
بۇ ئەسەرنىڭ 186-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181 |
182 |
183 |
| 184 |
185-قىسىم
ئۆتكۈر مېھراينى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ئوكۇل تەڭشەپ ئاسما ئوكۇل ئېسىپ قويدى. يىڭنىنى قولىغا سانچىغاندا چىرايى ئازراق ئۆزگەرگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا مېھراي ھېچنىمىنى سەزمەيلا ياتاتتى.
_ قىزىتمىسى بەك ئۆرلەپ كەتكەچكە شۇنداق بولىدۇ، قىزىتمىسى چۈشسىلا ئوڭشىلىپ قالىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ _ دېدى ئۇ فروزەگە قاراپ.
_ بۇنچە كەچتە سىزنىڭمۇ ئارامىڭىزنى بۇزۇپ، بۇ يەرگە كەلگىلى سالدۇق، بەك سەت بولدى.
_ ياقەي، ھېچقىسى يوق.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دىيىشىدىغان گەپ تاپالماي قالدىمۇ، ئىشقىلىپ ھەر ئىككىيلەن جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى. فروزە سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالغان بولسا كېرەك، سىزگە چاي قۇيۇپ بېرەي دەپ ئورنىدىن تۇردى.
مېھراينىڭ ئوكۇلى تۈگىگەندە ئۆتكۈر يىڭنىنى تارتىۋېتىپ، بىر نەچچە خىل دورا بېرىپ قانداق ئىچىشنى فروزەگە تاپىلاپ قويۇپ كەتتى. مېھراينىڭ قىزىتمىسى خېلىلا يېنىپ قالغان ئىدى، ئۇ يىنىك تىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى. فروزەمۇ سائىتىگە بىر قاراپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى.
شېرزات ئايقىزنى خېلى پەپىلەپ باققان بولسىمۇ ئۇخلىغىلى ئۇنىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايقىزنىڭ كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ ئاپىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ چىقتى.
_ ئاپا! _ ئايقىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۇخلاۋاتقان مېھراي كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئېچىپلا كۆرگىنى ئايقىز بولدى، ئۇ چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ دەپ ئەتراپىغا قاراپ باقتى.
_ ياخشى بوپ قالدىڭىزمۇ؟_ دېدى شېرزات.
ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ يەنە ئاچتى. ئۇ ئەمدى بۇنىڭ چۈشى ئەمەسلىكىگە چىنپۈتكەندەك قىلاتتى.
_ ئايقىز ، بۇ يەردە قانداق كەلدىڭىز؟
_ مېنى دادام يەسلىدىن ئېلىپ مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئاپا، سىز ئاغرىپ قالدىڭىزما؟
مېھراي ئايقىزغا جاۋاب بەرمەي شېرزاتقا قارىدى.
_ ئايقىزنى قاچان ئەكەلگەنتىڭىز؟
_ چۈشتىن كېيىن ئۇنى يەسلىدىن قويۇپ بېرىشىگە ئۈلگۈرۈپ بېرىپ ئېلىپ ئۇدۇل مۇشۇ يەرگىلا ئېلىپ كەلدىم.
_ رەھمەت سىزگە ! _ دېدى مېھراي كۆزىگە ياش ئېلىپ.
_ ئۆزۈمنىڭ قىزىنى ئەكەلگەن تۇرسام نىمىگە رەھمەت دەيسىز؟ قىزىقكەنسىزغۇ؟
_ دادا، ئاپامغا دورا ئىچكۈزۈپ قويايلىچۇ؟
ئايقىز دادىسىنىڭ ئاۋازىنىڭ سەل يۇقىرى چىقىپ كەتكىنىدىن ئەنسىرەپ قالدىمىكىن، گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىدى. ئايقىز ئاپىسى ئادەتتە ئۆزىگە دورا ئىچكۈزگەن تەلەپپۇزدا ئەركىلىتىپ تۇرۇپ دورا ئىچكۈزۈشكە باشلىدى.
_ ئا قىلىڭە. ئاچچىق ئەمەس، ئاغزىڭىزغا سېلىپ قايناقسۇ ئىچسىڭىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مېھراي دورىنى ئىچىپ بولۇپ، ئايقىزنى قوينىغا سېلىپ ياتتى. باياتىن ئۇيقۇم كەلمىدى دەپ غىڭشىپ ئۇخلىمىغان ئايقىز ئاپىسىنىڭ قوينىدا تاتلىق ئۇخلاپ كەتتى. مېھراي تازىلىق ئۆيىگە كىرمەكچى بولۇپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ قاراپ چۈچۈپ كەتتى، شېرزات ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتمەي ئورۇندۇقتا ئۇلارغا قاراپ ئولتۇراتتى.
