大数跨境

ئاخىرقى توي ( رومان ) 158 - قىسىم

ئاخىرقى توي ( رومان ) 158  - قىسىم aybarawazi
2023-11-16
1
导读:گۈل قەلەم سالونى ھەر كۈنى سزگە ھەمراھ

سالام سالۇندىكى  بارچە ئەزىزلەر!تۆۋەندە ( ئاخىرقى توي  ) ناملىق رومان ھوزۇرۇڭلاردا بولسۇن !


بۇ ئەسەرنىڭ 159-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق  ،  خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ


ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى  بۇ  يەردىن ئاڭلاڭ


1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
26
27
28
29
30
31
32
23
34
35
36
37
38
39
40
41
42
43
44
45
46
47
48
49
50
51
52
53
54
55
56
57
58
59
60
61
62
63
64
65
66
67
68
69
70
71
72
73
74
75
76
77
78
79
80
81
82
83
84
85
86
87
88
88
89
90
91
92
93
94
95
96
97 98
99
100
101
102
103
104
105
106
107
108
109
110
111
112
113
114
115
116
117
118
119
120
121
122
123
124
125
126 127
128
129
130
131
132
133
134
135
136
137
138
139
140
141
142
143
144
145
146
147
148
149
150
151
152
153
154
155
156
157




ئاخىرقى توي
(رومان)
ئاپتورى : دىلھايات

158-قىسىم  


ئۈمىدنىڭ بايانى 

   بۇ شەھەرنىڭ ھاۋارايى مۇشۇنداق، قاچان يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بايا تېخى ھاۋا ئوچۇق تۇرغان، دەرستىن چۈشۈپ چىقسام يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ. ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ يېشىل چىراقنىڭ يېنىشىنى ساقلاپ تۇردۇم، يېشىل چىراق يانغاندا ئۆيۈم تەرەپكە ماڭماي، ئۇنىڭ قارشى يۆنىلىشىگە ماڭدىم.  بىر نەچچە يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بەخت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يامغۇر تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتتى،  مەنمۇ سۈرئەتنى تېزلەتتىم. كېيىنكى يول ئېغىزىغا كەلگەندە ھېلىقى قىزنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئىسمى نازىيە. ئۇ ئىنتايىن تېز مېڭىپ كېتىۋاتاتتى، كۈنلۈك ئالمىغاچقا سومكىسى بىلەن بېشىنى توسۇۋاپتۇ. تۇيۇقسىز بىر نەچچە ئوغۇل بالا ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى. 

_ نىمانچە تېز ماڭىسىز، قىزچاق؟ نەگە ئالدىراۋاتىسىز؟ 

نازىيە ئۇلاردىن قورققان چېغى، بېشىنى پەس قىلىپ ئۇلارنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن بالىلار ئۇنى بۇنداقلا ماڭغۇزىۋەتمەيدىغان چىراي، ئۇنى سومكىسىدىن تارتىپلا كەينىگە ياندۇرۇپ كەلدى. ئۇ تارتىپ بۇ تارتىپ ئاخىرى سومكىسى يىغىلىپ قالغان يامغۇر سۈيىگە چۈشۈپ كەتتى. 

_ نىمىگە ئالدىرايسىز؟ ئۆيىڭىزدە تېز كەل دەيدىغان ئادەم بولمىسا يا، يۈرۈڭە، ئويناپ كېلىمىز. 

نازىيە سومكىسىنى يەردىن ئالدى. 

_ بارمايمەن. 

ئارىدىكى بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭ چېچىنى تارتتى. 

_ چىرايلىق گەپ قىلغاننى بىلىڭ ھە. 

   ئۇلار نازىيەنى تارتقۇشلاۋاتقاندا ۋېلىسپىتنىڭ پىدالىنى كۈچەپ دەسسەپ ئۇچقاندەك باردىم. 

_ قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالغان ئوخشايسىلەر ھە؟

ئۇلار مېنى كۆرۈپ:

_ ئۈمىد ئاكا، ئۈمىد ئاكامكەن_ دىيىشتى.  مېنى مەكتەپتىكى كۆپىنچە بالىلار تۇنۇيتتى، مەن مەكتەپتە باشقىلارنى بوزەك قىلمايدىغان ھەم بوزەكمۇ بولمايدىغان بالا ئىدىم. 

