
بۇ ئەسەرنىڭ 185-قىسىمنى ئالدىن ھەقلىق تارقاتتۇق ، خالسىڭىز سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ
ئەسەرنىڭ ئالدىنقى قىسمى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ
| 1 |
2 |
3 |
4 |
| 5 |
6 |
7 |
8 |
| 9 |
10 |
11 |
12 |
| 13 |
14 |
15 |
16 |
| 17 |
18 |
19 |
20 |
| 21 |
22 |
23 |
24 |
| 25 |
26 |
27 |
28 |
| 29 |
30 |
31 |
32 |
| 23 |
34 |
35 |
36 |
| 37 |
38 |
39 |
40 |
| 41 |
42 |
43 |
44 |
| 45 |
46 |
47 |
48 |
| 49 |
50 |
51 |
52 |
| 53 |
54 |
55 |
56 |
| 57 |
58 |
59 |
60 |
| 61 |
62 |
63 |
64 |
| 65 |
66 |
67 |
68 |
| 69 |
70 |
71 |
72 |
| 73 |
74 |
75 |
76 |
| 77 |
78 |
79 |
80 |
| 81 |
82 |
83 |
84 |
| 85 |
86 |
87 |
88 |
| 88 |
89 |
90 |
91 |
| 92 |
93 |
94 |
95 |
| 96 |
97 | 98 |
99 |
| 100 |
101 |
102 |
103 |
| 104 |
105 |
106 |
107 |
| 108 |
109 |
110 |
111 |
| 112 |
113 |
114 |
115 |
| 116 |
117 |
118 |
119 |
| 120 |
121 |
122 |
123 |
| 124 |
125 |
126 | 127 |
| 128 |
129 |
130 |
131 |
| 132 |
133 |
134 |
135 |
| 136 |
137 |
138 |
139 |
| 140 |
141 |
142 |
143 |
| 144 |
145 |
146 |
147 |
| 148 |
149 |
150 |
151 |
| 152 |
153 |
154 |
155 |
| 156 |
157 |
158 |
159 |
| 160 |
161 |
162 |
163 |
| 164 |
165 |
166 |
167 |
| 168 |
169 |
170 |
171 |
| 172 |
173 |
174 |
175 |
| 176 |
177 |
178 |
179 |
| 180 |
181 |
182 |
183 |
184-قىسىم
ئۇ زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئايقىزنىڭ كىچىك قوللىرىنى تۇتتى.
_ قىزىم، پىسا يىگۈڭىز بارمۇ؟
ئايقىز جاۋاب بەرمەي ئاپىسىغا قارىدى.
_ قىزىم، پىسا يىگۈڭىز بارمۇ؟ يىگۈڭىز بولسا يىگۈم بار دەۋېرىڭ، مەن سىزگە ئېلىپ بېرىمەن_ دېدى شېرزات ئايقىزنىڭ گەپ قىلماي تۇرغىنىنى كۆرۈپ.
_ دادا، پىسا دېگەن قانداق نەرسە؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مېھراينىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ كەتتى، بۇرۇن شارائىت ياخشى ئەمەس دەپ ئۇنى تەڭ ياشتىكى بالىلار بەھرىمەن بولىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن بەھرىمەن قىلالمىغان ئىدى، ھازىر مېھراينىڭ تۇرمۇش شارائىتى بۇرۇنقىدىن خېلىلا ياخشىلانغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇرۇن بەك جاپا تارتقاچقا يەنىلا بەتخەجلىك قىلغۇسى كەلمەي، بالىنىمۇ شۇنداق تۇرمۇشقا كۆندۈرىۋەتكەن ئىدى.
_ ئاۋۋال بارايلى، سىز بىر يەپ بېقىپ ئاندىن قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ماڭا دەپ بېرىڭ، بولامدۇ؟ _ ئۇ شۇنداق دەپ ئايقىزنى كۆتۈرۈپ ئالدى. ئۇلار ماشىنا بىلەن شەھەر مەركىزىدىكى بىر تېز تاماقخانىغا بېرىپ پىسا، ھامبۇرگ بولكىسى دېگەندەك ھەر خىل بالىلار ئامراق نەرسىلەردىن بويرۇتتى، ئايقىز بەكمۇ خۇشال ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزى ئەزەلدىن يەپ باقمىغان، ھەتتا كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر مۇنچە ياخشى نەرسىلەرنى يىيەلىگىنىدىن خۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۇنجى قېتىم دادىسى، ئاپىسى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يىيەلىگىنىدىن خۇشال بولىۋاتاتتى.
