大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 136 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 136  - قىسىم aybarawazi
2023-10-25
4
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 137-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135


ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

136-قىسىم  


 كېچىكىپ قالغان قىز يۈزىنىڭ تېخىمۇ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىمۇ ئەيتاۋۇر، كىيىملىرىنى رەتلەپ، چېچىنى ئوڭشاپ بولۇپ ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتى. يىغىن ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، مەن كادىرلار بۆلۈمىدىكىلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خىزمەتچىلەرنىڭ ماتېرىيالىنى ئەكىرىپ بېرىشنى ئېيتتىم.  ماتېرىياللارنى كۆرۈۋېتىپ بايا كېچىكىپ قالغان قىزنىڭ تەرجىمىھالىنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇ ئادەتتىكى مەخسۇس كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن، ۋاھ دېگۈدەك ئوقۇش تارىخى، ياكى باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكۈدەك خىزمەت تەجرىبىسى يوقكەن.

_«مېنىڭ ئوقۇش تارىخىم يۇقىرى بولمىغان بىلەن ئۆگىنىش ئىقتىدارىم بار، تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە مىناغا ماس كەلگۈدەك خىزمەتچى خادىم بولۇشقا ئىشەنچىم بار»_  ئۇنىڭ تەرجىمىھالىغا يېزىلغان مۇشۇ قۇرلار دېققىتىمنى تارتتى. دەرھال تۇرسۇنئايغا تېلېفون قىلدىم. 

_ بۇ بايا كېچىكىپ قالغان قىزنىڭ تەرجىمىھالى، سىز ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش تەربىيىلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ قويۇڭ، ئىش ھەققى ئەسلىدىكىدىن بىر يېرىم ھەسسە ئۆستۈرۈلسۇن. 

تۇرسۇنئاي دەسلەپتە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، لېكىن ئۇمۇ ئەقىللىق قىز،  ناھايىتى تېزلا مېنىڭ نىمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىمنىڭ تېگىگە يېتىپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. 

ئەمدى دېققىتىمنى ئالدىمدىكى ماتېرىيالغا مەركەزلەشتۈۈپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك ئالدىدا چاۋاك ئاۋازى ئاڭلاندى. تېزلىكتە بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. ئىشىك ئالدىدا ئۈمىدنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىم تۇراتتى. تۇرسۇنئاي تېخى يىراققا بارمىغان ئىكەن، ئابلەت ئەپەندىمنى كۆرۈپ كەينىگە يېنىپ كەلدى. ئۇنىڭ نېمىدىن ئەنسىرىگىنىنى بىلىمەن،  قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ ئىشىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدىم. ئۇ بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ماڭدى. ئابلەت ئەپەندىم ئىشخانامغا كىردى. ئۇ چاۋاك چالغان پېتى كېلىپ مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ پۇتىنى ئالماپ ئولتۇردى. 

_ بىرنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ يۈزگە ئىبرەت قىلىش. بەك ئەقىللىقكەنسىز. 

   ئۇنىڭ گەپ قىلىش ئۇسلۇبىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولماپتۇ. 

_ نىمە ئىچىسىز؟ چاي دەملەپ كىرسۇنمۇ يا قەھۋە ئەكىرسۇنمۇ؟_ دېدىم مەن زورىغا كۈلۈمسىرەپ. ئۇ جاۋاب بەرمىدى. مەن كاتىپقا تېلېفون قىلىپ چاي ئەكىرىشنى ئېيتتىم. 

ئۇنىڭ نىمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى تازا ئاڭقىرالمىدىم، شۇڭا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشنى بىلەلمىدىم، ئەمما يەنىلا بۇ كىشىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى توغرا كۆرمىدىم، چۈنكى ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمنىڭ دادىسى. كاتىپ چاينى ئەكىرگەندىن كېيىن پەتنۇسنى قولىدىن ئېلىپ ئابلەت ئەپەندىمگە ئەدەب بىلەن تۇتتۇم.

_ قېنى، چاي ئىچىڭ. 

ئابلەت ئەپەندىم ئىستاكاننى تۇتماي ماڭا قاراپ كۈلۈپلا تۇردى،  ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كۈلكىسى مەندىن مەمنۇن بولۇش كۈلكىسى ئەمەس ئىدى. بەلكى بۇرۇنقىغا ئوخشاش مېنى كەمسىتىش، كۆزگە ئىلماسلىق ئىپادىسى ئارىلاشقان كۈلكە ئىدى. 

