالاي_ دېدى ئۇ .
_ بالىلار ئۇخلاپ قالدى، ئەتە كۆرۈڭ _ دېدىم مەن ئالدىراپ تىنەپ.
_ ھە، مەيلى ئەمىسە، سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ، مەلىكەم. خوش.
_ بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىڭ_ دېدىم مەن جىددىيلا. ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
تەخمىنەن بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئۈمىد شىركەتتىن چىقتى، يېنىدا ئالىم بار ئىدى.
_ چىقتى _ بايا سۈرەت كۆتۈرۈپ كىرگىنى شۇنداق دېدى.
ئالىم بىلەن ئۈمىد ماشىنا توختىتىش مەيدانى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. تايران ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى، كەينىدىن قالغان ئىككىيلەنمۇ ئۈستەلدىكى سۈرەتلەرنى يىغىشتۇرۇپ كەينىدىن ماڭدى. ئۇلار ئالدىراپ ماڭغاچقا قولىدىكى سۈرەتتىن بىر پارچىسى پۇتۇمنىڭ يېنىغا چۈشتى. سۈرەت كۆتۈرۈپ كىرگىنى ئالاقىزادە بولۇپ كېلىپلا ئېڭىشىپ سۈرەتنى ئالدى ۋە ماڭا قارىدى.
_ بەك چىرايلىقكەنسىز، خانقىز!
_ ماڭە، نىمىگە تۇرىسەن_ دېدى تايران.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مەنمۇ ئۈستەلگە يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى قويۇپ قويۇپلا سىرتقا چىقتىم. ئۈمىدنىڭ ماشىنىسى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن چىقىپلا بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭدى. مەنمۇ بىر تاكسى توسۇپلا كەينىدىن ماڭدىم. ماشىنا بىر مېھمانساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە ئۈمىد چۈشتى. ئالىممۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئاچقۇچنى مېھمانساراي مۇلازىمەتچىسىگە تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئىككىيلەن مېھمانساراينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ تاكسىدىن چۈشۈپ ئىچىگە كىردىم ۋە ئۇدۇل لىفىتنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇلار ئاللىبۇرۇن لىفىتقا چىقىپ ئۈستىگە چىقىپ كەتكەن ئىدى. قاراپ تۇرسام لىفىت 5-قەۋەتتە توختىدى. ئۇنىڭغىچە ياندىكى لىفىت كەلدى، تېزلىكتە چىقىپ 5-قەۋەتنى باستىم. 5-قەۋەت پۈتۈنلەي زىياپەت ئايرىمخانىلىرى ئىكەن، لىفىتتىن چىقىپلا قاياققا مېڭىشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بۇ چاغدا ئەڭ ئىچى تەرەپتىكى لىفىتتىن«تىرىڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقتى، دەرھال پەلەمپەي بار يەرگە كىرىۋالدىم.
_ ئۈمىدنىڭ دىيار ئايرىمخانىسىغا كىرىپ كەتكىنى ئېنىققۇ ھە؟_ بۇ تايراننىڭ ئاۋازى ئىدى.
_ ئېنىق ئاكا.
_ يۈرۈڭلار.
بېشىمنى ئاستا چىقىرىپ ئۇلار كىرىپ كەتكەن ئايرىمخانىغا قارىدىم. دەل شۇ چاغدا ئىككى قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ بۈگۈن بارمىسام زادىلا بولمايتتى، قانداقمۇ قىلارمەن؟
_ شۇنى دەيمەن، قانداق قىلارسەن؟ ئورنۇڭغا ئىشلەپ تۇرىدىغان ئادەم تاپالىغان بولساڭمۇ بۇنداق قىينىلىپ كەتمەيتتىڭ.
_ ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ بىر ئامال تېپىشىپ بەرگىنە.
ئاۋازىدىن ئۇلارنىڭ مېھمانساراينىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھازىر لىفىتتىن چۈشكەن قىياپەتتە لىفىتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارنى چاقىردىم.
_ قىزلار، سىلەردىن بىر گەپنى سوراي دېگەن.
ئىككىيلەن تەڭلا كەينىگە قارىدى،ئۇلارنىڭ قولىدا پەتنۇس، پەتنۇستا ئىستاكان بار ئىدى.
