
بۇ ئەسەرنىڭ 163-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162-قىسىم
ئۇلار بىر نەچچىسى دائىم بىللە يۈرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى دادام بىلەن كۆرۈشكەن ھېلىقى ئادەم، يەنە بىرى مىنۇستا ئولتۇرغان چاسا يۈزلۈك ئادەم شۇ ئىدى. كېيىن مىنىبۇستا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ تايران ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كەينىدە يۈرىدىغان تايىر ئىسىملىك بىر ئىنىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. بىر قېتىملىق جىدەلدىن كېيىن «ئېلىشمىغىچە تېپىشماس» دېگەندەك ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدىم. ئۇلار ئاغزىدا مېنى «ۋاي ئىنىم، ئىنىم» دېگىنى بىلەن مەن يېڭى كىرگەچكە مەندىن بەك ئېھتىيات قىلاتتى. ئۆزلىرىنىڭ سودا قىلىدىغان جايىنى مەندىن مەخپىي تۇتۇپ زادىلا بىلدۈرمىدى. شۇ يىلى قىشتا قار بەك قېلىن ياغدى. ئۇلار بىر مەزگىل بەكلا سىرلىق بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن قارىسام بىرەر ئىشنى پىلانلاۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۈگۈر يىتىمغا مەسئۇل بىر نەچچىسىنى بەزمىخانىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلىپ، ھاراقنى بولۇشىغا ئىچكۈزدۈم. ئۇلار ھاراقنى ئىچىپ خۇدىنى بىلمىگۈدەك بولغاندا ئارىدىكى بىرى ئۇلار پىلانلاۋاتقان سودىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويدى. ماڭا ئۇلارنىڭ كەينىدە ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىۋاتقان بىرى باردەك بىلىنەتتى، لېكىن كۆرۈپ باقمىدىم. سودا بولىدۇ دېگەن كۈنى بىر نەچچىمىز ساماۋار شورپىخانىسىغا بېرىپ ساماۋار شورپىسى يىدۇق. ئەگەر ئۇچۇر خاتا بولمىسا بۈگۈنكى سودا مۇشۇ ساماۋار شورپىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلاتتى. لېكىن تايران تېخىچە كۆرۈنمەيتتى. مەن پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە ئۇلار بىلەن ساماۋار شورپىسى يەۋاتىمەن، ئەمما توختىماي ئەتراپنى كۆزىتىۋاتىمەن. بىز تازا قىزىق يەۋاتقاندا بىر توپ ساقچىلار باستۇرۇپ كىردى، مەن بىلەن بىللە ساماۋار شورپىسى يەۋاتقانلار ساقچىلار بىلەن بىردەم تىركىشىپ بېقىپ كېيىن ھەممىسى تۇتۇلدى، ئەمما تايىر كەينى ئىشىكتىن قېچىپ كەتتى. مەن ھېچنىمىنى ئويلىمايلا ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. تايىرنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ يەرگە بېسىۋالدىم، ئۇ مېنى ئىتتىرىۋېتىپ تۇرۇپ كەتمەكچى بولدى، مەن قويۇۋەتمىدىم، ئىككىمىز قاردا پومىداقىشىپ كەتتۇق، بىر چاغدا ئۇ قولىغا بىر پارچە خىشنى ئېلىپ مېنىڭ بېشىمنى بىرنى ئۇردى، پىشانەمدىن قان چىقتى، لېكىن يەنىلا ئۇنى قويۇۋەتمىدىم. قان ئېقىپ كۆزۈمگە كىرىپ كۆز ئالدىم غۇۋالىشىشقا باشلىدى، بىر چاغدا تايراننىڭ كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم، ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىۋاتقان بولسا كېرەك. لېكىن ساقچىلار كەينى ئىشىكتىن چىقىپ قالدى، تايىرنىڭ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىنىنى كۆرگەن تايران بۇرۇلۇپلا قاچتى. ئۇ بۇرۇلىۋاتقان شۇ دەقىقىدە ماڭا غەزەپ بىلەن قارىدى، خۇددى مېنى ھازىرلا تىرىك يۇتۇۋېتىدىغاندەكلا. ساقچىلارنىڭ تايىرنىڭ قولىغا كويزا سالغىنىنى غىل-پال كۆردۈم، قالغان ئىشلارنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام ناتۇنۇش بىر جايدا ياتىمەن، كارىۋاتنىڭ يېنىدا ھەربىيچە فورما كىيگەن ئىككىيلەن تۇرىدۇ. مېنىڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ مەمنۇن بولۇپ كۈلۈشتى.