_ نازىيە قىز،  ئىككى يىلغا قالمايلا ئادەتتىكى ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئادەمدىن چوڭ شىركەتنىڭ خۇجايىنىغا ئايلىنىپ كېتىپسىز، ھەقىقەتەن بوش ئەمەسكەنسىز جۇمۇ. 

_ ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت. 

ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ مېنى ماختاش ئەمەس، مەسخىرە قىلىش مەنىسىدە ئېيتىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىلمەسكە سېلىپ شۇنداق دېدىم. 

_ ھازىر مىنا شىركىتىنىڭ خۇجايىنىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقى جېنىنى ئاران باقىدىغان، ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان بىر سىستېرا ئىكەنلىكىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇغۇ دەيمەن. 

_ سىز نىمە دېمەكچى؟_ كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدىم مەن. 

_ دەسلەپتىلا سىزنى سەل چاغلاپ قاپتىمەن. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ھازىر ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشى ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك ئاچكۆز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. 

 ئۇنىڭ گېپىگە قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ چاندۇرماي كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم.

_ بۇ گەپچە ئۆزۈمنىڭ ئاچكۆز ئەمەس، ئاقكۆڭۈل، پاك ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر نامرات ھالەتتە ئۆتۈشۈم كېرەك ئىكەنتۇقتە. سىز ھازىر ئېرىشكەنلىرىمنى تىرىشچانلىق بەدىلىگە كەلگەن ئەمەس، ھىيلىگەرلىك ۋە سۈيقەست بىلەن قولغا كەلگەن دەپ قارايدىكەنسىز دە؟ 

_ ئەجىبا ئۇنداق ئەمەسما؟

ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، لېكىن يەنىلا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى لايىق كۆرمىدىم. دەل شۇ چاغدا ئۆي خىزمەتچىسىدىن تېلېفون كەلدى. نەزەر قىزىپ قاپتۇ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارمىساق بولمايدىكەن. تېلېفوننى قويۇپ ئابلەت ئەپەندىمگە قارىدىم.

_ مەيلى مېنى نىمە دەڭ، قانداق كۆز قاراشتا بولۇڭ، ھازىر ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىككى بالا بار، مېنى قوبۇل قىلمىسڭىزمۇ بالىلار ئۈمىدنىڭ بالىلىرى، ئۇلارنى قوبۇل قىلماي ئامالىڭىز يوق.  سىز ئاتىلىق سالاپىتىڭىزنى ساقلىسىڭىز، بىزمۇ بالا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇۋاپىق ھۆرمەت بىلەن قارايمىز، ئەگەر ئۇنىڭغىمۇ بولمايدۇ دېسىڭىز ئىختىيارىڭىز،  لېكىن بىز سىزنى قوبۇل قىلالمايدىكەن دەپلا ئىككى بالىنى يىتىم قىلىدىغان ئەخمەقلىقنى قىلمايمىز. 

بالىلارنى تىلغا ئالغىنىمنى ئاڭلاپ ئابلەت ئەپەندىم سوغۇق كۈلۈپ قويدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇ بالىلارنىڭ تۇغۇلغىنىدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تېپىپ بولغان بولسا كېرەك. 

_ كىم بىلىدۇ، ئۇ بالىلار ئۈمىدنىڭمۇ ئەمەسمۇ؟

ئالدىمدا تۇرغان بۇ كىشىنىڭ ئۈمىدنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئۇنىڭ مەن بىلەن خۇشى يوقلۇقىنى بىلىمەن، لېكىن مەن ھازىر ھېچبولمىغاندا سالاھىيەت جەھەتتە ئۈمىد بىلەن تەڭ ھالەتكە يەتكەن چېغىمدا بولسىمۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ خىيالىمنىڭ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرماقتىمەن. ئۇنىڭ مېنى كۆزگە ئىلماسلىقى، مېنى تۆۋەن كۆرۈشى ھەرگىزمۇ مېنىڭ نامرات ياكى باي بولۇشۇم بىلەن ئالاقىسى يوق ئىشتەك، ئۇ پەقەت ئۈمىد ئىككىمىزنىڭ بىللە ياشىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغاندەك قىلاتتى. ئەمدى بۇ كىشىنى ھۆرمەت قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. 

_ چۈشەندىم. تۇرسۇن مۇئەللىم شېرزاتنىڭ ئۆزىنىڭ پۇشىتىدىن بولغان بالا ئەمەسلىكىنى بىلمەي، سىزنىڭ بالىڭىزنى نەچچە يىل دادىلىق مېھرىنى بېرىپ بېقىپتىكەن،  سىز ئۆزىڭىز شۇنداق ئىشنى قىلغاچقا مېنىمۇ شۇنداق دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسىز. 