_ مەن ۋاقىتلىق ئىشلەيدىغان ئىش بارمىكىن دەپ كەلگەنتىم. پەستە بىردەم تۇرۇپ باقسام مەن گەپ سورىغۇدەك ئادەم چىقمىدى، شۇڭا بىرەرى چىقىپ قالار دەپ مۇشۇ قەۋەتكىلا چىققانتىم_ دېدىم.
قىزلار بىر بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالدى.
_ سائەتلىك ئىشلىسەممۇ مەيلىتى. مەن بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگەن، تېخى مۇقىم ئىش تاپالمىدىم، قۇساقنىڭ غېمىنى بولسىمۇ قىلىپ تۇراي دېگەنتىم_ دېدىم يەنە.
_ ئاداش، ئىشىڭ پۈتتى _ قىزلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە شۇنداق دەپ پىچىرلىدى ۋە ماڭا قارىدى.
_ بۇ يەرگە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەيدىغان خىزمەتچى ئالىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىر كۈن سىناق ئىشلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسىڭىز ئىشلەپ قالسىڭىز بولىدۇ.
يېنىدىكى قىزمۇ ھەئە دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
_ بەك ياخشى بولدى، ئەمىسە ھازىرلا ئىشقا چۈشسەم بولارمۇ؟_ دېدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ.
_ بولىدۇ. بۇ دوستۇمنىڭ بۈگۈن جىددى ئىشى بار ئىدى، سىز ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشلەپ تۇرۇڭ، ئەگەر ئىشنى ياخشى قىلالىسىڭىز دېرىكتورغا ياخشى گېپىڭىزنى قىلىپ سىزنى ئېلىپ قالىدىغاننىڭ يولىنى قىلىشىپ بېرىمىز_ دېدى ھېلىقى قىز.
_ ماقۇل، ماقۇل_ دېدىم مەن خۇشال بولۇپ.
كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ، بايىقى قىز ئۇچىسىدىكى خىزمەت كىيمىنى سېلىپ ماڭا بەردى.
_ بۇ پەتنۇستىكى ئىستاكاننى قايسى ئايرىمخانىغا ئەكىرەتتىڭلار؟ مەن ئەكىرىپ بېرەي_ دېدىم مەن. بۇ يەردە تۇرغىنىم بىلەن ئۈمىدتىن ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتىم.
_ دىيار ئايرىمخانىسىغا _ دېدى قىز كىيمىنى كىيگەچ.
_ ماقۇل، مەن ئەكىرىپ بېرىپ چىقاي ئەمىسە.
ئۇلار دېگەن ئايرىمخانىغا كېتىۋاتىمەن، كۆڭلۈمدە ئۈمىدتىن ئەنسىرەپلا تۇرىمەن. دىيار ئايرىمخانىسى ئەڭ ئىچكىرىدىكى ئايرىمخانا ئىكەن. ئىشىكنى ئېچىپ ئاستا كىردىم. كۈتكۈچىلەر كىرىپ چىقىپ يۈرگەچكىمۇ ماڭا ھېچكىم دېققەت قىلمىدى. مەن قولۇمدىكى ئىستاكانلارنى يان تەرەپتە تۇرغان كىچىك ئۈستەلگە قويغاچ ئايرىمخانا ئىچىگە نەزەر سالدىم. ئايرىمخانا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدەك ئېسىل بېزەلگەن، ئۈستەلگە تىزىلغان چوكا، قوشۇقلاردىن تارتىپ ئېسىللىقى چىقىپلا تۇراتتى. ئايرىمخانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇمىلاق ئۈستەلدە تۆت ئادەم ئولتۇراتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈمىد يوق. ئۇلار بايا ئۈمىدنى مۇشۇ ئايرىمخانىغا كىرىپ كەتتى دەۋاتقان ئىدىغۇ، ئۇ قېنىدۇ؟
_كەچۈرۈڭلار، كېچىكىپ قالدىم.
ئاھ، ئۇنىڭ ئاۋازى. چاندۇرماي كەينىمنى قىلىپ ، ئىستاكانلارنى سۈرتكەن بولۇپ تۇرىۋالدىم.
_ بۇ ئىشىڭىز بولمىدى، ئۈمىد ئەپەندى، بىز سىزنى ساقلىغىلى نەۋاق. سەل تۇرۇپ جازا ھارىقى ئىچىسىز جۇمۇ.