_ يۈرۈڭ، مەن بىللە ئېپ چىقاي.
مېھراي تارتىنىپراق ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندە شېرزات ئىشىك ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ چىققاندىن كېيىن :
_ ئۇيقۇڭىز كەلمىگەن بولسا سىرتنى بىردەم چۆگىلەپ كىرەيلىمۇ؟ يېتىۋەرسىمۇ بەك ئېزىلىپ كېتىدۇ ئادەم _ دېدى. مېھراي بېشىنى لىڭشىتتى. شېرزات يۈگۈرۈپ كىرىپ چاپىنىنى ئېلىپ چىقىپ مېھرايغا يېپىنچاقلاپ قويدى. ئۇلار بىللە كۆل بويىغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئارامگاھ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاق رەڭلىك بىر بېنىز پىكاپ كېلىپ توختىدى.
_ ئارامگاھنى بىپايان شىركىتى ئۈچ كۈنلۈك كۆتۈرە ئېلىۋالدى، ھېچقانداق ساياھەتچىنى قوبۇل قىلمايمىز _ دېدى ئامانلىق ساقلىغۇچى چىقىپ. ماشىنىنىڭ ئەينىكى چۈشۈرۈلدى.
_ مېنىمۇ كىرگۈزمەمسىلەر؟
_ ۋوي، داڭلىق تور چولپىنىغۇ بۇ.
_ مەن تور چولپىنى بولۇپلا قالماي يەنە بىپايان شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورىنىڭ بولغۇسى ئايالى. ئەمدىغۇ كىرسەم بولا.
_ بولىدۇ، بولىدۇ_ ئىشىك ئېچىۋېتىلدى. بېنىز ئارامگاھنىڭ ئىچىگە كىرىپ شېرزاتنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
_ ۋاي، ۋۇي، ئاچا، ئەمدى كەلدىڭما؟ ئۇيقۇم كېلىپ ھالىم قالمىدى_ مەرھابا بىر ياقتىن چىقىپ قاخشاپلا كەتتى.
_ بولدى، قاخشاۋەرمىگىنە، ساڭا بىر يۈرۈش داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمى ئېلىپ قويدۇم، قايتىپ بارغاندا ئېلىۋال. مۇشۇ شۇمۇ؟
_ ھەئە، مۇشۇ شۇ. ھېلىقى قىزمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە.
_ بولدى، سەن كىرىپ كەت، باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن. ئېھتىيات قىلايلى._ زۇمرەت شۇنداق دەپ ئىچىگە ماڭدى. بۇ چاغدا «ئاپا» دەپ يىغلىغان پىتى ئايقىز چىقتى. زۇمرەت ئايقىزنىڭ ئالدىنى توستى.
_ قىزچاق، ئاپىڭىزنى ئىزدەۋاتامسىز؟
......
مېھراي بىلەن شېرزات كۆل بويىدا بىردەم ئولتۇردى. مېھراينىڭ ئەھۋالى خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان ئىدى.
_ ئەمدى كىرىپ كېتەمدۇق؟ ئايقىز ئويغىنىپ كەتسە مېنى ئىزدەپ كەتمىسۇن _ دېدى مېھراي.
_ بولىدۇ _ شېرزاتمۇ ئورنىدىن تۇردى. شېرزات باشقا بىر ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى، مېھراي بايا ياتقان ھۇجرىغا كىرىپ كېتىپ بىرە مىنۇت ئۆتەر ئۆتمەيلا «ئايقىز» دەپ ۋارقىرىدى. ئەمدى كىيمىنى ئالماشتۇراي دەپ كۆينىكىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋاتقان شېرزات مېھراينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقتى.
_ نىمە بولدى؟
_ ئايقىز ياتقان يېرىدە يوق تۇرىدۇ.
_ ئالدىرىماڭ، كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قارىدىڭىزمۇ؟ _ قارىدىم.
_ ئوينىشىپ كىيىم-ئىشكابلىرىغا كىرىۋالدىمۇ يە؟ ئايقىز، ئايقىز. ئويغىنىپ بىزنى ئىزدەپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئوىشايدۇ.
مېھراي جىددىيلىشىپ يىغلاشقا باشلىدى. شېرزات دەرھال سىرتقا يۈگۈردى، ئايقىز سىرتتىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ياردەمچىسىنى چاقىرىپ، ئارامگاھنىڭ دېرىكتورىغا تېلېفون قىلىپ چاقىرتىپ كېلىشنى ئېيتتى. دېرىكتور كېلىپ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنى ئارامگاھنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدەشكە ئورۇنلاشتۇردى ۋە كامېرانى تەكشۈرۈشنى ئېيتتى. شېرزات بىلەن مېھراي مەركىزى كونترول ئىشخانىسىغا كىرىپ كامېرانى كۆردى.