_ باشقا ئىش يوق، ئۈمىد ئاكا، بۇ قىزغا چاقچاق قىلىپ قويغانتۇق.  مانا بىزمۇ ئۆيىمىزگە قايتىمىز ئەمدى_ ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ تىكىۋېتىشتى. 

_ ئەمدى ئۇنى بوزەك قىلىپ بېقىشە قېنى! _ دېدىم مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ۋارقىراپ.  

نازىيە جايىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئايىقىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان پۇتلىرى مىدىرلىدى. 

_ رەھمەت سىزگە ! _ دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا. ئۇنىڭ بەك قورقۇنچاق ئىكەنلىكىنى مەن بۇرۇنلا بىلگەن، شۇ تاپتا ئۇ ھەتتا رەھمەت دېگەن سۆزنىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇرۇپ دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈزىگە قارىدىم، ئۇ بەك ئورۇق، بويىمۇ پاكار، قارىماققا بېقىش تاپمىغان بالىدەكلا كۆرۈنەتتى. لېكىن ئۇنىڭ كىرپىكلىرى شۇنداق ئۇزۇن، قايرىلىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ دېققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان يېرىمۇ شۇ بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىك كۆزىگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدىم، ئەمما ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپمۇ باقمىدى. 

_ يامغۇر بەك قاتتىق يېغىپ كەتتى، سىزنى مەن ئاپىرىپ قوياي! _ دېدىم مەن.  ئۇ بېشىنى چايقاپ، يەنە سومكىسى بىلەن بېشىنى توستى. 

_ بولدى، رەھمەت. ئۆيۈمگە ئاز قالدىم، بىردەمدىلا بېرىپ بولىمەن. _ ئۇ شۇنداق دەپ ئۆرۈلۈپلا يەنە مېڭىپ كەتتى. مەن ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئاستا ماڭدىم، تاكى ئۇ بىناغا كىرىپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ كەينىدىن قالماي ماڭدىم.  

   ئۇ ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئىككى يىل بولدى، ئىككى يىلدىن بۇيان مەن ئۇنى ھەر قېتىم بېشىنى تۆۋەن سالغان، غەمكىن ھالەتتىلا كۆرىمەن. ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنى دائىم باشقىلار بوزەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يەنىلا بىر خىل قەيسەرلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا نىسبەتەن قەيسەر بولماقتىن باشقا ئامالمۇ يوقتۇ بەلكىم. بۇ خۇددى يامغۇر ياغقاندا يىغلاپ تۇرسا ياكى يامغۇرنىڭ توختىشىنى ساقلاپ تۇرسا يامغۇردا ھۆل بولۇپ كېتىدىغان، شۇڭا ئامالسىز تېز يۈگۈرگەندەكلا بىر ئىش.  بايا ئۇ يىغلىغاندەك قىلدى، بايىقى بالىلار ئۇنىڭغا خېلىلا ئازار بەرگەن بولسا كېرەك. ئەسلى ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز تەسەللى بېرىپ كۆڭلىنى ياساپ قوياي دېگەن ئىدىم، ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈدەك نىمە سالاھىيىتىم بار؟  يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەسەللى دادىسىنىڭ تىرىلىپ قېلىشى، ئاپىسىنىڭ ھۇشىغا كېلىشى بولسا كېرەك، بولىدىغان ئىش بولۇپ بولغان تۇرسا، بۇ ئىشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولسۇنمۇ؟

ئۇنىڭ بىناسىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ كەينىمگە يېنىپ مېڭىشىمغا نەۋرە ئىنىم ئۆتكۈر ئۇچراپ قالدى، ئۇ سومكىسىنى ئارتىپ ۋېلىسپىت مىنىپ ماڭغان ئىدى. ئۇ بۇرۇن بەخت باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيتتى، كېيىن ھامماملار ئۆي كۆچۈش سەۋەبلىك مەكتىپىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ كەتكەن. 

_ ئۈمىد، سەن بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىسەن؟ _سورىدى ئۆتكۈر مېنىڭ تۇيۇقسىز بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالغىنىمدىن ھەيران بولغان بولسا كېرەك. 