_ سىلەردەك كاتتا خۇجايىنلارنى ساقلىتىپ راست بەك سەت ئىش قىلدىم. جازا ھارىقىنى قانچىلىك ئىچ دېسەڭلار شۇنچىلىك ئىچەي.
بۇرۇن ئۇنىڭ بۇنداق سورۇنلارغا كۆپ بېرىشىنى ياقتۇرمايتتىم، ئەمما ئۆزۈممۇ سودا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بەزىدە مۇشۇنداق زۆرۆرىيەتنىڭ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ چۈشىنىپ يەتتىم.
تايرانلارنىڭ پىلانى زادى قانداق پىلاندۇ؟ تايراننىڭ گەپ سۆزىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۈمىد بىلەن قاتتىق ئۆچ ئاداۋىتى باردەك قىلىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار ئۈمىدكە قانداق ئۇسۇلدا قول سالماقچىدۇ؟
ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشتى. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ بىر كۈتكۈچى ئەر تاماق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كىردى. ئۇنىڭغا قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم. ئۇ تايران ئىدى. تايران تاماق ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئۈستەلنىڭ يېنىغا بېرىپ تەخسىلەرنى ئېلىپ ئۈستەلگە تىزدى، ئولتۇرغانلار ئۇنىڭغا دېققەت قىلمىدى. قورققىنىمدىن لاغىلداپ تىترەپ كېتىۋاتاتتىم. ئۈمىدنىڭ ئولتۇرغان ئورنى سەل ئىچىدىرەك، تايران قول سالاي دېسىمۇ ئەپسىزلا بىر ئورۇن ئىدى. ئولتۇرغانلاردىن بىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى سەل بىنورمال، جايىدا جىم ئولتۇرالماي قېلىۋاتاتتى.
_ ھە، ئامىر ئەپەندى، ئەجەب جىم ئولتۇرالماي قالدىڭىزغۇ؟_ دېدى ئۈمىد ئۇنىڭغا قاراپ.
_ ھە، ھېچنىمە، ئۈمىد ئەپەندى، ئىككىمىز ئالمىشىپ ئولتۇرساقمۇ بوپتىكەن، ۋارىس بىلەن دىيىشىدىغان گەپ بار ئىدى_ دېدى ئامىر دېگىنى.
_ بولىدۇ، بولىدۇ، قەيەردە ئولتۇرساق ئوخشاشقۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۈمىد چەتكە ئۆتۈپ قالدى. تايران تاماقلارنى شۇنچىلىك مىسىلداپ تىزىۋاتاتتى. ئۈمىد ئورنىغا جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تايران قەستەن ئۇنىڭ يېنىغىراق سۈرۈلدى. «ئاپلا» دېدىم، كۆزۈم تايراننىڭ قولىدا ئىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تەخسىنىڭ ئاستىدىن بىر نەرسىنى ئالدى، ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە مەن ۋە بايىقى ئامىر دېگىنىدىن باشقا ھېچكىم دېققەت قىلمىغان ئىدى. ئۇپىچاقنى كۆتۈرۈپ ئۈمىدنىڭ كەينىدىن ئۇرماقچى بولغان ئىدى. «ئۈمىد» دەپلا ئۇنىڭ ئۈستىدە يېتىۋالدىم، پىچاق كېلىپ مېنىڭ دۈمبەمگە كىردى.
ئۈمىدمۇ نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ يەرگە قاچانلاردا كىرگىنىمنى، قانداق تاپقىنىمنى...ئىشقىلىپ ھېچنىمىنى بىلمەيتتى.
_ ۋايجان...
_ نازىيە..._ ئۈمىد ئۆرۈلۈپلا مېنى قۇچاقلىۋالدى. ئۈستەلدە ئولتۇرغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى، تايران قاياقلارغىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. پۇت قولۇم ھالسىزلىنىپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى.
_ نازىيە، بەرداشلىق بېرىڭ، سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، تېز قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭلار_ ئۈمىدنىڭ ئاۋازى بارغانچە يىراقلىشىپ كەتتى. ئاستا ئاستا ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدىم.
كۆزۈمنى ئاچقان ۋاقتىمدا دوختۇرخانىنىڭ كارىۋىتىدا يېتىپتىمەن. بېشىمنى تەستە بۇراپ قارىسام كارىۋاتنىڭ يېنىدا ئۆتكۈر ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.