_ ئايقىز، ئەمدى دەپ بېرىڭە، پىسا قانداق نەرسە ئىكەن؟
_ بەك تەملىك نەرسە ئىكەن _ دېدى ئايقىز چۈچۈك تىللىرى بىلەن.
_ سىزگە ياققان بولسا بۇندىن كېيىن دائىم كېلىپ تۇرايلى ھە.
_ راستما؟ _ ئايقىز ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىدى.
_ ئەلۋەتتە راست. بۇرۇن مېنىڭ خىزمىتىم ئالدىراش بولغاچقا سىزگە ھەمراھ بولىدىغانغا ۋاقىت چىقىرالغانمىغانتىم. ھازىر ئالدىراش خىزمىتىمنى تۈگىتىپ بولدۇم، بۇندىن كېيىن ئاپىڭىز ئىككىمىز سىزنى ئوينايدىغان جايلارغا ئاپىرىمىز، يەيدىغان تېخىمۇ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىمىز، قانداق؟
_ ماقۇل. رەھمەت، دادا. دادا، ئاپا، سىلەرمۇ يەڭلار. _ ئۇ شۇنداق دەپ ياڭيو قەلەمچىسىدىن ئېلىپ ئاۋۋال شېرزاتنىڭ ئاغزىغا، ئاندىن مېھراينىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويدى. شېرزاتنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. ئەسلى بالا دېگەن مۇنداق تاتلىق بولىدىكەن ئەمەسمۇ.
تېز تاماقخانىنىڭ ئالدىغا بىر ئاق رەڭلىك بىنىز ماشىنا كېلىپ توختىدى، ماشىنا دېرىزىسى ئاستا چۈشۈرۈلۈپ ئىچىدە ئولتۇرغان زۇمرەت تېز تاماقخانىغا قارىدى.
_ ئوبدانراق سۈرۈشتۈرۈپ باقە، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاۋۇ ئايال كىمكەن؟
ئۇلار تېز تاماقخانىدىن چىقىپ، بىر سودا سارايغا كىردى، شېرزات ئايقىزغا بىر مۇنچە كىيىم كېچەك ۋە ئۇيۇنچۇق ئېلىپ بەردى، يەنە ئايقىز خالىغان رەسىملىك كىتابلاردىنمۇ ئېلىپ بەردى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئايقىزنى ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ ئاچقۇچنى چىقىرىشىغا بۇرنى كۈچلۈك ئەتىر ھىدى پۇرىدى، ئاندىن بىرى كېلىپلا ئۇنى بېلىدىن قۇچاقلىدى.
_ ئەمدى كەلدىڭىزما؟ مەن بۇ يەردە سىزنى ساقلىغىلى نىكەم! _ دېدى زۇمرەت ۋە قولىنى بوشىتىپ شېرزاتنىڭ قولىدىكى ئاچقۇچنى ئېلىپ ئىشىكنى ئېچىپلا كىرىپ كەتتى. شېرزات ئاستا ئۇنىڭ كەينىدىن كىردى.
_ مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى بىلىپ كېتىۋېلىڭ.
_ شېرزات، نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز؟ ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلماڭ، مەن كۆتۈرەلمەيمەن.
شېرزات ئۇنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ سىرتقا قويدى ۋە ئىشىكنى «جاڭڭىدە» يېپىۋەتتى. زۇمرەت ئىشىكنى ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
_ شېرزات، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن._ شېرزات ئۇنىڭغا ئەزەلدىن بۇنداق مۇئامىلە قىلىپ باقمىغان، بۇرۇن ۋاي دەپ قىلمىغانلىرى قالمايتتى، ئۇنىڭ خالىغان نەرسىسىنى ئېلىپ بېرەتتى، ئايىقىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى، ئەمدىلىكتە بۇنداق ئۆزگىرىپ قېلىشى چوقۇم ھېلىقى قىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. زۇمرەت كۆڭلىگە بىر يامان نىيەتنى پۈكۈپ ئاستا ئىشىك تۈۋىدىن ئايرىلدى.
......
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىپايان شىركىتىدىكى ھەر قايسى بۆلۈملەرگە جەنۇبىي تاغدىكى مەلۇم بىر ئارامگاھتا ئۈچ كۈنلۈك مانىۋېر بارلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش كەلدى. مېھراي ئۈچ كۈن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ بۆلۈم مەسئۇلىدىن «بارمىساق بولامدۇ؟» دەپ سورىدى، ئۇ ئايقىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.