_ ئىچىم پۇشۇپ چۆگىلەپ باقتىم_ دېدىم مەن.

_ قىزىق مىجەزىڭ بار دە، مۇشۇ يامغۇردا ئىچىڭ پۇشۇپ چۆگىلەپ يۈرگەندىكىن. 

   ئۇ گېپىمگە ئىشەنمىدى، ئىشەنمىسە نىمە كارىم؟ ئىككىمىز تەڭ مېڭىپ بىر يول ئېغىزىغا كەلگەندە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتۇق.  مەن بىر سودا ساراينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋېتىپ تۇيۇقسىز كۆزۈم سودا ساراينىڭ ئالدىغا چۈشۈپ ۋېلىسپىتنى دەرھال تورمۇزلىدىم. شۇ تاپتا سودا سارايدىن خۇشلۇقىدىن ئاغزى قۇلىقىغا يېتەي دەپ چىقىۋاتقىنى مېنىڭ دادام، ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان ئايال مەن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ھېلىقى ئايگۈل دېگەن ئايال شۇ بولسا كېرەك. ئۇ ئايالنىڭ بىر قولىدا بىر مۇنچە خالتىلار بار، يەنە بىر قولىدا بىر بالىنى يېتىلىۋالغان ئىدى، ئۇ بالا مەكتەپتىن يېنىشىغا دادام ئۇلارنى  سودا سارايغا نەرسە _ كېرەك ئېلىپ بەرگىلى ئېلىپ كەلگەن بولسا كېرەك. دادام بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئىشى ھەممە ئادەمگە ئاشكارا بولۇپ كەتتى، لېكىن شۇ تاپتا ئۇلارنى بىللە كۆرۈپ يەنىلا ئاچچىقىم كېلىۋاتاتتى. ئۇلار كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ كېلىۋاتاتتى، بىلمىگەنلەر ئۇلارنى بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن دەپ قېلىشى ئېنىق. دادام تاكى ماشىنىغا چىققانغا قەدەر يامغۇردا ئۇلارغا چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان مېنى كۆرمىدى.  كۆرگەن ھالەتتىمۇ ماڭا چىراي ئېچىشى ناتايىن، چۈنكى دادام ماڭا چىش _ تىرنىقىغىچە ئۆچ. 

 ئەينى ۋاقىتتا شەخسىي ماشىنىسى بار ئادەملەر كۆپ ئەمەس، دادام دەل شۇ ئاز سادىكى ماشىنىسى بار ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ماشىنىسىدا ئاپامنىڭ ئولتۇرغان ۋاقتىنى بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدۇ. ئاپامغا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇدەك پۇرسەت يوق، چۈنكى ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، شۇڭا سىرتلارغا بەك چىقىپ كەتمەيدۇ، ماشىنىغا مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقمىغان، دادام مېنى ماشىنامغا چىق دېسىمۇ چىقمايمەن، ئۇنىڭ ماشىنىسىدىن ئۆزۈمنىڭ ۋېلىسپىتىمنى راھەت كۆرىمەن، گەرچە ۋېلىسپىت قار، يامغۇرنى توسۇيالمىسىمۇ يەنىلا دادامنىڭ ماشىنىسىدىن راھەت.  دادامنىڭ ماشىنىسى تاش زاۋۇتى تەرەپكە ماڭغاندەك قىلاتتى.  دادام تولا ۋاقىتلاردا شۇ يەردە تۇرىدۇ، زاۋۇتتا دادامنىڭ بىر ياتىقى بار، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيگە قايتماسلىقى ئادەتتىكى بىر ئىش. 

مەن ۋېلىسپىت بىلەن ئۆيگە ماڭدىم، ئۆيگە ئاز قالغاندا كۆكتات بازىرىنىڭ ئالدىدا كۆكتات ئېلىپ چىققان ئاپامنى كۆردۈم.  ئاپام بىر قولىدا كۆكتات، بىر قولىدا كۈنلۈك كۆتۈرىۋالغان بولۇپ يولبويى يۆتىلىپ مېڭىۋاتاتتى، ھەتتا بەكرەك يۆتىلىپ قېقىلىپ ئېگىلىپ قېلىۋاتاتتى. بۇ ھالەتنى كۆرۈپ دادامنىڭ بايىقى ئايال بىلەن سودا سارايدىن چىققان ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ كەتتى.   ئاپامنىڭ ئالدىغا باردىم. 