_ ئاخىرى ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز، نازىيە.
ئۈمىد يۈگۈرگەن پىتى كېلىپ قولۇمغا ئېسىلدى.
_ مەلىكەم، ئاخىرى ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز، سىزدىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسىز؟
ئۇنىڭغا قارىدىم، يىغلىغان بولسا كېرەك، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
_ نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز؟ سىزگە بىر ئىش بولۇپ قالسا مەن قانداق قىلىمەن؟ بالىلار قانداق قىلىدۇ؟
راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭغا تەڭلەنگەن پىچاققا ئۆزۈمنى تۇتقان ۋاقتىمدا كاللامدا ئۇنىڭغا بىر ئىش بولمىسۇن دېگەندىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
_ مەن تېخى ھاياتمۇ؟_ ئاۋازىم ئارانلا چىقىۋاتاتتى.
_ بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟ ئۇنچىلىك ئىشقا ئۆلۈپ كەتمەيسىز، سىز بەك چىداملىق، مەلىكەم.
بۇ كىچىك ئىشما؟ ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.
_ ئۆيگە كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ.
ئۈمىد ئۆتكۈرگە قارىدى، ئۆتكۈر بىردەم ئويلىنىپ تۇرىۋالغاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتى. ئۈمىد ئاستا ئېڭىشىپ پىشانىسىنى پىشانەمگە تەگكۈزدى.
_ سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەي، ئۆيىمىزگە كېتەيلى.
دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىردەمدىلا پۈتتۈرۈپ ئۆيگە ماڭدۇق. ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ كارىۋىتىمدا ياتتىم، ئۆيدىكى تۇنۇش نەرسىلەرگە قاراپ كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى.
_ ئەمدى ئۇنداق ئەخمىقانىلىق قىلماڭ_ ئۈمىد يەنە شۇ گەپنى تەكرارلىدى.
_ ئۇ چاغدا ئەھۋال بەك جىددى تۇرسا، باشقا ئىشلارنى ئويلايدىغانغا نەدىكى. سىزگە بىر ئىش بولمىسۇن دەپلا ئويلاپتىمەن.
_ مەلىكەم، سىز مېنىڭ جېنىم، سىزگە بىر ئىش بولسا مەنمۇ ياشىيالمايمەن.
تۇرسۇنئايغا تېلېفون قىلىپ ئۇلار چۈشكەن مېھمانخانىدىن ئۆيگە ئەكىلىۋالدۇق. ئەتىسى ئۆيگە ھەسەن كەلدى.
_ مۇنداق باتۇرلۇقلىرىڭىز بار دەڭە، پىچاق كىرسە ئاغرىمايدۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ يا جېنىڭىزدىن تويۇپ شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟
مەن گەپ قىلمىدىم. شۇ ئەسنادا بالا باققۇچى بالىلارنى كۆتۈرۈپ ئەكىردى، قۇرسىقى ئاچقان بولسا كېرەك، ھە دەپ ماڭا ئېتىلىپ تۇراتتى. لېكىن ھازىر مېنىڭ ئورنۇمدىن ئۆرە بولۇپ بالىلارنى ئىمىتكۈدەك ھالىم يوق ئىدى. كەينىدىنلا ئۈمىد سۈت پاراشۇكى كۆتۈرۈپ كىردى. ئۇ بالىلارغا سۈت پاراشۇكى ئالغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى، ھەسەن كەلگەندە ئۇ تېخى قايتىپ كەلمىگەن ئىدى.
_ كېرەك يوق، بالىلار سۈت پاراشۇكى ئىچسىمۇ بولىۋېرىدۇ، سىز بالىلارنىڭ غېمىنى قىلماي ياخشى ئارام ئېلىڭ، سەل تۇرۇپ ئۆتكۈر تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ قويغىلى كېلىدۇ. ھە، سەن كەلگەنمىتىڭ؟
ھەسەن بېرىپلا ئۈمىدنىڭ ياقىسىدىن ئالدى.