_ مانا_ دېدى ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە كۆرۈنۈشنى كەينىگە قايتۇردى. ئۇنىڭدا بىر ئايال شېرزات تۇرىدىغان تۇرالغۇنىڭ ئالدىدىن بىر بالىنى قۇچاقلاپ ماشىنىغا سالغىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، شېرزات ئۇنى تۇنۇدى، ئۇ زۇمرەت ئىدى. ئۇ دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ زۇمرەتكە تېلېفون قىلدى. لېكىن زۇمرەت تېلېفوننى ئالمىدى. مېھراي شېرزاتنىڭ بېلىكىگە چىڭ ئېسىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ يىغىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.
_ ئايقىز تېخى كىچىك تۇرسا، ئۇ بالىنى نەگىمۇ ئېلىپ كېتەر؟
مېھراي ئىنتايىن ئالاقىزادە بولۇپ ئەنسىرەپ كېتىۋاتاتتى، شېرزاتمۇ ئەلۋەتتە بالىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ، ئەمما ئۇ چوقۇم تەمكىن تۇرۇشى كېرەك. ئۇ مەركىزى كونترول ئىشخانىسىدىن چىقتى.
_ نەگە بارىسىز؟ _ سورىدى مېھراي.
_ بالىنى ئىزدىگىلى.
_ مەنمۇ بارىمەن.
شېرزات ماشىنىسىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ زۇمرەتنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، ئەمما زۇمرەت ئۆيىدە يوق ئىدى. يولبويى ئۇ بىرە يۈز قېتىم تېلېفون قىلغاندۇ، ئەمما زۇمرەت ئىزچىل تېلېفون ئالمىدى. ئۇلار زۇمرەتنىڭ ئۆيى بار قورودىن چىقىپ ، ماشىنىنى يول بويىدا توختىتىپ، شېرزات ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى. ئۇ ئۆزىنى سەل توختىتىۋالاي دەۋاتقىنى ئېنىق ئىدى، شۇڭا مېھرايمۇ ماشىنىدىن چۈشمەي جىم ئولتۇردى. تەخمىنەن ئون مىنۇتلاردىن كېيىن شېرزات يەنە ماشىنىغا چىقتى ۋە زۇمرەتكە داۋاملىق تېلېفون قىلدى، زۇمرەت تېلېفوننى ئاخىرى ئالدى، شېرزات تېلېفوننىڭ قوش ئاۋازىنى ئېچىۋەتتى.
_ ۋوي، كاتتا باش دېرىكتور، ئادەتتە تېلېفون قىلساممۇ ئالمايدىغان ئادەم بۈگۈن ئەجەب تېلېفون قىلىپ قاپسىزغۇ؟ مېنى سېغىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسىز؟
_ بالا سىزنىڭ يېنىڭىزدىما؟ _ شېرزات ئۇنىڭدىن ئۇدۇللا سورىدى.
_ ھەئە، بالا مېنىڭ يېنىمدا، بەك ئۇماق قىزكەن، ئۇنى بالا قىلىۋالايمىكىن دەيمەنغۇ؟
_ نىمە قىلاي دەيسىز؟
_ تېخىچە كۆڭلۈمدىكىنى بىلمەمسىز؟ مەن سىز بىلەن توي قىلاي دەيمەن شۇ. بۇ سىزنىڭ قىزىڭىزكەن، مەن چوقۇم ئۇنىڭغا ئۆز ئاپىسىدەك ياخشى قارايمەن. ئەگەر تەلىپىمگە ماقۇل بولسىڭىز، بالىنى ئېلىپ ھازىرلا يېنىڭىزغا بارىمەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مېھراي تېخىمۇ ئۆزىنى قويىدىغانغا يەر تاپالماي قالدى. ئۇ ھەدەپ شېرزاتقا ماقۇل دەڭ دەپ ئىشارەت قىلاتتى، شېرزات تېلېفوننىڭ قوش ئاۋازىنى ئېتىۋېتىپ قۇلىقىغا تۇتتى.
_ مۇشۇنداق قىلسام مەسىلە ھەل بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟
_ خالىمىسىڭىز مەيلى،مەن بالىنى ئېلىپ يىراقلارغا كېتىمەن. ئىككىدىن بىرگە تۇرۇڭ، يا مەن بىلەن توي قىلىسىز، بالىنى ئىككىمىز بىللە باقساقمۇ بولىدۇ، ئاپىسىغا قايتۇرۇپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. يا سىز ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈڭ، بالىنى مەن ئېلىپ كېتىمەن.