_ ئۇنى تاپتىڭلارمۇ؟_ مېنىڭ كۆزۈمنى ئېچىپ تۇنجى دېگەن گېپىم شۇ بولدى. زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلغىنىنى تۇنۇپ يەتكەن كۈندىن باشلاپ مېنىڭ پۈتۈن ئەسيادىم زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قانۇننىڭ جازاسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىلا قالغان ئىدى. ئۇلاردىن بىرى بېشىنى لىڭشىتتى.
_ تايىرنى تۇتتۇق، تايران قېچىپ كەتتى. تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىپ ئۇنى ئىزدەۋاتىمىز. ئۇمۇ چوقۇم ئۇزۇنغا قالماي تۇتۇلىدۇ.
يەنە بىرەيلەن باشمالتىقىنى چىقاردى.
_ يارايسىز يىگىت!
ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئۇچىسىدىكى ھەربىي فورمىغا قاراپ خېلىغىچە كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم. كىچىكىمدىن ھەربىي فورمىسى كىيگەنلەرگە بەك ھەۋەس قىلاتتىم. ئۇ كىشى مېنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك:
_ كىيگۈڭىز بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
_ بار!_ دېدىم مەن.
......
شۇنداق قىلىپ بىر يىل يوقاپ كەتتىم. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئەڭ قاتتىق جاسۇسلۇق مەشىقى قىلدۇرۇلدۇم، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە ياشلىقتىكى بەڭباشلىق، قاراملىقنى تاشلىدىم. بىر يىل توشۇپ قايتىپ كەلگەندە قەيەرگە بارغىنىمنى ھېچكىمگە دېمىدىم، بۇرۇنقى دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشسەم ئۇلار مېنى ئۆزگىرىپسەن، سالماق، ئۆزىنى تۇتىۋالغان ئادەمگە ئايلىنىپ قاپسەن دېيىشتى. 22 يېشىمدا قانداقمۇ سالماق بولالاي؟ ئەمما بىر يىللىق مەشق جەريانىدا مەن ھەقىقەتەن ئىچىمدىن سىرتىمغىچە ئۆزگەرگەن ئىدىم، قىممەت قارىشىم، غايەم ۋە بۇرچ تۇيغۇمدا ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.
قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىگىلىك تىكلىدىم، ئىگىلىكىم تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدىم. سودىگەرلەر ئارىسىدا دائىم يوشۇرۇن بىر سودىلار بولۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر مەنمۇ سودىگەر بولسام ھېچكىم مەندىن ئېھتىيات قىلمايدۇ، سودىگەر بولۇش مېنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىمنى يوشۇرۇپ تۇرىدىغان ئەڭ ياخشى قالقان بولالايدىكەن. دادام ناھايىتى تېزلا مېنىڭ سودىغا ماھىر ئىكەنلىكىمنى تۇنۇپ يېتىپ مېنى يېنىغا تارتىشقا باشلىدى، بۇرۇنقى تاش زاۋۇتىنى ئۆزگەرتىپ ئۇچار تاش قورغىنى دەپ ئىسىم قويۇپ ئارامگاھ قىلىپ ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئىشلىرىم شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھاياتىم بۇرۇنقى ھالىتىدىن پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان بىر يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغان ئىدى.
بۇ ھاياتىمدا بىردىنبىر يۈز كېلەلمەيدىغان ئادىمىم ئۆلۈپ كەتكەن نازىيە، ئۇنىڭ ئورنىدا سىڭلىسىغا قارىسام، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالساممۇ ئۇنىڭ ئالدىدىكى ۋىجدان قەرزىم يىنىكلەپ قالمايتتى. چۈنكى مەيلى مەن نىمىلا قىلاي ئۇ ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ. مەن يەنە يەنە بىر نازىيەگىمۇ يۈز كېلەلمەيمەن، دادامنىڭ قەرزى مېنىڭ قەرزىم، ئۇنىڭغا بۇ قەرزنى قانداق تۆلەپ بولالارمەن؟ شۇڭا مەن قالغان ئۈمرۈمدە ياخشى ئىش قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ئائىلىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىم كېرەك. بۇ ئىنتايىن جاپالىق يول، ئەمما كەينىمگە يانسام بولمايدۇ.