ئابلەت ئەپەندىم ئاچچىقتىن تىترەپ كەتتى.  مەن ئالدىمدىكى ھۆججەتنى يېپىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. 

_ يەنە باشقا ئىشىڭىز بارمۇ؟ ئىشىڭىز بولمىسا قايتىپ قېلىڭ، مېنىڭ يەنە ئىشىم بار ئىدى. 

بالىنىڭ ئاغرىپ قالغىنىنى ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. بالىنىڭ ئىشى مۇھىم، بۇ كىشى بىلەن قۇرۇق گەپ تالىشىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق. ئابلەت ئەپەندىم ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا چەكچىيىپ بىر قارىۋېتىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  تۇرسۇنئايغا تېلېفون قىلىپ قەيەردىلىكىنى سورىسام، ئۇ  تەربىيىلەش مەركىزىگە ئاز قالغانلىقىنى، يولنىڭ توسۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۆزۈم تاكسى بىلەن ئۆيگە باراي دەپ تاكسى توسۇۋاتسام تۇيۇقسىز بىر ماشىنا ئالدىمغا كېلىپ توختىدى. دېرىزىسىنى چۈشۈرگەنتى، قارىسام ھەسەن ئىكەن. ئۆيگە ئالدىراپ تۇرغاچقا تارتىشمايلا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم. 

_ مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭە ، جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى. 

_ بىلىمەن_ دېدى ئۇ. 

_ سىز قانداق بىلىسىز؟_ ئەجەبلىنىپ سورىدىم. ھەسەن ماڭا ئىپادىسىزلا قاراپ قويۇپ گەپ قىلمىدى. 

ئۆيگە بارساق ئىككى ئۆي خىزمەتچىسى بالىلارنى كىيىندۈرۈپ، ئۆزلىرىمۇ تەييارلىق قىلىپ تۇرغان ئىكەن، ئىككىسى بالىلارنى كۆتۈرۈپلا ھەسەننىڭ ماشىنىسىغا چىقتى. قىزىپ قالغىنى نەزەر بولسىمۇ، ئىككى بالا بىللە تۇرغاچقا  يەنە بىرىمۇ يۇقۇملىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھەر ئىككىسىنى بىللە ئېلىپ ماڭدۇق.  شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۈمىدكە تېلېفون قىلىۋەتتىم. 

دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن  بالىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قىزىپ قالغانلىقىنى، ئانتىبيوتىك ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بالىلارغا ئامال بار ئانتىبيوتىك ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكىنى بىلسەممۇ، لېكىن بالىنىڭ قىزىتمىسى يانمىغاچقا ئامالسىز ماقۇل بولدۇم.  بالا كىچىك بولغاچقا قولىدىكى تۇمۇرلىرىنى تېپىش تەس، شۇڭا ئوكۇلنى بېشىغا ئۇرماقچى بولدى.  بالىنى ئۆي خىزمەتچىسى تۇتۇپ تۇراتتى، بالا تىپىرلاپ يىغلاپ ئوكۇل ئۇرغىلى بولمىدى، سىستېرا بالىنى مېنىڭ كۆتۈرۈشۈمنى ئېيتتى.  بالىنى قولۇمغا ئېلىۋىدىم، ھەسەنمۇ كېلىپ  بالىنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى. نەزەر ئىككى قولىنى مىدىرلىتالمىغاندىن كېيىن بېشىنى چايقاپ جىم تۇرمىدى، سىستېرا تېخىمۇ ئۇرالماي قالدى. دەل شۇ چاغدا ئۈمىد يېتىپ كەلدى. ئۇ بەك ئالدىراپ كەتكەن بولسا كېرەك،  چاپىنىنى قولىغا ئارتىپلا كەلگەن ئىدى. ئۇ بىر قاراپلا ئەھۋالنى پەملىدى ۋە چاپىنىنى قويۇپلا كېلىپ نەزەرنىڭ بېشىنى تۇتىۋالدى. 

_  بالام، مەن كەلدىم، يىغلىما ھە، مەن بار. 