_ ئاپا، يۆتىلىڭ يەنە ئېغىرلىشىپ قاپتۇ، چوڭ دادامنىڭ يېنىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ باققىنە. 

ئاپام مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە دەرھال كۈنلۈكنى مېنىڭ بېشىمغا تۇتتى. 

_ قارا سېنى، سومكاڭغا كۈنلۈك سېلىۋال، «كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرلىقى يوق» دېسەم گېپىمنى ئاڭلىماي، مانا چىلىق چىلىق بولۇپ كېتىپسەن، زۇكامداپ قالساڭ مەن قانداق قىلىمەن؟

ئاپام ئاجايىپ مۇلايىم ئايال، ئۇ مېنى «كۈنلۈك ئالماپسەن» دەپ ئەيىبلىگەندەك قىلغان بىلەن، ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئارىسىدا ئانىلىق مېھىر لىققىدە.  ئەمەلىيەتتە ئاپام ھېلىقى ئايالدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق، لېكىن ئاپامنىڭ ئۆپكە كېسىلى بار، تولا يۆتىلىپ قالىدۇ. دادام دەسلەپتە ئازراق كۆڭۈل بۆلۈپ ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ قىلىپ قوياتتى، كېيىن ئاپام يۆتەلسە چېچىلىدىغان بولۇپ قالدى،  ھەتتا «نېرىراق بېرىپ يۆتىلە  ئىچىمنى سىقماي» دەيدىغان بولدى. شۇڭا بىچارە ئاپام دادامنىڭ ئالدىدا يۆتىلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان بولۇپ قالدى. 

ئاپامنىڭ يۆتىلىمۇ تۇغما كېسەل ئەمەس،  دادام تاش زاۋۇتىدا يېڭىدىن ئىش باشلىغاندا زاۋۇتنىڭ شارائىتى ناچار،  دادامنىڭ ماشىنىسىمۇ يوق،  ئاپام دادامنى تاماقتىن قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ ھەركۈنى زاۋۇتقا تاماق توشۇيتتى، بوران چىقامدۇ، قار، يامغۇر ياغامدۇ،  ئىشقىلىپ ئاپام بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ دادامنىڭ يېنىغا ماڭغىنى ماڭغان ئىدى. بەزىدە قايتىپ كەلگەندە يامغۇردا قېلىپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كېتەتتى، بەزىدە قاردا قېلىپ لاغىلداپ تىترەپ كېتەتتى. 

ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىر يىلى قىشتا قار ئىنتايىن قېلىن ياغدى، ئاپام دادامغا تاماق ئېلىپ كەتتى، لېكىن دادام زاۋۇتتا يوقكەن، ئاپام قاردا تۇرۇپ دادامنى خېلى ئۇزۇن ساقلاپتۇ، تاماقمۇ سوۋۇپ كېتىپتۇ، ئەمما دادام قەيەرگە كەتكەنكىن، قايتىپ كەلمەپتۇ.  زاۋۇتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكىنىنى بىلمەيدىكەن. ئاپام ئېلىپ بارغان تاماقنى ئېلىپ يەنە قايتىپ كەلدى، ئەمما شۇ كۈنى كەچلىكى قىزىتمىسى ئۆرلەپ، يۆتىلىپ خېلىلا قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئاپامنىڭ ھازىرقى يۆتىلىمۇ شۇ قېتىمقى يۇقىرى قىزىتمىدىن قېپ قالغان، كېيىن ھەرقانچە داۋالىتىپمۇ يىلتىزىدىن ساقايتالمىدۇق. 

كۈنلۈكنى ئىتتىرىپ يەنە ئاپامنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ قويدۇم. 

_ كېرەك يوق، ئاپا، مەن يامغۇردىن قورقمايمەن. سېنىڭ سالامەتلىكىڭ ياخشى ئەمەس، شامالداپ قالساڭ بولمايدۇ. 