_ بولمايدۇ _ بۆلۈم مەسئۇلى جاۋاب بەرگىچە ئەمدى ئىشىك تۈۋىگە كەلگەن شېرزات جاۋاب بېرىۋەتتى.
_«بوپتۇلا، بارىدىغان جاي يىراقمۇ ئەمەسكەن، كەچتە قايتىپ كىتەمەن» _ دەپ ئويلىدى.
_ ماقۇل، مەن باراي، لېكىن كەچتە قايتىپ كېلىمەن، قىزىمغا قارايدىغان ئادەم يوق.
_ شۇ چاغدا بىر گەپ بولسۇن_ دېدى شېرزات.
بۇ ماقۇل بولغىنىمۇ ياكى ياق دېگىنىمۇ؟ لېكىن مېھراي قايتا سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.
_ ھېلىقى كۈنى مەن بەرگەن كۆڭلەكنى كىيىپ بېرىڭ_ مېھراينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ پەس ئاۋازدا شۇنداق دېدى ئۇ. ئەمما مېھراي ئۇ كۆڭلەكنى ئەمدى كىيىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.
ئۇلار مانىۋېر قىلىدىغان جاي شەھەرگە بىر سائەت كېلىدىغان جايدا ئىدى. بۇ ئىنتايىن چىرايلىق، ھاۋاسى ساپ يەر ئىكەن ، مېھراي ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى.
_ بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا شېرزات باش دېرىكتورمۇ كېلىدىكەن دەيدۇ.
_ راستما؟ بەك ياخشى بولدى. ئاڭلىسام ئۇ تېخى توي قىلمىغان، بويتاقمىش.
_ باش دېرىكتورنى دېمىگەن بولسام ئاغرىپ قالدىم باھانە تېپىپ كەلمەيتتىم مەن.
_ قاراپ باقە، گىرىمىم جايىدىمىكەن؟
خىزمەتداشلىرىنىڭ گەپلىرى مېھراينىڭ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستى بېشىغا، قىلىۋالغان گىرىملىرىگە قاراپ ئۆزىدىن سەل نۇمۇس قىلىپ قالدى، چۈنكى ئۇ بۈگۈن ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپلا چىققان ئىدى. ئارىدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز پۇسۇڭڭىدە بىر گەپنى قىلدى.
_ باش دېرىكتورنىڭ لايىقى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ زۇمرەتنىڭ باش دېرىكتورنىڭ لايىقى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇغۇ. ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەمتىڭلار؟
گەپ قىلىۋاتقان بۇ قىز مالىيە بۆلۈمىدىكى مەرھابا ئىدى. ئۇ ئادەتتە بەك ھاكاۋۇر، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي يۈرگەچكە باشقىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى.
_ كىم بىلىدۇ، راستمۇ يالغانمۇ؟
_ باش دېرىكتور ئۇنى ياخشى كۆرگەن بولسا بۇ چاغقىچە توي قىلار بولغىيتتى؟
مەرھابا ئۇلارغا ئاغزىنى ئۇپرىتىشنى خالىمىدىمۇ قانداق، ئارتۇق گەپ قىلماي، بىر ياندا قاراپ تۇرغان مھرايغا قارىدى.
_ سىز بۇ يەرنىڭ كۈتكۈچىسىما؟ يۈك تاقىلىرىمنى مېنىڭ ياتىقىمغا ئەكىرىپ قويۇڭە.
_ مېھراي! _ نۇرئەلى يىراقتىن مېھراينىڭ بوزەك بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى پەملەپ يۈگۈرۈپ كەلدى. _ مەرھابا، بۇ بازار بۆلۈمىمىزگە يېڭىدىن كەلگەن مېھراي، بىزنىڭ خىزمەتدىشىمىز، بۇ يەرنىڭ كۈتكۈچىسى ئەمەس.
_ ھە، مەن تېخى كىيىنىشىگە قاراپ كۈتكۈچىمىكىن دەپ قاپتىمەن، سەت بوپتۇ ھە_ مەرھابا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغاندەك قىلغىنى بىلەن گەپلىرىدە كەمسىتىش، مەنسىتمەسلىك مەناسى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. مەرھابانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر نەچچەيلەن ئاغزىنى ئېتىشىپ كۈلۈشتى.