شېرزات بۇنىڭ ھېچقايسىسىغا ماقۇل دىيەلمەيتتى، قانداقمۇ ماقۇل دىيەلىسۇن؟ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئۇ مېھرايغا سەل دېققەت قىلىدىغان بولۇپ قېلىۋىدى، ئۆزىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە ھېسسىيات ئويغانغىنىنى سېزىۋاتاتتى، يەنە كېلىپ بالا شېرزاتنىڭ بالىسى تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ ئىككىدىن بىرنى تاللىيالىسۇن؟
_ سىز ئاۋۋال بالىنى ئېلىپ كېلىڭ، يۈز-تۇرانە سۆزلىشەيلى.
_ مەن ئۇنچىۋالا ئەخمەق ئەمەس، مەن بالىنى ئېلىپ بارىدىغان بولسام سىز بالىنى تارتىۋېلىپ مېنى ھەيدىۋېتىشىڭىز ئېنىق. مەن يېنىڭىزغا بارىمەن، لېكىن بالىنى ئېلىپ بارمايمەن، ئەتە ئىككىمىز بىللە خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ ئۆيلىنىش خېتى ئالىمىز، ئاندىن بالىنىڭ بار يېرىنى دەپ بېرىمەن. قانداق؟
_ زۇمرەت، بۇ ئىشىڭىز تۇتقۇن قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ، بىلەمسىز؟
_ كارىم يوق. ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى. سىزنى بىز دائىم بارىدىغان مېھمانخانىنىڭ 521-ياتىقىدا ساقلايمەن، يالغۇز كېلىڭ ھە، ھېلىقى بىر نىمىنى كۆزۈممۇ كۆرمىسۇن. بالىنى كۆرگۈڭىز بولسا كېلىڭ، بولمىسا ئىختىيارىڭىز.
شېرزات ئۇنىڭ ئۇنداق ئاسان گەپكە كىرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى. ئۇ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
_ نىمە دەيدۇ؟ _ مېھراي جىددىيلىشىپ سورىدى.
_ خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئايقىزنى چوقۇم ساق-سالامەت قايتۇرۇپ كېلىمەن.
ئۇ مېھراينى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويۇپ ئۆزى زۇمرەت دېگەن مېھمانخانىغا باردى، ئۇ دېگەن 521-نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق تۇراتتى، ئۇ ئاستا ئىچىگە كىرىشىگە تازىلىق ئۆيىدىن بىرى چىقىپلا ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى، ئۇ زۇمرەت ئىدى.
_ ئاخىرى كەلدىڭىز.
ئۇ زۇمرەتنىڭ قولىنى بوينىدىن ئاجرىتىپ قاپىقى تۈرۈك ھالەتتە سورىدى.
_ بالا قېنى؟
_ مەن سىزگە بالىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن دېمىگەن. لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ، بالا ئىنتايىن بىخەتەر _ زۇمرەت ئۇنداق دەۋاتقىنى بىلەن ئالدىدىكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە مېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇغۇ دەپ ئويلايدىغان ئەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن يۈرىكى جىغىلداپ كەتكەن ئىدى. شېرزاتمۇ ئۆزىنى زورلاپ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلاي دېدىيۇ، ئەمما ئۆزىنى كونترول قىلالمىدى. زۇمرەت يەنە ئېغىز ئاچتى.
_ شۇ تاپتا مېنى چايناپ پۈركىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتىسىزغۇ دەيمەن. مەن بالىنى مۇشۇنداقلا قايتۇرۇپ بەرسەم، سىز بۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيسىز، بۇنىمۇ بىلىمەن.
_ سىزگە نىمە كېرەك؟ پۇلمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ؟
_ ماڭا سىز كېرەك.
_ سىز..._ شېرزات ئەمدى ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى، ئۇ كېلىپلا زۇمرەتنىڭ گېلىنى سىقتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى.
_ بالىنىڭ بار يېرىنى پەقەت مەنلا بىلىمەن، مېنى ئۆلتۈرىۋەتسىڭىز بالىڭىزنى مەڭگۈ تاپالمايسىز.
شېرزات ئۇنى قويۇۋەتتى، زۇمرەت قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
_ شېرزات، ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلماڭ، سىزنى ياخشى كۆرگىنىم مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس. ئىككىمىز توي قىلايلى، بولامدۇ؟ ھازىر جاۋاب بەرگۈڭىز بولمىسا ئويلىنىپ بېقىپ جاۋاب بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن كۈتىمەن.