ئاپام كۈلۈپ قويۇپ يېنىمغا كېلىپ كۈنلۈكنى ئىككىمىزنىڭ بېشىغا تۇتتى. مەن ۋېلىسپىتنى مىنمەي يىتىلەپ ماڭدىم. ئاستاغىنە ئاپام سېتىۋالغان كۆكتاتلارغا قاراپ باقتىم، ھەممىسى دادام ياخشى كۆرىدىغان كۆكتاتلار ئىدى.  ئاپام  ھەقىقەتەن ۋاپادار ئايال، كۈيۈمچان ئانا دېگەن نامغا مۇناسىپ ئايال، ئاپام ئۆزىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ دادام ئىككىمىزنى بەك ياخشى كۈتىدۇ. ئاپام دادام بىلەن مېنىڭ قايسى تاماققا ئامراق ئىكەنلىكىمىزنى بەش قولدەك بىلىدۇ، ئەمما مەن ئاپامنىڭ نىمىگە ئامراق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن.

_ ئاپا، سەن قايسى كۆكتاتقا ئامراق؟_ دەپ سورىدىم. 

_ مەن يەيدىغان نەرسىنى بەك تاللاپ كەتمەيمەن _ دېدى ئاپام. 

ئۆيگە ئاز قالغاندا بىزنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىمىزنىڭ مېنىڭ «نوچى» دادام ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ قالدىم.  

_ ئابلەت ئاكامنىڭچۇ پۇلى بار، شۇڭا سىرتتا بىر ئەمەس، نەچچە ئاشنىسى بولسىمۇ بېقىپ كېتەلەيدۇ. مۇشۇنداق بىڭىسى با ئۇنىڭ. 

_ شۇنى دەڭلا.  ئۇ ھېلىمۇ بۇ كېسەل كۆرپىسى خوتۇنىنى ئۆيىدە ساقلاۋاتىدۇ، مەن بولغان بولسام ئاللىبۇرۇن ئۆيدىن ھەيدىۋېتىتىم. 

_ ھېلىمۇ ئۇنىڭغا بۇ ئۆي دەڭدەك بوپ قاپتۇ، كەلگۈسى كەلسە كېلىدىكەن، بولمىسا كەلمەيلا قويىدىكەن. 

 مەن بىكارچى خوتۇنلارنىڭ مۇشۇنداق غەيۋەتلىرىدىن بەك بىزار. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ تىلىنى كېسىۋەتكۈدەك بولۇپ كېتىۋاتاتتىم، ئاپام مېنىڭ مۇشتۇمنىڭ تۈگۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ «ئۇنداق قىلما» دېگەندەك بېشىنى چايقىدى. 

ئۆيگە كىرىپ ئاپام بىردەم ئارام ئالاي دەپمۇ ئويلىماي دەرھال پەرتۇقنى ئالدىغا تارتىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. 

_ ئاپا، نىمە تاماق ئېتىسەن؟ _ دەپ سورىدىم. 

_ بۈگۈن يامغۇر ياغدى، ھاۋامۇ سوغۇق تۇرىدۇ، بالام، داداڭ ئامراق چۈچۈرە ئېتەي، توڭلاپ كەلگەندە ئىسسىق ئىچسۇن! 

بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە كۆڭلۈم بىئارام بولدى، دادام ئۇ يەردە باشقا بىر خوتۇننى ماشىنىغا سېلىپ، سودا سارايغا ئاپىرىپ نەرسە كېرەك ئېلىپ بېرىپ يۈرسە، ئاپام يەنە دادامنىڭ غېمىنى يەپ ئولتۇرىدۇ. ئاپام ھورى چىقىپ تۇرغان بىر چىنە چۈچۈرىنى ئەچىقىپ ئالدىمغا قويدى، مەن ئاپام ئەتكەن چۈچۈرىگە بەك ئامراق، گۈپۈلدەپ تۇرغان پىننە پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇشى بىلەنلا ئاغزىمغا سېرىق سېلىپ كېلىپ كېتىدۇ. بىر چىنە چۈچۈرىنى بىردەمدە ئىچىۋەتتىم. ئۇنىڭغىچە ئاپام تاماق قاچىسىغا چۈچۈرىنى ئۇسۇپ ئېلىپ چىقتى. 