سىستېرا مىڭ تەستە بالىنىڭ بېشىدىن تۇمۇرىنى تېپىپ  ئوكۇل ئۇردى، ئوكۇل يىڭنىسىنى سانچىغان ۋاقىتتا بالا تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. يىڭنە مېنىڭ بەدىنىمگە كىرگەندەك بىئارام بولۇپ بالا بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتتىم. بالا بىردەم يىغلاپ ئاخىرى يىغىسى پەسىيىپ ئۇخلاپ قالدى.  بالا ئۇخلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بېشىمنى كۆتۈردۈم، ھەسەن قاچانلاردا كەتكەن بولغىيتتىكىن، كۆرۈنمەيتتى. ئوكۇل چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەتتۇق، بالا قايتا قىزىمىدى، شۇنداقتىمۇ ئىككى كۈن شىركەتكە بارماي ئۆيدە بالىلارغا ھەمرا بولدۇم.  مەن ھەرگىز خىزمەتنى دەپ بالىلارنى تاشلاپ قويىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، ئىككى ئۆي خىزمەتچىسىغۇ بالىلارغا بەك ياخشى قارايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا يەتمەيدۇ دە. 

شۇنىڭدىن كېيىن كۆپىنچە ۋاقىتتا مەمۇرى بۆلۈمدە ئىش بىجىردىم. بىر كۈنى ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.  مەن «كىرىڭ» دېگەندىن كېيىن ئىشىك ئېچىلىپ قولىدا بىر ئىستاكان قەھۋە كۆتۈرۈپ، ھېلىقى ۋاقىتتا كېچىكىپ قېلىپ مەندىن دەككە يىگەن، كېيىن تەربىيىلەش ئورنىغا يۆتكەلگەن زىلالە كىردى.  بۈگۈن ئۇ چېچىنى تۈگۈپ، سۇس گىرىم قىلىۋالغان، ئۇچىسىدىكى كىيمىمۇ شۇنداق رەتلىك ئىدى. 

_ نازىيە دېرىكتور، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. شۇ كۈنى مەن سىزنى مېنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ يولبويى نىمىشقىمۇ ئورنۇمدىن بالدۇر تۇرمىغاندىمەن، نىمىشقىمۇ كېچىكىپ قالغاندىمەن دەپ ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كەتكەنتىم. لېكىن سىزنىڭ ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇسەت بېرىشىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.  سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. 

_  شۇ كۈنكى ئىش سىزگە قاتتىق تەسىر قىلدىغۇ دەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كېچىكىپ قالماسسىز؟ 

زىلالە خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتى ۋە بېشىنى لىڭشىتتى. 

_ نازىيە دېرىكتور،  ئەمدى كېچىكىپ قالمايمەن، كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇيقۇم ئېغىر، ئەتىگىنى ئاسان ئويغىنالمايمەن، شۇڭا قۇڭغۇراقلىق سائەتتىن بىر نەچچىنى قويۇۋالدىم. بىرسىدە بولمىسا بىرسىدە ئويغىنىمەن. 

_ زىلالە، پوزىتسىيە ھەممىنى بىلگىلەيدۇ. سىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم زور، تىرىشىڭ. 

_ رەھمەت نازىيە دېرىكتور، مەن چوقۇم تىرىشىمەن. 

چۈشلۈك دەم ئېلىشتا  شىركەتنىڭ قارشى تەرىپىدىكى قەھۋەخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ ئامىنەگە تېلېفون قىلدىم. ئۇزۇن ھايال بولمايلا ئامىنە كىرىپ ئۇدۇللا مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئورۇندۇقنى تارتىپ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى. 

_ ئالدى بىلەن شۇنى سورىۋالاي، سىزنى بۇرۇنقىدەك نازىيە دەپ چاقىرىۋېرەيمۇ يا نازىيە دېرىكتور دەپ چاقىرايمۇ؟_ دەپ سورىدى ئۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا. 

_ سىزنىڭچىچۇ؟ _ دېدىم مەن. 

_ نازىيە دېرىكتور، قانداق تاپشۇرۇقىڭىز باركىن_ دەپ كۈلدى ئۇ. 

_ تۈزۈك گەپ قىلىڭە. 

_ سىز دېگەن ھازىر چوڭ شىركەتنىڭ دېرىكتورى بولۇپ كەتتىڭىز،  يەنە بۇرۇنقىدەك ئىسمىڭىزنى چاقىرىپ يۈرىۋەرسەم قانداق بولار؟ 

ئالدىمدىكى قەھۋەنى بىر ئوتلاپ بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم. 

_ شۇڭا يېقىندىن بېرى مېنى كۆرسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئېپ قېچىپ، مەندىن قېچىپ يۈرۈپتىكەنسىز دە؟ 

ئامىنە ئوڭايسىزلىنىپ كۈلۈپ قويدى. 