نازىيەنى يەنە شۇنداق يامغۇر ياغقان بىر كۈنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ماشىنا ھەيدەپ تىببى داشۆنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ دەرۋازىدىن چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بوپتىكەن ئەمەسمۇ، ۋاقىت نىمىدېگەن تېز ئۆتكە ھە؟ ئۇ ھېلىمۇ كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش سومكىسى بىلەن بېشىنى توسۇپ ئايىقىنى ھۆل بولۇپ كەتمىسۇن دېگەندەك ئاۋايلاپ دەسسەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇچىسىغا ئاق مايكا، كۆك پادىچىلار ئىشتىنى، پۇتىغا ئاق ساياھەت ئايىقى كىيگەن، چېچى كەينىدىن بىر تال بۇغۇلغان، نىمىدېگەن ساپ، نىمىدېگەن گۈزەل! ئەمما بۇنداق ساپلىق ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن يىراقتا قالغاندەك بىلىنەتتى.
يامغۇر تۇيۇقسىز ئىتتىكلەپ كەتتى. ماشىنىدىكى كۈنلۈكنى قولۇمغا ئېلىپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم يۇ، لېكىن يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم. مەيلى بۇرۇنقى مەن بولاي ياكى ھازىرقى مەن بولاي ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىشقا سالاھىيىتىم توشمايدۇ. يامغۇردا سومكىسىنى بېشىغا قويۇپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان قىزغا قاراپ ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ ئىشىكنى يېپىپ كۈنلۈكنى جايىغا قويۇپ قويدۇم ۋە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ تاكى نازىيەنىڭ قارىسى يۈتكۈچە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن ماشىنىنى قوزغىتىپ ماڭدىم.
ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىنمۇ يۈرىكىم تىنىچلانمىدى، بۈگۈن نازىيەنى قايتا كۆرۈپ ئەينى يىلى يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇپ قويغان ھېسلىرىم قايتا باش كۆتۈرگەن ئىدى. ھەي...قارىغاندا بىر يىللىق مەشىقىم يىتەرلىك بولمىغان ئوخشايدۇ. يۇيۇنۇپ چىقىپ تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزۈمگە قارىدىم. بىر يىلدىن بۇيان جاپالىق مەشق قىلىپ يۈرۈپ مۇسكۇللىرىممۇ تەرەققىي قىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا پىسخىكىلىق مەشقمۇ قىلغاچقا ئاسان بىر ئىشلارغا ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالايدىغان خاراكتېرنى يىتىلدۈرگەن ئىدىم. سودا ساھەسىدە يۈرۈپ بۇ ساھەنىڭ ئەلمى تەلمىنى خېلى بىلىپ قالدىم، ئەمما بىرەر قىز بىلەن ئارىلاشمىدىم، چۈنكى ھازىرقى سالاھىيىتىم بىلەن بىرەر قىزغا كۆڭۈل بەرسەم بولمايتتى. مەن پەقەت سودىگەر نامى بىلەن ئۆزۈمنى نىقابلاپ مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشنىلا ئويلايتتىم. نازىيەگە كەلسەك، ئۇ بەك ئاقكۆڭۈل قىز، شۇڭا ئۇنىڭ بەختىنى تاپالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن. بىز ئەسلىمۇ بىر يولدىكى ئادەملەر ئەمەس ئىدۇق، ئەمدى بىر يەرگە كېلەلىشىمىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا مەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىگىلىكىمنى زورايتتىم، ئۆزۈمنى بىكار قويمايتتىم، بىكار قالساملا مەسئۇلىيىتىمنىڭ سىرتىدىكى ئىشلار كاللامغا كىرىۋالىدىكەن. يەتتە يىل جەريانىدا سودا ساھەسىدە يۈرۈپ، كۈنبۇيى پۇل، مەنپەئەت توغرىلىقلا سۆزلىشىپ ئاستا ئاستا ئۆزۈممۇ شۇنداق ئادەملەرنىڭ قاتارىغا سىڭىپ كەتتىم. زىياپەتلەردە ھەممىسى يالغاندىن كۈلۈشەتتى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ساختا، چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىشىدىغانلار يوق. كەچتە ھېرىپ ئۆيگە ئاران كېلەتتىم ۋە ياستۇققا بېشىمنى قويۇپلا ئۇيقۇغا كېتەتتىم. ئەتىسى يەنە كاستيۇمۇمنى كىيىپ سودىگەر قىياپىتىدە چىقىپ كىتەتتىم.