_ بۇنى چوڭ داداڭغا ئاپىرىپ بەرگىنە، بالام، ئىسسىقىدا ئىچىۋالسۇن. چوڭ داداڭ ئەسلى كەلمەكچى بولغان، كېيىن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، دوختۇرخانىغىلا ئاپىرىپ بەرگىن، ھە، بالام. 

مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ چاپىنىمنى كىيىپ تاماق قاچىسىنى ئېلىپ مېڭىشىمغا ئاپام يەنە:

_ يېنىشىڭدا داداڭنىڭ يېنىغا بېرىپ چاقىرغاچ كېلەرسەن، ئىسسىقىدا ئىچسۇن! _ دېدى.  «ھەي، دادامنىڭ كېلىشى ناتايىن جۇمۇ» دەپ ئويلىدىم، ئەمما يەنىلا «ماقۇل، ئاپا» دەپ ماڭدىم.   

سىرتقا چىقسام يامغۇر توختاپتۇ، ۋېلىسپىت بىلەن ئۇدۇل چوڭ دادام ئىشلەيدىغان شەنخۇا دوختۇرخانىسىغا ماڭدىم. چوڭ دادام ئىشخانىسىدا يوقكەن، سىستېرالار چوڭ دادامنى ئوپېراتسىيەگە كىرىپ كەتتى دېدى. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ چوڭ دادامنى ساقلىدىم. چوڭ دادامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ تېمى ھەرخىل لەۋھە ۋە تەقدىرنامىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن، ھەممىسى چوڭ دادامغا بېرىلگەن ئىدى. بىردەم ئولتۇرسام چوڭ داداممۇ كىردى، چوڭ دادام كىرىپلا پەلىيىنى سالدى، چىرايىدىن بىر خىل ھارغىنلىق چىقىپ تۇرسىمۇ مېنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدى. 

_ ۋوي يىگىت، سەن كەپ قاپسەنغۇ؟ 

_ ئاپام چۈچۈرە ئەتكەن، سىزنى ئىسسىقىدا ئىچىۋالسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم.  چوڭ  دادا، ئوپېراتسىيە تۈگىگەن بولسا ئۆيگە بېرىپلا ئىچەمسىز يا؟ چۈچۈرىنى قازاندىن ئېلىپلا ئىچسە تېخىمۇ تېتىيتتى _ دېدىم مەن. 

_ سەل تۇرۇپ يەنە بىر ئوپېراتسىيە بار، بىمار ماڭا قاراپ تۇرسا، مەن تاماق يىگىلى كەتسەم ياخشى بولمايدۇ، بالام،   داداڭچۇ، داداڭ ئۆيگە باردىمۇ؟ _ سورىدى چوڭ دادام. 

_ ئەمدى چاقىرغىلى بارىمەن. 

_ چاقىرىپ ئۆيگە ئېلىپ كەت. بالىسى ئىڭەككە تاقىشىپ قالسىمۇ يەنە ئۆزىنى بىلمەي يۈرگەن. 

دادامنىڭ مىجەزىنى چوڭ داداممۇ ئوبدان بىلىدۇ. بىر ئىشقا ئەقلىم ھەيران، دادامنىڭ مىجەزىنىڭ كىچىككىنە يېرىمۇ چوڭ دادامنى تارتمىغان، مېنىڭ مىجەزىم دادامنى تارتمىغان، بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟  دوختۇرخانىدىن چىقىپ ۋېلىسپىىتنىڭ رولىنى شەرقى بازارغا بۇرىدىم.  يولدا ماڭغاچ يول بويىدا سېتىۋاتقان قاقلانغان تاتلىقياڭيودىن نەچچىنى ئېلىۋالدىم.  نازىيەنىڭ ئۆيى بار كوچىغا قايرىلغاندا يىراقتىن ئۆتكۈرنىڭ شۇ بىنادىن چىقىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمەي ۋېلىسپىتىنى مىنىپلا كېتىپ قالدى.  ۋېلىسپىتنى بىنانىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇپ ئۈستىگە چىقتىم، نازىيەنىڭ ئۆيىنىڭ نەچچىنچى قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇنىڭ ئۆيى ئۆتكۈرلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى قەۋەتتە، بۇرۇن ئۆتكۈرلەرنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالاتتىم. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلسەم ئىشىك تۇتقۇچىغا بىر خالتا ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ، خالتىدا قاقلانغان تاتلىقياڭيودىن ئىككىسى سېلىنغان ئىدى. ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازدا تېكىست ئوقۇۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. گەرچە ئىشىك يېپىقلىق بولسىمۇ مەن ئۇنىڭ ئۈستەل ئالدىدا تۈپتۈز ئولتۇرۇپ ئۈنلۈك ئاۋازدا تېكىست ئوقۇۋاتقان ھالىتىنى خىيالەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم.  مەن قولۇمدىكى تاتلىقياڭيو سېلىنغان خالتىنى ئىشىك تۇتقۇچىدىكى خالتىنىڭ يېنىغا ئىلىپ، ئىشىكنى يىنىككىنە ئىككى چېكىپ قويۇپ پەسكە چۈشۈپ كەتتىم. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك ئېچىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. 