_ دېمىسىمۇ تۈزۈك كىيىنىپ كەلسىڭىز بولمامدۇ ، قاراڭە كىيىۋالغان كىيمىڭىزنى_ دېدى بايا ئاغزىنى ئىتىپ كۈلگەنلەردىن بىرى.
_ قانداقلا بولمىسۇن بىپايان شىركىتىدەك چوڭ بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندىكىن، شىركەتنىڭ ئوبرازىغا لايىق كەلگۈدەك كىيىم كىيمەي _ دېدى يەنە بىرىمۇ. مېھراي شېرزات بەرگەن كۆڭلەكنى كىيمىدى، بىرىنچىدىن، ئۇ كۆڭلەك بەك قىممەتكەن، ئىككىنچىدىن، مانىۋېر دېگەندىكىن، قولايلىق كىيىم كىيسە ياخشى دەپ ئويلىغان ئىدى.
_ سىلەر بۇ يەرگە مانىۋېرغا كەلدىڭلارمۇ يا ئۆزۈڭلارنى كۆرسەتكىلى كەلدىڭلارمۇ؟ _ ھەممەيلەن تېزلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى، فروزە ئىنتايىن سۈرلۈك ھالەتتە كىرىپ كېلىۋاتاتتى. قارىغاندا ئۇ باياتىن بولۇنغان گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئاڭلىغاندەك قىلاتتى. فروزە بىپايان شىركىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شېرزاتتىن قالسىلا ئىككىنچى قول باشلىقلىقنى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
_ ئېسىڭلاردا بولسۇن، سىلەر بۇ يەرگە مەشىق قىلغىلى، مانىۋېر قىلغىلى كەلدىڭلار، ئوينىغىلى كەلمىدىڭلار. ھەممىڭلار مېھراينىڭكىدەك يىنىك، قولايلىق تەنتەربىيە كىيىمىڭلارنى ئالماشتۇرۇپ چىقىڭلار.
ئۇلار ھەممىسى ياتاقلىرىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن فروزە مېھراينىڭ مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويدى.
_ ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۆزىڭىز ياقتۇرغاننى قىلىڭ.
_ فروزە ئاچا، ئايقىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم، قايتىپ كەتسەم بولمامدۇ؟
فروزە ئىزچىل مېھراي تەرەپتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئۇ راستلا ئىككىلىنىپ قالدى.
_ مېھراي، بۇ شىركەتنىڭ پائالىيىتى، مەيلى دەپ سىزنى كەتكۈزىۋەتسەم يان باسقان بولۇپ قالىمەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەسىرى ياخشى بولمايدۇ.
مېھرايمۇ فروزەنى تەڭقىسلىقتا قويۇۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ قالدى.
چۈشتىن كېيىن مانىۋېر باشلاندى. ئەمما شېرزات تېخىچە كەلمىگەن ئىدى. مانىۋېرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ھەر بىرەيلەنگە بىردىن خەرىتە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن ۋە خەرىتىدە بەلگىلەنگەن جايدىن بەلگىلەنگەن نەرسىنى تېپىپ كېلىش كېرەك، ئەگەر تاپالمىسا جازالىنىدىكەن. مەرھابا ئاكتىپلىق بىلەن كېلىپ خەرىتىلەرنى خىزمەتچىلەرگە تارقىتىشىپ بەردى، ئۇ مېھراينىڭ قولىغا خەرىتىنى بېرىۋاتقاندا ئۇنىڭغا بېشىدىن ئايىقىغىچە بىر قارىۋېتىپ ئاندىن تۇتقۇزۇپ قويدى، ئەمما مېھراي بۇنىڭغا دېققەت قىلمىدى. كۆپچىلىك قولىدىكى خەرىتە بويىچە يولغا چىقىشتى. ئۇلار بارغان ئارامگاھنىڭ بىر تەرىپى تاغقا تۇتىشىدىغان بولۇپ، يەر مەيدانى سەل مۇرەككەپ ئىدى. مېھراي ۋەزىپىنى بالدۇرراق تۈگىتىپ ئايقىزنىڭ يېنىغا بېرىشنىلا ئويلاپ يۈگۈرگەن پىتى تاغقا قاراپ ماڭدى. مەرھابا ئازراق مېڭىپلا پۇتۇم قايرىلىپ كەتتى دېگەننى باھانە قىلىپ قېپ قالدى. ئۇ مېھراينىڭ ماڭغان يۆنىلىشىگە قاراپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. دەسلەپتە ھەممەيلەن بىللە ماڭغان، ئەمما ھەممەيلەننىڭ نىشانى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىپ، مېھراي ئۆزى يالغۇز قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ خەرىتىدىكى لىنىيە بويىچە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپ تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ قالغىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى. بىردەمدە ھاۋا تۇتۇلۇپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. مېھراي كەينىگە يېنىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما نىشانغا يېقىنلاپلا قالغان ئىدى، شۇڭا ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى . يامغۇر شاقىراپ يېغىشقا باشلىدى. ئۇ نىشانغا يېتىپ باردى ۋە نەرسىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدى، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى، ئايقىز كۆزىگە كۆرۈنۈپ، نەرسىنى ئىزدەشتىن ۋاز كېچىپ قايتىپ چۈشۈپ كەتمەكچى بولدى، قولىدىكى خەرىتىگە قارىسا خەرىتە ھۆل بولۇپ تىتىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ كەلگەن يولى بىلەن كەينىگە مېڭىپ باقتى، ئەمما شۇنچە ماڭسىمۇ يەنىلا جايىغا كېلىپ قالاتتى. ئۇ بۇرۇن تاغقا چىقىش ئاسان، چۈشۈش تەس دەپ ئاڭلىغان، بۈگۈن راستلىقىنى بىلدى. مېھراي بىر چوڭ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ يانچۇقىنى سىلاپ تېلېفونىنى ئالدى، يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتقاچقا تېلېفونىغىمۇ سۇ كىرىپ ئېتىلىپ قالغان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ مېھراي شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراپ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلىۋەتتى. لېكىن يىغلاپ ئولتۇرغان بىلەن نىمە پايدىسى؟ ئۇ يەنە ئايقىزنى ئويلاپ ئورنىدىن تۇردى. ئايىقىغا پاتقاق چاپلىشىپ ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ پۇتىنى سۆرەپ مېڭىۋاتاتتى، تۇيۇقسىز بىر يەردىن تېيىلىپ كېتىپ پۇتى قايرىلىپ كەتتى. بۇ قېتىم ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ھۆڭرەپ يىغلىدى. كۆزىگە ئايقىزنىڭ يەسلىدە ئۇنى ساقلاپ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىلا كۆرۈنەتتى. يامغۇر سەل پەسەيگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغان ئىدى. مېھراي لاغىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتى. «پەستىكىلەرنىڭ بىرەرىمۇ مېنىڭ يوقلىقىمنى سەزمىگەنمىدۇ؟» دەپ ئويلىدى ئۇ. بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر ئاياق تىۋىشى ئاڭلانغاندەك بولدى، بىرى كېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا كۈنلۈكنى تۇتۇپ يۆلىدى، ئۇ تۇرالمىغاندىن كېيىن ئۇنى ھاپاش قىلىپ ئېلىپ ماڭدى. مېھراي بىلدى، يۈرىكى تۇنۇدى، ئۇ شېرزات ئىدى.
_ شېرزات، ئايقىز يەسلىدە مېنى ساقلاپ كەتكەنمىدۇ؟ ئۇنى ئالغىلى بارالمىدىم، تازا يىغلاپ كەتكەنمىدۇ؟ مۇئەللىمىگە تېلېفون قىلاي دېسەم تېلېفونۇم بۇزۇلۇپ قالدى.
_ ئايقىز ياخشى، ئۆزىڭىزنىڭ غېمىنى يەڭ، ھۇشىڭىزدىن كىتىپسىز بايا.
ئۇنىڭ ئايقىز ياخشى دېگىنىنى ئاڭلاپ مېھراينىڭ كۆڭلى تىندى. شېرزات ئۇنى ھاپاش قىلغان پىتى تاغدىن چۈشتى ۋە يەرگە قويمايلا ئۆزى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، خىزمەتچىلەر ياتقان ياتاقلاردىن خېلىلا نېرىدىكى بىر داچا شەكىللىك تۇرالغۇغا ئەكىرىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئۇلارغا قاراپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.
_ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى؟ باش دېرىكتور مېھراينى يۈدۈپ كەلدىغۇ؟
_ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىغا ئەكىرىپ كەتتى تېخى.
_ باش دېرىكتور مېھراينى ياخشى كۆرۈپ قامىغاندۇ ھە؟
_ ۋاي ۋۇي، مۇمكىنمۇ؟ باش دېرىكتور مېھراينى يارىتامتى؟ باش دېرىكتور بولغاندىكىن، خىزمەتچىگە كۆڭۈل بۆلگىنىدۇ؟
ئۇلار ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىپ قېلىشتى. مەرھابا ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ سەل نېرىراق بېرىپ تېلېفونىنى چىقاردى....