_ سەن ئەر كىشىمۇ ئەمەسمۇ، قاراپ تۇرۇپ بىر ئايال كىشى سېنى دەپ پىچاق يەپ يۈرۈپتۇ ھە. نىمانداق نامەرت نىمىسەن؟
_ ئۇرامسەن، تىللامسەن سەل تۇرۇپ قىلە، ئاۋۋال باللىرىمغا سۈت بېرىۋالاي، ئۇلارنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ كەتتى_ دېدى ئۈمىد تەمكىن قىياپەتتە. سۈت تەييار بولغىچە بالىلار بەك يىغلاپ كەتتى. ھەسەنمۇ بالىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئۈمىدنىڭ ياقىسىنى قويۇۋەتتى. ئۈمىد دەرھال ئىككى سوسكىغا سۈت پاراشۇكىنى تەييارلىدى، ھەسەن بېرىپ بىر سوسكىدىكىنى ئېلىپ چايقاپ نەزەرنى قولىغا ئېلىپ سۈتنى ئىمىتىشكە باشلىدى، ئۈمىد نەزىرەنى قولىغا ئالدى، بالىلار ئاغزىغا سۈت كىرگەندىن كېيىن يىغىسى بېسىقىپ ئاستا ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. ئىككى ئەر قوللىرىدىكى بالىنى كارىۋاتقا ئاستا ياتقۇزۇپ قويۇپ بالىلارغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى، ھەر ئىككىسىنىڭ چىرايىدا بايىقى تالاش تارتىشتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇلارغا قاراپ يېتىپ مېنىڭمۇ كۆزۈم ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. ئويغانغان چېغىمدا ھۇجرىدا ئۇلار يوق ئىدى. ئۆتكۈر تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ قويغىلى كەلدى. ئۇ مېنى دۈم ياتقۇزۇپ دۈمبەمدىكى تىككەن يەرنى دېزىنفىكسىيە قىلىپ قايتىدىن تېڭىپ قويدى. ئاندىن ئۈمىدكە بىر قۇتا دورا بەردى.
_ بۇ دورىنى نازىيەگە ئىچكۈزۈپ قوي، يارا ئېغىزىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
_ ماقۇل، سېنىمۇ تازا ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇق.
ئۈمىد ماڭا قايناقسۇ ئالغىلى چىقىپ كەتتى، ھۇجرىدا ئۆتكۈر ئىككىمىزلا قالدۇق.
_ بايا تېڭىقنى ئالماشتۇرىۋاتسام تىترەپ كېتىۋاتىسىز. ئەنسىرىمەڭ نازىيە. مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ياخشى كۆرۈشنىڭمۇ نۇرغۇن ئىپادىلىرى بولىدۇ. ھازىر ماڭا نىسبەتەن سىز بىمار، مېنىڭ سىزنى داۋااپ ساقايتىشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسىتىم يوق.
_ رەھمەت سىزگە _ دېدىم مەن.
_ ئويلاپ باقسام سىزنىڭ بۇ يەردىن كەتكىنىڭىزمۇ ياخشى بوپتىكەن، يەنە نىمىشقا قايتىپ كەلدىڭىز؟
بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، بەلكىم ئۈمىدنى سېغىنىپ قايتىپ كەلگەندىمەن؟ ئادەم ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىمايلا قىزىققانلىق قىلىپ قىلىپ سالىدىكەن، مېنىڭ كېتىشىم ۋە يەنە قايتىپ كېلىشىممۇ شۇنداق قىزىققانلىقتىن بولسا كېرەك.
_ يارىلانغىنىمنى دەپ دەۋاتامسىز؟ بۇ قانچىلىك ئىشتى، ئالدىنقى قېتىم ئۈمىدنىڭ بېلىكى يارىلانغان چاغدا بىر قولى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ماڭا كاۋا مانتىسى ئەكىلىپ بەرگەن.
_ ئۈمىدنىڭ قولى يارىلانغانمىتى؟
بۇ ئىشنى ئۆتكۈر بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ. شۇ چاغدا دوختۇر ئۆيگە كەلگەندىمۇ ئالىم بىلەن مەنلا بار ئىدىم. ئۆتكۈرگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمىدىم. ئۆتكۈرمۇ زىغىرلاپ سورىمىدى.
_ لېكىن سىز ئوخشىمايسىز، پىچاق يۈرەككە تىگىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ. ھېلىمۇ تەلىيىڭىز بار ئىكەن.
دېمەك مېنىڭ ھايات قېلىشىممۇ تەلىيىم ئىكەن.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