_ كىمۇ؟ _ بۇ نازىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى. مەن كارىدورنىڭ تېمىغا چاپلىشىپ، نەپەس ئېلىشقىمۇ پىتىنالماي جىمجىت تۇرىۋالدىم. ئىككى يىلدىن بۇيان مەن  بۇنداق ئىشنى نۇرغۇن قېتىم قىلدىم، ئەمما ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ سېزىلىپ قالمىدىم.  بىردەمدىن كېيىن ئىشىك يېپىلدى.  ئالدىمغا نەچچە قەدەم مېڭىپ، بېشىمنى سوزۇپ قارىسام ئىشىك تۇتقۇچىدا تاتلىقياڭيو سېلىنغان خالتا يوق ئىدى. خاتىرجەم بولۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتىم. پەسكە چۈشۈپ ۋېلىسپىتىمنى مىنىپ ماڭاي دەپ بىرسى قارا دېگەندەك بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسىگە قارىسام، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بېشىنى چىقىرىپ قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن جىددىيلىشىپ ۋېلىسپىت پىدالىنى كۈچەپ تېپىپ كېتىپ قالدىم. 


ئاخىرى بار …





,,,



 ( ئاخىرقى  توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ




………………… 

شىنجاڭ ئايبەر ساياھەت شىركىتى 



ساياھەت قىلشىنى ياخشى  كۆرەمسىز ؟  ساياھەت كەسپىدە تەرەققىي قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز ؟  ئۇنداق بولسا  شىنجاڭ ئايبەر خەلئقارا ساياھەت شىركىتىگە كېلىڭ ، 

 ساياھەت شىركىتىمىز قۇرۇلغىلى بىر يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ ،  يىگىرمە توققۇز شىركەتلەر بىلەن توختام ئىمزالاپ كەڭ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى ،  شۇنداقلا كۇچا شەھىرى ۋە شايار ناھىيىسىدە تارماق شىركىتى  ئېچىلدى  . ساياھەت  شىركىتىمىز  يەنە شىنجاڭىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىن تارماق شىركەت ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىدۇ  ،  تەپسىڭلاتىغا قىززىقىسىڭىز  بىز بىلەن ئالاقىلشىڭ  . 

ئالاقىلاشقۇچى  : ئايبەر 

ئالاقىلىشىش تېلىفون  ـ ئۈندىدار ئورتاق نۇمۇرى  :  19999706319






سالۇنىمىزدىن تەۋىسىيە  :

سالۇنىمىزدىكى تەييارلىغان مەزمۇنلارنى ياقتۇرغان بولسىڭىز دوستىڭىزغا  ۋە دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەپ قويۇڭ  . ( قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت )

ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . ھەر كۈنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا تىرىشىمىز .

ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىدا كۆرىشەيلى  . سۆز قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ 

【声明】内容源于网络
0
0
aybarawazi
ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
内容 0
粉丝 0
aybarawazi ئايبەر ئاۋازى سالۇنى سىزنى قارىشى ئالدۇ ! سالۇنىمىزنى قۇشىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
总阅读0
粉丝0
内容0