يېشىم 30 غا بېرىپ قالغاچقا، يەنە كېلىپ سودىدىكى مۇۋەپپەقىيىتىمنى كۆرگەنلەر ھە دېسە يېقىنلىرىنى ياكى ئۆزىنىڭ قىزلىرىنى ماڭا سايە قىلىدىغان بولىۋالدى. بەزىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا يېقىنلىشىپ باقتى، لېكىن مەن ئالدىراپ باشقىلارغا چىراي ئېچىپ كەتمەيتتىم. ئۇلار ماڭا ھەرقانچە ۋاي دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆز تىكىۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى شىركىتىم ئىكەنلىكى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى. ماڭا نىسبەتەن ئۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن مەقسەتلىك يېقىنلىشىۋاتقانلار ئىدى، سەمىمىي كۆڭلى بىلەن يېقىنلىشىدىغانلار يوق. ئۇنداقلار بولغان ھالەتتىمۇ مېنىڭ ئۇلارغا كۆڭۈل بەرگۈدەك سالاھىيتىم يوق. شۇڭا زىياپەتلەردە ئاسان ھاراق ئىچمەيمەن، ئەمما بەزىدە قەستەن مەست بوپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋالىمەن.
بىر قېتىم بەزمىخانىدا يەنە شۇنداق ئىش يۈز بەردى. بىر نەچچە سودىگەرلەر بىلەن ئولتۇردۇق، ئۇلار قەستەن بىر قىزنى يېنىمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، قىز ھە دەپ ماڭا ھاراق زورلايتتى، مەن ئۆزۈمنى تازا ئۇرۇپ كەتمىدىم. لېكىن ئۇلارمۇ مېنىڭ ھاراق كۆتۈرەلمەيدىغىنىمنى بىلسە كېرەك، مەست قىياپىتىگە كىرىۋالغىنىم چانمىدى. قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن قىياپەتتە كرىسلوغا بېشىمنى قويۇپلا يېتىۋالدىم، قالغانلار ئۆزلىرى بىلەن بىللە كەلگەن قىزلارنى قولتۇقلاپ مېنى يېنىمدىكى قىزغا تاپىلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ قىز يېنىمغا كېلىپ سۈركىشىپ غەلىتە قىلىق قىلىشقا باشلىغان چېغىدا تۇيۇقسىز تېلېفونۇم سايراپ قالدى، قارىسام ئالىم ئىدى. ئۇ ماڭا تەنھا بۈركۈتنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. تېخى بايا مەست ھالەتتە ياتقان بولسام بىردەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ۋە ھېلىقى قىزغا:
_ قەيەردىن كەلگەن بولسىڭىز شۇ يەرگە كېتىڭ!_ دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم. قىز نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي كەينىمدىن قاراپلا قالدى.
سىرتقا چىقىپ تۇرۇشۇمغا ئالىم ماشىنىنى ھەيدەپ كەلدى، مەن ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئۇ ماشىنىنى ئۇدۇل خەلق مەيدانى تەرەپكە ھەيدىدى. ماشىنىنى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ماشىنىدىن چۈشمەي ئەتراپنى كۈزىتىپ تۇردۇق. ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، تەنھا بۈركۈت خەۋەر يەتكۈزۈپ بۈگۈن خەلق مەيدانىدا بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى دەپتۇ. تەنھا بۈركۈت ئالىم بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىۋاتقان ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى، مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئۇ يەتكۈزگەن ئۇچۇرنىڭ توغرا چىقىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
سائەت 12 دىن ئۆتكەندىن كېيىن مەيداندىكى ئادەملەر شالاڭلاشقا باشلىدى، دۇكانلارمۇ ئاساسەن تاقىلىپ بولدى. 12 يېرىمدا نىشان پەيدا بولدى. بىر مىنىبۇس كېلىپ بىزگە يېقىنلا يەردە توختىدى، مىنىبۇستىن بىر نەچچە ياشلار چۈشۈپ بىر تورخانىغا قاراپ ماڭدى. مەيداندىكى چىراقلار يېنىق بولغاچقا كېتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىنىم شېرزاتنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئالىممۇ تۇنۇپ قالغان بولسا كېرەك، بۇرۇلۇپلا مەندىن سورىدى.
_ قانداق قىلىمىز؟ شېرزاتمۇ بار ئىكەن.
مەن ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن شېرزاتنىڭ يېنىدىكى بىرەيلەن بىلەن مۈرىسىنى تۇتۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇردۇم، ئۇلار گەرچە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جىددىيلىك بىلەن ئەتراپنى كۈزىتىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار ھەممىسى تورخانىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا ئالىمغا دېدىم.
_ ئەسلى پىلان بويىچە بولىۋەرسۇن.
ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ مەيدانغا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بىر توپ ساقچىلار بىراقلا تورخانىغا باستۇرۇپ كىردى، شۇ كۈنى كەچتە بىرمۇ ئادەم چۈشۈپ قالماي ھەممىسى قولغا چۈشتى. ئالىم ئىككىمىز باشتىن ئاخىر ماشىنىدىن چۈشمىدۇق، مەن ئۇلارنىڭ قوللىرىغا كويزا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغىنىغا قاراپ تۇردۇم. ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باشقا تورخانىدىكىلەرمۇ چىقىپ قاراپ بىردەم ئۇنى بۇنى دىيىشىپ بېقىپ يەنە تارقىلىپ كېتىشتى.
شېرزات تىرىشىپ ئوقۇماي ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى، دادام خېلى كۆپ پۇل خەجلەپ ئۇنى ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى مەكتەپكە كىرگۈزدى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەكتەپتە ئىش تېرىپ قويۇپ مەكتەپتىن ھەيدەلدى. مەكتەپتىن ھەيدىلىپ قىلغۇدەك ئىش يوق، ئۇچار تاش قورغىنىنى باشقۇر دېسە ئۇمۇ خۇشياقماي مۇشۇ بىكار تەلەپ ئاغىنىلىرى بىلەن لاغايلاپ يۈردى.
دادام شېرزات بىلەن ئاپىسىنى شۇ ئۆيگە ئەكەلگەندىن كېيىن ئۇ ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقتىم كۆپ بولمىدى. دادام بىلەن ھېلىقى خوتۇننىڭ ئادەتتە ئۆيدە ئۇنىڭا قانداق تەربىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇنى ئۆتۈپ كەتكەن قۇلاقكەستى قىلىپ قويغىنى ئېنىق. جەمئىيەتتە مەنمۇ ئويناپ باققان، لېكىن چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن. ئۇنىڭ بىر نەچچە ئاي بۇرۇن شىركەتكە مېنى ئىزدەپ كەلگىنى ئېسىمدە. ئۇ ئادەتتە ئالدىراپ مېنى ئىزدەپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئىشخانىغا كىرىپلا مېنى «ئاكا» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئۇنىڭ بىرەر ئىشى بولمىسا كەلمەيدىغىنىى ئوبدان بىلىمەن. ئۇ دادامنىڭ ئۆزىنى سودا باشقۇرۇش ئىلمىنى ئۆگەن دېگىنىنى باھانە قىلىپ، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورلۇق ئورنىغا كۆز تىكىۋاتقىنىنى ئېيتتى. گەرچە شىركەت ئېچىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىم پۇل تېپىش بولمىسىمۇ، لېكىن شىركەت ماڭا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى قالقان بولالايتتى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭغا نۇرغن ئەجرىم، قان تەرىم سىڭگەن، مەن سودىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە، شۇڭا ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىشنى خالىمايمەن. مەن ئۇنىڭغا بۈگۈنكى ئىگىلىكىمنىڭ ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ئەمەسلىكىنى، ھەممىسىنى ئۆز تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنلىكىمنى، باشقىلار ئېرىشەلمىگەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلار تارتمىغان جاپانى تارتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. شۇ چاغدا ئۇ مېنى ئالدىمدا «قاراپ تۇر، كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام» دەپ چىقىپ كەتكەن، ئەمما مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق يول ئارقىلىق كۆزۈمگە كۆرسىتىپ قويماقچى ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىپ يېتىۋاتىمەن.
دادام بىلەن ھېلىقى ئايال تېزلا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپتى، ئۇ ئايال ئاغىل تاغىل سۆزلەپ، يىغلاپ قاخشاپ يۈردى، دادام بولسا ھەر تەرەپكە قاتراپ ئامال ئىزدىدى. لېكىن بۇنداق ئىشقا قانداقمۇ ئامال قىلغىلى بولسۇن؟
سوت ئېچىلىدىغان كۈنى دادام بىلەن ھېلىقى ئايال ئىككىسىلا بېرىپتۇ، مەنمۇ باردىم. سوتقا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۆلچەنگەن جازامۇ ئوخشاش بولمىدى، كۆپىنچىسىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى، شېرزات بىلەن سەمى دېگەن بىر بالىغا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا مەندىن ئىككى ئورۇن نېرىدا ئولتۇرغان بىر قىز دىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە «شېرزات، شېرزات!» دەپ يىغلىغىنىچە ھۇشىدىن كەتتى.
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