شۇ تاپتا ئۇ شېرزاتنى قىستاپ يارنىڭ لىۋىگە ئەكىلىپ قويغان ئىدى.
_ ئويلىشىپ باقاي. لېكىن سىزگە دەپ قوياي، بالىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا كۆرگۈلۈكىڭىزنى كۆرسىتىۋېتىمەن. _ شېرزات شۇنداق دېگەن پىتى سىرتقا ماڭدى، زۇمرەت يىغلىغان پىتى قېپ قالدى. شېرزات چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ئىنىسىغا تېلېفون قىلدى.
_ ئۇكام، دوستۇم بىر نەچچە كۈنگىچە قايتىپ كېلەلمەيدىكەن، بالىغا ياخشى قاراپ تۇرغىن ھە.
شېرزات مېھمانخانىدىن چىقىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭغاچ خېلى ئۇزۇن ئويلاندى، قانداق قىلىش كېرەك؟ زۇمرەتنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دېسە، شېرزات ئۇنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇنى يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ ھېس قىلىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بۇنداق ئادەم بىلەن قانداقمۇ توي قىلىپ بىللە ئۆتكىلى بولسۇن؟ ئەمما ياق دەي دېسە، بالا ئۇنىڭقولىدا، قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئۇ ئاخىرى ساقچىغا مەلۇم قىلدى. ساقچىلار دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ زۇمرەت تۇرغان مېھمانخانىغا كەلدى، ئەمما زۇمرەت ئاللىبۇرۇن مېھمانخانىدىن چىقىپ كېتىپ بولغان ئىدى. ساقچىلار كامېرانى تەكشۈردى، ئەمما ھېچقانداق يىپ ئۇچى بايقالمىدى. ساقچىلار زۇمرەتنىڭ ئورنىنى بىلىش ئۈچۈن شېرزاتقا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىشنى ئېيتتى ۋە ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۈسكۈنىلەرنى تەييار قىلىپ تۇردى. تېلېفون خېلى ئۇزۇن سايرىغاندا ئاندىن ئالدى.
_ شېرزات، ئويلىشىپ بولغان ئوخشىمامسىز؟
_ ھەئە، ئويلىشىپ بولدۇم.
_ توختاڭ _ زۇمرەت شېرزاتنىڭ جاۋابىغا ھەم تەقەززا بولۇپ، ھەم قورقۇپ تۇرغىنى ئېنىق ئىدى.
_ ئەگەر مەن بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولسىڭىز، بۇ قىزنى ئىككىمىز بىللە باقىمىز، مەن ئۇنى ئۆزۈمنىڭ قىزىمدەك كۆرىمەن. يەنە بالىلىق بولايلى دېسىڭىز تۇغۇپ بېرىمەن، بولدى دېسىڭىزمۇ مەيلى، سىز نىمە دېسىڭىز شۇ.
_ زۇمرەت، بايا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قاپتىمەن، سىزگە ئۇنداق قوپاللىق قىلمىسام بولاتتى.
_ شېرزات، مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟ _ زۇمرەتنىڭ ھاياجانلىىنىپ قالغىنى بىلىنىپ تۇراتتى.
_ ھەئە.
_ راستما؟ بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ھە؟ _ زۇمرەت راستلا بەك خۇشال بولىۋاتاتتى، لېكىن يەنە ئەنسىرەشمۇ بار ئىدى. چۈنكى شېرزاتنىڭ بايىقى مۇئامىلىسى بىلەن ھازىرقى مۇئامىلىسى ئاسمان زىمىن پەرقلىنىپ تۇراتتى. شېرزاتنىڭ يېنىدا مېھرايمۇ بار ئىدى، ئۇ شېرزاتنىڭ «ھەئە» دېگىنىنى ئاڭلاپ يۈرىكى «قارتلا» قىلىپ قالدى، ئەمما ھازىر ئايقىزنى تېپىش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى. ئۇ شېرزاتنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ «ئايقىز يېنىدا بارمىكەن» دەپ پىچىرلىدى.
_ بالا يېنىڭىزدا بارمۇ؟ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاي.
_ مەن سىزگە دېگەنغۇ، بالا بىخەتەر، خاتىرجەم بولۇڭ.
_ لېكىن مېنىڭ بالىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇم بار.
_ ھە، توختاڭ ھە.
بىردەمدىن كېيىن تېلېفوندىن ئايقىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ دادا، ئاپا، مەن بەك قورقىۋاتىمەن، مېنى ئېلىپ كېتىڭلارچۇ!
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