شېرزات مېھراينى ئەكىرىپ كارىۋاتتا ياتقۇزۇپ، ئاچىسىنى چاقىرىپ مېھراينىڭ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشنى ئېيتتى. مېھراي قىزىپ ئوت بولۇپ كەتكەن ئىدى.
_ ۋاي ۋۇي، نىمانچە قىزىپ كەتتى، تېز دوختۇرنى چاقىرە_ دېدى فروزە مېھراينىڭ پىشانىسىنى تۇتۇپ بېقىپ.
_ توختا. بۇ يەردىكى دوختۇرنى چاقىرماي تېخىمۇ ئىشەنچلىك دوختۇردىن بىرنى چاقىراي _ دەپ تېلېفونىنى چىقىرىپ بىر نۇمۇرنى بېسىپ تېلېفون قىلدى.
_ ۋەي، ئۆتكۈر ئاكا. مەن شېرزات. شىركەتتىكىلەر بىلەن جەنۇبىي تاغدىكى ئارامگاھقا مانىۋېر ئۆتكۈزگىلى كەلگەن، مېھراي بەك قىزىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ يەرگە كېلەلەرسىزمۇ؟ ھە، ماقۇل. يولىڭىزغا قارايمەن ئەمىسە.
«ئۆتكۈر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ فروزەنىڭ يۈرىكى «جىغ» قىلىپ قالدى. ئۇ شېرزاتنىڭ ئۆتكۈرنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە شېرزاتمۇ ئۆتكۈرنى مەقسەتلىك چاقىرغاندەك قىلاتتى. فروزە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ سەل جىددىيلىشىپ قالدى.
ئۆتكۈر كېلىپ بولغىچە فروزە مېھراينىڭ بەدەنلىرىنى ئىلمان سۇ بىلەن سۈرتۈپ تۇردى. بىرەر سائەتلەر ئۆتكەندە ئۆتكۈر كەلدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا فروزەنى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ سالاملاشقاندىن كېيىن مېھراينىڭ يېنىغا كېلىپ قىزىتمىسىنى ئۆلچىدى، مېھراينىڭ قىزىتمىسى 40قا چىقىپ كەتكەن ئىدى. بۇ چاغدا شېرزاتنىڭ ياردەمچىسى كىردى.
_ باش دېرىكتور، بايىقى قىز ئويغىنىپ كېتىپ ئاپام دەپ بەك يىغلاپ كىتىۋاتىدۇ، قانداق قىلىمەن؟
_ بولدى، سىز ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ، مەن ئۆزۈم كىرەي _ ئۇ ئۇزۇن كارىدوردىن ئۆتۈپ ئايقىز ياتقان ھۇجرىغا يېقىن كەلگەندە ئۇنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قەدىمىنى تېزلەتتى. ئايقىز شېرزاتنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپلا كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆزىنى دادىسىنىڭ قوينىغا ئاتتى.
_ دادا، قورقۇپ كەتتىم.
ئۇ بۇرۇن قىزلارنىڭ يىغلىغىنىنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيتتى، ئەمما ھازىر ئايقىزنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېزىلىپ كەتتى. ئاتا مۇھەببىتى دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن.
_ ئاپپاق قىزىم، بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلىمىسىڭىز بولمايدۇ.
_ دادا، سىزمۇ مەن بىلەن بىللە يېتىڭە، مەن قورقىدىكەنمەن.
بۇنداق ئۇماق تەلەپنى قانداقمۇ رەت قىلغىلى بولسۇن. شېرزات كارىۋاتتا قىيسايدى، ئايقىز ئۇنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلاپ ياتتى.
_ دادا، ئاپام قەيەردە؟ ئاپامنى بەك سېغىنىپ كەتتىم.
_ ئاپىڭىزنىڭ ئازراق مىجەزى يوق، ئارام ئېلىۋاتىدۇ، ئۇخلاپ ئويغانسىڭىزلا ئاپىڭىزنى كۆرەلەيسىز، بولامدۇ؟
......
ئاخىرى بار …
( ئاخىرقى توي ) ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىنى ئالدىن ئاڭلىماقچى بولسىڭىز بۇ سۆرەتنى بېسىپ ئاڭلاڭ

………
…………
