_ بۇرۇنقىدەك ۋاي نازىيە دەپ سىز بىلەن دوستتەك ئۆتسەم باشقىلار مېنى نىمە دەيدۇ؟ مېنى تازىمۇ خۇشامەتچى، تەخسىكەش نىمىكەن،  باشلىققا ياخشىچاق بولۇشنىڭ كويىدا يۈرىدىكەن دەپ قالمامدۇ؟

_ شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ خۇشامەتچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەن بىلەن چەك چىگرىنى ئايرىماقچى بولۇپتىكەنسىز دە. 

ئەمدى بىر يۇتۇم قەھۋە ئىچكەن ئامىنە بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ قېقىلىپ يۆتىلىپ كەتتى. ئۇ ئەتراپىغا قاراپ قويۇپ پەس ئاۋازدا:

_ قاراڭە دەۋاتقان گېپىڭىزنى. بۇنداق دېسىڭىز مەن تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ قالمامدىمەن. نازىيە، بەك تەلىيىڭىز بار ئىكەن،  مىنەۋەر خانىمغا ياراپ قالغانتىڭىز، قاراڭ ھازىر ئىگىلىكىڭىز زورىيىپ كەتتى.  ئەڭ مۇھىمى شۇنداق كېلىشكەن ئېرىڭىز بارئىكەن،  مەن ھازىرغىچە يا توي قىلالماي، يا بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالماي يۈرىمەن مانا. 

_ سىزگە بىرەسىنى تۇنۇشتۇرۇپ قويامدىم يا؟ سىز قانداق ئەرلەرنى ياخشى كۆرىسىز؟ _ دېدىم مەن چاقچاق ئارىلاش. 

_ ھازىر سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىز بۇرۇنقىغا ئوخشمايدۇ، ئارىلىشىدىغان  ئادەملىرىڭىزمۇ ئوخشىمايدۇ،  سىز بىلىدىغان ئۇ بايۋەچچىلەر بىزدەكلەرنى يارىتامتى؟

_ ئۇنداق دېمەڭ،  سىزمۇ شۇنداق چىرايلىق تۇرمامسىز؟ ئۆزىڭىزدىكى بەزى نۇقسانلارنى تۈزەتسىڭىزلا بولىدۇ. 

_ قايسى نۇقسانلارنى؟_ سورىدى ئۇ چۈشەنمەي. 

_ ھە دېسە چولپانلارنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالماڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز سىزگە ياخشى لايىق تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن.  

_ مەن چولپانلارغا قىزىقماس بولۇپ قالغىلى نەۋاق.  مەنمۇ شۇ ئىچىم پۇشۇپ «ئاھ چولپان» دەپ كېتىپتىكەنمەن.  ئەمدى ئويلاپ باقسام بىكارلا بىر ئىشكەن. 

ئامىنە ئادەتتە بۇنداق يۈرگىنى بىلەن خىزمەتتە ئەستايىدىل، يەنە كېلىپ بۇرۇن مىنەۋەر خانىمنىڭ قولىدا ئىشلىگەن، شىركەتنى ئوبدان چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىپ يۈرەتتىم.  شۇنىڭ بىلەن ئۇنى كادىرلار بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلدىم. ئۇ يېڭى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى تۇنجى ۋەزىپىسى  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشتىن سىرت ئىشلىشىگە شارائىت ھازىرلاش بولدى. يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇ خىزمەتنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ياخشى ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتتى، تەييارلىق پۈتۈپ ئېلان بېرىلىشى بىلەنلا ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇزۇن ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى. 

شۇ كۈنى ماشىنا بىلەن شىركەتكە كىرىپ كېتىۋېتىپ ئۆچىرەتتە تۇرغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قاتارىدا تۇنۇش بىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئامىنەگە تېلېفون قىلىپ  بايا كۆرگەن قىزنى يېنىمغا ئەكىرىشنى ئېيتتىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇ بايىقى قىزنى باشلاپ كىردى. 

_ بۇياق نازىيە دېرىكتور بولىدۇ_ دەپ مېنى تۇنۇشتۇردى ئامىنە. 

ئالدىمدىكى بۇ قىز مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.

_ ئامىنە، سىز چىقىپ ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ. ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشەي.

ئامىنە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قىزغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم.

_ كۆرۈشمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتۇ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟  

_ مەنمۇ سىز ئىكەنلىكىڭىزنى پەقەت ئويلىماپتىمەن. 

_ نىگارە قانداقراق؟_ سورىدىم مەن تەقەززالىق بىلەن. 

ئالدىمدىكى بۇ قىز شۆھرەتنىڭ بېقىۋالغان قىزى دىلدار ئىدى. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 3811
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读2.0k
粉丝0
内容3.8k